پورباژىن قەلئەسى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى

پورباژىن قەلئەسى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى

ئابلەت كامالوۋ

 (قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق دوكتۇرى)

روسىيە تۇۋا رىسپوبلىكىسى تەۋەلىگىدىكى پورباژىن قەلئەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە قايتا قۇرۇش تۈرى،قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ يۈكسەك قىزىقىشىنى قوزغىدى.ئەلبەتتە،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمى يادىكارلىقلارنى تەتقىقات تېمىسى قىلغان ھەرقانداق تۈر ئالقىشلىنىشقا ئەرزىيدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ رېسپوبلىكىمىزدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تۇۋادىكى قەدىمى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە ئائىت يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى رئىاللىققا ئايلاندۇرۇش بىلەنلا قالماي،بۇ تۈرگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئىستەكلىرىنى پۈتۈنلەي چۈشىنىشكە بولىدۇ.ناھايىتى مۇھىم ۋە قىزىقارلىق بولغان بۇ تەتقىقات تۈرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىنغاندا ،بىرقانچە خۇنۇك بولغان مەسىلىلەر مۇشۇ تارىخى يادىكارلىقلارنىڭ ئۆزىدە ساقلانغانلىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولغىنى سەۋەپلىك،بۇ ھەقتە بىرقانچە ئېغىز سۆز قىلىشنى توغرا تاپتىم.
ئالدى بىلەن مەسىلىنى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان ئۇيغۇر قەلئەسىنىڭ تەتقىق قىلىنىش تارىخى جەريانىدىن باشلىماقچىمىز،پورپاژىن خارابىسى 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن باشلاپلا رۇس جۇغراپىيەشۇناسلىرىغا تونۇشلۇق بولغان:بۇ توغۇرلۇق توبولىسكىيلىق ئاقسۆڭەك ئوغلى سېمون.رېمېزوف تەرىپىدىن1701-يىلى تۈزۈلگەن سىبىرىيەنىڭ خەرىتە-ئىسخىمىلىق كىتاپچىسىدا بىرىنچى قېتىم تىلغا ئېلىنغان(1882-يىلى سانكىت-پېتېربۇرگدا نەشر قىلىنغان)،س.رېمېزوف بۇ كىتاپچىسىدا ئۇشبۇ خارابىلىكنىڭ تېرېكۆلدىكى بىر ئارالغا جايلاشقىنىنى تىلغا ئالغان بولۇپ،كىم تەرىپىدىن قاچان قۇرۇلغان قەلئە ئىكەنلىگىنى بېكىتىشكە مۈمكىنىيىتى ۋە تىرىشىشى بولمىغان.كېيىن،يەنى 1891-يىلى بۇ قەلئە رۇس مىللەتشۇناسى،ئارخىئولوگى د.ئا.كلېمېنس تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن،ۋە بۇنى ئۆز تەتقىقات پىلانى ئىچىگە كىرگۈزگەن،ھەمدە ئۇ ئىلگىرى سۈرگەن موڭغۇلىيە ئورخۇن دەريا ۋادىسىدىكى شەھەر خارابىسى قارابالغاسۇن بىلەن ئوخشاشلىقى تۇنجى قېتىم تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.ئۇ»پورباژىننىڭ قۇرغۇچىلىرى موڭغۇللار ئەمەس،جوڭگولۇقلارمۇ ئەمەس،كىدان ياكى جۇرجىتلارنىڭ بولۇشى تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس،ئەڭ ئىشەنچلىگى قەدىمى قاراقۇرۇم قەۋملىرىنىڭ قېرىنداشلىرى قۇرغان بولۇشى مۈمكىن» دەپ يازغان ئىدى .شۇنىڭدىن كېيىنكى ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە پورباژىن تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان،لېكىن بەزىدە بۇ خارابە توغۇرلۇق،ئارخىئولوگلار د.كلېمېنسنىڭ ئىزىدىن بېسىپ ،ئۇشبۇ خارابە ئۇيغۇر قاغانلىغى(744-840يىللىرى)غا مۇناسىۋەتلىك دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ(مەسىلەن،گ.سوسنوۋىسكىي،ل.پوتاپوۋلار).قەلئەنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىگى توغۇرلۇق بۇ ھۆكۈم،قەلئەنىڭ يەرشەكلى تۈزۈلىشى(توپوگرافىيەلىك)،ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ پايتەختى ئىكەنلىگى ئىسپاتلانغان ئوردىبالىغ ،يەنى ئورخۇن دەريا بويىدىكى قارابالغاسۇن بىلەن ئوخشاش دىگەن ئاساستا چىقىرىلغان ئىدى.
