yazghuchi-shair-mertiwisi-UEY

يازغۇچى، شاىر مەرتىۋىسى

 

         مەن بۇ ماقالىنى «نېمىدىن باشلايكىن»، دەپ ژۈرگىنىمدە «ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى» كىتاۋىنى ۋاراغداۋېتىپ، «بېگىزنى ئۆزەڭگە سانچى، ئاغرىمىسا باشقىسىغا» دېگەن نەقىل كۆزۈمگە چۈشۈپ قالدى. «ئەژايىپ سۆزلەر. ئەندىلىكتە، يېزىشنى يېزىپ قويۇپ، كىمدۇ بىرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويماي، يەنە»، دېگەن ئوي كەلدى مېيەمگە. ۋاقىت بولغاچقا، ئىزدەپ، بۈگۈنكى زاماندا بېگىزنى ئۇچرىتىش قىيىنغۇ، ئۇشلۇقلۇغى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان تۆمۈنە ژىڭنە تېپىۋالدىم. بىلىگىمنى يالىڭاچلاپ، تىقىپ كۆردۈم. چىملا قىلىپ ئاغرىدىدە، ھەيەل قىلماي قىزىل قان دۈگلەك تامچە ھاسىل قىلدى. قۇياشنىڭ يورۇغىدا ئۆزىنىڭ ھاياتقا تەشنالىغىنى كۆرسەتكەن قان توختىماي ئېقىۋاتقان تومۇرىنى قوغدىغۇسى كەلدىمۇ، پال-پال قىلىپ پاقىرىغاچ، قارىسام، ئاستا قوڭۇر ھالەتكە ئۆزگىرىپ، قېتىپ قالدى. چۈشەندىم. موشۇ ھەرىكىتى بىلەن قان تۆمۈنە سانچىلغان تۆشۈكنى ھىملاپ، پۈتكۈل بەدىنىمنى ۋىرۇسنىڭ تارىلىشىدىن ساقلىدى. ئويلىنىپ قالدىم. ژان تاتلىق، سەزدىم، ئاغرىيدېكەن. تېشىلگەن يەرمۇ پۈتۈپ، قايتا ساقىيىدېكەن.  بۇنىڭدىن: «ژان ئاغرىمىسا، قان چىقمىسا  ھاياتنىڭ قەدرىنى چۈشىنىشمۇ قىيىن» دېگەن ئوي تۇغۇلۇدىكەن. ژېنىمنىڭ ئاغرىغىنى مېيەمگە چاقماق تېزلىگىدە بۇيرۇق بېرىپ، ھوشۇمنى ژىغىشقا  تۈرتكە بەردى. ئويلىرىمنى ژەملىدىم.

ئەسلى نىيىتىم – قازاق قېرىنداشلار بىلەن قويۇن-قولتۇق بولۇشۇپ ئىناق ژۈرگەن، قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىغا ئەزا ئۇيغۇر يازغۇچى-شاىرلارنىڭ مەرتىۋىسى ھەققىدە گەپ قوزغاش. ئەندى ئىژاتكار دېگەن خەلىق بەكمۇ نازۇك كېلىدۇ ئەمەسمۇ! بىر ئېغىز گېپىڭ كام، بىرى ئارتۇق بولۇشى تۇرغان گەپ.

