Psixologiyalik urush heqqide néme bilimiz?-UEY da

پسىخولوگىيالىك ئۇرۇش ھەققىدە نېمە بىلىمىز؟

پسىخولوگىيالىك مەغلۇبىيەت – ھەقىقىي مەغلۇبىيەت

ھەربىي مەخسەتتىكى پسىخىكىلىق تەسىر قىلىش ئۇسۇللىرى قېدىمكى دەۋىرلەردىن تارتىپلا ۋۇجۇتقا كەلگەن بولسىمۇ، ئامما زامانىۋىي پسىخولوگىيالىك ئۇرۇش خخ ئەسىردىلا بارلىققا كەلگەن ۋە شەكىللەڭەن. پسىخولوگىيالىك ئۇرۇش ھەربىي ئۇرۇش دەۋرىدىمۇ، تىنىچ ھاياتتىمۇ ژۈرگۈزىلىدۇ. بىرىنچى دۇنىيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، دۈشمەڭە بولغان فىزىكىلىق تەسىرنىڭ ئىنتايىن قىممەت توختايدىغانلىغى ئايدىڭلاشتى. جىسمانىي ئۇسۇلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەربىي غەلىبە ئادەم كۈچى ۋە تېخنىكا، قۇرال-جابدۇق،ئۈسكۈنىلەرنىڭ، ئۇرۇش ژۈرگۈزۈلگەن زىمىننىڭ (تېررىتورىيانىڭ) زىيانغا ئۇچرىشى بەدىلى ھېساۋىغا كېلىدۇ. ھەتتا تەجاۋۇزچىنىڭ ئۆزى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن زامانىۋىي قۇراللارنى ئىشلەتكەن ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ جىسمانىي(ھەربىيلىرىنىڭ چىقىمى) ياكى ماددىي (ھەربىي تېخنىكا، ئىختىسادىي)زىيانغا ئۇچراش ئېھتىماللىغى ژۇقۇرى بولىدۇ. جىسمانىي ۋە ئىختىسادىي ئۇرۇشلار قارشى تەرەپنىڭ تەشكىللەڭەن قارشىلىغىنى ۋە كىشىلەرنىڭ روھىي ژەھەتتە تەجاۋۇزچىغا قارشى سەۋىيەنىڭ يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۈمكۈن. بۇ بولۇپمۇ تەجاۋۇزچى ئۈچۈن قىممەتكە توختاپ، جىسمانىي ۋە ئىختىسادىي زىيانغا ئېلىپ كېلىدۇ.
جىسمانىي ئۇرۇشتا كىشىلەرنىڭ ھالاك بولۇشىنى ، بەلگۈلۈك يېرىنى تارتقۇزۇپ قويۇشنى تولۇق مەغلۇبىيەت دېگىلى بولمايدۇ .( ئىككىنچى دۇنىيا ئۇرۇشى دەۋرىدە كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى دەسلەپكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى مىسالغا كەلتۈرسەك بولىدۇ.) ئىنسانلار مەنىۋىي دۇنىياسىدا روھىي تەسلىمىچىلىككە بېرىلگەن ۋاقىتتىلا رەقىۋىنىڭ غالىبىيەتكە يېتىشىگە ئىمكانىيەت بېرىدۇ. دېمەك،كىشىلەر پەقەت پسىخولوگىيالىك ئۇرۇشتىلا مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ پسىخىكىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ، شۇنداق بولغاندا ئۇ ئىتاەتچان ۋە سادىق قۇلغا ئايلىنىدۇ. پسىخولوگىيالىك ئۇرۇش كەڭ كۆلەملىك پسىخىكا تەسىرى ئارقىلىق رەقىبىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، دۇنىياغا بولغان كۆز -قارىشىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆزلۈگىنى يوقىتىش ، روھىنى سۇندۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەسلىم بولۇش جەرىيانىنى باشلايدۇ.
پسىخولوگىيالىك ئۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئۇرۇشتىن مەنپىيەت ئىزدەيدىغانلار ئۈچۈن بىر قەدەر بېخەتەر بولۇپ ، قارشى تەرەپنىڭ بەدىلىگە يەنى «گۆشنى ئۆز يېغىدا قورۇش» يۆنىلىشىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، چۈنكى دۇنىيا قارىشى، مەنىۋىي پرىنسىپلىرى بۇزۇلغان كىشىلەر يېڭى ئەۋلاتلارنى كۆپەيتىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئالدىنقى ئەۋلاتلارغا قارىغاندا ساپاسىز، روھسىز، ئۆزلۈك ئېڭى تاشقى تەسىرگە ئوڭاي ئۇچرايدىغان بولىدۇ.ئەۋلات ئالماشقانسېرى، ساپامۇ، قەدرىيەتلەرمۇ ئۆزگىرىدۇ. پسىخولوگىيالىك ئۇرۇش ژۈرگۈزگۈچى نىشانغا ئېلىنغانلارنىڭ تېنى ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسى، تەپەككۈرى ئۈچۈن ژەڭ ئېلىپ بارىدۇ.

