Shéiriyet béghining baghwini

شېىرىيەت بېغىنىڭ باغۋىنى

(كۆرنەكلىك شاىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق — 85 ياشتا)

شەرىق شاىرىنىڭ دىلرابا كۈيلىرى

ئاتمىش بەش ژىلدىن كۆپ بەدىىي ئەدەبىيات ساھاسىدا قۇتلۇق قەلىمىنى قولىدىن تاشلىماي كېلىۋاتقان بەدىىي سۆزنىڭ سەردارى، شىجاەتلىك شاىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق موشۇ ژىللار ئىچىدە ژىگىرمىدىن كۆپ كىتاپ يازدى. بۇلاردىن: «ئۆچمەس يۇلتۇزلار»، «يار ۋە دىيار»، «گۈل ۋە كۆڭۈل»، «جاسۇر جانلار»، «ئاسىيە»، «زەيتۇنە»، «ساداقەت سەتىرلىرى»، «قىران قىسمىتى» «قېرىنداشلىق رەمزى»، «ئۇيغۇرستان»، «ئوتلۇق قەلبلەر»، «ساداقەت» قاتارلىق شېىرلار، غەزەللەر، تۆرتلىكلەر، باللادا بىلەن داستانلار توپلىمى ئوقۇرمەنلەر ئوي-سېزىمىنى سەگىتىپ، كۆڭلىگە تايانچى، جېنىغا مەدەت بولغانلىغى نە زامان.
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەرىق ۋە قازاق كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يېتۈك بىلىمدارى. ئۇ سۆز ئالپلىرى ئۇلۇق ناۋاىي بىلەن ئاباينى، شەكەرىم بىلەن فىزۇلىنى، دۇلاتوۋ بىلەن توقاينى بەس-بەستە يادلاپ ئۆسكەن، قازاق پوېزىياسىنى تەبىىي تالانتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كامالەتكە يېتىش مەكتىۋى دەپ بىلگەنلىگى ھەققىدە تۆۋەندىكى سۆزلىرىدىن بىلىمىز.
«بەدىىي سۆزنىڭ ئۇلۇق زەرگارلىرى مۇختار ئەۋېزوۋ، ئايبېك، سەكېن سېيفۇللىن، غافۇر غۇلام، سەدرىدىن ئەينى، ئابدۇللا قادىرىي ئوخشاش يازغۇچى-شاىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تالىشىپ، تىرمىشىپ ئوقۇپ ژۈرگەن ۋاقتىمىزدا،
قۇيا ئالمان ئۈگىتىلگېن بالشىق ئۆلېڭ،
كۆڭىلىمدې كۆل ژاسامان تامشىمېنېن.
سېرىنىڭ سېرتكې سوققان سېمسېرىندېي،
ئۆلېڭنىڭ ئۆتكىرىن بىر ئالشى مېنېن، —

