Yettisuda uyghur yézilirining peyda bolushi

 

يەتتىسۇدا ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى

2017-11-25 amraq

مەركىزىي ئازىيادىكى ئەڭ قېدىمىي تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمى شەرقىي تۈركستاندا، يەنى خىتاي خەلىق ژۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنژاڭ ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونىدا ياشاۋاتسا، يەنە بىر قىسمى قازاقستان ژۇمھۇرىيىتىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتىدۇ. قازاقستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بېسىم كۆپچىلىگى ژۇمھۇرىيەتنىڭ ژەنۇبىي-شەرقىي قىسمىدىكى يەتتىسۇ تەۋەسىگە ( شىمالىدا بالقاش كۆلى، شىمالىي-شەرىقتە سېسىقكۆل بىلەن ئالاكۆل، ژەنۇبىي-شەرىقتە ژۇڭغار ئالىتېغى، ژەنۇپتا، ئۇيغۇرلار «تەڭرى ئاتا» ياكى «تەڭرىتاغلىرى » دەپ ئاتايدىغان تيان-شان تېغىنىڭ شىمالىي قىسمى – كەتمەن تېغىنىڭ تىزمىلىرى ژايلاشقان يەر بولۇپ، ئۇنىڭ نامى مەزكۈر يەردە ئاقىدىغان ئىلى، قاراتال، بۇيېن، ئاقسۇ، لېپسى، باسقان ۋە سارقاند دېگەن چوڭ يەتتە دەرىيانىڭ سانىغا باغلىق پەيدا بولغان ) ئورۇنلاشقان ئالمۇتا شەھىرى بىلەن ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر، پانفىلوۋ، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ۋە باشقا ناھىيەلىرىدە قازاق، رۇس ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئىناق ياشاپ، ئەمگەك ئېتىپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۆتمۈشتە شەرقىي تۈركستاننىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىن يەتتىسۇغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئەژداتلىرىمىزنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر.

چىن ھۆكۈمرانلىغى ئاستىدىكى ئىلى ئۆلكىسى. 1758-1759- ژىللىرى چىن ئىمپېرىياسى (خىتايدا چىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىنى 1644-ژىلى مانژۇر ئىمپېراتورى فۇ لىن ئورناتقان) شەرقىي تۈركستاننى بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭ غەرىبىدىكى ئىلى ئۆلكىسىدە ئورۇنلاشقان چىن ئىمپېرىياسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئەسكەرلىرىنى ئاشلىق، گۆش، ئوتۇن-ياغاچ ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن تەمىن ئېتىدىغان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىلى ئۆلكىسىگە شەرقىي تۈركستاننىڭ باشقا ژايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆچىرىپ ئەكەلمەكچى بولدى. تارىخچى ئالىم ۋ.ۋ. بارتولدنىڭ ئېيتىشى بويىچە، ئۆتمۈشتە ئىلى ئۆلكىسىگە ئورۇنلاشقان ئالمىلىق (VII- VIII ئەسىرلەردە ھازىرقى پانفىلوۋ ناھىيەسى قورغاس يېزىسىنىڭ ئورنىدا پەيدا بولۇپ، XIV ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا موڭغۇل- تاتار باسقۇنچىلىغىدىن ۋەيران بولۇپ كەتكەن شەھەر)، ئىلىبېلىق، قۇياش ئوخشاش شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىغا ژايلاشقان يېزىلارنىڭ تۇرغۇنلىرى دېخانچىلىق ھەم باغۋەنچىلىك بىلەن مەشغۇل بولغان. بىراق ناملىرى بىزگە نامەلۈم بولغان بۇ يېزىلارنىڭ كۆپچىلىگىنىڭ موڭغۇل-تاتار باسقۇنچىلىغىدىن ۋەيران بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي، ئىلى ئۆلكىسىدە ئولتىرىشلىق ھايات ساقلىنىپ قالغان. XVIII ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېرى ئۈنۈملۈك، سۇغا ھەم ئۆسۈملۈككە باي بولغان ئىلى ئۆلكىسىنىڭ چۇلۇقاي دېگەن يېرىگە تۇرپاندىن ئاكا-ئۇكا مۇساخۇنبەگ بىلەن ئاۋرانزىپبەگلەرنىڭ باشچىلىغىدا 20 ئۇيغۇر ئاىلىسى كۆچۈپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن، بىر ژىلدىن كېيىن، شەرقىي تۈركستاننىڭ ئاقسۇ، باي، كۇچا، تۇرپان، قەشقەر، ياركەنت، خوتەن ۋە باشقا شەھەر — يېزىلىرىدىن 6 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر كۆچۈپ كېلىدۇ. ئەندى بۇلارنىڭ كەينىدىن كەلگەن يەنە 2 مىڭ ئۇيغۇر توققۇزتارا دېگەن ژايغا ئورۇنلىشىدۇ. ئىلى ئۆلكىسىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن مانژۇر-خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلارنى بىر نەچچە يۈزلۈككە، ھەر بىر يۈزلۈكنى ئەللىككە، ئەللىكنى بولسا، ئونلۇققا بۆلگەن. ئىلى ئۆلكىسىنى باشقۇرۇش مۇساخۇنبەگ بىلەن ئاۋرانزىپبەگكە ژۈكلەڭەن. مانژۇر-خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىلى ئۆلكىسىنىڭ يېرىنى ئۇيغۇرلارغا تۆۋەندىكىچە بۆلۈپ بەرگەن. ھەر بىر يۈزلۈككە بىر مىڭدىن ئىككى مىڭ خو يەر بېرىلگەن. خو خىتاي ئۆلچىمى بولۇپ، بىر خو يەرگە تۆرت پۇتقا (پۇت –قېدىمىقى روسسىيانىڭ ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، بىر پۇت 16،83 كىلوگراممغا تەڭ) يېقىن ئاشلىق ئۇرۇغى تېرىلىدىغان مەيدان. شەرقىي تۈركستاننىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىن ئادەملەرنىڭ ئىلى ئۆلكىسىگە كۆچۈپ كېلىشىگە باغلىق مەزكۈر يەردە نۇرغۇنلىغان يېڭى يېزىلار پەيدا بولۇپ، ئۇلاردىن غالژات، چوڭ ئاچىنوقا، كىچىق ئاچىنوقا، چوڭ كەتمەن، كىچىك (باغ) كەتمەن، شۇڭقار، داردامتۇ، ئاردولاتا، پىيازلىق، ئاقتام، ئۇدۇتا، تۈگمەن ئوخشاش يېزىلار تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى بۈك قارىغايلىق غوللاردىن ئېقىپ چۈشىدىغان سۇلارنىڭ بويىغا، ئەندى گومبا، دوۋۇن، سېرىق بۇلاق، قوش ياغاچ، قاچا ۋە ئۇزۇنتام دېگەن يېزىلار ئىلى دەرىياسىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان ئېدى. غالژات يېزىسىنىڭ دەسلەپكى تۇرغۇنلىرى، ئۇنىڭ ئاچال (ئون ئاىلە) ۋە داۋان (40 ئاىلە) دېگەن ژايلىرىغا ئورۇنلاشقان. ئەندى چوڭ كەتمەن يېزىسى بولسا، تۇرپاندىن، خوتەندىن ۋە قەشقەردىن كەلگەن قىرىققا يېقىن ئاىلىدىن تەشكىل بولۇپتۇ. كەتمەندىكى قازى، ئاخۇنۇم، ئاقساقال، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى ئوخشاش لاۋازىملار تۇرپانلىقلارنىڭ قولىدا بولغان.

