ئابدۇۋەلى جارۇللا

ئابدۇۋەلى جارۇللا 1910–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ توغرىكۆۋرۈك مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.

بالىلىق دەۋرىدە موزدۇزلۇققا شاگىرت كىرىپ، موزدۇزلار ئارىسىدىكى ناخشىچى مەشرىۋاخۇن، ھاسان بۆرى، داۋۇت توكۇر، مەھەممەت تۇرخۇن، مەسۇم توقۇم، سونىمكام دۇتار، تېيىپاخۇن تەمبۇر، قادىر لاڭقا، ئىمىنجان ئۇستا قاتارلىق خەلىق ناخشىچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئاز ئۆتمەي ئابدۇۋەلى جارۇللا ئۆزىمۇ موزدۇزلار ئارىسىدا ئاۋازىنىڭ سازلىقى بىلەن تونۇلغان. 1934–يىلى غۇلجا سانائىنەپىسە قۇرۇلغاندا روزى تەمبۇر قاتارلىق مۇزىكا ئۇستىلىرىنىڭ ئىمتىھان ئېلىشى بىلەن ئەڭ دەسلەپكى ئارتىستلار قاتارىدا ئۆمەككە قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن ئۆمرى سەھنىدە ئۆتتى.

ئابدۇۋەلى جارۇللا 1936 — يىلىدىن 1962 — يىلىغىچە ئىلى تېئاتر سەھنىسىدە سەھنىلەشتۈرۈلگەن 50 كە يېقىن سەھنە ئەسىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاساسلىق  روللارغا چىققان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «باي ۋە مالاي» دا غوپۇر، «ئارشىن — مال لان»  دا ئەسقەر، «غېرىپ — سەنەم»  دە غېرىپ، «پەرھات – شىرىن» پەرھات، «لەيلى — مەجنۇن»  مەجنۇن، «نۇزۇگۇم» دا باقى، «غۇنچەم» دە نۇرۇم بولۇپ ئوينىغان روللىرى ئەينى يىللاردىكى تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا تېئاتر سەھنىسىدە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن  خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىست دەپ شەرەپلىك نام بەرگەن. ئابدۇۋەلى جارۇللا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېئاترچىلىقىغا ئاساس سالغان كىشىلىرىمىزدىن بىرى.

ئابدۇۋەلى جارۇللا ئاتاقلىق دراما ئارتىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكىم خەلىق ئىچىدە تونۇلغان مەشھۇر خەلىق ناخشىچىسى. ئابدۇۋەلى جارۇللا ناخشىلىرىغا مۇقامشۇناس ھاسان تەمبۇر ئۆز ۋاقتىدا: «ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىن جىلىليۇزى، تۇرپانيۇزىلىرىنىڭ ھارۋا ھايداپ كېلىۋاتقان دېھقانلار ناخشىسىنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ»  دەپ باھا بەرگەن. ئابدۇۋەلى جارۇللا خەلىقنىڭ ساددا، ئەمما ھىسياتقا باي ناخشا ئېيتىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەپ، خەلىق ناخشىلىرىنى ئورۇنلاشتا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ياراتقان خەلىق ناخشىچىسى. مۇساجان روزىنىڭ بەرگەن باھاسىغا قارىغاندا، ئاتا — بوۋىلىرىمىزنىڭ ناخشا توۋلاش پۇرىقى ساقلانغان بولۇپ، مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. 1959 — يىلى مەركەزدىن دىيارىمىزغا كەلگەن مۇزىكا تەتقىقاتچىسى جىيەن جىخۇئا جەنۇبى شىنجاڭنى ئايلىنىپ غۇلجىغا كەلگەندە ئابدۇۋەلى جارۇللانىڭ ناخشىلىرى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارقان. شۇ قېتىم ئابدۇۋەلى جارۇللا ئېيتقان يۇزدىن ئارتۇق ناخشىنى لېنتىغا ئېلىپ كەتكەن. جىيەن جىخۇئا بۇ لېنتىنى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ بوران — چاپقۇنلىرىدىن سالامەت ئۆتكۈزۈپ، كېيىن بىر قىسمىنى ئايرىم كىتاپچە قىلىپ ئېلان قىلغان. 1971 — يىلى ۋە 1981 — يىللىرى شىنجاڭ خەلىق رادىئو ستانسىياسى بىلەن ئىلى خەلىق رادىئو ستانسىياسى ئابدۇۋەلى جارۇللا ناخشىلىرىنى ئومۇمى يۈزلۈك لېنتىغا ئېلىپ ئارخىپلاشتۇرغان.

ئابدۇۋەلى جارۇللا 1951 — يىلى روزا تەمبۇر بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئون ئىككى مۇقامىنى لېنتىغا بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، روزا تەمبۇر ئىلى ئون ئىككى مۇقامىنى ئورۇنلىغاندا داستان مەشرەپ قىسىملىرىنى بىرلىكتە ياندىشىپ ئېيتىپ، ئون ئىككى مۇقامنى قۇتقۇزۇپ قېلىش xىزمىتىدە تېگىشلىك توھپە ياراتقان. 1992 — يىلى جوڭگۇ ئۇيغۇر مۇقام پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەيىتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ مۇقام ئىشلىرىدا كۆرسەتكەن ئەجرى ئۈچۈن “Oن ئىككى مۇقام سەنەتكارى” دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى. ئابدۇۋەلى جارۇللا 1998 — يىلى 89 — يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.