سۈرلەنگەن گېرمان لاي شېئىرىنى تۆكۈش
كاللامدا بىر تامچە سۈنئىي كۆل بار
سېرىنىڭ قىلىچىغا ئوخشاش
شېئىرنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى مەن بىلەن بىللە ئېلىڭ
— دەپ تالانتىغا ئىشىنىپ، قازاق شېىر سەنئىتىگىلا ئەمەس، قېرىنداش خەلىقلەر شېىرىيىتىگە مەزمۇن جەھەتتىن ۋە تۈر جەھەتتىن يېڭى ئىلھام دولقۇنىنى بەرگەن قاسىم ئامانژولوۋنىڭ تاللانما ئەسەرلىرى قولۇمغا چۈشتى. ئۇنىڭ ھەم يالقۇنلۇق ھەم گۆزەل شېىرلىرى بىلەن «بوران»، «بىزدىڭ داستان»، « قۇپىيا قىز» تەرىزدىكى ئېپىك پوېمىلىرى ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلدى. ئۇلاردىن ئۈزۈندىلەرنى يادلاپ، ئەدەبىي كەچلەردە ئىپادىلىك ئوقۇپ ژۈردۈم.
كەلگۈسىدە مەنمۇ موشۇنداق ئەل سۆيۈپ ئوقۇيدىغان پوېمىلارنى يازسام، دېگەن ئارمان ئويۇمنى ئېگىلىگەن ئېدى».
شۇنىڭ بىلەن ناۋاىي بىلەن ئاباينى پىر، قاسىم ئامانژولوۋ بىلەن غافۇر غۇلامنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق مۇەللىملىك خىزمىتى بىلەن بىللە قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئەدەبىي ئىجاتقا قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىدۇ. دەسلەپكى شېىرلىرى بىلەن تۆرتلىكلىرى يەرلىك «ئىلى گېزىتى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى» ۋە «تارىم» ژۇرناللىرىدا يورۇق كۆردى. بۇ شېىرلىرىنىڭ سىپايە ۋە سىرلىق ئەستەرىدىن ئوت لەۋزىلىك مىرژاقىپ دۇلاتوۋنىڭ ئىزىنى قوغلاپ، ئۆز خەلقىگە «ئويغان، ئۇيغۇرۇم» دەپ شىار تاشلىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن ئۆز مىللىتى ھەم ئانا تىلىنى مەدھىيىلەپ ئۆتكەن غابدوللا توقاينىڭ مەخسەت-مۇددىاسىنى كۆرگەن ھۆكۈمەت ئادەملىرى ئۇنىڭ پېيىغا چۈشىدۇ. دەل بۇ ۋاقىتلاردا، يەنى 1957-ژىلى شۇار يازغۇچىلىرىنىڭ تۇنجا قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتىدۇ. ئارىدىن بىر ژىل ئۆتۈپ، بۇ قۇرۇلتاينى ئۇيۇشتۇرغان ئەلنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە بۆلەنگەن زىيا سەمەدى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زۇنۇن قادىرىي، نىم شېھىت قاتارلىق كۆرنەكلىك يازغۇچى-شاىرلار سەياسىي تەقىپكە ئۇچرايدۇ، تۈرمىلەرگە قامىلىپ، ئاتالمىش «ئىدېياسىنى ئەمگەك بىلەن تۈزىتىش لاگېرلىرىغا» ھايدىلىدۇ. موشۇنىڭغا ئوخشاش زاماننىڭ زورلۇغى بىلەن، ناداننىڭ خورلۇغىنى، مىسقالدەك مەنسەپ، ئارىسالدا ئابروي ئۈچۈن ئېلى بىلەن يېرىنى ساتقان ياماننىڭ زۇلۇمىنى كۆرگەن ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزلىرىگە تەن ئورنى بار پىكىرداش دوستلىرى مەرھۇملار يەھىيا تايىروۋ، مۆمۈن ھەمراېۋ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كېڭەش ئىتتىپاقىغا يول تۇتتى. قازاق ئېلىدىن باش-پانا تاپقان ياش يازغۇچى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە دەرىس بەردى.
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق «دالا گۈلى» پوېمىسىدا ئاتاقلىق دېخان مەرىيەم نىيازوۋانىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىگى توغرىسىدا ئېيتىدۇ. زامانداشلىرىمىزنىڭ ئوبرىزىنى تەسۋىرلەشتە شاىر ئايرىم مۇۋاپپەقىيەتلەرگە يەتكەن. پوېما بىرنەچچە باپتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەر قىسمىدا قەھرىمان توغرىلىق يېڭى مەلۇماتلار بېرىلىپ، ئۇ ھەرخىل ئەھۋالدا كۆرۈنىدۇ. ئەسەرنىڭ كىرىشمىسىدە بىز مەرىيەم نىيازوۋانى ئۆز ئىشىنىڭ ماھىرى، كىچىك پېيىل، خەلقىنى ھۆرمەتلەيدىغان، خەلقىمۇ ئۇنى جان-تېنى بىلەن سۆيىدىغان دېخان ئايال سۈپىتىدە بىلىمىز.