پادىشالىق روسسىيانىڭ قول ئاستىدىكى ئىلى ئۆلكىسى. چىن ھۆكۈمرانلىغىدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركستان ئاھالىسى پەقەت يەرلىك روھانىيلار بىلەن ئاقسۈيەكلەر تەرىپىدىن ئېزىلگەن بولسا، ئەندى ئۇلارغا مانژۇر-خىتاي ئەمەلدارلىرى قوشۇلۇپ، خەلىق ئىككى تەرەپلىمە ئېزىلىشكە دۇچار بولدى. شۇ سەۋەپتىن شەرقىي تۈركستان خەلقى ئەزگۈچىلەرنىڭ زورلۇق-زومبىلىغا قارشى بىر نەچچە قېتىم قوزغىلاڭغا چىققان. 1864-1867-ژىللاردىكى شەرقىي تۈركستان خەلقىنىڭ ئازاتلىق ئۈچۈن ژۈرگۈزگەن كۈرىشىنىڭ نەتىژىسىدە مەزكۈر يەردە ئىككى مۇستەقىل دۆلەت: پايتەختى غۇلژا شەھىرى بولغان ئىلى سۇلتانلىغى بىلەن مەركىزى قەشقەر شەھىرى بولغان يەتتىشەر ئۇيغۇر دۆلىتى بارلىققا كەلدى. بىراق شۇ دەۋىردىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان پادىشالىق روسسىيا ئۆزىنىڭ ژەنۇبىي چېگارىسىدا مۇستەقىل مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ، يەنى ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ موژۇت بولۇشىدىن خوۋۇپلىنىپ، ئۇنىڭ يېرىنى بېسىۋالماقچى بولدى. روسسىيا ئىلى سۇلتانلىغىنى بېسىۋېلىشتا تۆۋەندىكى ئۈچ مەخسەتنى كۆزدە تۇتقان. 1) ئىلى ۋىلايىتىنىڭ يەتتىشەر ئۇيغۇر دۆلىتىگە قوشۇلۇپ كېتىشىگە يول قويماسلىق. 2) ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە باشقا خەلىقلەرنىڭ ئازاتلىق ھەرىكىتىنى بېسىشتا مانژۇر-خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەم كۆرسىتىپ، خىتايدا ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىش. 3) مۇستەقىل ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىغىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ پادىشا ھۆكۈمىتى يېڭىدىن بېسىۋالغان ئوتتۇرا ئازىيا خەلىقلىرىدە مىللىي-ئازاتلىق ھەرىكىتى تۇيغۇلىرىنىڭ ئويغىنىشىغا يول قويماسلىق. ژۇقۇرىدا ئاتالغان مەخسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پادىشالىق روسسىيا 1871-ژىلى 3- ماي كۈنى ئىلى سۇلتانلىغىغا قارشى ئۇرۇش ئاچتى. پادىشانىڭ ئەسكەرلىرىنى كولپاكوۋسكىي دېگەن گېنېرال باشقۇرغان. رۇسلار 6 يېرىم روتا پىيادە ئەسكەر، 400دىن ئوشۇق ئاتلىق كازاك-ئورۇس بولۇپ، بارلىغى 1785 ئەسكىرىنى ئىلى سۇلتانلىغىغا قارشى قويغان. ئەندى رۇس ئەسكەرلىرىگە قارشى ئىلى سۇلتانلىغى 6000 ئەسكىرىنى كەتمەن يېزىسىنىڭ ئەتراپىغا، 4000 ئەسكىرىنى قورغاس تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان. سۇلتانلىقنىڭ مۇستەقىللىگىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئەلاخان سۇلتان ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچ قۇۋىتىنى ۋە قابىلىيىتىنى سەپەرۋەر قىلىدۇ. بىراق زامانىۋىي ھەربىي تېخنىكا ۋە چارىلاش-ئالاقە خىزمىتىنى پايدىلىنىش بويىچە ئۈستۈنلۈككە ئېگە بولغان رۇسلارنىڭ ئىلى ئۆلكىسىدىكى ھەربىي ژۈرۈشىنىڭ نەتىژىسىدە شۇ ژىلنىڭ 22-ئىيۇن كۈنى ئىلى سۇلتانلىغى غۇلىدى. رۇسلار ئىلى ئۆلكىسىنى ئېگىلەپ، سابىق سۇلتان ئەلاخاننى ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن بىللە سۇلتانلىقنىڭ پادىشالىق روسسىيا ئۈچۈن خوۋۇپلۇق بولغان يېتەكچىلىرىنى ھەم ئەسكەر باشلىقلىرىنى ( بارلىغى بولۇپ 120 ئاىلە ) ۋېرنىي (ھازىرقى ئالمۇتا) شەھىرىگە كۆچۈرۈپ ئەكېلىدۇ. پادىشا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەلاخانغا ھەر ژىلى 2500 سوم پېنسىيا پۇلىنى تۆلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارغا 200 دېسياتىنا يەر بۆلۈڭەن. بۇلاردىن باشقا رۇس ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئۆي-ژاي سېلىش ئۈچۈن 1993 سوم ئاخچا سسۇدا بەرگەن. ئەندى كۆپچىلىگىنى سۇلتانلىقنىڭ سابىق ئەمەلدارلىرى تەشكىل قىلغان 30 ئاىلە ئەلاخان سۇلتاننىڭ يېتەكچىلىگى بىلەن ھازىرقى سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ ئورنىغا ژايلاشقان. بۇرۇن سۇلتانقورغاننىڭ يېرى دېخانچىلىققا ۋە ئوچىلىققا ئىنتايىن ئەپلىك ژاي بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيى بىلەن ئوت-چۆپى مول بولغان. ئەلاخان سۇلتاننىڭ ئادەملىرى بۇ يەرگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۆيلەرنى سېلىپ، دېخانچىلىق، ھۈنەرۋەنچىلىك، ئوچىلىق ۋە باشقا كەسىپلەر بىلەن مەشغۇل بولغان. كېيىن رۇس ھۆكۈمىتى ئەلاخانغا تېگىشلىك بولغان يەردىن پادىشا خىزمىتىدە ژۈرگەن كازاك-ئورۇسلارغا يەر بۆلۈپ بەرگەنلىكتىن ئەلاخاننىڭ ئىلكىدىكى يەر قىسقىراشقا باشلايدۇ. شۇ چاغدا، ئەلاخان مەھەللە ژاماەتى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزلىرىگە بۆلۈڭەن يەرنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ، قورغان ياساشقا مەژبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ يەر «سۇلتاننىڭ قورغىنى» دېگەن نام بىلەن «سۇلتانقورغان مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىپ كەتكەن. ئەندى قالغان 90 ئۇيغۇر ئاىلىسىدىن ۋېرنىي شەھىرىدە دۆڭ مەلە، ساي بويى مەلە ( بۇ ئىككىسى شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمىغا ژايلاشقان) ۋە قەشقەر مەلە (شىمالىي- غەربىدە) دېگەن مەھەللىلەر پەيدا بولغان.

يەتتىسۇدا ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى. 1871-ژىلدىن 1881-ژىلغىچە رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ قول ئاستىدا بولغان ئىلى ئۆلكىسىدە رۇس ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ژۈرگۈزۈلگەن چارە-تەدبىرلەرنىڭ نەتىژىسىدە يەرلىك خەلىقنىڭ تۇرمۇشى چىنلار دەۋىرىگە قارىغاندا بىر ئاز يېنىكلەندى. بىراق 1881-ژىلى 12-فېۋرالدا خىتاي بىلەن روسسىيانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن پېتېربۇرگ شەرتنامىسى بويىچە، روسسىيا ئىلى ئۆلكىسىنى چىن ھاكىمىيىتىگە قايتۇرۇپ بەردى. مەزكۈر شەرتنامىنىڭ يەتتىنچى ماددىسى بويىچە، ئىلى ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمى (ھازىرقى ئۇيغۇر ۋە پانفىلوۋ ناھىيىلىرىنىڭ شەرقىي قىسمى ) روسسىيانىڭ تەركىۋىگە ئۆتۈپ، روسسىيا بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگارا سىزىغى غالژات ۋە قورغاس يۆلىنىشىگە ئاۋۇشتى. شەرتنامىدا « ئىلى ئۆلكىسىنىڭ ئاھالىسىغا ئۆزى ياشاۋاتقان ژايدا قېلىش ياكى روسسىيا تەۋەسىگە كۆچۈپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ پۇخرالىغىنى قوبۇل قىلىش ئەركىنلىگى بېرىلگەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇلارنىڭ كۆچۈشىگە ۋە مۈلكىنى ئېلىپ كېتىشىگە ھېچ توسالغۇلۇق قىلمايدۇ» دېيىلگەن ئېدى. شۇ چاغدا، روسسىيادىن خېلە ياخشى ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن ئىلى ئۆلكىسىدىكى ئاھالىنىڭ بىر قىسمى روسسىيا پۇخراسى بولۇش خاھىشىنى بىلدۈرىدۇ. مەزكۈر شەرتنامىنىڭ ئاساسىدا ئىلى ئۆلكىسىدىن ئۇيغۇرلارنى روسسىيانىڭ تەركىۋىدىكى يەتتىسۇغا كۆچىرىش 1881-ژىلدىن 1883-ژىلغىچە داۋام قىلىنغان. بۇ كۆچۈشنىڭ نەتىژىسىدە ئىلى ئۆلكىسىدىن كۆچكەن 9572 ئۇيغۇر ئاىلىسى ياكى 45673 ئادەم يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىققان. ئۇلار غۇلژا شەھىرىنىڭ سودىگەرلىرى، ھۈنەرۋەنلىرى ۋە غۇلژىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ دېخانلىرى بولغان. ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەتتىسۇغا چىقىشىدا، خەلىقنىڭ ئارىسىدا ھۆرمەتكە ئېگە بولغان ئاتاقلىق تىژارەتچى ۋە ژەمىيەت ئەربابى ۋېلىۋاي يولداشېۋ ئالاھىدە رول ئوينىغان. ئۇ 1857-ژىلى كەمبەغەل دېخان ئاىلىسىدە دۇنىياغا كەلگەن. ئاتىسىدىن ئەتىگەن ئايرىلىپ، زېرەك ۋە ئەمگەكچان بولۇپ، ئۆسكەن ۋېلىۋاي ئوتۇن توشۇش بىلەن مەشغۇل بولغان. 1871-ژىلى رۇس ئەسكەرلىرى غۇلژىنى بېسىۋالغاندا، ۋېلىۋاي غۇلژىغا سودا-سېتىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەن رۇس، تاتار سودىگەرلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بىر نەچچە ژىلدىن كېيىن، ئۇ كۆزگە كۆرۈڭەن باي ئادەملەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇ يەتتىسۇغا چىققاندىن كېيىن، رۇس پادىشاسىنىڭ 6- ئورېنبۇرگ كازاك پولكىنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەشنى ئۆزىنىڭ ھۆددىسىگە ئالغان. 1891-ژىلى ۋېلىۋاي «روسسىيانىڭ پەخرىي گراژدانى» ۋە «1 گىلدىيالىك سودىگەر» دېگەن ناملارنى ئالغان. سانكت-پېتېربۇرگقا بېرىپ، پادىشا نىكولاي II بىلەن كۆرۈشكەن. ۋېلىۋاي 1914-ژىلى ئاغرىقتىن ۋاپات بولۇپ، ژەسىدى ياركەنتنىڭ ژەنۇبىدىكى قەبىرستانلىققا قويۇلغان.

