ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاتىسى

سېرگېي ئېفىموۋىچ مالوۋنىڭ تۇغۇلغىنىغا 100 ژىللىغىغا داىر يېزىلغان ماقالە

XX ئەسىردىلا ئەجايىپ چوڭ ئىجتىماىي ۋە سەياسىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ئىلگىرى تارىخ سەھپىسىدىن ئۆزىگە لايىق ئورۇن ئېگىلەلمىگەن ۋە ئۇنتۇلۇش خوۋپىغا مەھكۈم بولغان خەلىقلەرنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ياڭلىۋاشتىن تىكلەش، يېڭى تۈزۈم شاراىتىدا مىسلىسىز ئۈستۈن تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتى بارلىققا كەلدى. بۇ يېڭى جەمىيەت تۈزۈمى شاراىتىدا باشقا خەلىقلەر بىلەن بىر قاتاردا تۈركىي خەلىقلەرمۇ ئۆز مەدەنىيىتىنى، شۇ جۈملىدىن تارىخىنى، تىلىنى، قېدىمىي يېزىق يادىكارلىقلىرىنى، ئەدەبىيات سەنئەت ئەنئەنىلىرىنى، ئۇرپى-ئادىتىنى ئىلمىي ئاساستا چوڭقۇر ئۈگىنىش ئىشى ئالاھىدە ئىشتىك سۈرئەت بىلەن ئوۋج ئالدى. مەدەنىي يۈكسىلىشنىڭ كۆرسەتكۈچى بولغان بۇ ساھالارنىڭ جىددىي يولغا قويۇلۇشىغا قېرىنداش رۇس خەلقىنىڭ پېشقەدەم ۋەكىللىرى ئالاھىدە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلدى. بولۇپمۇ تۈركىي خەلىقلەر تىلىنى ئاساسلىق ئۈگىنىش بويىچە دەسلەپكى جىددىي ئىلمىي تەتقىقاتلارغا قىزغىن تۇتۇش قىلىپ، بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ۋەزىپىسىنى س. ئې. مالوۋ باشلىق ئا. ك. بوروۋكوۋ، ك. ك. يۇداخىن، ۋ. م. ناسىلوۋ ۋە ن. ئا. باسقاقوۋقا ئوخشاش رۇس ئالىملىرى ئۆز زىممىسىگە ئالدى.
بۇ ھەقتە سۆز بولغىنىدا بىز بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلمىي ۋە پراكتىكىلىق پروبلېمىلىرىنى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئۈگىنىشكە پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى، پەم-پاراسىتىنى، كۈچىنى سەرىپ قىلغان ئاتاقلىق ئالىم سسسر پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، پروفېسسور سېرگېي ئېفىموۋىچ مالوۋنىڭ ئىسمىنى چوڭقۇر ئېھتىرام، چەكسىز ھۆرمەت ۋە سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلەن تىلغا ئالىمىز.
س. ئې. مالوۋ 1880-ژىلى 16-يانۋاردا قازان شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ دەسلەپ دىنىي ئۇچىلىشئې، ئاندىن سېمىنارىيانى ۋە قازاندىكى دىنىي ئاكادېمىيانى تاماملىدى. ئۇنىڭ تۈركىيشۇناسلىققا دېگەن دەسلەپكى ھەۋەسىنىڭ ئويغىنىشىغا ئاتىسى ئېفىمىي ئالېكساندروۋىچ مالوۋنىڭ چوڭ تەسىرى بولغان ئېدى. تۈركىي تىللارغا بولغان قىزىقىش س. ئې. مالوۋنى كۆپ ئۆتمەي بېۋاسىتە تۈركىيشۇناسلىق مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئېلىپ كەلدى. كىچىگىدىن زېرەك ۋە ئىدرەكلىك س. ئې. مالوۋ قازان ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدا تەشكىل قىلىنغان ئارخېولوگىيا، تارىخ ۋە ئېتنوگرافىياسىنى ئاساسلىق ئۈگىنىشتە مۇمىشەرلەر تىلىنى تەكشۈرۈش سەياھىتىگە دەۋەت قىلدى. ئالىمنىڭ يورۇق كۆرگەن دەسلەپكى ئىلمىي ئەمگىگى مەزكۈر تىلغا بېغىشلاندى. 