سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرىلىرى

ئې. ر. تېنىشېۋنىڭ يازغانلىرىدىن:

سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرىلىرى

1958-ژىلى يازلىغى مەن بېجىن ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتى بىلەن خىتاي خەلىق ژۇمھۇرىيتىنىڭ گانئسۇ ئۆلكىسىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار (رەسمىي نامى يۇيگۇ) ئارىسىدا بولدۇم. ليانخۇا ۋە مىنخاي ۋولوستلىرىدىكى، يەنى مەشھۇر ئالىم-تۈركشۇناس س. ئې. مالوۋ ئۇزاق ۋاقىت ياشىغان ۋە ئەمگەك قىلغان يەرلەردىكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرىلىرىنى يازدۇق.
بىز سزيۇسيۇاندىن (كونا نامى سۇ-شژوۇ) يۆتكەلدۇق ۋە ئۇيغۇر ت. خارچونىڭ قورا-جايىغا كېلىپ چۈشتۇق. بۇ يەرگە 1910-ژىلى فېۋرالئ ئېيىنىڭ باشلىرىدا س. ئې. مالوۋ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ۋە ئېتنوگرافىياسىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن كېلىپ سانىشكانلارنىڭ ئۆيىدە تۇرغان ئېدى.
بۇ ئۆيدە س. ئې. مالوۋنىڭ ئىسمى چوڭ ھۆرمەتكە ئېگە. تا موشۇ كەمگىچە سېرگېي ئېفىموۋىچ ئۆزى چۈشەرگەن سانىشكاننىڭ فوتوسى ۋە روسسىياگە كېتىشنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن چويۇن قازان ساقلانماقتا.
ژىللار داۋامىدا كۆپ نەرسىلەر ئۆزگىرىپ كەتتى، بىراق خەلىق ئارىسىدا س. ئې. مالوۋ توغرىسىدىكى خاتىرە ھازىرقى ھايات، ئۇنىڭ ئىسمى چوڭ ياشتىكى ئۇيغۇرلارغا ياخشى مەلۇم.
بىر كۈنى مەن ئۆي ئېگىسى ت.خارچونىڭ يېنىدا سېرگېي ئېفىموۋىچنىڭ فامىلىياسىنى ئاتاپ قالدىم. ت. خارچو ھاياجانلىنىپ: ما-لو-فۇ! ما-لو-فۇ!.. – دەپ كەتتى. كېيىن ئۇ بىر ئاز ئويلىنىپ مونۇلارنى سۆزلەپ بەردى.
س. ئې. مالوۋ ئاۋال سۇ-دژوۇغا كەلدى ۋە قەغەزلەرنى (يەنى رۇخسەتنامىنى) ئېلىپ بۇ تەرەپكە كەلدى. بۇ ئۆلكىلەردە ئۇ ئىككى قېتىم بولدى. شىنجاڭلىق ئۇيغۇر مۇنىر ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ ژۈرەتتى. ئۇلار شىېيزېدىكى ئەڭ كەمبەغەل ئادەم سانىشكاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ چۈشتى. پەقەت مالوۋ كەلگەندىن كېيىنلا سانىشكاننىڭ ھاياتى ئاۋالقىدىن ياخشى بولۇپ كەتتى. س. ئې. مالوۋ ئېيتقىنىمىزنى يېزىۋېلىپ، ئاندىن كېيىن قايتىلاپ بېرىدىغان، «سۆزلەيدىغان ماشىنىنى» ئېلىپ كەلدى. ھەممە ئۆزىنىڭ ئېيتقان سۆزىنى، ئۈنىنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇشتى. ئالىم شۇنداقلا سۈرەتلەرنى چۈشەردى، بارلىق يەرلەرگە باردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، ئۇرپى-ئادىتىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ سۆزلەشتى.
