موللا بىلال نازىمىي

موللا بىلال نازىمىي (1825 — 1900
(1899؟)

ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۈنلەردە بولسۇن، يامان كۈنلەردە بولسۇن ئەدەبىيات، سەنئەتسىز ياشىغان ئەمەس. ئىلى ئىڭقىلاۋى ۋە ئىلى سۇلتانلىغى دەۋرىدىمۇ، بىر گۇرۇھ ئەدىپلەر بىلەن سەنئەتكارلار يېتىشىپ چىققان ۋە ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.
موللا بىلال موللا يۈسۈپ ئوغلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شاىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە 1864-ژىلى ئىلىدىن قوزغىلاڭ مىللىي — ئازاتلىق كۈرەشنىڭ قاتناشقۇچىسى.
ئىلى سۇلتانلىغى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئوردىدا موشۇ سۇلتانلىقنىڭ باش كاتىۋى بولغان. موللا بىلال 1825-1900 ياشىغان ۋە ئىژادىي پاالىيەت بىلەن شۇغۇللاڭھان. ئۇ غۇلژا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ «بەيتۇللاھ» مەدرىسىسىدە ئوقۇپ، بىلىم ئالغان. ئۇ ياش ۋاقتىدىن باشلاپ گۆزەل ئەدەبىياتقا قىزىقىپ، شېىرىيەت ئىژادىيىتى بىلەن شۇغۇللاڭھان. دەسلەپ، سۆيگۈ — مۇھەببەت ماۋزۇسىدىكى لىرىك شېىرلارنى يازغان.
تۇرمۇشتىكى سەلبىي ھادىسىلەرنى تەنقىت قىلىدىغان ھەژۋىي شېىرلارنىمۇ يېزىپ ژۈرگەن.
كېيىنىرەك خەلىق ئىچىدىن چىققان رېال قەخىرمانلارنى پروتوتىپ قىلغان «نازۇگۇم»، «چاڭموزا يۈسۈپخان» كەبى داستانلارنى يازغان. ئاخىرىدا 1864 — 1866 ژىللىرى ئىلىدا بولۇپ ئۆتكەن مىللىي — ئازاتلىق قوزغىلاڭنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان «غازات دەر مۈلكى چىن» چوڭ ھەجىملىك ئېپىك داستاننى يازغان. موللا بىلال ئەسەرلىرىنىڭ تىلى راۋان، ھىسسىياتى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، ھەر جەھەتتىن خەلىققە يېقىن بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ غەزەللىرى بىلەن بېيىتلىرى كەڭ خەلىق ئىچىگە تارقىلىپ كەتكەن. ۋەتەنپەرۋەر شاىر 1881 — 1882 ژىللاردىكى چوڭ كۆچ — كۆچ دەۋرىدە ئۆز يۇرتىدا قېلىشنى خالىغان ئېدى. كېيىن ئىلىنى ئۆتكۈزىۋالغان مانژۇ — خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە زۇلۇملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىلاژىسىز ئەھۋالدا يەركەنت تەۋەسىگە كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ژىللىرىنى ياركەنتتە ئۆتكۈزۈپ، 1900 ژىلى 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

© سابىت ئۇيغۇرىي، «ئۇيغۇرنامە» كىتاۋىدىن، 358 بەت.

موللا بىلالغا داىر ئېنىقسىزلىقلار
باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :

بۇ يازمىغا ئىلتەبىر تەرىپىدىن بىرىكتۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى (2008-01-09)

موللا بىلالغا دائىر ئېنىقسىزلىقلار
(يوللىغۇچى تەرىپىدىن قىسقارتىپ رەتلەندى)
ئاپتورى: ئابدۇرىشىت ھېلىمھاژى