بۇ يەردە خخ ئەسىردە قېلىپلاشقان كېڭەش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى – مەيلى پروزا، مەيلى پوېزىيا، مەيلى دراماتۇرگىيا ساھاسى بولسۇن — ئۆزىگە تەن كلاسسىكىلىق باي دەستۈرى بار قازاق كېڭەش ئەدەبىياتىنىڭ، ئۆزبەك يەنە باشقا قېرىنداش ئەدەبىياتلارنىڭ شاپاىتىدىن ئۆسۈپ يېتىلگەن، يېڭىچە بىر ئەدەبىيات ئېكەنلىگىنى ئېيتىپ ئۆتسەك، ئارتۇق بولماس، تارىخىي ھەقىقەتكە قارشى كەلمەس.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ شاىر ئىسمايىل ساتتاروۋقا بېغىشلانغان «قەلەم»، شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ (1944 — 1949-ژژ.) رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىينىڭ (1914 — 1949-ژژ.) ئوبرىزى تەسۋىرلەنگەن «يولۇۋچى» پوېمىسى، ئۇيغۇرنىڭ ئاقىل باتۇر قىزلىرى گۈلەمخان، ئىپارخان، مايىمخان، ئانارخان، نازۇگۇم، سارىخان ۋە پۇچۇنخانغا بېغىشلىغان قەلب كۈيلىرى ئۇلارنىڭ ئىسمى بىلەن جاسارىتىنى ئاممىغا جاكالىدى.
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق تەبىەت ماۋزۇسىغا قەلەم تەۋرىتىپ، تەلىم-تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى بار ئوي-پىكىرلىرىنى شېىر يوللىرىغا ئايلاندۇرۇپ، قويۇق ئوقۇرمەننىڭ مۇھاكىمىسىگە سالغان ئەدىپ. ئالتۇن بۆشۈگى، ئۆمۈر سۈرۈشنىڭ جەننەتتەك ئوردىسى — يەرنى ئۆز بالىسىدەك، كۆز قارىچۇغىدەك قورغاش، ئۇنى قانداق بولسا، شۇنداق تىزلاندۇرىمەن، بېقىندۇرىمەن دەپ، قارا تەر بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ ئۆزىنىڭ تەڭىرلىك تەبىىي، ئىچكى قانۇنىيىتى بىلەن ئۆمۈر سۈرىۋەرسۇن. ئەكسىچە، تەبىەتتىن ژىراقلىغان ئادەملەرنىڭ قالايمىقان ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئادەملەرنىڭ قورقۇنۇچلۇق تالان-تاراژى ئورنى تولماس زەرداپلارغا، تەبىىي ئاپەتلەرگە ئېلىپ كېلىشى سۆزسىز. «ئېلىنى سۆيگەن ئەر ئۆلمەس، ئېلى سۆيگەن يەر ئۆلمەس» دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ تېگىدە موشۇ مەنا ياتىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ يادىدا، بىر ۋاقىتتا ئىلىم، پەن-تېخنىكىنىڭ غايەت تەرەققىياتىغا مەغرۇرلىنىپ، تەبىەتكە پەقەت ئىستىمالچى كۆزى بىلەن قارايدىغانلار ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ يەرنى قەدىرلەيدىغان، تەبىەتنى مۇقەددەس بىلىدىغان تۈركىيلىك دۇنىيا تونۇشى بىلەن ئىلغار ئۇرپى-ئادەتلىرىنى ئۇنتۇغانلار تەبىەتكە جانكۆيەر شاىرىمىزنىڭ كۈندىلىك مەتبۇات بەتلىرىدە نەشىر قىلىنغان تەبىەت ماۋزۇسىدىكى شېىر-باللادىلارنى ئورۇنسىز تەنقىت قىلغانلارمۇ بولغان. ھازىر شۇلارنىڭ بەزىلىرى تەبىەت ماۋزۇسىغا قەلەم تەۋرىتىپ ژۈرىدۇ.
ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتنى سۆيۈش، ئاندىن ئىنسانىيەتنى سۆيۈش —«ئادەمزاتنى سۆي باغرىم دەپ» (ئاباي) — ئەسىرلەر بويى بەدىىي ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي مەناسى بىلەن مەزمۇنى، بولۇپمۇ يالقۇنلۇق پوېزىيانىڭ تۇتقۇسى بولۇپ كەلگەنلىگى تارىخىي ھەقىقەت. ئۇلۇق ناۋاىينىڭ:
ماڭا قىلسا مىڭ جەفا،
بىر قەتلە پەرياد ئەيلەمەن.
ئېلگە قىلسا بىر جەفا،
مىڭ قەتلە پەرياد ئەيلەرەم،-
دېگىنىگە نە زامان…