پسىخولوگىيالىك-ئەخباراتلىق ئۇرۇش

كەڭ كۆلەملىك پسىخولوگىيالىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى بېۋاسىتە تەشۋىقات-تەرغىبات ماشىنىسىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە باغلىق. پەقەت 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ، ئەخبارات ۋاسىتىلىرى دۇنىيادىكى بارلىق ئىختىسادىي تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ كەڭ تارقالغان ۋە ئىنتايىن مۇھىم ئېلېمېنتىغا ئايلاندى. شۇڭلاشقا ئەخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەربىي مەخسەتتە ئىشلىتىلىشى مۇقەررەر ئېدى. 90-ژىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ، قۇراللىق كۈچ ئىشلەتمەي رەقىۋىگە زەربە بېرىشتە ئەخبارات جېڭىنىڭ رولى ۋە ئورنى ئۇنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن يېڭى تىپتىكى ستراتېگىيالىك ئۇرۇش ئېكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى. تەتقىقاتچىلار ئەخبارات ئۇرۇشىنىڭ تېخنىكىلىق (ئەخبارات ۋاسىتىلىرىنى كاردىن چىقىرىش ۋە ھاكازا)ئۇسلۇبلىرىدىن بۆلەك ئىنسان پسىخىكىسىغا ، ئاڭ-سەۋىيەسىگە ئەخبارات-ئۇچۇر ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشنى پسىخولوگىيالىك ئۇرۇشنىڭ بىر كۆرۈنۈشى رېتىدە قاراپ، پسىخولوگىيالىك-ئەخباراتلىق ئۇرۇش دەپ ئاتاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. زامانىمىزدىكى پسىخولوگىيالىك-ئەخباراتلىق ئۇرۇشنى دۆلەتلەر بىر-بىرى بىلەنلا ئەمەس ھەتتا ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ھاكىمىيەتكە ئىنتىلغان ئايرىم سەياسىي توپلار بىلەن ھەم ھۆكۈمەت تىزگىنىنى تۇتقانلار(دىكتاتورلۇق ئەللەردە) ئۆز خەلقى بىلەن ژۈرگۈزۈشى مۈمكۈن.
مەزكۈر پسىخولوگىيالىك-ئەخباراتلىق ئۇرۇشنىڭ ئوبئېكتى بولغان دۆلەتتە مەنپىيەتدار كۈچلەر تەرىپىدىن تۆۋەندىكى ۋەزىيەتنى يېتىلدۈرۈش مەخسەت قىلىنىدۇ:
— مەناۋىيەت ۋە ئەخلاقسىزلىق كەيپىياتىنى يارىتىش ، رەقىبىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا پاسسىۋ، سەلبىي كۆز-قاراش شەكىللەندۈرۈش،
— سەياسىي تۇراقسىزلىق ۋە قالايمىقانچىلىقنى مەخسەت قىلىپ ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىماىي توپلارنىڭ ئاممىۋىي ئاڭ-سەۋىيەسىنى ۋە سەياسىي يۆنىلىشىنى نازارەت قىلىش
— زىددىيەتنى قوزغاش ، ئىشەنچىسىزلىك ، گۇمان قوزغاش ، سەياسىي ۋەزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇش ، سەياسىي پاالىيەتچىلەرگە نىسبەتەن ھاكىمىيەت تەرەپتىن قىسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىغۋالار ئۇيۇشتۇرۇش ، پارتىيالەر ، جەمىيەتلەر ۋە ھەرىكەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سەياسىي مۇناسىۋەتنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش،
— ھۆكۈمەت ۋە باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ئەخبارات قوللىنىش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىش مەخسىتىدە ، خاتا باشقۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىش
— دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا خاتا ئەخبارات ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا ، ئابروي-ئىناۋىتىگە دەخىل يەتكۈزۈش ، باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى كامسىتىش ؛
— ئىجتىماىي ، سەياسىي ، مىللىي ۋە دىنىي توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىش،
— ئىش تاشلاش ، توپىلاڭ ۋە باشقا نامايىشلارنى باشلاشقا زەمىن يارىتىش،
— مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مۇھىم قارار چىقىرىشىدا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇش،
— دۆلەتنىڭ خەلىقارادىكى ئابروي-ئىناۋىتىگە ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىغىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش.
— دۆلەتنىڭ سەياسىي ، ئىختىسادىي ، مۇداپىە ۋە باشقا ساھالاردىكى مۇھىم مەنپىيىتىگە زىيان يەتكۈزۈش

ئۈچ دۆلەتنىڭ پسىخولوگىيالىك-ئەخباراتلىق ئۇرۇش مەكتىۋى

زامانىۋىي دۇنىيا باشقىچە بولۇپ كەتتى. ماارىپ ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. لېكىن ئىنساننىڭ قورشىغان مۇھىتقا، ۋاقىەلەرگە، ئەخباراتقا نىسبەتەن بىلدۈرىدىغان ھىس-تۇيغۇسى، ئېموسىانال ھالىتى ھەرگىز ئۆزگەرگىنى يوق.
ئاڭ-سەۋىيە ئۈچۈن ژۈرگۈزىلىدىغان ستراتېگىيالىك ئۇرۇش ئارقىلىق خام ئەشىيا ۋە بازارنىڭ مەنبەسىنى ئېگىلەش ، ئىختىسادىي رىقابەتچىلىرىنى يوقىتىش ، مۇستەملىكىچى ۋە يېرىم مۇستەملىكىچى دۆلەتلەردىكى ئازاتلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ، ئۈچىنچى دۇنىيا ئەللىرىدىكى دۆلەت مەنپىيىتى بار شىركەتلەرنىڭ كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سەياسىي «ئويۇنلارنىڭ» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىغىنى ھېچ كىم ئوچۇق-ئاشكارە ئېيتالمايدۇ. پسىخولوگىيالىك ئۇرۇشنىڭ قۇۋلۇق-شۇملۇقلىرى بۈگۈنكى كۈڭىچە مەخپىي رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ. پسىخولوگىيالىك ئۇرۇش ھەر قانداق ۋاقىتتا (مەيلى ھەربىي ياكى تىنچلىق دەۋرىدە) ۋە ھەر قانداق جايدا ، مەسىلەن ئۇرۇش ژۈرگۈزۈلۈۋاتقان سەپتە ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئارقا سېپىدە بولىدۇ.
باشتا تەكىتلىگىنىمىزدەك، پسىخولوگىيالىك ئۇرۇش — پسىخىكا ئالاھىدىلىگىنى ( پىكىر ، كۆز- قارىشى ، كەيپىياتى ، مۇددىا ، مەۋقە ، ھەرىكەت يۆنىلىشىنى، مۈجەز-خۇلقىنى) كۆزلىگەن يۆنىلىشكە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا بەلگۈلۈك ئىجتىماىي توپ ياكى بىر خەلىقنىڭ مەنىۋىي قوزۇغىنى ، ئاممىۋىي كەيپىياتىنى ۋە ئاممىۋىي ئاڭ –سەۋىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