1- موللا بىلالنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

شائىر بىلال نازىمنىڭ تولۇق ئىسمى: _ موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ، ئۇ تەخمىنەن 1825-يىلى غۇلژا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە نامرات موزدۇز ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 10~11 ياشلارغا كىرگەندە دادىسىدىن يىتىم قالغان ۋە ئاكىسى جالالىدىننىڭ تەربىيىسىدە بولغان، مەدرىسىدە ئوقۇغان. موللا بىلال قورغاس «ئالتۇنلۇقۇم» يەنى تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى يېنىدىكى «بەيتۇللا» مەدرىسىدە 11 يىل ئوقۇغان. ئەرەب، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن، شەرق ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىي مىراسلىرىمىز بىلەن پىششىق تونۇشقان، خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىكى ئېسىل ئەسەرلەرنى توپلىغان. ئۇ 20 ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئاكىسى بىلەن تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇنداق بولسىمۇ بىلال نازىم قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ، شېىر ئىژادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ نامى ئەل ئارىسىدا تاراشقا باشلاپ، كىشىلەر ئۇنى «موللا بىلال» دەپ ھۆرمەتلەشكەن. ئۇ 27 ياشقا كىرگەندە ئۆزىنىڭ ھايات، مۇھەببەت، دوستلۇق ھەققىدە يازغان غەزەللىرىنى دىۋان قىلىپ تۈپلەپ، «نازىم» دېگەن تەخەللۇس بىلەن يېشىل تاۋار ژىلتىغا ئوراپ سۆيگەن قىزى رەناخان ئاپپاققا تەقدىم قىلغان.
بىلال نازىم 1864- يىلى پارتلىغان ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان. شۇ يىللاردا «نازۇگۇم»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «چاڭموزا يۈسۈپخان» قاتارلىق نادىر داستانلارنى يېزىپ چىققان. 1895- يىلىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق «كۆچ -كۆچ» تە يەتتىسۇ ۋادىسىدىكى ياركەنت دېگەن جايغا كۆچۈپ كەتكەن، شۇ جايدا 1900- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.(1899؟)

