ئۇلۇق ئالىملىرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد قەشقەرىي رەسىملىرىنى يارىتىلىشى ھەققىدە

غازى ئەخمەت

يېقىندا بىر دوستۇم ماڭا يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ 2007-ژىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان «XI ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئىدېولوگىياسى» ناملىق كىتاۋىدا «ئىككى ئالىمنىڭ رەسىمى ۋە مىللىي خاراكتېر» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنغانلىغىنى ئېيتتى. بۇ ئىككى ئالىمنىڭ رەسىمىنى مەن ياراتقان بولغاچقا، بۇ ماقالىنى ئوقۇپ باققۇم كەلدى. كېيىن ئۇقسام، بۇ ماقالە دەسلەپ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنالىنىڭ 2006-ژىل 6-سانىغا بېسىلغان ئېكەن. «خى ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئىدېولوگىياسى» ناملىق كىتاپتىكى شۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنى بىلەن «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنالىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ مەزمۇنىدا خېلە پەرىق بار ئېكەن. خەنخۇ كەسىپداشلار ئىچىدە كۈپلىگەن گۆزەل سەنئەت نەزەرىيەچىسى ئەسەرلىرىمگە ئوبزورلار ئېدان قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر گۆزەل سەنئەت ئوبزورچىلىغى تېخى ئاجىز ھالەتتە بولغاچقا، مېنىڭ ئەسەرلىرىمگە ياكى باشقا رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىگە باھا-تەقرىزلەر كامدىن يېزىلاتتى. ئىلمىي ئوبزورچىلىقنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىغى تەبىىي. چۈنكى ئىلمىي، ساغلام ئوبزورچىلىق ھەقىقەتنى ئەمەلىياتتىن ئىزدەش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېسىللىرىنى مۇەييەنلەشتۈرۈپ، ناچارلىرىنى تەنقىتلەپ، سەۋەنلىكلەرگە چەك قويىدۇ. ئامما يېتەرلىك بىلىم ئاساسى بولمىغان بەزى ئوبزورچىلارنىڭ ئاساسسىز ھەم ئورۇنسىز باھا-تەقرىزلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇۋەتمىسە بولمايدىغان مۇجمەللىكلەرنى پەيدا قىلىش مۈمكىن. مەن ئاۋتورنىڭ «11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئىدېولوگىياسى» ناملىق كىتاۋىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد قەشقەرىي تولۇق چۈشىنىپ كەتمەيدىغان، بولۇپمۇ «قۇتادغۇ بىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئوقۇپ باقمىغان ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان سۆز-ئىبارە ۋە كۆز قاراشلارنىڭ موجۇتلىغىنى نەزەردە تۇتۇپ، ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى مەسىلىلەرگە توغرا چۈشەنچە بەرمىسەم، ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلمىغان بولىدىغانلىغىمنى ھىس قىلىپ، بۇ ماقالىنى يېزىشنى لايىق تاپتىم.
ئاۋتور ماقالىسىنى «مەن مەھمۇد قەشقەرىي بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەڭ ياخشى ۋە چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلارنىڭ بىرى» دەپ باشلىغان. ئاۋتور بۇ ئىككى ئالىمنىڭ كىتاپلىرىنى رەسسامنىڭ نەزەرى بىلەن ئەستايىدىل ئوقۇپ باقمىغان بولسا كېرەك. مەن بىر ئۇيغۇر رەسسامى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىمىمىزنىڭ كىتاپلىرىنى ئۇلارنىڭ رەسىمىنى يارىتىش مەخسىتىدە رەسسامغا خاس نەزەرىم بىلەن تەكرار ئوقۇپ چىققان.
ئاۋتور ماقالىسىدا «تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، مەھمۇد قەشقەرىي يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن 20 ياش ئەتراپىدا چوڭ ئېدى. غازى ئەھمەد رەسىمدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى مەھمۇد قەشقەرىيدىن 20 ياش ئۆپ-چۆرىسىدە چوڭ قىلىپ ئىپادىلىدى. يەنى ئاكىسىنى ئۇكىسى، ئۇكىسىنى ئاكىسى قىلىپ قويۇلغاندەك ئىش بولدى»، «غازى ئەھمەدنىڭ سىزمىسىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 70–75 ياشلىق بوۋاينىڭ سىماسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ» دەيدۇ.
قارىشىمچە، ئاۋتور يۈسۈپ خاس ھاجىپ رەسىمىگە سىنچىلاپ قاراپ باقمىغاندەك قىلىدۇ ياكى ژىراقتىن قاراپ بۇ ئالىمنىڭ ساقىلىنىڭ ئاقارغانلىغىنى كۆرۈپلا يەڭگىللىك بىلەن 70–75 ياشلىق بوۋايدەك بوپقاپتۇ دەپ ئويلىغان. دەرۋەقە، مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ساقىلىغا ئاق كىرگەن قىلىپ سىزغان ئېدىم. ئۇنىڭ قاش-كۆزى، چىرايى ۋە بوينىغا ھېچقانچە قورۇق چۈشمىگەن ئېدى. ئەگەر ئۇنىڭ ساقال-بۇرۇتى چۈشۈرۈۋېتىلسە، ياش ژىگىتتەك كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ، چىرايى پاقىراپ، قەددى-قامىتى تىك تۇتۇپ تۇرغان ھەم جوشقۇن ھەم روھلۇق ھالىتىنى كۆرگەن بولاتتۇق. «يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئەڭ ياخشى ۋە چوڭقۇر چۈشىنىدىغان» بۇ ئاۋتور ئالدى بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىدىكى مونۇ قۇرلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىغى كېرەك ئېدى:
تەگكۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك ياشىم،
ئاققۇ قىلدى قۇزغۇن تۈسىدەك باشىم.
دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىدە يېشى ئەللىكككە كەلگەندە چاچ-ساقىلىنىڭ ئاقارغانلىغىنى ئېنىق ئىزھار قىلغان.
چاچ-ساقالى ئاقارغانلىغى ئادەمنى 70–75 ياشلىق بوۋاي دەپ ھۆكۈم قىلىش مېتافىزىكىلىق قاراش ھېساپلىنىدۇ. 40 ياشلىق كىشىلەرنىڭمۇ چاچ-ساقىلى ئاقىرىدىغان ئىشلار بارغۇ. ھېلىمۇ ياخشى ئالىم 50 ياشلارغا كەلگەندە چاچ-ساقىلىنىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىگىنى يېزىپ قويغان ئېكەن. ئاۋتور ماقالىسىدا «رەسساملار قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئۆزى خالىغانچە سىزىۋەرمەسلىگى لازىم. ئالىملارنىڭ رەسىملىرىنى قالايمىقان سىزىۋېرىشكە چەك قويۇش كېرەك»، «ئەڭ ياخشى ئالىم-مۇتەخەسسىسلەردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇلار رەسساملارغا رەسىمنى قانداق سىزىش ھەققىدە يول كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنىڭ سىزىپ چىقىشقا تاپشۇرۇپ، قايسىسىنىڭ سىزغىنى تەلەپكە يېقىنلاشقان بولسا، شۇنىڭكىنى ئېلان قىلىپ، قالغانلىرىنى شۇ مەيداندىلا كۆيدۈرۈۋېتىش، ئىككىنچى بىر ئادەمنىڭ يەنە ئۇ ئالىمنى سىزماسلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ، ئىجادىيەت ئەركىنلىگىگە مۇخالىپ كېلىدىغان قاراشلىرىنىمۇ ئىپادىلىگەن. ئېنىقكى بۇ، رەسساملارنىڭ مۇستەقىل ئىجات قىلىش ئەركىنلىگىگە چاڭ سالغانلىق.