21-ئەسىردە ئۈچ چوڭ دۆلەت دۇنىياغا ھەربىي پسىخولوگىيادىن ئىبارەت ئۈچ مەكتەپنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرقى دۇنىيا سەھنىسىدە بۇ ئۈچ مەكتەپنىڭ، ئۈچ دۆلەتنىڭ پسىخولوگىيالىك-ئەخباراتلىق ئۇرۇشلىرىنىڭ يارقىن كۆرۈنۈشلىرى ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا.
1.شەرىق مەكتىۋى – خىتاي خەلىق جۇمھۇرىيىتى
مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكرىچە،بۈگۈنكى كۈندە خىتاي پسىخولوگىيالىك-ئەخباراتلىق ئۇرۇشنىڭ قىر-سىرلىرىنى مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرگەن دۆلەتنىڭ بىرى.دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، تاشقى دۇنىيادىمۇ پسىخولوگىيالىك-ئەخباراتلىق تەسىر قىلىش ئامىللىرىنى ئۆز مەنپىيىتى ئۈچۈن ئوڭۇشلۇق ژۈرگۈزىۋاتقىنىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى رېتىدە مۇتەخەسىسلەر بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن تا موشۇ كۈڭىچە تەيۋەننىڭ مۇستەقىل دۆلەت رېتىدە ئېتىراپ قىلىنمىغانلىغىنىنى مىسالغا كەلتۈرىدۇ.
2.غەرىپ مەكتىۋى – ئاقش.
ۋئېتنام ئۇرۇشىدىكى پسىخولوگىيا ۋە ئەخبارات مەيدانىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئاقش بۇ ساھاغا ئالاھىدە نەزەر ئاغدۇرۇپ، كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. ناتو بىلەن بىرلىكتە يۇگوسلاۋىيادىكى ، 90-ژىللاردىكى پارس قولتۇغىدىكى، ئاۋغانستاندىكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە پسىخولوگىيالىك-ئەخباراتلىق ئۇرۇش ئۇسلۇبلىرىنى ماھىرلىق بىلەن پايدىلاندى. ئاقش ۋە ئىزراىل تەرىپىدىن ئىراق، سىرىيادىكى توقۇنۇشلاردا پسىخولوگىيالىك-ئەخباراتلىق ئۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. ئىران بىلەنمۇ موشۇ كۈڭىچە پسىخولوگىيالىك ۋە ئەخباراتلىق جەھەتتىن ئۇرۇش ژۈرگۈزمەكتە.
3.روسسىيا مەكتىۋى.
كېڭەش ئىتتىپاقى دەۋرىدە شەكىللەڭەن، دۇنىيادا ئالاھىدە تەسىر كۈچىگە ئېگە بولغان مەكتەپنىڭ ۋارىسى بولغان روسسىيا پسىخولوگىيالىك –ئەخبارات «ئويۇنىدا» ئەڭ چوڭ «ئويۇنچىلارنىڭ» بىرى ھېساپلىنىدۇ.
چوڭ ئەۋلاتنىڭ يادىدا بولسا كېرەك، «سوغ مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەۋرىدە كېڭەش ئىتتىپاقى بىلەن غەرىپ ئەللىرى ۋە ئاقش ئارىسىدا ھەقىقىي مەنىدە پسىخولوگىيالىك-ئەخباراتلىق ئۇرۇش ژۈرگۈزۈلدى.سوسىالىستىك لاگېر بىلەن كاپىتالىستىك لاگېر ئارىسىدىكى ئىدېالوگىيالىك ئۇرۇش «سوسىالىزمنىڭ» ھۇلىنى تىكلىگەن قىزىل ئىمپېرىيانىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئاياقلاشتى.
_ئىككىنچى دۇنىيا ئۇرۇشى دەۋرىدە گېرمانىيا ئىتتىپاقدىشى ياپونىيا بىلەن خەلقىنىڭ مەلۇم قىسمىنى تەجاۋۇزچىلىق قانلىق ئۇرۇشقا پسىخولوگىيالىك جەھەتتىن تەييارلاشقا نەق پسىخولوگىيالىك قۇرالنىڭ ئامىللىرىنى پايدىلانغان.
ھازىر پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئىنسانىيەت پسىخولوگىياسىگە غوجايىنلىق قىلىشنى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى ئاتوم-يادرو قۇراللاردىنمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا چىقارماقتا. ئىنسانلارنىڭ پسىخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان روھىي كۈچ ۋە ئېنېرگىيا، ئەخباراتلارنى ئىشلىتىش بىلەن روھىي ۋە ئەخلاقىي ھالىتىگە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش بەدىلىگە كۆزلىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش كېتىپ بارىدۇ.

