Суббота, 14 февраля, 2026
Уйғурлар

Balilighimni séghindim — uey

بالىلىغىمنى سېغىندىم

بەختىشات سوپىېۋ،

«ئۇيگۇر ئاۋازى»

تونۇلغان جەمىيەت ئەربابى ۋاققاس مەمەدىنوۋنىڭ ھاياتىي شىارى: «ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى، سول قولۇڭ كۆرمەسلىگى كېرەك». بۇ كىشىنىڭ تالاي ئادەملەرگە ماددىي ياردەم قىلغانلىغىنى ئاڭلايمىز. بىراق ئۆزى ھېچقاچان، ھېچ يەردە شۇمتمايدۇ. ھازىر يېشى سەكسەندىن ئاشسىمۇ، ھېلىكەم مۇھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇ ماارىپقا، بالا تەربىيىسىگە پۇلىنى ئايىغان ئەمەس.

روھىي بايلىق

 – ۋاققاس ئابباسوغلى، ئالدى بىلەن بالىلىغىڭىزنى ئەسلەپ ئۆتسىڭىز…

– بالىلىغىم ئانا دىيارىمىزدا ئۆتتى. موشۇنىڭ ئۆزى مېنىڭ ئۈچۈن چوڭ بەخىت. گۆدەك پەيتىمنىڭ ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر پەيتلىرى چېگارىنىڭ ئۇ تەرىپىدە، غۇلجىدا قالدى. ۋ يەردە بىراز تۇرغاندىن كېيىن، دادامنىڭ خىزمىتىگە بولا، ئۈرۈمچىگە كۆچتۇق. بالىلىغىمدا مەن كەپتەر ۋە ئىشتنى ياخشى كۆرەتتىم. كۆچكەندە ئىككى كەپتىرىمنى ئۆزەم بىلەن ئېلىۋالدىم. ئىشتىم ھاۋشۇپ بىراز يەرگىچە ماشىنىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەلدى. ئاخىرى قالدى… يولدا دادام بىلەن ئاپام ماناستا ئۆزلىرى جەڭ قىلغان يەردە توختاپ، ئۆتمۈشنى ئەسلىدى. قازا بولغان سەپداشلىرىنى يادىغا ئالدى. دادامنىڭ: «بىز يېڭىشكە ئازلا قالغان ئېداق» دېگەن گېپى تېخى يادىمدا. ئۇلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم. تېچلىقنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ رەمزى رېتىدە ئىككى كەپتىرىمنى ئاسمانغا قويۇۋەتتىم. ئۇلار قايتىپ غۇلجىغا ئۇچۇپ كەتتى…

دادام چوڭ خىزمەتتە بولغاچقىمۇ، بالا تەربىيىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. بىز ئايلىدە ئىككى ئوغۇل، تۆرت قىز بولدۇق. شەخسەن مەن، كىچىگىمدە ناھايىتى ئەركە، خۇددى شاھزادىلەردەك ئۆستۈم. ئۆسمۈر پەيتىمدە دادام مېنىڭ بىلەن كەدىمكىدەك جىددىي گەپلىشىدىغان بولدى. ئەر يەتكىنىمدە خۇددى ئاغىنىسىدەك بولۇپ كەتتىم. ئۇ بىزنېسا بىلىم эلىتىزغا شاراىت ياراتتى. ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن سېلىنغان مەكتەپتە، قىزىق يېرى، رۇسچە ئوقۇدۇق.

1962 -ژىلى گېنېرال-مايورلار زۇنۇن تېيىپوۋ بىلەن مەغرۇپ ئىسقاقوۋ ۋە قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىغى بولغان دادام ئابباس قارىنىڭ ئالىسى ژۈك ماشىنىسىغا ئولتىرىپ، ئۈرۈمچىدىن قازاقستانغا قاراپ يول تۇتتۇق. قازاقستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، эپى-جېپىمىزنى تاپقىچە، ئۇ يەر-بۇ يەردە پەتىر ياللاپ تۇردۇق. تۇغۇلغان يەرنى كىنىدۇق. بۇ ياقتا دادام ئاغىنىلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئاэرودروم كوچىسىدىن يەر ئېلىپ، ئۆي سېلىشقا باشلىدى. دادام ئۆز كۈچى بىلەن سانانلىق لاي эتوتىپ، چاققان ئۆي سالدى. مەن ئۇنىڭغا «دادا بىز چوڭ ئاىلىغۇ، نېمىشكە ھاشامەتلىك ئۆي سالمايمىز» دېگەن سوالنى قويدۇم. دادام ھېچ ئويلانمايلا: «بالام، چېگارىنىڭ ئۇ تەرىپىدە بىزنىڭ ھاشامەتلىك ئۆيۈمىز، بايلىغىمىز، قىممەت جىھازلىرىمىز… ھەممىسى قالدى. بايلىقنى ئۆزەڭ بىلەن ئېلىپ ژۈرەلمەيسەن. ھە، روھىي بايلىق دايىم سېنىڭ بىلەن بىللە. ئۇنى سېنىڭدىن ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ. موشۇنى دايىم يادىڭدا ساقلا» دېدى. شۇڭلاشقا مەن مەنەۋىياتقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمەن.

