ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى ئېكەنلىگىمنى خەۋەرلەڭلار

ئىرلاندىيا پۇخراسى دادىسىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئىزدەيدۇ

«ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى ئېكەنلىگىمنى خەۋەرلەڭلار»

ئۆتكەن ژىلنىڭ ياز ئايلىرى. بىر كۈنى مەن ئىستىقامەت قىلىۋاتقان «كازناروش» مەھەللىسىنىڭ ژىگىتبېشى تۇرغانجان توختاېۋ «ۋودنىك» مىكرورايونىدا ئىستىقامەت قىلىدىغان رىمما ھاجىېۋانىڭ بىر ئىلتىماسى بار ئېكەنلىگىنى ئېيتىپ قالدى. ئۇچراشقان ۋاقتىمىزدا رىمما ھەدە «سىنىپداشلار» تورىدا تاتئيانا سېرېنوۋنا بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىنى، ھەم ئۇياقنىڭ ئۇزاقتىن بېرى ئىرلاندىيالىك سانال بادماېۋقا ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئىزدەشتۈرۈش ئىشىدا ياردەملىشىۋاتقانلىغىنى يەتكۈزدى. سانالنىڭ دادىسى ئۇيغۇر ئېكەنلىگىدىن خەۋەردار بولغان رىمما ھەدە خەلقىمىز ۋەكىللىرى زىچ ياشاۋاتقان جاي-جايلاردىكى ژىگىت باشلىرى ئارقىلىق بىرەر مەلۇمات ئالماقچى بولىدۇ. بۇ ئۇچرىشىشتىن بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ، 29-ئىيۇلئ 2016-ژىلى «مېنى كۈت» تېلېۋىزىيالىك پروگراممىسىدا ئىرلاندىيا دۆلىتىدە ياشاۋاتقان سانال بادماېۋنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر «مارات» ئىسىملىق دادىسىنى ئىزدەۋاتقانلىغى توغرىلىق خەۋەر تارقىلىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن مەن سانالنىڭ ئىنتېرنېتتىكى يازغانلىرى بىلەن تونۇشتۇم. سانال دەسلەپ دادىسىنىڭ «تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇر بولۇشى مۈمكىن» دېگەن تەخمىننى ئالغا تارتسا، كېيىنىرەك دادىسىنى قازاقستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىنمۇ ئىزدەش كېرەكلىگىنى ئېيتىدۇ. ئىككى ياشتىن ئەندىلا ئالقىغان گۆدەك ۋاقتىدا نامەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئاتىسىدىن ئايرىلغان سانال دادىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېكەنلىگىنى 2000-ژىلى ئۆگەي ئاتىسى دۇنىيادىن ئۆتكەن ۋاقىتتىلا ئاڭلىغان ئېكەن. مەلۇمات بولمىغان يەردە تۈرلۈك-تۈمەن تەخمىنلەرگە تولۇپ كېتىدىغىنى ئېنىققۇ. دادىسى توغرىلىق ئاڭلىغان بىر ئېغىز سۆزنىڭ ئىزدەش ئىشلىرىغا پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن نىيەتتە كۆپچىلىك بىلەن بۆلۈشكىسى كېلىدۇ. ئانىسى دادىسى ھەققىدە ھېچقانداق سۆز ئاچماي، سىرنى ئۆزى بىلەن باقىيلىققا ئېلىپ كېتىپتۇ. سەياسىي تەقىپتىن ژۈرىگى موجۇلغان ئاپىسىنىڭ سىر ساقلىشىدا ئۆزىگە چۈشلۇق سەۋەپلىرىمۇ بولۇشى مۈمكىن. بەلكىم، مارات شۇ دەۋىردىكى كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ تەقىۋىگە ئۇچرىدىمۇ؟ تارىختا ئۇرۇلۇپ-سوقۇلغان ئىككى مىللەت ۋەكىلىنىڭ باش قوشۇشىغا نېمە توسالغۇلۇق قىلغان؟ كېيىنكى تەغدىرى قانداق بولغان؟ ھازىرچە سواللار كۆپ، ئامما جاۋاپ يوق.