قەلئە توغۇرلۇق تېخىمۇ تەپسىلى تەتقىقات،سابىق سوۋېت ئارخىئولوگى س.ئى.ۋاينېشتېين تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلدى،ئۇ»قەدىمى پورباژىن»دىگەن تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى.شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كىرەككى ،قەلئە توغۇرلۇق مەخسۇس ئارخىئولوگىيەلىك تەتقىقات،»تۇۋالارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى»(1969)،ۋە «قەدىمقى تۇۋالار»دىگەن كىتاپلارنىڭ ئاپتورى بولغان ل.ر.كېزلاسوفنىڭ ھىچقانداق كىتاۋىدا تىلغا ئېلىنمايدۇ.پەقەت بۇرۇنراق ئېلان قىلىنغان «ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۇۋا شەھەرلىرى»ماقالىسىدا «يەنە بىرى،تۇۋانىڭ شەرقى-جەنۇبى چەتلىرىدىكى تېرېكۆلگە جايلاشقان تۆتچاسا ،توپا سوقما سېپىللىك شەھەرچە،(ئىبادەتخانا ئىكەنلىگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ)»دەپ تىلغا ئالغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،س.ئى.ۋاينېشتېين بۇ قەلئە توغۇرلۇق تۇنجى قېتىم چۈشەنچە بېرىدۇ(1952-يىلى)،ۋە كلېمېنسنىڭ ئىزىدىن،بۇ قەدىمى قەلئە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دەپ شەرھىلەيدۇ.بۇ ماقالىسى «تۇۋا ھەقىقىتى»گېزىتىدا ئېلان قىلىنىدۇ(1953.09.25).ئۇ1959-يىلى پورباژىن قەلئەسىنى قېزىشقا باشلايدۇ،كېيىن АН СССРمىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تۇۋا ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرىلىدۇ،قەلئەنىڭ قۇرۇلغان يىل دەۋرى ۋە تەۋەلىكى،خارابىدە تېپىلغان بىزەك ساپال-فارفور خىشلارغا ئوخشاش ماتىرىياللار ئاساسىدا ئېنىقلىنىدۇ.»ئايانكى،بۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلۇشلارنىڭ تام-ئۆگزىلىرىنى بىزەشتە ئىشلىتىلىدىغان فارفور ساپاللار،شەرقتىكى يادىكارلىقلارنىڭ يىل-دەۋرىنى ۋە تەۋەلىك مەسىلىسىنى بىز ئارزۇ قىلغان مەنبەلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ،ئەتراپتىن تېپىلغان فارفور ساپال بىزەك خىش پارچىلىرى ،كىسېلېۋ ئوردىبالىغدىن بايقىغان تېپىلمىلارغا ئوخشاش»دەپ يازىدۇ س.ئى.ۋاينېشتېين.
س.ئى.ۋاينېشتېين يەنە كونكىرت قىلىپ مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ،»پورباژىندىكى مۇرەككەپ قۇرۇلۇشلۇق ئوردا،ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلار تۈرك قەبىلىسى چىكلارغا يۈرۈش قىلغاندا ھازىرقى تۇۋا تېررىتورىيەسىگە كىرگەن ئۇيغۇر قاغانى بايانچۇر(مويۇنچۇر)نىڭ بۇيرۇقى بىلەن سېلىنغان،بۇ يۈرۈشنىڭ 750-يىلى يۈز بەرگەنلىگى توغۇرلۇق مويۇنچۇرغا ئاتالغان مەڭگۈتاشقا پۈتۈلگەن».