1904-ژىلى قازان شەھىرىدىكى دىنىي ئاكادېمىيانى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇ سانكت-پېتېربۇرگ فاكۇلتېتىنىڭ ئەرەپ-پارس-تۈرك بۆلۈمىگە ئوقۇشقا چۈشۈپ، ئۇنى 1909-ژىلى تاماملىدى. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇپ ژۈرگەن چاغلىرىدا س. ئې. مالوۋ تاتار، ئەرەپ ۋە پارس تىللىرى بويىچە ئىلگەركى بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى بىلەن بىللە باشقا تۈركىي تىللارنى ئۈگىنىشكە ئالاھىدە تىرىشتى، بۇ ژىللار داۋامىدا ئالىم بولۇپمۇ ئاكادېمىك ۋ. ۋ. رادلوۋنىڭ باشچىلىغى ۋە ئۇنىڭ مەسلىھىتى بىلەن ئىلىم-پەن دۇنىياسىغا تېخىچە تولۇق مەلۇم ئەمەس، لېكىن تۈركىيشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى توغرا ھەل قىلىشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئېگە مەركىزىي خىتايدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار تىلىنى ئۈگىنىشكە جىددىي بەل باغلىدى. بۇ مۇھىم ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىشى ياش ئالىم س. ئې. مالوۋنىڭ زىممىسىگە ژۈكلەڭەنلىگى، ئەلۋەتتە، تاسادىپى ئەمەس ئېدى. چۈنكى شەرقىي تۈركستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىنى ئۈگىنىشتىن ئاۋال ئالىم پەقەت ۋولگا بويىدا ياشىغۇچى تۈركىي خەلىقلەر تىللىرىدىن تاشقىرى سىبىر’دىكى شور ۋە چۇلۇم ئاھالىلىرى ياشايدىغان جايلاردا سەياھەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى بېۋاسىتە ئۈگىنىشتەك جىددىي ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكەن ئېدى.
س. ئې. مالوۋ 1909-ژىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملاپ شۇ ژىلى ۋ. ۋ. رادلوۋنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن شەرقىي تۈركستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن تاشقىرى شۇ ۋاقىتلارغىچە ئىلىم-پەن دۇنىياسىغا تېخىچە مەلۇم ئەمەس سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن سالارلار تىلىنى ئۈگىنىش مەخسىتىدە سەياھەتكە چىقتى. شۇ مەخسەت بىلەن ئۇ 1913–1915-ژىللار داۋامىدا شەرقىي تۈركستانغا ئىككىنچى قېتىم سەياھەت قىلدى. مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاياقلاشقان ۋە ئالدى-كەينى تۆرت ژىلغا سوزۇلغان بۇ ئىلمىي ئېسپېدىتسىيالەر جەرىيانىدا ئالىم ژىغىپ كەلگەن باي ماتېرىاللار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلىنى، ئېغىز ئىجادىيىتىنى، ئېتنوگرافىياسىنى ۋە دىنىي-ئېتىقات مەسىلىلىرىنى ئۈگىنىشتە ئۇمۇمىي تۈكىيشۇناسلىق غەزنىسىگە قوشۇلغان سالماقلىق ئۈلۈشتىن بىرى بولۇپ قالدى. ھەقىقىتىدە ئىلىم-پەن دۇنىياسى سېرىق ئۇيغۇر، لوبنورلۇقلار ۋە قۇمۇللۇق ئۇيغۇرلار تىلى بويىچە دەسلەپكى ئىلمىي مەلۇماتلارنى پەقەت س. ئې. مالوۋ ئەمگەكلىرى ئارقىلىقلا ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى.