1881-83-ژىللىرى رۇس ھۆكۈمىتى ۋېلىۋاي يولداشېۋنىڭ ياردىمىنىڭ ئارقىسىدا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى ئىلى ئۆلكىسىدىن يەتتىسۇغا كۆچىرىپ چىقتى. ئىلى ئۇيغۇرلىرى قولىدىكى بار مېلىنى ھايداپ، ژۈكلىرىنى ئېشەكلەرگە ئارتىپ ياكى ھارۋۇلارغا بېسىپ، ئېغىر ماشاقەتلەر بىلەن يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، بۇ يەردىمۇ ئاتا كەسىپى بولغان دېخانچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزكۈر ژاينىڭ ئۆسەك، چارىن، چېلەك ۋە تالغىر ئوخشاش دەرىيالىرى بىلەن ئۆستەڭلىرىنىڭ بويلىرىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. ژۇقۇرىدا ئاتالغان دەرىيالارنىڭ ئەتراپىلىرىدا پەيدا بولغان ئۇيغۇر يېزىلىرى ئۇرۇق-تۇققان ئاىلىلەردىن تەشكىل بولۇپ، بىر نەچچە مەھەللىدىن قۇرۇلغان. يېزىلارنى تۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلى ئۆلكىسىدىكى بۇرۇن ياشىغان ژايلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن ئاتىغان. غۇلژىنىڭ ئۇيغۇرلىرى (كۆپچىلىگى سودىگەرلەر بىلەن ھۈنەرۋەنلەر بولغان) بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ دېخانلىرىنىڭ ئۆسەك دەرىياسىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلىشىغا باغلىق، ئۇ يەردە ئاقكەنت، باسقۇنچاق، يېڭى چاشقان، كونا چاشقان، كېپەك، مازار، نادەك، ناغىرچى، روزىمەمەت، سادىق موللا-توختى، سۇپىتاي، تۆۋەنكى پەنژىم، ژۇقارقى پەنژىم، چۇلۇقاي، خونىخاي، ياركەنت، قاش ۋە باشقا چوڭ-كىچىك بولۇپ، 46 يېقىن يېزا پەيدا بولغان. ئەندى ژۇقۇرىدا ئاتالغان يېزىلارنىڭ بەزى بىرلىرىنىڭ ئورۇنلىرىدا بۇرۇن كىچىك-كىچىك مەھەللىلەر بولغان بولۇشى مۈمكىن. سەۋەۋى، ئۆسەكنىڭ ئەتراپى ۋېلىۋاي يولداشېۋقا ياخشى تونۇش بولۇپ، ئۇنىڭ بۇرۇن، يەنى 1881-ژىلغىچە، ئۇ يەردە تېرىلغۇلۇقلىرى بولغان. ئەندى بۇ تېرىلغۇلۇقلاردا ئىشلىگەن ئۇيغۇر دېخانلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن ئۆسەكنىڭ ئەتراپىدا مەھەللىلەر پەيدا بولۇشى مۈمكىن ياكى ئۇ مەھەللىلەر ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن، يەنى XVIII ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھازىرقى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تۈگمەن، ئاقتام ۋە غالژات ئوخشاش كونا يېزىلار بىلەن بىللە پەيدا بولغان. 1881-ژىلى ۋېلىۋاي يولداشېۋ غۇلژىدىن كۆچۈپ چىققاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ تېرىلغۇلۇقلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەرنىڭ بىرىدە، يەنى ھازىرقى ياركەنت شەھىرىنىڭ ئورنىغا ژايلاشقان مەھەللىدە ياشاشنى توغرا كۆرگەن بولسا كېرەك. بۇرۇنقى تالدىقورغان ۋىلايەتلىك مەسلىھەت-دېپۇتاتلار ژىغىنىنىڭ دېپۇتاتى بولغان مالىك بالغاباېۋنىڭ ئېيتىشى بويىچە، 1856-ژىلى ئاۋگۇست ئېيىدا قازاق خەلقىنىڭ ئۇلۇق ئالىمى چوقان ۋالىخانوۋ غۇلژىغا قىلغان سەپىرىدە يېشىل كىمخاپقا بۆلەڭەن ياركەنتكە ھەۋەس بىلەن قارىغان. ياركەنت شەھىرى تۆۋەندىكى ئون مەھەللىدىن تەشكىل بولغان. ئۇلار: بازار، ھاژى، دۆڭ، رۇس، يار، قەلەندەر، تۇڭان، كۆنچى، تۆمۈرچى ۋە تۇرپان مەھەللىلىرى. ياركەنتتە 1882-ژىلنىڭ ئاخىرىغىچە 538 ئۆي سېلىنغان بولسا، بىر ژىلدىن كېيىن، يەنى 1883- ژىلنىڭ ئاخىرىدا ئۆيلەرنىڭ سانى 630 بولغان. ياركەنتنى باغ-بوستانلىق ژايغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋېرنىي، بورغوژا، پىشپەك (بىشكېك) ئوخشاش يەرلەردىن 65000 تۈپ ئاق تېرەك ۋە سۆگەت، 10000 تۈپ مېۋىلىك دەرەقلەرنىڭ كۆچەتلىرىنى ئەكېلىپ تىككەن. 1882-ژىلى تۈركستان گېنېرال-گۇبېرناتورى ئا.يا. فرىدې ياركەنتكە شەھەر ستاتۇسىنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ياركەنت ئۇېزىنىڭ مەمۈرىي، سودا-سېتىق ۋە مەدەنىي مەركىزىگە ئايلانغان. ياركەنتتە مەكتەپلەر، پوچتا، بانك ۋە تېلېگراف پەيدا بولغان. 1900-ژىلى ياركەنت شەھىرىدە يېزا ئېگىلىگى مەكتىۋى ئېچىلغان. «شەھەر كوچىلىرى تۈز ۋە كەڭ- دەپ يازغان، 1906-ژىلى ياركەنتنى زىيارەت قىلغان رۇس سەياھەتچىسى ۋ.ۋ.ساپژوژنىكوۋ،-ئۇلارنىڭ بويىدا دەرەقلەر قويۇق تىكىلگەن. ئېگىز ئۆسكەن تېرەكلەر بىلەن قارىياغاچلارنىڭ كۆلەڭگۈسىدە ئۆپ-چۆرىسى قورشالغان كەڭ باغلار بىلەن ئۆيلەر ژايلاشقان. شەھەردە پەقەت بازار ئوچۇق مەيدانغا ئورۇنلاشقان». 1897-ژىلقى ساناق بويىچە، ياركەنتتە ئاھالىنىڭ سانى 16 مىڭ بولسا، 1910- ژىلى ئۇنىڭ سانى 25 مىڭغا يەتكەن. XX ئەسىرنىڭ بېشىدا ياركەنت خەلقىنىڭ 70 پروسېنتىنى ھۈنەرۋەنلەر بىلەن سودىگەرلەر تەشكىل قىلغان. ياركەنت شەھىرى ئۇلۇق ۋەتەن ئۇرۇشى ژىللىرىدىن باشلاپ، 1941-ژىلى 18- نويابردا موسكۋا ئۈچۈن بولغان ژەڭلەردە قەھرىمانلارچە قازا تاپقان گېنېرال ئى.ۋ. پانفىلوۋنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. قازاقستان ئۆز مۇستەقىللىگىنى ئالغاندىن كېيىن، شەھەرنىڭ بۇرۇنقى نامى ئەكسىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇ قايتىدىن ياركەنت دەپ ئاتالدى. ئەندى شەھەرنىڭ «ياركەنت» دېگەن نامىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە ھەر تۈرلۈك پىكىرلەر بولۇپ، بىرلىرى ئۇنىڭ نامى XVIII ئەسىرلەردە يەتتىسۇغا كۆچۈپ كەلگەن يەركەنلىكلەرگە باغلىق دېسە، يەنە بىرلىرى ياركەنت شەھىرى ئۆسەك بويىدىكى يار ئەتراپىدا ژايلاشقانلىقتىن، ئۇنى «يار»، «كەنت» (ياركەنت) دەپ ئاتىغان.