س.ئى.ۋاينېشتېيننىڭ يېزىشىچە،پورباژىن قەلئەسى خارابە قالدۇقلىرى تۆت ئەتراپقا تۈز،تۆتچاسا قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ سېلىنغان ۋە كېيىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن سېپىل تېمىنىڭ خارابىسى ئىكەن،سېپىلنىڭ ئىگىزلىگى 10مېتىرغا يېتىدىكەن،سېپىل تامنىڭ شەرقى تەرىپى ئوتتۇرىسىغا مۇنارلار بىلەن مۇستەھكەملەنگەن دەرۋازا-قوۋۇق خارابىسى تېپىلغان،1959-يىلى ۋە1963-يىلى ئارخىئولوگلار قەلئە ئىچىدىن يەنە ئولتۇراق ئۆي ۋە ئوردا-ئىش بېجىرىش ئىمارەتلىرىنىڭ خارابە ئىزىنى بايقىغان،چىنە-ساپال ۋە تاشتىن ياسالغان تۇرمۇش بۇييۇملىرى پارچىلىرىنى ،تۆمۈر مىق ۋە باشقا بۇيۇملارنى بايقىغان.قەلئەنىڭ مەركىزى قىسمىدا يەنە ئىككى دۆۋە توپا تۆپىلىك بايقالغان بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئۈستىدە ئۆز ۋاقتىدا ئىككى ئىمارەت بولغان،پورباژىن قەلئە خارابىسى توغۇرلۇق بۇ مەلۇماتلار ئارخىئولوگىيە تەتقىقاتلىرىغا قاتناشقۇچىلارغا ۋە ئارخىتېكتورلۇق تارىخىشۇناسلىرىغا ئىنتايىن مۇھىم ئوبرازلىق خام ماتىرىيال (ئوبيېكىت،نىشان)بولىدۇ.پورباژىن قەلئەسىنىڭ رولى ۋە ئىشلىتىلىش مەقسىدىمۇ پۈتۈنلەي ئوچۇق بولىدۇ،باشلىنىشىدا بۇ قەلئە ئىبادەتخانا بولۇشى مۈمكىن دىگەن پەرەز ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى،لېكىن ئۇزاققا بارماي ئالىملار بۇ قىياسنى ئىنكار قىلدى،قەلئەنىڭ قۇرۇلغان يىل دەۋر تەۋەلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىنغان مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشىدىكى پۈتۈكلەرنى تەتقىق قىلساق،شۇنداق دەپ ئېيتىشكە بولىدۇكى،بۇ قەلئە ئۇيغۇر قاغانىنىڭ يازلىق ئوردىسى ئۈچۈن سېلىنغان،مويۇنچۇر ئۆزىنىڭ چىكلارغا قارشى يۈرۈشى توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن:»ئاندىن،يولۋاس يىلى(750-يىل)مەن چىكلارغا قارشى يۈرۈشكە ئاتلاندىم،2-ئېيىنىڭ14-كۈنى،كېم دەرياسىغا يېقىن جايدا ئۇلارنى بىتچىت قىلدىم،مۇشۇ يىلىدا مەن (دەريا)ئۈستىگە قاسار قوردان سېلىشقا بۇيرۇق قىلدىم،[مېنىڭ پەرمانىمنى ۋە يارلىقىمنى يىرتىغان…]».بۇ يۆلۈنۈشنى ئېنىقلاشتا س.كلىياشتورنىي ،»بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قاسار قوردان(تېسىنىسكىي مەڭگۈتېشىدا قاسار قورۇگ دەپ ئېلىنغان)نىڭ ئەلئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ لاگىرى ئىكەنلىگىنى تەكىتلەيدۇ.ئۇ قاسار قوردان\قاسار قورۇگنى پورباژىن قەلئەسى دەپ بېكىتىپ،مۇنداق كۆرسىتىدۇ:»تۇۋادا ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بۇ جاي ئىسمى قوردان سۆزى خوتان ئىسمىنىڭ تۈركچە ئاتىلىشى،تارىمدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن بۇرۇنلىغىنى ئىسپاتلايدۇ»دەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنى شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى،سېر ج،كلوسون ۋە سېر گ.بەيلىلەر تەرىپىدىن بېكىتىلگەن كوردان نامىنىڭ «خوتەن»بىلەن چۈشەندۈرۈلۈشى مەسىلىسى ھەممە ئالىملار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئەمەس.