2- موللا بىلال تەتقىقاتىغا داىر ئۇچۇرلار

موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپكە داىر ئېنىقسىزلىقلارنى كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئىزدەڭەن مەنبەلەرنى ئېنىقلىۋېلىش زۆزۈر.
تالانتلىق شاىرنىڭ بەدىىي مىراسلىرىنى توپلاش، ئۈگىنىش، ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىشى روسىيىدە ن. ن. پانتۇسوۋ، ۋ. ۋ. رادلوۋ قاتارلىق شەرقشۇناس، فولكلورشۇناس، تىلشۇناسلاردىن باشلاندى. كېيىن، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ نەزەرغوژا ئابدۇسەمەت(ئۇيغۇر بالىسى)، زاكىر رەھمانقۇلى، ئەرشەم ھىدايەت، قادىر ھەسەن، ئايشەم شەمى قىزى، ساۋۇت موللا ئاۋۇتوۋ، ئا. قايداروۋ، ق. ئا. رازىيوۋ، ئوسمان مەمەتاخۇنوۋ، ماخمۇت ئابدۇراخمانوۋ، مۇرات ھەمراېۋ، خىزمەت ئابدۇللىن، ش. كېبىروۋ، ئە. نارىنبايېۋ، ساۋۇتژان ھەسەنوۋ، مەرفۇغە ئايتخوژىنا، ماھىنۇر ئەلىيېۋا قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئۈگىنىلدى ۋە تەتقىق قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قادىر ھەسەن (1912—1996)، ئوسمان مەمەتاخۇنوۋ (1925—1985)، مۇرات ھەمراېۋ (1936—1983) ۋە ساۋۇت موللا ئاۋۇدوۋلار شاىرنىڭ ئىجادىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا زور سالماقلىق ئەجىر سىڭدۈردى، ئۆزبېك، قازاق، رۇس مىللەتلىرى بىلەنمۇ يۈز كۆرۈشتى.
شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەدەبىياتشۇناس، ئالىم ساۋۇت موللا ئاۋۇدوۋ بىلەن ياش ئالىم، دوكتۇر مۇرات ھەمراېۋ موللا بىلالنىڭ ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلدۇردى. ساۋۇت موللا ئاۋۇدوۋ نەشىرگە تەييارلىغان موللا بىلالنىڭ «تاللانغان ئەسەرلەر» ناملىق توپلىمى 1961- يىلى ئالمۇتىدا، «بىلال نازىم ئەسەرلىرى» ، «ۋەتەن ئىشقىدا» ناملىق توپلاملىرى 1987- يىلى يەنە شۇ يەردە «مەكتەپ نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. «تارانچى ناخشىلىرى» (ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرى دېمەكچى)، بىلەن «تارانچى خەلىق ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق كىتاپ — نەشىرلىرى ۋە 1958- يىلى ئابدۇمۇتالى خەلپەم تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن «غەزەليات» نىڭ غۇلژىدىكى قوليازمىسى ئاساس قىلىنغان بۇ كىتابلارغا موللا بىلالنىڭ تۆرت چوڭ ئەسىرىدىن تاشقىرى ئۇنىڭ ئىجادى ئەمگىگى سىڭگەن «چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ قىسسىسى»، “تەبىب پادىشاھ بىرلە زۆھرەخاننىڭ ۋەكەلىرىنى بايان قىلۇر» دېگەن ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 1981- يىلى ئۇنىڭ يەنە دوكتۇر مۇرات ھەمراېۋ تەرىپىدىن رۇس ۋە ئۆزبېك تىلىدا نەشىرگە بېرىلگەن «بىلال نازىم» ناملىق كىتاۋى جاماەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
موللا بىلالنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى توغرىلىق دۆلەت ئىچىدە قەلەم تەۋرەتكۈچىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇلار ئىچىدە ئابلىزخان مەسۈمى تۇنجى بولۇپ «ئىتتىپاق» ژورنىلىنىڭ 1949- يىللىق 6- سانىدا «شاىرنىڭ رەسىمىنى ئىشلىگەندە» ناملىق ماقالىسى بىلەن بۇ تېمىدىكى تەتقىقاتنى باشلاپ بەردى. كېيىن، ي. مۇخلىسوۋ «تارىم» ژورنىلى 1958- يىللىق 1- سانىدا، نىمشېھىت «شىنژاڭ ئەدەبىياتى» 1962- يىللىق 6- سانىدا، شەرىپىدىن ئۆمەر «شىنژاڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى» نىڭ 1979- يىللىق 8- سانىدا، يەنە 1982- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمىدا، 1998- يىلى تۈزگەن «19- ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 3- قىسمىدا، ئابدۇكېرىم مەخسۇت «شىنژاڭ ياشلىرى » ژورنىلىنىڭ 1980- يىللىق 7- سانىدا، ئابدۇرېھىم سابىت 1984- يىلى تۈزگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» ئىككىنچى قىسىم 2- كىتاۋىدا، ئابدۇشۈكۈر تۇردى «شىنژاڭدىكى تارىخى شەخسلەر» (2)نىڭ 1985-يىلى خەنزۇچە نەشرىدە، «قۇمۇل ئەدەبىياتى » ژورنىلى 1986- يىللىق 4- سانىدا، غەيرەتژان ئوسمان 1987- يىلى تۈزگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن تېزىس » تا، » ئىلى دەرىياسى» ژورنىلىنىڭ 1996- يىللىق 4- ۋە 5- سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىوگىرافىك پوۋېست «جاۋاھىرۇل بىلالى » دا، غوژەخمەت يۇنۇس «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1998- يىللىق 3- سانىدا مۇئەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى توغرىسىدىكى تەتقىقات مېۋىلىرىنى خەلقىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى.

3- تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان ۋاقتى

مەيلى بىزدە ياكى چەت ئەلدە بولسۇن، بۈيۈك شائىر موللا بىلال نازىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت سەھنىمىزنى مەڭگۈ نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدىغان مېھنەت- ئەمگىگى ۋە ئۇنىڭ بىلەن باغلىق بولغان ئارزۇ — ئارمىنى مەلۇم چوڭقۇرلۇقتا تەتقىق قىلىندى. بىراق، بىز تا ھازىرغىچە شائىرنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى (يىلنامىسى)نى توغرا كۆرسەتمىدۇق. چەت ئەلدە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بۇ تېما 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن باشلاپ ھەل بولغان ھەم بىرلىككە كېلىڭەن بولسىمۇ، بىزدە «كىچىك ئىش» سۈپىتىدە دېققىتىمىزنىڭ سىرتىدا قالدى، بۇنىڭ بىلەن ھەركىم ھەرنىمە دەپ باقتى.
شائىرنىڭ تۇغۇلغان يىلى توغرىلىق، غۇلژا شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى نەشىر قىلغان «گۈلىستان» ژورنىلىنىڭ 1980- يىللىق 1- سانىدىكى ماقالىدە «1822- يىل» ،»ئىلى دەرياسى » ژورنىلىىنىڭ 1980- يىللىق 1- سانىدا «1823- يىل» ، «شىنژاڭ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1962- يىللىق 6- سانى ۋە «بۇلاق » نىڭ 1980- يىللىق 1-سانىدا «ھىژىرىيە 1241-يىل، مىلادىيە 1825-يىل»، » شىنژاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1979- يىللىق 8- سانىدا «1824- يىل» ، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق كىتابتا «1830—1831-يىللار» دېيىلگەن. يەنە بەزىلەر بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.
موللا بىلال ئۆز ئەسەرلىرىدە تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن، پەقەت بەزى ئەسەرلەرنى تاماملىغاندا ياكى ئۆمۈر مەنزىلىدە پەۋقۇلاددە ۋەقە يۈز بەرگەن چاغلاردىلا ئۆزىنىڭ قانچە ياشتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. بىراق ئۆز ئەسىرىدە يېشى توغرىلىق بىر- بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى خىل مەلۇمات بەرگەن.
1). شائىر «غەزەلىيات» توپلىمىنى ئاياقلاشتۇرغاندا تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغان:

ئەگەر تارىخ ھىجرەتىدىن سورارسەن،
دۇسەر شەست مەشت تۇر ئەلىف سانى.
ئەگەر فەسلىن سورار بولساڭ ھەمەلدۇر،
ئەگەر ئايدىن ئېسە بىلگىل دۇئانى.
ئەگەر سورىساڭ بىلالنىڭ ياشىدىن كىم،
يىگىرمە يەتتە دۇرلەر سىننى سانى.

بۇ شېئىردىكى «دۇسەر (ئىككى يۈز) شەست (ئاتمىش) مەشت (سەككىز) تۇر ئەلىف سانى» دېگەن مىسراغا قارىغاندا ، شائىر «غەزەليات» نى ھىژىرىيىنىڭ 1268- يىلى (باھار پەسلى)، مىلادىيە 1852- يىلى دۇئا ئېيىدا (7- ئاي)، 27 يېشىدا تاماملىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.
2). تارىخقا نەزەر سالساق، 1864- يىلى «ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى» پالتراپ، كېيىنكى يىلى، يەنى 1865- يىلى قوزغىلاڭچىلار شىنژاڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەمۇرىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى كۈرە ژاڭژۈننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم قورغىنى بولغان «بايانداي سېپىلى»نى بۇزۇپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالىدۇ. ئۈچ سوتكىغا يەتكەن قانلىق جەڭدە بىلالنىڭ ئاكىسى جالال دورغا قازا تاپىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، موللا بىلال ئاكىسىغا ئاتاپ مەخسۇس مەرسىيە يازىدۇ، مۇخەممەس ئۇسۇلىدا يېزىلغان بۇ مەرسىيەنىڭ بىر مىسراسىدا شائىر :

«بولۇپمەن يۈز ياشار پىردەك تۆرت توققۇز ئىدى ياشىم»
دەپ يېزىپ، 1865- يىلى ئۆزىنىڭ 36 ياشتا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

