ئۇيغۇرشۇناس نېمىس ئالىمى

ئا. گابېن 1901-ژىلى فرانسىيادە مىللىتى نېمىس ھەربىيلەر ئاىلىسىدە دۇنىياغا كەلگەن. 1920-ژىلدىن باشلاپ تۈركشۇناسلىق ساھاسى بويىچە ئىلمىي پاالىيەتكە قەدەم تاشلىغان. كېيىنىرەك ئۇ نېمىس ئېكسپېدىسىياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن ئېلىپ كەلگەن قېدىمىي يازما ۋەسىقىلەرگە قىزىقىپ، ئۇلارنى تەتقىقات قىلىشقا كىرىشكەن. ئەينە شۇنىڭ نەتىژىسىدە نېمىس ئالىمىنىڭ «قېدىمىي تۈركىي تىللارنىڭ گرامماتىكىسى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ قېدىمىي تارىخى»، «قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدىكى ئىجتىماىي ھايات» قاتارلىق ئەسەرلىرى بارلىققا كېلىدۇ. شۇنداقلا گابېن خانىمنىڭ رەھبەرلىگىدە دۇنىيا تۈركشۇناسلىغى ساھاسىدا بىرقاتار مەشھۇر ئالىملارنىڭ يېتىلىپ چىققانلىغى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. بۇ مەشھۇر ئىنساننىڭ قېدىمىي ئۇيغۇر تىل-يېزىغى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى بويىچە يېرىم ئەسىردىن كۆپىرەك ۋاقىت ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ رىۋاجلىنىشىغا سالماقلىق تۆھپە قوشقانلىغىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تەكىتلەشكە ئەرزىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ساھاسىدا قول يەتكۈزگەن نەتىجىلىرى گېرمانىيا تۈركشۇناسلىغىنى دۇنىيادىن ئالدىنقى سېپىگە ئېلىپ چىققانلىغىمۇ كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم.
گابېن خانىم 1981-ژىلى، يەنى 80 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭغا ئۆزى ئۆمۈربويى تەتقىق قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىگە قەدەم بېسىش ھەم ئۇ يەردىكى خەلقىمىز ۋەكىللىرى بىلەن دىدارلىشىش پۇرسىتىگە ئېگە بولىدۇ. ئۇ شۇ قېتىملىق سەپىرىدە تۇرپاننى زىيارەت قىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي دوكلاد بىلەن سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ. زوردۇن سابىر،

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس، ئىبراھىم مۇتئىي، مىرسۇلتان ھوسمان قاتارلىق بىلىم ئادەملىرى بىلەن ئۈز كۆرۈشۈپ، پىكىرلىشىدۇ. بەخىتكە قارشى، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا قىلغان تۇنجا ھەم ئاخىرقى سەپىرى بولۇپ قالىدۇ.

گېرمانىيا گوتتېڭېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ

بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خەلىقارادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ھۇلى تارىخىي ۋەتىنىمىز سىرتىدا، جۈملىدىن گېرمانىيا قاتارلىق ئەللەردە سېلىنغان بولسىمۇ، گابېن خانىم ھامان بىر كۈنى بۇ ئىلمىي ئىشلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلاردىن يېتىلىپ چىققان ئالىملارنىڭ زىممىسىگە ئۆتىدىغانلىغىنى ئۈمۈت قىلغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلىرىغا قېدىمىي ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخى بويىچە دەرىس ئۆتكەندە ئىشلەتكەن باتارېيالىك قولچىراقنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلاپ كەلگەن. ئۇنى گابېننىڭ ئوقۇغۇچىسى، داڭلىق تۈركشۇناس پېتېر لاۇت مەشھۇر ئالىمنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ، ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان. ئەينە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەنىدە لاۇت: «تۈركشۇناسلىق تەتقىقاتىنى مارافونچە كۈچ ئۇلاپ، ئۇزۇنغا ژۈگرەش مۇسابىقىسىغا قىياس قىلىشقا بولىدۇ. گابېن خانىم بۇ قولچىراق ئارقىلىق مەزكۈر مۇسابىقىنىڭ مەش”ئىلىنى تۇتاشتۇردى. ئۇنى نېمىس تۈركشۇناسلىرى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ھازىر ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىغا ئۇزاتتى. مەشھۇر ئالىم قەدىرلەپ، ساقلاپ كەلگەن بۇ تەۋەررۈك قولچىراقنى ئۇلارنىڭ ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا مىراس سۈپىتىدە قالدۇرىدىغانلىغىغا ئۈمۈت قىلىمەن» دېگەن ئېدى.
ئۆمۈر بويى تۇرمۇشقا چىقمىغان؛ پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە تۈركشۇناسلىق ساھاسىغا بېغىشلانغان ئاننا مارىيا فون گابېن 1993-ژىلى 90 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.