تۇۋالاردا پورباژىن خارابىسى توغۇرلۇق نۇرغۇن رىۋايەتلەر ساقلانغان،بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى:بۇ قەلئە قۇلىقىنىڭ چوڭلىغىدىن ئەلچىگەن-قۇلاق-خان دەپ ئاتالغان خان بىلەن مۇناسىۋەتلىك،يەنى بۇ ئىشەك قۇلاق خان دىگەنلىك،خان قۇلىقىنى يوشۇرۇن تۇتقان ۋە كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنى ئۆلتىرىۋەتكەن،پەقەت مەلۇم بىر ساتراچلا بۇنى بىلىپ قالغان ۋە باشقا كىشىلەرگە ئاشكارىلىۋەتكەن.باشقا بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە،قەلئە مەلۇم بىر خان تەرىپىدىن يېنىسەي جىلغىسىغا سېلىنغان،ئۇ يەردە بۇرۇن كۆل يوق ئىدى،قۇدۇقتىن تېشىپ چىققان سۇدىن كۆل ھاسىل بولدى،قەلئەنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتىۋاتقىنىدىن قاچقان خان،جىلغىغا قاراپ موڭغۇلچە»تېرې نور،بولچى!»(ئۇ كۆلگە ئايلىنىپ كەتتى!)دەپ ھەيران-ئالاقزادىلىك بىلەن ۋاقىرايدۇ.
ھازىر تەتقىقاتچىلار»بۇ قەلئە بىر ئوردا بولۇپ،ئۇيغۇر قاغانى جوڭگو مەلىكىسى ئۈچۈن سالدۇرغان»دىگەن رىۋايەتنى بەكرەك ياقلايدۇ.ئۇيغۇر قاغانى ئەلئەتمىش قاغان،تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ ئانلۇشان توپىلىڭى(755-762-يىللىرى)نى باستۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن،مىننەتدارلىق يۈزىسىدىن ھەقىقەتەنمۇ بىر تاڭ مەلىكىسى نىڭگو قاغاننىڭ ئەمرىگە ئەۋەتىلگەن،مەنبەلەردىن بىلىشكە بولىدۇكى،مەلىكە نىڭگو 758-يىلى سىنتەبىردە ئۇيغۇرلار تەرىپىگە ئەۋەتىلگەن،لېكىن759-يىلى مايدا،ئۇيغۇرلار قاغانىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ،نىڭگونى مىيىت بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلماقچى بولىدۇ،ئەمما تاڭ تەرەپنىڭ قاتتىق ئېتىرازلىغىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن مەلىكە نىڭگونى ھايات قالدۇرىدۇ،قاغان ۋاپاتىدىن كېيىن مەلىكە نىڭگو759-يىلى ئاۋغۇست-سىنتەبىر ئايلىرىدا جوڭگوغا قايتىدۇ.ئۇيغۇرلار تەرەپكە تاڭ ئىمپىراتورلىغى جەمەتىنىڭ ۋەكىلى ھىساۋىدا باشقا بىر مەلىكە،مەلۇم بىر شاھزادىنىڭ قىزى __كىچىك نىڭگو مەلىكە ئەۋەتىلىدۇ،كىچىك نىڭگو مەلىكە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قالىدۇ ۋە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مويۇنچۇر قاغان ۋە بوگۇ قاغاننىڭ ئەمرىدە بولىدۇ(759-779-يىللىرى)،779-يىلىدىكى ئوردا سىياسى ئۆزگىرىشىدە كىچىك نىڭگونىڭ بوگۇ قاغاندىن بولغان ئىككى ئوغلى ئۆلتىرىلىدۇ،ئۆزىمۇ پايتەخت سىرتىغا قېچىپ كېتىدۇ.ئەگەر پورباژىن قەلئەسى 750-751-يىللىرى قۇرۇلغان دىگەن قىياس ئىشەنچلىك بولسا،بۇ قەلئە قۇرۇلۇپ ئۇزاق يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى758-يىلى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەلگەن ،ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاھىزەل 1يىل تۇرغان جوڭگو مەلىكىسىگە ئاتاپ سېلىنغان بولمايدۇ.