شوروون بۇمباغار قورغىنى

موڭغولىيادە ئېچىلغان يېڭى ئۇيغۇر ئارخېولوگىيالىك يادىكارلىقلار:

ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى پەقەت شەرقىي تۈركستان تېررىتورىياسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلەن باغلانغان خوشنا باشقا جايلاردىمۇ تېپىلماقتا. شۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر قاغانلىغىنىڭ (744 –840-ژژ.) مەركىزى بولغان ھازىرقى موڭغولىيادۇر.بۇ XىX ئەسىردە ئالىملار تەرىپىدىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ خارابىلىرى ۋە ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ دەسلەپكى تاشيېزىق مەتىنلىرى – سېلېڭا تېشى (موگوين شىنې ئۇسۇ خېتى) ۋە قارابالاساغۇن ئۈچتىللىق خېتى تېپىلغان ئېدى. خخ ئەسىردە ئالىملار موڭغولىيا ۋە جەنۇبىي سىبىردا ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ يېڭى يادىكارلىقلىرىنى ئېچىشنى داۋام قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە مەلۇماتلارنى 1970 – 1980-ژىللىرى موڭغول ۋە كېڭەش ئالىملىرى تەرىپىدىن موڭغولىيادە تېپىلغان ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ رۇنىكىلىق خەتلىرى خېلە بېيىتتى. بۇ — تېرخىن (756-ژ.)، تېسىن (762-ژ.) ۋە سېۋرېي (763-ژ.) يادىكارلىقلىرىدۇر.ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى پەقەت شەرقىي تۈركستان تېررىتورىياسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلەن باغلانغان خوشنا باشقا جايلاردىمۇ تېپىلماقتا. شۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر قاغانلىغىنىڭ (744 –840-ژژ.) مەركىزى بولغان ھازىرقى موڭغولىيادۇر.

خخى ئەسىرنىڭ بېشى يېڭى ئۇيغۇر ئارخېولوگىيالىك يادىكارلىقلىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن نىشانلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن موڭغولىيانىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدە، ئۇلان-باتوردىن 300 كىلومېتر غەربىدىكى زاامار تەۋەسىدە، تېپىلغان شوروون بۇمباغار (شوروون دوۋ) دەپنىسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.

شوروون بۇمباغار قورغىنى 2009-ژىلى پروفېسسور ئا.ئوچىرا رەھبەرلىگىدىكى موڭغول ئارخېولوگلىرى تەرىپىدىن تېپىلغان. بۇ قورغان سۈيەك قالدۇقلىرىسىز دەپىن قىلىشنىڭ ئالاھىدە بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇغۇ ناملىق توققۇز-ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ داھىسى يەرلەڭەن. تاش تاختىدا ئويۇلۇپ يېزىلغان خىتاي تىلىدىكى يېزىق مۇردىنىڭ يەرلەڭەن ۋاقتىنى (678-ژ.) ئېنىق كۆرسىتىدۇ ھەم ئۇ مەرھۇمنىڭ ھاياتى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەبرىدىكى يېزىق ۋە ئۇنىڭدا قويۇلغان ئەسۋاپ-جابدۇق بىزگە قېدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىلىق باھالىق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.

تاش تاختىدا ئويۇلۇپ يېزىلغان خىتاي تىلىدىكى مەتىن بىلەن مەن بۇرياتلىق دوستۇم ۋە كەسىپدىشىم، تونۇلغان ئارخېولوگ ئالېكسېي بۇراېۋنىڭ ياردىمى بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ ماڭا شۇنداقلا 2013-ژىلى نەشىر قىلىنغان موڭغول ئالىملىرىنىڭ ئەمگىگىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا موڭغول تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان خىتاي مەتىنى بېرىلگەن. مەن مەزكۈر مەتىننى قايتىدىن تەرجىمە قىلىپ، شۇنىڭ ئاساسىدا ئۆزەمنىڭ كۆزقاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