تارىخىي ۋاقىەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، كۆڭلىگە زاماننىڭ زورلۇغىغىمۇ، ياماننىڭ خورلۇغىغىمۇ تۆزۈپ، ئۆز ۋاقتىدا رەقىپنىڭ كۆزىگە تىك قارىغان ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ قولىغا قەلەم تۇتقۇزغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى زارلىغان يەر بىلەن مۇڭلانغان ئەل تەغدىرى ئېدى. ئۇنىڭ:
ئازغۇنلۇق دەردىنى كۆپ كۆرگەن ئەلمىز،
ئاز ئەمەس بۇ باشقا چۈشكەن ئالامەت.
رەقىپنىڭ زۇلۇمىدىن مىڭ ئۆلگەن ئەلمىز،
موشۇنداق بولار قايىم-قىيامەت.
قۇۋەت بەر ئەۋلاتقا ئۆزىن ئوڭشىسۇن،
خۇدايا بۇ ساڭا بولسۇن ئامانەت! —
دېيىشى موشۇنىڭدىن.
ھەردايىم «شاىر بولۇش قىيىن، ھەقىقەتنى ئېيتىش ئۇنىڭدىن مۈشكۈل» دېگەنگە ئەمەل قىلىپ، ئېيتىپ كېلىۋاتقان قەيسەر مۈجەز، قىران سۈپەت شاىرنىڭ ئاتمىش ژىلدىن كۆپ ئىجادىي ئوي-مۇلاھىزىلىرىدە يەر تەغدىرى بىلەن ئەل تەغدىرى گىرەلىشىپ كەتكەن ئوي قونىدىغان، ژۈرەك تولىدىغان ئىبرەتلىك دۇنىيالىرى يېتەرلىك (بېسىم).
ئۇلار يېڭى ئۆمۈر چىنلىغى بىلەن ئاچچىق تارىخىي ھەقىقەتتىن تۇغۇلۇپ، سۆز بولۇپ تۈرلىنىپ، يۇلتۇز بولۇپ تېرىلگەن يارقىن قىياپەتلەردۇر. ئۇنىڭدا ۋەيران بولغان تەختمۇ، ئاداشقان بەخىتمۇ، سۇنغان شەمشەرنىڭ يۈزىمۇ، تۇغ لەپىلدەتكەن باتۇرنىڭ تۈز-دالاسىمۇ بار. ئاتويلىغان ئەجداتلار روھىنى، ئېلىنى ساتقان مۇناپىقلارنىمۇ كۆرىسەن. ۋاقىت داۋانلىرى بىلەن تارىخ تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ تۆرىدە قاش-قاپىغى سىزىلغان، كۆكرىگى يېرىلغان، دوستقا يېقىملىق، دۈشمەنگە قەھەرلىك قارايدىغان پىداكار شاىرنىڭ يارقىرىغان ئۆز قىياپىتى…
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق ئۆز ئۆمرىنىڭ قىرىق ژىلدىن كۆپ ھاياتىنى 1970-ژىلى شۇ ۋاقىتتىكى قازاقستان ھۆكۈمىتى قارارىنىڭ شاراپىتى بىلەن «كوممۇنىزم تۇغى» (ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى») گېزىتى رېداكسىياسىنىڭ تەركىۋىدە كونا ئۇيغۇر يېزىغىدا يورۇق كۆرگەن «يېڭى ھايات» گېزىتىدا مۇخبىر، بۆلۈم باشلىغى، مۇھەررىرنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىمىدا خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەم. موشۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ قەلىمىدىن تۇغۇلغان مىڭلىغان ماقالىلىرى، ئوچېرك ۋە ئېسسېلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تىل ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىقبالى بولغىنى كۆپكە ئايان. يېزىلغان بۇ دۇنىيالارغا ئاساس بولغان قەھرىمانلار، ئەمگەك ئادەملىرى بۈگۈنكى مۇستەقىل قازاقستاننىڭ ھۇلىنى قان-تەرى بىلەن قۇرغان ئىنسانلار.
ئۆمۈردە ھەقىقەت بولمىسا ھاكىم،
يالغاننىڭ تاشلىرى دۆڭگە دومىلار.
يالا ياپسا كىشى بىر-بىرىگە،
ياخشىنىڭ باشلىرى گۆرگە دومۇلار، —
دەپ پىلدىرلىغان ھەقىقەتنى كۆرەلىگەن شاىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق كۆيۈش، سۆيۈش بىلەن ئۆتكەن ئۆز ئۆمرىدىن رازى. يېرىم ئەسىردىن كۆپ ۋاقىت ئاچچىق-چۈچۈكنى بىللە تارتقان ئۆمۈرلۈك يارى پەخرىنىسا ھاجى ئانىمىز بىلەن تۆرت ئوغۇل، بىر قىزنى قاتارغا قوشۇپ، نەۋرە-چەۋرىلىرىنىڭ پېشانىسىنى سۆيۈپ ئولتىرىدۇ. ئەستاىدىل ژۈرىگىدە شېىرنىڭ، قۇلىغىدا ئۆمۈرنىڭ ئاھاڭى.
بىز سەكسەن بەشنىڭ تۆرىگە چىقسىمۇ، «ئانت بىلەن سۇغىرىلغان شەمشەردەك» قەلىمىنى قولىدىن تاشلىمىغان جاسۇر شاىرغا:
جامبۇلنىڭ يېشىنى بەرسۇن
ئاللام ساڭا
ئاتىغى ئاتمىش ئەلدە، ئېسىل ئاغا!
دېمەكچىمىز.
ئاللا يار بولسۇن!