ئەلبەتتە ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس مەلىكىلەرگە ئاتاپ سېلىنغان ئوردا ۋە شەھەرلەرنىڭ بولغانلىغى جوڭگو مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنغان،مەسىلەن مەلىكە شەھرى—گوڭجۇچېڭ(ئۇيغۇرچە قۇنچۇيبالىغ)،لېكىن ئۇلار ئۇيغۇر پايتەختىدىن خېلى يىراق جەنۇپ تەرەپكە ئورۇنلارشقان،شۇڭلاشقا پورباژىن قەلئەسىنىڭ جوڭگو مەلىكىسىگە ئاتاپ سېلىنغىنى توغۇرلۇق رىۋايەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.لېكىن يەنە كېلىپ،بۇ قەلئەنىڭ قۇرۇلۇشىغا جوڭگولۇق ئۇستىلارنىڭ ئەكىلىنىپ قاتناشتۇرۇلغانلىغىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كىرەككى،ئالىملار تۇۋا تېررىتورىيەسى دائىرىسىدە پورباژىندىن باشقا يەنە نۇرغۇن قەلئە خارابىلىرىنى بايقىغان ۋە تەتقىق قىلغان،ل.ر.كېزلاسوف 1969-يىلى15ئۇيغۇر قەلئەسى ۋە ئىگىزلىكتىكى بىر كۈزىتىش پونكىتى توغۇرلۇق يازغان،پۈتۈن بۇ قەلئەلەر سېپىل تاملىرى رومبا شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان،لاي ياكى پىششىق خىشتىن قوپۇرۇلغان،سېپىل سىرتى سۇ-ئۆستەڭلەر بىلەن قورشالغان،بۇ قەلئەلەرنىڭ ئىچكى كۆلىمى0.6گېكتاردىن5گېكتارغىچە دائىرىدە بولغان،بۇ 15قەلئەنىڭ ھەننىۋاسى خەمچىك دەريا جىلغىلىرىغا زەنجىرسىمان ئورۇنلاشتۇرۇلغان،بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغانلىرى بارلېك دەريا بويىغا جايلاشقان ئېلدېك-كېجىك(12.5گېكتار) ۋە چادان دەريا بويىغا جايلاشقان باجىن-ئالاك(18.2گېكتار)ھىساپلىنىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە شوگونارغا جايلاشقان 5قەلئە(شوگونار قەلئەلىرى) ل.ر.كېزلاسوف تەرىپىدىن ناھايىتى تەپسىلى تەتقىق قىلىنغان،قەلئەلەرنىڭ جايلىشىش ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكىدىن بۇ قەلئەلەر دەسلىۋىدە مۇداپىيەلىنىش ئىستىكامى تەرىقىسىدە سېلىنغان،كېيىن يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ قەلئەلەر دېھقانچىلىق ۋە قول-ھۈنەرۋەنچىلىك مەركەزلىرى بولۇپ قالغان.تۇۋادىكى بۇ زەنجىرسىمان مۇداپىيە قەلئەلىرى شىمالدىكى دۈشمەنلەردىن ساقلىنىش،بولۇپمۇ 9-ئەسىرنىڭ باشلىنىشىدىكى يېنىسەي قىرغىزلىرىنىڭ كۈچىيىپ بېرىشىدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن قۇرۇلغان،ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك،كېيىنكى نەچچى ئون يىلدا ئۇيغۇر قاغانلىغى بىلەن قىرغىزلار ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇشلار بولغان،ۋە840-يىلىدىكى قىرغىزلار ھۇجۇمىدىن ئۇيغۇر قاغانلىغىنىڭ يايلاقتىكى سەلتەنەتلىك ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا خاتىمە بېرىلگەن.
