تارىخچى-ئالىم ئەكرەم ئەنۋەروۋنىڭ تۇغۇلغىنىنىڭ 70 ژىللىغىغا داىر

ھايات بولسا، قازاقستانلىق تارىخچى ئالىم ئەكرەم ئەنۋەروۋ 70 ياشقا توللاتتېكەن. ئۇ ئالىي كەسپىي تەييارلىغى بار، بىلىملىك ۋە كۆپ ئەمگەك قىلغان، ئامما، ئايرىم سەۋەپلەرگە بولا، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارىنى تولۇق كۆرسىتىلمىگەن ھەم تەتقىقاتلىرىنى كەڭ ئاممىغا تونۇتالمىغان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.
ئەكرەم ئەنۋەروۋ 1948-ژىلى غۇلجا شەھىرىدە دۇنىياغا كەلگەن. ئۇ 1959-ژىلى ئاىلىسى بىلەن قازاقستان دىيارىغا كۆچۈپ چىقىدۇ. يېڭى يەرگە كۆچۈپ چىققانلار قاتارىدا ئۇلارمۇ دەسلەپ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى تارتىدۇ. پەيدىن-پەي يېڭى مۇھىتقا ئۈگىنىشكە باشلايدۇ. ئەنۋەروۋلار ئاىلىسى ئالمۇتىغا ئورۇنلىشىدۇ.
1967 – 1969-ژىللىرى ھەربىي بورچىنى ئۆتەپ كەلگەندىن كېيىن ئەكرەم ئەنۋەروۋ كېڭەش ئىتتىپاقىدىكى ئەتىۋالىق ھېساپلىنىدىغان لېنىڭرادتىكى م.لومونوسوۋ نامىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا چۈشىدۇ. ئۇ شەرىقشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ھىند تىلى مۇتەخەسسىسلىگىنى تاللايدۇ. ئەكرەم ئۆزىمۇ قارىقۇمچاق، ھىندلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان. ئاىلىسىنىڭ ماددىي ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، لېنىڭرادتا ئوقۇش ۋە ياشاش قىيىن ئېدى. شۇڭلاشقا ئەكرەم ئوقۇش بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىدۇ. ستۇدېنتلىق ھايات ئۇنى تاۋلايدۇ ھەم كېلەچەكتە ياخشى مەكتەپ بولىدۇ. شۇ ژىللىرى ئۇ ئېكاتېرىنا دېگەن قىزغا ئۆيلىنىدۇ.
مەلۇمكى، لېنىڭراد ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى بىلىم بېرىش جەھەتتىن دايىم كۈچلۈك بولغان. شەرىقشۇناسلىق ساھاسىدا لېنىڭرادلىق ئالىملار يېتەكچى ئورۇنلارنى ئېگىلەتتى. موسكۋالىق شەرىقشۇناس ئالىملار زامانىۋىي شەرىق جەمىيەتلىرىنى تەتقىق قىلاتتى ھەم ئىدېولوگىيا ۋە سەياسەتكە يېقىن بولاتتى. لېنىڭرادلىق ئالىملار بولسا، شەرىقنىڭ تىلىنى، قېدىمىي تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۈگىنەتتى. شەرىقشۇناسلىقنىڭ لېنىڭراد مەكتىۋىنىڭ مانا موشۇ ئالاھىدىلىگى ئەكرەم ئەنۋەروۋنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدا ئۆز ئەكسىنى تاپتى. ئۇ ھىند ۋە سانسكرىت، ئىڭلىز تىللىرىنى، قېدىمىي ھىندستاننىڭ تارىخىنى ئۈگىنىدۇ. ئەندى ئۇنىڭ ئانا تىلىنى ۋە ئەرەپ گرافاكىسىنى بىلىشى شەرىقشۇناسلىقنىڭ يەنە بىر مۇھىم ساھاسى — تۈركشۇناسلىققا يول ئاچتى.
ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملىغاندىن كېيىن ئەكرەم ئەنۋەروۋ ئالمۇتىغا قايتىپ كەلدى. 1979-ژىلى ئۇ چ.ۋەلىخانوۋ نامىدىكى تارىخ، ئېتنوگرافىيا ۋە ئارخېولوگىيا ئىنستىتۇتىنىڭ شەرىقشۇناس بۆلۈمىگە ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. ئۇيغۇر شەرىقشۇناس مۇتەخەسسىسنىڭ پەنلەر ئاكادېمىياسىگە كەلگەنلىگى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئاكادېمىك غ.سەدۋاقاسوۋ رەھبەرلىگىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى نەزەرىدىن سىرت قالمايدۇ. شۇنداق قىلىپ، 1982-ژىلى ئېتنوگراف ۋە تارىخچىلار توپىنىڭ رەھبىرى گ.ئىسقاقوۋنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگە ئىشقا كەلدى.
تەكىتلەش لازىمكى، گ.ئىسقاقوۋ ھەرخىل مەھكىمىلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئېتنوگرافىياسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنى بىر يەرگە ژىغىشقا كۆپ كۈچ چىقاردى. ئەكرەم ئەنۋەروۋتىن تاشقىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگە جۇمھۇرىيەتلىك مىراسگاھتا ئىشلەۋاتقان ئېتنوگراف رىسالەت كەرىموۋا تەكلىپ قىلىندى. شۇنداقلا تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى شەرىق فاكۇلتېتىنىڭ خىتاي بۆلۈمىنى تاماملىغان سۇلتان روزىباقىېۋ ۋە موشۇ قۇرلارنىڭ مۇەللىپىمۇ ئىشقا كەلدى.
سانسكرىت، ھىند ۋە ئىڭلىز تىللىرىنى بىلىشى ئەكرەم ئەنۋەروۋنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىقلاپ بەردى. ئۇ شەرقىي تۈركستاندا تېپىلغان ھىند-ئېۋروپا تىللىرىدىكى قېدىمىي يازما مەنبەلەرنى، قېدىمىي ئۇيغۇر تىلىدىكى يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. ئەكرەم شەرقىي تۈركستاننىڭ بۇددا ئەدەبىياتىنى، شۇنىڭ ئىچىدە تۇرپاندا تېپىلغان ئۇيغۇر مەتىنلىرىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭلاشقا تۇرپان ئىدىقۇتىنىڭ تارىخىنى (ىخ –خىىى ئەسىرلەر) تەتقىق قىلماقچى ئېدى. ئامما 1986-ژىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا لېنىڭرادتا ئىلمىي ستاژىروۋكىدا بولۇش ئىمكانىيىتى پەيدا بولىدۇدە، نامزاتلىق دىسسېرتاسىياسىنىڭ ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. قېدىمىي ئۇيغۇر مەتىنلىرى ئاساسىدا تۇرپان ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش قىيىن مەسىلە ئېدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئەمگەك ۋە ۋاقىت ھەم تەتقىقات ئۈچۈن نۇرغۇن مەتىنلەر تەلەپ قىلىناتتى. سسسر پەنلەر ئاكادېمىياسى شەرىقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى لېنىڭراد بۆلۈمىنىڭ قوليازمىلار فوندىدا تۇرپاندىن كەلتۈرۈلگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر قوليازمىلىرى ساقلىنىۋاتاتتى. ئامما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇرمۇش ۋە يۇرىدىك ھۆججەتلەر ھەم دىنىي ئەدەبىيات ئېدى. ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ سەياسىي تارىخى توغرىلىق مەنبەلەر ئاز ئېدى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئەكرەم نامزاتلىق دىسسېرتاسىيانى يېزىشقا قىرىق يېشىدا كىرىشتى. شۇ سەۋەپتىن ئاتاقلىق تۈركشۇناس ئالىم س.كلياشتورنىي ئۇنىڭغا يەنە بىر ماۋزۇ — 1812 – 1900-ژىللار ئارىلىغىدا شەرقىي تۈركستاننى تەتقىق قىلغان ئىڭلىز ۋە ھىند سەياھەتچىلىرىنىڭ ئەمگەكلىرىنى تەتقىق قىلىش تەكلىۋىنى بېرىدۇ.
