مۇرات ھەمراېۋ

(1936–1983)
2016-ژىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك پەرزەندى، پەن ۋە جەمىيەت ئەربابى، مەشھۇر ئالىم، شاىر، تەرجىمان ھەم پۈتكۈل ئۆمرى ۋەتەن ئىشقىدا پەرۋانە بولۇپ ئۆتكەن مۇرات ھەمراېۋنىڭ تۇغۇلغىنىغا 80 ژىل تولدى. ئۇ ھاياتتىن تولىمۇ ئەتىگەن كەتتى. ئامما خەلقىگە مەڭگۈ ئۇپرىماس، بېباھا مىراس قالدۇردى.
25 يېشىدا پەن نامزىتى، 28 يېشىدا دوكتور! پۈتكۈل ئىتتىپاقلىق كومسومول ئىتتىپاقى مۇكاپىتىنىڭ ساھىبى، موسكۋادا ئۆتكەن ئانتروپولوگ ۋە ئېتنوگروفلارنىڭ دۇنىياۋىي كوڭرېسسىنىڭ ئىشتراقچىسى. تېخى ئوتتۇز ياشقا كەلمەي تۇرۇپ، مۇنچىۋالا چوڭ ئۇتۇققا ئېرىشكەن ئادەمنى ئوتتۇرا ئازىيا ئەمەس، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى داىرىسىدىمۇ ئۇچرىتىش تەس ئېدى. «…ئۇ زامانىمىزنىڭ ئەڭ ياش، ئاتاقلىق تۈركشۇناسى»، – دەپ يېزىلىپتۇ «مولودايا گۋاردىيا» نەشرىياتىدىن چىققان بىر توپلامدا.
ياش، تالانتلىق، چىرايىمۇ كېلىشكەن سۇمباتلىق مۇراتنى كۆرگەن ھەرخىل دۇنىيا ئالىملىرى: «بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەختى بولۇپ تۇغۇلغان ژىگىت ئېكەندە»، – دەپ تاڭلىيىنى چېكىشكەن دېگەن ئەسلىمىلەرمۇ موجۇت.
قىسقا، ئامما مەزمۇنلىق ھايات كەچۈرگەن ئەدىپنىڭ 40قا يېقىن ژىرىك ئەسەرى، 400دىن ئوشۇق ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى مەلۇم. ئۇلار قازاقستان ۋە كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئابرويلۇق، ئىناۋەتلىك گېزىت-ژۇرنال، ئىلمىي توپلاملىرىدىلا ئەمەس، شۇنداقلا دۇنىيانىڭ كۆپلىگەن مەملىكەتلىرىدىكى نەشرىياتلاردا يورۇق كۆردى. ياش، ئىستېداتلىق، ئوي-پىكرى تىڭ ھەم دادىل ئالىمنى دۇنىيا تۈركشۇناسلىغىنىڭ ئەھلى بىردىن ئىخرار قىلىشتى.