ئاۋتور ماقالىسىنىڭ باش قىسىمىدا «رەسىم دېگەن بىر ئادەمنىڭ قىياپىتىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئوبرازىنى، خاراكتېرىنى مۇجەسسەم ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان سەنئەت» دېگەن. قىياپەتنى سىزماي تۇرۇپ، ئوبراز ۋە خاراكتېردىن ئېغىز ئاچقىلى بولامدۇ؟ بۇ بىر ئەقەللىي ساۋاتقۇ؟ ئاۋتورنىڭ رەسساملىق سەنئىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى موشۇ قەدەر چولتا تۇرۇپ بۇ ھەقتە ماقالە يېزىشنى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازىنى ئاۋتور ئېيتقاندەك «قولۇمغا قەلەم ئېلىپ قالايمىقان سىزىۋەرگەن» ئەمەس. بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، يەنى 1956-ژىلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتىمىننىڭ «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنالى» دا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇغان چېغىمدىلا مەندە بۇ ئىككى ئالىمنى ئۇلۇقلاش تۇيغۇسى پەيدا بولغان ئېدى. ئۆزەم رەسساملىقتىكى تاغ-ئەرىيا، گۈل-گىيا، ئۇچار-قاناتلارنى سىزىشتىن ئىبارەت ژانرىنى ئەمەس، بەلكى پېرسوناژلىق رەسىم ژانرىنى تاللاۋالغان ئۇيغۇر رەسسامى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشنى باش تارتىپ بولمايدىغان شەرەپلىك بورچۇم دەپ چۈشىنەتتىم. ھەقىقەتەنمۇ تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ كۆپلىگەن رەسىمنى سىزدىم. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد قەشقەرىينىڭ رەسىمىنى يارىتىش مەسىلىسىگە كەلسەم، 1980-ژىللاردىن باشلاپ بۇ ئالىملار ھەققىدىكى تەتقىقاتلار تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتى. بىراق بۇ ئالىملارنىڭ سىماسى ھەققىدە ھېچقانداق ئوبرازلىق مەلۇمات يوق ئېدى. موشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش خېلە مۈشكۈل ئىش ئېدى. ئامما بۇ، زادى مۈمكىن بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئېدى.
ئەگەر بىز رەسساملىق تارىخىنى ئاز-تولا ۋاراقلىساق، زامانى ئەۋۋەلدە ئۆتكەن ياكى رىۋايەت قىلىنغان، لېكىن سىماسى توغرىسىدا ھېچقانداق ئوبرازلىق ئۇچۇر بولمىغان شەخسلەرنىڭ ئوبرازلىرىنى كېيىنكى دەۋىرلەردىكى رەسساملار سىزىپ چىققان مىساللارنىڭ كۆپلۈگىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەسىلەن، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاتا-ئانىسى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇلارنى كۆرۈپ باققان ئادەم يوق، ئەلۋەتتە. بۇلارنىڭ ئوبرازىنى كېيىنكى دەۋىرلەردىكى رەسساملار ياراتتى ئەمەسمۇ. ئىتالىيالىك مەشھۇر رەسسامى، كۆپ قىرلىق ئالىم لېوناردو دا ۋىنچى 1495-ژىلدىن 1498-ژىلغىچە ئۈچ ژىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ «ئاخىرقى كەچلىك غىزا» ناملىق مەشھۇر ماي بوياق رەسىمىنى ئىجات قىلدى. رەسىمدە ئەيسا پەيغەمبەر ئون ئىككى نەپەر ساھابىسى بىلەن كەچلىك تاماق شىرەسىگە جەم بولغاندا پەيغەمبەر توساتتىن «ئارىمىزدا بىرەيلەن ماڭا خاىنلىق قىلدى» دەيدۇ. رەسىمدە ساھابىلەرنىڭ ئاڭ-تاڭ بولۇشۇپ، «بۇ خاىن كىمدۇ؟» دەپ غەزەپلەڭەن كۆرۈنۈشى، خاىن يەھۋانىڭ تەشۋىشكە چۈشۈپ ئالاقزادە بولغان، رەڭگى تاتىرىپ ھودۇققان قىياپىتى ناھايىتى روشەن ئىپادىلەڭەن. ھالبۇكى، ئەيسا پەيغەمبەر 1-ئەسىردە ئۆتكەن بولۇپ، دا ۋىنچى ئۆزىدىن تەخمىنەن 1500 ژىل بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان ئېدى. جۇڭگونىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۈرلىرىدىن كۇڭزى بىلەن مېڭزىلار بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2500 ژىللار بۇرۇن ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ رەسىملىرىنى يېقىنقى زامان رەسساملىرى ئىجات قىلدىغۇ.
ھەممىگە مەلۇم، ئەدەبىيات-تىل-يېزىق سەنئىتى، مۇزىكا-ئاڭلاش – سېزىم سەنئىتى، گۆزەل سەنئەت – كۆرۈش-سېزىش سەنئىتىدۇر. گۆزەل سەنئەتنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى – شەكىل يارىتىش سەنئىتى. ئۇ، سەيىلەرنىڭ شەكىل ھالىتىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى مەخسەت قىلىدۇ. مەشھۇر شەخسلەرنىڭ، جۈملىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد قەشقەرىيدەك ئۇلۇق ئالىملارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشمۇ مانا موشۇ قانۇنىيەت بويىچە بولىدۇ.
بىزنى سۆيۈندۈرىدىغان يېرى شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمىنى يارىتىشقا كېرەكلىك ئۇچۇر «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىنىڭ ئۆزىدىلا يېتەرلىك تېپىلىدۇ.
ئالىم داستاننىڭ 130-بابىدا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان كىشى خاس ھاجىپ ئۇنۋانىغا ئېرىشەلەيدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ:
2444: ھايالىق، سىلىق بولسا نازۇك خۇيى،
كېلەر خۇلقى، سۆزىدىن ياخشىلىق بويى.
2447: زېرەك بولسا، مالدىن قىينالماس بولۇر،
بىلىم بولسا، ئىشتا يېڭىلمەس بولۇر.
2454: ئەقلىي پايدىسى بەك تولا، زور ئېرۇر،
جىمى ياخشىلىقلار ئەقىلدىن بولۇر.
