yaxshidin nam qalidu
كونىلارنىڭ لەۋزىدىن: «يول، كۆرۈك ياسىغان ئادەملەرگە ئاللانىڭ نۇرى ياغىدۇ»، دېگەن سۆزلەرنى تالاي ئاڭلىۋېدىم. دېمىسىمۇ، شۇ يول، كۆرۈكلەردىن ئۆتكەن-كەچكەن ئادەملەر ئەشۇ «يول ئازاۋىنى» يېنىك، ئاسان قىلغان شەخسلەرگە ئىچىدىن رەخمىتىنى ئېيتىشى ھەققۇ. ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغاندا، قايتقاندا، ماڭا ھامان بىر ئوي ئارام بەرمەيدۇ. ئادەملەر، ماشىنىلار تۈپ-تۈز، داغدام، چىرايلىق كوچىلاردا بېمالال كېتىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك كويىدا نەلەرگىدۇ ئالدىرىشىپ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە مەنزىلىگە تېز، ساق-سالامەت يېتىشىگە كېپىل بولۇۋاتقان مانا موشۇ يوللارنىڭ كىم تەرىپىدىن بارلىققا كەلگىنىنى ئويلامدېكىن؟ ھەي تاڭەي. پىيادە جۈرگۈچىلەر: «بۈگۈنكىدەك تەرەققىي ئەتكەن زاماندا شۇنداق بولۇشى شەرت» دەپ ھېساپلىسا، جۈرگۈزگۈچىلەر: «بىز سېلىق تۆلەۋاتىمىز. يوللار تېخىمۇ سۈپەتلىك، ياخشى بولۇشى كېرەك» دەپ ئويلىشىدۇ. ئۇمۇ توغرىدۇ، لېكىن ئۇلار ئەشۇ يوقنى بار قىلىشنىڭ نەقەدەر ئېغىر ۋە جاپالىق ئېكەنلىگى ھەققىدە ئويلاپمۇ قويمايدۇ. مەن ئۇشبۇ ساھانىڭ مۇتەخەسسىسى بولغاچقا، شەھەر كوچىلىرىدا جۈرگەن مىغ-مىغ ئادەم ۋە تېخنىكىغا قاراپ، مىيىغىمدا كۈلۈپ قويىمەن. بۇ يوللاردا ئىزى، قول تامغىسى قالغان، ھارماي تالماي، پىداكارلىق بىلەن ئەمگەك قىلىۋاتقان ئىشداش-كەسىپداشلىرىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن. ئۇلار بىلەن چەكسىز پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا كۆڭلۈم تاغدەك كۆتىرىلىپ كېتىدۇ.
8-باھار. كارخانىغا خۇش كەيپىياتتا يېتىپ كەلدىم. غالىبىيەت كۈنى ھارپىسىدا رەھبەرلىگىمىز مول دەستىخان يېيىپ، سەنъئەتكارلارنى چاقىرىپ، بىزنىڭ – ئەمگەك ۋېتېرانلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە مەيرەملىك زىياپەت ئۇيۇشتۇرماقچى. باھاردىن تا كەچ كۈزگىچە خۇشپۇراقلىق گۈل-گىياغا، يېشىل دەل-دەرەققە ئورىلىپ تۇرىدىغان بۇ مەھكىمىنى – قازاقستاندىكى چېكى يوق سۈپەتلىك يوللارنىڭ سېلىنىشىغا سەۋەپ بولۇپ كېلىۋاتقان «ئاسفالьتوبېتون-1» شىركىتىنى بىرى بىلسە، بىرى بىلمەيدۇ. چۈنكى ئادەملەر بۇ خىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنى توپا-چاڭ باسقان، قالايمىقىنى نۇرغۇن ھالدا كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ.