بىرىنچى خەت

مەن سانال مارات ئوغلى بادماېۋ 1962-ژىلى 3-ئاۋگۇستتا تاجىكستاننىڭ دۈشەنبە شەھىرىدە دۇنىياغا كەلگەن. ئانام ئالېكساندرا بادماېۋا 25-دېكابرئدا 1936-ژىلى كالمىكىيادە تۇغۇلغان. ئۇ 1942-ژىلى بەش ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن تەقىپكە ئۇچراپ سىبىرئغا پالانغان. مومام لاگېرئنى قورشاپ تارتىلغان ئېلېكتر سىمىدىكى توكتىن كۆز ژۇمۇپتۇ. 1960-ژىلى ئانامغا تاجىكستاندا ئورۇنلىشىشقا رۇخسەت بەرگەن ئېكەن. ئۇ 1962-ژىلى مەن تۇغۇلغاندا پاسپورت بۆلۈمىدىكىلەردىن دادامنىڭ ئىسمىنى مارات دەپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ فامىلىياسىنى بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. سانالنىڭ ئاتىسى مارات خخجدىن. («شىڭژاڭ ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونىدىن» – ئا.ت). ئانامغا چەت ئەللىككە تۇرمۇشقا چىقىشقا رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكتىن مەن مەخسۇس بالىلار باغچىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېكەنمەن. دادام بىلەن ئانامنىڭ ئاىلىلىك بولۇشى شۇ دەۋىردىكى سەياسەتكە توغرا كەلمىگەنلىكتىن ئايرىلىپ كەتكەنمۇ بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. مۇھىمى، دادامنىڭ ئىسمى مارات، مىللىتى ئۇيغۇر ئېكەنلىگىنى بىلىمەن. باشقا ھېچ قانداق مەلۇمات يوق. مۈمكىن مېنىڭ دادام تاجىكستاندا ياشاپ، ئۇنى ئىزدەۋاتقانلىغىمنى بىلمەيدىغاندۇ. سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا مۇھتاجمەن.
سانال مارات ئوغلى بادماېۋ

ئىككىنچى خەت

1978-ژىلى لېنىڭرادتا پاسپورت ئېلىۋاتقان چاغدا پاسپورت بۆلۈمىدىكىلەر تۇغۇلۇش توغرىلىق گۇۋانامىدا دادام توغرىلىق مەلۇمات يوقلىغىنى چۈشەندۈرۈپ، دۈشەنبىدە تۇرۇۋاتقان ئاپامغا تېلېفون قىلىشتى. ئاپام ئۇلارغا ماڭا ھامىلدار ۋاقتىدا دادامنىڭ ئۆرتتە كۆيۈپ كەتكەنلىگىنى، ئۇنىڭ ئىسمى مارات ئېكەنلىگىنى خەۋەرلىدى. شۇنداق قىلىپ مەن ئانامنىڭ فامىلىياسىدە بادماېۋ، ئىسمىم قالماقلار ئارىسىدا كۆپ تارالغان سانال بولۇپ قالدى. پاسپورتۇمدىكى دادام ھەققىدىكى مەلۇمات يېزىلىدىغان قۇرغا «مارات» دەپ يېزىلدى. ئاتامنىڭ فامىلىياسىنى، يە تۇغۇلغان ژىلىنى، يە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جايىنى بىلمىگەنلىكتىن ئۇنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ناھايىتى قىيىن ئېكەن. مەن ئون بەش ياشقا تولغىچە ئانام، ئۆگەي دادام بىلەن ياشىدىم. ئۆگەي دادامنىڭ سىڭلىسى روزانىڭ ئانامنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىدىن خاتىرىسىدە قالغىنى، دادام «قازاقستانلىق ئۇيغۇر ئېمىش». لېنىڭرادتىكى ۋاقتىمدا مەن ئارىلاشقان قازاق، تاتار، باشقۇرت، قىرغىزلارنىڭ ئارىسىدا «مارات» ئىسىملىق دوستلىرىم كۆپ بولغان ئېدى. ئامما ئۇيغۇرلارنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئېدىم. ئۇنىڭ توغرىلىق ھېچ قانداق مەلۇمات يوق. مېنىڭ بىلىدىغىنىم چىڭگىزخاننى ياش ۋاقتىدا تۇتقۇندىن قۇتۇلدۇرغان ئۇيغۇرلار بولغان. كېيىن قۇدرەتلىك خان بولغاندا ئۇيغۇر ئېلىگە ھەربىي ژۈرۈش قىلمىغان (مۈمكىن مەن خاتالىشىدىغاندىمەن) ئانام ستالىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئاقلانغان تەقىپلەڭۈچىلەر قاتارىدا كالمىكىياغا قايتىپ كەلدى. بالىلار ئۆيىدە بىللە ئۆسكەن قۇرداشلىرى مەركىزىي ئازىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە دۆلەت چاقىرىغى بىلەن تىڭ يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئېغىر ساناەتنى، يېزا ئېگىلىگىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاتلاندى. ئەڭ ئېغىر دەۋىرلەردە بىر پارچە ناننى تەڭ بۆلۈشۈپ يېگەن، بالىلىقنىڭ گەشتىنى سۈرۈشكە نېسىپ بولمىغان دوستلىرىنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئاپاممۇ تاجىكستانغا ئورۇنلىشىپ قالغان ئېدى. قەھەرلىك سىبىرئدىن كېيىن سالامەتلىگىنى خېلىلا يوقاتقان ئانامغا ئۇلار يار يۆلەك بولدى. بىر-بىرى بىلەن يېقىن ئارىلاشقان دوستلارنى تاجىكستاندا باشلانغان ئۇرۇش ئايرىۋەتتى. ھەممىسى ھەر ياققا كېتىشتى. ئاپاممۇ ئۇ يەردىكى پەتىرنى گروزنىيدىكى پەتىرگە تېگىشىپ كەتمەكچى ئېدى. ئامما 1994-1996-ژىللىرى ئۇ يەردىمۇ تېچلىق بۇزۇلغاچقا مۈمكۈنچىلىك بولمىدى. تاجىكستاندىكى گراژدانلار ئۇرۇشى ئوۋج ئالغان ژىللىرى ئانامنى ئامان قالىدۇ، دەپ ئۈمۈت قىلغان ئېدىم. ئامما ئۇ شۇ ئۇرۇشنىڭ قۇرۋىنىغا ئايلاندى.