پسىخولوگىيالىك قۇرال

پسىخولوگىيالىك قۇرالنىڭ ئەخباراتلىق-پسىخولوگىيالىك، پسىخوترونلۇق،پسىخوفىزىكىلىق، پسىخوتروپلۇق، ، سوماتو-پسىخولوگىيالىك تۈرلىرى بار ئېكەن.
بىزگە ياخشى مەلۇم ئەخباراتلىق-پسىخولوگىيالىك تۈرىگە باسمىخانا ، مەتبە ماتېرىاللىرى(كىتاپلار، بروشيۇرىلار)، ئاممىۋىي ئەخبارات ۋاسىتىلىرى (تېلېۋىدېنىې،رادىو،گېزىت-ژۇرناللار)، كىنو ، ئىنتېرنېت رېسۇرسلىرى(ئىجتىماىي تاراتقۇلار، فورۇم ۋە چاتلار، مەخسۇس سايتلار) كىرىدېكەن. ئەندى پسىخوترونلۇق تۈرىگە ياتىدىغان كومپيۇتېر تېخنولوگىياسى (كومپيۇتېر ئويۇنلىرى ۋە ۋىرتۇال رېاللىق) ھەققىدە بىر-ئىككى ئېغىز سۆز.
بۈگۈنكى كۈندە كومپيۇتېر تېخننولوگىياسىنىڭ پسىخولوگىيالىك تەسىر ساھاسىدىكى ئەڭ ژۇقۇرى نەتىجىسى ۋىرتۇال رېاللىق بولۇپ ، ئۇ ئىنسان پسىخىكىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا بۆسۈپ كىرىپ ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئېڭىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلالايدىغان دەرىژىگە يەتتى.
كومپيۇتېر ئويۇنلىرى ئويناۋاتقان ئادەمنىڭ پسىخىكىسىدا ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۈمكۈن. بۇ ئويۇنلار مەلۇم پروگرامما ئارقىلىق ئاڭنى بەلگۈلۈك يۆنىلىشكە سېلىشى مۈمكۈنلىگىنى پسىخولوگلار تەكىتلىمەكتە. بۇنداق ئويۇنلاردىن كېيىن نۇرغۇن بالىلار روھىي زەخمىلەنمەكتە.مەسىلەن، ھەر كۈنى ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى كومپيۇتېردا قۇرال بىلەن تىرىك نىشانغا ئوق ئېتىپ ئوينايدىغان بالا ئۈچۈن ئىنسان ئۆلۈمى چوڭ پاجىە رېتىدە قارالمايدىغانلىغىنىنى، شۇنداق كومپيۇتېر ئويۇنىدا تەربىيىلەڭەنلەرنىڭ قولىغا ھەقىقىي قۇرال چۈشىدىغان بولسا، خۇددى ۋىرتۇال دۇنىيادا كۆرگىنىنى قايتىلىشى مۈمكۈنلىگى ھەققىدە ئېيتىلماقتا. ۋىرتۇال دۇنىيادا تەربىيىلەڭەنلەر ھەقىقىي رېال دۇنىيانىڭ قەدرىيىتىنى ئىلغا پەرىق قىلالماسلىغى مۈمكۈن.
بىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ئىنتېرنېت مۇھىم ئورۇن ئېگىلىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرى بىلەن خوۋۇپ –خەتىرىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئىنتېرنېت ئۇرۇشلىرى ،ئۇنىڭدا پايدىلىنىدىغان ئۇسلۇبلار ئۆز ئالدىغا بىر ماۋزۇ بولۇپ، بۇ ھەقتە كەلگۈسىدە ئېيتىلىدۇ.

سۇنسزى تەلىماتى
مىلادىدىن ئىلگەركى VI ئەسىردە ياشىغان خىتاي ھەربىي كوماندانى سۇنسزىنىڭ كەسپىي تەشكىللەڭەن پسىخولوگىيالىك ئۇرۇشنى قانداق ژۈرگۈزۈش ھەققىدە ئېيتقان كۆرسەتمىلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ پايدىلىنىلماقتا.

1.

رەقىۋىڭىزنىڭ دۆلىتىدىكى بارلىق ياخشىلىقلارنى مەھكۈملىككە ئىشتىرىڭ
2.

رەقىۋىڭىزنىڭ داڭلىق ئەرباپلىرىنى جىناىي ئىشلارغا قاتناشتۇرۇڭ.
3.

دۈشمەن رەھبەرلىگىنىڭ ئابروي-ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇزغۇنچىلىق ژۈرگۈزۈپ. ، ھاجەت پەيتتە كۆپچىلىك ئالدىدا رەسۋا قىلىڭ.
4.

بۇ مەخسەتتە ئەڭ رەزىل ۋە ئەڭ پەس كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىڭ.
5.

سىزگە دۈشمەن بولغان دۆلەتنىڭ پۇخرالىرى ئارىسىدا جېدەل-ماجرا ۋە توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىڭ.
6.

ياشلارنى ياشانغانلارغا (چوڭلارغا) قارشى تۇرۇشقا ئۈندەڭ.
7.