2458: ھاجىپنىڭ ساقال-چاچى ئۇز بولسۇن يۈزى،
ئاۋازى ئېرەنچە ۋە ئوچۇق سۆزى.
2460: كېلىشكەن ساقال-چاچ-كىشى ھەيۋىتى،
بۇ ھەيۋەت بولۇر ئەر كىشى ھۆرمىتى.
2465: گۆزەل يۈزىنى كۆرگەن كىشى خۇشلىنۇر،
كۆڭۈل ئېچىلۇر ھەمدە جان زوقلىنۇر.
2473: ھىپ بولسۇن ئاقىل، كەمتار، مۇلايىم،
پېقىر، تۇل، ژىتىمغا كۆيۈنسۇن دايىم.
2474: قۇلاق ساق ئولسۇن ئەقىل ئىلمى كەڭ،
مىجەزى تۈز ئولسۇن، تىلى – كۆڭلى تەڭ.
2481: ئۇلۇق ھاجىپ دېسە بولسۇن يۈز يورۇق،
كېرەك بۇ پەزىلەت، بىلىملەر تولۇق،
ژۇقۇرىدىكى بېيىتلاردا خاس ھاجىپ بولۇش ئۈچۈن سىلىق-سىپايە، ئەقىل-پاراسەتلىك، بىلىملىك، رەڭگىرويى چىرايلىق، گەپ-سۆزى مۇلايىم، مېھىر-شەپقەتلىك، كىچىك پېيىل، خۇشخوي، سۈلكەتلىك، چاچ-ساقىلى كېلىشكەن، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىغىدەك ھەيۋەتلىك، ھەتتا ئاۋازى ئەرلەرگە خاس بولۇش دېگەندەك شەرتلەرنى ھازىرلاش لازىملىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇنىڭدا يەنە خاس ھاجىپ بولۇشىنىڭ شەرتلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككى بېيىت ئارقىلىق شەرتكە ژىغىنچاقلانغان:
2487: ھاجىپقا ئاۋال بۇ ئون نەرسە كېرەك:
ئىتتىك كۆز، قۇلاق ساق، كۆڭۈل كەڭ كېرەك.
2488: گۆزەل يۈز، بوي، تىل، ئاڭ، ئەقىل ۋە بىلىم،
خۇلۇق-مىجەز بۇلارغا تولۇق تەڭ كېرەك.
مەن بۇلارنى ئوقۇپ قاراخانىيلار خانلىغى خاقانىنىڭ خاس ھاجىۋى بولغان يۈسۈپ بوۋىمىزنىڭ ساپا-سۈپەتلىرىنىڭ دەل ژۇقارقى بېيىتلاردا كۆرسىتىلگەن شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلىغانلىغىنى جەزىم قىلدىم.
ئۇزۇن ژىل پېرسوناژلىق رەسىم سىزىش بىلەن ھەپلەشكەن، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىندىۋىدۇاللىققا ئېگە كۆپلىگەن ئوبرازنى ياراتقان مەندەك بىر كسپىي رەسسام ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن ژۇقۇرىدا ئۆەيت قىلىنغان شەرتلەرگە ئۇيغۇر كېلىدىغان ئوبرازلارنى بايقاش، بۇلارنى مۇۋاپىق ھالدا بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزەم تەسەۋۋۇر قىلغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئۇنچە تەسكە توختىمىدى. بىراق «ئاۋازى ئېرەنچە» دېگەن شەرتنى ئورۇنلاش بېشىمنى بىر ئاز قاتۇردى. ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىمۇ ھال قىلىندى. ئەرلەر ئاۋازىنىڭ ئەرلەر ژۇقۇرى ئاۋاز، ئەرلەر ئوتتۇرا ئاۋاز، ئەرلەر تۆۋەن ئاۋاز دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدىغانلىغىنى بىلەتتىم. ئەرلەر ژۇقۇرى ئاۋاز بىر قەدەر زىل بولۇپ، ئەرلەر ئوتتۇرا ئاۋازىغا ئوخشاش جاراڭلىق ۋە دولقۇنلۇق ئەمەس ئېدى. ئادەمنىڭ ئاناتومىيالىك ھالىتىدىن ئۇنىڭ ژۇقۇرى ئاۋاز، ئوتتۇرا ئاۋاز ياكى تۆۋەن ئاۋازلىق كىشى ئېكەلىگىنى بىلگىلى بولامدۇ؟ بۇ سوالغىمۇ جاۋاپ تېپىلدى. مەن بۇ ھەقتە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىمىزدىكى پەن ئىېزى، چى خۇڭېن، جۇخۇا قاتارلىق پېشقەدەم ناخشا مۇتەخەسسىسلىرىنى زىيارەت قىلدىم. ئۇلار مېنى «بوينى قىسقا، سېمىز ئادەمنىڭ ئاۋازى زىل، چىرقىراق چىقىدۇ، كۆكرىگى چوڭ، پكىسى تەرەققىي قىلغان، بوينى نىسبەتەن ئۇزۇن، بۇغدىيىكى بىر قەدەر روشەن كۆرۈنىدىغان ئادەملەر ئوتتۇرا ئاۋاز ياكى تۆۋەن ئاۋاز بولىدۇ» دېگەن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن «ئاۋازى ئېرەنچە» دېگەن مەسىلىمۇ ھەل بولدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمىگە سىنچىلاپ قارىغان كىشى ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن ناھايىتى زېرەك، ئەقىل-پاراسەتلىك، چارە-تەدبىرلىك، سالاپەتلىك بىر ئىلىم ئېگىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىشىنىڭ مەستلىگى كەلگىدەك، چىرايىدىن ھىدايەت ۋە سااژەت نۇرى يېغىپ تۇرىدىغان، ئاق كۆڭۈل، كىشىلەرنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، مۇلايىم ھەم چىرايلىق ئەرباپ سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزغا ئايان بولىدۇ.