ئۇلۇق ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ 81 جىللىغىغا بېغىشلانغان مەرىكىگە كارخانىنىڭ غوجايىنى گېرس ئىسلاموۋمۇ تەكلىپ قىلىنغان. ئۇشبۇ قەدىرلىك ئىنسان ھەققىدە ئىككى ئېغىز لەۋزىمنى بىلدۈرۈشنى ھەم ئىنسانلىق، ھەم شاگىرتلىق بورچۇم، دەپ ھېساپلايمەن.
گېرس ئابۇبەكرىئوغلى 1941-جىلى 1-باھار كۈنى ئۆزبەكستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە تۇغۇلدى. ئۇيغۇر ناھىيەسىدىكى كىچىككىنە بىر يېزا – كىچىك ئاقسۇدىن ئىلىم ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەن ئابۇبەكىر بىلەن لەتىپىنىڭ ئۈچىنچى پەرزەندى – گېرسنىڭ بالىلىغى ئاتىسىز ئۆتىدۇ. ساگۇنى پۈتىرىپ، ئۇستاز بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابۇبەكرى ئۇرۇشقا كېتىدۇ. ئانا بولسا، ئۈچ پەرزەندىنى باغرىغا بېسىپ، مىڭ بىر جاپالار بىلەن ئاران جۇتىغا قايتىپ كېلىدۇ. بالىلارنىڭ بوۋىسى ئابدۇماناپ باراتوۋ ئۇلارنى غەمخورلۇغىغا ئالىدۇ. كۆڭلى يېرىم ئائىلە زۇلپىقار تېغىنى تۆرت جىل تەشنالىق بىلەن كۈتىدۇ. چوڭلىرى گۈلنارە بىلەن مارسقا ئەس كىرىپ قالغان. بۆشۈكتە گۇڭۇرلاپ ياتقان گېرس بولسا، ئاتىنىڭ ئامانلىغىنى تىلىگەندەك بولاتتى.
ئابۇبەكرى ئاتا ئۇرۇشتىن ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ، ئۇستازلىق كەسپىنى داۋام قىلىدۇ. ئۇ پودگورنوئې (ھازىرقى قىرغىزساي) يېزىسىدىكى رۇس-ئۇيغۇر مەكتىۋىدە دەسلەپ مۇئەللىم، كېيىن مۇدىر خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرىدۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ، ئائىلىدە يەنە بەش پەرزەنت دۇنىياغا كېلىدۇ. ئۇلار: ۋارىس، شاۋدۇن، ۋېنېرا، گۈلچېھرە، Эرنېست رۇس سىنىپلىرىدا تەھسىل كۆرىدۇ. چۈنكى ئابۇبەكرى ئۇرۇشتا تالاي شىرغۇران سەپداشلىرىنىڭ تىل بىلمەسلىگىدىن قىينىلىپ، ئوققا ئۇچقىنىنى زادىلا ئۇنتالماتتى. بۇ، بىر تەرەپتىن، دەۋىر تەلىۋى بولغان ئېدى.
بۇ ئۆيدە «تەلەپچانلىق، جاۋاپكەرلىك» دېگەن ئۇقۇملار ئەزەلدىنلا قېلىپلاشقان ئېدى. ئۇستازلار ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن پەرزەنتلەرمۇ شۇ قائىدىگە ئەمەل قىلدى. بالىلارنىڭ ھەممىسى ئالىي بىلىملىك بولدى.