رەقىۋىڭىز ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە بارلىق ئاماللار بىلەن ئارىلىشىڭ.
8.

بارلىق ئاماللار بىلەن دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلاردىكى تەرتىپنى بۇزۇڭ.
9.

دۈشمەن جەڭچىلىرىنىڭ ئىرادىسىنى مەزمۇنسىز ناخشا ۋە مۇزىكا بىلەن باغلاڭ.
10.

قارشى تەرەپنىڭ بارلىق ئەنئەنىلىرىنى قىممەتسىزلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بولغان ئىشەنچە -ئېتىقاتىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن قولدىن كېلىشىچە تىرىشىڭ.
11.

چىرىكلىكنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يېنىك مۈجەزلىك ئاياللارنى ئەۋەتىڭ.
12.

ئەخبارات ۋە شېرىكلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سوغىلارنى ، پۇل ۋە ۋەدىلەرنى ئايىماڭ ، چۈنكى ئۇلار ئەلا نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

مەنىۋىي ئازدۇرۇش قۇرالىغا ئايلاندۇرۇش
ھەممە نەرسە-مەخسەت-مۇددىاغا باغلىنىشلىق بولغاچقا پسىخولوگىيالىك قۇرالنى رەزىل نىيەتتە قوللىنىدىغان سەياسىي تۈزۈم، سەياسىي كۈچلەر،جىناىي توپلار بولۇشى مۈمكۈن.
پسىخولوگىيالىك-ئەخباراتلىق قۇرالنىڭ تەسىرى قىسقا ياكى ئۇزاق مۇددەتكە مۆلچەرلەڭەن بولىدۇ.
قىسقا مۇددەتكە مۆلچەرلەڭەن ئامىللار ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆز مەنپىيىتىگە ماسلىشىدىغان نەتىجىگە يېتىشتۇر. بۇ ئاساسەن ھەر خىل سايلام جەرىيانىدا سەياسىي تېخنولوگلار تەرىپىدىن پايدىلىنىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەتكە مۆلچەرلەڭەن تەسىرنىڭ يۆنىلىشى ئەۋلات ئالمىشىش قانۇنىيىتىگە قارىتىلىدۇ. ئادەم-سەۋىيەگە، ئەقىل-ئىدرەككە ئېگە يېگانە مەخلۇق. ئەژداتلىرى سەۋىيە جەھەتتىن قانچە تۆۋەنلىگەنسىرى، ئەۋلاتلىرى شۇنچە ئاڭ جەھەتتىن ئاجىز بولىدۇ. سەۋىيەسى مۇقۇم ئەمەس ئەۋلات تېخىمۇ ساپاسىز ئەۋلاتنى دۇنىياغا ئېلىپ كېلىدۇ. مانا بۇ ئەڭ خەتەرلىك يېرى.
ئۇزاق مۇددەتلىك پسىخولوگىيالىك «جەڭ» تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا مەركەزلىشىدۇ.
1.

تىل.
تارىختىن مەلۇم بولغىنىدەك، توتالىتارلىق تۈزۈم ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەتلەردە ئاز سانلىق خەلىقلەرنىڭ تىلى چوڭ تەھدىتلەرگە ئۇچرىدى. تىلىنى يوقاتقان مىللەت –يوقالغان، تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەن مىللەت.

2.

مەدەنىيەت
مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە مىللىي ئەنئەنىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان ئامىل بىلەن زەربە بېرىش ئارقىلىق ياش ئەۋلات ئۈچۈن ئاتقۇرىدىغان ئەھمىيىتىنى يوقىتىش. ئىپتىخارلىنىش، مەغرۇرلىنىش سىمۋولىغا ئايلانغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ رولىنى تۆۋەنلىتىش.

3.

تارىخ
تارىخىي ۋاقىەلەرنى بۇرمىلاش ئارقىلىق خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىش. يېڭى ئەۋلات نەزەرىدە تارىخىي شەخسلەر بىلەن تارىخىي ۋاقىەلەرنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشۈرۈش. تارىختىكى ئەينى ئورنىنى بەلگۈلەيدىغان تارىخىي فاكت، دەلىل-ئىسپاتلارنى يوق قىلىش.
مىللىي قەھرىمانلىرى بىلەن مىللىي ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن خاتا كۆز-قاراش شەكىللەندۈرۈش.
بىر يازغۇچىمىزنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا،«غالىپلار تارىخنى مەغلۇپلارنىڭ دۈمبىسىدە يازىدۇ.»

4.