مەھمۇد قەشقەرىينىڭ رەسىمىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە تېخىمۇ ئۇزۇن بىر جەرىيان بېسىپ ئۆتۈلدى. ھېلىمۇ ئېسىمدا، مەن 13 ياش ۋاقىتلىرىمدا دىنىي مەكتەپتە ئوقاتتىم. مەدرىسىدىكى تالىپلار قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىسىدىكى «ھەزرىتى موللام» ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى سۆزلەتتى. ئارىمىزدىكى چوڭىراق تالىپلار ۋە ژۇتۇمىزدىكى بىر قىسىم ئىخلاسمەن كىشى ھەر ژىلى «ھەزرىتى موللام» مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغىلى ئوپالغا باراتتى. ئۇلار زىيارەتتىن قايتىپ كېلىپ، بىزگە ئۇ يەردە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ھېكايە قىلىپ بېرەتتى. ئۇلارنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە: «ھەزرىتى موللام بىر شاھزادە ئېكەنمىش. ئۇ شاھلىقنى تاشلاپ، ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىغا ئۆزىنى ئاتاپ، يەككە-يېگانە يولغا راۋان بولغان ئېكەن. ئۇ ئەتراپتىكى خوشنا ئەللەرنى ئالا قويماي ئارىلاپتۇ. ئاخىرى خۇراسان، باغدات، دەمەشىق قاتارلىق شەھەرلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەۋلىيالىق دەرىجىسىگە يەتكەن ئېكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ئوپال يېزىسىنىڭ ئەڭ ھاۋالىق يېرىگە مەسچىت، مەدرىسە، قىراەتخانىلارنى سالدۇرۇپ، ئۆزى مۇدەررىس بولغان ئېكەن. «ھەزرىتى موللام» 10 ياشلار ئەتراپىدا ياشىغان ئېكەن (ئېھتىمال ھىجرىيە ژىلنامىسىنى كۆزدە تۇتسا كېرەك). «ھەزرىتى موللام»نىڭ جەسىدى تاغنىڭ ئۈستىگە دەپنە قىلىنغان ئېكەن. مەقبەرە ئالدىدىكى بىر بۇلاقتىن قىش-ياщ بۇلدۇقلاپ سۈزۈك سۇ چىقىپ تۇرىدېكەن. بۇلاق بويىدا «ھاي تېرەك» دەپ ئاتىلىدىغان يوغان تېرەكلەر بار ئېكەن. تاغنىڭ باغرىدىكى بۇلاقلاردىن سۇ چىقىپ تۇرۇشى نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، تاغنىڭ ئۈستىدىن بۇلاق سۈيى ئېقىپ چىقىشى بىر سىر ئېكەن. تاغ باغرىدا مەسچىت-مەدرىسە بولۇپ، ئۇنىڭ ھوجرىلىرىدا يېتىپ-قوپۇپ ئىستىقامەت قىلىدىغان، «ھەزرىتى موللام»نىڭ مەقبەرىسىنى تاۋاپ قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدېكەن… شۇ چاغدا مېنىڭ بالىلىق قەلبىمدە «ھەزرىتى موللام»نى «ئەۋلىيا» دەپ ئۇلۇقلاش تۇيغۇسى ئورۇن ئالغان ئېدى. كېيىنكى كۈنلەردە «ھەزرىتى موللام» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ھەرگىزمۇ بىرەر ئادەمنىڭ ئىسمى بولماستىن، بەلكى ئاۋام خەلىقنىڭ ئۇلۇق ئالىم مەھمۇد قەشقەرىينى ھۆرمەتلەپ تىلغا ئالغان سۈپەت سۆزى ئېكەنلىگى ئايان بولدى.
بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىي قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىسىدىن بولسا، مەن كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ قورغان يېزىسى ھۇجىدار (خوجىدار) كەنتىدىن بولغاچقا، ژۇتدېشىم مەھمۇد قەشقەرىي بىلەن تېخىمۇ پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن. بۇ مېنىڭ مەھمۇد قەشقەرىينىڭ رەسىمىنى سىزىشقا چوڭقۇر ئىشتىياق بىلەن كىرىشكەنلىگىمنىڭ بىر مۇھىم سەۋەۋىدۇر. مەن مەھمۇد قەشقەرىينىڭ رەسىمىنى ئاۋتور ئېيتقاندەك ھەرگىزمۇ تەييارلىقسىز ھالدا «خالىغانچە»، «قالايمىقان» سىزغان ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر ئىپتىخار ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قولۇمغا قەلەم ئالغانمەن.
مەھمۇد قەشقەرىي ئۇلۇق ئېنسىكلوپېدىك ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ئاساسچىسى، بۈيۈك تىلشۇناس، يېتىلگەن ئەدىپ، فىلولوگ، ئېتنوگراف، جەمىيەتشۇناس، مىللەتشۇناس، ژۇغراپىيەشۇناس، ھەربىيشۇناس زات. ئۇ نەسەب كۆرگەن غۇرۇرلۇق شاھزادە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەيسەر ئىزدەڭۈچى، مەسخۇلىيەتچان ئالىم. مەن مەھمۇد قەشقەرىي رەسىمىنى يارىتىشتا بۇ نۇقتىلارنى ئازراقمۇ نەزەرىمدىن ساقىت قىلمىدىم.
ئۇمۇمەن، مەن بۇ بۈيۈك ئالىملارنىڭ رەسىملىرىنى تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە ئىشلىگەن ئېدىم: ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئابدىلىرىنى ئۈگەندىم، ئاندىن ھاياتى ھەققىدە ھەمدە ئۇلارنىڭ تەۋەررۈك كىتاپلىرى توغرىسىدا يېزىلغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ، بىر قىدەر ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ رەسىملىرىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى قارا قەلەم بىلەن سىزىپ چىقىپ، 1980-ژىلى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنالى» دا «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى» دېگەن ئىزاھەت بىلەن ئېلان قىلغان ئېدىم. ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر-تەۋسىيەلىرىنى قوبۇل قىلىپ، 1981-ژىلى مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئىش ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشىنى ماي بوياق رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقتىم. 1982-ژىلى 1-يانۋار بۇ رەسىمنى بېجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت بويىچە تۇنجا نوۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر گۆزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇردۇم. كۆرگەزمىدە بۇ رەسىم 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بېجىن مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى تەرىپىدىن ئەتىۋارلاپ ساقلاشقا ئېلىپ قېلىندى. 1982-ژىلى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەرىپەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى سىزىپ چىقتىم. بۇ رەسىمنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونلۇق مۇزېيى مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئىش ئۈستىدىكى رەسىمىنىڭ كۆچەرمىسى بىلەن قوشۇپ ساقلاشقا ئېلىپ قالغان ئېدى.
ئۆزبەكستان مۇستەقىل بولۇش ھارپىسىدا ئۆزبەكستاندىكى نوپۇسلۇق ژۇرنال – «سەنئەت»نىڭ 1991-ژىل 6-سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ، مۇقاۋىنىڭ 4-بېتىگە مەھمۇد قەشقەرىينىڭ، مۇقاۋىنىڭ 2-بېتىگە ئاماننىساخاننىڭ، مۇقاۋىنىڭ 3-بېتىگە «غېرىپ-سەنەم»نىڭ رەسىمىنى، ژۇرنالنىڭ مەركىزىي بېتىگە «مۇقام» ناملىق رەسىمىمنى، بۇنىڭدىن باشقا «كۇلالچى»، «ئوغلاق تارتىشىش»، «ناھەق ھۆكۈم» قاتارلىق رەسىملىرىمنى بېسىپ، مەزكۈر رەسىملەرگە ئاتاپ ئۆزبەك ئالىملىرى تېلەپ مەھمۇدوۋ بىلەن مۇھەممەد ھەمراېۋنىڭ «تارىخقا تازىم» ناملىق ئوبزورى ئېلان قىلىنغان ئېدى. ئوبزوردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد قەشقەرىيدىن ئىبارەت ئىككى ئالىمنىڭ رەسىملىرىنىڭ مۇۋاپپەقىيىتى مۇەييەنلەشتۈرۈلگەن ئېدى. بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغىنى «شىنجاڭ سەنئىتى» قاتارلىق ژۇرناللاردىمۇ ئېلان قىلىنغان ئېدى.