يازغۇچىلارنىڭ  ھاشامەتلىك بېناسىغا 1991-ژىلى ماي ئايلىرىدا  قەدەم بېسىپتىمەن. مەن ئۇ ۋاقتا يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭغا پەقەت 16 ژىلدىن كېيىنلا، 2007-ژىلى قوبۇل قىلىندىم. ئۇ چاغدا ئىتتىپاقنىڭ رەىسى  ئاتاقلىق شاىر ئولژاس سۇلېيمېنوۋ ئېدى، كېيىنىرەك ئورنىغا قالداربېك نايمانباېۋ كەلدى. ئەندى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سېكسىياسىنى ئىككىلا ئادەم–ئەخمەتژان ئاكا ھاشىروۋ بىلەن شايىم ئاكا شاۋاېۋ نوۋەتلىشىپ باشقۇرۇپ ژۈرگەن زامانلار. شۇ ژىلى «ئۆزگەرتىپ قۇرۇش سەياسىتى» ئوۋژ ئېلىپ، كۆپلىگەن ژەمىيەتلىك تەشكىلاتلار چېچىلىشقا، گايىلىرى بىرىكىشكە باشلىغان. ژۈملىدىن، قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدىمۇ قىسقارتىشلار بولۇپ، ئىلگىرى كاتىپ بولۇپ ئولتارغان ئە. ھاشىروۋنىڭمۇ ئورنى بوشايدۇ. قازاق قېرىنداشلارغا رەخمەت.  ئۇنى چەتكە قاقماي، تېز ئارىدا ئېگىلىك ھېساپ ئاساسىدا  ئۇيغۇرچە «ئارزۇ» ژۇرنالىنى  بەرپا قىلىپ، باش مۇھەررىرلىككە  ئە. ھاشىرىي ئاكىنى  سايلىدى. ئەخمەتژان ئاكا ماڭا ژاۋاپكەر كاتىپلىق خىزمىتىنى تەكلىپ قىلىپ، تۇراقلىق مااش بىلەن تەمىنلىنىدىغىنىمنى ئېيتتى. ئەپسۇس… شۇنداقلا، يەنە ئۈچ خادىم ئىشلىتىش مۈمكىنچىلىگىمىز باركەن. قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ساۋۇتژان ئاكا مەمەتقۇلوۋ، ئابدۇكېرىم ئاكا غەنىېۋ، ئابلىز ئاكا ھېزىم، ساادەت ھەدە يۇنۇسوۋادىن تەركىپ تاپقان كوللېكتىۋ ئىشنى باشلىۋەتتۇق. مەن ياش بولغاچقا، ئەھۋال، ۋەزىيەتتىن تامامەن خەۋىرىم بولمىغان ئېكەن. كېيىن، كەچ چۈشەندىم. ئىتتىپاقتا ئۈستەل بۆلۈشۈش كامپانىسى ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قاپتىمىز. مۈمكىنچىلىكتىن توغرا پايدىلانماسلىق ئاقىۋىتىدىن «ئارزۇ» ژۇرنالىنى يېپىپ، تارىلىپمۇ كەتتۇق. ئۇنى تۇتۇپ قېلىشقا بولاتتىكەن