«مالوۋ ئۇيغۇرلارغا، – دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ت. خارچو – يەرنىڭ مۇرەككەپ جابدۇقلار بىلەن ئىشلەشكە ۋە ئۇ جابدۇقلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىمۇ سۆزسىز بولىدىغانلىغىنى ئېيتاتتى. ئاتلاردىنما ئىلدامىراق ئادەملەرنى توشۇيدىغان تۆمۈر ماشىنىلارنىڭ بارلىغىنى ئېيتتى. چېكى يوق ئىككى پىچاققا ئوخشايدىغان يولدا ژۈگرەيدىغان ماشىنىلارمۇ بار. ئۇلارغا چۈشۈۋېلىپ ئۇخلاشقا بولىدۇ. مالوۋ ئادەملەرنىڭ، خۇددى قۇشقا ئوخشاش ئاسماندا ئۇچىدىغان ماشىنىنى ئويلاپ چىقارغانلىغىنى سۆزلەپ بەردى. ئەينە شۇنداق قىلىپ، ھازىر بىزگە ياخشى تونۇش ئاۋتوموبىلئ، پوېزد ۋە سامولېتنىڭ بارلىغىنى دەسلەپكى قېتىم بىلىۋالغان ئېدۇق».
ت. خارچو يەنە س. ئې. مالوۋنىڭ ھەتتا قايتىپ كېتىپ بارغان چاغدىمۇ ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلىگىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇيغۇرلار كۆپتىن بېرى سۇ-دژوۇ چىنوۋنىگىنىڭ ئالدىغا كىرمەكچى بولغان بولسىمۇ، زادىلا كىرەلمەي ژۈرەتتى. س. ئې. مالوۋ قايتقاندا ئۇنى ئۈچ ياش ئۇيغۇر سارتېشكا، گو-فا-تېي ۋە ت. خارچو ئۇزىتىپ ماڭدى. ئۇلار س. ئې. مالوۋ بىلەن سۇ-دژوۇغىچە باردى ۋە بىرلىكتە چىنوۋنىڭنىڭ ئالدىغا كىرىشنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ ئىلتىماسلىرى ئورۇنلانغان ئېدى.
س. ئې. مالوۋ ئىككىنچى قېتىم كەلگەندىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇنى سۇدژوۇغىچە تەنتەنىلىك ئۇزىتىپ قويدى.
ئىشىمىزنى تۈگىتىپ بىز شىخايزېدىن 120 كم ژىراقتىقتا جايلاشقان مىنخايزې قىشلىغىغا (مىنخاي ۋولوستى) كەلدۇق. بىز ياش جەمىيەت ئەربابى ئۇيغۇر يان لو-زانىنىڭ ئۆيىدە ئولتاردۇق. مەن يان لو-زان بىلەن بۇنىڭدىن ئىكى ژىل ئاۋال ئۈرۈمچىدە ئۇچراشقان ئېدىم. ئۇ چاغدا يان لو-زان سېرىق ئۇيغۇرلار توغرىلىق قىزىقارلىق دوكلاد قىلغان ئېدى ۋە دەسلەپكى قېتىم س.ئې.مالوۋنىڭ ئۇلار تەرەپتە بولغانلىغى توغرىلىق دەسلەپكى قېتىم ماڭا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى.
يان لو-زان تۇرىدىغان قىشلاق دەل-دەرەققە چۆمگەن ئون بەشچە ھويلىدىن ئىبارەت. ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ چوڭى – 76 ياشلىق لاما س. زانۋۇ. ئۇ س. ئې. مالوۋنىڭ مىنخايدىكى ياردەمچىلىرىنىڭ بىرى بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەتخانىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، بىز ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردۇق.
«ما-لو-فۇ، – دېدى س. زانۋۇ – سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۈچ ژىلچە تۇردى. مىنخايدا بىر ئاي بولدى. بۇ يەرگە ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى بىلەن كەلدى. ئۇلار سانىشكاننىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭكىگە كېلىپ چۈشتى. مالوۋ ئانچە ئېگىز ئەمەس، ياش ئېدى، بىراق كۆز ئەينىگى ۋە ساقىلى بار ئېدى. مالوۋ كۆپ نەرسىلەرنى يازدى، ئۇيغۇرچە تازا سۆزلەتتى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆھبەتلىشەتتى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ياخشى مۇامىلە قىلاتتى. كېتىشنىڭ ئالدىدا ماڭا بەش دانە قەغەز ھەدىيە قىلدى ۋە «ياخشى پىتىگ» (ياخشى خەت يازغىن!)، – دەپ ئېيتتى.
