«ئىزلىرىمىز»غا يول كۆرسەتكۈچى — مىللىتىمنىڭ ئىزى

«ئىزلىرىمىز»غا يول كۆرسەتكۈچى — مىللىتىمنىڭ ئىزى

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرشۇناسلىققا ئائىت خەلق ئارا ئەنجۇمانغا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئالىملار — تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوۋ، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان تىلىۋالدى، رەسسام گۈزەل مەمەدىنوۋا، «مىر» نەشرىيات ئۆيىنىڭ مۇدىرى ئەلىشىر خېلىلوۋ ۋە مەن ئىشتىراك قىلدۇق. مىللىتىمىزنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئېتنوگرافىيىسى، تىلى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى دۇنيا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىغا ئايلىنىشى قەدىمىي ھەم باي تارىخقا، كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتكە ئېگە ئىكەنلىكىمىزنىڭ يارقىن دەلىلى.
دۇنيانىڭ ھەر جايىدىن كەلگەن ئالىملار ئۇيغۇر ھەققىدە بايانلاۋاتقان، ئامېرىكىلىق لىزا ئاندېرسون مىللىي ساز ئەسۋابىمىزدا ئۇيغۇرچە ناخشىنى بابىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاۋاتقان مۇھىتتا ھاياجانلانماي، ئۆز مىللىتىڭ ئۈچۈن پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرىنى يۈرەكتىن ئۆتكۈزمەي مۇمكىن ئەمەس.
مەزكۇر ئەنجۇماندىن كېيىن دۇنيا ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىققا ئائىت تەتقىقاتلىرىنى، ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى، خەلقىمىزگە بېغىشلانغان ئىزگۈلۈكنى بايراق قىلغان ئەسەرلەرنى، ماقالىلەرنى بىر نۇقتىغا توپلاش، يىغىش ھەم كەلگۈسىمىزگە يەتكۈزۈش مەسىلىسى تۇردى. دۇنيا مەدەنىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئىز — تامغىسى بار مىللەتنىڭ ۋەكىلى رېتىدە بۇ بۈيۈك ئىشقا بىر كىشىلىك ئۈلۈشىمىزنى قوشۇشنى ئۆزىمىزنىڭ خەلق ئالدىدىكى پەرزەنتلىك بۇرچىمىز دەپ ھېسابلىدۇق.
شۇ مەقسەت-مۇددىئالار تۈپەيلى «ئىزلىرىمىز» تور بېتى دۇنياغا كەلدى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان خەلقىمىزنىڭ ئىز-تامغىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈش، دۇنيادا تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن روھىي كۆرۈك خىزمىتىنى ئاتقۇرۇش بۇ تور بەتنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى. ئالەمشۇمۇللاشتۇرۇش دەۋرىدىمۇ خاسلىقىنى يوقاتمايدىغان مىللەتنىڭ ئىزىنى ئىپادىلەيدىغان «ئىزلىرىمىز» بولۇپ قالىدىغىنىغا ئىشىنىمەن. ئاخبارات تېخنولوگىيىسى تەرەققىي ئەتكەن بۇ زاماندا ھەر بىرىمىز ئۆمرىمىزنىڭ ئىزىنى «ئىزلىرىمىز» تور بېتىدە نامايان قىلىپ باقايلى، قېنى؟! مەرھەمەت!

ۋاققاس مەمەدىنوۋ
جەمئىيەت ئەربابى.

1 thoughts on “«ئىزلىرىمىز»غا يول كۆرسەتكۈچى — مىللىتىمنىڭ ئىزى

  • 2017-02-06 в 05:07
    Постоянная ссылка

    Сайтнин дунияга калгинига хошалмиз. Мошу сайтни ишлиган жутдашлиримизга чон Рахмят!

Обсуждение закрыто.