«ئىستورىيا ئىزۇچېنىيا ۋوستوچنوگو تۇركېستانا ئاڭلىيسكىمى ئى ئىندىيسكىمى پۇتېشېستۋېننىكامى (1812 – 1900گگ.)» ماۋزۇسىدىكى نامزاتلىق دىسسېرتاسىياسىنى ئە.ئەنۋەروۋ س.كلياشتورنىينىڭ رەھبەرلىگىدە يازىدۇ. دىسسېرتاسىيانى 1992-ژىلى روسسىيا پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ شۆبىسىدە (ھازىر روسسىيا پەنلەر ئاكادېمىياسى شەرىق قوليازمىلار ئىنستىتۇتى) ئۇتۇقلۇق ھىمايە قىلدى. رەسمىي ئوپپونېنتلىرى ھىندشۇناس م.ۋوروبئېۋا-دېسياتوۋسكايا ۋە ئېتنوگراف ۋ.كۇرىلېۋ بولدى.
ئە.ئەنۋەروۋ دىسسېرتاسىيالىك ئىشىدا ئىڭلىز ۋە ھىند سەياھەتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركستاننى تەتقىق قىلىش پاالىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇتۇقلىرىنى، موشۇ جاينى تەتقىق قىلىشتا ئىڭلىز ۋە ھىند سەياھەتچىلىرىنىڭ رولىنى تەتقىق قىلدى.
ئە.ئەنۋەروۋ ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىشىدا ئىڭلىز ۋە ھىند سەياھەتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركستاننى تەتقىق قىلىشىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىنى ئېنىقلاپ بەردى. بۇ جەرىياننىڭ ئاساسىنى ئوست-ھىند كومپانىياسىنىڭ خادىمى، ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ترانسگىمالاي دۆلەتلىرىدە سەياھەتتە بولغان ئۇ.مۇركروفت سالغان. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1812 – 1813-ژىللىرى ھىند مىر ئىززەت ئۇللىنىڭ شەرقىي تۈركستانغا سەپىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. دەسلەپكى باسقۇچتا بۇ يەردە بولغان ھەم باي ماتېرىاللارنى قالدۇرغان ئۇ.مۇركروفت ۋە ھىند خادژى ئاخمېد شاخ بولدى. 1950-ژىللىرى بولسا، ئۈچ ئاكا-ئۇكا نېمىسلار – شلاڭىنۋېيتلار بولغان، ئۇلار قەشقەرىيانى تەتقىق قىلغان. ئەكرەم ئەنۋەروۋنىڭ ئېنىقلىشىچە، دەسلەپكى باسقۇچتا شەرقىي تۈركستاننى تەتقىق قىلىش ئوست-ئىندىيا كومپانىياسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئېكسپېدىسىيالەرنىڭ ئەخبارات توپلىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بۇ پەيتتە كومپانىيادە قەشقەرىياگە قىزىقىش ئاز ئېدى. چۈنكى خىخ ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قېلىپلاشقان تارىخىي ئەھۋال ۋە گېوگرافىيالىك شاراىتلار بۈيۈك برىتانىيانىڭ قاراقورۇمنىڭ شىمالىدىكى تېررىتورىيالەرگە تەسىرىنى تارقىتىشقا ئىمكانىيەت بەرمەتتى.
ئىڭلىز-ھىند سەياھەتچىلىرى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركستاننى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش 1860 – 1876-ژىللارغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا ھىندستاندا ۋە شەرقىي تۈركستاندا يۈز بەرگەن ۋاقىەلەر تۈرتكە بولدى. 1857 – 1858-ژىللىرىدىكى سىپاي قوزغىلىڭى ھىندستاندىكى ئوست-كومپانىيانىڭ ھاكىمىيىتىنى غۇلاتتى ھەم ھاكىمىيەت لوندون ھۆكۈمىتى تايىنلايدىغان ۋىسې-كورولنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئەندى شەرقىي تۈركستاندا 1860-ژىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان سىن ئىمپېرىياسىگە قارشى قوزغىلاڭ ئاقىۋىتىدىن قەشقەرىيادە ياقۇپبەك رەھبەرلىگىدىكى يەتتىشەر دۆلىتى پەيدا بولدى. موشۇ ۋاقىە بولسا، ئىڭلىز-رۇس قارىمۇ-قارشىلىغىنى شەرقىي تۈركستان تېررىتورىياسىگە يۆتكىدى. يېڭى شاراىتتا برىتانىيا ھىندستانىدا ترانسگىمالاي دۆلەتلىرىنى، شۇنىڭ ئىچىدە قەشقەرىيانى تەتقىق قىلىدىغان، ھىندستان چوڭ ترىگونومېترىيالىك خىزمىتى ۋە بېڭال ئازىيا جەمىيىتى، كورول گېوگرافىيالىك جەمىيىتىنىڭ ئىشلىرىنى ئۇيغۇنلاشتۇرىدىغان تەشكىلاتلار تەشكىل قىلىندى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، يەنى 1860 – 1869-ژىللار ئارىلىغىدا شەرقىي تۈركستانغا ئىلمىي ۋە سودا-ئىختىسادىي مەخسەتلەر بىلەن ئوندىن ئوشۇق ئېكسپېدىسىيالەر ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. ئۇلارغا مۇخامېد خامىدنىڭ (1863-ژ.)، ئۇ.دژونسوننىڭ (1865-ژ.)، 1868 – 1869-ژىللاردىكى ر.شوۇنىڭ، مىرزا سۇدژىنىڭ، گ.خېيۇوردنىڭ، د.فورسايتنىڭ ئىككى مىسسىياسىنىڭ (1870 ۋە 1873- ژژ.) سەياھەتلىرىنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. موشۇ سەياھەتلەر داۋامىدا يەرلىك خەلىق — ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرپى-ئادەتلىرى، ئەنئەنىلىرى، قەشقەرىيادىكى سەياسىي ۋاقىەلەر، ئۆلكە گېوگرافىياسى، ئىجتىماىي-ئىختىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە باھالىق ماتېرىاللار توپلاندى. موشۇ ماتېرىاللار ئاساسىدا ئە.ئەنۋەروۋ سەياسىي ۋاقىەلەر تۇرغۇسىدىن برىتانىيا ھىندستانىنىڭ يەتتىشەر، روسسىيا ۋە سىن ئىمپېرىياسى بىلەن بولغان ھەربىي، دىپلوماتىيالىك، سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلدى.
ئە.ئەنۋەروۋ ئۆزىنىڭ دىسسېرتاسىياسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا 1876 – 1900-ژىللار ئارىلىغى (يەتتىشەر دۆلىتى غۇلىغان ۋە شەرقىي تۈركستاندا سىن ھاكىمىيىتى ئورنىغان پەيت) بولدى. بۇ باسقۇچتىمۇ ئىڭلىز سەياھەتچىلىرى 1884-ژىلى شەرقىي تۈركستان سىن ئىمپېرىياسىنىڭ تەركىۋىگە «شىنجاڭ» دېگەن نام بىلەن كىرگۈزۈلگەن تېررىتورىيانى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىڭلىز سەياھەتچىلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرى قەشقەرىيادە روسسىيانىڭ پوزىسىياسى كۈچەيگەندە ۋە برىتانىيا ھىندستانىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئاجىزلاشقاندا ژۈرگۈزۈلدى. موشۇ پەيتتە شەرقىي تۈركستانغا ن.ئېلاياس (1879، 1885-ژ.)، ئا.كېرى ۋە ئا. دالگېيش، (1885-1886-ژ.)، ف.ياڭخازبېند (1889 – 1891-ژ.)، گ.باۇېر، م.كونۋېي (1892-ژ.)، گ.لانسدېل، گ.لىتتېلدېيل (1893-ژ.)، ب.كلايۋ (1895-ژ.)، گ.دىزى، ر.كوببولد (1897 – 1899-ژ.) سەياھەتكە بارغان. بۇ سەياھەتلەرنىڭ ھەممىسى ئە.ئەنۋەروۋ تەرىپىدىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىندى. ئالىمنىڭ پىكرىچە، خىخ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئىڭلىزلار شەرقىي تۈركستانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇمۇمىي بىر سەياسەتنى شەكىللەندۈرمىگەن. بۇنىڭغا برىتانىيانىڭ شەرقىي تۈركستانغا مۇناسىۋەتلىك سەياسىتىنى تەييارلايدىغان بىرنەچچە مەركەزلەرنىڭ (لوندون، كالكۇتتا، سانكت-پېتېربۇرگ ۋە بېجىن) بولۇشى كاشىلا بولدى. ئۇلار ئىمپېرىيا مەنپىيەتلىرىنى ئۆز نۇقتەىي نەزەرلىرى تۇرغۇسىدىن چۈشىنەتتى.