س.زانۋۇ بۇ قەغەزلەرگە مۇقەددەس قانۇنلارنى يازدى. ئۇلار بارلىق خۇداغا پەتۋا قىلغۇچى بيۇدژېتلارنىڭ كىتاپلىرى ئوخشاش قېنىق-قىزىل ياغلىققا ئورالغان ھالدا س. زانۋۇنىڭ ئۆيىدە ساقلانماقتا. س. زانۋۇ ئېھتىياتلىق بىلەن ئۇنى يەشتى ۋە ئېنىق تىبېت يېزىغى بىلەن يېزىلغان بىر نەچچە ۋاراقنى ماڭا سۇندى.
كېتىشىمىزنىڭ ئالدىدا بىزنىڭكىگە ياش لاما – س. ئې. مالوۋ ياردەمچىلىرىنىڭ بىرىنىڭ شاگىرتى يان لو-زان كىرىپ كەلدى. ئۇ س. ئې. مالوۋ توغرىلىق، ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى چوڭ دىققەت بۆلگەن ئېقىللىق ئادەم توغرىلىق ئۆز ئۇستازىنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىدىن ياخشى بىلىدېكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا بۇنىڭغا ئوخشاش س. ئې. مالوۋ توغرىلىق كۆپ ھېكايىلەرنى ئاڭلاشقا بولىدۇ.
20 ئەسىردە يۈز بەرگەن ئەجايىپ چوڭ ئىجتىماىي ۋە سەياسىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ئىلگىرى تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆزىگە لايىق ئورۇن ئېگىلەلمىگەن ۋە ئۇنتۇلۇش خوۋۇپىغا مەھكۈم بولغان خەلىقلىرىنى مىللىي ئەن”ئەنىلىرىنى ياڭلىۋاشتىن تىكلەش يېڭى تۈزۈم شاراىتىدا مىسلىسىز ئۈستۈن تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتى بارلىققا كەلدى. بۇ يېڭى جەمىيەت تۈزۈمى شاراىتىدا باشقا خەلىقلەر بىلەن بىر قاتاردا تۈركىي خەلىقلىرىمۇ ئۆز مەدەنىيىتىنى، شۇ جۈملىدىن تارىخىنى، تىلىنى، قېدىمىي يېزىق يادىكارلىقلىرىنى، ئەدەبىيات ۋە سەن”ئەت ئەن”ئەنىلىرىنى، ئۇرپى-ئادەتلىرىنى ئىلمىي ئاساستا چوڭقۇر ئۈگىنىش ئىشى ئالاھىدە ئىشتىك سۈر”ئەت بىلەن ئوۋج ئالدى.
مالوۋ سەياھەت بويىچە بەرگەن ھېساۋىتىدا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىگى، توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراقلىرىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى، بايقىغان-بىلگەنلىرى توغرىسىدا ئېيتىدۇ.
س. ئې. مالوۋ توپلىغان ماتېرىاللار سېرىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىدىغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلار بۇ جەھەتتىن ئۆز ئەجداتلىرى چوڭغىل، خاروڭات، ئەنجان، توگشى، قوڭارت، ياغلاققىر ئۇرۇقلىرى ئېكەنلىگىنى ئېيتىدۇ. ياغلىقلار بولسا قېدىمىي دەۋىرلەردىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگە يولباشچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن چىققانلار شىمالىي مونغولستاندا، ئۇيغۇر خاقانىتىغا ئېگىدارلىق قىلغان.
سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ئۇرپى-ئادەتلىرى كۆپ ئېتنوگرافىيالىق قىزىقىشنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تۇغۇلۇپ، بىر ئايغىچە يۆگەكتە زاكلىنىپ ياتىدۇ. ئاندىن ئۇنى كىيىندۈرۈپ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا سالامغا ئاپىرىدۇ.