ئالماسبېك،
قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى.

جەمشىت روزاخۇنوۋ

ئۇستازغا مەدھىيە

بولغان ئۈچۈن ئۈمۈتۈڭ زور ھاياتقا،
بەلنى باغلاپ، بۆسۈپ كىردىڭ ئىجاتقا.
بويۇڭدىكى ئىختىدارىڭ تۈپەيلى،
سىيلىق جانسەن چوڭ-كىچىككە، ئۆز-ياتقا!؟
راست، جۇدالىق ژۈرىگىڭنى داغلىغان،
ئۆتكەن ژىللار ئىرادەڭنى تاۋلىغان.
ئۆز خەلقىڭگە بولغان بۈيۈك ئېتىقات،
دىل رىشتىنى مەڭگۈ ئاڭا باغلىغان.
سەن ھەممىدىن ئەلا بىلدىڭ ۋەتەننى،
پارلاق قىلار بۈگۈنۈڭنى، ئەتەڭنى.
ئانا يۇرتقا ساڭا ئوخشاش سىدقىدىل،
بولۇپ ياشاش روھلاندۇرار ئادەمنى!
ۋەتەن، خەلىق پاناسى ھەر كىشىنىڭ،
(بۇ سۆزۈمگە ھېچ گۇمانسىز ئىشىنىڭ…)
ھەممىگە قول يەتكۈزىدۇ ئادەملەر،
ئامانلىغى بولسا ئەزىز بېشىنىڭ…
كۆپ ئۆتكۈزدىڭ ئىسسىق-سوغنى بېشىڭدىن،
قارام تەغدىر قاقتى تالاي بىسىڭدىن.
مىللىتىگە ساداقىتى ئۆزگەرمەس،
شاىرلارنى ساقلايدۇ ئەل قىسىمدىن…
ماڭدىڭ دايىم ھەقىقەتنىڭ يولىدا،
دوست تۇتمىدىڭ تۇرمىغاننى چويلىدا…
شاىر بەختى ئۆلچەنمەيدۇ ھېچقاچان،
ئالغان ئاتاق، تاپقان بايلىق، پۇلىدا؟!
بولدى ئۆزەڭ، ئۆزگىگە زور تەلىۋىڭ،
شۇندىن بولار كەلگەن ئامەت، تەلىيىڭ.
ماڭا ئوخشاش شاگىرتلىرىڭ قەلبىدە،
ساقلىنىدۇ بەرگەن ئىبرەت، تەلىمىڭ…
لىللا سۆزلەپ، ئوت سالمىغان ئارىغا،
ئاق نىيىتىڭ ئايلانمايدۇ قارىغا…
بارلىق ئۇيغۇر پەخىرلەنسە ئەرزىيدۇ،
ساڭا ئوخشاش شاىرىنىڭ بارىغا!
ھەممە ئىشقا باشتىن ساغلام بېقىپ سەن،
ژۈرىگىڭگە ئۆچمەس ئوتنى يېقىپسەن.
خىزمىتىڭدە بولۇپ ئۇلۇق خەلقىڭنىڭ،
سەكسەن بەشنىڭ داۋانىغا چىقىپسەن!
ئەزىز ئۇستاز! تەۋەللۇدىڭ مۇبارەك،
سوقۇپ تۇرسۇن ئەلنى سۆيگەن ئوت ژۈرەك.
ساڭا ئوخشاش شاىر كۈندە تۇغۇلماس،
ھۇرلۇق تېڭى ئاتقاندىمۇ سەن كېرەك!!!
ماخوركاڭنى بۇراپ، ئاكا، چەكىۋەر،
مىسرالارغا تىڭ پىكرىڭنى تۆكىۋەر.
تىلىگىنى تىلەپ ئەزىز خەلقىڭنىڭ،
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئوي-كۆڭلىدىن چىقىۋەر!!!

