خەلىق بىلەن زىيالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە بورچ

ئىسرايىل تۇردى

خەلىق بىلەن زىيالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە بورچ
خەلىق بىلەن زىيالىلار ئوتتۇرىسىدا ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشتەك زىچ مۇناسىۋەت بولىدۇ. پەرزەنت ياراملىق، كۆيۈمچان بولسا ئانا بەختىيار بولغاندەك، ساپالىق زىيالىلار قوشۇنى بولغان خەلىقنىڭ مەدەنىيىتى ژۇقۇرى، ئالدىن كۆرەر، جاسۇر، ئۈمۈتۋار، غۇرۇرلۇق بولىدۇ. زىيالىيلار قوشۇنى يېتىلمىگەن ياكى ئاجىز بولغان خەلىق توپى، دەۋىر دوخمۇشىدىكى ھەر بىر ئىجتىماىي ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتى دەرھال چۈشىنەلمەي، دەۋىر تەرەققىياتىنىڭ تۈپ تەلىۋى توغرا تونالماي، قوللاش، قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقتىن كېلىپ چىققان تەمتىرەش ئىلكىدە ھەممىگە ئېتىۋارسىز قارايدىغان پاسسىۋ ھالەتتە كۈن ئۆتكۈزىدۇ.
زىيالىيلارنىڭ جەمىيەت تەرەققىيات يولىدىكى رولى ۋە قىممىتى ھەر خىل سۈپەتلەپ، قۇشنى پەرۋاز قىلدۇرىدىغان قاناتقا، مېۋىنى سېرىن قىلىدىغان سىرنىغا، كۆتەكنى قوزغىتىدىغان پىشاڭغا، نىشاننى كۆرسىتىدىغان كومپاسقا ئوخشىتىپ كۆپ تەرەپلىمە تەرىپلىسەك ھەرگىز مۇبالىغا بولمايدۇ. چۈنكى، خەلىققە يول كۆرسىتىدىغان باشلامچى سەركەردە، خەلىقنىڭ مۈشكۈلىنى ئاسان قىلىدىغان دانىشمەن، ماددىي ۋە مەنىۋىي قىممەت يارىتىدىغان بىردىن بىر كۈچ زىيالىيلار قوشۇنىدۇر. ئۇنداق ئېكەن، زىيالىي ئاتالغان كىشىلەردە شۇ نامغا لايىق ساپا بولۇشى كېرەك. «ساپا» – دېگەنلىك يالغۇز بىلىم ئېگىلەشلا ئەمەس، يەنە خەلىققە ئۈلگە بولىدىغان ئەخلاق-پەخىلەتنى يېتىلدۈرگەن بولۇشى، ئەڭ مۇھىمى – ھەممىنى خەلىق مەنپىيىتىگە بېغىشلىغان توغرا، تەۋرەنمەيدىغان مۇددىاغا ئېگە بولۇشى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى «بىلىم» نەگىلا ئىشلەتسە بولىدىغان قۇرال بولۇپ، مۇددىا توغرا بولسا شۇ بىلىم ئارقىلىق خەلىقنى تەربىيەلەپ قۇدرەت تاپقۇزۇشقا، زۆرۈر بولغاندا شۇ قۇرال ئارقىلىق خەلىقنى قوغداپ بەخىت ئاتا قىلىشقا بولىدۇ. مۇددىا توغرا بولمىسا خىلمۇ خىل توزاق، قاپقانلارنى قۇرۇپ خەلىققە زۇلۇم قىلىدىغان، ھەتتا كاللا كېسىدىغان قىلىچ ئورنىدا ئىشلىتىپ خەلىققە بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ھەقتە ناھايىتى نۇرغۇن مىساللارنى كۆرسىتىش مۈمكىن. مەسىلەن: ئوتتۇرا ئەسىردە دۇنىيانى زىل-زىلىگە سالغان چىڭگىزخان بىلىمنى قىلىچ ئورنىدا ئىشلىتىپ قان تۆكتى. نۇرغۇنلىغان شەھەر-يېزىلارنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ مۇددىاسى خاتا بولغاچقا ئۆزى قاسساپقا، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن خەلىق قويغا ئوخشاپ قېلىپ، شۇ قەدەر قۇدرەت تاپقان موڭغۇل ئىمپېرىياسى ھالال بولۇپ، موڭغۇل دۆلىتى مۇنقەرىز بولدى. موڭغۇل خەلقى تەرەپ-تەرەپلەرگە چېچىلىپ مىسلىسىز كۈلپەتلەرنى تارتتى
20-چى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۇنىيانى يەنە بىر قېتىم زىل-زىلىگە سالغان گىتلېرمۇ پەۋقۇلاددە ئىقتىدارلىق شەخس ئېدى، بىراق ئۇنىڭمۇ مۇددىاسى خاتا بولغاچقا مىللىونلىغان ئىنسانلارنىڭ قېنى تۆكۈشكە سەۋەپ بولدى. ئۆزى «فاشىست» ئاتىلىپ، ئەقىل-پاراسەتلىك نېمىس خەلقىگە ۋە شۇ دەۋىردە پەن-تېخنىكا ھەم مەدەنىيەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان گېرمانىيا دۆلىتىنىڭ تارىخىدا ژۈرۈپ بولمايدىغان قارا داغ قالدۇردى.
