يۈكسەك قەدەملەر

يېقىندا روسسىيا فېدېراسىياسىنىڭ پايتەختى موسكۋا شەھىرىدە ئۈچىنچى — خەلىقارا ئۇيغۇرشۇناسلىغىغا بېغىشلانغان ناھايىتى چوڭ ئەنجۇمان تەنتەنىلىك ئېچىلدى. بۇ فورۇم مەزكۈر ساھادىكى چوڭ مەدەنىي ئۆزگىرىشلەردىن ئېنىق بىر ئۇچۇر بەردى. بۈگۈنكى تاڭدا، مەزكۈر ئىلمىي يۆنىلىش يېڭى بىر مەزمۇنلۇق باسقۇچقا قەدەم باستى دېيىشكە تولۇق ئاساس بار. بۇ ئىلمىي دولقۇن ئامېرىكا، ئېۋروپا ۋە ئاۋسترالىيا ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي پاالىيىتى بىلەن زىچ باغلىق، ئەلۋەتتە… مەلۇمكى بۇ جەرىيانغا دژورد ۋاشىڭتون ئىنستىتۇتى، ئېۋروپا، روسسىيا ۋە ئېۋرازىيانى تەتقىقات قىلىش ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئامېرىكا، ئېۋروپا ۋە ئاۋسترالىيادىكى ئەڭ ئىلغار ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئىلمىي خادىملىرى يېتەكچىلىك قىلماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇرشۇناسلىققا سالماقلىق ئۈلۈش قوشۇپ كېلىۋاتقان ئالىملارنىڭ ئىچىدە دريۇ گلېدنى، ئېرىېن دۇايېر، دژېيمس مىلۋورد، گاردنېر بوۋىڭتون، رايان تۇم، دژېي داۇچېر، ئىلدىكو بېللېر-خان، ر.خاررىس نىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئېگە. خۇرسەن بولارلىق يېرى شۇكى، ژۇقۇرىدىكى ئىسمى قەيت قىلىنغان ئالىملارنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ياش تەتقىقاتچىلار خېلىلا چوڭ نەتىجىلەرنى قازاندى. ئاتاپ ئېيتقاندا، يېقىنقى ژىللاردا دېۋىد بروفى، روبېرت شون، لىزا ئاندېرسون، دژ. ماك ميۇررېي، دژ لىبولد ، س.تاينېن، ئا. سەمەت، ر. خولدېر، ك. كىلىچ، ر تۇم، دژ. س. فىنلى، م.ئەلا قاتارلىق ئالىملار چوڭ ئىلمىي لاھىيەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشتا زور نەتىجىلەرنى قازىنىپ، چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە ئاساس ياراتماقتا. ئىشەنچىمىز كامىلكى، ئامېرىكا ۋە ئېۋروپا ئالىي ئوقۇش دەرگاھلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۈگىنىشتە يېڭى بىر مەركەزگە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ قانداق شۈبھە يوق. ئۇلار ئىككى ئەسىر داۋامىدا رىۋاژلىنىپ كېلىۋاتقان مەزكۈر ساھانىڭ ئاۋاڭاردىغا ئايلانماقتا. دېمەك، خەلقىمىز ئۈچۈن كۈتىلىدىغان نەتىجىلەر زور.
مەمنۇنىيەت بىلەن تەكىتلەيمىزكى، قازاقستان ئۇيغۇرشۇناسلىغىنىڭ تارىخىمۇ ئالاھىدە. ئۇ ھەر خىل ۋە شانلىق تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتكەنلىگى مەلۇم. مۇرات ھەمراېۋ ۋە غوجاخمەت سەدۋاقاسوۋ قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملىرىمىز ئۇنىڭ ھۇلىنى قۇرغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە رىسالەت كەرىموۋا ۋە ئابلەھەت كامالوۋ يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرمەكتە. تىلشۇناسلىق ساھانىڭ ئاۋاڭارد-كارۋان بېشى بولغان روشەڭۈل ئاۋاكوۋا، ۋېلىنۇر ماخپىروۋ قاتارلىق ئالىملىرىمىزنىڭمۇ ئىلمىي پاالىيىتى بېباھا. ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرى كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنماقتا. قازاقستان ئۇيغۇرشۇناسلىغى بىلەن بىللە روسسىيا ۋە تۈركىيا ئۇيغۇرشۇناسلىغىمۇ جوشقۇن تەرەققىيات قىلىپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى تاڭدا روسسىيادە ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ زور قوشۇنى موجۇت. تۈركىيا ئۇيغۇرشۇناسلىغىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس تارىخى بار. ئويلايمىزكى خۇلىيا چېنچېل، خىكمەت كۇراش، ئايسۇن دېمىرېز گيۇنېرى قاتارلىق ئالىملار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى ۋە سەنىتىنى تۈركىيا جۇمھۇرىيىتىگە كەڭ مىقىياستا تونۇشتۇرماقتا.
دەرھەقىقەت، موسكۋا شەھىرىدە ئۆتكەن خەلىقارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئەنجۇماندا كۆپلىگەن دۇنىيا ئالىملىرى ئۆز ئارا باش قوشتى. ئۇنىڭدا ھەر خىل مەسىلىلەر ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىنىپ، ئوتتۇرىغا تاشلاندى. ئەينە شۇنداق مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى – بۈگۈنكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنى تەرغىبات ۋە تەشۋىقات قىلىشتۇر. بۇ مەسىلە بويىچە بىر توپ جانكۆيەر زىيالىلىرىمىز باش قوشۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە ھەم دۇنىيادىكى قېرىنداشلىرىمىزغا مەنىۋىي كۆرۈك بولالايدىغان سايت ئېچىشنى مۇۋاپىق كۆردى… ئۇنى مىللىتىمىز جانكۆيەرى ۋاققاس مەمېدىنوۋ، موسكۋادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ۋەكىللىرى شاىر ۋىليان سادىقوۋ، شەرىپجان ئەخمەتوۋ، رەپقەت سادىقوۋ ۋە قازاقستانلىق نەشرىياتچى ئالىشېر خېلىلوۋ، سانك-پېتېربۇرگ شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىدىغان مىللەتپەرۋەر ئىنسان ھەمراجان ئامراق قاتارلىق زىيالىلىرىمىز ئۆز قولىغا ئېلىپ، بۇ يۆنىلىشتىكى پاالىيەتلىرىنى قىزغىن باشلىدى. ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! تور بېتىدىكى مەزكۈر سەھىپىنىڭ قىزىقارلىق ۋە مەزمۇنلۇق روياپقا چىقىشى ئۈچۈن بارلىق مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ جانكۆيەرلىرى بىرلىشىپ كۈچ چىقىرىشى ھاجەت. ئۇيغۇرشۇناسلىققا ئاىت ھەر قانداق ھۆججەت ۋە ئەخباراتلار بولسا، amraq@ya.ru خەت ساندۇقىغا ئەۋەتىپ بېرىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. دۈملەڭەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تور- مۇھىتىغا مەرھەممەت! ھۆرمەتلىك مەتبۇات مۇخلىسلىرى! تور بېتىدىكى مەزكۈر سەھىپىنىڭ قىزىقارلىق ۋە مەزمۇنلۇق روياپقا چىقىشى ئۈچۈن بارلىق مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئانكۆيەرلىرى بىرلىشىپ كۈچ چىقىرىشى ھاجەت. شۇ چاغدىلا ئۆز مەخسىتىمىزگە يېتىمىز. بۇ كېلەچەك ئەۋلات ئۈچۈن ھاۋادەك ھاجەت.
دۈملەنگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تور — مۇھىتىغا مەرھەمەت!

ئالىمژان تىلىۋالدى

فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ دوكتورى