ئىجادىي ئەنئەنىلەرگە سادىق ئەدىپ

بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ پېشقەدەم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق بىلەن بىرنەچچە قېتىم سۆھبەتتە بولغانلىغىمنى مەن ئۆزەم ئۈچۈن چوڭ بەخىت دەپ ھېساپلايمەن، چۈنكى پەقەت ئېلىمىز قازاقستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ كۆپچىلىككە ياخشى تونۇش بولغان شاىر، ئەدىپ، ئۆز خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر بىر پەرزەندى دەرىجىسىگە يەتكەن ئىنسان بىلەن مۇڭدىشىش ھەركىمنىڭ بېشىغا كېلىۋەرمەيدىغان تەلەي، ئامەت، دەپ ئويلايمەن. ئەدىپ تارتقان ئاچچىق قىسمەتلەر، مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇملار، ئېغىر جۇدالىقلار، خوۋۇپ-سىناقلار ئۇنىڭ ئىنسان سۈپىتىدە شەكىللىنىشىگە، چوڭ بىر ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىلى بولۇپ تەربىيىلىنىشىگە، ژۇت-جاماەتچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە بۆلىنىشىگە، ئاىلىسىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشىگە قاتتىق تەسىر قىلغان ئېدى. ئەندى ئۇنىڭ بېۋاسىتە كۆپقىرلىق ۋە كۆپسىرلىق ئىجادىي پاالىيىتى بولسا، مانا قىرىق ژىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ماباينىدا تەتقىقاتچىلارنىڭ، ئەدەبىياتشۇناس ئالىملارنىڭ قىزىقىشىنى پەيدا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-ژىللىرىدا يورۇق كۆرگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە فولكلورىدىكى ژانرلار»، «ئاكتۇالنىې پروبلېمى سوۋېتسكوگو ئۇيگۇروۋېدېنىيا»، «ئۇيغۇر سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى» ناملىق كوللېكتىۋلىق مونوگرافىيالەردە، شۇنداقلا مۇرات ھەمراېۋ، ماخمۇت ئابدۇراخمانوۋ ئوخشاش ژىرىك ئەدەبىياتشۇناس ئالىملار ۋە ئۇيغۇر شېىرىيىتىنىڭ تونۇلغان مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئايرىم مونوگرافىيالىرىدە ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ ئىجادىيىتىگە مۇناسىپ باھا بېرىلگەن ئېدى. بولۇپمۇ ماخمۇت ئابدۇراخمانوۋ ئۆزىنىڭ 1960 — 1970-ژىللاردىكى ئۇيغۇر پوېزىياسى ھەققىدە يازغان ماقالىسىدا ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق ئىجادىيىتىدە پوېما ۋە باللادا ژانرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن يارقىن ئىپادىلەنگەنلىگىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، شۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر پوېزىياسىدە يېڭىچە كۆزقاراش، يېڭىچە تەسۋىرلەش ئۇسۇللىرىنىڭ مەيدانغا چىقىۋاتقانلىغىنى يارقىن مىساللار ئاساسىدا دەلىللەپ بەرگەن ئېدى. ئالىم شاىرنىڭ داستان يېزىش جەرىيانىدا قول يەتكۈزگەن ئۇتۇقلىرىغا مۇناسىپ باھا بېرىپ، ئۇنىڭ كېلەچىگىدىن چوڭ ئۈمۈت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرگەن ئېدى.
بۈگۈنكى كۈندە «ئەدىپ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى نېمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟»، دېگەن سوالنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىىي، ئەلۋەتتە. ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە بالاغەتكە يەتكەن ژۇتىدا پەيدا بولغان قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى قازاقستان دىيارىغا كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىغىنىڭ ئۇنىڭ كېيىنكى ژىللاردا ۋە بۈگۈنگە قەدەر ياراتقان نەزمىي ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ يارقىن ئىپادىسىنى تاپقانلىغى ھەممىمىزگە ئاياندۇر. ئەدىپ تۇغۇلغان ژۇتىدىن جۇدا بولۇپ، ئارىدىن ئاتمىش ژىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھېلىغىچە كۆز يېشى قۇرىمىدى. بۇ پەقەت ئابدۇغوپۇر ئاكىنىڭلا كۆز يېشى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جاپاكەش خەلقىمىزنىڭ ئەسىرلەر بويى ئېقىۋاتقان كۆز يېشى، جاپا-مەشەقىتى، ئورنى تولماس جۇدالىغىنىڭ ئىپادىسىدۇر. لېكىن ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق ئوخشاش ئاڭلىق يازغۇچىلىرىمىز قازاقستان دۆلىتىنىڭ، قانداش، قېرىنداش، دالادەك كۆڭلى كەڭ قازاق خەلقىنىڭ غەمخورلۇغى بىلەن ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ژۇقۇرى پەللىگە يەتكەنلىگىنى سەزدى ھەم چۈشەندى. شۇڭلاشقا ئەدىپ قازاق خەلقىنىڭ ئۇلۇق نامايەندىسى ئاباينىڭ «ئەقلىيە سۆزلىرىنى»، قاسىم ئامانژولوۋنىڭ ئىجادىيىتىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلدى ۋە شۇلارغا ئوخشاش غەبىت مۈسرېپوۋ، مۇقاغالى ماقاتاېۋ، مۇختار شاخانوۋ، ژۇمېكېن نەژىمىدىنوۋ قاتارلىق مەشھۇر قازاق يازغۇچىلىرىنىڭ، ئابدۇللا ئارىپوۋ، ئەركىن ۋاھىدوۋ كەبى ئۆزبەك ئەدىپلىرىنىڭ، راسۇل غامزاتوۋتەك داغستانلىق شاىرنىڭ ئەدەبىي مىراسىنى تۇمار سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە تەن ئىجادىي ئەنئەنىلەرگە سادىقلىغىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

رەخمەتجان يۈسۈپوۋ،
فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ نامزىتى.