ياركەنتنىڭ ئاق ئۈزۈمى -Уйгурский белый 

1882-ژىلى ئەتىيازلىغى ئىلى ئۆلكىسىنىڭ چوڭ بۇغرا، كىچىك بۇغرا، سەككىز-ئون، دولاتا، ھوسمانيۈزى خونىخاي، نىلقى، مازار، چونژا ئوخشاش يېزىلىرىدىن 5340 ئادەمنىڭ كۆچۈپ كېلىشىنىڭ نەتىژىسىدە تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىگىدىكى ئۆستەڭلەرنىڭ بويىدا بايان-قازاق (ھازىرقى ئاۋات يېزىسى)، دولاتا، سەككىز-ئون، چوڭ ئاقسۇ ۋە كىچىك ئاقسۇ يېزىلىرى پەيدا بولسا، چارىن دەرىياسىنىڭ ئەتراپىغا چارىن، چونژا، نىلقا ۋە مازار دېگەن يېزىلار ئورۇنلاشقان. چونژا يېزىسىنىڭ ئورنىدا كۆپلىگەن بۇلاق سۇلىرى بولۇپ، ئىلگىرى بۇ ژايدا ئۇيغۇرلار بۇغداي، ئارپا، قوغۇن-تاۋۇز، سەۋزە ۋە باشقا كۆكتاتلارنى ئۆستۈرگەن. كېيىن ئادەملەر قەشقەرنىڭ، تۇرپاننىڭ، خوتەننىڭ دانلىق مېۋىلىرىنى كۆكلىتىپ، ئۇ يەرنى باغۇ-بوستانلىققا ئايلاندۇرغان. ئەندى ئىلى ئۆلكىسىنىڭ باربولسۇن، بايتوقاي، ژاغىستاي، كاڭچى، تەرمەت، چارباغچى، قايناق، قاش دېگەن ژايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن چېلەك دەرىياسىنىڭ بويىدا بايسېيىت، مالىۋاي، ماساق، سېرىقبۇلاق، قاينۇق، چارباغچى ۋە باشقا يېزىلار ژايلاشقان. مالىۋاينىڭ غەربىدە شەمشىدىن مەھەللىسى (ھازىرقى بىژانوۋ يېزىسى) پەيدا بولغان. ژاغىستايلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى 1871-ژىلى بەرپا قىلىنغان رۇس يېزىسى زايسېۋونىڭ (ھازىرقى چېلەك يېزىسى) بازار مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتى. ئىلى ئۆلكىسىنىڭ ئارزۇ، ئارۆستەڭ، بايتوقاي، بەشون، گەمە، ئىسلاميۈزى، توختىيۈزى، توققۇزتارا، خۇداقۇليۈزى، ۋە خۇدىياريۈزى دېگەن ژايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن قاراسۇ ئۆستىڭىنىڭ ئىككى قىرغىغىغا ژايلاشقان قورام يېزىسى پەيدا بولغان. ئەندى چېلەك دەرىياسىنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرگە تۆۋەندىكى يېزىلار ئوۇنلاشقان. ئۇلار: ئاسى (بايتوقاي، قۇلۇستاي ۋە قارا دۆڭ ئۇيغۇرلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان)، ژىگىرمەۆي (باربولسۇن بىلەن قاشلىقلاردىن)، لاۋار (ئابلاشيۈزى، ئاقتام، باربولسۇن، دولانيۈزى، توغراق ۋە ھېزىزبەگتاملىق ئۇيغۇرلاردىن)، ئونۆي (قۇلۇستاي بىلەن قارادۆڭنىڭ) ۋە ھاژىگۈل (نىلقىلىقلاردىن). كېرىم، كىچىك بۇغرا، توققۇزتارا ۋە چاپچال ئۇيغۇرلىرىدىن تۆۋەنكى قارىتورۇق ھەم ژۇقارقى قارىتورۇق يېزىلىرى تەشكىل قىلىنغان. تۆۋەنكى قارىتورۇق يېزىسى ھازىرقى ئالمۇتا- ياركەنت يولىنىڭ بويىغا ژايلاشقان بولسا، ژۇقارقى قارىتورۇق تاغ باغرىدىكى ئۆستەڭنىڭ بويىغا ئورۇنلاشقان. كېيىن ژۇقارقى قارىتورۇقنىڭ تۇرغۇنلىرى پەيدىن-پەي تۆۋەنكى قارىتورۇققا كۆچۈشكە باشلىغان. ئادەملەرنىڭ كۆچۈشىگە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار سەۋەپ بولغان بولۇشى مۈمكىن. بىرىنچىدىن، ژۇقارقى قارىتورۇقنىڭ تېرىلغۇ مەيدانلىرى يېزىدىن خېلە ژىراق يەردە، ئېنىغىراغى يېزىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە ئورۇنلىشى تۇرغۇنلار ئۈچۈن قولايسىز بولغان. ئىككىنچىدىن، تۆۋەنكى قارىتورۇقنىڭ چوڭ يولنىڭ بويىغا ژايلىشىشى يېزا خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان. باربولسۇن، ئارۆستەڭ ۋە توققۇزتارا ئۇيغۇرلىرىدىن پەيدا بولغان كېيىكۋاي يېزىسى ئالمۇتا-ياركەنت يولىدىن 10 كم ژىراقلىقتا، تاغ باغرىغا ژايلاشقان. 1883- ژىلى يازلىغى ھازىرقى ئالمۇتا-چېلەك يولىنىڭ ئەتراپىدا باغبەگ، يېڭىشەر، تاشتىقارا، تەشكەنبايساز، پالتىباي، ژارىلقاپ، ماناپ ئوخشاش يېزىلار پەيدا بولغان. ئىلى ئۆلكىسىنى ئۇيغۇرلىرى يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىققاندا، ئۇلار بىلەن بىللە كۆچۈپ چىققان ئاتاقلىق شاىرىمىز بىلال نازىم ياركەنتكە، يەنە بىر ئاتاقلىق شاىرىمىز سېيىت مۇھەممەت قاشىي چېلەك تەۋەسىگە ئورۇنلاشقان. ئەندى 1886-ژىلى پۇگاسوۋ دېگەن سودىگەر ۋېرنىي شەھىرىدىن ئوتتۇز كىلومېتر ژىراقلىقتىكى، ئالىتاغ باغرىغا سپىرت زاۋودىنى سېلىپ، ئۇنىڭغا ئىشچى كۈچى رېتىدە قورام، لاۋار، تاشتىقارا، يېڭىشەر ۋە باشقا يېزىلاردىن كەلگەن ئادەملەرنى ياللايدۇ. شۇ ژىلى ژۇقۇرىدا ئاتالغان يېزىلاردىن ئوتتۇزغا يېقىن ئۇيغۇر ئاىلىسى كۆچۈپ كېلىپ، سپىرت زاۋودىغا يېقىن بولغان بەش ياغاچ دەرىياسىنىڭ بويىغا ئورۇنلىشىپ، بەش ياغاچ مەھەللىسىنى قۇرغان. مەزكۈر مەھەللىدە ئادەملەر 1920-ژىلغىچە، يەنى ئۇنى سۇ كەلكۈنى ۋەيران قىلغىچە ياشاپ، كېيىن ئۇلار (60 ئاىلە) سپىرت زاۋودىدىن 2-3 كىلومېتر ژىراق يەرگە بېرىپ ژايلىشىپ، ئۆيلەرنى سېلىپ، كۆچەتلەرنى تىككەن. كېيىن بۇ مەھەللىدە بولغان ئابدۇللا روزىباقىېۋ بىلەن ئىسمايىل تايىروۋلارنىڭ مەھەللە نامى «ئازات» بولسۇن دېگەن ئىلتىماسىنى مەھەللىنىڭ تۇرغۇنلىرى قوللاپ-قۈۋەتلىگەندىن كېيىن، بۇ مەھەللىنى ئادەملەر ئازات دەپ ئاتاپ كەتكەن.

يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن تۆۋەندىكى بولۇسلۇقلار تەشكىل بولغان. ئۇلار: ياركەنت-تارانچى، ئاققەنت، ئاقسۇ-چارىن، مالىۋاي، قورام ۋە قاراسۇ بولۇسلۇقلىرى. 1881-ژىلقى پېتېربۇرگ شەرتنامىسىنىڭ VII ماددىسى بويىچە، ئىلى ئۆلكىسىنىڭ روسسىيا تەركىۋىگە ئۆتكەن غەربىي قىسمىدا (ھازىرقى غالژات يېزىسى بىلەن تۈگمەن يېزىسىنىڭ ئارىلىغىدىكى يەر) كەتمەن بولۇسلۇغى قۇرۇلغان. ياركەنت، ئاققەنت، ئاقسۇ-چارىن ۋە كەتمەن بولۇسلۇقلىرى ياركەنت ئۇېزىنى تەشكىل قىلسا، مالىۋاي، قورام ۋە قاراسۇ بولۇسلۇقلىرى ۋېرنىي ئۇېزىنىڭ تەركىۋىگە كىرگەن. مەزكۈر بولۇسلۇقلارغا بولۇس قىلىپ، بۇرۇن ئىلى ئۆلكىسىدە بولۇس بولۇپ ئىشلىگەن ئادەملەرنى تايىنلىغان. مەسىلەن، غۇلژا شەھىرىنىڭ بۇرۇنقى بولۇسى قاسىمبەگ ياركەنت بولۇسلۇغىنى، ئاقسۇ-چارىن بولۇسلۇغىنى دەسلەپ خونىخاي بولۇسى خۇدابەردى، كېيىن ئازات بولۇس، تاشۆستەڭ بولۇسى ئابۇبەكرى- قورام بولۇسلۇغىنى، غۇلژا بولۇسى ژامالدىن-قاراسۇ بولۇسلۇغىنى باشقۇرسا، مالىۋاي بولۇسلۇغىغا بولۇس بولۇپ، دەسلەپ ناسىر كېيىن، شەمشىدىن دېگەن ئىسىملىق ئادەملەرنى تايىنلىغان. ئىلى ئۆلكىسىدە ئاقساقال، قازى، ئەللىكبېشى ۋە ئون بېشى بولۇپ ئىشلىگەن ئادەملەر يەتتىسۇغا چىققاندىن كېيىنمۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار مەزكۈر يەرگە ئۆيلەرنى سېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئىلى ئۆلكىسىدىكى بۇرۇنقى ئۆيلىرىنىڭ ياغاچ-تاشلىرىنى پايدىلانغان. ئىلى ئۆلكىسىدىن يەتتىسۇغا كۆچۈشنىڭ ئالدىدا، ئادەملەر ئۆيلىرىنى بۇزۇپ، ياغاچ-تاشلىرىنى ساللارغا بېسىپ، ئىلى دەرىياسى ئارقىلىق يەتتىسۇغا ئېلىپ كەلگەن. (قازاقستان ژۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي دۆلەت ئارخىۋى، فوند. 44، ئوپ.1 د.37392، ل 35). بىراق كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىگى يەتتىسۇدا دەسلەپ چاپسان ۋە ئوڭاي ياسىلىدىغان گەمە ئۆيلەردە ياشىغان. ئەندى مالىۋاي ۋە قورام بولۇسلۇقلىرىنىڭ يەرلىرىگە ژايلاشقان بايتوقايلىق ئۇيغۇرلار (ئاسى، بايسېيىت، ماساق ۋە قورام يېزىلىرىنىڭ دەسلەپكى تۇرغۇنلىرى)، مەزكۈر يەردە ۋاقىتلىق ساتما ئۆيلەردە (قومۇچتىن سېلىنغان ئۆي، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىنى كېيىنىرەك قاراشتۇرىمىز) ياشىغان. XX ئەسىرنىڭ بېشىدا يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ئىژتىماىي، ئىختىسادىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلغان توپنىڭ يېتەكچىسى پ.پ. رۇميانسېۋنىڭ ئېيتىشى بويىچە، ئىلى ئۆلكىسىدە ساتما ئۆي بايتوقايلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆيى بولۇپ، ئۇنى يەتتىسۇ يېرىدىمۇ بىر ئاز ۋاقىتقا ساقلىغان. كېيىنىرەك يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى تۇراقلىق ياشايدىغان سوقما تامدىن تۇرغۇزۇلغان ئۆيلەرنى سېلىشقا باشلىغان. «ئىلى ئۆلكىسىدىن كۆچۈپ چىقىپ، يەتتىسۇغا ئورۇنلاشقان كۆچمەنلەرنىڭ ( ئۇيغۇرلارنىڭ- ئا.ز.) ئۆيلىرىنىڭ كۆپچىلىگىنىڭ تاملىرى غۇلژىلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش سېغىز توپىدىن تۇرغۇزۇلغان. خام كېسەكتىن ياسالغان ئۆيلەر ئىنتايىن ئاز. ئۆيلەرنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى ھويلىغا قارىغان، ئەتراپى ئېگىز سوقما تام (قورۇق تام-ئا.ز.) بىلەن قورشالغان»- دەپ، ئېيتىلغان پادىشا ھاكىمىيىتىنىڭ يەتتىسۇ ۋىلايەتلىك باشقارمىسىنىڭ مەلۇماتلىرىدا (قازاقستان ژۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي دۆلەت ئارخىۋى، فوند. 44، ئوپ.1، د. 37392، ل. 69-70، 35 ئوبر.).

يېزىلارنىڭ ناملىرى. يەتتىسۇدىكى بىر مۇنچە ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ نامىلىرى ئادەملەرنىڭ ئىسىمىغا (روزىمەمەت، سادىق موللا توختى، ھاژىگۈل)، كەسپىگە (دېخان، ناغىرچى)، ئۆسۈملۈكلەرگە (كۆكتال، ماساق، پىيازلىق، قوشياغاچ)، ھايۋانلارغا (كېيىكۋاي، يېڭى چاشقان ۋە كونا چاشقان)، سانلارغا (ئالتەۆي، سەككىز-ئون، ئونۆي، ژىگىرمەۆي)، قۇرۇلۇش ساھاسىغا (ئاقتام، ئۇزۇنتام، قارىتام) ۋە يېزىنىڭ ئورۇنلاشقان تەبىەت شاراىتىغا (ئاقسۇ، ئاچىنوقا، سېرىق بۇلاق ۋە غالژات) باغلىق بولغان. پېشقەدەم ئۇستاز، تارىخچى ئاسىم قاسىمنىڭ ئېيتىشى بويىچە، غالژات، كىچىك ئاچىنوقا، چوڭ ئاچىنوقا ۋە تۈگمەن يېزىلىرىنىڭ ناملىرى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا باغلىق پەيدا بولغان. ئۆتمۈشتە ھازىرقى غالژات يېزىسىنىڭ ئورنىغا كۆچۈپ كەلگەن ئادەملەر ژۇت غولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ژايلاشقاچقا، بۇ ژاينى ئادەملەر غول ژۇت دەپ ئاتىغان. كېيىن غول ژۇت دېگەن سۆز غالژاتقا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. «ئاچىنوقا» دېگەن سۆز بولسا، يېزىنىڭ كۆكساي ۋە شاۋاقساي دېگەن ئۆستەڭلەرنىڭ ئاچىسىغا ژايلاشقانلىقتىن «ئاچا» دەپ ئاتالسا، ئەندى ئۇلارنىڭ سۈيى تاش نوغا قۇيۇلۇپ ئاققغانلىقتىن ئاچىنوقا، يەنى ئىككى ئاچا ساينىڭ سۈيى تاش نوغا قۇيۇلۇپ ئاقىدۇ دېگەن چۈشەنچىدىن پەيدا بولۇپتۇ. كېيىن كىچىك ئاچىنوقا بىلەن چوڭ ئاچىنوقا يېزىلىرىغا كىچىك دېخان ۋە چوڭ دېخان دېگەن ناملارنى شۇ يېزىلاردا بولغان ئابدۇللا روزىباقىېۋنىڭ مەسلىھىتى بويىچە بېرىلگەن ئېكەن. ئۆتمۈشتە ئۇيغۇرلار ئاشلىق ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە ئۇن تارتىش ئۈچۈن ئۆستەڭ بويلىرىغا سۇ تۈگمەنلىرىنى سالغان. ئادەملەر تۈگمەڭە يېقىنىراق يەردە ياشاشنى توغرا كۆرۈپ، ئۆيلىرىنى تۈگمەنلەرنىڭ ئەتراپىغا سېلىشنى خالىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، تۈگمەنلەرنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولغان يېزىنى تۈگمەن دەپ ئاتاپ كېتىپتۇ. «چونژا » ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ «چوڭ ژاي» دېگەن سۆزلىرىدىن پەيدا بولۇپتۇ. «كەتمەن» دېگەن نامنىڭ قانداق سەۋەپلەرگە باغلىق پەيدا بولغانلىغى ھەققىدە كەتمەنلىكلەرنىڭ ئارىسىدا تۆۋەندىكى رىۋايەت بولغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ (شەرقىي تۈركستان يېرىدە) مانژۇر-خىتايلارغا قارشى كۆتەرگەن قوزغىلىڭىدىن (1765-ژىلقى ئۈچ تۇرپان قوزغىلىڭى بولۇشى مۈمكىن-ئا.ز.) كېيىن، مانژۇر-خىتاي ھاكىمىيىتى بىر توپ «ئىسىيانچىنى»-ئۇيغۇرلارنى ئىلى ئۆلكىسىگە سۈرگۈڭە ھايداپتۇ. «ئىسىيانچىلارنىڭ » ئىلى ئۆلكىسىگە كەلگىنىگە ئالتە ئاي ئۆتمەيلا، ئۇلار بۇ يەردە ياشاشنى خالىماي، ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ. سەۋەۋى، بۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا تاماق پىشىرىپ ھەم كىر-قاتلىرىنى ژۇيۇپ بېرىدىغان بىرمۇ ئايال كىشى بولمىغان. ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن بانە تاپماق بولۇپ، بۇغداينى قورۇپ، ئاندىن ئۇنى يەرگە تېرىپتۇ. تەرگەن بۇغدىيى ئۈنۈپ چىقمىغاندىن كېيىن، ئادەملەر كەتمەنلىرىنى ئۆستەڭنىڭ بويىغا كۆمۈپ قويۇپ، ئۆيلىرىگە قايتىپ بېرىپ، «يېڭى يەردە» (ئىلى ئۆلكىسىدە-ئا.ز.) ئاشلىق بولمايدېكەن دەپتۇ. «ئىسىيانچىلارنىڭ» قايتىپ كېلىشىدىن قورققان مانژۇر-خىتايلار، ئۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر بىر «ئىسىيانچىغا» ئۆزى خالىغان ئۇيغۇر قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا رۇخسەت بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلارغا بىردىن ئات بېرىپ، قايتىدىن ئىلى ئۆلكىسىگە ماڭغۇزۇپتۇ. ئىلى ئۆلكىسىگە ئاياللىرى بىلەن كەلگەن «ئىسىيانچىلار»، ھېلىقى كۆمۈپ قويغان كەتمەنلىرىنى ئېلىپ، دېخانچىلىق قىلىپ، ئۆيلەرنى سېلىشقا باشلاپتۇ. ئۇلارنىڭ سالغان ئۆيلىرىنىڭ ئورنىدا ئىككى يېزا: چوڭ كەتمەن ۋە كىچىك كەتمەن پەيدا بولۇپتۇ. چوڭ كەتمەننىڭ شىمالىي تەرىپىگە ئورۇنلاشقان كىچىك كەتمەننى، كېيىن موشۇ تەۋەنىڭ ئادەملىرى «باغ كەتمەن» دەپ ئاتاپ كەتكەن. سەۋەۋى، ئادەملەر مېۋىلىك دەرەقلەرنى ئۆستۈرۈپ، يېزىسىنى باغ-بوستانلىق ژايغا ئايلاندۇرغان. تاغ باغرىغا ژايلاشقان كېيىكۋاي يېزىسىنىڭ نامى «كېيىككە باي» دېگەن سۆزلەردىن پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن. يېزىلارنىڭ ئېگىز-پەس يەرلەرگە ئورۇنلاشقىنىغا قاراپ، ئۇلارنى تۆۋەندىكىچە ئاتىغان. مەسىلەن، ژۇقارقى قارىتورۇق ۋە تۆۋەنكى قارىتورۇق. ئەندى بىر-بىرىدىن ئانچە ژىراق ئەمەس، يەنى يانداش ۋە قانداش (ئۇرۇق-تۇققان) يېزىلارنىڭ يوغان ھەم كىچىكلىگىگە قاراپ، «چوڭ» ۋە «كىچىك» دېگەن سۆزلەرنى باش نام قىلىپ، ئۇلارغا يېزىلارنىڭ ناملىرىنى يانداپ ئاتايدىغان بولدى. مەسىلەن، چوڭ ئاقسۇ، كىچىك ئاقسۇ، چوڭ ئاچىنوقا، كىچىك ئاچىنوقا ۋ.ب.