بىلىملىك ھەم ئەقىللىق گېرس چىمكەنتتىكى تېخنولوگىيا ئىنستىتۇتىنىڭ خىمىيا-تېخنولوگىيا فاكۇلьتېتىدا تەھسىل كۆرىدۇ. ئوقۇشنى پۈتەرگەندىن كېيىن، ئىنجېنېر-تېخنولوگ دىپلومىنى قولىغا ئالغان ياش مۇتەخەسسىس يوللانما بىلەن ئالمۇتىدىكى «كازبۇرستروي» مەھكىمىسىگە تېخنولوگ بولۇپ ئەۋەتىلىدۇ. 1963 – 1966-جىللىرى ھەربىي خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلگەندىن كېيىن، بىراز ۋاقىت پائالىيىتىنى باشلىغان ئىش ئورنىدا رەھبىرىي خىزمەتلەرنى ئاتقۇرىدۇ. ئۇ پەيتتە ئۇيغۇر ناھىيەسىنى خەلقىمىزنىڭ جىگەرلىك پەرزەندى كىنتال ئىسلاموۋ باشقۇرۇۋاتاتتى. ئۇ تەۋەنىڭ ئوقۇغان جىگىت-قىزلىرىنى ئانا جۇتىغا خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلاتتى. شۇلارنىڭ قاتارىدا گېرس ئىسلاموۋنى چونجا كولخوزلارارا قۇرۇلۇش مەھكىمىسىگە باش ئىنجېنېرلىققا تەكلىپ قىلىدۇ. ئامما جوشقۇن ياشلىق ھامان كەڭلىكنى خالاتتى. بىر تەرەپتىن، ئاتىمۇ ئوغلىغا شەھەردىن ئۆز تەلىيىنى، جۇتتىن ئالغان تەجرىبىسىنى سىناپ كۆرۈشكە مەسلىھەت بېرىدۇ. يەنە بىر سەۋەپ، ئۇ ئالمۇتىدا تۇرىدىغان ياركەنتلىك، بالىلار دوختۇرى تۇرسۇناي ئىسىملىق قىز بىلەن تېپىشىپ، ئائىلە قۇرغان ئېدى. خۇللەس، گېرس ئىسلاموۋ ئاۋتوموبىلь يوللىرى مىنىستىرلىگىنىڭ قارىمىغىدىكى «كازدورسترويماتېرىئالы» ترېستىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئاۋال باش ئىنجېنېر، كېيىنىرەك ئىشلەپچىقىرىش باشقارمىسىنىڭ باشلىغى لاۋازىمىغا كۆتىرىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەتەنمۇ، ئۆسۈش، تاۋلىنىش جىللىرى بولدى. ئۇ باشقۇرغان كوللېكتىۋ موشۇ ساھادىكى ئەڭ ئىلغارلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ ياخشىلىنىپ، ئۆي-ماكانسىز قالغانلار يوق، دېسىمۇ بولاتتى. ياش رەھبەر ئۆزىگە بىلدۈرگەن زور ئىشەنچە ۋە ھۆرمەتنى دايىم ئاقلاشقا تىرىشتى. سالاھىيەتلىك مۇتەخەسسىسنىڭ كېلەچىگىدىن ئۈمۈت كۈتكەن رەھبەرلىك ئۇنى شۇ چاغلاردىكى ئەتىۋارلىق بولغان ماركسىزم-لېنىنىزم ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. 1972-جىلى گېرس ئىسلاموۋ مەزكۈر بىلىم دەرگاھىنىڭ ئالىي ئىختىسات فاكۇلьتېتىنى ئۇتۇقلۇق تاماملايدۇ. ئىككى جىلدىن كېيىن «بىتۇم ۋە ئاسفالьتوبېتون» كومبىناتىغا باش ئىنجېنېر خىزمىتىگە ئەۋەتىلىدۇ. ئارىدىن تۆرت جىل ئۆتۈپ، قازاقستاننىڭ تەڭ يېرىمىنى ئاسفالьت، ھەرتۈرلۈك بىتۇم، قارا شېخىل بىلەن تەمىنلەيدىغان موشۇ چوڭ مەھكىمىنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ تايىنلىنىدۇ. بۇ ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنىڭ نامى بىرنەچچە قېتىم ئۆزگەرسىمۇ، ئۇنىڭ ئادىل، سالاھىيەتلىك مۇتەخەسسىسى بولغان مۇدىرى ئۆزگەرمىدى. ئىشىنىڭ ئىلگىرى بېسىشى ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆزىگە ئوخشاش تەدبىرچان ھەم ئىشلەمچان مۇتەخەسسىسلەرنى جىغدى.