«كۆيگەن ژۈرەك تۈتۈنىدە» كۆرۈنگەن مىسرالار

ھاياتىنىڭ 85-داۋانىغا كۆتىرىلگەن شاىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق تالاي بەندىلەرنى پۇچۇلىغان پانى ھاياتنىڭ ئوتىدىمۇ كۆيۈپ، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا توپراقتىن، ئاتا-ئانىسىدىن، قېرىنداشلىرىدىن تىرىك ئايرىلىپ، جۇدالىق، ھىجران ئوتىدىمۇ ئۆرتىنىپ، كۆيگەنسىرى «كۈلگە ئايلانماي، ئەكسىچە، كەلگەن كۈلپەتلەرگە ژۈرەك يالقۇنىدىن ژۇغىرىلغان سۆزىدىن ئوت چاچىدىغان شاىرغا ئايلاندى. خەلقىنىڭ دەرت-مۇڭىنى دەسلەپكىلەردىن بولۇپ قوبۇل قىلىدىغان پىداكارلار شاىرلار بولغاچقا، ئۇلارنى خەلقىنىڭ «ژۈرىگى» دەپ تەرىپلىسەك، ھەرگىز مۇبالىغە ئەمەس.
شاىرنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە ئىللىق ئىنكاسلارنى بىلدۈرگەن ماخمۇت ئابدراخمانوۋ، ئالىمجان تىلىۋالدى ئوخشاش ئەدەبىياتشۇناس ئالىملار بىلەن «ئەينى زامان مىللىي شېىرىيىتىمىزنىڭ نۇرانىي نامايەندىسى» دەپ ماقالە يازغان شاىر ئالماسبەگ، «ئۇستازىم» دەپ ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان جەمشىت روزاخۇنوۋتىن ئارتۇق يېزىپ كېتىشىممۇ مۈمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا كەسىپداشلىق ھاياتىمىز بىللە ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتتىن بېرى ئۆزەم تونۇغان ئابدۇغوپۇر ئاكا قۇتلۇق ھەققىدە يازغۇم كەلدى.
ئابدۇغوپۇر ئاكا ساداقەتنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسىتىشنى بىلگەن ئادەم. ۋەتەنگە، خەلىققە بولغان ساداقەت چەكسىز ئىرادىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئابدۇغوپۇر ئاكا «ساداقەت تىمسالى» باللادىسىدا مەدھىيىلىگەن ۋاپادارلىقنى تۇغ قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىشنى بىلگەن ئەدىپ. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ساداقەت-ئېتىقات، ۋاپادارلىققا ئېتىۋار بېرەلىگەن ئادەملا بۈيۈك ئېتىقاتنىڭ ئىتاەتمىنى بولالايدۇ. شاىر ئۆزى ئەمگەك پاالىيىتىنى باشلىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» تەھرىراتىنى موشۇ كۈنگىچە ئۆزىنىڭ شەكىللىنىشىدە تۈرتكۈلۈك رول ئوينىغان مۇقەددەس ئورۇن رېتىدە قارايدۇ. «ئىنتىزارنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئېغىر ئەھۋالدا قالدى» دەپ، ساقلىغى بولماي ياردەم سورىغان پەيزۇللام ئاكا ئەخمەتوۋقا «ھەقسىز ئىشلىسەممۇ ژۇرنالنى ساقلاپ قالىمەن» دېگەن ۋەدىسىدە تۇردى. ژۇرنالنىڭ ھەر سانى يورۇق كۆرگەن ۋاقىتتا «پەيزۇللام بىز بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ» دەپ، ئاز بولسىمۇ بەلگۈلۈك مىقداردىكى «پەيزۇللام ئاكىنىڭ مااشىنى» ئاىلىسىگە ئۈچ ژىلدىن كۆپىرەك ۋاقىت ماباينىدا تاپشۇرۇپ كەلدى. بۇ كەسىپدىشىغا بولغان ساداقەتنىڭ، ۋەدىسىگە ۋاپادارلىقنىڭ يارقىن كۆرۈنۈشى ئېدى.
ئۆتكۈزۈۋاتقان سورۇنلارغا، مەشرەپلەرگە چاقىرىپ، شېىرىنى ئوقۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدىغان چوڭ-كىچىك ياشتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئابدۇغوپۇر ئاكىنىڭ نۇتقىنى تىڭشاشقا بەك ھېرىسمەن ئېكەنلىگىنى تالاي قېتىم بايقىغان ئېدىم. كىتاپ نەشىر قىلىپ، ئوقۇرمەن تاپىدىغان ئىجاتكارلار خېلە بولغىنى بىلەن، ژۇت-جاماەتچىلىك ئارىسىدا ژۈرۈپ، ئىجادىيىتىگە ئىخلاسمەن تېپىپلا قويماي، خەلقىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشەلەيدىغان قەلەم ئەھلىنىڭ سانى ساناقلىقلا بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئەلنىڭ غەم-قايغۇسىدا كۆيگەن ئەدىپ خەلقى سۆيگەن شاىرغا ئايلاندى.
جەمىيەت ئەربابى ۋاققاس ئاكا مەمېدىنوۋ بىر سۆھبىتىدە ۋېنگرىيادىكى سەپىرىدە ئابدۇغوپۇر ئاكا ئىجات قىلغان شېىرنى ھۇنلار ئەۋلادى بىلەن تۈركىي خەلىقلەر ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ تەسىسچىسى ئاندراش بىروغا تاپشۇرغان ئېكەن. ئۇيغۇرلار بىلەن ھەر ئۇچراشقىنىدا دۇنىياغا مەشھۇر ئانتروپولوگ بۇ شېىرنى يادقا ئېيتىپ بېرىدېكەن. بۇ مىسرالار ھازىر مىڭلىغان قانداشلىرىمىزنىڭ قەلب سۆزلىرىگە ئايلاندى:
دوپامغا قاراپ مېنى تونۇدىڭمۇ؟!
ئىككىمىز بىر ئاتا قېرىنداشقۇ؟!
سېنىڭكى كۆكۈچ كۆزۈڭ كۈلگەن بىلەن،
مېنىڭكى قارا كۆزۈم تېخى ياشقۇ…