ماقالىنىڭ باشلىنىشىدا مەن بۇ ۋاقىەنى  نېمىشكە ئەسلىدىم؟ «ئارتۇق گەپ» دېيىشىڭلار تۇرغان گەپ. توغرا. ئامما، مەزكۈر ماقالىغا ئۇتتۇر ئالاقىسى بار ئۈچۈن مىسال قىلىپ ئالدىم. بۆلمە بىرلا بولغاچقا، ژۇرنال ماتېرىاللىرىنى ئىشلەش، تەييارلاش، ئۇنى نەشرىياتقا تاپشۇرۇش ماباينىدا قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ ژىغىنلىرىغا، چوڭ يازغۇچى-شاىر ئاكىلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇناسىۋىتى، ھۆرمىتى، پىكىر ئالماشتۇرۇشلىرىغا گۇۋاچى بولغانمەن. قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ «ئارزۇ» ژۇرنالى ئورۇنلاشقان ئىككىنچى قەۋەتتىكى 26-بۆلمىنىڭ ئىشىگى ھەر دايىم ئىژاتكارلار ئۈچۈن ئوچۇق بولىدىغان. ھەم كەلگۈچىلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمەتتى. بۇنىڭدىن ژىگىرمە سەككىز ژىل ئىلگىرى مەن تىرىگىدە كۆرۈپ، ئارىلاشقان مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ كۆك بۆرىلىرى زىيا سەمەدى، مەسىمژان زۇلپىقاروۋ، تۇرغان توختەموۋ، دولقۇن ياسىن، ھېزىم بەخنىيازوۋ، ماخمۇت ئابدۇراخمانوۋ، مۇڭلۇق باقىېۋ، ئەنۋەر لوقمان، رەخىم روزى، يۈسۈپبەك مۇخلىسىي، شايىم شاۋاېۋ، ئابدۇكېرىم غەنىېۋ، مۆمۈن ھەمراېۋ، ساۋۇتژان مەمەتقۇلوۋ، كامال ھاسامدىنوۋ، ئابدۇمېژىت دۆلەتوۋ، پاتىگۈل سابىتوۋا،  بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋالار بىر بۆلمىگە ژىغىلىپ قالغاندا ئەژايىپ ئىشچانلىق، مېھرىۋانلىق  كەيپىيات ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۇلار قاقاخلىشىپ كۈلۈشۈپ، چاقچاقلار ئارا پەقەت مىللىي ئەدەبىياتنىڭ گەپلىرىنى قىلغانلىغىنى  ئاڭلىۋېدىم.  «يازغۇچىلارنىڭ مونۇ قارا چاڭىرىغىنىڭ ئېدەنلىرىدە ھېزمەت ئابدۇللىن، ھېزىم ئىسكەندەروۋ، ئىلىيا بەختىيا، ژامالدىن بوساقوۋ، قۇرۋان توختەموۋ، ئابدۇلھەي روزىنىڭ ئىزلىرى بار» دەپ باقىيلىق بولغان ئىژاتكارلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەسلىشىپ، روھىغا ئاتاپ دۇگا قىلىدىغان. ئۆتكەن كۈنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇ ھالەت يوق. ئىتتىپاققا كەلگۈچى ئىژاتكارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگەن. سەۋەپ ھەر خىل. بىرلىرى يېشىغا يېتىپ  كېلەلمەيدۇ. قالغانلىرى كۆز قارىشى، مەمەدانلىغى تۈپەيلى. ئەزالارنىڭ كۆپى ھەر خىل ژەمىيەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ قاتارىدا. بۇ يەرگە پەقەت ئۆز داۋاسى، مۇكاپات ئېلىش، ئەزالىققا ئۆتۈش ئەرىزىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. روھىغا ئاتاپ دۇگا قىلىدىغان ئەزالارنى  ژىغىنغا چاقىرىپ ئەكىلەلمەيسەن.

ئۆتكەن كۈنلەرگە قايتاي. كۆك بۆرىلىرىمىز  مۇھاكىمىگە بېرىلگەن مەيلى پروزا، مەيلى پوېزىيا بويىچە بولسۇن كىتاپلارغا مۇناسىۋەتلىك ئېيتىۋاتقان پىكىرلەرگە ئاغزىم ئوچۇق قېلىپ، تىڭشاتتىم. ماشىنكىدا بېسىلغان، سارغايغان ئا–4 فورماتىدىكى قول يازمىنى  ئىككى يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئوقاتتى. ئۇلار بۇ ئەسەرلەرنى قاچان، قايسى ۋاقىتتا قاراپ چىقىدىغانلىغىنى ھازىر ئويلىسام، ۋاقىت تاپقىنىغا ھەيران بولىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپى كەچكىچە دۆلەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، كېچىسى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى يازىدىغان ھەقىقىي قەلەم ماھىرلىرى ئېدىدە. راست، بۇ كىشىلەر دەسلەپتە سۆزىنى ماختاشتىن باشلاتتى. ئەسەرنىڭ بۈگۈنكى زامانغا ماس كېلىدىغانلىغى، كىتاپخاننى قىزىقتۇرىدىغانلىغىنى قەيت قىلىپ، كېيىن ھەر بىر ئېپىزودتىكى ۋاقىەلەرنىڭ ماھىيىتىگە، ژۈملە، قۇرلار، سۆزلەرنىڭ توغرا ياكى ئورۇنسىز ئىشلىتىلىشىگىچە بولغان ئارىلىقلارغا ئۆز پىكرىنى ئېيتىپ، قەغەز قىرىنى بوياپ، سىزىپ، قىپ-قىزىل قىلىۋېتەتتى.  بەتنىڭ ئۆپ-چۆرىسىنى كۆرسەڭ قورققۇڭ كېلەتتى. قىسقىسى، ئۈچ، تۆرت سااتقا سوزۇلغان «يېڭى ئەسەرنى مۇھاكىمە قىلىش» ژىغىنىنىڭ ئاخىرى «قالامگېر» مېھمانخانىسىدا داۋاملىشىپ، تېخى قول يازما شەكلىدا تۇرغان كېلەچەك ئەسەرنىڭ تۈزىتىشلەردىن كېيىن كىتاپ بولۇپ چىقىشىغا ئاق يول تىلەپ يۈز گراممدىن قېقىشاتتى. تەنقىت ئېيتقان ئادەملەرگە يامان كۆزدە قاراش، نەپرەتلىنىش ھادىسىلىرىنى زادىلا بايقىمىغان ئېكەنمەن. مۆتىۋەرلەرنىڭ دىلى پاك بولغانلىقتىنمېكىن، ئاق تىلەكلىرى ياراتقان ئېگەمنىڭ قۇلىغىغا چېلىقىپ، بىر ژىلدىن كېيىن قارىساڭ، دۆلەت بۇيرۇتمىسى ئاساسىدا «ژازۇشى»، «مېكتېپ» نەشرىياتى خادىملىرىنىڭ قولىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتۈپ، كىتاپ بولۇپ شەكىللىنىپ، خېرىدارلارغا ساپالىق ئەسەر كېلىپ تېگەتتى. ھازىر «ژازۇشىمۇ» يوق، «مېكتېپمۇ» يوق. ئىژاتكارلارنىڭ، ئاساسەن ئۇيغۇر تىللىق كىتاپخانلارنىڭ دەردىنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزىدىغان ئىنسانمۇ يوق. ئۆز ھېساۋىمغا مەن كىتاپ چىقارسام چېلەك تەۋەسىگە، يەنە بىرسى چىقارسا ئۇيغۇر ياكى ياركەنت تەۋەسىگىلا شۇ مۇەللىپنىڭ كىتاۋى بارىدۇ. چۈنكى ئۇ شۇ ژۇتنىڭ. ئاخىر نېمە بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر شاىر، يازغۇچىلىرىنى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلمەيدۇ.