تاش تاختىدىكى خەت شۇ ژانرغا خاس ئۇسلۇبتا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەرھۇمنىڭ ئىشلىرى مەدھىيىلىنىدۇ ۋە ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ سادىق پۇخراسى سۈپىتىدە ئەكىس ئېتىلىدۇ. بىز مەرھۇمنىڭ بۇغۇ قەبىلىسىنىڭ ئى-تۇ-شو-ئې ئىسىملىق داھىسى بولغانلىغىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ دادىسى سىفۇ، بوۋىسى گېلان بايان بولغان. بارلىق ئىسىملار خىتاي ترانسكرىپسىياسىدە بېرىلگەن ۋە ھازىرچە ئۇلارنى ئىلمىي جەھەتتىن تەھلىل قىلىش مۈمكىن ئەمەس. ئى-تۇ-شو-ئې «ئالتايدىن كەلگەن ئادەم» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ مەزكۈر قەبىلىنىڭ قەبىلەۋىي يايلاقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەرھۇم سزىن-ۋېي باشقارمىسىنىڭ ھاكىمى (تۇتۇق) بولغان. بۇ لاۋازىم ئۇنىڭغا دادىسىدىن ھەم بوۋىسىدىن مىراس قالغان. مەرھۇمنىڭ بوۋىسى گېلان بايان تان تارىخىي ئەسەرلىرىدە بىرنەچچە قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ 12 توققۇز-ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ قاتارىدا بولۇپ، ئۇلار 646-ژىلى تاڭ ئىمپېرىياسىگە بېقىندا بولغان ئېدى. دەل شۇ ۋاقىتتا بېقىندا قەبىلىلەر زىمىنىدا مەخسۇس مەمۇرىي بۆلۈملەر قۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇغۇ قەبىلىسىنىڭ يايلاقلىرىمۇ بولغان.

قەبرە بۇغۇ داھىسىنىڭ ھۆرمىتىگە سېلىنغان. ئەندى ئۇنىڭ ھايات كەچۈرگەن ژىللىرىنى ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ئۆلگەن ۋە ياشىغان ۋاقتى توغرىلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ئېنىقلاشقا بولىدۇ. قەھرىماننىڭ ھايات ژىللىرى (635 –678-ژژ.) دالادىكى ھاكىمىيەتنىڭ بىرنەچچە قېتىم ۋە پات-پات ئالمىشىپ تۇرغان ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر دەۋىرگە توغرا كەلگەن. ئۇ چاغدا تەشكىل قىلىنغان. سىرلار تېلې ئىتتىپاقىدىكى باش ۋە ئەڭ چوڭ قەبىلە بولسا، قۇدرەتلىگى جەھەتتىن ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئورۇننى ئۇيغۇر قەبىلىسى ئېگىلەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك خىتاي تەرىپىدىن «ياۋايىلارنى ياۋايىلارنىڭ قولى بىلەن بېسىش» دېگەن سەياسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىلدى. تاڭ ئەسكەرلىرى سىرلارغا قارشى كۆتىرىلگەن تېلې قەبىلىلىرىگە ياردەم بېرىپ، نەتىجىدە سىرلارنىڭ 646-ژىلى تار-مار بولۇشىغا ئېلىپ كەلدى. سىرلارنىڭ تېلې ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشى يېڭى قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەپ بولدى ۋە ئۇ «توققۇز-ئوغۇز» دېگەن نام ئالدى. ئۇنى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ھۆكۈمرانى «ياغلاقار» ئۇرۇغى باشقۇردى.

647-ژىلى توققۇز-ئوغۇزلارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ داھىلىرى چانئانغا، تاڭ ئىمپېراتورىغا بېقىندىلىغىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئېدى. تاڭ سارىيى بۇ قەبىلىلەرنىڭ يايلاقلىرىنى شەكلەن مەمۇرىي قىسىملارغا بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىدا باشقارمىلار بىلەن ئوكرۇگلارنى قۇردى ۋە بۇ مەمۇرىي بىرلىكلەرنىڭ ھاكىملىرى ئارقىلىق قەبىلىلەرنىڭ داھىلىرىنى تايىنلىدى. شۇلارنىڭ بىرى بۇغۇ قەبىلىسى ئۈچۈن قۇرۇلغان «سزىن-ۋېي» ئوكرۇگى بولدى.