دىن
90-ژىللاردىن كېيىن كېڭەش ئىتتىپاقى تەركىۋىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز مۇستەقىللىگىنى ئالغاندىن كېيىن «كوممۇنىزم چاڭگىلىدىن» قۇتۇلغان ئىسلام دىنىغا ئاىت ئىشلار باشقىچە تۈس ئالدى. ئېتىقات ئەركىنلىگى بىلەن كەلگەن ئىجابىي ئىشلار بىلەن بىر قاتاردا دىنىمىزدا تۈرلۈك-تۈمەن دېسترۇكتىۋ ئېقىملار پەيدا بولدى. ئىسلام دىنىنى مۇتەخەسىسلەر ئادەملەرنىڭ تىل ياكى گېوگرافىيالىك ئورۇنلىشىشى جەھەتتىكى ئايرىمچىلىغىغا قارىماي، بىرلەشتۈرىدىغان، ئەدەپ-ئەخلاققا چاقىرىدىغان، مىللىي كىملىگى زەربىگە ئۇچرىغان مىللەتنى ئاسسىمىلياسىيادىن ساقلايدىغان دىن ئېكەنلىگىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە. بىراق 21-ئەسىردە ئىسلام دىنى پسىخولوگىيالىك ئۇرۇشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى. نەتىجىدە ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان «ئىسلام تېرورىزمى» دېگەن ئۇقۇم ئىنسانىيەت ئېڭىدا ھاسىل بولدى.
مىللەتنى مىللەت قىلىدىغان تىل، مەدەنىيەت، تارىخ . مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى تەمىنلەيدىغان سەياسىي مۇھىت، مەلۇم تارىخىي شاراىتنىڭ مۇھىملىغىنى ياخشى چۈشىنىمىز. ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ ھەممىسىنى سىرتقى ئامىللارغا ئارتىپ، ئىچكى ئامىللارغا كۆز ژۇمۇۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
ئامما «مىللىي روھ چۈشكۈنلىگى»، «مىللىي غۇرۇر يوقاۋاتقانلىغى» ھەققىدە سۆز قىلغاندا شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدىكى مۇھىم باسقۇچلارنىڭ ئىجتىماىي-سەياسىي كۆرۈنۈشىگىلا ئەمەس ۋەزىيەتنىڭ، ۋاقىەلەرنىڭ پسىخولوگىيالىك تەسىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.
رۇس يازغۇچىسى ل.ئۇلىسكايا ئوكتيابر ئىنقىلاۋىدىن كېيىن گراژدانلار ئۇرۇشى، 30-ژىللاردىكى تەقىپلەشلەر، ئىككىنچى دۇنىيا ئۇرۇشى ئەڭ بەقۇۋەت، ئەقىللىق، سەرخىل ئەزىمەتلىرىنىڭ ھاياتىنى قىيىپ، رۇس خەلقىنىڭ گېنوفوندىنى ئاجىزلاتقىنىنى يازىدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ژەمىيەتنىڭ تەربىيە كۆرگەن ، ئەڭ سەمىمىي ، ئالىيجاناپ ، تاللانغان بۆلىگى بولشېۋىك داىرىلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىغىنى ئۈچۈن گراژدانلار ئۇرۇشىدا ھالاك بولىدۇ. «كوللېكتىۋىزاسىيا ژىللىرى ئەڭ ئىشچان مىللىونلىغان دېخان ھاياتىنى ئېلىپ كېتىدۇ. ھاياتتىن كەتكەنلەر بىلەن بىللە گېنمۇ تەرك ئېتىدۇ.
پارتىيانىڭ تەقىپلەشلىرى كىمنى تاسقاۋەتتى؟ ئۆز كۆز- قارىشىنى قوغداشقا جۈرەت قىلالايدىغانلار بىلەن مەنىۋىي دۇنىيا ئېگىلىرىنى، زىيالىلارنى،ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەرىپەتپەرۋەرلەرنى سىستېمىلىق ھالدا يوقاتتى
ئىككىنچى دۇنىيا ئۇرۇشىدا ھەربىي خىزمەتكە يارامسىز بولۇپ قالغانلار بىلەن قېرىلار، ناكالارلا ئۇرۇشتىن ئامان قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەۋلات قالدۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ.
تەقىپلەشلەر دەۋرىدە قايسى ئىنسانىي خىسلەتلەر شەخسكە ياشاش پۇرسىتىنى ياراتتى؟
ئەقىلمۇ؟ تالانتمۇ؟ ئۆزىنى قەدىرلەشمۇ؟ ئەخلاقمۇ؟ ياق!
بۇ خىسلەت ئېگىلىرى يە دۆلەتتىن كېتىپ قالدى ، يە يوق قىلىندى.
ياشاشقا، ئامان قېلىشقا قانداق سۈپەتلەر تۆھپە قوشتى؟
ئېھتىياتچانلىق. مۇناپىقلىق، ئەخلاقسىزلىق. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىزلىك.
ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، ھەر قانداق يارقىن ئىنسانىي خىسلەت ئادەمنى كۆرۈنەرلىك قىلىپ قويغاچقا ئۇ دەرھال ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئەندى بۇنىڭغا 90-ژىللاردىكى ھاراقكەشلىك بىلەن ناركومانىيانى قوشۇڭ. بۇنىڭدىن كېڭەش ئادىمىنىڭ گېنوفوند خەرىتىسىنى كۆرەلەيمىز.