ھازىر ئويلايمەن. ئەگەر شۇ زامانلاردا قەدىرلىك ئاكىلىرىمىز بىلەن ھەدىلىرىمىز ئېيتقان تەنقىدىي پىكىرلەرنى، كامچىلىقلارنى بۈگۈنكى زامان ئىژاتكارلىرىمىز ئاڭلىسا ياكى كۆرسە، ئىككىنچى قېتىم قولىغا قەلەم ئالماتتى. ئۇنداق دېيىشتىكى سەۋەپ، ھازىر ئىژاتكارلىرىمىز بىر توپلام ئەمەس، بىر مىسرا شېىرىنى ئۆز ئارا ھەشلەرگە كۆتىرىپ ماختىشىدۇ. ئەندى چىققان توپلاملارنى ئوقۇساڭ، ئىچىڭ ئىلىشىدۇ. يازغۇچىلار ئىتتىپاقى تەرىپىدىن نازارەت بولمىغاچقا ھەر كىم خالىغىنىچە يېزىپ، سودىگەرمۇ، قاسساپمۇ، قىسقىسى …؟  بارنىڭ ھەممىسىلا شاىر، يازغۇچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ كىتاپلارغا پىكىر يازىدىغان فىلولوگ ئالىملارمۇ يوق. مۇنداق ئەھۋالدا مىللىي ئەدەبىياتىمىزدا تەرەققىيات بولامدۇ؟ ھېچ قاچان. شاىر، يازغۇچىنىڭ مەرتىۋىسى كۆتىرىلەمدۇ؟ ياق! ھاراملىقتىن، تەخسىۋازلىقتىن، يالغان مەدھىيە-ماختاشلاردىن قۇتۇلمىغىچە يازغۇچى شەنى كۆتىرىلمەيدۇ.

بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى يەنىلا ئۆز ئىشىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. قىرىق ژىلغا يېقىن ئۆمرى يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا ئۆتكەشكىمۇ، ئاخىرقى ئون ئۈچ ژىلدا ئۇنى ئەخمەتژان ئاكا ھاشىرى باشقۇرۇۋېدى، ھازىر مانا ئىككى ژىلدىن ئاشتى پاتىگۈل مەخسەتوۋا ئىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. قازاق قېرىنداشلارغا رەخمەت، ئىلگەركىسى دەسلەپتە مااش، كېيىن دۆلەت ستىپېندىياسىنى ھەر ژىلى ئۆزىلا ئېلىپ ئىشلىدى ھەم ھازىرمۇ مەڭگۈلۈك ئېلىۋاتىدۇ. ئوردېن، مېداللار، ھەر خىل دەرىژىدىكى مۇكاپاتلارنىمۇ ئالدى. يەنىلا بىز «قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارغا ھېچ نېمە بەرمىدى» دەپ كوتۇلدايمىز. چىداملىق ئېكەنمىز.

  بۈگۈنكى كۈنلۈكتە كېڭەش تەركىۋىدە ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوۋ، ئابدۇخالىق ماخمۇتوۋ، ئەخمەتژان ھاشىرى، مەمتىمىن ئوبۇلقاسىموۋ، ژەمشىت روزاخۇنوۋ، ئەكرەم سادىروۋ، يولداش ئازاماتوۋ، خۇرشىدەم ئىلاخۇنوۋا، ئىلاخۇن ھوشۇروۋ، ئىلاخۇن ژەلىلوۋ، ئالىمژان باۋدىنوۋ، دۈرنەم مەشۈروۋا، پاتىگۈل مەخسەتوۋا، ئەكرەم ئەخمەتوۋ، ئاۋۇت مەسىموۋ، گۈلبەھرەم خوشاېۋا، شاۋكەت نەزەروۋ، تېلمان نۇراخۇنوۋ، گۈلنارەم ئاۋۇتوۋا، رەخمەتژان يۈسۈپوۋ،  مولۇتژان توختاخۇنوۋ كەبى قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بار. كېڭەش زامانىنىڭ تىزىمى بىلەن بۈگۈنكىسىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ماقالىنىڭ باشلىنىشىدا ئاتالغان  «كۆك بۆرىلىرىمىزنىڭ» سالمىغى بېسىم. سەۋەپ، ئۇلارنىڭ كىتاپلىرى خەلىق قولىغا تارىغان. ئوي-پىكىرلىرى  كىتاپخان دىلىغا سىڭگەن. چۈنكى ھۆكۈمەت بولغان، قارىغان. بۈگۈنكىلىرىنىڭ كىتاپلىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭلا قولىدۇ. ئۇ زامانلاردا خەلىق يازغۇچىسى، تۈرلۈك فېستىۋاللارنىڭ لاۇرېاتلىرى، رومان، داستانلارنىڭ مۇەللىپلىرى بولغان. ھازىر، بايقىساڭلار،  ھەتتا «خىزمەت كۆرسەتكەن» دەپ نام يوق. يە بىز شۇ مۇكاپات دەرىژىسىگە يەتكىدەك ئەسەر يازالمىدۇقمۇ؟  ھەر قايسى ئىژاتكارنىڭ يازغىنى پەقەت ئۆزىگىلا  نادىر. بۈگۈنكى بىزنىڭ ئەھۋالىمىز شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىغا ئەزا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ  يەتمىش پاىزى يېشى ئەللىك بىلەن سەكسەننىڭ ئارىلىغىدىكىلەر. بۇ ئەھۋالدا ياشلىرىمىزنىڭ كېلىپ، يازغۇچىلار سېپىگە ئەزا بولۇپ قوشۇلغىنى، تەژرىبە توپلىغىنى ياخشىدى.

پىكرىمنى داۋاملاشتۇراي. كېيىنكى ۋاقىتلاردا گېزىت بەتلىرىدە تۆۋەندىكى مەزمۇندا ماقالىلار پەيدا بولماقتا. «…بۈگۈنكى زاماندا «يامغۇردىن كېيىن پەيدا بولغان گۈمبىدەك» كەينى-كەينىدىن يېتىلىپ چىقىۋاتقان يازغۇچى بىلەن شاىرسىماقلارنىڭ توختالسىز يېزىپ چىقىرىۋاتقان كىتاپلىرى بىلەن توپلاملىرى. ئۇلارنى ئوقۇپ كۆرسىڭىز، دىلىڭىز ئېزىلىدۇ. ئۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەۋى، ئەينە شۇ “يازغۇچىلار” تالانتلىق، پەلسەپەۋىي مەپكۈرىسى ئۈستۈن شاىر-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ نامىغا داغ چۈشىرىپ، ئابروي-شەنىنى دەپسەندە قىلماقتا. مۇنداق «تالانتلىقلارغا» تەنبىھ بېرىدىغان سېنزۇرا ياكى ئەدەبىيات ھەيئىتى بولمىسا، بەدىىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ كېلەچىگىمۇ چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىشى مۈمكىن» دەيدۇ پېشقەدەم ئۇستاز خۇداۋەدى مەڭسۈروۋ.