ئۈچىنچى خەت

2013-ژىلى تاجىكستاندىكى يېڭىلىق، خەۋەرلەرنى تارىتىدىغان «چارخى گاردۇن» سايتىدا مۇخبىر گۈلچېخرە ھوسمانوۋانىڭ تاجىكستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر ئاسسوسىاسىياسىنىڭ رەىسى ئابدۇكېرىم تۇردىاخۇنوۋتىن ئالغان ئىنتېرۋئيۇسى بېسىلىدۇ.
سانال بادماېۋ مۇخبىرغا تۆۋەندىكى خەتنى يوللايدۇ:
ھۆرمەتلىك گۈلچېخرا ھوسمانوۋا سىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىڭىز مېنى بەك قىزىقتۇردى. مەن 1962-ژىلى دۈشەنبىدە تۇغۇلدۇم. 2000-ژىلى موسكۋادا ۋاپات بولغان ئۆگەي ئاتام رافاېلئ خانانوۋنىڭ دەپىن مەراسىمىغا قاتناشقان چىمكەنتلىك روزا ئىسىملىق قېرىندىشى سىڭلىم ئېلياغا تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. «سىلەرنىڭ ئاپاڭلار 1960-ژىلى مارات ئىسىملىق ئۇيغۇر ژىگىتى بىلەن تونۇشىدۇ. 1962-ژىلى ئاكاڭ سانال دۇنىياغا كېلىدۇ. 1970-ژىلى ئېليا دۇنىياغا كەلگەندە، ئۇيغۇر ژىگىتى بىلەن بولغان تونۇشلىغىنى يولدىشى رافاېلئدىن يوشۇرۇپ ئېغىز ئاچمىغان. دادامنىڭ ئىسمى «مارات»، مىللىتى ئۇيغۇر ئېكەنلىگىنى ئېيتقان. ماڭا ئىرلاندىياگە تېلېفون قىلىپ، دادامنىڭ مىللىتى بويىچە مېنىڭ ئۇيغۇر ئېكەنلىگىمنى، ئۆزەم دۇنىياغا كەلگەن جايدا دادامغا ئاىت مەلۇماتلارنىڭ تېپىلىپ قېلىشىنى خەۋەرلىگەن. گۈلچېخرا، سىزگە ئىلتىماسىم: تاجىكستاندىكى ئۇيغۇر جاماەتچىلىگىگە مېنىڭ مارات ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى ئېكەنلىگىمنى خەۋەرلىسىڭىز. دادامنىڭ فامىلىياسىنى بىلمەيمەن. 60-ژىللىرى مارات دېگەن ئۇيغۇر بولغانمۇ؟ فامىلىياسى، ئۇرۇق-تۇققانلىرى، ئەۋلادى ھەققىدە بىرەر ئۇچۇر بولۇپ قالسا، دېگەن ئۈمۈتتە سىزگە مۇراجىەت قىلىۋاتىمەن.
سانالماراتوغلى بادماېۋ.
مېنىڭ ئېلېكترونلۇق پوچتام:sanalbadmaev@outlook.com