ئۆزىنى-ئۆزى ھالاك قىلىش قۇرالى

پسىخولوگىيالىك قۇرال ياردىمى بىلەن ھەق بىلەن ناھەقچىلىكنى ئايرىيدىغان تەپەككۈردىن مەھرۇم قىلىپ، پىكىر قالايمىقانچىلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.بىر-بىرىگە بولغان گۇمانخورلۇقنى ،ئىشەنچىسىزلىكنى كۈچەيتىپ، مەنىۋىي ئېزىقىشنى قانات يايدۇرىدۇ.
ئاۋغانستاندىكى ئۇرۇشتا مۇدجاخىدلارنىڭ بىر قۇراللىق توپى ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئۇرۇش ژۈرگۈزۈپ، كېڭەش ئەسكەرلىرىگە چوڭ چىقىم يەتكۈزۈپتۇ. بۇ ئوترياد رەھبىرىنىڭ ئۇرۇش ژۈرگۈزۈش تاكتىكىسىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرگەنلىگىدىن ئېكەن. قۇراللىق توپنى يوقىتىش ئۈچۈن ژۈرگۈزۈلگەن ئالاھىدە ھەربىي ئوپېراسىيالەر ھېچ نەتىژە بەرمەپتۇ.ئاخىرى پسىخولوگىيالىك قۇرالنى پايدىلىنىشقا توغرا كەپتۇ. ئوترياد رەھبىرىنىڭ كېڭەش دۆلەت بېخەتەرلىك كومىتېتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىغى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتريادىدا كۆپ چىقىم بولمايدىغانلىغى ھەققىدە يالغان ئەخبارات تارقىتىلىپتۇ. بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىگىدە كېڭەش ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇشىۋاتقان بارلىق قۇراللىق توپلارغا يېتىپتۇ.ئاز ئۆتمەي سەپداشلىرى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغان ، مۇھىم پەيتلەردە ھەتتا بۇيرۇغىنى ئورۇنلىمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. قۇرال كۈچى بىلەن يېڭىلمىگەن بۇ ئوترياد ئاخىرى پسىخولوگىيالىك قۇرالنىڭ ئارقىسىدا ئۆز ئەركى بىلەن تەسلىم بولۇپتۇ.
تەقىپلەش ژىللىرى نكۋد تەرىپىدىن ئىلغار شەخسلەرگە،زىيالىلارغا كىيگۈزۈلگەن «جاسۇس»، «شپىون»، «خاىن»، «ئاگېنت» قالپاقلىرى بۈگۈنمۇ دۇنىيادىكى پسىخولوگىيالىك ئۇرۇشلاردا ئوڭۇشلۇق پايدىلىنىلماقتا.
توتالىتارلىق تۈزۈم ھۆكۈم سۈرگەن دەۋىردە ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئىلغار شەخسلىرىنى ھەر تۈرلۈك ئامال بىلەن بىر-بىرىگە قارشى ئەرىزە يازدۇرۇپ، ياكى ئۆزلىرى قولدىن ياساپ، مەخسۇس تارتمىلاردا ساقلاتتېكەن. مۇۋاپىق پەيتتە ئىدارىگە چاقىرىلغان ئادەمگە «ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرىزە چۈشكەنلىگىنى، كىمنىڭ يازغانلىغىنى» ئاستا سىۋىرلاپ قوياتتېكەن. نەتىجىدە ئەرىزە يازدى دەپ ئويلىغان ئادەمگە ئۆچمەنلىگى قوزغالغان شەخس ئۇنىڭ ھەققىدە بىلگەن-ئويلىغانلىرىنى تىزىپ ئېيتىپ بېرەتتېكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر-بىرىگە ئىشەنچىسىزلىك، گۇمانخورلۇق تېخىمۇ ئوۋج ئېلىپ، بىرلىككە كېلىش مۈمكۈن ئەمەس ئىش بولۇپ قالىدېكەن.
نېمىگە دىققەت بۆلۈشىمىز كېرەك؟
ئادەم -تەن ۋە ئاڭدىن تۇرىدۇ. زامانىۋىي كۈرەش ئىنسانىيەتنىڭ تېنى ئۈچۈن ئەمەس، ئاڭ-سەۋىيەسى ئۈچۈن كېتىپ بارىدۇ. قۇرۇق تەنلەرگە ھېچ كىم مۇھتاج ئەمەس. «پروگراممىلانغان ئاڭغا» ئېگە تەنلەر پروگرامما «غوجايىنىغا» ئادىل خىزمەت قىلىدۇ.
ئىنتېرنېت — تەرەققىياتنىڭ بىر كۆرۈنۈشى بولسىمۇ، ئەڭ چوڭ تەشۋىقات-تەرغىبات قۇرالىغا ئايلىنىپ، خېلە «باش ئاغرىقلىرىنى» ئېلىپ كەلدى. كەلگۈسىدە «سۈنئىي ئەقىل»(ئىسكۇسستۋېننىي ئىنتېللېكت) قانداق «سوغىلارنى» تەييارلاپ قويغىنىنى ھېچ كىم پەرەز قىلالمايدۇ.ئىنتېرنېت دەۋرىنىڭ ئەۋلاتلىرى «سۈنئىي ئەقىل» دەۋرىنىڭ ئەۋلاتلىرىنى دۇنىياغا ئېلىپ كېلىدۇ. كەلگۈسىدە «سۈنئىي ئەقىل» ئىنسان ئەقلىنى سەھنىدىن چۈشۈرۈشكە تىرىشامدۇ؟ بۇنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ.
ئويلاش، ئانالىز قىلىش ، ھەر قانداق ۋەزىيەتتە توغرا يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېگە ئادەم تاشقى كۈچلەرنىڭ «ئويۇنلىرىغا» تاقابىل تۇرالايدۇ.
ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي ئېڭى بار بولۇپ،ئۇ ئۇزۇن تارىخ تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى.
مىللىي ئاڭ –نەزەرىيەۋىي ۋە كۈندىلىك سەۋىيەدىن تۇرىدۇ.نەزەرىيەۋىي سەۋىيە –مىللەتنىڭ موجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىيات ستراتېگىياسىنى بەلگۈلەيدىغان ئىدېياۋىي كۆز-قاراشنى، يەنى ئىدېولوگىيانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈندىلىك سەۋىيە- جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ قىزىقىشى، ئېھتىياجى،ھىسسىياتى، كەيپىياتى ۋە كۈندىلىك مەنپىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نەزەرىيەۋىي سەۋىيەنى يەنى ئىدېالوگىياسىنى بەلگۈلەلمىگەن مىللەت كۈندىلىك سەۋىيەنىڭ باشقۇرىشىدا بولىدۇ . كۈندىلىك سەۋىيە ھەر قاچان قورشىغان ئىجتىماىي مۇھىتتىن بۆلەك تاشقى كۈچلەر تەسىرىگىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. كۈندىلىك سەۋىيە ھەر خىل زىددىيەت-توقۇنۇشلاردىن تەركىپ تاپقان.
«بىزدە نېمىشكە ئىچكى زىددىيەتلەر كۆپ؟» دېگەن سوال كۆپچىلىگىمىزگە ئارام بەرمەيدۇ. كۈندىلىك سەۋىيەمىزنى يېتەكلەيدىغان نەزەرىيەۋىي سەۋىيەگە (ئىدېالوگىيانى) ئېرىشەلمىگەن ۋاقىتتا، «تۇرمۇش بەلگۈلىگەن ئاڭنىڭ » چەمبىرىدە قالىمىز.
جەمىيەتتە ئۆزىگە لايىق ئورنى بار شەخسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئېتىقاتچىلىرى ياكى ئۇنىڭدىن «مەنپىيەت تېگىپ قالارمۇ»دەپ تاما قىلىدىغانلار، ئۆزلىرىنى قەرىزدار ھېساپلايدىغانلار بولىدۇ. شۇڭلاشقا، جەمىيەتتە ئابروي-ئىناۋەتكە، بەلگۈلۈك سالماققا ئېگە شەخسلەر زىددىيىتىدە ھەر بىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرى، ياقلىغۇچىلىرى بولغانلىقتىن توپلار، گرۇھلار قارىمۇ-قارشىلىغىغا ئۇلىشىپ كېتىشى مۈمكۈن. ئەلۋەتتە، ھەر قانداق مەنپىيەتلەر توقۇنۇشى زىددىيەتلەرگە ئېلىپ كېلىدىغىنىنى ياخشى چۈشىنىمىز. شەخسلەر ئارىسىدىكى دېسترۇكتىۋ توقۇنۇش تۆۋەندىكى كۆرۈنۈشلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ:
1.