    كەمتەرلىك

– رەھبەر بولغان ئادەمنى «سامانلىق ئۆي سالدى» دېسە، قۇلاققا بىر تۈرلۈك ئاڭلىنىدېكەن…

– دادام ناھايىتى كەمتەر ئادەم بولغان. بۇ ياققا كۆچۈپ كەلگىنىمىزدە، ئۇنىڭغا نۇرغۇن خىزمەتلەر تەكلىپ قىلىندى. ئۆزى ئۇنىمىدى. راست، رۇسچە بىلمەتتى. ئامما، ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۈگىنىپ كېتەتتېكەن. بەرىبىر ئۇ خىزمەتكە ئىنتىلمىدى. باشتا ۋ تاكسوپاركتا سلېسار بولۇپ ئىشلەپ، بىر ژىلدىن كېيىن تاكسى ھايدىدى. چۈنكى ئالتە بالىنى بېقىش كېرەك. ئانام گۈلبىكە دادام بىلەن بىر سەپتە بولغان. ئۇ مەنىيە جاۋاپكەر خىزمەتلەرنى ئاتقۇرغان. بۇ يەرگە كېلىپ، روھىنى چۈشەرمىدى. شېىر يېزىپ، قوشاق توقۇپ، ناخشا ئېيتاتتى. تەڭتۇشلىرى ئارىسىدىكى سورۇن ئۇنىڭسىز ئۆتمەتتى. ئانىمىز ناھاىتى سۆزگە چېچەن بولىدىغان.

بىر كۈنى دادامنى قازاقستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسترى تەكلىپ قىلدى. مەن رۇسچە ياخشى بىلگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن تەرجىمان رېتىدە باردىم. ئۇلار بىر-بىرىنى تونۇيدېكەن. ئۇزاق گەپلەشتى. مىنىستر بىر يەرگە تېلېفون قىلىپ، دادامنىڭ باش-پانا مەسىلىسىنى يېشىپ بەردى. قىسقىسى، كۆپ ئۆتمەي، ئالمۇتىنىڭ نەق مەركىزىدىن ئىككى ئېغىز ئۆي بەردى. نېمىشكىدۇ، دادام ئۇنىڭدىن باش تارتىپ، ئاخىرى «ئىشچىلار» مەلىسىدىكى ئىككى ئېغىز كاركاس ئۆيدە تۇردۇق. شۇنداقمۇ كەمتەرلىك قىلغان بارمۇ، دەيمەندە…

قايران ياشلىق

– ياشلىغىڭىزچۇ، قانداق ئۆتتى؟

– دادام 13 يېشىدىن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، تېنىدە جاراھەت ئالمىغان يېرى يوق بولىدىغان. «تېچلىق ھاياتتا مەن نېمىشكە ئېغىر ئىشتىن قاچىمەن» دېدىمدە، 16  يېشىمدىلا ئالمۇتا ئېغىر ماشىنا ياساش زاۋودىغا (ئازتم) ئىشقا ئورۇنلاشتىم. ئەمگەك پاالىىتىمنى ستانوك ئالدىدا، يەنى فرېزېروۋشىك بولۇپ باشلىدىم. ئارمىياگە چاقىرتىلىپ، ھاۋا دېسانتى قوشۇنىدا خىزمەت قىلدىم. ھەربىي سەپتىن كېيىن ئىشلەپ ژۈرۈپ، سىرتتىن خەلىق ئېگىلىگى ئىنستىتۇتىڭ ئىختىسادىي رېجىلەش فاكۇلتېت كەچكى بۆلۈمىدە بىلىم ئالدىم. قازاقستانلار كېڭىشىنىڭ ئەمگەك رېسۇرسلىرى كومىتېتا ئىشلىدىم. بۇ يەردە «دېسانت» دېگەن تەخەللۇسىنى ئالدىم. ئارمىيادىكى خىزمىتىم ئۈچۈن ئەمەس، مېنى رەھبەرلىك ئەڭ ئېغىر ئۇچاستكىلارغا تاشلاتتى. 1975 — ژىلى ئالمۇتا شەھىرىدىكى «تۈسكىىز» فابرىكى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ تايىنلاندىم. مەزكۈر فابرىكىنىڭ مۇدىرى تۇرسۇن پالتاشېۋ مېنىڭ ئۇستازىم بولدى. 1977-ژىلى ماڭغىستاۋ ۋىلايىتىنىڭ شېۋچېنكو (ھازىرقى ئاقتاۋ) شەھىرىدە يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا (گورپرومكومبىناتقا) يەتتە ژىل رەھبەرلىك قىلدىم. فورت-شېۋچېنكو، ئېرالىېۋ، ژاڭاۆزېن شەھەرلىرىدە كومبىناتنىڭ شۆبىلىرىنى ئاچتىم. ئالمۇتىدىكى كىگىز بۇيۇملىرىنى ۋە ئاياق كىيىم مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كومبىناتتا رەھبەرلىك قىلدىم. 1984-ژىلى قازاقستان پاڭلار جەمىىيىتىگە قاراشلىق ئالمۇتىدىكى ئوقۇپ-ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تايىنلاندىم. شۇ يەردىن ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىقىپ، «دېسانتلىق» پاالىيىتىم توختىدى. شۇنىڭ بىلەن قايران ياشلىقنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى سەزمەيلا قالدىم.