ئۆز ئەتراپىمىزدىكى ۋاقىەلەرنى مىسالغا ئالساق، ھىدايتۇللا ئاپپاق غوجا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇ دەۋرىدىكى ئۇمۇمىي ئەھۋالىنى پىششىق تەتقىق قىلىپ ئۈلگۈرگەن سەزگۈر، ئىختىدارلىق شەخس ئېدى. بىراق نىيىتى بۇزۇق، تەبىىتى پەس بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنىياسىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان دىنىي ئېتىقاتىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي مەزھەپچىلىكتىن ئىبارەت بۆلگۈنچىلىك ئوتىنى تۇتاشتۇرۇپ، جەڭگى-جېدەللەرنى تېرىپ، خەلىقنى ئىختىسادىي ۋە روھىي جەھەتتە نەچچە 100 ژىللىق مادارىدىن كەتكۈزۈپ سەىدىيە خانلىغىنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەپكار بولۇپ، ئۆزى ئەبەدىيلىك لەنئەتكە قالدى.
ژۇقارقىلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، خەلىقنىڭ زىيالىيسى بولۇش ئۈچۈن يالغۇز بىلىم ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشلا ئەمەس، يەنە توغرا مۇددىادا ئىش كۆرۈشنى مۇقەددەس دەپ تونۇيدىغان ئاڭ بولۇشى لازىم. بۇنداق ئاڭغا ئېگە بولۇپ، بۇنداق ئىرادىنى تىكلەش ئۈچۈن زىيالىلار ئۆزلىرىنىڭ بورچى نېمە ئېكەنلىگىنى ئېنىق بىلىش لازىم. ئۇنداقتا «بورچ» دېگەن نېمە؟
بۇ سوالنىڭ جاۋاۋى ئورنىدا مەرھۇم رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمنىڭ مۇنداق بىر سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.
ئەخمەتجان قاسىمى 1946-ژىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەدەنىيەت كلۇبىدا ئېچىلغان «زىيالىي ياشلار زور ژىغىنى»دا سۆزلىگەن «زىيالىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىلىرى ۋە ئالدىمىزدىكى سايلام» تېمىلىق نۇتقىدا «….مىللەتنىڭ قايغۇسىغا قايغۇرىدىغان، مىللەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان، مىللەت ئۈچۈن ئېچىنىدىغان، مىللەت دېگەن چاغدا جاننى قۇربان قىلىشقا ھازىر تۇرىدىغان، مىللەت ئىشقىدا يانغان ئالدىنقى سەپتىكى ئاڭلىق مىللەت دەرتمەنلىرى زىيالىلىرىمىزدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. ئەخمەت ئەپەندىم ئەينى ۋاقىتتىكى زۆرۈرىيەتنى ناھايىتى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ «مىللەت» نامى بىلەن سۆزلىگەن بولسىمۇ، بۇ يەردىكى «مىللەت» يەنىلا خەلىقنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنى ژىغىنچاقلىغاندا، زىيالىلار بارلىغىنى خەلىققە بېغىشلاشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى چۈشەندۈرىدۇ. زىيالىلار موشۇ نۇقتىنى تولۇق تونۇپ يەتسە، زىيالىلارنىڭ رولى جارىي قىلىنىشنىڭ ئالدىنقى بىرىنچى شەرتى ھازىرلانغان بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭ بىلەنلا ھەممە ئىشلار ژۈرۈشۈپ كەتمەيدۇ. مەخسەتكە تولۇق يېتىش ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم شەرت، يەنى، زىيالىلار بىلەن خەلىق ئاممىسى ئارىسىدا بىر-بىرسىنى قوللاش، بىر-بىرىنى ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەت زىچ مۇناسىۋەت مۇكەممەل ئورنىتىلغان بولۇشى كېرەك. ئەخمەت ئەپەندىم زىيالىلار بىلەن خەلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە زىيالىلارنىڭ قىممىتى توغرىسىدا توختىلىپ، زىيالىلارنى «مىللەتنىڭ قايمىغى» دەپ تەرىپلىگەن. سۈت بولمىسا قايماق موجۇت بولمايدۇ، قايماق ئايرىۋېتىلسە سۈتنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. دېمەك، خەلىق بىلەن زىيالىلار بىر-بىرىنى تولۇقلاپ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ شۇ ئارقىلىق موجۇتلۇقنى ساقلاپ تۇرىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش زۆرۈركى، خەلىق بولمىسا زىيالىلار موجۇت بولمايدۇ. زىيالىلارنى خەلىق يېتىلدۈرىدۇ. دېمەك، خەلىق ئانا، زىيالىلار زەلىقنىڭ پەرزەندى ھېساپلىنىدۇ. ئۇنداق ئېكەن «پەرزەنت» ھېساپلانغان زىيالىيلار «ئانا» ھېساپلانغان خەلىققە چىن ئىخلاسى بىلەن سەمىمىي خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ بورچى دەپ تونۇسا، شۇنداقلا «ئانا» ھېساپلانغان خەلىقمۇ زىيالىيلارغا خۇددى ئۆز پەرزەنتلىرىگە بولغان ئانىلىق مېھرى بىلەن مۇامىلە قىلىپ، يېقىندىن قوغلاش، قوللاش ئارقىلىق زىيالىيلارغا ئارقا تېرەك بولىدىغان ئاڭغا ئېگە بولسا، مەدەنىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا ئۇل ھازىرلانغان بولىدۇ.
بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىمىز ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئۆتمۈشتە قانداق بولغانلىغىنى كۈزەتسەك ماھمۇد قەشقەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەخمەت يۈگنەكىي، ئەلىشېر ناۋاىي، زېلىلىي… قاتارلىق ئالىم، ئەدىپلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ زىيالىيلىق بورچىنى شۇ قەدەر يۈكسەك ھالدا تۇنۇپ يېتىپ خەلقىمىزگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىپ بەردى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش لازىمكى، بۇنىڭدىن 800 ژىل بۇرۇن ئۆتكەن ئەخمەت يۈگنەكىي ئۆزىنىڭ تۇغما ئەمالىغىغا قارىماي خەلىقنى تەربىيەلەش ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، زور تەربىيەۋىي ئەھمىيەتكە ئېگە «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق كىتاۋىنى يېزىپ خەلىققە سۇندى. (موشۇنداق ژۇقۇرى سەۋىيەلىك ئەسەرنى يازغان ئەدىپنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بولۇشى مۈمكىن. لېكىن بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلمىگەن) مانا بۇلار خەلىقنىڭ «پەرزەنتى» بولۇشتەك مەجبۇرىيىتى ھەقىقىي ئادا قىلغان زىيالىيلىرىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى قانداق بولغان؟ خەلىق ئۇلارغا قانداق مۇامىلە قىلغان؟ ئارىدا ئۇزاق ژىللار ئۆتكەننىڭ ئۈستىگە بىز تارىخىمىزدا نەچچە نوۋەت يېزىق ئۆزگەرتكەنلىگىمىز ھەم تارىخنىڭ ھەر دوخمۇشىدا يازما ئەسەرلىرىمىز يېنىش-يېنىش كۆيدۈرۈلگەنلىگى سەۋەپلىك شۇ دۆلەتلەردە خەلىق بىلەن زىيالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قانداق بولغانلىغى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئېگە بولمىساقمۇ، «ھەزرىتى موللام مەۆبەرىسى» نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان قەبىردە ياتقان زاتنىڭ ماھمۇد قەشقەرىي ئېكەنلىگىنى 1000 ژىلدىن كېيىن ئاران بىلگەنلىگىمىزدىن قاراپ، خەلقىمىز ئۆز زىيالىلىرىغا ئازدۇ-تولا ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قارىغان بولسىمۇ، تازا دېگەندەك قەدىرلىدى دەلەلمەيمەن.