تۇۋادىكى ئۇيغۇر قەلئەلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى،ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋردىكى شەھەرقۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئوتتۇرا ئاسىيا-تارىم-ئىران ئەنئەنىلىرىنىڭ يۈكسەك تەسىرىدىن راۋاجلانغان،سوغدىلارنىڭ تۈرك-ئۇيغۇر ئىژتىمايى ھاياتىغا كۆرسەتكەن رولىنىڭ ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك،ئۇيغۇر مەڭگۈتاشلىرىغىمۇ سوغدىلار ۋە جوڭگولۇقلارنىڭ بايبالىغ شەھرىنى قۇرۇشقا قاتناشقانلىغى توغۇرسىدىكى مەلۇمات ئالاھىدە پۈتۈلگەن،ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەر-قۇرۇلۇش ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرىنى پورباژىن قەلئەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن ۋە خارابىلىكتىن ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
پورباژىننىڭ ئەھمىيىتى نىمە ئۈچۈن تارىخى مەۋقەگە كىرگۈزۈلىدۇ؟يۇقۇرىدىكى بايانلاردىن كۆرىۋالالايمىزكى پورباژىن قەلئەسى ئۇيغۇر قاغانلىغى دەۋرىدىكى تۇۋا تېررىتورىيەسىدىكى بىردىنبىر يادىكارلىق ئەمەس،بۇ يەردە يەنە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان كۆپ مىقداردىكى قەلئە-شەھەرچىلەر باقالدى،پورباژىننىڭ باشقا قەلئەلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يېرى،1-بۇ قەلئە ھازىرچە ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىغى تۇرغۇزۇلغان ۋە تېررىتورىيەسى كېڭەيگەن ۋاقىتتىكى جەنۇبى سىبىرىيەگە قۇرۇلغان بىردىنبىر قەلئە،بۇنىڭدىن باشقا ئوخشاش تۈردىكى قەلئەلەر 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك.2-بۇ قەلئە دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان مۇداپىيە-ئىستىھكام خاراكتىرلىق قۇرۇلۇش ئەمەس.
ئەلئەتمىش قاغان ۋە بايانچۇر(مويۇنچۇر)قاغان ھۆكۈمرانلىق قىلغان(747-759-يىللىرى)دەۋردە ئۇيغۇرلار بىپايان ئىچكى ئاسىيا قۇرۇقلىغىدا ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئاساس سالغان بىرقاتار ئىستىلا يۈرۈشلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى،ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يۈرۈشلىرى توغۇرلۇق ئىككى مەڭگۈتاش ،يەنى ئەلئەتمىش قاغان ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان مەڭگۈتاش(تېرخىنىسكىي مەڭگۈ تېشى،ئالاھىزەل753-يىلى)ۋە «سېلېنگا مەڭگۈ تېشى»نامى بىلەن مەشھۇر بولغان مويۇنچۇر مەڭگۈتېشى(759-760-يىللىرى)غا پۈتۈلگەن ،بۇ مەڭگۈتاشلار ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى توغۇرلۇقلا ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ قالماستىن،مەڭگۈتاشنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر ماددى مەدىنىيىتىنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە قىممەتلىك.بۇ ئۇيغۇر مەدىنى يادىكارلىقلىرىنىڭ پۈتۈلگەن ۋاقتى،پورباژىن ئۇيغۇر قەلئەسىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىغا يېقىنلىشىدۇ.