ئازنات تالىپوۋ،
ژۇرنالىست.

مەدەت تىلەيمەن

شەخسەن ئۆزەم، ئابدۇغوپۇر ئاكا قۇتلۇقنى تالانتلىق ژۇرنالىست ۋە ئوقۇرمىنىگە ئېيتار خاس سۆزى بار شاىر سۈپىتىدە، كېڭەشلىك مىللىي تەرەققىياتىمىزنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» ھېساپلىنىدىغان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-ژىللىرىدىن بۇيان بىلىمەن دەپ ئىشەشلىك ئېيتالايمەن. مېنىڭچە، ئۇ ياقنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇغى – شۇ دەۋىر ئىدېولوگىياسىنىڭ «جاراڭلىق جارچىسى» بولۇشتىن خالى بولالىغىنى بولسا كېرەك… چۈنكى ئۇ ۋەتەننى دەپ – ۋەتەننى تەرك ئەتكەنلەرنىڭ بىرى ئېدى…
ئانا ۋەتەن، جانىجان خەلقىنىڭ تەغدىرى توغرىلىق تۈنلەرگە ئۇلاشقان جاپالىق ئىجادىيەت، ئارزۇ-ئارمان، ئۈمۈت-ئىشەنچە، خەلىق ئىستىقبالىغا ئاىت قىسمەتلىك ئوي-كەچمىشلەر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ ئىجات نىشانىنىمۇ ئېنىق بەلگۈلىدى.
باشقىچە ئېيتقاندا، مۆتىۋەر شاىرىمىز ئاخىرقى ئوتتۇز ژىللىق ھاياتىنى جانىجان جاپاكەش خەلقىنىڭ ئەركىنلىگى، ئىستىقبالى، ئىستىقلالىيىتى، مۇستەقىللىگى يولىدىكى مىللىي-ئازاتلىق كۈرەش تارىخىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىگىگە ئۆزىنى ئاتىدى… شۇ مۇقەددەس يولدا پەرۋانە بولماقتا… ھەقىقىي شاىرلار ئۈچۈن باشقا يولنىڭ يوقلىغىمۇ راست…
…شاۋقۇنىنى ئاڭلاپ ياتسام، بولاتتىم رازى،
رازى ئېدىم يارۇ-دوستلار ئاچمىسا ھازى.
رازى ئېدىم، شىۋاق ئۈنسە مۇڭلۇق قەبرەمدە،
رازى ئېدىم، ياتقانچۈن قۇتلۇق ۋەتەندە!
كۈندىلىك ھايات قاينىمىدا كۆپچىلىكتىن بەك پەرىق قىلىپ بولمايدىغان، ئاددىي تۇرمۇش-مەىشىيەت، ئەۋلات تەربىيىسى يولىدا سەكپارە، كىچىكپېيىل، ئادىمىيلىكنى ئەلا بىلىدىغان جانىجان خەلقىنىڭ ئىستىقبالى يولىدا پەرۋانە مۆتىۋەرىمىزمۇ مانا 85 ياشقا تولۇپتۇ. بۇ ياشقا يەتكەنلەرمۇ-يەتمىگەنلەرمۇ بار…
شېىرىيەت بېغىنىڭ باغۋىنى، مىللىي مەتبۇاتىمىزنىڭ پاسىبانى، بەدىىي سۆزنىڭ سەردارى بولغان ئابدۇغوپۇر ئاكا قۇتلۇققا ئاللادىن، خەلىق مەنپىيىتى يولىدىكى ئەستاىدىل ئەجرىگە قۇۋەت ۋە مەدەت تىلەيمىز…

رەخمەتجان غوجامبەردىېۋ
«مېكتېپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر
تەھرىراتىنىڭ باشلىغى