ئۇلارنىڭ بەزى بىر خۇسۇسىيەتلىرى، توي-تۆكۈنلىرى تېخىمۇ قىزىق. ژىگىت 15 ياشقا تولغاندا ئاتا-ئانىسى لايىق ئىزدەيدۇ. ئاندىن ئەلچىلەر بېرىپ، قىز تەرەپكە ياغلىق سوغا قىلىدۇ. ئىككى ژىلدىن كېيىن قىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئېلىق-سېلىق سېلىش ئۈچۈن ئۆيگە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ژىغىپ چاي بېرىدۇ. چوڭ توي ژىگىت تەرەپتە بولىدۇ. قىز تەرەپ ئۇزىتىش تەرەدۇتىنى قىلىدۇ. تويغا بىر ناخشىچى تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇ قىزنى مەدھىيىلەپ ناخشا ئېيتىدۇ. ئىككى ناخشىچى مېھمان كۆڭلىنى كۆتىرىدۇ. تاماق تارتىلىپ، چىرايلىق سۆزلەر ئېيتىدۇ. ئاخىرىدا ياشلار ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا تازىم قىلىدۇ.
سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ دەپىن مەراسىمىدا ئالاھىدىلىك كۆپ. ئۇلار جەسەتنى كۆيدۈرىدۇ. ئاندىن مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا بىردىن ئاق ياغلىق تارقىتىدۇ. يەتتە كۈندىن كېيىن لامانى تەكلىپ قىلىپ، ئۇستىخانلارنى ژىغىپ، يەرگە كۆمىدۇ. ئاندىن 49 كۈن قارىلىق تۇتىدۇ. ھەر كۈنى بىر قېتىم چاي بىلەن ناننى قۇرۋانلىق قىلىپ، ئاندىن قەغەز كۆيدۈرىدۇ. 3 ژىل ئۇدا بىر چىراقتىن 3 چىراق يېقىلىدۇ. كېيىن قارىلىق تۇتۇش قەرەلى تۈگەيدۇ، ئۇرۇق-تۇققانلار نەزىرگە تەكلىپ قىلىنىدۇ.
ھازىرقى ۋاقىتتا سانك-پېتېربۇرگ شەھىرىنىڭ ئېتنوگرافىيا مۇزېيىدا 150 خىل نەرسە توپلانغان.
شەرقىي تۈركستان ئۇيغۇر كولېكسىياسىدە ساز ئەسۋاپلىرى – تەمبۈر، داپ، دۇتار، غېجەك، ساپال ۋە شامان دەۋرىدىكى ئاق رەخت ۋە ئاق رەڭ ياغلىقلار بوقۇشلاردىن توقۇلغان چاچ، باخشىنىڭ قىلىچلىرى بار.
سېرىق ئۇيغۇرلار شۇارنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدە ياشايدۇ. تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان ئاھالىنىڭ داىرىسى تارايدى. ئۆزلىرىنى سېرىق ئۇيغۇرلار دەپ ئاتايدىغان بىر قىسمىلا ئۆزىنىڭ تۈرك تىلىنى ساقلاپ قالدى. قالغان بىر قىسمى موڭغول تىلىدا يەنە بىر قىسمى تىبەت تىللىرىدا، خەنسۇ تىلىدا سۆزلىشىدۇ.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-ژىللىرى ئاكادېمىك رادلوۋنى «ئالتا» تىلىنىڭ قېدىمىي ئۇيغۇر تىلىدا فونېتىكىلىق تۈزۈلۈش گېپوتېزىنى تەستىقلەيدىغان يولىنى ئىزدەپ شۇاردا ياشايدىغان تۈرك تىللىق سېرىق ئۇيغۇرلار قىزىقتۇردى. ئۇلار ئەڭ يېقىن قانداش قېرىنداشلار.
ژۇغراپىيەلىك، چېگارا ۋە دىنىي ئېتىقات ئايرىمچىلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بۆلىگى. ئۇلار بۇددىزمنى قوللايدىغان تۈرك خەلىقلىرىنىڭ ئىچىدىكى يېگانە بۇددىستلار.

ئېدخيام راخىموۋىچ تېنىشېۋ،
فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ دوكتورى.
(«قازاقستان سسر پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ خەۋەرلىرى» ژۇرنالىدىن قىسقارتىلىپ ئېلىندى).