يۇقۇرىدىكى پىكىرگە ئاساسلانغاندا موللا بىلال 1825- يىلى، كېيىنكى پىكىر بويىچە 1829- يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ. ئېنىقكى، شائىرنى 1825- يىلى تۇغۇلغان دېيىشنىڭ ئىلمىي ئاساسى كۈچلۈك، شۇڭا 1829-يىلى تۇغۇلغان دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، شائىر 1876- يىلى ئۆكتەبىردە شەرقشۇناس پانتۇسوۋ بىلەن تونۇشقان. پانتۇسوۋ موللا بىلالنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشرگە بەرگەندە ئىزاھات بېرىپ، ئۇنى 1876- يىلى 52 ياشتا، 1878- يىلى 54 ياشتا دەپ كۆرسەتكەن. بۇ مەلۇمات شائىر 1825- يىلى تۇغۇلغان دېگەن قاراشنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
دېمەك، شائىر موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ ھىجىرىيە 1241- يىلى، مىلادىيە 1825- يىلى ھۈنەرۋەن موزدۇز ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، شائىرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى تۇنجى بولۇپ توغرا كۆرسەتكەن ئادەم – شائىر نىمشېھىتتۇر. ئۇنىڭ 1962- يىلى يازغان موللا بىلال ھەققىدىكى ماقالىسى بۇ پىكىرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
شاىرنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى توغرىسىدا ھازىر ئۈچ خىل قاراش بار. بەزىلەر «1899- يىلى » دېسە، يەنە بەزىلەر » 1902- يىلى » دەپ قارىدى. يېقىندا يەنە » 1900- يىلى » دەپ توغرىلاندى. شاىر بىلەن زامانداش بولغان تەتقىقاتچى ھەم ئۇنىڭ تۇغقىنى ۋە شاگىرتى ئابدۇمۇتالى خخلپەم (1867—1960) ۋە بىلالشۇناس ئالىم ساۋۇت موللاۋۇدوۋنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، بىلال نازىم ھىجىرىيە ھېسابىغا 1318- يىلى 77 يېشىدا، مىلادىيە ھېسابىغا 1900- يىلى 75 يېشىدا ياركەنتتە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ شۇ ژايدا ساقلانماقتا.
1993- يىلى موللا بىلالنىڭ قەبرىسى ئالدىغا ئۇنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلدى، ھەيكەل ئورنىتىلغان باغچىنىڭ يېنىدىكى مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى كوچا ئۇنىڭ شەرەپلىك نامى بىلەن ئاتالدى. ھازىر بۇ يەر ئىلىم- مەرىپەت ئەھلىنىڭ مەشھۇر زىيارەتگاھى بولۇپ كەلمەكتە.

4 — مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى ۋە پەرزەنتلىرى

مەرىپەتپەرۋەر زات ئابدۇمۇتالى خەلپەم شائىر موللا بىلالغا «تەرجىمەئى بىلال شائىر مەشھۇر» نامى بىلەن تەرجىمىھال يېزىپ چىققان. مانا شۇ تەرجىمىھالدا «غەزەلىيات» ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن:

«فەقىر ۋە فەقە كۈنلەردە بىر ساھىپجامال مەھۋەش، پەرى پەيكارغا ئاشىق بىقارار، ئىشىق مەجازىغا گىرىپتار بولۇپ، ئىشىق مۇھەببىتى قايناپ، ئىشىق ئوتى دىلىنى بىقارار قىلغانلىقتىن ئېيتقانىكەن». ئەمما، موللا بىلال بۇ ساھىپجامالنىڭ ۋەسلىگە نائىل بولالمايدۇ. موللا بىلالنى گاداي كۆرگەن قىزنىڭ ئاتا — ئانىسى ئۇنىڭ ئامرىقىنى، قىز رايىغا باقماي باشقا بىرىگە مەجبۇرىي ياتلىق قىلىۋېتىدۇ. ئىشىق ئوتىدا ھېسابسىز ئازابلىنىپ، ئۆرتىنىپ يانغان موللا بىلال ئامرىقىغا بېغىشلاپ ھەر كۈنى بەيتۇللا مەدرىسنىڭ پەشتىقىغا چىقىپ نەزم ئوقۇيدۇ.
مۇئەللىپ غەزەللىرىدە ئۆزى ئاشىق بولغان ساھىپجامالنىڭ كىملىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن. كېيىنكى مەلۇماتلاردا بۇ قىزنىڭ ئىسمى «غۇنچەم»، «ھەجەر ئاپپاق»، «جانارخان ئاپپاق»، «رەناخان ئاپپاق» دېگەن نام بىلەن ھەر خىل ئاتالدى. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇ «ھۆسن ئىقلىمىدا گويا بارچە قىزلار سەرۋەرى» نىڭ ئەسلى ئىسمى رەناخان ئاپپاق بولۇپ، موللا بىلال يازغان نەزملىرىنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە رەتلەپ، تۈپلەپ، بىر يېشىل تاۋار ژىلتىغا سېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە تەقدىم قىلغان.
«غەزەليات » نىڭ بۇ قوليازمىسىنى ئەينى ۋاقىتتىكى مۇدەررىس ئارۇپ داموللامغا ياتلىق قىلىنغان رەناخان ئاپپاق موللا بىلال بىلەن بولغان ياشلىق دەۋرىدىكى مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى دەپ بىلىپ قەدىرلەپ، خاس ساندۇقىدا ساقلىغان. ئەينى ۋاقىتتا قىزنىڭ ئاتا — ئانىسى بۇ ئىشنى ئەلدىن پىنھان تۇتقان، ھەتتا قىزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەسەر رەناخان ئاپپاق ئائىلىسىدە 1935- يىلىغىچە ساقلانغان. رەناخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قوليازما ئۇنىڭ ئوغلى ھاشىر مەخدۇمغا قالغان. 1935- يىلىنىڭ ئاخىرى ھاشىر مەخدۇم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھاشىرنىڭ ئوغلى ئابدۇمىژىت قارىيغا قالغان. 1940- يىلى ئابدۇمىژىت قارىي قوليازمىنى ئېلىپ غۇلئا دىيارىدىن كەتكەن.
موللا بىلالنىڭ قاچان، كىم بىلەن توي قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق، شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمىزكى، ئۇ توي قىلىپ بىر قىز، ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ئايۇپ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى قاسىم، قىزىنىڭ ئىسمى ئايشەم ئېكەن. موللا بىلالنىڭ نەۋرىسى مەھەممەتجان بىلالنىڭ ئالمۇتىدا چىقىدىغان «كومۇنىزىم تۇغى » گېزىتىنىڭ 1975- يىلى 26- ئىيۇندىكى سانىغا بېسىلغان «بوۋام توغرىسىدا » ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق دىيىلگەن:

«چوڭ دادام ئايۇپنىڭ ئابابەكرى، رابىيەم، شەرۋانەم ئاتلىق ئوغۇل -قىزلىرى بولغان. چوڭ ئاپىمىز ئايشەمنىڭ ھۆرنىساخان دېگەن بىرلا قىزى بولغان. بوۋامنىڭ كىچىك ئوغلى قاسىم مېنىڭ دادام بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆمەرجان، غوجا ئەخمەت، مەھەممەتجان دېگەن ئوغۇللىرى، ئۈمگۈلسۈم، تۇراخان دېگەن قىزلىرى بولغان. بىزنىڭ ئائىلىدىكى مەندىن باشقىلىرى غۇلجا شەھرىدە ۋاپات بولۇشتى.»

تۆھپىكار ئەرنىڭ كەينىدە مەدەتكار ئايالنىڭ بولۇشى تەبىئى. بىراق، ھازىرغا قەدەر يېزىلغان مەنبەلەردە موللا بىلالنىڭ ئانىسى ۋە ئايالىنىڭ ئىسمى پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان. شائىر بىلەن زامانداش تەتقىقاتچى، ئەدىپلىرىمىز بۇ نۇقتىغا زادىلا كۆڭۈل بۆلمىگەن، بۇ ھال كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
تەتقىقاتچىمىز ساۋۇت موللا ئاۋۇدوۋنىڭ موللا بىلال توغرىلىق يازغان كىتابىدىكى ئىشەنچلىك دەلىللەرگە قارىغاندا، 1959- يىلى ئالمۇتىنىڭ چېلەك رايونىدا كونا كىتابلار ۋە قوليازمىلار تېپىلغان، شۇ قوليازمىلارنىڭ بىرىدە بىر ئايەتنىڭ تۆۋىنىگە يېزىلغان مەلۇماتتا، موللا بىلالنىڭ چوڭ ئوغلى ئايۇپ ئاخۇننىڭ 1860- يىلى (ھىجىرىيە 1277- يىلى ) تۇغۇلغانلىقى مەلۇم. ئېچىنىشلىق ئېغىر تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تونۇرلاردا يېتىشقا مەجبۇر بولغان موللا بىلال تەخمىنەن 1859- يىلى 34 يېشىدا توي قىلغان بولۇشى مۈمكىن.