ئۆز ھاياتىدا س. ئې. مالوۋ ئىجات قىلغان 150تىن ئوشۇق چوڭ-كىچىك ئەمگەكلەر تۈركىيشۇناسلىقنىڭ ھەر خىل ساھالىرىغا داىر بولسىمۇ، مەزكۈر ئەمگەكلەرنىڭ كۆپچىلىگى ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان. ئالىمنىڭ ئۇيغۇر تىلشۇناسلىغىغا ئاىت ئەمگەكلىرى ئاساسەن تۆۋەندىكى پروبلېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قېدىمىي ئۇيغۇر يېزىغىدا ۋە ئەرەپچە يېزىق شەكلىدە پۈتۈلگەن ھەر خىل مەزمۇندىكى نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەرنى چوڭقۇر ئۈگىنىش نەتىجىسىدە س. ئې. مالوۋ «قېدىمىي تۈركىي يېزىغىنىڭ نەمۇنىلىرى»، «ئىبن-مۇخانكا تۈرك تىلى ھەققىدە»، «قېدىمىي تۈرك يېزىنىڭ يادىكارلىقلىرى»، «قۇمانلىقلار كودېكسىنىڭ تارىخى ۋە تەڭقىتىگە داىر»، «ئىككى ئۇيغۇر ھۆججىتى»، «س. ف. ئولدېنبۇرگ سەياسىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىق ھۆججەتلىرى»، شۇنداقلا قېدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ سودا-سېتىق، ئېلىش-بېرىش، داۋا-دەستۈر ۋە يەنىمۇ باشقا مەزمۇندىكى ئىش قەغەزلىرىنىڭ تىلىنى تەكشۈرۈش بويىچە ئورىگىنال ئەمگەكلەرنى يازدى. بۇلاردىن تاشقىرى ئالىم ئېنىسېي ۋە ئورخون دەرىيالىرى بويىدا ياشىغان قېدىمىي ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلەر يېزىپ قالدۇرغان غار تاش ۋە قەبىر تاشلاردىكى يېزىقلارنى ئۈگىنىش بويىچىمۇ نۇرغۇن ئەمگەك قىلدى.
س. ئې. مالوۋ قېدىمىي تۈركىي تىللار، بولۇپمۇ قېدىمىي ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئىجات قىلغان ئەمگەكلىرىدە تىلنىڭ لېكسىكا مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىپ، تىل تارىخىدا ئايرىم سۆزلەرنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنىڭ سەۋەپلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتەلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئايرىم تۈركىي تىللار تارىخى، ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن تارىخىي تەرەققىيات جەرىيانلىرى مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇتەخەسسىسلەر قولىغا بېباھا قىممەت ماتېرىاللارنى بەردى. ئالىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر خىل شېۋىلىرى لېكسىكىسىنى ئۈگىنىشكە سەرىپ قىلغان ئەجايىپ چوڭ ۋە يېمىشلىك ئەمگىگىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش ئورۇنلۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شېۋىسى»، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر شېۋىلىرى بويىچە ماتېرىاللار»، «سېرىق ئۇيغۇرلار تىلى»، «لوبنورلۇقلار تىلى» قاتارلىق چوڭ ئەمگەكلىرىدە ۋە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىدا مەزكۈر شېۋىلەردە كەڭ قوللىنىلىدىغان سۆز بايلىقلىرىنى سەرەمجانلىق بىلەن رەتلەپ، ئۇ سۆزلەرنىڭ قېدىمىي ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەت داىرىسىنى ئېنىقلاپ بېرىشكە ئالاھىدە ئېتىۋار بەردى. بۇ خىل مۇھىم تەكشۈرۈش كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئادەبىي تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ئىلمىي ئاساستا توغرا ئېنىقلاشتا مۇھىم مەنبەلەردىن بىرى بولۇپ قالغۇسى.
پېشقەدەم ئالىم تۈركىيشۇناسلىقنىڭ ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئىلمىي-تېورىيالىك پروبلېمىلىرىدىن تاشقىرى، كۈندىلىك ھايات تەلىۋىدىن تۇغۇلغان مۇھىم ئەمەلىي مەسىلىلەر بىلەنمۇ قىزغىن شۇغۇللاندى. بۇ ھەقتە سۆز بولغىنىدا بولۇپمۇ ئالىمنىڭ ئۆزى پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى ۋە جوشقۇن ئىلمىي پاالىيىتىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بېغىشلىغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېزىغىنى، ئۇنىڭ ئىملا، تېرمىنولوگىيا مەسىلىلىرىنى توغرا ھەل قىلىشقا، ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى بويىچە ئېلىپ بارغان زور ئەمگىگىنىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئالىم بولۇپمۇ 20–30-ژىللار داۋامىدا سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ يېزىق نورمىلىرىنى بىر ئىزغا سېلىشقا ئەجايىپ چوڭ كۈچ سالدى. س. ئې. مالوۋنىڭ بېۋاسىتە ئىشتىراقى ۋە رەھبەرلىگى بىلەن بولۇپ ئۆتكەن ئىككىنچى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىلمىي-ئورفوگرافىيالىك كونفېرېنتسىيادە (ئالمۇتا، 1930)، ئاندىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەرباپلىرىنىڭ پۈتكۈل قازاقستانلىق كونفېرېنتسىياسىدە (ئالمۇتا، 1937) ئالىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاكتۇال پروبلېمىلىرى بويىچە دوكلادلار بىلەن سۆزگە چىقتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلشۇناسلىغىنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئاىت مەسىلىلەرگە كۆپچىلىك دىققىتىنى جەلىپ قىلدى. مۇھىمكى، س. ئې. مالوۋ 20-ژىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى توغرا ئېنىقلاۋېلىش ئىلمىي-پراكتىكىلىق جەھەتتىنلا ئەمەس، شۇنداقلا سەياسىي نۇقتىدىن مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە كۈن تەرتىۋىگە قويۇلغان پەيتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ شۇ كەمگىچە بېشى ئېچىلمىغان ئايرىم غۇۋا ۋە چىگىچ مەسىلىلىرىنى ئىلمىي ئاساستا ھەل قىلىشنىڭ ئۇدۇل يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.