دىققەتكە سازاۋەر نەرسە شۇكى، تاڭ ئىمپېراتورى تەرىپىدىن قەبىلىلەر يايلاقلىرىنىڭ «رايونلاشتۇرۇلۇشىغا» قارىماي، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر داھىسى تۇمىدۇ بارلىق توققۇز-ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۆز ھۆكۈمرانلىغىنى ئورنىتىشقا ئۇرۇندى. خىتاي تارىخشۇناسلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر داھىسى ئىلتەبىر تۇمىدۇ ئىمپېراتورى تەرىپىدىن ئۇلۇق گېنېرال ۋە ۋىلايەتنىڭ تۇتۇغى بولۇپ تايىنلاندى. لېكىن ئۇ ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىدى ھەم «تۈركىيلەرگە ئوخشاش بارلىق لاۋازىملارنى تەشكىللىدى».

شوروون بۇمباغار تاش تاختىسىدىكى خەت بۇغۇ داھىسى ئى-تۇ-شو-ئېنىڭ خىزمەتلىرىنى ئەكىس ئېتىدۇ ۋە ئۇنىڭ 658-ژىلى غەربىي-تۈرك قاغانلىغىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانى ئاشىنا خېلۇنىڭ ئەسكىرىنى تار-مار قىلىشقا، شۇنداقلا تىبەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشلارغا قاتناشقانلىغى تىلغا ئېلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار رەھبەرلىگىدىكى توققۇز-ئوغۇز قەبىلىلىرى خىتاينىڭ سۆزىگە كىرمىدى. تاڭ ئىمپېرىياسىگە قارشى كۆتىرىلگەن بىرنەچچە قوزغىلاڭلار 660 – 663-ژىللىرى ئوچۇق ئۇرۇشقا ئايلاندى. تاڭ ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى بۇغۇ، توڭرا، بايىرقۇ ۋە سىغىر قەبىلىلىرى ژۈرگۈزدى. ئامما بۇغۇ داھىسىنى تاڭ ئىمپېراتورىنىڭ سادىق پۇخراسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن قەبرە خېتىدە تاڭ ئىمپېرىياسىگە قارشى ھەرىكەتلەر ئەسكە ئېلىنمايدۇ.

شوروون بۇمباغار يېزىغىدىكى مەلۇماتلار بۇغۇ قەبىلىسى داھىلىرىنىڭ شەجىرەسىدىكى مۇھىم بىر ھالقىنى تىكلەيدۇ. گەپ شۇنىڭدىكى، بۇ ۋاقىتقىچە گېلان باياندىن تاشقىرى، بىز ئۇنىڭ يەنە ئىككى ئەۋلادى – ئىلىك-چور (خىتايچە ئىلى-چژو) ھەم ئۇنىڭ خىتايچە «پۇگۇ خۇايېن» ئىسمى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر ئوغلى ھەققىدە بىلەتتۇق. پۇگۇ خۇايېن تاڭ ئىمپېرىياسىنىڭ ھەربىي-سەياسىي سىستېمىسىدا ئالىي ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن ۋە Vىىى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاڭ ئارمىياسىنىڭ قۇدرەتلىك گېنېراللىرىنىڭ بىرى بولغان ئېدى. پۇگۇ خۇايېننىڭ كەڭ كۆلەملىك تەرجىمىھالى تاڭ سۇلالىسىغا ئاىت مەنبەلەردە ساقلىنىپ قالدى، ئۇنىڭ تارىخى بولسا، «قېدىمىي ئۇيغۇرلار. Vىىى – ىX ئەە.» (2001) ناملىق كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن.