«سىنىپداشلار» ئىجتىماىي تورىدىكى خەۋەر

60-ژىللىرى مارات نوۋويۇدىنكى بالىلار ئۆيىنىڭ تەربىيىلەڭۈچىسى قالماق قىزى ئالېكساندرا بىلەن تونۇشىدۇ. مارات تېخنولوگىيالىك تېخنىكۇمنى تاماملىغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئالمۇتىدا تۇرغان ئېكەن. دۈشەنبىدىكى ماشىنا زاۋودىدا ماستېر بولۇپ ئىشلىگەن مارات بىلەن ئالېكساندرا زاۋودتىن ئانچە ژىراق ئەمەس ئۆيدە ئىجارىدە تۇرىدۇ. نېكاسى قانۇنلۇق رەسمىيلەشتۈرۈلمىگەن ئاىلىدە سانال دۇنىياغا كېلىپ، ئۇ ئۈچ ياشقا كەلمەي تۇرۇپلا ئۇلار ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئالېكساندرا ياتاققا ئورۇنلىشىپ، سانال باغچىدە تەربىيىلىنىدۇ. سانالنىڭ دادىسى توغرىلىق سوالىغا قىسقىچىلا «كۆيۈپ كەتتى» دەپ جاۋاپ بېرەتتېكەن. سانال ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ بىر مىللەتكە تەەلۇقلىغىنى بىلگۈسى كېلىدۇ.

ئەندى سانال ھەققىدە

سانال مارات ئوغلى بادماېۋ لېنىڭراد شەھىرىگە كېلىدۇ. 1978–1980-ژىللىرى كەسپىي تېخنىكىلىق ئۇچىلېشىدا، ئوقۇۋېتىپ ئەركىن كۈرەش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1979-ژىلى لېنىڭراد شەھىرى كۇبوگىنىڭ غالىبى ئاتىلىدۇ. 1980-ژىلى لېنىڭراد ۋېتېرىنار ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا چۈشتى. سانال بادماېۋ 1983–1985-ژىللىرى ھەربىي بورچىنى ئۆتەپ، ئالىي ئوقۇش دەرگاھىنى 1989-ژىلى تاماملىدى.
سانال بادماېۋ 1990-ژىلى لېنىڭرادتا ئۆيلىنىپ، ئاىلىسى بىلەن گېرمانىياگە كۆچۈپ كەتتى. ئايالى پولياك قىزى بولغانلىقتىن،

1995-ژىلدىن باشلاپ پولئشادا ياشىدى. سانال يەكمۇ-يەك كۈرەشلىرى بويىچە مەشىقلەندۈرگۈچى بولۇپ ئىشلىدى. 2002-ژىلدىن باشلاپ بادماېۋلار ئاىلىسى ئىرلاندىيادە ئىستىقامەت قىلىۋاتىدۇ. ئىككى قىزى بار. ئۇ ھېلىكەم مەشىقلەندۈرگۈچى. سانال پاالىيىتىگە بولا ئىڭلىز، پولياك، نېمىس تىللىرىنى مۇكەممەل بىلىدۇ.

«ھەر بىر ئۇيغۇر سېنىڭ تۇققىنىڭ»

سانالنىڭ ئانىسى تەرىپىدىن ئۇرۇق-تۇققانلىرى توغرىلىق مەلۇماتلار كالمىكىيا ئارخىۋلىرىدا ساقلانغان ئېكەن. قالماق مىللىتىنىڭ جانكۆيەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئارقىسىدا سانال بۇ مەلۇماتلار بىلەن تونۇشۇش مۈمكىنچىلىگىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭغا بۇ جەھەتتىن تاتئيانا سېرېنوۋنا كۆپ ياردەملىشىدۇ. كالمىكىيادە يورۇق كۆرىدىغان ئاممىۋىي ئەخبارات ۋاسىتىلىرىدە سانال ھەققىدە خېلە ماقالىلار يورۇق كۆردى. ئەلەم قىلىدىغىنى، دادىسىنى ئىزدەش ئىشلىرىدا ژىپنىڭ ئۇچىمۇ كۆرۈنمەيدۇ.
دۇنىيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان، قېنىدا ئۇيغۇر قېنى بار ژىگىت پەرزەنتلىرىگە، نەۋرە-چەۋرىلىرىگە دادىسى تەەللۇق مىللەت ھەققىدە ئېيتىپ بەرگۈسى كېلىدۇ. سانالغا روھىي مەدەت بېرىشىمىز ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىجتىماىي تور ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالاقە ئورنىتىشىمىزنىڭ مۇھىملىغىنى رىمما ھەدە بىلەن تۇرغانجان ئاكا ئالاھىدە تەكىتلەشتى. دۇنىياغا تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن ھەربىر ئۇيغۇر سانالنىڭ دادىسىنى تېپىشىغا ياردەملىشىدۇ، دەپ ئۈمۈت قىلىمىز. چۈنكى تۇرغانجان ئاكا بىلەن رىمما ھەدە ئېيتقاندەك: «ھەر بىر ئۇيغۇر سېنىڭ تۇققىنىڭ، سانال!»
ئازنات تالىپوۋ.

يېڭى تېپىلغان رەسىملىرىنى قوشۇپ قويدۇم

 


ئامراق