ئوي-پىكىر، كۆز-قاراش، ئىدېيا قارىمۇ-قارشىلىغىنى ئىپادىلىگەن ئادەمنىڭ مەۋقەسىنى خاتا، پەقەت ئۆزىنىڭ مەۋقەسىنى دۇرۇس دەپ قاراپ، ئىككىنچى تەرەپنى دۈشمەن رېتىدە قوبۇل قىلىش.
2.

ئىككىنچى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى ئېتىراپ قىلىش، تەن ئېلىش ئېڭىنىڭ كامچىل بولۇشى
3.

ئۇمۇم مەنپىيىتى ئۈچۈن ھەمكارلىشىش، ئىجابىي مۇناسىۋەتلەرگە ئىنتىلىشتىن كۆرە، مۇناسىۋەتلەرنى بىرە-تولا ئۈزۈۋېتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئەھمىيەتلىكلىگىنى» بىلدۈرۈپ قويۇش.
4.

ئۆز ئارا چۈشەنمەسلىكنىڭ توغرا يولىنى تېپىشقا ئىنتىلىشتىن كۆرە، توقۇنۇشتا غالىپ چىقىشنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىش.
ئىنساننى ئاساسەن ھىس-تۇيغۇ، ئېموسىيا يېتەكلەيدىكەن. شۇڭلاشقا ساغلام تۇيغۇ ئېگىسى بولۇشقا تىرىشىش كېرەك. خەلقىمىزدە ئېيتىلىدىغان «سوغ قانلىق كىشىلەر» نەق شۇ ساغلام تۇيغۇ ئېگىلىرى. سىز بىر نەچچە ئالىي بىلىم دەرگاھىنىڭ دىپلومىغا ئېگە بولسىڭىزمۇ، ساغلام تۇيغۇ ئېگىسى بولمىسىڭىز توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىسىز.
زامانىۋىي تەلەپپۇزدا، «ئېموسىونال ئەقىلگە» (ھىس-تۇيغۇ پاراسىتىگە) (ئېموسىونالنىي ئىنتېللېكت) ئېگە بولغانلار توغرا يول تاپالايدۇ.
پسىخولوگىيالىك ئۇرۇش مەزمۇنىنى بىر ماقالە داىرىسىدە يورۇتۇش ئەسلا مۈمكۈن ئەمەس. مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلگەن خەلىقلەرگە پسىخولوگىيالىك ئۇرۇشنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتلىرىنى يورۇتۇش كەلگۈسىدە ئېتنوپسىخولوگىيانى ھەرتەرەپلىمە تەتقىق قىلىدىغان سالاھىيەتلىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئەنچىسىدىكى ئىش. بۈگۈنكى شاراىتىمىزدا بىزنىڭ بارلىق كۈچ ئىقتىدارىمىز قارىتىلىدىغان ئاساسىي يۆنىلىش- ساپالىق ئەۋلات تەربىيىسى بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغان تەغدىردە، ئەۋلات ئالمىشىش قانۇنىيىتىگە قارىتىلغان، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان دەھشەتلىك مەنىۋىي ئۇرۇشنىڭ قۇرۋانلىرىغا ئايلىنىپ قالىمىز.

ئازنات تالىپوۋ.