ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىەت بىلەن كۈرەش قىلىش، تەبىەت ھادىسىلىرىنى تونۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ھەمدە تەدرىجىي ھالدا بىر قەدەر مۇكەممەل، مۇستەقىل نەزەرىيە سىستېمىسى، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىگەرلىك تېخنىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. قەدىمى شەھەر كروراندىن بايقالغان  جەسەتلەرنى تەتقىق قىلىشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئەجدادلىرىمىز بۇندىن 3500 يىل بۇرۇنلا مېڭە ئوپېراتسىيەسىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئىشلىگەن. دۇنيادىكى تۇنجى سۈنىي پۇتنى بۇندىن 2300 يىل بۇرۇن ئىدىقۇتلۇق ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن.  تۇرپاندىن تېپىلغان ئارخېولوگىيىلىك تارىخىي ھۆججەتلەرگە كۆرە، بۇنىڭدىن 1400 يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تېرە كېسەللىكلىرى، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى، چىش كېسەللىكلىرى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، ھەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، تۈرلۈك ئىچكى كېسەللىكلەر، سۈيدۈك يولى-جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى، جاراسىم يەنى مىكرۇپ ۋە تازىلىق، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق 12 چوڭ تۈرگە ئايرىلىپ، مۇكەممەل نەزەرىيەۋىي ۋە ئەمەلىي تېبابەتچىلىك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ شانلىق تارىخى داۋامىدا، غازباي، ئىبنى سىنا، تەجەللى، ھاجى ئابدۇلھەمىدكە ئوخشاش تېبابەت پىشىۋالىرى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى، سىستېمىلىشىشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
بىز ئەنە شۇ شۆھرەتلىك ئەجدادلارنىڭ بوغۇنلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنى ھەرقاچان ياد ئېتىپ تۇرىشىمىز، ئۇلار قالدۇرغان ئىزنى ئۆچۈرمەي، تېخىمۇ يۈكسەك مەنزىللەرگە ئۇلاشتۇرمىقىمىز لازىم.
© http://www.eldawa.com/