مەن مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئىش ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشىنى سىزغاندا، «ھەزرىتى موللام» مەقبەرىسىنىڭ مەھمۇد قەشقەرىينىڭ مەقبەرىسى ئېكەنلىگى تېخى تولۇق مۇەييەنلەشمىگەن ئېدى. 1983-ژىلى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خاتاسى، ئەينى زاماندىكى قەشقەر مەھكىمە شەرىينىڭ قازاسى، تارىخچى، شاىر ئىمىر ھۈسەين قازىاخۇنۇم جالالىدىن رۇمىينىڭ «مەسنەۋىي شەرىف» ناملىق كىتاۋىنىڭ بوش بېتىگە يېزىلغاڭ «ھەزرىتى موللام» مازىرىغا كىتاپ ۋەخپە قىلىش ھەققىدىكى يۈز نەچچە ژىل بۇرۇنقى ۋەخپىنامىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ژىللاردىن بېرى «ھەزرىتى موللام» نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بۇ مەقبەرە دەل مەھمۇد قەشقەرىينىڭ مەقبەرىسى ئېكەنلىگى نەتىجىدە، بۇ خۇش خەۋەر تارالغاندىن كېيىن ئاۋتونوم رايونىمىزدىلا ئەمەس، پۈتكۈل مەملىكىتىمىزدە مەھمۇد قەشقەرىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» توغرىسىدىكى تەتقىقات ئەۋج ئېلىپ، كۈندىن-كۈڭە چوڭقۇرلاشتى ۋە ژۇقۇرى پەللىگە كۆتىرىلدى. يازغۇچى پەرھات جىلاننىڭ «مەھمۇد قەشقەرىي» ناملىق تارىخىي رومانى ئېلان قىلىندى.
دېمەك، موشۇنداق تەتقىقات قىزغىنلىغىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەھمۇد قەشقەرىي توغرىسىدىكى چۈشەنچەمدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاش بولدى. مېنىڭ 1981-ژىلى سىزغىنىم ئالىمنىڭ ئىش ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشى ئېدى. بەزى مەنبەلەردە مەھمۇد قەشقەرىينىڭ 1005-ژىلى دۇنىياغا كەلگەنلىگى خاتىرىلەڭەنلىگى ئۈچۈن، 2005-ژىلى مەھمۇد قەشقەرىي تەۋەللۇدىنىڭ 1000 ژىللىغى بولىدۇ دەپ قارىلىپ، قەشقەردە مەھمۇد قەشقەرىي تەۋەللۇدىنىڭ 1000 ژىللىغى خاتىرىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە ژىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئېدى. 1981-ژىلى سىزغىنىم ئالىمنىڭ ئىش ئۈستىدىكى ھالىتى بولۇپ، ئۇ رەسىم ئەمەس ئېدى. ژىغىن زالىغا ئېسىش ئۈچۈن ئالىمنىڭ رەسىمى بولۇش لازىم ئېدى.
ئاۋتور ماقالىسىدا: «غازى ئەھمەد بۇرۇن ئۆزى سىزغان مەھمۇد قەشقەرىينىڭ رەسىمىگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئوبرازىنى بارلىققا كەلتۈردى» دېگەن. ئەمەلىياتتا ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس ئېدى. دەسلەپتە سىزغىنىم رەسىم ئەمەس، كېيىن سىزغىنىپ رەسىم ئېدى. ئالدىنقىسىدا ئالىمنىڭ بېشى تۆۋەنىرەك چۈشكەن بولۇپ، ئىككى كۆزى قولىدىكى يازمىغا تىكىلگەن، بارلىق زېھنى بىلەن تىل تەتقىقاتىغا بېرىلگەن كۆرۈنۈش بولسا، پورترېتتا ئالىم بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئەقىل-ئىدرەككە تولغان نەزىرىنى ئالدىدىكى جاماەتكە قاراتقان قىلىپ سىزىلغان. بۇ رەسىم ژىغىن سەھنىسىگە ئېسىلغاندا، ژىغىن زالىدا ئولتارغان ھەر قانداق بىر كىشى مەيلى زالنىڭ قايسى يېرىدە بولسۇن، ئالىم شۇ كىشىگە كۆز تىكىپ تۇرغان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. پېرسپېكتىۋ ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادەم باشنى تۆۋەڭە قارىتىپ تۇرغان ھالدىتى بىلەن بېشىنى ئۈستۈن كۆتىرىپ، ئالدىدىكى شەيىلەرگە كۆز تىككەن چاغدىكى ھالەتنىڭ ئوخشىمايدىغانلىغى چۈشىنىشكە بولىدىغان ئەڭ ئەقەللىي مەسىلە. مەن مەھمۇد قەشقەرىينىڭ رەسىمىنى سىزىشتا، ئالىمنىڭ ئالدىنقى رەسىمىدىكى قاۋۇل گەۋدىسى، باش شەكلى، يۈزىنىڭ كۈپتى، قاڭشىرى، ساقال-بۇرۇتى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي شەكلىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇنىڭ بېشىنى ئۈستۈن كۆتەرگەن چاغدىكى پېرسپېكتىۋلىق ئۆزگىرىشنى ئىپادە قىلدىم، خالاس. بۇ ئىككىسى ھەرگىزمۇ ئاۋتور ئېيتقاندەك بىر-بىرىگە زادى ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادەم ئەمەس. پەقەت ئۇنىڭ ھەرىكىتى ۋە بىزنىڭ كۆرۈش نۇقتىمىز ئوخشىمايدۇ، خالاس. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىككى رەسىم ئارىسىدا نازۇك پەرقلەرنىڭ بولۇشى تەبىىي. چۈنكى، بىرىنچى رەسىم سىزىلىپ، ئارىدىن توپ-توغرا 24 ژىل ئۆتكەندە ئىككىنچى رەسىم سىزىلدى. بۇ جەرىياندا مەن كۆپ تەكشۈرۈش ۋە ئىزدىنىشتە بولدۇم. كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئىككىنچى قېتىم سىزىلغىنى مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى مەھمۇد قەشقەرىي بولدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ چىرايىدىن سىلىق-سىپايە ئۆلۈما، ئەقىل-پاراسەتلىك مۇتەپەككۈر، دانىشمەن شاىر، قاش-كۆزلىرى چىرايلىق، كېلىشكەن ئۈيغۇر ئوغلىنى ئەكىس ئەتسە، مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئوبرازىدىن غەييۇر شاھزادە، ئىلمۇ-ئېرپاندا كامالەتكە يەتكەن زات ئېكەنلىگى بىلىنىپ تۇرغاندىن باشقا، ساغلام بەدەن، پۈتكۈل جىسمى كۈچ-قۇدرەتكە تولغان باھادىر ئېكەنلىگىنى ھىس قىلالايمىز. ئۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۆزىنى «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۈپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن» دېگەن ئېدى. دېمەك ئۇ قەلەمگىلا ئەمەس، ئەلەمگىمۇ ماھىر، ئۆز دەۋرىنىڭ باتۇرلىرىدىن ئېدى. مەھمۇد قەشقەرىي ئۆز ئەسىرىدە «ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن-ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىز قەبىلىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى خاتىرىلەپ چىقىپ ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى مېنىڭ تىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى» دېگەن ئېدى. موشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، «تۈركىي تىللار دىۋانى» بارلىق تۈركىي تىللىق خەلىقلەر ئىپتىخارلىنىدىغان ئورتاق بايلىقتۇر.