ژۇقارقىلار بىز ئېنىق جاۋاپ بېرەلمەيدىغان ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بىر مىسال. ئەندى يېقىنقى دەۋىرگە نەزەر سالساق، 20-چى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۆتكەن ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، ل. مۇتەللىم… قاتارلىق زىيالىلىرىمىز بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىپ پۈتۈن ئۆمرىنى خەلىقنى ئويغىتىش، مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈشكە بېغىشلاپ ئۆز بۇرچىنى ئاشۇرۇپ ئادا قىلدى. خەلىق ئۇلارغا قانچىلىك ماسلاشتى، قانچىلىك قوللىدى، قانچىلىك قوغدىدى؟ ئەگەر خەلىق ئاممىسى ئۇلارنىڭ ئارقا تىرىگى بولىدىغان بولسا رەزىل كۈچلەرگە سېتىلغان ئەخمەت مەزىن، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاجەتخانىدا ئولتارغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرۈشىدەك رەزىل قاتىللىقنى قىلىشقا پېتىنمىغان بولاتتى، قۇتلۇق شەۋقى ھاك سۈيىدە تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈلمىگەن بولاتتى، مەمتىلى تەۋپىق ئوتتا كۆيدۈرۈلمىگەن بولاتتى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنى روزى موللا تۇتۇپ بېرىپ قىلىچ بىلەن چېپىلمىغان بولاتتى، ھېكىمنۇرنىڭ ساتقۇنلۇغى بىلەن ل. مۇتەللىپ جادۇدا توغرالمىغان بولاتتى. ئەگەر خەلقىمىزدە زىيالىلارنى قوغدايدىغان ئاڭ يېتىلگەن بولسا، جەمىيەتتە زىيالىلارنى قوغدايدىغان ئاڭ ئارقىسىدا ئۇلارنى قوغدايدىغان خەلىق بار دېگەن قاراش شەكىللەڭەن بولسا، ئاز ساندىكى ساتقۇنلار زىيالىلارغا ژۇقارقىدەك زىيانكەشلىك قىلمىغان بولاتتى. بىراق، ئۇنداق بولمىدى، ساتقۇنلار غالىپ كېلىپ مەشھۇر زىيالىيلىرىمىز نابۇت بولۇش بىلەنلا قالماي، پۈتۈن زىيالىيلار قوشۇنى ئېغىر زەربە يېدى، چۈشكۈنلەشتى.
زىيالىيلار قوشۇنى چۈشكۈنلەشكەن مىللەت – روھى ئۆلگەن خەيىپ مىللەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا زىيالىلارنى يېتىلدۈرۈش ھەم قوغداشقا خۇددى ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇققا كۆڭۈل بۆلگەندەك ئالاھىدە نەزەر بىلەن قارايدىغان ئاڭ ئۇمۇملاشقان بولۇشى لازىم ئېكەن. بىراق بىزدە ئۇنداق بولماپتۇ. مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، بىزنىڭ مىللىتىمىزدە ئۆتمۈشتىن تا ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مۇنداق بىر يېتەرسىزلىك خېلە ئېغىردەك قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ زىيالىلىرىمىزغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىگە بولغان ھۆرمەت قارىشىمىز سۇس بولغاندەك، ئەجداتلىرىمىزنىڭ قالدۇقۇپ كەتكەن تەلىماتلىرىغا ئېتىۋارسىز قاراپ، ئۇلارغا دېگەندەك ۋارىسلىق قىلالمىدۇق، شۇڭا دۇنىياۋىي تەسىرگە ئېگە «قۇتادىغۇنىڭ»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ نامىلا پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ يادىدا ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەسەرنىڭ ئۆزى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، مۇتلەق كۆپ كىشىلەر بۇنىڭدىن بېخەۋەر قېلىپ، ئارىدا نۇرغۇن ژىللار ئۆتۈپ كەتتى. مانا بۇ بىزدىكى «ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق» دېگەندەك ئۆز زىيالىلىرىمىزنى قەدىرلىمەسلىك، ئۆز مەدەنىيىتىزنى مەنسىتمەسلىكتەك ئىللىتىمىزنىڭ يامان ئاقىۋېتى ئېدى. ھېلىمۇ ياخشى بۇنىڭدىن خەۋەردار ئويغاق زىيالىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىغىغا قارىماي، كۆپ ژىللار داۋامىدا جاپالىق ئىزدىنىپ، ژۇقارقى كىتاپلارنىڭ چەت ئەللەردە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى تىل-يېزىغىمىز بىلەن قايتا ۋۇجۇتقا چىقاردى. بۇ، بىز ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل زور ئىش بولدى. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ كىتاپلارنى قايتا ۋۇجۇتقا چىقارغان زىيالىلارمۇ خۇددى ئەشۇ كىتاپلارنىڭ ئەسلى ئاۋتورلىرىدەك قەدىرلىكتۇر. چۈنكى، بىز ئەشۇ ئەسەرلەر ئارقىلىق تارىخىمىز، تارىختىكى مەشھۇر ئالىملىرىمىز، ئۆتمۈشتىكى مەدەنىيىتىمىز بىلەن قايتا تونۇشۇپ پەخىرلەندۇق، ئالقىشلىدۇق. بۇ ھەقىقەتەن ئالقىشلاشقا ئەرزىيدىغان زور ئۇتۇق ئېدى.
مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، زىيالىلار قوشۇنى جەلىپكار كوزېر بولۇپ، مۇنداق ئىككى خىل مۇددىادا ئىككى تەرىپتىن كۈزىتىپ تۇرىدېكەن. ئۇنىڭ بىر تەرىپى – خەلىق ۋە خەلىقپەرۋەر ھاكىمىيەت پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۈمۈتىنى ئەشۇ زىيالىلارغا باغلاپ، ئۇلارنى ئەتىۋارلاش ۋە ھۆرمەتلەش نەزەرى بىلەن كۈزىتىپ تۇرىدېكەن. ناۋادا، زىيالىلار خەلىقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىسا خەلىق ئۇلاردىن رەنجىيدېكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەت ۋە خەلىقنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ كۆنۈپ قالغان پارازىت قارا كۈچلەر خەلىقنىڭ زىيالىيلارغا بولغان ھۆرمەت، ئېتىقادىدىن پايدىلىنىپ ئەشۇ زىيالىيلارنى خۇددى ئات-ئۇلاقنىڭ بېشىغا سالىدىغان نوقتا، بۇرنىدىن ئۆتكۈزىدىغان چۇلۇق ئورنىدا ئىشلىتىپ شۇ ئارقىلىق خەلىقنى بىردە ئالداپ، بىردە قورقۇتۇپ ئىدارە قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ پايدىلىنىش نەزەرى بىلەن كۈزىتىپ تۇرىدېكەن. مۇنداق بولغاندا مەيلى قايسى تەرەپتىن بىرەر «شامال» چىقسا ئاۋال زىيالىلارنىڭ «بۆكى»نى ئۇچۇرۇۋېتىدىغان ھالەت ھامان موجۇت ئېكەن. بۇنىڭ دەلىلى ئۈچۈن مۇنداق بىر فاكتنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
شىڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن خەلىققە ياخشىچاق بولۇپ كۆرۈنۈش مەخسىتىدە ماارىپ تەرەققىياتىغا يول قويغاندەك كۆۈنۈش قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىغىدا ئوقۇتىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشىغا يول قويدى، بىر بۆلەك ياشلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىرىپ ئوقۇتتى. مانا شۇ پۇرسەتتە قەشقەردە تۇرۇشلۇق دىۋىزىيا كوماندىرى ماھمۇد مۇھىدى، كارخانىچىلاردىن ھۈسەنباي… قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر بايلارمۇ بىر قىسىم ياشلارنى چەت ئەلگە چىقىرىپ ئوقۇتتى. شىنجاڭ داىرىسى ئىچىدىمۇ مەكتەپ ئېچىپ تەربىيەلىدى. ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇددىاسى بار ئېدى. بۇ ياشلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەكتەپ پۈتكۈزۈپ ھەر ساھالار بويىچە خىزمەت ئىشلىدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يولىدا مەلۇم ياخشى باشلىنىش بولدى. ژۇقارقى زىيالىلار ئۆز كەسىپلىرىنى ئىشلەش بىلەن بىللە، خەلىق ئارىسىدا ئويغىنىش رولىنى ئوينىدى. خەلىقنىڭ ئويغىنىشى شىڭ شىسەينىڭ چىرىك ھاكىمىيىتى ئۈچۈن پايدىسىز ئېدى. شۇڭا شىڭ شىسىي بىردىنلا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن 330 نەچچە زىيالىنىڭ 200 نەچچىسىنى ئۆلتەردى. ئاز بىر قىسمى تەقىپ ئاسىدا ئىشلەتكەن بولسىمۇ، خىلمۇ-خىل چەكلىمىلەرنى قويغاننىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا «تىڭ-تىڭچى»، «قۇلاق» دېگەنلەرنى كىرگۈزگەن بولغاچقا، زىيالىلار ئەشۇ تار داىرىدىلا ھەرىكەت قىلىپ، بۆسۈش خاراكتېرلىق پىكىر قىلىش دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان پالەچ ھالەتتە تۇرۇپ قالدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن زىيالىلار خىلمۇ-خىل بويۇنتۇرۇقلاردىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئاجىز ئىختىسات ئۈستىگە قۇرۇلۇۋاتقان سوسىالىستىك قۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى جىددىيچىلىك، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» داۋامىدىكى مالىمانچىلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك بېكىنمە ھالەت مەزگىللىرىدىكى زىيالىلار قوشۇنىنىڭ يېتىلىشى ناھايىتى ئاستا بولدى. «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، دۇنىياغا يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت يېڭى سەياسەت زىيالىلارنى ئۆزىگە لايىق قەدىرلەپ، ئۈگىنىش، كەشپىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئۇمۇملۇقتىن قارىغاندا، نۇرغۇن ياشلىرىمىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈگىنىپ ھەر ساھالەر بويىچە يېتىلىپ ھەتتا يېڭىلىقلارنى ياراتتى. زىيالىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈڭە ئاشماقتا، ئالىم، پروفېسسور… دېگەن ناملارنى ئاڭلاپ كۆڭۈل توق تۇرىدىغان بولدى. بىراق شۇ ناملارغا لايىق ساپانىڭ يېتىلىشىدە مەلۇم نۇقسانلار ساقلانغاندەك قىلىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە ھەر خىل ئۇنۋانلارغا ئېگە بولغانلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنىڭ كەسپىگە ئاىت بىرەر ئىلمىي ماقالە يېزىش تەلەپ قىلىنسا، ئۆزلىرى يازالماي باشقىلارغا يازغۇزىدىغان ياكى يازغان ماقالىسى تەلەپكە لايىق بولمىسا «ئارقا ئىشىك» ئارقىلىق ئېلان قىلدۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بايقىلىپ قالغان. بۇ ئەلۋەتتە كۆپ ئەمەس. ھەر قانچە ئاز دېگەندىمۇ بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلمەسلىگى كېرەك ئېدى. چۈنكى «بىر تال ماياق بىر قېرىن ماينى سېسىتىدۇ» دېگەندەك بۇ خىل ساختىپەزلىك پۈتۈن زىيالىلار قوشۇنىنى چىرىتىپ، زىيالىلارنىڭ خەلىق ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى پەسلەشتۈرۈپ، ئىشەنچىنى يوقىتىدۇ. بۇ ھال ھازىر سىر ئەمەس، بەلكى ئاشكارە ئىش بولۇپ، كىشىلەرمۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.
جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇەييەن قانۇنىيىتى بولىدۇ. ئېنىغىراق قىلىپ ئېيتقاندا، تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى – ماكان، مۇھىت، ئاڭ، ئېھتىياج، قابىلىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ تۈزۈلگەن پلان، چىقىرىلغان قارارلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. لېكىن بۇنداق پلانلارنى تۈزۈپ قارار چىقارغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، ھەممە ساھالەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تولۇق بىلىپ كېتىش ناتايىن. شۇ سەۋەپلىك خاتالىق يۈز بېرىپ، خەلىق مەنپىيەتنى بىلىدىغان زىيالىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قالالىسا خەلىق مەنپىيىتى قوغدىلىپ قالىدۇ. بىراق بىزنىڭ زىيالىلىرىمىز دەل موشۇنداق ھالقىلىق پەيتلەردە ئاسانلا مۇنداق ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ قالىدۇ. يەنى، بىر قىسىم زىيالىلار ئۆز ماھىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، خاتا قارار چىقارغۇچىلارغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ، خاتالىغىنى تۈزىتىش ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى قويغانلىغى ئۈچۈن، ئاق بىلەن قارىنى بىلىپ كېتەلمەيدىغان مەلۇم باشلىقلار تەرىپىدىن ئەيىپلەنسە، دەل موشۇ پەيتتە بىر قىسىم زىيالىلار دەرھال باشقا «رەڭ»گە كىرىۋېلىپ، قانۇنىيەتنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا كۆز ژۇمۇپ، باشلىقنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنى قانۇنىيەتنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ، توغرا پىكىر قىلىنغان زىيالىلارغا قارىتا «باشلىققا قارشى تۇرغانلىق تەشكىلگە قارشى تۇرغانلىق بولىدۇ، تەشكىلگە قارشى تۇرغانلىق ھۆكۈمەتكە، ھەتتا پارتىياگە قارشى تۇرغانلىق بولىدۇ… دېگەندەك بېمەنىلىك بىلەن پرىنسىپقا كۆتۈرۈپ ئەيىپلەشتە ئاكتىۋ رول ئوينايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر بۆلەك زىيالىلار چەتكە قېقىلىپ، رولىنى يوقىتىدۇ.