      
1936-ژىلى ئالمۇتا شەھىرىدە ئاددىي ئىشچى، ئەسلى قەشقەرلىك كەرىم بىلەن باشارەتنىڭ كۆپبالىلىق ئاىلىسىدە تۇغۇلغان مۇرات مەكتەپنى رۇس تىلىدا پۈتىرىدۇ. 12 يېشىدا شېىرىيەتكە قىزىقىپ، رۇس شاىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈگىنىدۇ ۋە شۇ تىلدا دەسلەپكى شېىرلىرىنى يازىدۇ. ئاتىنىڭ ۋەتەڭە بولغان مۇھەببىتى، سېغىنىشى پەرزەندىنىڭ قەلبىدە ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇ تاشكەنت شەھىرىدىكى ساگۇدا تەھسىل ئالىدۇ. ستۇدېنت چاغلىرىدىلا مۇراتنىڭ شېىرلىرى، ئۆتكۈر ماقالىلىرى ئۇيغۇر، رۇس ۋە ئۆزبەك مەتبۇاتلىرىدا بېسىلىپ، بىردىن كۆزگە چۈشىدۇ. 21 ياشلىق ستۇدېنتنىڭ تەرجىمىسى بىلەن، 1957-ژىلى ج. ئاسىموۋ ۋە ئا. سادىروۋلارنىڭ «ئانارخان» پئېسىسى ئۆزبەك سەھنىسىدە نامايىش قىلىنىدۇ. 1958-ژىلى تاشكەنتتە ئۆتكۈزىلىدىغان ئازىيا-ئافرىكا يازغۇچىلىرىنىڭ كونفېرېنسىياسى ھارپىسىدا نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ شاىرلىرى» توپلىمى ئۇنىڭغا زور شۆھرەت ئەكىلىدۇ. كېيىنىرەك مۇرات ھەمراېۋ بىلال نازىم ئەسەرلىرىنى 250 مىڭ، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېىرلار توپلىمىنى 100 مىڭ نۇسخىدا رۇس تىلىدا موسكۋادا نەشىر قىلدۇرىشى ھەقىقىي جاسارەت ئېدى.
ئالىم ئوتتۇزدىن ئوشۇق تۈرك تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئەدەبىياتىنى دۇنىياغا تونۇتتى. بۇ تىللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇ ياخشى بىلدى ۋە شۇ تىللاردىمۇ يازدى. ئۇنىڭ تەرجىمىدىكى زور ماھارىتى ئارقىلىق، كۆپلىگەن داڭلىق ئۇيغۇر، تاتار، قازاق، ئۆزبەك ۋە قىرغىز يازغۇچى- شاىرلىرى رۇس ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇلۇپ، ئەسەرلىرى ئىللىق قوبۇل قىلىندى.
ئەمگەك پاالىيىتىنى ئاسپىرانت چېغىدىلا مەشھۇر مۇختار ئەۋېزوۋنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئالمۇتىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئىلمىي كاتىپلىقتىن باشلىغان مۇرات كەرىم ئوغلى بىلىم داىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭلىگى ۋە زور تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتى تۈپەيلى، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزبەكستاندىكى قارى نىيازى نامىدىكى پېداگوگىكا پەنلىرى ئىلمىي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى باشقۇردى. ئۇنىڭ ئىلىم-پەندىكى خىزمىتى ژۇقۇرى باھالىنىپ، پروفېسسور، كېڭەش ئىتتىپاقى پېداگوگىكا پەنلىرى ئاكادېمىياسىنىڭ ك. ئۇشىنسكىي نامىدىكى مۇكاپىتىغا ۋە موشۇ ئاكادېمىيانىڭ مۇخبىر – ئەزاسى بولۇشتەك زور ئابروي-ئاتاققا ئېرىشتى. بۇ خەلقىمىزگە مۇرات ھەمراېۋ ئارقىلىق كەلگەن ئامەت – بەخىت ئېدى.
ئالىم ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر ئالىم-يازغۇچىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتتى. مۇرات ھەمراېۋنىڭ قازاقستان كومپارتىياسىنى باشقۇرغان ئىسماىل يۈسۈپوۋ، دىنمۇخامېت قوناېۋ، ئۆزبەكستان رەھبىرى شەرەپ رەشىدوۋلار بىلەن تالاي ئۇچرىشىپ، ھەمسۆھبەت بولغىنى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم. د. قوناېۋنىڭ ئۆزى ئىسمى تېز كەڭ تونۇلغان ياش ئالىمنى كۆرۈش ئىستىگىنى بىلدۈرۈپ، تۇنجا قېتىمقى 15 مىنۇتقا مولجالانغان سۆھبەت 45 مىنۇت داۋام قىلغان ئېكەن.
تەغدىر يازمىشى بىلەن، تاشكەنتكە كۆچۈپ بارغاندىمۇ، ش. رەشىدوۋ ئۇنى ھوزۇرىغا چاقىرىپ، ئابروي-ئاتىغىغا مۇناسىپ خىزمەت بېرىدۇ. تالانتلىق ئالىم ئۆزىگە بولغان بۇ ھۆرمەتنى ئۆزبەك خەلقىگە ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ، ئۆزبەكستان پېداگوگىكا ئىلىمىنى ئېگىز بالداققا كۆتەردى.
خەلقىمىزنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن ئەجايىپ ئوغلان 1983-ژىلى 47 يېشىدا ھاياتتىن ئۆتتى. ئۇنىڭ 50 ۋە 60 ياشلىق تەۋەللۇدلىرىنى ئۆزبەك جاماەتچىلىگى كەڭ نىشانلاپ، بىر مەكتەپنى ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسىم بىلەن ئاتىدى. 70 ژىللىغى ھارپىسىدا ئالمۇتىدىكى «زاريا-ۋوستوكا» مەھەللىسىدىكى مەكتەپكە ئالىمنىڭ نامى بېرىلدى.

ئەخمەتجان ئىسراپىلوۋ.
«ئىژاتكار» ژۇرنالىدىن ئېلىندى.