گېرس ئابۇبەكرىئوغلى 2011-جىلى ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، ئۇ ھازىر «ئاسفالьتوبېتون-1» كارخانىسىنىڭ تۇراقلىق مەسلىھەتچىسى، تۈۋرۈگى ۋە غەمخورچىسى. 2011 – 2024-جىللىرى ئىش ئورنىنى ئىنىسى، كۆپنى كۆرگەن تەجرىبىلىك رەھبەر ۋارىس ئىسلاموۋ باشقۇردى. ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇنىڭ تىزگىنى ياش تالانت ئېگىسى بەختىيار ئابدۇماناپوۋنىڭ قولىغا ئۆتتى.
تەكىتلەش لازىمكى، مەزكۈر زاۋود ئالمۇتىغا كېڭەش دەۋرىدە ئومسك شەھىرىدىن كۆچىرىلگەن. مۇتەخەسسىسلەرمۇ شۇ ياقتىن بولۇپ، ئۇلارغا دەرھال ئۆي بېرىلىپ، ھەرتەرەپلىمە شارائىت يارىتىلىدۇ. بۇ – بىتۇم زاۋودىنىڭ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ قازاقستانغا ھاۋادەك ھاجەت ئېكەنلىگىنىڭ دەلىلى. كېرەكلىك نېفتь ماتېرىئاللىرىمۇ روسسىيادىن كەلتۈرۈلەتتى. زاۋود كۆچىرىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئىش يېنىكلەشتى، نېفتь-بىتۇم مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈر-تۈرى ئۆزىمىزدىن چىقىدىغان بولدى. ئالىي ماركىلىق ئاسفالьت-بېتون، بىتۇم، توۋارلىق بېتون ئوخشاش يول قۇرۇلۇشىغا ھاجەتلىك ئەڭ مۇھىم مەھسۇلات چىقىرىدىغان كارخانا شۇ جىللىرى ئاۋتوموبىلь يوللىرى مىنىسترلىگىنىڭ قارىمىغىدا بولۇپ، پۈتكۈل قازاقستان ۋە خوشنا جۇمھۇرىيەتلەرنى بىتۇم بىلەن تەمىنلەتتى. ھازىرقى مەھسۇلات گېرمانىيا تېخنولوگىياسى ئاساسىدا چىقىرىلىپ، ئېۋروستاندارت تەلەپلىرىگە تولۇق جاۋاپ بېرىدۇ. شۇنداقلا эكولوگىياگە ۋە ئىشچىلار بېخەتەرلىگىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنىدۇ. ئىسسىتىش سىستېمىسى تولۇغى بىلەن تەبىئىي گازغا كۆچىرىلگەن.
تەكىتلەش لازىمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-جىللىرىدىكى ئىختىسادىي بوھران بىزنىمۇ ئايلىنىپ ئۆتمىدى. بىر يېرىم مىڭدىن ئوشۇق ئىشچى-خىزمەتچى ئەمگەك قىلىپ، ئائىلىسىنى ئاسراۋاتقان كارخانا تەغدىرى قىل ئۈستىدە تۇردى. ئەتراپىدىكى ئىش ئورۇنلىرى يېپىلىپ كەتتى. شۇندا رەھبىرىمىز گېرس ئابۇبەكرىئوغلى ھەممىمىزنىڭ بېشىنى قوشۇپ: «ھاياتتا ھەممە نەرسە ئۆتكۈنچى. دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى بىللە يېڭىمىز. قېلىشنى خالىمىغانلارنى مەجبۇرلاش يوق»، دەپ مۇراجىئەت قىلدى. بىرە يۈز ئادەم شۇ زامان كەتتى. رەھبەرگە ئىشەنگەنلەر قالدۇق.