توغرا، تالانتلىق، پەلسەپەۋىي مەپكۈرىسى ئۈستۈن شاىر-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ نامىغا داغ چۈشۈپ، مەرتىۋىسىنىڭ، ئابروي-شەنىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقىنىغا خېلە بولدى. ئۇنىڭغا يول قويغان، يېڭى ئەسەرگە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى يوق قىلغان  يەنىلا بىز، قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بىلەن فىلولوگ ئالىملار. ناچار ئەسەرلەرگە ۋاقتىدا باھا بەرمىدۇق. گۇنا ئۆزىمىزدە. گېزىت، ژۇرنال مۇھەررىرلىرى پۇل بەرسە ياكى كۆزىنى قىسىپ قويسا، يارىمايدىغان ھېكايە، شېىرلارنى تۈزەپ، ئەۋەشكە كەلتۈرۈپ تالىيىنى ئىژاتكار قىلىۋەتتى. ئۇنىڭغا تورلاردىكى يېزىلغان خەۋەر، ئىژاتلار گۇۋاچى. ھازىر ئۇلار مەپكۈرىسى ئۈستۈن يازغۇچى، شاىرلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر كىمنىڭ ئۆز يازغىنى ئۆزى ئۈچۈن نادىر ئەسەر. گەپ يوق. يەنە بىر ئېچىنىدىغان يېرىم، ئەينە شۇ گايى ئەزالار ئەسەرنىڭ ناچارلىغىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، «كۆڭلى قالمىسۇن دېگەنلىكنى قىلىپ» ماختاپ كېتىدۇ. ئەندى خوشامەتچىلىك ئەدەبىياتتا ياتلىغىنى  چۈشەنمەيدۇ؟