2009-ژىلى 18-ئاپرېل، ئۆزبەكستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆزبەكستان جۇمھۇرىيىتى خەلىقارىلىق مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشچىلىغى، ئۆزبەكستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەشكىللىشىدە مەھمۇد قەشقەرىي تەۋەللۇدىنىڭ 1000 ژىللىغىنى خاتىرىلەش بويىچە خەلىقارىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە ژىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئېدى. ژىغىندا ئۆزبەكستان جۇمھۇرىيىتى خەلىقارىلىق مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەىسى نەسرىددىن مۇھەمەدىېۋ ئېچىش نۇتقى سۆزلەپ: «مەھمۇد قەشقەرىي گەرچە ئۇيغۇر پەرزەندى بولسىمۇ، ئۇ 15 ژىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، تۈركىي تىلل\ئىدا سۆزلىشىدىغان ئەل-قوۋم ۋە قەبىلىلەر ئولتۇراقلاشقان يېزا-قىشلاق، ئىدىر-ئايماقلارنى تۈگەل ئارىلاپ، تىل بايلىقلىرىنى توپلاپ سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تىلىمىزنى قوغداپ قالدى. موشۇ نۇقتىدىن بىز (تۈركىي تىللار دىۋانى)نى ئورتاق بايلىغىمىز دەپ قارايمىز…» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ئورگىنى 2008-ژىلى «مەھمۇد قەشقەرىي ژىلى» دەپ نىشانلىغان ئېدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېجىن، ئۈرۈمچى، قەشقەر شەھەرلىرىدە، قازاقستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە، تۈركمەنستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتتا، ئۆزبەكستان پايتەختى تاشكەنتتە، تۈركىيەدە مەھمۇد قەشقەرىي تەۋەللۇدىنىڭ 1000 ژىللىغى تەنتەنىلىك خاتىرىلەندى. ئەينە شۇ تەنتەنىلىك ژىغىن سەھنىلىرىگە مەھمۇد قەشقەرىينىڭ 2005-ژىلى مەن سىزغان رەسىمى چوڭايتىپ ئېسىلدى.
ئاۋتور ماقالىسىدا: «…مەركىزىي ئازىيادا… قازاق قىياپەتلىك مەھمۇد ۋە يۈسۈپلەر، قىرغىز سىمالىق مەھمۇد ۋە يۈسۈپلەرنىڭ سىزما رەسىمى مەيدانغا چىقىپ، دۇنىياغا تارقىتىلدى. ھەتتا پۇللارغا چۈشۈرۈلۈپ، ئۇلارغا كاتتا ئورۇن بېرىلدى. بىز بۇ ئەللەرگە ۋە رەسساملارنىڭ تىرىشچانلىغىغا رەخمەت ئېيتىمىز، ئۇلارغا ژۇقۇرى دەرىجىدىكى قەدىرلەش نەسەبى بەرگەنلىگىدىن ئىپتىزارلىق ھىسسىياتىدا بولىمىز… ھازىر كىشىلەر قازاق قىياپەتلىك، قىرغىز قىياپەتلىك، ئۆزبەك قىياپەتلىك، ئۇيغۇر قىياپەتلىك مەھمۇد ۋە يۈسۈپ بىلەن ئۇچرىشىپ… تېنەپ-تەنتىرەپ قالدى» دەيدۇ.
مەن قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك قىياپەتلىك مەھمۇد ۋە يۈسۈپلەرنى ھەم بۇلارنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن پۇللارنى كۆرمىدىم.
2008-ژىلى ئوكتيابردە شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ يېڭى نەشىرى (مۇكەممەل نۇسخىسى)دە، مەن 2005-ژىلى ئىجات قىلغان مەھمۇد قەشقەرىينىڭ رەسىمى ئېلان قىلىندى. بۇ رەسىم بارلىققا كەلگەندىن بۇ يان دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەردىكى كۆپلىگەن كىتاپ-ژۇرنال مۇقاۋىسى، كالېندار، خاتىرە بۇيۇمىدا زاھىر بولدى، خاتىرە زناكلار ئىشلىنىپ تارقىتىلدى. ئالىمنىڭ ساقال-بۇرۇتى ئاساسەن قارا بولسىمۇ، ئۇنىڭ ياش-قۇرامىنىڭ ئەللىكتىن ئاللىبۇرۇن ئاشقانلىغى بىلىنىپ تۇراتتى.
ئاۋتور ماقالىسىدا يەنە فاكتقا ھۆرمەت قىلماي «ئۇيغۇرلۇق ۋە چىنلىق ئىپادە قىلىنمىغان باشقا بىر ئوبرازنىڭ تارىزىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇق ئىككى ئالىمىمىزنىڭ ئوبرازىنىڭ ئورنىنى ئېگىلەۋېلىش سۈكۈت قىلىدىغان ئىش ئەمەس»، «…ئۇ، مەھمۇد قەشقەرىيگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ. بۇ رەسىمدىن مەھمۇد قەشقەرىينىڭ روھى قورۇلماي قالمايدۇ…» دەيدۇ. مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرىيدەك ئالىملىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىش يولىدا خېلە كۆپ جاپا چەككەن بولساممۇ، يېقىنقى ژىللاردىن بېرى بۇ ئەسەرلەر دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەردىكى نۇرغۇنلىغان كۆرەرمەننىڭ مۇەييەنلەشتۈرۈشى، قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىگىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ھادۇغۇم چىققاندەك ھىس-تۇيغۇغا كەلگەن ئېدىم. ئاۋتورنىڭ ماقالىسىدىكى «…باشقا بىر ئادەمنىڭ ئوبرازى بىزنىڭ ئالىملىرىمىزنىڭ ئوبرازىنىڭ ئورنىنى ئېگىلەۋالدى…»، «ئالىملىرىمىزغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش بولدى…» دېگەنلىرىدىن ھەيران قالدىم. ئامما ئىش يۈزىدە مەن بۇ ئالىملارنىڭ رەسىملىرىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئاپىرىن ئوقۇشىغا ئېرىشتىم.