ئۇ جىللىرى گېرس ئىسلاموۋ ئۇيقا كۆرمىدى، دېسىمۇ بولىدۇ. ئۆزىگە ئىشەش قىلغان شۇنچە ئادەمنى ئاسراش ئۇنىڭ ھۆددىسىدە ئېدى. ھېلىمۇ ياخشى، باياشەت جىللىرى زاۋود قوشۇمچە ئېگىلىكلەرنى قۇرۇۋالغان. ئارىدىكى ئىختىسادىي چۈشكۈنلۈك دەۋرىدە شۇلارنىڭ بەدىلىگە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش مۈمكىن بولدى.
ئەھۋال سەل جۆندىلىپ، خېرىدارلىرى كۆپىيىشكە باشلىغاندىمۇ، زاۋود ئايرىم سۈنъئىي توسالغۇلۇقلارغا دۇچ كەلدى. زاۋود رەھبەرلىگى قول قوشتۇرۇپ ئولتارمىدى. قارخانىنى قايتىدىن جابدۇقلاپ، سۈپەتلىك مەھسۇلات چىقىرىشقا باشلىدى. باشقۇرتستاننىڭ ئۇفا شەھىرىدىن جۇقۇرى مەھسۇلاتلىق گۇدرون بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلەشنى يولغا قويدى. قۇم-شېخىلنى پۈتۈنلەي ئۆزىمىز تەييارلاش ئىختىدارىغا ئېگە بولدۇق. شېخىل ئىشلەپ چىقىرىدىغان 2 زاۋودقا قوشۇمچە يەنە بىر زاۋود ئىشقا قوشۇلدى. شېخىل-ئاسفالьت توشۇيدىغان تېخنىكا بازىسى بەرپا قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن كارخانا بۈگۈنكى كۈندە ئىلگەركى قۇۋىتىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئارتۇق مەرتىۋىسىنى قايتا تىكلىدى. بۈگۈنكى تاڭدا مىڭغا يېقىن ئادەم خىزمەت قىلىدىغان بۇ كارخانا ئېلىمىزنىڭ تەڭ يېرىمىنى دېگىدەك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدۇ. مىڭلىغان چاقىرىم يوللارنى ئېيتمىغاندا، ئاэروپورت ئوخشاش ستراتېگىيالىك ئوبъئېكتلارنىڭمۇ ئۇنى ئېتىراپ قىلغىنىنى ئېيتساق، كۇپايە.
ھە، ئارىدا تالاي ۋاقىتلار ئۆتتى، سۇلار ئاقتى. بىيىل گېرس ئابۇبەكرىئوغلى ئىسلاموۋنىڭ بۇ كارخانىنىڭ بوسۇغىسىنى ئاتلىغىنىغا توپ-توغرا 54 جىل بولدى.
خەلقىمىزدە «ئۆتمۈشسىز كېلەچەك يوق»، دېگەن نەقىل بار. مانا ھازىرغىچە بۇ زاۋود ۋېتېرانلىرى ئەستىن چىققىنى يوق. پەقەت مەيرەملەردىلا ئەمەس، ھەر ئايدا ھېلىغىچە مۇھتاج ۋېتېرانلىرىمىز ماددىي ياردەمدىن ئۈزۈلمىدى. ئۇلار گېرس ئاكىنىڭ تەڭتۇشلىرى، باشقا كۈن چۈشكەندە، يېنىدىن تېپىلغان سادىق ھەمرالىرى، زامانداشلىرى. مەن گېرس ئاكامنىڭ قارىمىغىدا 40 جىل эنېرگېتىكا بۆلۈمىنى باشقۇردۇم. موشۇ ۋاقىت جەرىيانىدا بۇ يەرگە ياردەم سوراپ كېلىپ، قۇرۇق قول چىققان ئادەمنى كۆرمەپتىمەن. ئۇلار – ھەرخىل مىللەت ۋەكىللىرى ھەم ھەر تۈرلۈك ئېتىقاتتىكى ئادەملەر. ئېيتىش كېرەككى، مۇستەقىللىك جىللىرى ئۆزىنىڭ ئانا جۇتىدا يوللارنى ياساپ، ئىسسىق ئارىشاڭدا «قارادالا» ناملىق ھاشامەتلىك دەم ئېلىش ھەم داۋالىنىش ئورنىنى بەرپا قىلدى. زاۋود ئىشچىلىرى ئەينە شۇ شىپالىق جايدا ئىمتىيازلىق دەم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە.