پۇگۇ خۇايېن ئان لۇشاننىڭ (755 – 762-ژژ.) قوزغىلىڭى ۋاقتىدا خىتاينىڭ تاڭ ئىمپېرىياسى بىلەن ئۇيغۇر قاغانلىغى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان ئېدى. تاڭ ئىمپېراتورىنىڭ خىزمىتىدە بولغان ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتنىكىلىق تۇققانلىرى – ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولدى. گېنېرالنىڭ ئىككى قىزى ئۇيغۇر بيوگيۇ-قاغاننىڭ (759 – 779-ژژ.) ئاياللىرى بولدى. ئۇيغۇر قاغانى بىلەن بولغان ئالاقە ئۇنى ئىمپېراتورغا خاىنلىقتا ئەيىپلەشكە ئاساس بولدى. نەتىجىدە ئۇ تاڭ سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىشكە مەجبۇر بولدى. پۇگۇ خۇايېننىڭ 765-ژىلى تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇشى تاڭ ئىمپېرىياسىنى ئاپەتلەردىن ئامان ئېلىپ قالغان ئېدى. مەلۇمكى، گېنېرالنىڭ نەۋرىسى «مەلىكە يابغۇ» 790-ژىلى ئوردۇبالىقتىكى ساراي ئاغدۇرۇشىغا قاتناشتى. ئۇيغۇر قاغانلىغىدىن كېيىن (840-ژ.)، «ئۇيغۇر» دەپ ئاتالغان بۇغۇ قەبىلىسى ئۆزىنىڭ يايلاقلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا باشلىدى. پۇگۇ ئى رەھبەرلىگىدىكى قەبىلىنىڭ بىر قىسمى جەنۇپقا – ئۇلۇق خىتاي سېپىلىغا قاراپ ئىنتىلدى ۋە باشقىلار بىلەن بىرقاتاردا خىتاينىڭ شىمالىي ئۆلكىلىرىگە ئورۇنلاشتى. بۇغۇ قەبىلىسىنىڭ بېسىم قىسمى شەرقىي تۈركستانغا كەتتى. 866-ژىلى ئۇيغۇر داھىسى بۇكۇ چىن تەرىپىدىن تۇرپاندا ھاكىمىيەتنىڭ قولغا ئېلىنىشى بەش يۈز ژىلغا يېقىن ئۆمۈر سۈرگەن ئۇيغۇر تۇرپان دۆلىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېساپلىناتتى.

ئەندى شوروون بۇمباغار قورغىنىنى قېدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخېولوگىيالىك يادىكارلىغى سۈپىتىدە تەرىپلەشكە كۆچەيلى. دەسلەپ ئالىملار شۇنىڭغا نەزەر ئاغدۇردىكى، «تۈركىي دەۋرىگە» ياتقۇزۇلغان قەبرە قېدىمىي تۈركىيلەرنىڭ يەرلەش ئەنئەنىسىگە توغرا كەلمەيدۇ. تۈركىيلەرگە مەرھۇمنى ئۇنىڭ ئېتى بىلەن بىللە يەرلەش خاس بولغان. تۈركىي قەبىرلەرنىڭ يەرلەش بۇيۇملىرىمۇ قۇرال-ياراقلار، بېزەكلەر، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قورغاندا بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ بىرىمۇ بايقالمىدى. بۇنىڭ ئورنىغا بەش مېتر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستى كاماسىدا لايدىن ۋە ياغاچتىن ياسالغان ئاتلىق ۋە پىيادە ئادەملەرنىڭ، قۇشلارنىڭ، بېلىقلارنىڭ، فانتاستىكىلىق مەخلۇقلارنىڭ ھەيكەلچىلىرى تېپىلدى. بۇ كاماغا ئىككى تەرىپى ئويۇلغان يول ماڭغان بولۇپ، بۇ ئويۇقلاردا ئۆرە تۇرغان ۋە ئاتلىق ھەيكەللەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

قېدىمىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ دەپنە مەراسىملىرىغا كېلىدىغان بولساق، ئۇلار ھەققىدە مەلۇماتلار تولۇق ئەمەس. بىز تاڭ ئەسەرلىرىدىن شۇنى بىلدۇقكى، قاغانلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن دەسلەپكى دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردا قاغاننى يېقىن ئادەملىرى بىلەن بىللە كۆمۈش ئەنئەنىسى موجۇت بولغان. يەنى شۇ دەۋىرلەردە يېقىن ئادەملىرىنىڭ روھلىرى پادىشاغا ئۇ دۇنىيادىمۇ خىزمەت قىلىشى كېرەك. 758-ژىلى ئەلېتمىش بىلگە-قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ يېقىنلىرى قاغان بىلەن بىللە تاڭ مەلىكىسى نىڭونى خېلىلا قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۆز مەقەسىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان.

