ئىز

ئىز
(شۇ ناملىق تارىخىي رومان مۇقەدىمىسى)

ياش ئېدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىڭۈدەك بوپ قالدى ئەينە نەۋرىمىز.

ئاز ئېدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.

قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى — نى ئارسلانلار دەشتە چۆلدە قەبىرسىز.

قەبىرسىز قالدى دېمەڭ، ژۇلغۇن قىزارغان دالادا،
گۈل-چېچەككە پۈركىنۇر تاڭلا باھاردا قەبرىمىز.

قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران، كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.

توختىماس كارۋان يولىدىن گۆرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھېچ بولمىسا، بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز، يە ئەۋرىمىز.

1972-ژىل، 10-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.