Четверг, 5 декабря, 2024
УйғурларУйғуршунаслиқ

Yütken_kıtap

ﮊﯛﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖ

ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ 100 ﮊﯨﻠﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﺮﯗﻟﻼﻡ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ. ﺋﻪﻳﻨﻪ ﺷﯘ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﯩﭽﻪﻡ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﮪﯧﺰﯨﻤﺎﺧﯘﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪﺧﺎﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻐﯩﻨﻰ ﺗﺎ ﻣﻮﺷﯘ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺧﯧﻠﯩﭽﻪﻡ ﮪﻪﺩﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﯚﮪﺒﯩﺘﯩﺪﻩ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎ-ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻗﺎﮪﮭﺎﺭﯨﻲ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻤﺪﯗ-ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯧﺪﻯ.
ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﺘﺎ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﮪﯧﭽﺒﯩﺮ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ. ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ، ﻣﻪﻳﺪﻩ ﺗﯩﺮﻩﭖ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﮊﯛﺭﮔﻪﻥ، ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ «ﻻﻡ» ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﻤﯩﻐﺎﻥ ﮔﺎﻳﻰ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﮔﯘﯞﺍﭼﻰ. ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ، ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﯩﻤﯘ، ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺟﺎﻳﯩﭗ ﺩﯨﻠﻜﻪﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﯩﺴﺘﻠﯩﻖ ﺑﻮﺭﭼﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﮪﯧﺴﺎﭘﻼﭖ، ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺧﻪﯞﻩﺭﺳﯩﺰ. ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﺳﺎﺩﯨﭙﻰ ﺳﻮﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ.
ﮪﯧﺰﯨﻤﺎﺧﯘﻥ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﻰ، ﺳﺎﻗﺎﻝ ﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﺮﺍﺳﻰ، ﻛﯚﺯ ﺋﻪﻳﻨﯩﮕﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪﺧﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﻳﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﻤﻪ ﺭﯦﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﮊﯛﺭﮔﻪﻥ ﺧﯧﻠﯩﭽﻪﻡ ﮪﻪﺩﻩ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﭽﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻗﺎﮪﮭﺎﺭﯨﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ-ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻣﺎﯕﺎ: «ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﻧﻪﺩﻩ؟» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻣﻪﺧﺴﯩﺘﯩﺪﻩ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ» ﯞﻩ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻣﻮﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﻳﯧﯖﻰ ﮪﺎﻳﺎﺕ» ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﯦﺪﺍﻙцﺋﯩﻴﺎﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻠﮕﻪﺭﻛﻰ ﺋﯩﺸﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻛﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. «ﺳﻮﺭﺍﭖ، ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﺋﺎﺭﺧﯩﯟﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﯕﻐﯘﺯﻏﯩﻨﯩﻢ ﺯﺍﻳﻪ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ، ﺋﯚﺯ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺧﺮﻯ، ﮊﯨﮕﯩﺮﻣﻪ ﺋﯜﭺ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﯩﺴﺖ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻗﺎﮪﮭﺎﺭﯨﻴﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺕ-ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻ، ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺗﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﻰ. ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﺎﻛﺎ ﻣﺎﺧﻤﯘﺩﻭﯞﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ.
– ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻗﺎﮪﮭﺎﺭﻭﯞ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺋﯧﺪﻯ. ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﺎﮔﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﻪﻥ «ﻳﯧﯖﻰ ﮪﺎﻳﺎﺕ» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻐﺎ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ، ﺋﺎﻣﻤﺎ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﻯ. ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺗﺎﺭ ﺑﯚﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﯓ، ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﺗﺘﻰ. ﻛﯩﺘﺎﭘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯧﺪﻯ. ﺗﻪﻛﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﺴﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﻩ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺷﯘ ﻳﺎﻗﻨﯩﯔ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ، ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻣﻤﺎ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﺌﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻢ ﻳﻮﻕ. ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻠﺴﻪ، ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮪﻪﻣﺮﺍ، ﮪﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺗﯘﻗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺯﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺒﺮﺍﮔﯩﻤﻮﯞ ﺑﯩﻠﻪﻣﺪﯦﻜﯩﻦ؟ – ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﻣﻮﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺒﺎﮪﺎ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﺎﺑﺎﺩﺍ، ﺋﺎﺯﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎ «ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯩﻢ ﺩﯦﺪﻯ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺳﺎﺗﯩﺮﯨﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺑﺮﻭﻱ ﺋﯧﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﺎﻛﺎ ﻣﺎﺧﻤﯘﺩﻭﯞ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻗﺎﻣﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.
ﻧﻮﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﺎﺯﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻛﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﯩﯖﺸﯩﺪﯨﻢ. ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺋﯘﺳﺘﺎ، ﻣﺎﻗﺎﻝ-ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﮕﻪ ﭼﯧﯟﻩﺭ، ﻛﯚﭘﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺯﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻗﺎﮪﮭﺎﺭﻭﯞﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﺍﺯ ﯞﺍﻗﯩﺌﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﻣﺎﻱ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺷﺎﺋﯩﺮﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﻖ ﮪﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﺪﻯ.
– ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﯘﻧﭽﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ. ﺩﻭﺭﯨﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﻭﺭﺍ-ﺩﻩﺭﻣﻪﻙ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ. ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﻖ ﺧﯩﺴﻠﯩﺘﯩﮕﻪ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﻣﻨﯘﻥ ﺋﯧﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮﺍﺯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ «ﻳﯧﯖﻰ ﮪﺎﻳﺎﺕ»، «ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺰﻡ ﺗﯘﻏﻰ» ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﺎﺗﺘﯩﻢ. ﺗﺎﻛﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﮊﯛﺭﮔﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎﻣﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺑﯩﺮﺗﯘﻗﻘﺎﻥ» ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، – ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺯﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ.
– ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﮪﻪﺭﺩﻩ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ ﻳﻮﻗﻜﻪﻥ. ﺭﺍﺳﺖ-ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ ﮪﻪﻡ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ، ﻛﻮﻟﺨﻮﺯﺩﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻢ ﺑﺎﺭ. ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﮊﯨﺘﯩﻢ ﺋﯚﺳﺘﻰ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ. ﺋﯜﭺ ﺑﯚﻟﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﻪﺭﻛﻰ ﺧﺮﯗﺷﯧﯟﺳﻜﯩﻲ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭ ﺑﯚﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯧﻜﻪﻥ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﺮ، ﺑﯚﻟﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯧﻜﻪﻥ.
– ﮪﺎﻝ-ﺋﻮﻗﯩﺘﻰ ﻣﺎﺧﺘﯩﻐﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻰ. ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ-ﺗﻪﺭﮔﯩﻨﻰ ﻗﻮﺳﺎﻗﺘﯩﻦ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺭﺍ-ﺩﻩﺭﻣﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﻰ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻏﻰ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﯚﻟﻤﻪ ﺋﯧﺪﻯ. ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﺗﺘﯩﻤﯘ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺩﻩﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻳﻮﺷﯘﺭﻣﺎﻱ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﻯ.
– ﺋﯘﻛﺎ، ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﺴﻪﻥ. ﺩﺍﺩﺍﯓ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺗﯩﯟﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻣﺎﺑﺎﺩﺍ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ-ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ، ﻣﺎﯕﺎ ﺳﻪﻥ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻝ. ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﯩﻢ ﺷﯘ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ، ﮊﯨﻘﻘﺎﻥ، ﺗﻪﺭﮔﯩﻨﯩﻢ ﻳﻮﻕ. ﺑﺎﺭﯨﻢ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻮﻧﯘ ﺋﯚﻱ. ﺑﯚﻟﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﺎﺧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪﯓ ﺋﯘﺑﺪﺍﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ؟ – ﺩﯦﺪﻯ.
– ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ، ﺋﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ؟ ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺪﻯ، ﺋﺎﻛﺎ. ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﮕﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺗﯧﺨﻰ ﺗﺎﻻﻱ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﺰ. «ﻗﻮﻱ ﺋﯚﻟﻪﻣﺪﯗ، ﻗﻮﺯﯨﻤﯘ؟» ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮊﯛﺭﻣﯩﺴﯘﻥ. ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ. ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ. ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻕ-ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﺭﭼﯩﻤﯩﺰﻏﯘ، –ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.
– ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﮊﯛﺭﯨﮕﯩﻢ ﺟﯘﻏﻐﯩﺪﯨﻼ ﻗﯩﻠﺪﻯ. «ﮪﻪ، ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘﺩﻩ. ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ، ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺪﯗ»، – ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻳﺪﺍ ﺗﯩﯖﺸﺎﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
– ﺋﺎﺯﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻛﺎ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﯩﻢ ﺑﺎﺭ. ﻣﯜﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﭘﻜﻪ-ﮪﯧﺴﯩﭙﻨﻰ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﯓ. ﺷﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻐﺎ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﻢ ﺗﺎﺯﯨﻤﯘ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﮔﺎﺩﺍﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻳﻐﯩﻨﻰ — ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ، – ﺩﯦﺪﻯ.
– ﺋﯚﺯﻩﻣﻤﯩﻐﯘ ﺑﯘ ﺗﺎﺋﺎﻣﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﯧﺪﯨﻢ. ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻐﯩﻤﺪﺍ، ﻳﺎﻕ ﺩﯦﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺗﺎﺯﺍ ﺋﯚﭘﻜﯩﺴﯩﻨﻰ، ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﯘﭖ، ﭘﯩﺸﯩﺮﯨﭗ، ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ، ﮪﯧﺴﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻻﺗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯚﺭﺕ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﯧﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﭘﻜﻪ-ﮪﯧﺴﯩﭗ ﻣﻪﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺪﯗﻕ، –ﺩﻩﭖ ﻛﯜﻟﺪﻯ.
– ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﭙﻼ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﮔﯧﺰﯨﺘﻼﺭﻏﺎ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﮊﯛﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰ، ﺗﺎﻛﺴﯩﺴﺘﻼﺭ، ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﻤﯩﺰﻏﯘ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ، ﭼﻪﺕ ﻳﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﯘﯞﭼﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺴﺎﯓ، ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻛﯚﭘﯩﺮﻩﻙ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻣﻪﻥ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻛﯚﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪﭘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﻜﻪﻥ، ﻣﻪﻥ ﻳﻮﻕ. ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، «ﺳﻮﺗﻜﺎ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮ. –ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﻮﻛﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻐﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻤﯘ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺗﯚﺭﺗﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯧﺴﯩﻤﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﯦﺪﻯ، ﮪﻪﻳﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﭼﯜﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ. ﺳﺎﺋﺎﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪﺭ ﭼﺎﻣﯩﺴﻰ. ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ «ﺗﯧﺰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ» ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ – ﻛﻮﻟﻴﺎﺳﻜﯩﺪﺍ. ﺋﯚﻳﺪﻩ ﯞﺭﺍﭼﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﯧﭽﻜﯩﻢ ﻳﻮﻕ. ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﺎﭼﺘﻰ، ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﻪﻣﺸﻪﻟﺪﻯ. ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺳﻮﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻻﺳﺴﯩﺪﻩ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﻟﻪﭖ ﺋﻮﻟﺘﯩﺮﯨﯟﯦﺪﯨﻢ، ﺑﯩﺮﺍﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯩﻨﯩﻐﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ. ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞﺭﺍﭺ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﭺ، ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﺘﯩﺪﻩ، ﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﭺ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﺩﻯ، –ﺩﯦﺪﻯ.
– ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺮ ﺋﺎﻛﺎ ﻏﺎﭘﭙﺎﺭﻭﯞﻗﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﺘﯘﻡ. ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﺮﯨﺶ، ﻳﻪﺭﻟﻪﺵ ﺗﻪﺭﻩﺩﺩﯗﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ. ﻛﻪﭼﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻳﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻣﻤﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﺎﻳﺴﻰ-ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻳﻮﻏﻠﻰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﺍﺯ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺑﺎﮪﺎﻟﯩﻐﺎﻥ. ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﺍ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﻝ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﯩﺪﯨﻢ، ﮔﻪﭘﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ. ﻳﻪﺗﺘﯩﺴﻰ، ﻗﯩﺮﻗﻰ، ﮊﯨﻞ ﻧﻪﺯﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺑﻮﺷﺎﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ، ﺑﯚﻟﻤﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ، ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﻮﻳﻰ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﺍ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﺌﺎﻟﻼﺭﻧﻰ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺳﺴﻮцﺋﯩﺌﺎцﺋﯩﻴﺎﺳﻰ» ﮊﻩﻣﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻡ ﻣﻪﻣﻪﺗﻮﯞﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ…
ﺋﺎﺯﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﯩﺒﺮﺍﮔﯩﻤﻮﯞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﯧﭙﯩﻤﯩﺰ ﻣﻮﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ «ﺋﺎﺭﺧﯩﯟ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ» ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﮊﯨﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻼ ﺋﯧﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻣﻤﺎ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﺗﯧﺨﯩﭽﯩﻼ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯧﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.
ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻡ ﻣﻪﻣﻪﺗﻮﯞﺍﻧﻰ ﺗﻮﻧﺎﺗﺘﯩﻢ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﻮﻳﻠﯘﻕ، ﺋﺎﻕ ﺋﯜﺯﻟﯜﻙ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺕ، ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺟﯘﮔﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ. «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺳﺴﻮцﺋﯩﺌﺎцﺋﯩﻴﺎﺳﻰ» ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﻗﺎﺯﺍﻗﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﭼﺎﺭﻩ-ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﮔﺮﺍﮊﺩﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﯞﺩﯗﺭﯗﻟﯘﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻥ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ. ﺧﻪﭖ ﺩﯦﮕﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻡ ﻳﻮﻕ. ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﮊﯨﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ، ﺋﯘ ﺩﯗﻧﯩﻴﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﻣﻪﻣﯧﺪﯨﻨﻮﯞ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻡ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯧﺪﻯ.
ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮ ﻣﯜﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻮﺷﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. «ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﻠﺴﻪ، ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻱ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﺍ ﺋﯜﻣﯜﺕ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ، ﮪﯧﭻ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻳﻼ، ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﺎ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﻱ ﺗﯩﯖﺸﺎﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ، ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﺪﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺳﻮﺭﯨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻳﻘﯩﺸﯩﻢ. ﺑﯘ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻛﻪﻣﺘﺎﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﺍ «ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭘﯧﻴﯩﻞ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ؟» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﻣﯧﻴﻪﻣﺪﯨﻦ ﭘﯧﻘﯩﺮﺍﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﯘﻣﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﺪﯨﻢ…
–– ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻢ ﺑﺎﺭ، – ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﺎﻡ.
– ﻣﻪﻧﻐﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﻣﻤﺎ، ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﮊﯛﺭﮔﻪﻥ ﻛﻪﺳﯩﭙﺪﯨﺸﯩﻢ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﻮﻻ، ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺷﻮﻓﯧﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﻢ، ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﯩﮕﯩﻨﯩﻢ ﺭﺍﺳﺖ، – ﺩﯦﺪﻯ.
ﻳﺎﺩﯨﻤﻐﺎ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﻦ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺧﯧﻠﯩﭽﻪﻡ ﮪﻪﺩﻩﻣﻨﯩﯔ «ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ، ﻛﻮﻟﻴﺎﺳﻜﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ: ﺋﺎﻛﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺯﯨﻤﯘ ﺑﺎﮪﺎﻟﯩﻖ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺭﯦﺪﺍﻙцﺋﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﺪﻯ. «ﮪﻪ، ﺑﯘ ﺭﯦﺪﺍﻙцﺋﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ، ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭙﺘﯘﺩﻩ» ﺩﻩﭖ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ.
– ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺋﺎﺭﺧﯩﯟ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﺌﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﺑﯚﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﮊﯨﻐﯩﻨﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭﻭﯞ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻤﯩﺴﺎﻡ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺩﯗﺭﺩﺍﻧﯩﻤﯩﺰ «ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻐﺎ» ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﮔﯩﻤﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺗﯩﻨﻰ ﮪﻪﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯧﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻠﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺯﻩﻳﻨﺎﻟﻮﯞﻗﺎ ﮔﯩﻤﻨﻨﯩﯔ ﻧﻮﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﭼﯜﺷﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺳﯧﻠﯩﻤﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻧﻮﺗﯩﻨﻰ ﺩﯗﺗﺎﺭﻏﺎ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺯﺩﻯ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﻮﺯﯨﺘﻮﺭﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﯩﺴﺎﺋﯧﯟ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻧﻮﺗﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﺍﺯ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮊﯨﻐﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺎﺭﺩﯗﻕ، ﮊﯨﻐﯩﻨﺪﺍ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﯗﻕ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﮔﯚﺯﻩﻝ ﻣﻪﻣﯧﺪﯨﻨﻮﯞﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘﺭﭘﻰ-ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺳﻪﻥъﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﺪﻯ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﮕﺮﯦﺴﺲ ﺧﻮﻟﻠﯩﺪﺍ ﻛﻪﯕﺪﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻕ.
– ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﮊﯨﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﺑﯚﻟﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﭘﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﺌﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﺯ ﮊﯛﮔﻪﺭﺗﺘﯩﻢ. ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﻩ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ، ﻛﻮﻧﺎ ﮔﯧﺰﯨﺖ، ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ. ﮪﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻢ. ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯧﺪﻯ. ﺋﯧﺮﻩﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻡ ﺑﻮﭘﺘﯧﻜﻪﻥ، – ﺩﯦﺪﻯ ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ.
– ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻗﺎﮪﮭﺎﺭﻭﯞ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺌﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ، – ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﺎ ﻛﯜﻟﯜﭖ.
– ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ، ﺳﯜﻳﯩﮕﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﮊﯨﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ، ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻮﯞ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ، ﺗﺎﻡ ﺋﺎﺗﻼﭖ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻥ ﺗﯚﺭﺕ، ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺵ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﮊﯨﮕﯩﺖ ﺟﻮﺯﯨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﻐﻪﻡ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ: «ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﺎ ﺟﻪﯓ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﺴﺎ، ﻣﻮﻧﯘ ﺗﻪﭘﺴﻪ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯜﺯﮔﯩﺪﻩﻙ ﮊﯨﮕﯩﺖ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯩﺮﯨﺪﯗ؟ ﺟﯜﺭ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﺎﯓ. ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ»، ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺮﻏﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺳﻪﻛﺮﻩﭘﺘﯘ. ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯧﺮﻯ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﭖ: «ﺳﺎﺩﯨﻐﺎﯓ ﻛﯧﺘﻪﻱ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ. ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﺎﻻﻣﻐﺎ ﺗﻪﮔﻤﯩﺴﻪﯕﻼﺭﺍ. ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﺴﻪﻡ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻙ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﯩﻢ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﯗﻡ. ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺳﺎﯕﻼﺭﭼﯘ»، ﺩﻩﭖ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﻪﺯﻟﻪﭖ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﻰ ﮪﻮﻳﻠﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻜﻪﻥ، – ﺩﯦﺪﻯ ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﺎ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ. – ﺧﯧﻠﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﺎﺳﺴﻮцﺋﯩﺌﺎцﺋﯩﻴﺎﮔﻪ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯨﻢ. ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ، ﻳﻮﻗﻤﯘ، ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻢ ﻳﻮﻕ. ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ، ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﺎﺋﯩﻠﻪﻡ ﮪﻪﻣﺮﺍﺋﯧﯟﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﻟﻨﺎﺯ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﻭﯞﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﮊﯛﺭﯨﺪﯗ. «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺳﺴﻮцﺋﯩﺌﺎцﺋﯩﻴﺎﺳﯩﮕﻪ» ﻳﯧﯖﻰ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﺘﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻢ ﻳﻮﻕ. ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ، ﻧﺎﺋﯩﻠﻪﻡ ﮪﻪﻣﺮﺍﺋﯧﯟﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﮔﯜﻟﻨﺎﺯ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﻭﯞﺍ ﻳﺎﺵ ﻏﯘﻧﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ، – ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﺌﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻣﻮﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻧﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻠﺴﻪ ﮔﯜﻟﻨﺎﺯ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﻭﯞﺍ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﮔﯜﻟﻨﺎﺯﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ. ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ. ﭼﻪﺕ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﻓﺎﻛﯘﻝьﺗﯧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﯩﺴﺖ ﺳﺎﯞﯗﺕ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﻭﯞ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﮪﯧﺰﯨﻢ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﻭﯞﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ. ﺳﺎﯞﯗﺕ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﮔﯜﻟﻨﺎﺯ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺩﻭﺭﯨﺪﯨﻤﯘ، ﻳﻪ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﯘ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﮔﯧﺰﯨﺖ، ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﻛﯩﭽﯩﻚ، ﭼﻮﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﮊﯛﺭﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻢ ﺑﺎﺭ. ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﮊﯛﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﮔﯜﻟﻨﺎﺯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﭼﺎﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮪﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻼﺭ ﻛﻮﻟﻠﯧﮕﯩﻴﺎﺳﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯦﻜﻪﻥ. ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ 151-ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﮔﯜﻟﻨﺎﺯ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﻭﯞﺍ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻗﺎﮪﮭﺎﺭﻭﯞﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
– ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﺪﻩ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﺭ. ﺭﺍﺳﺖ، ﺋﯘ ﯞﺍﻗﻼﺭﺩﺍ، ﻛﻮﻧﺎ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼﺵ، ﮊﯨﻐﯩﺶ ﻛﺎﻣﭙﺎﻧﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﻮﯞﺝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻗﯩﺰﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺟﺎﻳﯩﭗ ﭘﻪﻳﺖ ﺋﯧﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﻧﺎﺋﯩﻠﻪﻡ ﮪﻪﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﯗﻕ ،– ﺩﯦﺪﻯ ﮔﯜﻟﻨﺎﺯ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ.
– ﻗﺎﺯﺍﻗﺴﺘﺎﻥ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﮊﯨﻐﯩﭗ، ﺋﯘ ﻗﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎﭘﺎﺭﺳﺎ ﮊﯗﻗﯘﺭﻯ ﺑﺎﮪﺎﺩﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯦﻜﻪﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻴﻤﺎ-ﺟﯩﻴﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﯞﯦﺘﯩﺪﯦﻜﻪﻥ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﻘﺎﭼﺘﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﭘﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘ؟ – ﺩﯦﺪﯨﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ.
– ﻳﺎﻕ، ﺋﺎﻛﺎ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﺪﻯ. ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ-ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟﺗﺎ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻡ ﮪﻪﺩﯨﻤﯩﺰ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺗﻮﭘﻼﺵ، ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﻳﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯧﺪﻯ، – ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯜﻟﻨﺎﺯ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﭘﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻥ ﮊﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﭘﻘﺎﭼﺘﻰ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ.
– ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ «ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻗﺎﮪﮭﺎﺭﻭﯞ ﺋﯚﺯ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﺗﻘﯩﺪﻩﻙ»، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﻣﻪﻱ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻣﻪﻥ، ﻧﯩﻨﯧﻠﻪﻡ ﮪﻪﺩﻩﻡ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻣﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﮊﯨﻐﯩﻨﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﮊﯛﺭﮔﻪﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﻛﺎﻣﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘ-ﺑﯩﺮ ﮪﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ. ﮪﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻨﻪ ﭼﺎﻳﻐﺎ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﯧﮕﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺳﺴﻮцﺋﯩﺌﺎцﺋﯩﻴﺎﺳﻰ» ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻡ ﮪﻪﺩﻩ ﻣﻪﻣﻪﺗﻮﯞﺍ ﺗﻪﻛﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯚﻟﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﻟﯩﻘﻘﯩﺪﻩ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﻜﻪﻥ. ﺋﯩﻜﻜﯩﺘﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻡ ﮪﻪﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﻮﺭﺍﭘﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﭺ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺗﯚﺭﺕ ﻗﻮﺭﺍﭘﻘﺎ ﮪﻪﺟﯩﻤﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﺪﯗﻕ. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﺭﺍﭘﻘﺎ ﻛﻮﻧﺎ ﮔﯧﺰﯨﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺋﯚﺯﻯ ﺳﻮﻏﺎ ﺭﯦﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ، ﺋﺎﺯﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﮪﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﻗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﯧﻜﯩﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺯﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﺪﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟﺗﯩﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭼﺎﻣﯩﺴﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﺯﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﺳﻪﻛﺮﺍﺗﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.
– ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺍﺯ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻛﻪﻟﺪﻯ، – ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﮔﯜﻟﻨﺎﺯ. – ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻐﺎ، ﻧﻪﺯﯨﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﻕ. ﺗﻪﻛﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﺷﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ. ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﻢ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﻣﻤﺎ، ﺋﻪﯓ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻐﻰ، ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯘ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ «ﺑﯩﺮﺍﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ»، ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ.
– ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﭖ، ﺋﯜﭺ ﻗﻮﺭﺍﭘﻘﺎ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﺪﯗﻕ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﯘﻕ. ﺋﻪﻧﺪﻯ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ، ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺋﻮﻗﻪﺕ ﺋﯧﻜﻪﻥ ﮪﻪﻡ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻣﺴﯩﺰ. ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﻮﺳﯩﻐﺎ ﺋﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻟﯩﺪﯦﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﮪﻪﻗﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺗﯚﻟﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯧﺒﺎﮪﺎ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻐﯩﻤﯩﺰ ﮪﯧﺴﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﯗﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ.
– ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻡ ﮪﻪﺩﻩﻡ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ. ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﯩﺰﯨﻤﻰ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻡ ﮪﻪﺩﯨﺪﻩ ﺑﺎﺭ ﺋﯧﺪﻯ. ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﺧﻪﺷﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﯩﻴﯩﻨﻨﻰ، ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﭼﯜﺷﯩﺮﯨﭗ، ﺳﯧﻴﻔﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﺍﭖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﺌﯧﯟ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ 153-ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﮔﯩﻤﻨﺎﺯﯨﻴﺎﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯗﻕ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺯﺍﻗﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﻰ. ﺋﻪﺳﻠﻰ، ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻡ ﮪﻪﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻰ، ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻪﺗﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ-ﺋﯜﭺ ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ﮊﯨﻐﯩﺶ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻓﻮﻧﺪﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﺪﻯ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻣﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﯩﺪﯗﻕ.
ﮔﯜﻟﻨﺎﺯ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﻭﯞﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺧﯧﻠﯩﭽﻪﻡ ﮪﻪﺩﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪﻥ، ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﻳﻮﻗﯩﻤﺎﭘﺘﯘ. ﺋﯘﻻﺭ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﭼﯧﮕﺎﺭﺍ ﺋﺎﺗﻼﭖ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ، ﻗﺎﻳﺴﯩﺪﯗ-ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻟﯩﻘﻘﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺷﻰ ﺑﯧﻜﺎﺭ ﻛﻪﺗﻤﻪﭘﺘﯘ. ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ، ﺗﻪﺭ ﺗﯚﻛﯜﺷﻰ، ﺳﯧﺨﯩﻠﯩﻐﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ.
ﮊﯗﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﻻﻳﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﻦ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺧﯧﻠﯩﭽﻪﻡ ﮪﻪﺩﻩ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻗﺎﮪﮭﺎﺭﯨﻴﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﯟ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﺌﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻤﺎﺗﺘﯘﻕ. ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﻣﺎﺧﻤﯘﺩﻭﯞ ﺋﺎﺯﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺒﺮﺍﮔﯩﻤﻮﯞﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺑﺎﮪﺎﻻﭖ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﮊﯨﺘﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯘﻕ؟ ﺋﻪﻧﺪﻯ ﮊﯗﮔﺎﭺ، ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺟﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯘﻡ ﻣﻪﻣﻪﺗﻮﯞﺍﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﮕﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻧﺘﯘﻳﻤﯩﺰ؟ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻞ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺳﻪﭘﺪﯨﺸﻰ، ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﮔﯜﻟﻨﺎﺯ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﻭﯞﺍ، ﻧﺎﺋﯩﻠﻪﻡ ﮪﻪﻣﺮﺍﺋﯧﯟﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﺎ ﻣﻪﻣﯧﺪﯨﻨﻮﯞ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﯩﺴﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﯞﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﺎﺗﺘﯩﻤﯘ؟ ﻳﺎﻕ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯜﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ «ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺳﻪﭘﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻪ ﺋﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﻘﺎﺱ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻰ ﮪﯧﭻ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ»، ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻳﻤﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﮔﯧﺰﯨﺘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﻤﺪﯗ-ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ، ﺋﻮﭼﯘﻏﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﯓ-ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﻰ ﭼﻮﻟﺘﯩﻼﺭ: «ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﯕﻼﺭﻏﯘ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ، ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﭗ، ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ» ﺩﻩﭖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻏﺎ ﺋﻪﻳﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺧﺎﻡ ﺳﯜﺕ ﺋﻪﻣﮕﻪﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻣﻤﺎ «ﺋﯩﺠﺎﺗﻜﺎﺭﻧﯩﯔ – ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ؟» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ ﮪﻪﻡ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻛﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ؟ ﮊﯗﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﯨﮋﺩﺍﻧﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻏﯘﺭﯗﺭﻯ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ. ﺋﯩﺠﺎﺗﻜﺎﺭﻏﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ – ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﻰ-ﻣﯥцﺋﯧﻨﺎﺗﻼﺭ، ﺑﺎﻳﯟﻩﭼﭽﯩﻠﻪﺭ.
ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ-ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﮔﻪ ﺋﯘﻻﭖ ﮊﯨﻠﻼﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ، ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻗﺴﯩﺰﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻟﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﻤﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﯩﺠﺎﺗﻜﺎﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﯟﻩﭼﭽﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﯨﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﻰ ﻛﻪﺑﻰ ﺳﻮﻏﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺑﯧﭽﺎﺭﻩ ﺋﯩﺠﺎﺗﻜﺎﺭﻻﺭ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ 300ﺩﯨﻦ 500 ﺩﺍﻧﯩﻐﯩﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻳﺎﺵ ﺋﯩﺠﺎﺗﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺪﻩ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﯩﺮﻩﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻱ ﺩﯦﺴﻪ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ، ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﻼﺭ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﭘﯘﻝ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﻮﺷﯘ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ ﺳﻪﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﺩﯗﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ-ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ، ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﺑﺎﻳﯟﻩﭼﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺠﺎﺗﻜﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﺯﯗﺵ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﯩﺴﺎ، ﻧﯘﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻧﯘﺭ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ!؟ ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺷﻪﻗﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﮪﯧﺴﺎﯞﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺴﻪ، ﺋﯚﺯ ﺋﯧﮕﯩﺴﯩﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺴﺎ، ﺋﻪﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯩﻼﮪﯩﻢ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ!

ﺋﺎﯞﯗﺕ ﻣﻪﺳﯩﻤﻮﯞ،
ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