پورباژىن تەتقىقات تۈرى ،روسىيە ۋە تۇۋا دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قەدىمى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى يۈكسەك قىزىقىشىنى ئىسپاتلايدۇ.بۇ خىل قىزىقىش پەقەت ئىلىم ساھەسىدىكى قىزىقىشلار ئەمەس ،ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر دەۋرى تۇۋا تارىخىدا ئۆزىنىڭ ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.ھازىرغىچە تۇۋالار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا تەۋە ،قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇۋا تېررىتورىيەسىدە قېپقالغانلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى دەپ قارالغان تەۋەلىكلىرى بار(ئوندار—ئۇيغۇر).1889-يىلى ئاتاغلىق تۈركولوگ،مىللەتشۇناس ن.ف.كاتانوف «ئۇيغۇرلار بۇرۇن بوم-كېمچۇك ۋە ئۇلۇ-كېم دەريالىرى بويلاپ ياشىغان»دىگەن تۇۋا رىۋايەتلىرىنى خاتىرىلىگەن ۋە ئۇلارنى خەمچىك دەريا بويلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر نەسىللىك تۇۋالار دەپ يازغان.شۈبھىسىزكى،جەنۇبى سىبىرىيەدە قېپقالغان قەدىمقى ئۇيغۇرلار ھازىرقى زامان تۇۋا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە قاتناشقان،بۇ جەھەتتە پورباژىن بۈيۈك ئۇيغۇر ئىمپىراتورلىغىغا مۇناسىۋەتلىك ۋە شۇ ئىمپىراتورلۇق تېررىتورىيەسىنىڭ شىمالى قىرلىرىدا ياشىغان تۇۋالارلارنىڭ تارىخى ئۆتمۇشىنىڭ يارقىن بەتلىرى ھىساپلىنىدۇ.
تۇۋالار بىلەن قەدىمى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېتنىك مۇناسىۋەت ،قەدىمقى ۋە ھازىرقى زامان مىللەتلىرى مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى بىلەن باغلىنىشلىق.قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيادا مەۋجۇت بولغان ئوغۇزلار،قىپچاقلار،قارلۇقلار ۋە قەدىمى ئۇيغۇرلار بىرلا ئەمەس ھەرخىل ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە قاتناشقان.مەسىلەن ،ئوغۇزلار ،بىر تەرەپتىن ھازىرقى زامان تۈركلىرى،تۈركمەنلىرى ۋە ئازەربەيجانلىرىنى شەكىللەندۈرۈرۈشتە ئاساس بولغان بولسا،يەنە بىرتەرەپتىن باشقا ھازىرقى زامان ئېتنوسلىرى تەركىۋىدىمۇ ئوغۇز ئېلېمېنتلىرى بايقالغان،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزبەكلەر.بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئوخشىغان شەكىلدە قەدىمقى ئۇيغۇرلار»قالدۇقلىرى»نىمۇ ھازىرقى زامان ئېتنوسلىرى ئىچىدىن تاپقىلى بولىدۇ.قەدىمقى ئۇيغۇرلار ھازىرقى زامان شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ۋە گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلارنى شەكىللەندۈرۈشتە ئاساس بولۇپلا قالماي،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ،تۇۋالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن باشقا تۈركىي مىللەتلەردىمۇ «ئۇيغۇر»يىلتىزلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە شۇنى ئۈمىت قىلىمەنكى،روسىيە ئالىملىرى قانات يايدۇرىۋاتقان،»ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى-مەدىنىيىتىنىڭ بۈيۈك يادىكارلىقى»(س.ئى.ۋاينشتېين سۆزى)پورباژىن تەتقىقاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر دەۋرىگە ئائىت نۇرغۇن مەسىلىلەرنى يېشىپ يورۇقلۇققا چىقارغۇسى.

ئاپتور پايدىلانغان مەنبەلەر:

Л. Р. Кызласов. ئوتتۇرا ئەسىر تۇۋا تارىخى. Издательство Московского Университета. М., 1969
Л.Р.Кызласов. قەدىمقى تۇۋا Московского Университета. 1979
Л.Р. Кызласов. Средневековые города Тувы. – Советская археология. 1959. №3.
С.И. Вайнштейн. Древний Пор-Бажын. – Советская этнография. №6. 1964. С. 103-114.