ژۇقۇرىقىدەك تۇراقسىزلىق بىلەن ئەسلى تۈسىنى ئۆزگەرتىۋالغان «بىر قىسىم» زىيالىلار ئىلىملىك، زىيالىلىق دېگەنلەردىن پۈتۈنلەي چەتنەپ، بايىقى باشلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن يېرىق، ئۈنۈمى يوق پلانلىرىدىكى خىيالىي ئۇتۇقلىرىنىڭ «غورىسى»نى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ مەي بولۇپ پىشقان «مېۋىسى»نىڭ شېرىنلىغىنى بولۇشىغا ماختايدۇ. مۇنداق زىيالىلارنىڭ ۋۇجۇدى موجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، زىيالىلىق ماھىيىتى يوقالغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن زىيالىلار قوشۇنى ئىككى تەرەپلىمە يىمىرلىگەن بولىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزدە، بىز ياشاۋاتقان جەمىيەت خۇددى ھېچقانداق زىراەت كۆكلىمەيدىغان ئاق تامغا ئوخشاپ قالغان دەۋىرلەرمۇ بولۇپ ئۆتتى.
«تەپەككۈر مېۋىلىرى» ماۋزۇسىدىكى ئەقلىيە سۆزلەرنىڭ بىرىدە «يازمىشلىرىڭنى ئوقۇپ پەرىشتىمىكىن دېگەندىم، قىلمىشلىرىڭنى كۆرۈپ، ئىبلىسلىغىڭنى بىلدىم» دەپ يېزىلغان ئېكەن. مانا بۇ بىر ئېغىز سۆز ژۇقارقىدەك كىشىلەرگە بېرىلگەن تولىمۇ ماھىيەتلىك، ئىخچام باھا بولۇپ، بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
خەلىقنى تەربىيەلەيدىغان زىيالىلار بولسۇن ياكى خەلىققە باشلامچى بولىدىغان يولباشچىلار بولسۇن، ئۆزلىرى دېگەن سۆزىگە ئاۋال ئۆزلىرى ئامال قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا دېگەن سۆز، يازغان ئەسەرلەرنىڭ تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى بولىدۇ. سۆز بىر خىل، ئەمەلىيات يەنە بىر خىل بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ھەتتا سۆز ئېگىسىدىن ژىركىنىدىغان بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا خەلىق بىلەن زىيالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ سۇسلاپ، ئارىلىق ژىراقلايدۇ. خەلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن زىيالىلار قوشۇنى ئەسكىرىدىن ئايرىلغان قوماندانغا ئوخشاپ قېلىپ، تىلغا ئالغىدەك بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ. خەلىق ئاممىسىنىڭ پىكرى بوغۇلۇپ قېلىپ، ئاڭلىق، ئوچۇق پىكىرلىك، دادىل ھەرىكەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. جەمىيەتتىكى خەلىق قارا كۈچلەرنىڭ كۈتكىنىمۇ دەل موشۇ بولۇپ قالىدۇ.
زىيالىلار بىلەن خەلىق ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم بىرلىك بولمىغان چاغدا تەرەققىيات، ئۇتۇق دېگەنلەردىن سۆز ئېچىشقا ئورۇن قالمايدۇ. بۇ نۇقتىغا ھازىرقى تەرەققىيات تەلىۋى بويىچە سېلىشتۇرۇپ قارىساقمۇ كۆڭۈلنى بېارام قىلىدىغان ئەمەلىيەتنى كۆرىمىز.
