ئۇيغۇر ئىنتېرنېت سەھىپىسى ھەققىدە

سەھىپىسى ئۇيغۇر ئىنتېرنېت ھەققىدە
ئۆتكەن يىلى 10- ئاينىڭ 23-24 كۈنلىرى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ خەلقئارالىق 3- نۆۋەتلىك مۇزاكىرە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئامېرىكىنىڭ دژوردژ ۋاشىنگتون ئىنستىتۇتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ماددىي قوللىشى بىلەن ، رۇسىيەنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى، ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دمىترىي ۋاسىلئېۋنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇلدى . يىغىننىڭ تەشكىلىي ئىشلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ- موسكۋادىكى: «رېگىونلار ئارا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىي ئۇيۇشمىسى» ۋە ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە، ئالمۇتادىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئاسسوسىياسى»، ئۆز ئىقتىسادلىرى بىلەن ئىشتىراك قىلدى.
يىغىنغا دۇنيانىڭ تۆت قىتئەسىدىن كەلگەن، ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارنى قازانغان 63 كە يېقىن ئالىملار، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئالىملىرى، قاتناشتى.
يىغىننىڭ مەدەنىي، مەنىلىك ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىگە، ئالمۇتىلىق ۋە بىشكەكلىك رەسساملار: گۈزەل مەمېدىنوۋا، سابىتجان باباجانوۋ; «مىر» نەشىرىياتىنىڭ مۇدىرى ئەلىشېر خەلىلوۋ، ئۆزلىرىنىڭ رەسىم ۋە كىتاب كۆرگەزمىلىرى بىلەن؛ ئارتىستلار: مارات نورۇزوۋ، ئۈمۈتجان قاسىموۋ، شۆھرەت ياقۇپوۋ مۇڭلۇق ناخشا، نەغمىلەر بىلەن ئۆز ئۈلۈشىنى قويدى. ئۇلار، ئالىملارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بەرگەن ئىلمىي باھا، كۆز-قاراشلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمەلىي مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى بىلەن تەستىقلىدى .
موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مەجلىس، 1979- 1991- ژىللاردا ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەجلىسلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ۋاشىنگتوندا (2014 г. 9. 24 — 28) ۋ ئە پارىژ — بريۇسسېلدا (2015 г. — 17،10. 20) بولۇپ ئۆتكەن ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ، شۇ مەزمۇن ۋە ماۋزۇدا، ئۆتكۈزگەن، ئۈچىنچى خەلقئارالىق مۇنازىرە يىغىنى بولدى. ئۇنىڭدا 15 دۆلەتتىن كەلگەن 60 ئالىم، ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن ئاۋۋالقى، كېيىنكى تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىلىق ماۋزۇلاردا نۇتۇقلار سۆزلىدى ۋە مۇنازىرىلەشتى .
شۇ جەرياندا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كېلىپ، مەجلىسكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى، ئۆز ئارا ئايرىم سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، پىكىر ئالماشتۇردى. نەتىجىدە، ھەر خىل دۆلەتلەردىكى ئالىملار، ئايرىم ئىقتىدارلىق شەخسلەر، ئەربابلار ۋە ئاممىۋى تەشكىللەرنىڭ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرى بىلەن ھەر قايانغا چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئەھلىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ، ئىنتېرنېتتا ئۇيغۇر تىللىق سەھىپە ئېچىش قارارىغا كەلدى.
مانا بۇ سەھىپە، شۇ، قارارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدۇر. سەھىپىدە ماتېرىياللار ئۈچ خىل- ئەرەب، كىرىل، لاتىن سىزمىلىق — ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىنىدۇ. ئەرەب ۋە لاتىن سىزمىلىق ئۇيغۇر يېزىقلىرى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە قېلىپلاشقان نۇسخىلىرىغا، كىرىل سىزمىلىق ئۇيغۇر يېزىقى قازاقىستاندا قېلىپلاشقان نۇسخىسىغا ئاساسلىنىدۇ.
ماتېرىياللار قايسى يېزىقتا يېزىلىشىدىن قەتئىي نەزەر،
بۈگۈنكى مۇرەككەپ ئەھۋالدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىغىنى ساقلاپ قېلىش ۋە زامانغا لايىق راۋاجلاندۇرۇش بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ناھايىتى مۇرەككەپ ، ئېغىر ۋە پەخىرلىك ئىشتۇر.

شەرىپ ئاخمەدى،

موسكۋا

1 thoughts on “ئۇيغۇر ئىنتېرنېت سەھىپىسى ھەققىدە

  • 2017-02-06 в 03:43
    Постоянная ссылка

    Йеңидин ечилған бу уйғур торбәтниң ишлири утуқлуқ болсун ! Сөзсиз келәчәктә көплигән йеңилиқларни оқуп билимиз ! Устазларға, Мәктәп балилириға вә башқиму оқурманларға өз пайдисини тәккузиду дәп ишинимән !

Обсуждение закрыто.