تەدبىرچان رەھبەر گېرس ئابۇبەكرىئوغلىنىڭ كۆپجىللىق شىجائەتلىك ئەمگىگى مۇناسىپ باھالىنىپ، ئۇ «پەخرىي يول ياسىغۇچى» بەلگۈسىگە ئىككى قېتىم سازاۋەر بولدى. 1991-جىلى 50 ياشلىغىغا مۇناسىۋەتلىك «ھۆرمەت بەلگۈسى»، 2011-جىلى «قұرمېت» ئوردېنلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان مېدالьلار بىلەن مۇكاپاتلاندى.
گېرس ئىسلاموۋنى كۆپچىلىك ھاللىق، ھەممە تەرەپتىن يېتىلگەن ئادەم سۈپىتىدە تونۇيدۇ. ئامما ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىغى – ئائىلىسى، قېرىنداشلىرى. ئۆمۈرلۈك جۈپتى تۇرسۇناي يولداشېۋا بىلەن ئىككى قىز تەربىيىلەپ، ئوقۇتۇپ، قاتارغا قوشتى. ئۇلارمۇ ئاتىسىغا ئوخشاش ھاياتتىن ئۆز يولىنى تېپىپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتتى. سۋېتلانا لوندون ئۇنىۋېرستېتىنى ئىختىسات ۋە سەياسىي ھوقۇقشۇناس، ئالمۇتا ئاۋتوموبىلь يوللىرى ئىنستىتۇتىنى ئىنجېنېر-قۇرۇلۇشچى مۇتەخەسسىسلىكلىرى بويىچە تاماملاپ، بىرنەچچە ساھالىق ۋە ئىلمىي ئاتاقلارنى ئالدى. بمتنىڭ خەلىقارا پروگراممىلىق تەرەققىياتىنىڭ خادىمى سۈپىتىدە كۇئالا لۇمپۇر (مالايزىيا) شەھىرىدە خىزمەت قىلدى. موشۇ يۆنىلىشتە بمتنىڭ قازاقستاندىكى ئۇيغۇنلاشتۇرغۇچىسى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى. ھازىر «ئاسفالьتوبېتون-1» كارخانىسى باش مۇدىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى، يەنى ئاتىسىنىڭ ئىزى بىلەن كېلىۋاتىدۇ. گۈلمىرا بولسا، ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى ۋە فرانцئىيانىڭ رېنى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستراتۇرىسىنى تۈگىتىپ، خەلىقارا فىلوسوفىيا پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئىلمىي دەرىجىسىگە ئېرىشتى. جۇقۇرىدا ئىسىملىرى ئاتالغان قىزلىرىدىن جيۇلьئېن، ياسمىن ۋە ئەلى ئىسىملىق نەۋرىلىرى بار.
چوڭ ئەۋلات ۋەكىلى بولغان گېزىتخانلارغا ياخشى مەلۇمكى، گېرس ئىسلاموۋ ھەققىدە مەتبۇئاتتا، جۈملىدىن «ئۇيغۇر ئاۋازىدا» نۇرغۇن ماقالىلار بېرىلدى. بۇ قېتىم تەشەببۇسنى ئۆز قولۇمغا ئېلىپ، موشۇ بىر ئەجايىپ ئىنسان ھەققىدە يازغۇم كەلدى. گېرس ئابۇبەكرىئوغلى بىيىل 85 ياشقا كىردى. ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن بۇ ئاز مۇساپە ئەمەس. تەۋەللۇد ئېگىسىگە بەخىتلىك ھەم خاتىرجەم ئۆمۈر تىلەيمەن.
ئىمىرغەلى بۇرھاندىنوۋ
ئالمۇتا شەھىرى