يېزىلارنىڭ تۈرلىرى. يەر-سۇ ۋە تارىخىي شاراىتلارغا باغلىق يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرى ئورۇنلىشىشى بويىچە، بىر-بىرىدىن پەرىقلەڭەن. مەسىلەن، تەڭرىتېغىنىڭ ئېتىگىگە ئورۇنلاشقان قېدىمىي ئۇيغۇر يېزىلىرى قورۇق تاملارسىز زىچ سېلىنغان ئۆي-ژايلاردىن تەشكىل بولۇپ، كوچىلىرى تار، ئەگىر ۋە ئۇزۇنلۇغى بويىچە ھەر خىل بولغان. شۇنداق يېزىلارغا چوڭ كەتمەن يېزىسى ياتىدۇ. مەزكۈر يېزىنىڭ مويسۈپەت ئادەملىرىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بۇرۇن يېزىدىكى چوڭ مېچىتنىڭ (ھازىر يېزىلىق ئاغرىقخانا ژايلاشقان يەر) شىمالىي تەرىپىگە ژايلاشقان ئۆيلەرنىڭ ئۆگۈزلىرى ئارقىلىق يېزىنىڭ بىر تەرىپىدىن، ئىككىنچى تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىشكە بولغان. بىزنىڭ پىكرىمىز بويىچە، مەزكۈر يېزىلاردىكى ئۆيلەرنىڭ سېلىنىشى تۆۋەنكى شاراىتلارغا باغلىق بولۇشى مۈمكىن. بىرىنچىدىن، تاغ ئېتىگىگە يېقىن يەرلەردە ئۆي-ژاي سېلىش ئۈچۈن قولايلىق ژاينىڭ يېتىشمەسلىگى، ئىككىنچىدىن، يېزىلارنىڭ ئورۇنلاشقان ژايلارى ئۆتمۈشتە تۈرلۈك ئۇرۇشلارنىڭ تۇراقلىق مەيدانلىرىغا ئايلىنىپ تۇرغانلىقتىن، تۇرغۇنلىرى خاتىرژەمسىزلىك ئەھۋاللاردا بىر-بىرى بىلەن بىللە بولۇشى ئۈچۈن قورۇق تاملارسىز ئۆيلىرىنى بىر-بىرىگە يېقىن سېلىشنى خالىغان بولسا كېرەك. ئۇيغۇر تارىخىنىڭ پەقەت خIخ ئەسىرى بىلەن خخ ئەسىرىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دەۋرىنى قاراشتۇرىدىغان بولساق، مەزكۈر دەۋىردە ئۇيغۇرلار تالاي ئازاتلىق ئۈچۈن بولغان ئۇرۇشلارنى باشلىرىدىن ئۆتكۈزگەن. مەسىلەن، 1816، 1825، 1830، 1847، 1856، 1857-ژىللىرى شەرقىي تۈركستاندا ئۇيغۇرلار مۈستەقىللىك ئۈچۈن مانژۇر-خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى قۇراللىق قوزغىلاڭلارغا چىققان. ئەندى 1864-1867-ژىللاردىكى قوزغىلاڭغا داردامتۇ، كەتمەن، غالژات ئوخشاش يېزىلاردىن توپلانغان ئەسكەرلەر قاتناشقان. مەزكۈر قوزغىلاڭنىڭ يېڭىشى نەتىژىسىدە پەيدا بولغان ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىغىنى غۇلىتىش مەخسىتىدە 1871-ژىلى ئىلى ئۆلكىسىگە بېسىپ كىرگەن رۇس پادىشاسىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئىلى سۇلتانىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغان ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى قورغاس بىلەن كەتمەن يېزىسىنىڭ ئارىلىغىدىكى يەرلەردە ژۈرگۈزۈلگەن. 1919-ژىلى ئىنقىلاپچى س.م.ژۇراۋلېۋ باشقۇرغان قىزىل ئەسكەرلەرنىڭ يەتتىسۇدا كېڭەش ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىش ئۈچۈن ئاق گۋاردىياچىلەرگە قارشى ژۈرگۈزگەن ئۇرۇشلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئانچە ژىراق ئەمەس يەرلەردە بولغان.

يېزىلارنىڭ ئىككىنچى تۈرى، يەنى ئىلى دەرىياسىنىڭ ئەتراپىدىكى تۈزلەڭ يەرلەرگە ئورۇنلاشقان يېزىلاردا ئۆي- ژاي ئۈچۈن يەرنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا باغلىق، تۇرغۇنلىرى ئۆزلىرى خالىغان ژايلارغا ئۆيلەرنى سېلىپ، ئۆپ-چۆرىسىنى قورۇق تاملار بىلەن قورشاۋالغان. بۇ يېزىلاردىكى ئۆيلەر بىر- بىرىدىن ژىراغىراق يەرلەرگە ژايلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كوچىلار كەڭ بولغان. ئەندى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ئاخىرقى، ئۈچىنىچى تۈرىنى 1881-1883- ژىلىرى ئىلى ئۆلكىسىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان يېزىلار تەشكىل قىلغان. بۇ يېزىلارنىڭ تۇرغۇنلىرى رۇس مەمۈرىيىتىنىڭ پلانى بويىچە، كوچا ۋە مەھەللە بولۇپ ئورۇنلاشقان. يېڭى يېزىلارنىڭ كوچىلىرى كەڭ ۋە تۈز بولۇپ، ئۇلارنىڭ بويىغا ئۆپ-چۆرىسى قورۇق تاملار بىلەن قورشالغان ئۆي-ژايلار تەكشى ژايلاشقان. رۇس ھۆكۈمىتى ئۆي-ژاي سېلىش ئۈچۈن ھەر بىر ئاىلىگە 0،25 دېسياتىنىدىن (بىر دېسياتىنا- 1،09 گېكتارغا تەڭ) 0،5 دېسياتىنىغىچە يەر بۆلۈپ بەرگەن. ئەندى بىر مۇنچە يېزىلاردا ئۆي-ژاي ئۈچۈن بېرىلدىغان يەرنىڭ مەيدانى 1 دېسياتىنىغىچە ئۆسكەن. ئارخىۋ ھۆژژەتلىرىدە مەزكۈر يېزىلارنىڭ ئىچكى قۇرۇلۇشى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەر ئېيتىلغان: «باشقۇرۇشقا قولايلىق بولۇشى ۋە ئېچىلىدىغان رۇس مەكتەپلىرىگە بالىلارنىڭ بېرىپ-كېلىشىنى يېنىكلەشتۈرۈش ئۈچۈن دالا گېنېرال-گۇبېرناتورىنىڭ بۇيرۇغى بويىچە، كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ-ئا.ز.) يېزىلىرى كام دېگەندە 200-300 ئۆيدىن تەشكىل قىلىنغان. سانىتارلىق ھەم گىگىېنىلىق قاىدىلەرگە باغلىق يېزا كوچىلىرىنىڭ كەڭلىگى 14 ساژېن (ساژېن دېگەن رۇس سۆزى بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرلار سەرژان دەپ ئاتىغان. سەرژاننىڭ شەكلى «ئا» ھەرىپىگە ئوخشاش بولغان ئۆلچەش قۇرالى، ئۇنى ياغاچتىن ياسىغان. بىر سەرژان-2،13 مېترغا تەڭ بولغان) بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىگە ئىككى قاتار قىلىپ، دەرەقلەرنى ئولتارغۇزغاندىن كېيىن، كوچىنىڭ كەڭلىگى 6 ساژېن بولغان. بازارلار بىلەن ژەمىيەتلىك بېنالار (مېچىت، مەكتەپ ۋ.ب.-ئا.ز.) ئۈچۈن يەر قالدۇرۇلغان. يېزىلارنىڭ تۆۋىنىگە ياكى بىر چېتىگە قەبىرستانلىق ئۈچۈن ژايلار بەلگۈلەڭەن. قەبىرستانلىقلار بىلەن يېزىلارنىڭ ئارىلىغى يېرىم ۋېرستىدىن ( رۇس ئۆلچىم، بىر ۋېرست-1،06 كىلومېترغا تەڭ) ئارتۇق بولمىغان. ئۆيلەرنىڭ يېنىدا باغلار بىلەن كۆكتاتلىقلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن ئۆي-ژاي سېلىشقا بېرىلگەن يەرلەرمۇ يوغان بولغان» (قازاقستان ژۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي دۆلەت ئارخىۋى، فوند.44. ئوپ. 1، د. 37392، ل. 34.). چېلەك دەرىياسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەڭ چوڭ يېزىلارنىڭ بىرى بولغان مالىۋاي يېزىسىنىڭ تەپ-تەكشى كوچىلىرى ژۇقۇرىدىن تۆۋەڭە ئىككى كىلومېتردىن 6 كوچا، توغرىسىغا 13 كوچا بولغان. يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى ھەر خىل بولدى. مەسىلەن، 1910-ژىلى سەككىز-ئون يېزىسىدا 70 ئۆي بولسا، قورامدا ئۆيلەرنىڭ سانى 1239 بولغان. يېزىلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى تۈرلۈك بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ كوچىلىرىنىڭ بويىدا سۆگەت، سۇۋادان، تېرەك، قارىياغاچ، ژىگدە ئوخشاش دەرەقلەر ئۆسۈپ تۇرغان. يېزىلارنىڭ پەيدا بولۇشى، يەرنىڭ گېوگرافىيالىق شاراىتىغا (سۇ بىلەن ئۈنۈملۈك يەرگە) باغلىق بولغان. سەۋەۋى، سۇ بىلەن ئۈنۈملۈك يەر ئادەملەرنىڭ دېخانچىلىق، كۆكتاتچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن مەشغۇل بولۇشىغا مۈمكىنچىلىك ياسىغان. يېزىلار ئورۇنلاشقان يېرىنىڭ گېوگرافىيالىق شاراىتىغا ۋە ئۆيلىرىنىڭ ژايلىشىشىغا باغلىق بىر نەچچە قىسىمغا، يەنى مەھەللىلەرگە بۆلۈڭەن. مەسىلەن: ژۇقارقى مەھەللە، تۆۋەنكى مەھەللە، ئارقا مەھەللە، ساي مەھەللە، دۆڭ مەھەللە ۋ.ب.