ئەندىلىكتە يەنىلا شۇ مەڭگۈلۈك سوالغا كېلەيلى. نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ قېدىمىي دىيارىمىزدىكى ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، سەنئەت مۈشكۈل ئەھۋالدا، يول توراغلىق تۇرغاندا قازاقستاندىكى ئىژاتكارلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىتىغا ژان دىلى بىلەن بېرىلىشى، كۈچ-قۇدرىتىنى سەرىپ قىلىشى كېرەكمېكىن. چۈنكى ئۇنىڭ كەينىدە مىللەت تەغدىرى تۇرىدۇ. بىرىنچى نوۋەتتە خوشامەتچىلىكتىن قۇتۇلۇشىمىز، مېرەزلىك قىلىشنى توختىتىشىمىز لازىم. «مەن ئۇنداق يازىمەن، مۇنداق يازىمەن. ماڭا ھېچ كىم تەڭ كېلەلمەيدۇ» دېگەنلىكنى قويايلى. نازارەت ئىشىنى قولغا ئېلىپ، بىرىنچى نوۋەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى تەركىۋىدىكى قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىغا ژاۋاپكەرلىك ژۈكلەش لازىم. ژاۋاپكەرلىكنى سەزمىگەن ئەزالار بولسا ئۆز خاھىشى بىلەن كېتىشى كېرەك، ئورنىغا ژاۋاپكەرلىكنى چوڭقۇر سېزىدىغان ياشلارنى ئالغان ئورۇنلۇق. شۇنداقلا، ھەر قانداق ئۇيغۇرچە يېزىلغان چوڭ-كىچىك يېڭى پروزا، پوېزىيا بويىچە ئەسەرنى ئەڭ بولمىغاندا بىر يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسىغا ئوقۇتۇپ، يازغان پىكرىنى ئۇمۇمىي ژىغىندا دەلىللەپ، شۇنىڭ ئاساسىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى مەخسۇس ژىغىندا قارار ئېلىشىنى، نەشرىياتقا تەۋسىيە قىلىشىنى قوللايمەن. كېڭەش دەۋرىدىكىدەك دۆلەت بۇيرۇتمىسى ئاساسىدا  كىتاپ چىقىرىدىغان نەشرىياتلىرىمىز بولغان بولسا بۇ گەپنى قىلماس ئېدۇق.  ئىشنى قانچە تېز ئارىدا قولغا ئالساق، پەقەت ئەدەبىياتىمىزنىلا ئەمەس، شاىر، يازغۇچى دېگەن مەرتىۋىنى، نامىمىزنىمۇ ساقلاپ قالالايمىز. ھۆكۈمەت داىرىسىدە قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنى تاراتماي، نېمىشكە تۇتۇپ تۇرىدۇ؟ چۈنكى ئۇ تەشكىلات ئەدەبىياتنىڭ تازىلىغىنى نازارەت قىلىدۇ. ھازىرغا نېمە بولۇۋاتىدۇ؟ خالىغان ئادەم، ژەمىيەتلىك تەشكىلاتلار ئەدەبىي بىرلەشمىلەرنى قۇرۇۋېلىپ، ئىژاتكارلارنى «ئىككىگە» بۆلۈپ، پەقەت ئۆز مەنپىيىتى، كۆڭلىگە ياقمىغانلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىۋاتقانلىغى ئاشكارە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كۆرۈڭەن ئادەم ئەدەبىياتقا قول سالمىشى كېرەك. ئەڭ بولمىغاندا ئەدەبىيات كەبى مۇقەددەس سۆزنى ھۆرمەتلىگەن ھالدا، دىلىمىزنى پاك تۇتۇپ، پاسكىنىچىلىققا ماڭماي، ئادىل ئەمگەك قىلىدىغان  ۋاقىت ئاللىقاچان كەلدىەمەسمۇ، دوستلار؟

مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى تازا ساقلاپ قالىمىز دېسەك بىر بىرىمىزگە ئالىلىق بىلەن قارىمايلى. مەمەدانلىغىمىزنى قويايلى. بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزغا ۋاكالەتلىك قىلىپ ژۈرگەن چوڭ ئەۋلات ۋەكىللىرى بىز بولۇپ تۇرغىنىمىزنى، بىربىرىمىزنى تەڭسىتمەي ژۈرگىنىمىزنى ياشلارمۇ بايقاۋاتىدۇ، كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ ئۈلگە ئېلىپ، بۇ ئىش ژەرىيانىنى ھېلىتىن باشلىغانلىغى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مېرەزلىك، ھاراملىق ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن بىز پەقەت ئۆزىمىزگە، مىللىي ئەدەبىياتىمىزغا چىرتماق سالىمىزغۇ!؟

 «ھەرىنىڭ چېقىشىغا چىدىغان ھەسەل يەيدۇ» دېمەكچى، ئادىل تەنقىتنى قوبۇل قىلغان ئىژاتكارلا ئەدەبىيات مەيدانىدا مۇۋاپپەقىيەتكە يېتەلەيدۇ. يازغۇچى-شاىرنىڭ مەرتىۋىسىنى قوغداش ئارقىلىق تالانتىنى كۆپ ژىللىق شىژاەتلىك ئەمگىگى تۈپەيلى دەلىل قىلالايدۇ. «ئەدەبىياتتا كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئەدەبىياتقا كۆپ ژىللىق ئۆمرىڭنى بېرىشىڭ كېرەك. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ يېمىشى بولىدۇ. ژىگىرمە ياشتا شېىرىيەتتە كلاسسىك ئاتىلىپ قېلىشىڭ مۈمكىن، ئامما پروزىدا تىنماي ئىشلەش ئارقىلىقلا شۇ      دەرىژىگە يېتىسەن» دېگەن ئىبارىنى يەنە قايتلىغۇم كېلىدۇ

 . ئاۋۇت مەسىموۋ. يازغۇچى