«ھازىرقى دەۋىر رىقابەت دەۋرى» دېگەن سۆزنى دايىم ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ بىر ھەقىقەت. پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسات تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان تېزلىكتە ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ ھالنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەيلى دۇنىيا مىقىياسىدا بولسۇن ياكى رايونلار ئارا بولۇۋاتقان رىقابەت ھالىتى بولسۇن، خۇددى پۈتۈن چاۋاندازلار بەس-بەستە ئىلگىرىلەۋاتقان بەيگە مەيدانىغا ئوخشىتىش مۈمكىن. ئۇنداق ئېكەن، ھەممە چاۋاندازلار ئالدىغا ئۆتۈشكە ئالدىرايدۇ. ھېچكىم ھېچكىمنى ئالدىغا ئۆتكۈزۈشنى ئويلىمايدۇ. ناۋادا بىرەرسى يەنە بىرسىنى «ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ قويىمەن» دېسىمۇ ئۇ يالغان. ئەگەر «يېتەكلەپ ماڭىمەن» دېسە، ئۇ ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتۈۋېلىشى كېرەك، سەن يەنىلا ئارقىدا قالىسەن. شۇنى ئېنىق بىلىش لازىمكى، ھازىرقى تەرەققىيات تەلىۋىدىن قارىغاندا، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ تۇرۇش ئەمەس، ئارقىدىن ئەگىشىپ مېڭىشمۇ قالاقلىق ھېساپلىنىدۇ. ئۇنداق ئېكەن تەلەپكە لايىق ئىلگىرىلەش ئۈچۈن پەقەت ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىشىڭ كېرەك. ئۇنداقتا، بۇ كۈچكە قانداق ئېرىشىمىز؟ ئېنىقكى، بىزگە كۈچ-قۇۋەت بېرىدىغان بىردىن-بىر مەنبە خەلىق بىلەن زىيالىلار ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك. بۇ بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ژۇقۇرقىدەك نۇقسانلارنى تۈزىتىش. بۇنىڭ ئۈچۈن زىيالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن خەلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، مەيلى ئۇ ئاتا ياكى بالا بولسۇن، ئەمەلدار ياكى پۇخرا بولسۇن، چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، ھېچقانداق يۈز قارىماي دەل ۋاقتىدا رەھىمسىزلىك بىلەن ئوت ئېچىپ چەكلەش زۆرۈر بولۇپ قالدى. مۇنداق ئورتاق تونۇشنى ئۇمۇملاشتۇرۇش يولىدا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئۆرنەك، ئۈگىتىدىغان ئۇستاز. يول كۆرسىتىدىغان باشلامچى يەنىلا زىيالدىلار قوشۇنىدۇر. دېمەك، خەلىقنىڭ يۆلەنچۈگى، ئۈمۈتى، ئىشەنچىسى ئەينە شۇ زىيالىلار قوشۇنى. ئۇنداق ئېكەن زىيالىلار ئۆز بۇرچىنى ئېنىق تونۇپ، توغرا مۇددىا بىلەن ئىزچىل كۈرەش قىلىدىغان ئىرادە تىكلىسە، شۇنداقلا خەلقىمىزمۇ زىيالىلارنى ئاڭلىق ھالدا قوللاشنى، ئەگىشىپ مېڭىشنى، قەدىرلەشنى، زۆرۈر بولغاندا جان تىكىپ قوغداشنى ئۆزلىرىنىڭ بۇرچى، دەپ تونۇيدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ، ئىككى تەرەپ تەڭ ماساىشىپ ماڭىدىغان ھالەت شەكىللەنە، ھەر ساھا تەرەققىياتىمىز خۇددى ئىككى قانىتىنى كەڭ كېرىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشتەك تېز يۈكسىلىشنىڭ كاپالىتىگە ئېگە بولاتتى.
زىيالىلار ھەققىدىكى مۇلاھىزە مەن جاۋاپ بېرەلەيدىغان يېنىك تېما ئەمەسلىگىنى بىلىپ تۇرساممۇ، كۈزىتىش داىرەمنىڭ تار بولۇشى، پىكىر قىلىشىمنىڭ يۈزە بولۇشىغا قارىماي، كۆرۈپ ئۆتكەن ئەمەلىياتتىن ھاسىل قىلغان ئاز-تولا ئوي-پىكرىمنى بايان قىلىپ باقتىم. بۇ تېمىنىڭ ئۆزىگە لايىق يورۇتۇلۇشى يەنىلا زىيالىلىرىمىزنىڭ دىققەت ئېتىۋارىغا باغلىق