ئاۋتور ماقالىسىدا ئىلگىرى سۈرگەن ئەڭ مۇھىم پىكىر پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئىككى ئالىمنىڭ رەسىملىرى مۇكەممەل ئەمەس، مۇكەممەل ئوبرازنى يارىتىش كېرەك دېگەندىنلا ئىبارەت. شۇڭلاشقا ئۇ ماقالىسىدا «مۇكەممەل» ئىبارىسىنى سەككىز قېتىم تەكرارلىغان. «مۇكەممەل» – ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، بۇ، «كام-كوتىمىز»، «تەلتۆكۈز»، «قىل سىغمايدىغان»، «تاكامۇللاشقان» دېگەڭە ئوخشاش مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. مەن ئىلگىرى يازغان ماقالەمدە «كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولغان بۇ پورترېتلار ئالىملارنىڭ رېال ئوبرازى ئەمەس، بەلكى رەسسامنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى غايەۋىي ئوبرازدىن ئىبارەت» دېگەن ئېدىم. موشۇ مەنادىن ئېيتقاندا، ئاۋتورنىڭ «مۇكەممەل» بولۇشنى تەلەپ قىلىشى ئىلمىي پوزىسىيا ئەمەس. ئەگەر ئۇ رېال ئوبراز بولغان بولسا، ئۇنىڭغا «مۇكەممەل» دېگەن تەلەپنى قويۇش توغرا بولاتتى.
ئاۋتور ماقالىسىدا يەنە «ئالىملارنىڭ باش سۈيىگىنى قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ قىياپىتىنى تۇرغۇزۇپ، ئاندىن سەنئەت جەھەتتىكى تولۇقلىمىلارنى قىلساق…» دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىلگىرى مەن بۇ ھەقتە توختالغان ئېدىم. ھازىر بۇ مەسىلىنى تەكرار ئىزاھەتلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتىمەن. تارىختا ئۆتكەن بەزى رەسساملار بۇ خالدىكى زاتلارنىڭ رەسىمىنى سىزغاندا، ئۇلارنىڭ باش سۈيەكلىرىدىن پايدىلانغان. مەسىلەن، 1951-ژىلى ئەبۇەلى ئىبىن سىنا، ئەمىرتېمۇر كۆرەگانىي، ئۇلۇغبېكلارنىڭ جەسەتلىرىنى يېڭىدىن قۇرغان ھەمەدان گۆرستانلىغىغا يۆتكىگەن چاغدا، ئىرانلىق فوتوگراف سەىد نەفىسىي ئۇلارنىڭ باش سۈيەكلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان ئېكەن. 1956-ژىلى رۇس رەسسامى مىخاىل مىخاىلوۋىچ گراسىموۋ مانا شۇ باش سۈيەكلىرىنىڭ سۈرەتلىرىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزىپ چىققان ئېدى. بۇ خىل ئىزدىنىش روھىنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. بىراق، سەنئەت ئاناتومىياسى ئىلمىنى ئاساس قىلغاندا، سۈيەك ئۈستىدە پەي، مۇسكۇل، قان تومۇر، نېرۋا قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە تېرە قاتلىمى، ئۇنىڭ ئۈستىدە چاچ، ساقالغا ئوخشاشلار جايلاشقان بولىدۇ. باش سۈيىگىنىڭ ئۆزى ئادەمنىڭ بېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى، يۈزىنىڭ سوزۇنچاق ياكى يۇمىلاق ئېكەنلىگى، مەڭزىنىڭ ئېگىز ياكى پەسلىگى، قاڭشىرىنىڭ ئېگىز-پەسلىگىگە ئوخشاشلارنى كۆرسىتىپ بېرەلىسىمۇ، ئادەمنىڭ ئوبرازىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئەزا ھېساپلىنىدىغان قاش-كۆز، ئېغىز-بۇرۇن، قۇلاق، ئۈز، بويۇن شۇنىڭدەك ساقال-بۇرۇت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، بولۇپمۇ بۇ ئادەمنىڭ خۇلۇق-مۈجەزى، خاس خاراكتېرى، يەنى بۇ ئالىممۇ ياكى زالىممۇ؟ – دېگەندەك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كۆرسىتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ ئالىملارنىڭ تەۋەررۈك ئۇتىخانلىرىنى ئورنىدىن قوزغاشنى لايىق كۆرمىگەن ئېدىم. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆتكەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى مسەشھۇر زاتنىڭ رەسىملىرىنى سىزغاندا قەبىرلىرىنى كولىغان ئەمەس.
ئاۋتور ماقالىسىدا ئالىملارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، جۈملىدىن بېشىدىكى سەلىسىگە پىكرى بارلىغىنى بايان قىلغان.
ئالىملىرىمىزنىڭ ھەر ئىككىلىسى يالغۇز قەلەمدىلا ئەمەس، ھەربىي ئىلىمدىمۇ كامالەتكە يەتكەنلىگى راست. بۇ دېگەنلىك ئالىملار ئوردا ئىچىدىمۇ زامان ۋە ماكان بىلەن ھېساپلاشماي جەڭ كىيىملىرىنى كىيىپ ژۈرۈشى كېرەك دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئاۋتورنىڭ بۇ ئالىملارنىڭ رەسىمىنى ئۇچىسىغا ساۋۇت، بېشىغا دۇبۇلغا كىيگەن ھالەتتە سىزىشنى تەلەپ قىلىشى ھەرگىز ئەقىلگە سىغمايدۇ. ئۇچىسىغا ساۋۇت، بېشىغا دۇبۇلغا كىيگەن كىشى يېنىغا قىلىچ (خەنجەر) ئېلىپ، قولىغا نەيزە بىلەن قالقان ياكى ئۈمۈت بىلەن گۈرزە ئېلىشى لازىم بولىدۇ.
مەن ئۆزبەكستان دۆلەتلىك مۇزېيدا ئوتتۇرا ئەسىرگە، ھەتا قاراخانىيلار خانلىغىغا تەەللۇق قاۋۇت، دۇبۇلغا، ئۈمۈت، نەيزە، قالقان، گۇرزىلەرنى كۆردۈم. شۇ دەۋىردىكى ئەشۇ بىر ژۈرۈش ھەربىي كىيىمنىڭ ئېغىرلىغى 40–50 كىلوگرام كېلىدېكەن. مۇنداق كىيىملەر پەقەت جەڭ ئۈستىدىلا كىيىلىدۇ. ئاۋتورنىڭ ئالىملارغا ئەشۇنداق جەڭ كىيىملىرىنى كىيدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ.
مەن 1986-ژىلى بېجىندا مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دايىمىي كومىتېتىنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇاۋىن باشلىغى سەيپىدىن ئەزىزىينىڭ ئۆيىدە 15 كۈن يېتىپ-قوپۇپ «سۇتۇق بۇغراخان» رومانىنىڭ قىستۇرما رەسىملىرىنى سىزغان ئېدىم. بۇ جەرىياندا سەيپىدىن ئەپەندىمنىڭ كىتاپخانىسىدىن قاراخانىيلار خانلىغىغا داىر رەسىملىك كىتاپلارنى تاللاۋېلىپ، رەسىم سىزغاندا پايدىلانغان ئېدىم. روماندا تەسۋىرلەڭەن سەركەردىلەرنىڭ جەڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ھەتتا ئارغىماقلارنىمۇ ئوق ۋە نەيزىلەردىن قوغدىنىدىغان يېپىنچىلار بىلەن ئوراپ، يە ئۆلۈم، يە كۆرۈم دەپ قوچاقلاشما جەڭ قىلغان كۆرۈنۈشلەرنى سىزغان ئېدىم. ئۇ، ئوردا ئىچى ئەمەس، بەلكى جەڭ مەيدانلىرى ئېدى.