ھەر بىر يېزىدا سۇ تۈگمەنلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆستەڭلەرنىڭ بويىغا ژايلاشقان. يېزا خەلقى تۈگمەندە ئۇن تارتقىنى ئۈچۈن بۇغداينىڭ مەلۈم بىر قىسمىنى تۈگمەن ئېگىسىگە بەرگەن. يېزىلارنىڭ ئەتراپىدا قەبىرستانلىق بولغان. ئادەتتە قەبىرستانلىق ئۈچۈن دېخانچىلىققا قولايسىز، لېكىن توپىسى تاشلىق ئەمەس يەرنى تالاپ ئالغان. ئەندى بەزى بىر يېزىلارنىڭ ئەتراپىدا «خاسىيەتلىك» ژايلار (مەسىلەن، چوڭ كەتمەندە «تاش مازار»، تۈگمەندە «ئەۋلىيا چوققا» ۋ.ب.) بىلەن «خاسىەيتلىك» دەرەقلەر (دالادا يالغۇز ياۋايى ئۆسكەن دەرەق) بولغان. يېزا خەلقى ئۇزاق ۋاقىت يامغۇر ياغماي، قۇرغاقچىلىق بولۇپ كەتكەن مەزگىللەردە، يامغۇرنىڭ يېغىشىنى تىلەپ، «خاسىيەتلىك» ژايلارنىڭ ئەتراپىغا قازان ئېسىپ، مال سويۇپ، خۇداغا ئاتاپ، قۇرۋانلىق بېرىش مەراسىملىرىنى ئۆتكۈزگەن. ئەندى ئادەملەر بالا-قازالاردىن ژىراق بولۇشى ئۈچۈن «خاسىيەتلىك» دەرەقلەرنىڭ شاخلىرىغا رەختلەرنىڭ پارچىلىرىنى باغلاپ قويغان.

يېزا خەلقىنىڭ مەشغۇلاتى. يېزىلارىنىڭ خەلقى يەرنىڭ تەبىەت شاراىتىغا قاراپ، دېخانچىلىق، باغۋەنچىلىك، ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە مال بېقىش بىلەن مەشغۇل بولغان. ھەر بىر يېزىدا تۇرغۇنلارنىڭ سودا-سېتىق قىلىدىغان بازار مەيدانلىرى بولۇپ، ئۇلاردا ئاشلىق، گۆش، ژۇڭ ئوخشاش يېزا ئېگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن يەرلىك ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ياسىغان بۇيۇملىرى سېتىلغان. بۇلاردىن باشقا بازارلاردا ۋېرنىيدىن، ياركەنتتىن غۇلژىدىن ۋە شۇنداقلا قاراقارا يارمەنكىسىدىن (ھازىرقى رايىمبېك ناھىيەسىنىڭ قاراقارا يايلىغىدا، بىر ژىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ، ئۈچ ئايغا سوزۇلغان) ئەكەلگەن گىلەم، رەخت، قازان، سوۋۇن، شام، قەنت، قەغەز، چاي، ئەگىلەك، سەرەڭگە، ئەينەك، مونچاق ۋە باشقا نەرسىلەرنى ساتقان. بازار يېزا خەلقىنىڭ بوش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىدىغان ژايى بولۇپ، ئۇ يەردە تۈرلۈك يېڭىلىقلارنى ئاڭلىغان. بازارلارنىڭ ئەتراپىدا ھۈنەرۋەنلەرنىڭ، موزدۇزلارنىڭ ۋە تۆمۈرچىلەرنىڭ دۇكانلىرى (ئىشخانىلىرى) بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېگىلىرى ھەر خىل بۇيرۇتمىلارنى ئورۇنلىغان. ھۈنەرۋەنلەر ياسىغان نەرسىلىرىنى ژۇتداشلىرىغا يېزا ئېگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. غالژات يېزىسىدىكى بازارنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشقان ئۈچ ئاشخانا يېزا خەلقى بىلەن ژىراقتىن كەلگەن يولۇۋچىلارغا خىزمەت كۆرسەتكەن. بۇلاردىن باشقا غالژاتتىكى تىببىي پۇنكتتا بىر ۋراچ تۇراقلىق ئىش ئېلىپ بارغان. ئىپەك يولىنىڭ بويىغا ژايلاشقان چارىن يېزىسىدىكى تۆرت كارۋان سارىيىغا ۋېرنىي، ياركەنت، غۇلژا ۋە باشقا ژايلاردىن كەلگەن سودا كارۋانلىرى توختىغان. ئەندى قورام يېزىسىدا بولسا، ھۈنەرۋەنلەر بىلەن ياغاشچىلارنىڭ دۇكانلىرىدىن باشقا 3 گۆش ساتىدىغان دۇكان بىلەن 5 تىكىنچىلىك ئىشخانىسى بولغان. تاغ ئېتىگىدىكى يېزىلارنىڭ ئات-ئۇلاقلىرى بار ئادەملىرى قىشلىغى تاغدا قارىغاي كېسىپ، ئۇنى يېزىغا توشۇش بىلەن شۇغۇللانغان. ئەكەلگەن قارىغاينى ئادەملەر ئوتۇن ياكى قۇرۇلۇش ماتېرىالى سۈپىتىدە پايدىلانغان. قارىغايدىن تاختاي تىلىش ئۈچۈن ئېگىزلىگى ئادەم بويىدەك بولغان شىپاڭ ياسىغان. ئۇنىڭ ئۈچۈن يەرگە تۆرت موم ياغاچنى ئورنىتىپ، ئاندىن ئىككى موم ياغاچنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا قىلىپ ئۇزۇن خادا ياغاچنى قويغان. شۇنداق ئۇزۇن خادا ياغاچنىڭ يەنە بىرىنى قالغان ئىككى موم ياغاچنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغاندا، بۇ تۆرت موم ياغاچنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى خادا ياغاچ بىر – بىرىگە پاراللېل بولۇپ، شىپاڭ تاختاي تىلىشكە تەييار بولاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، خادا ياغاچلارنىڭ ئۈستىگە تىلىنىدىغان قارىغاينى توغرىسىغا قىلىپ، مەككەم ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ئالدىن- ئالا قۇرۇم ئېزىلگەن سۇغا چىلانغان ژىپنى تارتىپ ئىزىنى چۈشىرىپ، ئاندىن ئىككى ئادەم، بىرى قارىغاينىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئىككىنچىسى تۆۋەندە، يەنى يەردە تۇرۇپ، قارىغايدىكى ژىپنىڭ ئىزىنى بويلاپ، ئۇنى ئىككى قوللۇق چاپما ھەرە (ئۇزۇنلۇغى 1،5-2 مېترلىق ) بىلەن ھەرىدىگەن. مەسىلەن، ژۇقارقى قارىتورۇق يېزىسىدا ئىككى شىپاڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئېگىسى رۇس ئادىمى بولسا، ئىككىنچىسىنىڭ ئېگىسى شۇ يېزىنىڭ تۇرغۇنى- ئۇيغۇر بولغان.