س. ئې. مالوۋنىڭ تۈركىيشۇناسلىقنىڭ ئۇمۇمىي مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان ژىرىك ئەمگەكلىرىدە بولسۇن ياكى ئايرىم تۈركىي تىللارغا ئاىت ئېيتقان پىكىر ۋە ئاز كۆلەملىك ماقالىلىرىدا بولسۇن ئۇيغۇر تىلى تارىخىنىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرى توغرا ۋە خالىس باھالاندى. بولۇپمۇ ئالىمنىڭ زور قىزىقىش ۋە ئالاھىدە ئىشتىياق بىلەن يېزىۋالغان دىالېكتولوگىيالىك ماتېرىاللىرى شەرقىي تۈركستان ئۇيغۇرلىرى تەلەپپۇزىنىڭ جانلىق تەسۋىرىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەسىرلەر داۋامى باشتىن كەچۈرگەن ئۇزاق ۋە مۇرەككەپ تەرەققىيات يولىنى كەلگۈسىدە چوڭقۇر ۋە ئاساسلىق ئۈگىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم مەنبەلەردىن بىرى بولۇپ قالىدۇ.
س. ئې. مالوۋنىڭ يېڭى ئىجتىماىي تۈزۈم شاراىتىدا مەيدانغا كەلگەن مەدەنىي ئىنقىلاپ تەلىۋىدىن تۇغۇلغان مىللىي كادرلارنى يېتىلدۈرۈشكە قوشقان شەرەپلىك خىزمىتىنىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. دەۋرىمىزدە باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلىقلەر ۋەكىللىرى ئوخشاش ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن يېتىلىپ چىققان كۆرنەكلىك مەدەنىيەت ۋە پەن ئەرباپلىرىنىڭ تولىسى ئۆز ۋاقتىدا كەمتار ئالىمنىڭ ئاتىدارچىلىق غەمخورلۇغى بىلەن ھاياتقا يوللانما ئالغان ئېدى. ئۇرۇش ژىللىرى ئالمۇتىدا ئىجات قىلغان ئالىم يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كەلگۈسى ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە ماارىپ خادىملىرىنىڭ دەسلەپ يېتىلىپ چىقىشى ئۈچۈن زەمىن تەييارلاپ بەردى. بۇ ژىللار داۋامىدا ئالىمنىڭ ئۇستازلىغى ۋە توغرىدىن-توغرا رەھبەرلىگى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلشۇناسلىغىنىڭ دەسلەپكى قالىغاچلىرى مەيدانغا كەلدى.
ئالىمنىڭ ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرغان ئۇيغۇرشۇناسلىققا ئاىت ئەجايىپ قىممەت ئەمگەكلىرى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مىللىي تىلشۇناسلار سېپىنىڭ كۆپىيىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئۈستۈن روناق تېپىشىنىڭ رېال كاپالىتىدۇر. شۇڭلاشقا زامانىمىزنىڭ بۈيۈك ۋە كەمتار ئالىمى، سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىغىنىڭ ئاتىسى دېگەن ھۆرمەتلىك ئاتاققا سازاۋەر بولغان سېرگېي ئېفىموۋىچ مالوۋنىڭ ئىسمى ئالىمغا چەكسىز مىننەتدار خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
ئا.قايداروۋ،
غ.سەدۋاقاسوۋ،
قازاقستان سسر پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ مۇخبىر ئەزالىرى.
«كوممۇنىزم تۇغى»، 16-يانۋار، 1980-ژىل.