ئاۋتور ماقالىسىدا: «ئالىملار… بېشىغا قارا يامغۇر ۋە ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قارا ئىپەك كۈنلۈك تۇتۇلۇشى كېرەك ئېدى» دېگەن. بۇ يەردە ئاۋتور ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ تالا-تۈزشە چىققاندا، ئاممىۋىي سورۇنلارغا بارغاندا ياكى شىكارغا چىققاندا بېشىغا كۈنلۈك (سايىۋەن) تۇتقۇزىدىغانلىغىنى، ئوردا ئىچىدە بولسا مۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇغىنى ئويلىمىغان. ئاۋتور يەنە: «بىز تارىخىي شەخسلەرنىڭ رەسملىرىنى سىزغاندا، ئۇلارنىڭ بېشىغا سەلە ئورىمىساق ئوبراز يارىتالمامدۇق؟» دەپ سوال قويغان. بۇ سوالغا قارىغاندا، مەن سىزغان مەھمۇد قەشقەرىينىڭ دەسلەپكى رەسىمىنى ئاۋتور كۆرمىگەن ئوخشايدۇ. مەن مەھمۇد قەشقەرىينىڭ دەسلەپكى رەسىمىنى سىزغاندا، ئۇنىڭ بېشىغا سەللە ئورىمىغان ئېدىم. چۈنكى بۇ ئالىمنىڭ ئىش ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشى ئېدى. سەللە-باش كىيىم كاتېگورىياسىگە كىرىدۇ. بۇنىڭدىن خېلە بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار بېشىغا سەللە ئوراپ ئادەتلەڭەن. سەللە باي-كەمبەغەللىكنىڭ ياكى ئەمەلدار بىلەن پۇخرانىڭ ئايرىمىسى ئەمەس. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 10 ژىللار ئىلگىرى تارتىلغان فوتو سۈرەتلەردىن مەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتلىرى يالاڭ ئاياق، كىيىملىرى جۇل-جۇل بولسىمۇ بېشىدا سەلە بارلىغىنى كۆرگەن.
ئۇيغۇرلاردا كىيىم-كېچەك كىر بولسا بولىدۇكى، ئۇلار سەللىسىنى ھەرگىز كىر قىلمايدۇ. سەللە قاچانلا بولمىسۇن ئاپاق تۇرىدۇ. بىز بەش-ئالتە ياش ۋاقىتلىرىمىزدا چوڭلار ئاساسىي جەھەتتىن بېشىغا سەللە ئوراتتى. توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ھېيت-ئايەملەردىلا ئەمەس، بەلكى جاماەت توپلانغان سورۇنلارمۇ خۇددى ئاقبالداق ئېتىلغاندەك كۆرۈنەتتى. تارىختا ئۆتكەن شاھلارنىڭ رەسىملىرىگە قارىسام، ھەممىسىنىڭ بېشىدا سەللە بار ئېكەن. شاھلار، ساھزادىلەر، ۋەزىر-ۋۇزرالار ئاىلىسىدە تاماققا ئولتۇرغاندا، ئارام ئالغاندا، ئۇخلىغاندا بېشىدىكى سەللىسىنى قوزۇققا ئاسىدۇ. ئۇلار سورۇنغا چىققاندا، مېھمان قوبۇل قىلغاندا، تەختتە ئولتارغاندا، ئەمىر-پەرمان چۈشەرگەندە، ۋەز-نەسىھەت قىلغاندا بېشىغا سەللە ئورايدۇ. بۇ، شۇ سورۇننىڭ ھۆرمىتى، مېھماننىڭ ھۆرمىتى، جاماەتنىڭ ھۆرمىتى بولۇپ، سەللە بىلەن ئوتتۇرىغا چىققاندا ئادەم تېزىمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ.
سەللىنىڭ پەتلىسى توغرىسىدا ئاۋتور ماقالىسىدا «بۇ، مەزھەپنىڭ بەلگىسىمۇ؟» دەپ سوال قويغان. بەزىلەر «سەللىنىڭ پەتلىسىنى نامازغا تۇرغاندىلا تۆۋەن چۈشۈرۈپ، نامازدىن كېيىن ئۈستىگە قىستۇرۇپ قوياتتى» دېيىشكەن. بۇ مەسىلىگە مەن 2005-ژىلى قەشقەردىكى ئىلمىي مۇھاكىمە ژىغىندا قاناەتلىنەرلىك جاۋاپ بەرگەن ئېدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ سىزغىنىم ھازىرقى ئىمام-مەزىنلەر ئەمەس، بەلكى خى ئەسىردىكى ئالىملار. شۇ دەۋىردىكى سەللىنىڭ پەتلىسىنىڭ قانداق تۇرىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئون نەچچە پارچە تارىخىي رەسىمنى كۆپچىلىككە بىر-بىرلەپ كۆرسەتكەن ئېدىم. بۇنى كۆرگەن كۆپچىلىك قايىل بولغان ئېدى.
ژۇقۇرىدا ئاۋتورنىڭ ئىككى ئالىمنىڭ رەسىملىرى توغرىسىدىكى ماقالىسى ئۈستىدىلا توختالدىم. مەن ئەسلىسەم، ژۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئالىمدىن باشقا، تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن مەشھۇر سەخس ۋە زاتنىڭ رەسىملىرىنى سىزىپتىمەن. بۇلار: باتۇر تەڭرىقۇت، ئەبۇ نەسىر فارابىي، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، ئەخمەت يۈگنەنىي، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانىي، ئاماننىساخان، غېرىپ-سەنەم، لەيلى-مەجنۇن، رابىيە-سەدئىن، نەسىردىن ئەپەندى، سەلەي چاققان، موللازەيدىن، تەجەللىي، ئەخمەتجان قاسىمىي، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، نىمشېھىت ئەرمىيا ئەلى داموللا سايرامىي، تېيىپجان ئېلىېۋ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زۇنۇن قادىرىي، زىكرىي ئەلپەتتا رەسىملىرىدىن ئىبارەت. بۇ رەسىملەر ئىچىدە مەن يۈز كۆرۈشكەن، ھەمسۆھبەت بولغان ھەمدە ئاساسلىنىدىغان فوتو سۈرەت-رەسىملىرى بار بولغانلىرىنى نىسبەتەن مۇكەممەل دېگىلى بولسىمۇ، باشقىلىرىنى مۇكەممەل رەسىم دېگىلى بولمايدۇ.

ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتىدىن.