Pamir égizlikidiki zulumgha qarshi qozghilang

پامىر ئېگىزلىكىدىكى زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭ

© www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=2403

 

Yawuz (2009-03-06)
رەھمانقۇل
‹‹سىلەرنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى كۈرىشىڭلار – پۈتۈن جۇڭگو ئىنقىلابى ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى، غەربىي شىمالدىكى خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئازاد بولىشى ئانچە ئۇزاققا بارمايدۇ. سىلەرنىڭ كۈرىشىڭلار ئەڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكۈسى››
(ماۋزېدوڭ :«1949- يىل 8- ئاينىڭ 18- كۈنى
غۇلجا ئالاھىدە رايون بىرلەشمە ھۆكۈمەت
رەھبىرى يولداش ئەخمەتجانغا يېزىلغان خەت» )
1944- يىلى 8- ئايدا سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەسىرى جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ تۈرتكىسى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرىشى ھەم جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا شىنجاڭدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاساسىي كۈچ قىلغان، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي رايونلىرىنى ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى قىلغان. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئىنقىلابى ھەركەت شىنجاڭ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› پارتىلىدى .
‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› ئىلى ۋىلايىتىنىڭ نىلقا ناھىيىسىدىن باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› دەپ ئاتالغان. مىللىي ئارمىيە يەنى ئات بىلەن تاغ — داۋانلاردىن ئېشىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ يايلاقلىرىنى كېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پامىر ئېگىزلىكى، زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ۋە باشقا بەزى جايلارغىمۇ ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇردى. ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن تاشقورغان ئىنقىلابى قەشقەر، يەكەن قاتارلىق جايلاردىكى بىر قاتار ئىنقىلابى پائالىيەتلەر جەنۇبى شىنجاڭدىكى تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئىنقىلابى پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ تەركىىبى قىسمى. تاشقورغان ئىنقىلابى تاشقورغاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى كۆلۈمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق ئىنقىلابى ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ تاشقورغاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىي، ئىنقىلابى تارىخىدا شانلىق سەھىپە قالدۇرغان مۇھىم ئەھميەتكە ئىگە ئىنقىلاب.

تاشقورغان ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت ۋە ئىنقىلابنىڭ تەييارلىقى
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى ئەينى چاغدا شىنجاڭنىڭ ئونىنچى مەمۇرىي رايونى (يەكەن) نىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. تاشقورغان ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىي قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسلىق ئېغىزى ئىدى. تاشقورغان ئىنقىلابى پارتلىغاندا بۇ يەردە ئاران 19 مىڭ نوپۇس بولۇپ، ئىقتىسادى ئاجىز، مەدەنىيەت سەۋىيىسى قالاق، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىن ئىدى. ئۇزاقتىن بۇيان تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر شىڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى ئاستىدا ئازاب — ئوقۇبەت ئىچىدە ياشىغان ئىدى. 1944- يىلى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى شىڭ شىسەينى يۆتكەپ ۋۇجۇڭشىننى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىدى. شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكمىرانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە مىللىي زىددىيەت ۋە سىنىپىي زىددىيەت ئەسلىدىلا ناھايىتى ئۆتكۈرلەشكەن ئىدى. بولۇپمۇ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تاشقورغانغا كىرگەندىن كېيىن مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، زوراۋانلىق، ئۆكتەملىك، خىيانەتچىلىك قىلىپ تېخىمۇ چېرىكلەشكەنلىكى ئۈچۈن، تاشقورغاندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھايات كەچۈرۈشى تېخىمۇ تەسلەشتى . 1944- يىلى ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› پارتلىغاندىن كېيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئىنقىلابىنىڭ پۈتكۈل شىنجاڭغا تەرەققى قىلىشىدىن قورقۇپ ، ئۆزىنىڭ ھالاكەت گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ھۆكمىرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابي» تەرەپ بىلەن ھەدەپ ئۇرۇش قىلىپ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نى ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنسا يەنە بىر تەرەپتىن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دىن باشقا جايلاردا تېخىمۇ يۇقىرى بېسىم سىياسىتىنى يۈرگۈزدى . ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل قوشۇنىنى تاشقورغاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆپلەپ ئېۋەتىپ، تاجىك ۋە باشقا ھەر مىللەت خەلقى ئۈستىدىن تېرورلۇق ھۆكمىرانلىقى يۈرگۈزدى. ئەكسىيەتچى ساقچى ئىدارىسى ھەرقايسى جايلارغا ئىشپىيۇن، تىڭتىڭچىلارنى ئېۋەتىپ، سەللا نارازىلىق ئىپادىسىدا بولغان كىشىلەرنى سەزسىلا تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىدى. 1944- يىلى قىشتىن 1945- يىلى كۈزگىچە تاشقورغاندا تاجىك خەلقىدىن 95 نەپەر كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىدى . 63 نەپەر بىگۇناھ كىشىنى ئۆلتۈردى. چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى جۇڭگو سوۋېت چېگرىسىغا يېقىن يايلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تاقاپ، بۇ يەردىكى چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىچكىرى جايلارغا كۆچۈردى . نەتىجىدە يايلاق يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن چارۋا ماللار تۈركۈم تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كېتىپ خەلق تېخىمۇ گادايلاشتى . نۇرغۇن كىشىلەر خانىۋەيران بولۇپ، يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەكسىيەتچى قوشۇن خەلقىنىڭ مال — مۈلىكىنى خالىغانچە بۇلاپ تالىدى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خەلقنىڭ 2 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا ماللىرىنى بۇلىدى. كەڭ كۆلەملىك چۆپخانىلارنى تارتىۋالدى . 100 دىن ئارتۇق ئائىلىنى ئۆيىنى سۆكۈپ ئاكوپ قازدى. ئۆينىڭ ياغاچلىرىنى ئوتان قىلىپ قالىدى. خەلقنىڭ تۆمۈر سايمانلىرىنى تارتىۋېلىپ ئاتلىرىغا تاقا سوقتۇردى. نۇرغۇن ئاشلىق، رەخت، ئوتان ۋە ئۆي جاھازىلىرىنى بۇلاپ كەتتى. 4- رايون 1- يېزىسىدىكى سۇلايماننىڭ 300 تۇياق قوي تۆت تۆگىسىنى بىر قېتىمدىلا بۇلىدى . 4- رايون 4- يېزىسىدىكى بىتەي ھاجىنىڭ 100 تۇياق قويىنى بۇلاپ كەتتى . شۇ ۋاقىتلاردا ناھىيە بويىچە ئاران 200 تۇياق تۆگە ئۇلاغ بولسىمۇ قورچاق ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي ئورگانلىرى خەلقنى يىلغا 2 مىليۇن نەچچە يۈز مىڭ جىڭ كېلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى ھەقسىز توشۇشقا مەجبۇر قېلدى. خەلقنىڭ ئات — ئۇلاغلىرى مۇنداق كۆپ ماددىي ئەشيالارنى توشۇش جەريانىدا ھەرقايسى جايلاردا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەربىر ئائىلىگە ھەريىلدا ھەرقايسى جايلاردىكى پوستلارغا ئوت — چۆپ، ئوتان سەيسىسى چۈشۈرۈپ تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. ئەمگەك كۈچى بولمىغان ياكى قول ئىلكىدە بولمىغان كەمبەغەل، نامرات كىشىلەر ئېلاجسىزلىقتىن بارلىق مال — مۈلكىنى سېتىپ خەجلەشكە، سەيسىنى تۈگىتىشكە مەجبۇر بولدى. نۇرغۇن چارۋىچىلار مۇشۇنداق ئات- ئۇلاغ، ئوت — سامان ، ئوتان — ياغاچ سەيسىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن يىل بويى ئۆيدىن ئايرىلىپ تاغ — داۋانلارنى ئېشىپ مۈكچىيىپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىنغاچقا ئىشلەپچىقىرىش ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، مەھسۇلات زور دەرىجىدە كەملەپ كەتتى. ئەكسىيەتچى قوشۇن يەنە خالىغانچە كىشىلەرنى باغلاپ ئۇرۇپ بەزىلىرىنى مېيىپ قىلىۋەتتى . ئاياللارنى دەپسەندە قىلدى . ھەتتاكى بەزى ئاياللار ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ ماددىي ئەشيالارنى توشۇش جەريانىدا مېيىپ بولدى ياكى ئۆلۈپ كەتتى . گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ بۇنداق زۇلىمەتلىك ھۆكمىرانلىقى ۋە دەھشەتلىك ئىكسپىلاتاتسىيىسى تاشقورغاندىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ چەكسىز غەزىپىنى قوزغىدى ‹‹قەيەردە زۇلۇم بولىدىكەن، شۇ يەردە قارشلىق بولىدۇ›› تاشقورغان رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ خەلقنى بۇلاڭ — تالاڭ قىلىشىغا تاقەت قىلالماي ئارقا — ئارقىدىن قارشىلىق قىلىشقا باشلىدى. كىچىك كۆلەمدىكى قارشلىق كۈرەشلەرنى باشلىۋەتتى. تاشقورغان رايونىدىكى دېموكراتىك روھقا، ئىنقىلابى كۈرەش ئىرادىسىگە ئېگە نۇرغۇن ئىلغار زاتلار كۈندىن — كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان ئازاپ — ئوقۇبەتنى تۈگىتىش ئۈچۈن قولىغا قۇرال ئېلىپ زالىم كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى بارغانسىرى ئېنىق تونۇشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ بىرمۇنچىلىرى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن يولداش خۇجىيەن ۋە شۇلىياڭلار تاشقورغاندا پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى تەشۋىقاتنى ئاڭلىغان ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپ ئۇلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان . بىرمۇنچىلىرى شۇ ۋاقىتتىكى ئىنقىلابى تەشكىلات ‹‹جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسى›› گە قاتناشقان . 1943- يىلىدىن باشلاپ بۇ كىشىلەر خەلق ئاممىسىنى قوزغاپ گومىنداڭنىڭ زۇلىمەتلىك ھۆكمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خەلقنى ئازادلىققا، ئەركىنلىككە چىقىرىش، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئارا ئالاقە باغلاپ ئىنقىلاب تەييارلىقىنى ئىشلەشكە كىرىشتى . 1943- يىلى 9- ئايدا گومىنداڭنىڭ كۈچى تېخى بۇ يەرگە يېتىپ كەلمەستىلا، رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇ بىر تۈركۈم تەرەققىپەرۋەر زاتلار : مەسلەن، ئىسھاقبېك، كارۋانشاھ① مادايوف② شىرىنبېك ئوبۇلقاسىم، مەمەت ئەيسا قاتارلىقلار زۇلۇمغا تاقەت قىلىپ تۇرالماي «ئازادلىق تەشكىلاتى» قۇرۇپ ھازىرقى تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ۋە ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بۇلۇڭكۆل، مۇجى، ئويتاغ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ بوستانتېرەك، يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ قىزىلتاغ قاتارلىق رايونلىرىدا كەڭ پائالىيەت ئېلىپ باردى. ‹‹ئازادلىق تەشكىلاتى›› پائال ھەرىكەتكە كېلىپ بىر تەرەپتىن ھەر مىللەت خەلقىگە شىڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن پارتزانلىق ئۇرۇشىنى تەدرىجىي قانات يايدۇردى .
تاشقورغان قاتمۇقات تاغ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ ،بەزى جايلار يىل بويى ئېرىمەيدىغان قار — مۇزلار بىلەن قاپلانغان ، يوللىرى خەتەرلىك ئادەملىرى شالاڭ ئىدى . گومىنداڭنىڭ قوشۇنلىرى ھەرقايسى جايلاردا ئايرىم — ئايرىم ھالدا يەككە — يىگانە تۇراتتى. ‹‹ئازادلىق تەشكىلاتى›› ۋە پارتزانلار قوشۇنى بولسا ھەرمىللەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپ تېزلىكتە زورايماقتا ئىدى . تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىدىن كارۋانشاھ، مادايوف، ئوبۇلقاسىم قاتارلىق بىرمۇنچە كىشىلەر ئىنقىلابقا پۇختا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىنقىلابقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گومىنداڭنىڭ زۇلۇمغا چىدىماي سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە قېچىپ كەتكەن كىشىلەرنى توپلاپ، ئۇلارغا ئىنقىلابى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ باردى. شىمالىي شىنجاڭدا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» پارتلغاندىن كېيىن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ مىلىتىق ئاۋازى يىراق چەتتىكى تاشقورغانغىمۇ يېتىپ بۇ يەردىكى تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر خەلقىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. «تاشقورغان ئىنقىلابى»نىڭ يولباشچىلىرى دەرھال ئۇ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» تەرەپ بىلەن ئالاقىلەشتى ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەرەپمۇ ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن ياردەم بەردى . ۋە يېتەكچىلىك قىلدى . ئۇزاق ئۆتمەي پارتزانلار قوشۇنى ھازىرقى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئويتاغ رايونىدا ئىستېھكام قۇردى. بۇ جاي باراقسان ئۆسكەن ئوت — چۆپلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئوزۇق -تۈلۈك تەييارلاشقا، ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇشقا ، مەخپىي ھالدا كۈچ تەشكىللەشكە ئىنتايىن پايدىلق ئىدى .
1944- يىل 6- ئايغا كەلگەندە ئىسھاقبېك ۋە تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىلىرى 120 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىپ تاپقان پارتزانلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ «تاشقورغان ئىنقىلابى» قوزغىلىڭىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى .
1944- يىلى 6- ئايدا پارتزانلار قوشۇنى دەسلەپدىلا شۇ جايدا تۇرۇشلۇق دۈشمەن قوشۇنىنىڭ يۈك توشۇغۇچى قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ غەلبىگە ئېرىشىپ، 130 تۇياق تۆگىسىنى ئولجا ئالدى. دۈشمەن ئەسكىرىدىن تۆتنى تىرىك تۇتۇپ ‹‹تاشقورغان ئىنقىلابى ›› نىڭ بىرىنچى پاي ئوقىنى ئاتتى. بۇنىڭ بىلەن پامىر لەرزىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پارتزانلارنىڭ پائالىيىتى تاشقورغاننىڭ ھەممىلا جايلىرىدا باشلاندى. ئۇلار بىردەم ساقچى ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلسا، بىردەم دۈشمەن قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى . يەنە بىردەم دۈشمەننىڭ ھەربىي ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇغۇچى قوشۇنغا ھۇجۇم قىلدى. تاشقورغاندا تۇرۇشلۇق دۈشمەن قوشۇنى گاڭگىراپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى .
1944- يىلى كۈزدە كارۋانشاھ، مادايوف ، مەمەت ئەيسا (قىرغىز ) قاتارلىق كىشىلەر تاشقورغاندا قالغان شىرىنبېك قاتارلىق كىشىلەرنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىكى توختامىش دېگەن يەرگە مەخپىي چاقىرىپ، شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەت ۋە قۇرالىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق كۆرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. گېنېرال ئىسھاقبېك كېلىپ ئۇلارغا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ھەمدە ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ تاشقورغاندا ئىنقىلاب قوزغاشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپمۇ تاجىك، قىرغىز خەلقى ئىچىدىكى ھەربىي ۋە مەمۇرىي رەھبىرى خادىملىرىنى تەربىيلىدى. تاجىك، قىرغىز خەلقىنىڭ ئىنقىلابى قوشۇنىنى تەشكىللەشكە ياردەم بەردى .
1944- يىل 6- ئايدا كارۋانشاھ ، ئوبۇلقاسىم ، مەمەت ئەيسا، ئەمەت تاشتۆمۈر قاتارلىق بەش كىشى ئىنقىلابنى ۋۇجۇتقا چېقىرىش ئۈچۈن سوتسىيالىستىك سوۋېت ئىتتىپاقدىن ياردەم ئېلىش مەقسىتى بىلەن يەنە تاشكەنتكە بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شۇ يەردىكى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلاب قوزغاش ئارزۇسىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلەشتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىلەن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى پائالىيەتلىرىنى قەتئىي قوللىدى ۋە ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن ياردەم بەردى. بۇ پارتزانلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئاساسەن تاشقورغاندىن قېچىپ چىققان تاجىك، قىرغىز چارۋىچىلىرى بولۇپ، ئۇلار گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ دەھشەتلىك ئىكىسپىلاتاتسىيىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئىنقىلابى قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. پارتزانلار ئەترىتى قۇرۇلۇپ بىر تەرەپتىن ھەربىي تەلىم — تەربىيە ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن تاشقورغانغا قوراللىق رازۋېتكىچىلاردىن ئېۋەتىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچى قوشۇنىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، قورال — ياراغ تەمىناتى ۋە باشقا ئىشلارنى رازۋېتكا قىلدى. ھەمدە تاشقورغاندا قالغان ئىلغار زاتلار بىلەن ئالاقە باغلاپ خەلق ئارىسىدا ئىنقىلابى تەشۋىقات ئېلىپ باردى. پارتزانلار ئەترىتىنىڭ كۆپ قېتىملىق رازۋېتكا قىلىش ۋە تەشۋىقاتى بىلەن كىشىلەرنىڭ پارتزانلار ئەترىتىگە بولغان تونۇشى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. زۇلىمەتلىك قاراڭغۇلۇقتا تىڭىرقاپ قالغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پارتزانلار ئەترىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئازادلىققا ئېرىشىشنىڭ نۇرلۇق يولىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر پارتزانلار ئەترىتىگە قوشۇلۇپ پارتزانلار ئەترىتىنىڭ كۈچ — قۇدرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. پارتزانلار ئەترىتى ئۆزىنىڭ ئامما ئارسىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى ئۆزىگە جەلىب قىلىش، دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىگە زەربە بېرىپ خەلق ئاممىسىنىڭ غەم — ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، تاغارما، سۇباشى قاتارلىق جايلارغا بىر قانچە قېتىم ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى پارتزانلار ئەترىتىگە قوشىۋالدى. دۈشمەننى ئالاقىزادە قىلىپ ئۇۋىسىدىن چىقالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. پارتزانلارنىڭ بۇنداق ئۇشتۇمتۇت زەربىسىگە ئۇچرىغان گومىنداڭ قوشۇنلىرى دەككە — دۈككىگە چۈشۈپ، جۇڭگو سوۋېت چېگرىسىغا يېقىن جايلارغا بېرىپ كۆزەتچىلىك قىلالمايدىغان، كېچىلىرى بولسا پوست — قاراۋۇللىرىنى كۈچەيتىپ گازارمىسىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلالمايدىغان بولدى . بۇ ھال پارتزانلارنىڭ كىچىلىك ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېتكا قىلىش، خەلق ئارىسىدا ئىنقىلابى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا تىخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇردى .
1944 – 1945- يىلىغىچە پارتزانلار ئەترىتى 12 قېتىم قوراللىق رازۋىتكا ئەترىتى ئېۋەتىپ، دۈشمەننىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى رازۋېتكا قىلدى .
1945- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى توختامىشتا سىياسى، ھەربىي تەلىم — تەربىيە ئېلىۋاتقان پارتزانلار ئەترىتى ئىچىدىن غەرپشاھ (تاجىك) باشلىق بەش كىشى دافتارغا ئىنايىتىللا (تاجىك) باشلىق تۆت كىشى تاغارمىغا، مەمەت ئەيسا ( قىرغىز ) باشلىق تۆت كىشى، سۇباشقا گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش ۋە قۇرال — ياراغ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئەۋەتتى .
1945- يىلى كۈزگە كەلگەندە تاشقورغان ئەتراپىدىكى پارتزانلارنىڭ ئادەم سانى 295 كە يەتتى. ھەمدە مەلۇم ساندىكى قۇرال — ياراغقا ئىگە بولدى. پارتزانلار ئەترىتى خېلى ئۇزاق ۋاقىت ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ھەربىي ماھارىتىمۇ خېلى ئۆستى. تاشقورغاندا ئومۇميۈزلۈك ئىنقىلاب قوزغاشنىڭ شەرىت — شارائىتى پىشىپ يىتىلدى.
1945- يىلى 8- ئايدا تاشقورغان پارتزانلار قوشۇنىنىڭ قوماندانلىق باش شتاپى رەسمى قۇرۇلدى. باش شتاپ تاشقورغاندىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى قوشۇنلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ تەپسىلى پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ھازىر ئىگىلىگەن ماتېرىياللارغا قارىغاندا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ تاشقورغاندىكى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئومۇمىي سانى 400دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالى مۇنداق بولغان .
1. تاشقورغان بازىرىدا : ھەربىي ۋە ساقچىلارنى قوشقاندا 120 دىن ئارتۇق قوراللىق كۈچ .
2. تاغارمىدا : 33 نەپەر قوراللىق كۈچ .
3. بەرچەشتە : 8 نەپەر قوراللىق كۈچ .
4. سۇباش : 50 نەپەر ھەربىي ۋە 15 نەپەر قوراللىق ساقچى بولۇپ، جەمئىي 65 نەپەر قوراللىق كۈچ .
5. بۇلۇڭكۆلدە : 42 نەپەر قوراللىق كۈچ .
6. پەيىكتە : 40 نەپەر قوراللىق كۈچ .
7. دافتاردا : 16 نەپەر قوراللىق كۈچ .
8. خونجىراپتا : 20 نەپەر قوراللىق كۈچ .
9. قوشبېلدە : 16 نەپەر قوراللىق كۈچ .
10. مىڭتېكە، لوپگازدا: ھەربى ۋە ساقچى بولوپ 40 دىن ئارتۇق قوراللىق كۈچ بار ئىدى.
پارتزانلار ئەترىتى دۈشمەن كۈچىنىڭ مۇشۇنداق ئورۇنلىشىشىغا ئاساسەن، 1945- يىل 8- ئاينىڭ 9- كۈنى يىغىن چاقىرىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ تاشقورغانغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ماقۇللىدى. پىلاننىڭ ئاساسى مەزمۇنلىرى مۇنداق: تاشقورغاننىڭ يېرى كەڭ، ئاھالىسى شالاڭ، چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇن، دۈشمەننىڭ ئەسكىرى سانى پارتزانلاردىن كۆپ بولسىمۇ لىكىن ئۇلار ئۇزۇن لىنىيسىدە، يەككە — يەككە ئورۇنلاشقان، بىر — بىرى بىلەن بولغان ئارلىقى يىراق، تېز مۇددەت ئىچىدە بىر — بىرىگە ياردەمگە يىتىپ كېلەلمەيدۇ. شۇڭا، دۈشمەننىڭ ئاساسى بازىلىرىغا بىرلا ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندا ئۇلارنى بىربىرىگە ياردەم بىرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ بىربىرلەپ يوقاتقىلى بولىدۇ . مۇشۇ پىلانغا ئاساسەن 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى ئىنقىلابى قوشۇننى ئۇيۇشتۇرۇپ كارۋانشاھ، مەمەت ئەيسا، ئىمىنوف، تاھىر، غولامخان قاتارلىقلارنىڭ قوماندانلىقىدا تۆت يۆنىلىشكە بۆلۈنۈپ، تاشقورغانغا ھۇجۇم قىلىش قارار قىلىندى. بۇ تۆت يۆنىلىش مۇنداق بەلگىلەندى .
1- يۆنىلىش: كارۋانشاھ لەشكەر مادايوفلار باشچىلىقىدىكى
60 كىشى تاشقورغان بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل
بولدى .
2- يۆنىلىش: مەمەت ئەيسا، ئابدۇمالىك باشچىلىقىدىكى 30
كىشى سۇباشقا ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل بولدى.
3- يۆنىلىش : تاھىر، ئوسمان باشچىلىقىدىكى 60 كىشى
بۇلۇڭكۆلگە ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل بولدى .
4- يۆنىلىش : غەرىپشاھ ، ئىنايىتىللا باشچىلىقىدىكى 40 كىشى تاغارمىغا ھۇجۇم قىلىشقا، ئوبۇلقاسىم، تاشتۆمۈر
باشچىلىقىدىكى 20 كىشى چېچەكلىك داۋىنىغا ئۆتۈپ
گومىنداڭنىڭ يېڭىسار تەرىپىدىن كېلىدىغان ياردەمچى
قوشۇنلىرىنى توسۇشقا مەسئۇل بولدى.
شۇنداق قىلىپ تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ سىياسى، ئىددىيىۋى، تەشكىلى ۋە ھەربىي جەھەتلەردىكى تەييارلىقى پۈتتى. ئۇزاق مۇددەتلىك تەييارلىقلار نەتىجىسىدە تاشقورغان رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلمەتلىك ھۆكمىرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ئازادلىق ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى مىللى، دېموكراتىك ئىنقىلابى ئاخىرى پارتلىدى .

ئىنقىلابنىڭ ئەمەلگە ئىشېشى ۋە ۋاقىتلىق ئىنقىلابى ھۆكۈمەت ئىنقىلابى قوراللىق قوشۇنىنىڭ تەشكىللىنىشى
تاشقورغان ئىنقىلابى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە غۇلغۇلا قىلىش، ئىنقىلابى قوشۇننى قوراللاندۇرۇش، تەشكىللەش ۋە تولۇق تەييارلىق كۆرۈش نەتىجىسىدە 1945- يىلى 8- ئاينڭ 15- كۈنى ئەتىگەنلىكى سائەت 4 دە گومىنداڭنىڭ تاشقورغان ، تاغارما، سۇباش، بۇلۇڭكۆلدىكى بازىلىرىغا بىرلا ۋاقىتتا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ كۈندە تاشقورغاندىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىكى ئوفىتسېرلارنى يىغىپ تاشقورغاندا ئىككى كۈن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ يەپ- ئىچىپ، تازا تاماششا قىلىۋاتقان ۋاقتى بولغاچقا، پارتزانلارنىڭ بىرلاۋاقىتتا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىشىدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر ئىدى. ۋە قىلچىمۇ تەييارلىقى يوق ئىدى. تاشقورغان بازىرىدىكى دۈشمەن پوتىيىگە ھۇجۇم قىلغان پارتزانلار تاشقورغان بازىرىدىكى گومىنداڭنىڭ ساقچى ئىدارىسى بىلەن ھەربىي گازارمىسىغا تەڭلا ئوت چاچتى. بۇ ۋاقىتتا دۈشمەن قوشۇنلىرى شىرىن ئۇيقۇغا غەرىق بولغان ۋاقىتتا بولۇپ، پارتزانلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى بىلەن پۈتۈنلەي ساراسىمگە چۈشۈپ قالدى. دۈشمەن چېگرا مۇداپىئە دۈيىنىڭ دۈيجاڭى ئالدىراپ — تېنەپ پىلېموتچى ئەسكەرلىرىنى قوپۇرۇپ پىلېموت بىلەن قارشلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ لېكىن ئاخىرى ئۆزىگە ئوق تېگىپ يارىدار بولدى. ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ۋە تەرجىمانىغا ئوق تېگىپ ئۆلدى. ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر ساراسىمە ئىچىدە ھەتتا ئۆز كيىملىرىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمىدى. گەرچە دۈشمەن قوشۇنى سان ۋە قوراللىنىش جەھەتتە پارتزانلاردىن يۇقىرى تۇرسىمۇ لېكىن ئۇلار تەييارلىقسىز بولغاچقا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىدىن تېرىپېرەن بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈيجاڭى قاتتىق يارلانغانلىقى ئۈچۈن روھى تېخىمۇ چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن روتا كوماندىرى گازارمىنى تاشلاپ قېچىشقا بۇيرۇق بەردى. دۈشمەن قوشۇنلىرى ئالاقزادىلىك بىلەن بەلدىر، قوغۇشلۇق ئارقىلىق تويلى بۇلۇڭغا قاچتى. دافتاردىكى دۈشمەن قوشۇنلىرى پاكىستان تەرەپكە قاچتى .
تاڭ سەھەردىن كۈن چىققۇچە بولغان ۋاقىت ئىچىدىكى جەڭ بىلەن پارتزانلار تاشقورغان ناھىيە بازىرىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلدى. تاشقورغان ناھىيە بازىرى ئازاد قېلىنغاندىن كېيىن شىرىنبېك باشچىلىقىدىكى 20 نەپەر قوراللىق كۈچ دافتار تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ، جۇڭگو پاكىستان چېگرىسىنى ساقلاشقا مەسئۇل قىلىندى. ئۇلار لوپگارغا بېرىپ قېچىۋاتقان دۈشمەنلەر بۇلاپ كەتكەن 300 تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا، 19 تۆگە ۋە 25 تۆگىگە ئارتقان بارلىق ماددىي ئەشيالارنى تارتىۋېلىپ تاشقورغانغا كەلتۈردى. تاغارما تەرەپتىكى دۈشمەنلەر مۇشۇ كۈنى يوقىتىلدى ياكى قېچىپ كەتتى. سۇباش تەرەپتە پارتزانلار ئەمدىلا ھۇجۇم قوزغاشقا تەمشىلىۋاتقاندا دۈشمەن قاراۋۇلى سېزىپ قالغاچقا، دۈشمەن بىر قەدەر تەييارلىق ھالتىدە تۇرۇپ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈچ سىلىشتۇرما جەھەتتە پەرىق چوڭ بولغاچقا دۈشمەن تۆت كۈنگىچە قارشلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي سۇباشنى تاشلاپ چەشتاغ تەرەپكە قاچتى. پارتزانلار ۋاقىتىنى غەنىمەت بىلىپ، دۈشمەننى سۈر — توقاي قىلىپ،8- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى شەرقى شىمالىي تەرەپتە چىل گۈمبەزگىچە، شىمالدا چەشتاغقىچە، غەربىي شىمالدا بوستان تېرەك، بۆرى توقايغىچە قوغلاپ قاچۇردى. تاشقورغاننىڭ شەرقىدا دۈشمەن ئەسكىرى كۈچى بولمىغاچقا ئانچە ئۇرۇشلار بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن پارتزانلار گومىنداڭنىڭ تاشقورغاندىكى بارلىق بازىلىرىنى ئىگىلەپ سەرىكوي چېگرىسى ئېچىدىكى ( ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى ئاقتۇ ناھىيسىنىڭ بۇلۇڭكۆل، چارلوڭ يېزىلىرىمۇ تاشقورغانغا قارايتتى) بىر تۈەنگە يېقىن قوشۇننىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك زىيانغا ئۇچرىتىپ تاشقورغاننى ئازاد قىلدى. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە كۈنى ئىچىدىلا بىر قانچە ئون قوراللىق كۈچنى يوقاتتى ۋە يارىدار قىلدى. 200 تال مىلتىق، بىر ئېغىر پىلېموت ئۈچ يېنىك پىلېموت، 120 يىشىك ئوق — دورا ۋە باشقا ماددى ئەشيالارنى غەنىمەت ئالدى . پارتزانلاردىن ئۈچ كىشى قۇربان بولدى .
1945- يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنى تاشقورغان ئىنقىلابنىڭ تۇنجى غەلىبىسىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمىنى يەتكىچە تارتقان. زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تاپالمىغان تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر خەلقى تاشقورغاننىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ — پۇشقاقلىرىدىن يىغىلىپ، ئىنقىلاب غەلىبىسىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۆزىنىڭ نىجاتلىق يولىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن تەنتەنە قىلدى. يىغىندا تاشقورغان ئىنقىلابىنڭ يولباشچىلىرى تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ پارتىلاش سەۋەبلىرى، تەييارلىق قىلىش جەريانى، ئىنقىلابنىڭ مەقسىدى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز تەشەببۇسلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى . گومىنداڭنىڭ زۇلىمەتلىك ھۆكمىرانلىقى ئاستىدا يەتكىچە ئازاب تارتقان خەلق ئاممىسى گومىنداڭنىڭ زۇلمىدىن شىكايەت قىلىپ، ئىنقىلابنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، ئىنقىلابى پارتزانلار ئەترىتىگە بارلىق كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ، يۈكسەك ئىنقىلابى جاسارەت ۋە مۇستەھكەم ئىنقىلابى ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى . نۇرغۇن ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا پارتزانلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، خەلقنىڭ ئەركىنلىكى، ئازاتلىقى ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمىلىيەتتە بۇ يىغىن ئىنقىلاب ئوتىنى يەنىمۇ يالقۇنلىتىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھۆكمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،ئىنقىلاب مېۋىسىنى مۇستەھكەملەپ، مىللى دېموكراتىك ئىنقىلاب ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قەسەمياد قىلىش يىغىنى بولدى.
تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ غالىبە مېۋىسىنى مۇستەھكەملەش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ھۆكمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابى قىزغىنلىقى ئاشۇرۇلۇپ، كۈرەش قىلىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش، ئازاد قىلىنغان جايلارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىنقىلابى قوشۇننىڭ قوماندانلىقى ۋە ھەربىي ئىشلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، ئىنقىلابى ھۆكۈمەت ئورگىنى ۋە ئىنقىلابى قوشۇن قوماندانلىق شتاپىنى قۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالغان ئىدى.
‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئارقىلىق 1945- يىل 8- ئاينىڭ 27- كۈنى تاشقورغاندىكى قوراللىق قوزغىلاڭچىلار ئۆزىنىڭ ئىنقىلابى ھاكىمىيىتى تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاقيول بېك (تاجىك) ۋالىيلىققا، غوجام كەلدى (قىرغىز) مۇئاۋىن ۋالىيلىققا، شەمسىدىن سەخى (تاجىك) باش كاتىبلىققا تەينلەندى. مىللىي ئىنقىلابى قوشۇن قۇماندانلىق شتاپىنىڭ ئورنى تاغارمىدا تەسىس قىلىندى. تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسى ۋە مىللىي ئىنقىلابى قوشۇن قوماندانلىق شتاپى قۇرۇلغاندىن كىېيىن، تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسى نامى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتتى. تاشقورغان ئىنقىلابى غەلىبە قىلدى. پارتزانلار قوشۇنىمۇ زورايدى. سەرسانلىق — سەرگەردانلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇشاللىقىدىن تەنتەنە قىلىپ، بىربىرىگە خوشخەۋەر يەتكۈزدى. غەلىبىگە تەنتەنە قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئىنقىلابى ھاكىمىيەت تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسى ئاممىنى ئىنقىلابى قوشۇنغا قاتنىشىپ، ئالدىنقى سەپكە ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر ياشلىرى غەلىبە ئىلھامى ئاستىدا بەس — بەستە ئاۋاز قوشۇپ ئەسكەرلىككە قاتنىشىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىۋەتتى. شۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تاشقورغاندىلا 300 نەپەردىن ئارتۇق ياش ئىنقىلابى قوشۇنغا قاتناشتى. بىر مۇنچە كىشىلەر پەرزەنتلىرىنى ئۆزى يېتىلەپ كېلىپ، ئىنقىلابى قوشۇنغا قاتناشتۇردى. تاشقورغاندىكى 60 ياشتىن ئاشقان ئۆمۈز (قىرغىز) دېگەن پېشقەدەم چارۋىچى يالغۇز ئوغلىنى باشلاپ ئىنقىلابى قوشۇنغا قاتناشتۇرماقچى بولغاندا ئىنقىلابى قوشۇن رەھبەرلىكى ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلىنى قوبۇل قىلسا، ئۇ ئىگە — چاقىسىز، يۆلەنچۈكسىز قالىدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ بالىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ھەمدە ‹‹سىزنىڭ ئىنقىلابقا بۇنداق قىزغىن مەدەت بېرىش پوزىتسىيىدە بولغانلىقىڭىز بەكمۇ قەدىرلىك لېكىن بالىڭىز يالغۇز ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشىنىپ قاپسىز ، سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشقا ئادەم بولمىسا بولمايدۇ . شۇڭا يالغۇز ئوغلىڭىزنى ھەربىي سەپكە قوبۇل قىلمايمىز .›› دېگەندە ئۇ پېشقەدەم ‹‹مەن قېرىدىم. مىلتىق كۆتۈرۈپ ئۇرۇشقا قاتنىشالمايمەن. لېكىن ھاسسا ئېلىپ پادا باقالايمەن، ئەگەر گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكمىرانلىقى يوقالمىسا ئوغلۇم يېنىمدا بولغىنى بىلەنمۇ بىزگە ياخشى كۈن يوق. ئۇنىڭدىن كۆرە ئوغلۇم مىلتىق ئېلىپ گومىنداڭنى يوقاتسا ، مەن ئۆلسەممۇ ئارمىنىم قالمايدۇ›› دېدى. بۇنىڭدىن تاشقورغاندىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ گومىنداڭنڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلمەتلىك ھۆكمىرانلىقىغا بولغان غەزەپ — نەپرىتىنىڭ نەقەدەر چۇڭقۇر، ئىنقىلابى قىزغىنلىقىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ئەسكەرلىككە قاتنىشالمايدىغان قېرى، ئاجىز، مېىيپلار، ئاياللار، بالىلار چارۋىچلىق، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت يەنە بەس — بەستە ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش سېپىگە قوشۇلۇپ، نەرسە — كېرەك، قوي — ئات ئىئانە قىلدى. ئۇلار ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى ۋە كۈچىنىمۇ ئايىمىدى .
«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۈمىتى مۇشۇ پەيىتتە غۇلجىغا بېرىپ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان گېنېرال ئىسھاقبېكنىڭ يېتەكچىلىكىدە 50 نەپەردىن ئارتۇق پىدائىي جەڭچىنى تاشقورغان ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ھەمدە گېنېرال ئىسھاقبېكنى تاشقورغان ئىنقىلاۋىغا قوشۇمچە يېتەكچىلىك قىلىشقا بەلگىلىدى . ئۇلار ئىلىدىن يولغا چىقىپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق تاشقورغانغا كېلىپ قوراللىق كۈرەشكە قاتناشتى. ئۇلارنىڭ يېتىپ كېلىشى تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىنى كۈچەيتتى. تاشقورغان ئىنقىلابى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» بىلەن تېخىمۇ چەمبەرچاس باغلاندى. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ زورۇيۇپ، يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى . شۇنىڭ بىلەن تاشقورغان ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ‹‹ئېزىلىۋاتقان ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى يوقىتىپ، ئەركىنلىك ۋە مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرەيلى›› دېگەن ياڭراق شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ شۇئار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ھېمايىسىگە ئېرىشتى.
تاشقورغان ئىنقىلابى تاشقورغان رايونى تەۋەسىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن دەسلەپكى مەزگىلدىكى مەمۇرىيي ۋە ھەربىي تەشكىللىرى مۇنداق بولغان ئىدى :
مەمۇرىي جەھەتتە تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ ، ئۇ تاشقورغان ، يەكەن ، قاغىلىق پوسكام، ئويتاغ، تاشمىلىق ۋە ئاقتۇنىڭ 3-، 4- رايونلىرى ھەم يېڭىسارنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى باشقۇردىغان بولدى .
ۋالى مەھكىمە قارىمىقىدا تۆۋەندىكى بۆلۈم — ئىدارىلار تەسىس قىلىندى .
خەلق ئىشلار بۆلۈمى: باشلىقى بارات (تاجىك توغلانشا كەنتىدىن)
مالىيە بۆلۈمى باشلىقى: گۈلجۇن (تاجىك تاشقورغاننىڭ ۋاچا يېزىسىدىن ، كېيىن گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)
ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئەلىفشاھ (تاجىك، تاشقورغاننىڭ داتوڭ يېزىسىدىن)
باج ئىدارىسى باشلىقى داۋۇت ساتتار (ئۇيغۇر ، تاشمىلىقتىن)
تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ، تاشقورغاننىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تاۋار ئالماشتۇرۇشنى جانلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ھەربىي تەمىناتى ۋە قورال — ياراغ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سودا شىركىتى قۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودىسىنى راۋاجلاندۇردى .
ھەربىي ئىشلار تەشكىلى :
ئىنقىلابى قوشۇننىڭ باش قۇماندانلىق شتاپى تاشقورغاننىڭ تاغارما يېزىسىدا تەسىس قىلىندى. كارۋانشاھ قوماندان، قاسىم تاش، تاھىر (قىرغىز) مۇئاۋىن قۇماندان ، مادايوف سىياسىي كومىسسار، قاۋىل مىرزەك (قىرغىز) شتاب باشلىقى، غولامخان تۆرە باش مەسلىھەتچى بولدى.
ئارقا سەپ تەمىنات باشلىقى: گۈلجۈن (گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن) بولدى. باش قوماندانلىق شتابىنىڭ قارىمىقىدا يەنە ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابى قۇرۇلدى.
ئالدىنقى سەپ قوماندانى: مادايۇف، مۇئاۋىن قوماندانى ھاكىم شىرىپ ( قىرغىز ).
شتاپ باشلىقى: شەمسىدىن سەخى بولدى. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى باسقۇچدا ئىنقىلابى قوشۇن ئۈچ پولكقا ئايرىلغان ئىدى. تاجىك 28 ئاتلىق پولكى، پولك كوماندىرى، لەشكەر ، مۇئاۋىن پولك كوماندىرى ئابدۇراخمان، سىياسى كومىسار ئابدۇرسۇل، شتاب باشلىقى بەگقەدەم بولدى. قىرغىز پولكى يەنى ئىسھاق غالىبىيەت پولكى، قادىر قۇل پولك كوماندىرى، ئوبۇلقاسىم مۇئاۋىن پولك كوماندىرى، مەمەت ئەيسا سىياسى كومىسار بولدى.