ئەبەدىي دوستلۇق

– دوستلىرىڭىز كۆپمۇ؟

– ياش چوڭ بولغانسىرى، بولۇپمۇ موشۇ سوالغا جاۋاپ بېرىش بەك قىيىن. چۈنكى ژىللار ئۆتكەنسىرى، ئارىمىز شالاڭلىشىپلا ئەمەس، ساناقلىقلا ئاغىنىلەر قالدۇق. ياشلىغىمدا دوستلار كۆپ بولدى. ئاخىرقى ئون-ئون بەش ژىلدا ئوتتۇز ئادەم مەشرەپ ئويناتتۇق. ھازىر شۇلاردىن تونۇلغان ئىشبىلەرمەن گېرس ئىسلاموۋ، ئاتاقلىق ستوماتولوگ، تۇرك ئاكادېمىيا سوپىېۋ ئۈچىمىز قالدۇق. ھەر ئىككىلىسى ژىرىك زىيالىلىرىمىزدىن.

قازاق دوستلىرىممۇ كۆپ بولدى. دۆلەت ۋە جەمىيەت ئەربابى مۇرات ئەۋېزوۋ، ئىسىملىرى ئەلگە تونۇلغان ھەم ھەرخىل ساھالاردا مۇۋاپەققىيەت قازانغان كېڭسېنېس ئاۇخادىېۋ، ئار ئورىنباساروۋ، مۇرات شەرىپوۋ، سېرىك باتتالوۋ، شارىپ ئوماروۋ ۋە باشقىلار. بۇ ئەزىز ئىنسانلار بىلەن دوستلۇغىمىز سەمىمىي بولدى. ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ، ئۇرپ-ئادەتلىرىمىزنى، مىللىي تااملىرىمىزنى ماختايدۇ. بىز بولساق، ئۆزىنىڭ دالاسىدەك قوينى كەڭ قازاق ئاغىنىلەر توغرىلىلىق ئىجابىي پىكىرلىرىمىزنى ئىژار قىلىمىز.

دوستلارنىڭ قاتارىغا ئۆيدىكى روشەڭۈل ھەدەڭلارنى قوشۇپ قويساممۇ بولىدۇ. ئىككىمىز كەسىپداش، سىرداش-مۇڭداش ھەم ھەقىقىي دوست. ئۇ ياق ماڭا ئۈچ قىز «سوغا قىلدى». ئالتۇندەك نەۋرىلىرىمىز بار. ئىككىمىز مانا ئەللىك ژىلدىن ئوشۇق ۋاقىت قول تۇتۇشۇپ كېلىۋاتىمىز. دوستلۇق دېگەن ئەبەدىي بولۇشى كېرەك.

***

 – سىزنىڭ نۇرغۇن سەياھەت قىلىدىغىنىڭىزدىن خەۋىرىمىز بار. بارغان يېرىڭىزنى قازاقستان بىلەن سېلىشتۇرامسىز؟

– ئەلۋەتتە، سېلىشتۇرىمەن. بۇلتۇ ھىندستان، تۈركىيا، گرۇزىيا، ئۆزبەكستان، قىرغىزستاندا بولۇپ كەلدىم. بىرىنچىدىن، قازاقستاننىڭ دەستىخىنىدىكىدەك تۈرلۈك-تۈمەن تااملار ھېچ يەردە يوق. تەبىىتىمىزمۇ شۇنداق گۆزەل. سۈيىنى ئىچىپ، نېنىنى يەپ چوڭ بولغان ئەلنىڭ ئورنى بۆلەك… ھە، كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن جاي ھەممىدىن ئەلا. بالىلىغىمنى بەك سېغىندىم

Добавить комментарий

Ваш адрес email не будет опубликован. Обязательные поля помечены *