بىلىم بېرىش. ئىلى ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇرلىرى يەتتىسۇغا چىقىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، مەزكۈر يەردە، ئاللاغا ئېتىقات قىلىپ، ناماز ئۆتەش ئۈچۈن چوڭ ۋە مەھەللە مېچىتلىرىنى سالغان. چوڭ مېچىت يېزىنىڭ مەركىزىگە ژايلىشىپ، ئۇنىڭغا ئادەملەر ئۇمۇمىي ژۈمە نامىزىنى ئۆتەش ئۈچۈن بارغان. ئەندى مەھەللە مېچىتلىرىدا بولسا، شۇ مەھەللىنىڭ تۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك نامىزىنى ئۆتىگەن. ئىسلام دىنىدا ئوقۇپ بىلىم ئىزدەش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرىز بولۇپ، يېزىلاردىكى چوڭ مېچىتلارنىڭ يېنىدا مەخسۇس دىنىي مەكتەپلەر ئېچىلغان. مەكتەپلەرنىڭ بېناسى بىر بۆلمىلىك بولۇپ، مېچىتنىڭ ياكى يېزا موللىسىنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىغا ژايلىشاتتى. ھەر بىر مەكتەپتە يېزا خەلقىنىڭ 10-15 بالىسى ئوقۇپ بىلىم ئالغان. مەكتەپتە موللا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ناماز ئۆتەشنى ھەم قۇرئان ئوقۇشنى ئۈگىتىپ، ئىسلام دىنى بويىچە دەرىس بەرگەن. سىنىپتا ئوقۇغۇچىلار بورنىڭ ياكى كىگىزنىڭ ئۈستىدە ئولتىرىپ دەرىس قىلغان. ياز كۈنلىرى دەرىسنى مېچىتنىڭ يېنىدىكى ئوچۇق يەردە ئۆتكۈزگەن. يېشى چوڭ بىر بالا سىنىپنىڭ خەلپىتى (ستاروستا) بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرتىۋىنى نازارەت قىلغان. مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن بەلگۈلەڭەن ھەق تۆلەش بولمىغان، بىراق ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى موللا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن پۇل ۋە باشقا تۈرلۈك مۇكاپاتلارنى (پەيشەنبىلىك) ئېلىپ تۇرغان. قىز بالىلارنى ئوقۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. ئەندى قورام يېزىسى بىلەن ياركەنت شەھىرىدە ياشلارغا ئىسلام دىنى بويىچە بىلىم بېرىدىغان مەدرىسىلەر بولغان. قورامنىڭ مەدرىسىگە ئۆلۈما ساۋۇتاخۇن دېگەن ئادەم يېتەكچىلىق قىلغان. مەدرىسىدە ئەدەبىيات، تارىخ، ماتېماتىكا، ژۇغراپىيە، ھەتتا ئاسترونومىيا دېگەن پەنلەر بويىچە دەرىسلەر ئۆتكۈزۈلگەن. مەدرىسىنىڭ ئوقۇش سىنىپى، ياتاقخانىسى ۋە ناماز ئۆتەيدىغان قىرىققا يېقىن بۆلمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا يەرلىك تالىپلاردىن تاشقىرى ياركەنت، غۇلژا ۋە باشقا ژايلاردىن كەلگەن ياشلار بىلىم ئالغان. تالىپلار قەشقەر ۋە بۇخارا ئوخشاش شەھەرلەردىن كەلتۈرۈلگەن دەرىسلىكلەردىن باشقا ساۋۇتاخۇننىڭ ئۆزى يازغان دەرىسلىكلەرنىمۇ پايدىلانغان. 1918-ژىلغىچە، يەنى ئاتۇ پاژىەسىگىچە قورام مەدرىسىدە 300-400 يېقىن تالىپ ئوقۇغان. ياركەنت مەدرىسىنىڭ قۇرۇلۇشى 1892-ژىلى باشلىنىپ، ئۈچ ژىلنىڭ ئىچىدە، يەنى 1895- ژىلغىچە، ئوتتۇرىسىدىكى مېچىت، مەدرىسە بۆلمىلىرى، بارلىغى 24 بۆلمە، كىچىك مېچىت ۋە باش دەرۋازىسى سېلىنغان. مەدرىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاقسۇ ۋە كەتمەن تاغلىرىدىن ھەم ئۇزۇن، ھەم مۇستەھكەم قارىغايلارنى كېسىپ، ياركەنتكە تۆگە ۋە ئۆكۈزلەر بىلەن ئەكەلگەن. مەدرىسە قۇرۇلۇشىغا شۇ دەۋىرنىڭ پۇلى بويىچە 300 مىڭ سوم ئالتۇن ئاخچا سەرىپ قىلىنىپ، ئۇنىڭ 200 مىڭ سومى ياركەنت ئۇېزىنىڭ ئاھالىسىدىن ژىغىلغان. مەدرىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋېلىۋاي يولداشېۋ يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇنىڭغا بۇ ئەمگىگى ئۈچۈن «ئاخۇنۇم» نامى بېرىلگەن. ياركەنتنىڭ تۆرت سىنىپلىق مەدرىسىدە دىنىي ئوقۇشتىن باشقا ماتېماتىكا، ژۇغراپىيە، تارىخ ۋە باشقىمۇ پەنلەر ئوقۇتۇلغان. مەدرىسىدە پەقەت ياركەنت تەۋەسىنىڭلا ئەمەس، ژىراق يېزىلاردىن ھەتتا ئىلى ئۆلكىسىدىن كەلگەن تالىپلارمۇ بىلىم ئالغان. بىراق 1918-ژىلى ياركەنت شەھىرى قىزىل ئەسكەرلەر بىلەن ئاق گۋاردىياچىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ژەڭ مەيدانىغا ئايلانغاندا، بىر توپ قىزىل ئەسكەر مەدرىسىنىڭ ئېسىل بۇيۇملىرىنى بۇلاپ كەتكەن. كېڭەش ھاكىمىيىتى ئورنىغاندىن كېيىن، ياركەنت مەدرىسىدە بىلىم ئېلىۋاتقان تالىپلارنىڭ سانى كەسكىن ئازىيىپ، مۇدررىسلەرنىڭ، دىنىي ئۆلۇمالارنىڭ كۆپچىلىگى غۇلژىغا كېتىشكە مەژبۇر بولغان. كېڭەش ھاكىمىيىتى دەۋرىدە مەدرىسە دەسلەپ ھەربىي كازارما، كېيىن ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبار خىزمىتىنى ئاتقۇرغان. ئاخىرقى ۋاقىتلاردا، مەدرىسە بېناكارلىق بەدىىي سەنئەت مىراسگاھى بولغان. 1995-ژىلى ياركەنت شەھىرىنىڭ مەمۈرىيىتى مەدرىسىنىڭ ئالدىدىكى كوچىغا ۋېلىۋاي ئىسمىنى بەرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئىشلارنى ژۈرگۈزۈش ئۈچۈن يەتتىسۇدىكى رۇس مەمۈرىيىتى ياركەنت شەھىرى بىلەن بايسېيىت، چوڭ ئاقسۇ، چوڭ كەتمەن، غالژات ئوخشاش يېزىلاردا تەرژىمانلارنى تەييارلايدىغان رۇس-تۇزېم (ئورۇس-يەرلىك) مەكتەپلىرىنى ئاچقان. بۇ ئېچىلغان مەكتەپلەردە يېزىلاردىكى خەلىقنىڭ بالىلىرى ئوقۇپ، رۇسچە بىلىم ئالغان. 1897-ژىلى چوڭ كەتمەن يېزىسىدا ئېچىلغان ئورۇس-يەرلىك مەكتىۋىنىڭ بېناسى كونا بولۇپ، ئۆرۈلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان. 1914-1916-ژىللىرى پېتكا ۋە ۋاسكا ئىسىملىق رۇس ئۇستىلىرى باشقۇرغان بىر توپ رۇس قۇرۇلۇشچىسى چوڭ كەتمەننىڭ ئورۇس- يەرلىك مەكتىۋى ئۈچۈن يېڭى بېنانى ( ھازىرقى سونۇر مامىروۋ ۋە كېنباي ئاۇلبېكوۋ كوچىلىرىنىڭ قىيلاشقان يېرىدىكى يوغان ۋە ئېگىز بېنا، كېيىن ئۇنى ئاغرىقخانا، بالىلار باغچىسى ۋە مەىشىي كومبىناتى قىلغان، ھازىر تۇرۇشلۇق ئۆيگە ئايلاندۇرغان ) سېلىپ بەرگەن. يېزىلاردا ئېچىلغان بۇ ئورۇس-يەرلىك مەكتەپلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان خىراژەتنىڭ كۆپ قىسمى يېزا خەلقىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن.

تېرىلغۇ مەيدانلىرى