ئە.ئەنۋەروۋنىڭ تەتقىقاتلىرى شەرقىي تۈركستانغا بولغان سەياھەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملارنىڭ چوڭ قىزىقىشىنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ماتېرىاللىرى «ۋوستوچنىي تۇركېستان گلازامى ئېۋروپېيسكىخ پۇتېشېستۋېننىكوۋ» (ئالما-ئاتا 1991-ژ.) كىتاۋىنىڭ ئىككىنچى بابىدا («پېرۋىې پۇتېشېستۋىيا ئىز برىتانسكوي ئىندىى ۋ ۋوستوچنىي تۇركېستان»، 22 – 43-ب.) پايدىلىنىلغان.
نامزاتلىق دىسسېرتاسىيانى ھىمايە قىلغاندىن كېيىن ئە.ئەنۋەروۋ ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىدا ئىشلىدى. ئۇنىڭ ئىلمىي پاالىيىتى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىق. مەزكۈر ئىنستىتۇتتا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئېتنوگرافىياسى بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان پەيتىدە، ئۇيغۇرلار تارىخى بويىچە كوللېكتىۋلىق لايىھىلەرگە پاال قاتناشتى.
ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېپىلغاندىن كېيىن ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. ئالمۇتىدىكى بىرنەچچە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا دەرىس بەردى. ھىندشۇناس ئالىم سۈپىتىدە قازاقستاندىكى ھىندستان ئەلچىخانىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولدى. شۇنداقلا ھىندستاندا ئىلمىي ستاژىروۋكىدا بولۇپ، خخج شۇارنى تەتقىق قىلىدىغان پروفېسسور كۇلبۇشان ۋارىك بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەر ئورناتتى.
ئەكرەم ئەنۋەروۋ ناھايىتى چوڭقۇر بىلىملىك، شەرقىي تۈركستاننىڭ قېدىمىي ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى تارىخىنى ياخشى بىلىدىغان، قېدىمىي تىللاردىكى يازما مەنبەلەرنى ئوقالايدىغان ئالىم ئېدى. ئۇنىڭ نامزاتلىق دىسسېرتاسىياسى ئەڭ ئاساسىي ئەمگىگى بولۇپ قالدى. ئەسەر ئۇنىڭ ئايرىم قىسىملىرىنى ماقالە سۈپىتىدە نەشىر قىلدى. ئەپسۇس، ئالايتەن كىتاپ سۈپىتىدە چىقىرىشقا ئۈلگىرەلمىدى. ئالىم 60 ياشقا تولماي دۇنىيادىن ئۆتتى. پەقەت 2013-ژىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى «ۋېلىۋاي ئاخۇن ئەۋلاتلىرى» تەشەببۇسكار توپىنىڭ ھامىيلىغىدا نەشىر قىلدى.
ئەكرەم ئىككىمىز ياش ئارىلىغى چوڭ بولسىمۇ ياخشى ئارىلىشىپ ئۆتتۇق. ھەر ئىككىمىز شەرىقشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىگىنى تاللىدۇق، ئۇيغۇرشۇناسلىققا 1980-ژىللىرى، يەنى بۇ پەن تەرەققىيات يولىغا چۈشكەندە كەلدۇق. ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇستازى ئاتاقلىق تۈركشۇناس ئالىم س.كلياشتورنىي بولدى. شۇنداقلا بىزنى ئۇيغۇر تارىخىغا بولغان قىزىقىش، ئۇنى تەتقىق قىلىشقا ئۈلۈش قوشۇش مەخسىتى بىرىكتۈرگەن ئېدى. بىز قازاقستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ گۈللەڭەن پەيتىنىڭ گۇۋاچىسى بولدۇق. موشۇنىڭدا ئەكرەم ئەنۋەروۋنىڭمۇ ئەمگىگىمۇ زور دەپ ھېساپلايمەن.

ئابلەھەت كامالوۋ،
تارىخ پەنلىرىنىڭ
دوكتورى.