ژۇقۇرىدا تەكىتلەڭەندەك، شوروون بۇمباغارنىڭ يەرلىگىدە ئارخېولوگلار مەرھۇمنىڭ سۈيەكلىرىنى تاپالمىدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى كېنوتافقا (سىمۋوللۇق دەپنىگە) ياتقۇزدى. مەرھۇم سۈيەكلىرىنىڭ تېپىلمىغانلىغىنى مەن بۇغۇ قەبىلىسىدە ئۆلۈكنى كۆيدۈرۈش ئەنئەنىسىنىڭ موجۇت بولغانلىغى بىلەن چۈشەندۈرگەن بولار ئېدىم. بىز بىلىمىزكى، گېنېرال پۇگۇ خۇايېننىڭ مۇردىسى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن «كۆيدۈرۈلۈپ، ئاندىن يەرلەڭەن».

قەبىردە ياغاچ ھەيكەلچىلەردىن تاشقىرى، ساپالدىن ياسالغان ھەيكەلچىلەر – 37 تولۇق بويلۇق ئادەملەرنىڭ قەددى-قامىتى ۋە 6 ئاتلىق ئادەملەرنىڭ ھەيكىلى تېپىلغان. ئۇلار يوغان ياپىلاق ئۈزلۈك، لېكىن ئېۋروپىلىق ئىرق بىلەن ئارىلاشقان موڭغولوىد قىياپىتىدىكى ئەر كىشىلەرنى (تولۇق بويىنىڭ ئېگىزلىگى 22،6 – 23،6 سم.) ئەكىس ئېتىدۇ. ئالىملارنىڭ پىكرىچە، ساپالدىن ياسالغان ھەيكەلچىلەر كۆپىرەك بۇغۇ قەبىلىسىنىڭ ۋەكىللىرىنى تەسۋىرلەيدۇ.

شوروون بۇمباغار قورغىنىدىن تېپىلغان نەرسىلەر – بۇ موڭغولىيا تېررىتورىياسىدىكى مۇنداق شەكىلدىكى دەسلەپكى تېپىلمىلاردۇر. ئالىملار شەرقىي تۈركستان ئوازىسلىرىدىن، ئەڭ ئالدى بىلەن، قەشقەر، كۇچار ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان، ھازىر دۇنىيانىڭ كۆپلىگەن مىراسگاھلىرىدا ساقلىنىۋاتقان خۇددى شۇ شەكىلدىكى تېپىلمىلار ئارىسىدىكى چوڭ ئوخشاشلىقنى بايقايدۇ. ئۇلار ئاساسەن X – Xى ئەسىرلەردە تۇرپاندىن تېپىلغان، سانكت-پېتېربۇرگتىكى ئېرمىتاژ فوندلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسىر-ئەتىقىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلارنى ئارىلاش موڭغولوىد-ئېۋروپوىد تىپى ۋە ئالدى تەرىپى ياپىلاق ھەم تۇخۇم شەكلىدىكى ئېگىزلىكلىرىگە ئېگە، ئۈستى تەرىپى ئۇچلانغان ئادەتتىكى «ئۇيغۇر» قارا بۆكى بىرلەشتۈرىدۇ. قىزىغى، بېرېزوۋسكىينىڭ رۇس ئېكسپېدىسىياسى تەرىپىدىن كۇچاردا تېپىلغان دەپنە فىگۇرىلىرى ئارىسىدا جەڭچى ھەيكەللىرىنى (Vى ئە.) قۇيۇش پايدىلىنىلىدىغان قېلىپلارمۇ بار.

شوروون بۇمباغار قورغىنى ھەققىدە ئەخباراتنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ كەلسەك، تەكىتلەش كېرەككى، بۇ بۈگۈنكى كۈڭىچە موڭغولىيا تېررىتورىياسىدىكى قېدىمىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئارخېولوگىيالىك يادىكارلىغىدۇر.

ئابلەت كامالوۋ
(قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق دوكتورى)