Shiraq

Mehmet Uygur

شىراق

ۋەتەنپەرۋەر، قەھرىمان يىگىت شىراق ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادى بۇلغان «ئىسكىت» (ساكا)İskit (Saka) لارنىڭ بىر يىگىتى بولۇپ، ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردە ياشىغان.
شەرق دۇنياسىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخىدا رىۋايەت قىلىنغان خىتاي، ھىندىستان ۋە ئىراننىڭ تارىخ ۋە دىنىي كىتابلىرىدا، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئەسىردە يېزىلغان ئەرەب- ئىسلام ئۇمۇمىي تارىخ كىتابلىرىغا قارىغاندا شەرقى تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان دۆلەتلەرنىڭ تارىخى، دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئىنتايىن مۇھىم تارىخى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەسەرلەردە پىكىر بىرلىكىگە كېلىنگەن بىر مەسىلە، «تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى»، ئاسىيانىڭ شەرقىدىن غەربىگە سوزۇلغان پايانسىز ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرى بولۇپ، بۇلار ئاسىيا قىتئەسىنىڭ بەل ئۇمۇرتقىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. چەكسىز كەتكەن بۇ زېمىندا شەرقتە قىدىرخان (ھىنگان) تاغلىرى، شىمالدا بايقال ۋادىسى، ئالتاي تاغلىرى، غەربتە ئىدىل (ۋولگا) دەرياسى، خەزەر (كاسپىي) دېڭىزى، جەنۇبتا ھىندىقۇش، پامىر، قاراقۇرۇم ۋە قاراڭغۇ تاغ (كوئىنلۇن) تىزمىلىرى ۋە سېرىق دەريا بىلەن قايتىدىن قىدىرخان تاغلىرى بىلەن تۇتىشىدىغان بىر سىزىق ئىچىدىكى بۇ جايلار تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتىدۇر.
بۇ زېمىننىڭ تەكلىماكان چۆللىرىدەك ئاستى- ئۈستى چەكسىز بايلىق بىلەن تولغان ئاجايىپ سىرلىق چۆللىرى، دۇنيانىڭ ئەڭ چۇڭقۇر كۆلى بولغان بايقال كۆلىدەك كۆللىرى، ئاسمانغا تاقاشقۇدەك ھەيۋەتلىك ئالتۇن تاغلىرى، چەكسىز كەتكەن بۈك- باراقسان ئورمانلىرى، كۆز يەتكۈسىز يايلاقلىرى، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ بويلىرىغا جايلاشقان ئاۋات شەھەر- كەنتلىرى ئەلمىساقتىن باشلاپلا باشقا دۆلەت ۋە خەلقلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ھەيران قالدۇرۇپ، ھەسەت ئوتلىرىنى يالقۇنلىتىپ ھەم ئىشتىھاسىنى قوزغاپ كەلگەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك مىللىتىنىڭ ئاتا مىراسى بولغان بۇ بىپايان زېمىنغا تارىختا نۇرغۇن يالماۋۇز سۈپەتلىك تاجاۋۇزچىلار، تۇڭگۇز نەسىللىك دۈشمەنلەر نىيەتلىرىنى بوزۇشۇپ تاجاۋۇز قىلىپ بېسىپ كىرگەن. بۇنداق ۋاقىتلاردا قاغان- پادىشاھلىرىمىزدىن تارتىپ، ئاددىي خەلقىمىزنىڭ ئەر- ئاياللىرىدىن چىققان مىللىي قەھرىمانلىرىمىزغىچە بۇ ئەزىز دىيارنى ئاجايىپ باتۇرلۇق ۋە پىداكارلىق روھى بىلەن قوغداپ قالغان. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇنداق باتۇرلۇقلىرى، جاسارىتى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئېلىپ، ئەسىرلەر مابەينىدە تىللاردا داستان بولۇپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئەنە شۇنداق قەھرىمانلىرىمىزنىڭ بىرى ۋەتەنپەرۋەر، قەھرىمان يىگىت شىراقتۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى قەھرىمانى شىراق ئۆزىنىڭ قېنى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى يېزىپ چىققان. ئۇ بىر ئۆزى يالغۇز تۈمەنمىڭ كىشىلىك دۈشمەن قوشۇنىنى ھالاك قىلىپ، ئەزىز ۋەتىنىنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئىشغالىدىن قوغداپ قېلىش ئارقىلىق قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 513- يىلى پارىس ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمدارى دارا- ı ئىسكىت (ساكا) ئىمپېرىيىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ.
بۇ دەھشەتلىك خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە پۈتۈن تۇران زېمىنىغا تارقىلىدۇ. ئۇرۇش تەييارلىقى باشلىنىدۇ. ئون دەريا ۋە توققۇز دەريا ۋادىلىرىدىكى ئىچكى- تاشقى ئوغۇزلارنىڭ بارلىق ئەرلىرى لەشكەرلىككە تىزىملىنىپ قوراللىنىشقا باشلايدۇ. ئوغۇزلارنىڭ بىر تارمىقى- پامىر ئېتەكلىرىدە ياشايدىغان قەبىلە- ساكلار ھەممىدىن بۇرۇن يىغىلىپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان دەھشەتلىك ياۋغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزىدۇ. كېڭەش داۋام قىلىۋاتقان شۇ پەيتتە ياساۋۇل كىرىپ بىر پادىچىنىڭ چېدىرغا كىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى يەتكۆزىدۇ. سورۇن ئەھلى بىر- بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ قېلىشىدۇ. چۈنكى مۇنداق چوڭ بىر سورۇنغا پادىچىنىڭ كېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. ساكلارنىڭ قاغانى «باشلاپ كىر!» دەيدۇ. بارگاھ قورۇقچىسى ھايالشىمايلا بىر كىشىنى باشلاپ كىرىدۇ. ناتونۇش كىشى ئاقساقاللارغا تەزىم بەجا كەلتۈرىدۇ. ئاقساقاللار ناتونۇش پادىچىنىڭ ۋىجىك بويىغا، تىتىلىپ كەتكەن تېرە كىيىملىرىگە كۆز يۈگۈرتىشىدۇ.
— ئاۋۋال ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل! نېمە ئادەمسەن؟ — دەيدۇ ساكلارنىڭ قاغانى.
— مېنى شىراق دېيىشىدۇ، يۇرتۇم مۇز تاغنىڭ شەرقىي يايلاقلىرى، پادىچىمەن.
— سۆزلە، نېمە مۇددىئا بىلەن كەلدىڭ؟!
شىراق يۇقىرى ئاۋازدا مۇددىئاسىنى بايان قىلىدۇ:
— ھۆرمەتلىك قاغانىم ۋە ئاقساقاللارنىڭ نېمە ئىش توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. ياۋ بوسۇغىمىزغا كېلىپ قالدى، بارلىق ئوغۇز ۋە ساكلىرىمىز ئۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ… مەن ساكلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كەمبەغىلى، ئاچ- يالىڭاچ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان خوتۇن- بالىلىرىم بار. ئەگەر سىلەر خوتۇن- بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشقا ۋەدە بەرسەڭلار، مەن ئۆز ھاياتىم بەدىلىگە تاجاۋۇزچى دارا لەشكەرلىرىنى گۇمران قىلىپ مۇقەددەس زېمىنىمىزنى بالايۇ ئاپەتتىن خالاس قىلىمەن!
شىراقنىڭ بۇ مەردانە سۆزلىرى بارگاھ ئىچىنى تىمتاسلىققا چۆمگۈزىدۇ. بىر قىسىم ئاقساقاللارنىڭ مەسخىرىلىك تىكىلگەن كۆزلىرىدىكى سوغ نەزەر شىراقنىڭ شىجائەت، ئىرادە جۇشقۇنلاپ تۇرغان قەلبىگە سوغاق سۇ سېپىپ شۈركەندۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، شىراق تاجاۋۇزچى دۈشمەن ئۆزى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ مۇقەددەس بولغان تۇپرىقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بۇ جىددىي ۋەزىيەتتە چىشنى چىشلەپ جەسۇر قىياپەتتە تىك تۇرىدۇ.
— دېگىنە، لەشكىرىي دارانى قانداق يوقاتماقچىسەن؟
— سەن بىر، ياۋ تۈمەنمىڭ، بۇنى بىلەمسەن؟
— سېنىڭ كۈچۈڭ نېمىگە يېتىدۇ؟!
— سېھىرگەرمۇ يا سەن؟
— ياق، بۇ ساراڭ بولسا كېرەك….
تۇشمۇتۇشتىن ياغقان سوئاللار ئالدىدا شىراق قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرىدۇ.
ئاقساقاللار بىر- بىرىگە قارىشىدۇ. شىراقنىڭ قەتئىي ۋە جەسۇرچە قىياپىتى ئۇلارغا يەتكەن ئىدى.
— خوتۇن- بالىلىرىڭغا بىز ئىگە،- ئاقساقاللار شۇنداق دېيىشىدۇ.
ئەر- خوتۇن بىر- بىرىگە قارىشىدۇ، گەپ- سۆز قىلىشمايدۇ. كۆز ياشلىرى ئارقىلىق بىر- بىرى بىلەن خوشلىشىدۇ.
شىراقنىڭ خوتۇنى ھەدەپ كەينىگە قاراپ يۇم- يۇم يىغلايدۇ. تېخى كىچىك ئىككى بالىسى… .
خەير، قېرىنداشلىرىم! خەير، ئانا زېمىن!!
شىراقنىڭ بۇ يالقۇنلۇق، جاراڭلىق ئاۋازى پۈتۈن ساكلارنىڭ يۈرەكلىرىنى تىترىتىۋېتىدۇ.
شىراق بۇغا مۈڭگۈزىدە ساپلانغان كەڭ ئىنلىق، قوپال، ئۆتكۈر خەنجىرىنى ئالىدۇ- دە، بۇرنىنى، ئىككى قۇلىقىنى كېسىپ تاشلايدۇ، بەدەنلىرىنىڭ نەچچە يېرىنى تىلىۋىتىدۇ. ساكلار بۇ ھەرىكەتتىن چۆچۈپ ۋارقىراپ كېتىشىدۇ. شىراق گويا ھېچنىمە بولمىغاندەك خەنجىرىنى غىلاپقا سالىدۇ، يەرگە ئۈزۈلۈپ چۈشكەن تەن پارچىلىرى دىك- دىك قىلىپ سەكرەپ توختاپ قالىدۇ. شىراقنىڭ بەدىنى قانغا بويىلىدۇ. ئۇنىڭ كىندىك قىنى مۇشۇ زېمىنغا تۆكۈلگەن ئىدى. ئۇ بۈگۈن بۇ زېمىنغا ئىككىنچى قېتىم ئۆز قېنىنى تۆكىدۇ.
شىراق ئۈستبېشىدىكى قان داغلىرىنى سۈرتمەستىن يولىنى داۋام قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئاچلىقمۇ، ئۇسسۇزلۇقمۇ، يول ئازابىمۇ كار قىلمايدۇ. ئۇنىڭغا پەقەت بىرلا مەقسەت كۈچ بېغىشلايدۇ. شۇ كۈچ ئۇنىڭغا ئوزۇق، سۇ، ئارام ئىدى. كۈن چىقىدۇ، پاتىدۇ. كېچە بولىدۇ، تاڭ ئاتىدۇ. ئۇ ئاخىر مەنزىلىگە يېتىپ بارىدۇ.
دارانىڭ شاھانە چېدىرى يېنىدىكى ئېگىز موما ياغاچنىڭ ئۇچىغا پارىس ئىمپېرىيىسىنىڭ تۇغى ئېسىلغان ئىدى. شىراق ئىككى نەپەر لەشكەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا شاھ چېدىرىغا يالاپ ئېلىپ كىرىلىدۇ ۋە تەختكە روبىرو قىلىپ تۇرغۇزۇلىدۇ. ئالتۇن تەختتە مەغرۇر گىدىيىپ ئولتۇرغان دارا شىراقنىڭ مېيىپ- مەجرۇھ قىياپىتىنى كۆرۈپ، قاپاقلىرىنى تۈرىدۇ ۋە ئاۋازىغا ھەيۋەتلىك تۈس بېرىپ: «ئەرزىڭنى ئېيت!» دەپ خىتاب قىلىدۇ.
شىراق شاھ داراغا، ئاندىن تەختنىڭ ئىككى تەرىپىدە مەرتىۋە سالاھىيىتىگە مۇناسىپ ئورۇن ئېلىشقان ۋەزىر- ۋۇزرا ۋە ھەربىي قوماندانلارغا سالام بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن:
— ئەي شاھلارنىڭ شاھى، سەن ئادىلسەن، قۇدرەتلىكسەن! غەزىپىڭدىن تاغلار تىترەيدۇ، دېڭىزلار تاشىدۇ. مەن سېنىڭ ئالەمگە مەشھۇر نام- شەرىپىڭنى، سەلتەنىتىڭنى ئاڭلاپ كەلدىم. ناھايىتى يىراق، ئوغۇزلار ئېلىدىكى ساك قەبىلىسىدىنمەن، ئەي شاھ، ئەرزىمگە قۇلاق سالغىن. مەن ساڭا ئىتائەت ئىزھار قىلىش ئارزۇسىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن، مۇشۇ قىسمەتكە دۇچار بولدۇم. قېرىنداشلىرىمغا: «ئۇلۇغ شاھ دارا ئالىيلىرىغا ئىتائەت قىلايلى، ئەل بولايلى» دېسەم، ئۇلار رەھىمسىزلىك بىلەن بۇرۇن، قۇلاقلىرىمنى كېسىپ تاشلىدى. «خائىن» دەپ ھاقارەتلىدى، ھەتتا ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. پەيت تېپىپ قېچىپ، دەرگاھىڭغا داد ئېيتىپ كەلدىم. مېنىڭ ھالىمغا يەت، ساكلاردىن قىساس ئېلىشىمغا ياردەم بەرگىن. مېنىڭ ئەرز — دادىم شۇ!
دەردمەن بىلەن دادخاھنىڭ كۆزلىرى بىر- بىرىگە ئۇدۇل تىكىلىشىدۇ. شىراق دارانىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇراتتى. شاھنىڭ دائىم قەھرلىك ئۇچقۇنلار چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدە قىزىقىش، ھاياجان ئەكس ئېتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈرۈشتە تېز ئىلگىرىلەش، شۆھرەت، غالىبىيەتنىڭ تۇغىنى يەتتە ئاسماننىڭ قەھرىگىچە لەپىلدىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دەل شىراققا ئوخشاش ئۆز ۋەتىنىدىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەر كېرەك ئىدى.
دارا-ı سەل جىمجىتلىقتىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ تەختتىن چۈشىدۇ. ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ تۇرغان يۇمشاق پايانداز ئۈستىدىن مېڭىپ شىراقنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. ئۆزىگە تەلمۈرۈپ- نىجاتلىق تىلەپ تۇرغان مەجرۇھ قاچقۇننىڭ تۇرقىغا ھېسداشلىق نەزەرى بىلەن تىكىلىدۇ.
— سېنىڭ ئەرز- دادىڭسىزمۇ مەن بەرىبىر ئاشۇ زېمىننى زەبىت قىلىمەن. سەپىرىمنىڭ مەنزىلى سېنىڭ ئېلىڭ. قېنى ئېيتقىنا، تۇران ئېلى ماڭا ياۋاشلىق بىلەن ئىتائەت قىلماسمۇ؟
— قۇدرەتلىك ئۇلۇغ شاھىم،- دەيدۇ شىراق- ساكلار نۇرغۇن خەق، ئۇلار ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلىلەردىن تەركىب تاپقان. ئۇ خەقنىڭ ھېسابىغا سان يەتمەيدۇ. ئۇلار تۇرغان زېمىننىڭ ئۇچ- چېكى يوق. شاھ ئالىيلىرى، ئۇلار ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، ئالدىغا قاراپ قانچىلىك تېز ۋە زەرب بىلەن قىلىچ ئۇرسا، ئارقىسىغىمۇ شۇنچىلىك تېز ۋە چاققان قىلىچ ئۇرىدۇ… مەن كىچىكىمدىن پادا بېقىپ، دالا كېزىپ ئۆسكەچكە، ئۆز ئېلىمنىڭ تاغ، دەريا، يول تۈزۈلۈشىنى بەش قولدەك بىلىمەن. سېنىڭ لەشكەرلىرىڭنى بىخەتەر باشلاپ ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ بىخۇد- بىپەرۋا تۇرغان پەيتىنى تاللاپ ھۇجۇم قىلىشقا كاپالەت بېرىمەن. لەشكەرلىرىڭ يەتتە كۈنگە يەتكۈدەك ئوزۇق، سۇ غەملىۋېلىشى لازىم. ئاچكۆز ئاقساقاللارنىڭ بېشىنى يەپ، ئەلنىڭ ئۇلۇغ شاھ دارانىڭ قولىدا خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن …
داراı- ئالدىدىكى چاقماقتەك سۆزلەۋاتقان شورلۇق پادىچىنىڭ ئۆزىگە كۆرسىتىۋاتقان ساداقەتمەنلىكىنى كۆرۈپ، رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىدۇ ھەم مېيىقىدا كۈلۈپ قويىدۇ.
يارايسەن!- دەيدۇ داراı- خۇشال بولۇپ،- مەن سېنىڭ قىساسىڭنى ئېلىپ بېرىمەن. لەشكەرلىرىمگە سەن يول باشلا، مەن مۇشۇ يەردە قېلىپ، قوماندان رانۇس چاتتىن غەلىبە خەۋىرىنى كۈتىمەن!
ئالىي ھەربىي كىيىم كىيگەن، ئېگىز گەۋدىلىك، سۈرلۈك قوماندان رانۇس چات ئورنىدىن تۇرۇپ، كەينىگە ئۈچ قەدەم شوخشۇيدۇ، ئاندىن: «ئۇلۇغ شاھىمىز ئۈچۈن جېنىم پىدا!» دەپ قەسەمياد قىلىدۇ.
شاھ دارا ئادەملىرىگە بۇيرۇپ شىراققا ئۇستا ئاتچىلارنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەن بىر قۇلا ئارغىماق سوغا قىلىدۇ.
ئىران لەشكەرلىرى مىنگەن ئاتلارنىڭ تۇيىقى تەگكەن تاش- شېغىللار غېجىلىپ ئۇپرايتتى. تۇياقلار ئاستىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق، سېرىق چاڭلار ئاسمان- پەلەكنى قاپلاپ، كۈن نۇرىنى توساتتى. بوراندەك دەۋرەپ كېلىۋاتقان لەشكەرلەرنىڭ باش- ئاخىرىغا كۆز يەتمەيتتى.
بىرىنچى كۈنى يول يامان بولمىدى، تېز- تېز ئوتلاقلار ئۇچراپ تۇردى. ئىككىنچى كۈنى تەبىئەت ئۆزگىرىپ، قاغجىرىغان ئوتلار ئاندا- ساندا ئۇچرايدىغان بولدى. ئۈچۈنچى كۈنى قۇرۇق چۆل، دەشتى باياۋان باشلاندى. لەشكەرلەرنىڭ لەۋلىرى قۇرۇشقا باشلاپ، كۈندىن- كۈنگە ئەھۋال ئېغىرلىشىشقا يۈزلەندى. ئىران لەشكەر بېشى رانۇس چاتنىڭ تاقىتى- تاق بولدى. ئۇ شىراقتىن گۇمانلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ قىلىچىنى شىراقنىڭ بوينىغا تەڭلەپ تۇرۇپ:
— «سىنىڭ ئېلىڭگە يەتتۇقمۇ؟ يەنە قانچىلىك يول ماڭىمىز؟! بىزنى خەتەرگە باشلىدىڭمۇ-
نېمە؟!» دەيدۇ.
شىراق جاۋاپ بېرىپ:
— «لەشكەرلىرىڭ بوش، چىدامسىز ئىكەن، يەنە قانچىلىك يول ماڭىمىز دەيسەنغۇ؟
ئالدىمىزدىكى مۇشۇ قۇملۇقتىن ئۆتسەكلا ساكلارنىڭ بۇرنى ئاستىدىن چىقىمىز. ماڭا قىلىچ
تەڭلەۋاتامسەن؟ ئۆز قېرىنداشلىرىمغا- ساكلارغا ياخشىلىق قىلاي دېسەم ئۇلار قۇلاقلىرىمنى، بۇرنۇمنى كېسىۋەتتى. ئەمدى شاھ دارا ئالىيلىرىغا كۆرسەتكەن ساداقىتىم بەدىلىگە سەن قوپۇپ بوينۇمنى كەسمەكچىمۇ؟ مەن كىمگە ياخشىلىق قىلسام، كىمگە ۋاپا قىلسام شۇنىڭدىن ماڭا جاپا كېلىۋاتىدۇ…».
شىراق ئاغزىدا شۇنداق دېسىمۇ، رانۇس چاتنىڭ راستىن ئۆلتۈرۈۋېتىشىگە ئىشەنمەيتتى. چۈنكى، بۇ سائەتتىن كېيىن پۈتۈن كىيانيان لەشكەرلىرىنىڭ تەقدىرى شىراققا باغلىق بولۇپ قالغان ئىدى.
رانۇس چات بىردىنلا يۇمشاپ قالىدۇ، بوشايدۇ، مۇلايىملىشىدۇ… . ئۇنىڭ ئالدىدا شىراق كۆرسەتكەن چەكسىز قۇملۇق نامايەن بولىدۇ.
سەپەرنىڭ يەتتىنچى كۈنى ساكلارنىڭ ئۆزى تۈگۈل سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. پۈتۈن ئەتراپ گويا چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرىغا ئايلانغان ئىدى.
رانۇس چات بۇ ۋاقىتقا كەلگەندىلا ئالدانغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. ئۇ:
— «سەن بىزنى بۇ چۆلگە ئالداپ ئەكىرىپ ھالاكەت گىردابىغا باشلىماقچىمۇ؟» دەيدۇ، شىراققا دىۋەيلەپ.
…..

بۇ ۋاقىتتا رانۇسچاتنىڭ نېرۋا سىستېمىلىرىدا غەلىتە، ئاجايىپ قورقۇنچلۇق تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. ئۇ، قەھر- غەزەپ يالقۇنىدا قىزارغان، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، شىراققا ۋارقىرايدۇ:
— ئەي تېگى پەس، ئىپلاس! شاھىمىز ئالدىدا قىلغان ۋەدەڭگە ئەمەل قىلمىدىڭ، بىزنى ئالدىدىڭ! بىزنى ساكلارنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى بارسا كەلمەس يولغا باشلاپ كەپسەن. ئوزۇق، سۇمۇ تۈگىدى. يەم- خەشەكمۇ يوق. ئېيتە، ساك لەشكەرلىرى نەدە؟ ئەي ئالدامچى!
— ھا … ھا … ھا…!
باتۇر شىراق ئۆز مەقسىتىنىڭ بۇنداق توسالغۇسىز ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەن ئىدى.
— مەن يەڭدىم! يالغۇز بىر ئۆزۈم ئانا تۇپرىقىم تۇران زېمىنىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى دەپنە قىلدىم. لەكمىڭلىغان تاجاۋۇزچى ئىران لەشكەرلىرىنى ھالاكەتكە ئېلىپ كەلدىم، پايانسىز قۇملۇققا دەپنە قىلدىم! ئەي رانۇس چات ئەنە كۆر، بۇ- ئۇلۇغ تەكلىماكان قۇملۇقى. سەن ھازىر دەل شۇ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋاتىسەن. تۆت تەرەپنىڭ قايسىسىغا ماڭساڭمۇ، بەرىبىر يەتتە كۈنلۈكتىن يول. ئوزۇقۇڭ، سۈيۈڭ تۈگىدى. ئەمدى خالىغان تەرەپكە ماڭ، بەرىبىر ھالاك بولىسەن. مېنى ۋەدەڭگە ئەمەل قىلمىدىڭ، دەمسىنا! مەن ئۆز خەلقىم، ئانا ۋەتىنىم ئالدىدا قىلغان ۋەدەمگە ئەمەل قىلدىم.
چەكسىز ئىزتىراپقا چۈشكەن رانۇسچات قىلىچىنى شارتتىدە سۇغۇرۇپ مەغرۇر قىياپەتتە قاراپ تۇرغان شىراققا قىلىچ چاپىدۇ. شىراقنىڭ كاللىسى قۇم ئۈستىگە چۈشىدۇ، تېنىمۇ غۇلاپ چۈشىدۇ. ئۇنىڭ قېنى ئۈچىنچى قېتىم ئۆز تۇپرىقىغا تۆكۈلىدۇ …
شۇنداق قىلىپ ۋەتەنپەرۋەر، قەھرىمان شىراق بىر ئۆزى قۇربان بېرىش بەدىلىگە لەكمىڭ كىشىلىك زور ئىران قوشۇنىنى تەكلىماكان چۆلىدە ھالاك قىلىپ تۇران زېمىنىنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئىستىلاسىدىن ساقلاپ قالىدۇ.
شىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ھەقىقىي بىر شەخسىيەتتۇر.
…..