5 — شەرقشۇناس پانتۇسوۋ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

موللا بىلالنىڭ رۇس شەرقشۇناسى ن. ن. پانتۇسوۋ بىلەن بولغان ئىلمىي ھەمكارلىقى بىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى جەلىپ قىلىدۇ. چارروسىيە 1871 -يىلىدىن 1881 — يىلىغىچە ئىلىنى 10 يىل ئىشغال قىلىپ تۇرغان، موشۇ مەزگىلدە موللا بىلال بىلەن يەتتىسۇ گېنېرال گۇبېرناتورىنىڭ يېنىدىكى غۇلجا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پانتۇسوۋ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە كۈچلۈك مەدەت بەرگەن ۋە ئۇنىڭ نامىنى يىراق — يېقىنغا تونۇتقان. 1876 — يىلى 10- ئايدا پانتاسوۋ «غازات دەر مۈلكى چىن» نىڭ قوليازمىسىنى غۇلجا بازىرىدا ئۇچرىتىپ سېتىۋالغان. ئۇ ئاپتورنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، شائىر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىلمىي ئالاقە ئورناتقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىر — بىرىگە ياردەم بېرىپ تۇرغان. بۇ چاغدا پانتۇسوۋ ئۇيغۇر فولكلورىغا دائىر ماتېرىياللارنى يىغىپ يۈرگەنىكەن، بۇنى بىلگەن شائىر پانتۇسوۋقا چىن كۆڭلىدىن سەمىمى ياردەم قىلغان. پانتۇسوۋمۇ ئۇنىڭ ياردىمىدىن سۆيۈنۈپ، ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ، بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر تىلىنى ئۈگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى ئۈلگىلىرى بولغان چۆچەك، قوشاق، ماقال — تەمسىل ۋە غەزەللەرنى توپلاتقۇزغان.
ن. ن. پانتۇسوۋنىڭ 1890 — يىلى نەشىر قىلدۇرغان «تارانچى ناخشىلىرى»، 1909 — يىلى نەشىر قىلدۇرغان «تارانچى خەلىق ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرى» (قازان باسمىسى)، «ئىلى ۋىلايىتىدىكى تارانچىلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ماتىرىياللار» (توققۇز رىسالە، قازان، 1897—1907) دېگەن كىتابلىرىنىڭ دۇنىياغا كېلىشىدە موللا بىلالنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرى ئاز ئەمەس. پانتۇسوۋمۇ شائىرنىڭ يىرىك ئەسەرلىرى «غازات دەر مۈلك چىن»، «چاڭموزا يۈسۈپخان»، «نازۇگۇم» دېگەن ئەسەرلىرىنى ۋە بىرقانچە غەزەللىرىنى نەشىر قىلدۇرغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى رۇس تىلىغا تەرئىمە قىلغان. پانتۇسوۋ يەنە «تۈركىستان مەلۇماتلىرى» گېزىتىنىڭ 1876 -يىل 23 — نويابىر ۋە 1881 — يىل 16 — ئىيۇندىكى سانلىرىدا موللا بىلال توغرىلىق ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، موللا بىلال توپلاپ رەتلىگەن خەلىق ئېغىز ئىجادى «چىن تۆمۈر باتۇر قىسسىسى» ۋە «تەبىب پادىشاھ بىرلە زۆھرەخاننىڭ ۋەقەلىرىنى بايان قىلۇر» نى نەشىر قىلدۇرغان. مەرھۇم ئابدۇمۇتالى خەلپەمنىڭ ئېيتىشىچە: «ماقالىلەر يېزىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە موللا بىلال: دېگەندە، پانتۇسوۋ، يۇمغاقسۈت دېگەن نېمە، دەپ سورىغان. موللا بىلال ئۇقتۇرالماي، ئاخىرى بازاردىن ئېلىپ كېلىپ كۆرسەتكەندە، پانتۇسوۋ خوش بوپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ موللا بىلالغا 20 تەڭگە ئالتۇن بېرىپ تۇرغان، ھەم ئۇنىڭغا «تون كىيدۈرگەن». بۇ ئارقىلىق پانتۇسوۋمۇ شائىرغا ياردەم قولىنى سۇنغان.
ئۇنداقتا، موللا بىلال بىلەن پانتۇسوۋنىڭ مۇناسىۋىتىگە زادى قانداق قاراش كېرەك؟ ئۇلارنىڭ دوستلۇقىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بەزىلەر ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كەسپداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دېسە، بەزىلەر ھەقىقىي مەنىدىكى «دوستلۇق» دەپ بىلدى. مېنىڭچە، ئەركىنلىك — ئازاتلىق ئۈچۈن قولىغا قەلەم ۋە قورال ئالغان بۇ باتۇر جەڭچى، ۋەتەنپەرۋەر شائىر موللا بىلال بىلەن پانتۇسوۋنىڭ مۇناسىۋىتى ئىلمىي جەھەتتىكى ئالاقە بولۇپ، دوستلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى مۈمكىن ئەمەس. ئۇ پانتۇسوۋقا ياردەم بەرگەندە، خەلقىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتىنى بالدۇرراق دۇنىيا ئەھلىگە تونۇتۇشنى كۆزدە تۇتقان. گەرچە ئۇ پانتۇسوۋنىڭ ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىشىگە مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما «غازات دەر مۈلك چىن» دىكى بىر شېئىرىدا چارروسىيە گېنىرالىنىڭ تەلەپپۇزىدا:

«ئەۋەتسۇن ماڭا تازابېكنى تۇتۇپ،
قورساق تويغۇزارمەن قېنىنى يۇتۇپ»

دەپ دوراپ يازغان. ئۇلارنىڭ خەلىق ئاممىسىغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە قىلىقلىرى ئۇنىڭ جېنىغا تەگكەنلىكتىن، پانتۇسوۋنىڭ ھەر ئايدا بېرىدىغان پۇلىدىن ۋاز كېچىپ، بۇرۇنقى پېقىرلىق تۇرمۇشنى ئەۋزەل بىلىپ، گېنېرال مەھكىمىسىدىن قايتىپ چىققان. مانا بۇ، شائىر دۇنىياقارىشىنىڭ ئۆز ھەرىكىتىدە ئىپادە قىلىنىشىدۇر.

6 — ئىككى كۆزىنىڭ ئەما بولغانلىقى ھەققىدە

ھازىرغا قەدەر مەيدانغا كەلگەن ھەر خىل مەنبەلەردە «شائىر 70 ياشلىرىدا قارىغۇ بولۇپ قالغان» ياكى «ژەبىر -زۇلۇم ۋەئېغىر ئەقلىي مېھنەت شائىرنى ئىككى كۆزىدىن ئايرىغان» دېگەن قاراش بار. بەزىلەر، روسىيەگە كۆچۈشتىن ئىلگىرى قارىغۇ بولغان دېسە، يەنە بەزىلەر روسىيەگە بارغاندىن كېيىن بولغان، دەيدۇ.
موللا بىلال ئۆز ئانا يۇرتىغا قىزغىن مۇھەببەت باغلىغاچقا، چارروسىيە جاھاڭىرلىكىنىڭ ئالداش ۋە تەھدىتلىرى ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمەي كۆچۈشنى قەتئىي رەت قىلغان بولسىمۇ، قاتتىق تاللاشتىن كېيىن چارروسىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن يەتتىسۇ رايونىنى يەنىلا ئۆز ئانا ۋەتىنىنىڭ بىر قىسمى، كېيىن قايتۇرىۋېلىش مۈمكىنچىلىكى بار دەپ قاراپ، پانتۇسوۋنىڭ زورلىشى بىلەن شائىر سېيىت مۇھەممەت قاشى بىلەن بىرلىكتە ياركەنتكە كۆچۈپ بارغان ۋە ئۇ يەردە يەنىلا خەلىق خىزمىتىدە يۇرت مۆتىۋىرى بولۇپ ئىشلىگەن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىنىڭ ئاكتىپ توپلىغۇچىسى بولغان. مانا مۇشۇ يەردە «ھىجرەتى مۆمىنان» دېگەن ئەسەرنى يازغانلىقى مەلۇم. ئىزچىل جاپالىق ئىزدىنىش جەريانىدا شائىرنىڭ كۆزى ئاغرىپ «كور » بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، پانتۇسوۋ روسسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ياخشى كۆز دورىلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ داۋالىتىپ، شائىرنىڭ كۆزىنى كور بولۇشتىن ساقلاپ قالغان.