تاشقورغان گارنىزون پولكى شىرىنبېك (تاجىك، تاشقورغان دافتار يېزىسىدىن) پولك كوماندىرى ئاقنىياز (ئۇيغۇر، ئاقسۇ ۋىلايەتتىن، گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ) مۇئاۋىن پولك كوماندىرى بولدى.
تاشقورغان ئىنقىلابىنىڭ كېيىنكى باسقۇچقا كەلگەندە 1946- يىلى 3- ئايدا جەڭ ۋەزىيىتىنى بۇراش، قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قايتىدىن كۆتۈرۈش ئۈچۈن ‹‹ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان گېنېرال ئىسھاقبېكنى تاشقورغانغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، سەپنى بايراقنى قايتىدىن تىكلەشكە ئەۋەتتى. ئىسھاقبېك تاشقورغان قوراللىق كۈچلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابىنى بىكار قىلدى. قوماندانلىق قىلىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن پارتزانلارنىڭ قوماندانلىق شتابىنى تاغارمىدىن چىل گۈمبەزگە يۆتكىدى. دۈشمەن ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇ قۇماندانلىق شتاب رەھبەرلىرىنى شەخسەن ئۆزى باشلاپ ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كۆچۈردى. ئىنقىلابنىڭ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ كۈرەش تاكىتكىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قايتا — قايتا تەكىتلەپ، ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى خاتالىقلارنى ئەستايىدىل تۈزەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە قوراللىق قوشۇنىنى مۇنتىزىملەشتۈرۈپ، مىللىي ئارمىيىنى ئىككى بىرىگادا، بىر گارنىزون پولك قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى. ھەمدە ئارمىيە قوماندانلىق ئورگىنىنى ۋە ئاساسى قاتلام رەھبەرلىرىنى تەڭشەپ ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويدى . ئىنقىلابى قوشۇننىڭ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى تەشكىللىنىشى مۇنداق بولدى .
1- بىرىگادا (يەكەن بىرگادىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئورنى قوشراپتا ، بۇ بىرىگادا يەكەن تەرەپتىكى تاجىك ، قىرغىز ، ئۇيغۇر پولكى ۋە يېڭىساردىكى بىر قىرغىز پولكىدىن تەشكىللەنگەن بىرىگادا كوماندېرى مادايۇف.
مۇئاۋىن بىرىگادا كوماندېرى ھاكىم شىرىپ (قىرغىز)، شتاب باشلىقى: شەمسىدىن سەخى.
بۇ بىرىگادا يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن قىرغىز پولكدىن باشقا قاغىلىق ئۇيغۇر پولكى ۋە يېڭساردىكى تاجىك، قىرغىز پولكىمۇ بار ئىدى قاغىلق ئۇيغۇر پولكىنىڭ پولك كوماندېرى ھاشىم ئاخۇن (ئۇيغۇر، قاغىلىقتىن، كېيىن گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن) مۇئاۋىن پولك كوماندېرى تۇردى قاربىك (ئۇيغۇر، قاغىلىقتىن كېيىن گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن) يېڭىسار ئېگىز ياردىكى قىرغىز پولكى، پولك كوماندېرى ئوسمان باتۇر ( قىرغىز، سۇ باشتىن)، مۇئاۋىن پولك كوماندېرى ئوسمان ×××××(قىرغىز، ئاقتۇدىن) شتاپ باشلىقى تاشتۆمۈر (قىرغىز، سۇباشىدىن ) بۇلارنىڭ قارمىقىدا بىر تاجىك روتىسى بولغان روتا كوماندېرى ئەبىبىللا (تاجىك ، تاشقورغان يېزىسىدىن كېيىن گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ) .
2- بىرىگادا ، ئورنى: ئويتاغدا، قارمىقىدا ئىككى پولك بولغان .
بىرىگادا كوماندېرى: تاھىر ( قىرغىز ، تاشقورغاننىڭ كوكيار مىللىي يېزىسىدىن )
سىياسىي كومىسارى بۇرغالى ( قازاق ) شتاب باشلىقى قەمبەر ( قىرغىز ، ئاقتۇدىن ) .
ئويتاغ قىرغىز پولكى:
پولك كوماندېرى: سايىت بەگ ( قىرغىز ، ئۇلۇغچاتتىن ) مۇئاۋىن پولك كوماندېرى ساتىبېك ( قىرغىز، ئۇلۇغچاتتىن )
شتاب باشلىقى سۇۋانقۇلى ( قىرغىز ، ئۇلۇغچاتتىن ) .
قەشقەر ئۇيغۇر پولكى: پولك كوماندېرى ھەسەن ھاجى (ئۇيغۇر، يېڭىساردىن) مۇئاۋىن پولك كوماندېرى تۇرسۇن (ئۇيغۇر، يېڭىساردىن گومىنداڭ تەرىپىدىن تىرىك كۆمۈلگەن ) قاغىلىق ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن جەنۇبى شىنجاڭ مىللىي ئازادلىق فرونتى قۇرۇلۇپ 11 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئىدى. مۇدىرى ساۋۇت قارى (ئۇيغۇر، يېڭىساردىن) ھەيئەتلىرى ئىسھاقبېك، كارۋانشاھ، سيتبېك، سىدىقخان غوجام (ئۇيغۇر، ئاقتۇدىن) مەمەت ئەيسا، ئابدۇللا دوموللا، قۇتلۇغۇۋ ( دائىمىي ئىشلارنى باشقۇرغان ) قاتارلىقلار

ئەگرى — توقاي ۋە مۇشەققەتلىك قوراللىق كۈرەش
ئىنقىلابى قوشۇن تەرتىپكە سېلىنىپ بىر ئايلىق تەلىم — تەربىيىدىن كېيىن، ئىنقىلاب ۋەزىيەتنى داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئازاد بولغان رايونلارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئۇرۇشنى پامىردىن شەرقى شىمال تەرەپتىكى قەشقەر ۋە يەكەن تەرەپلەرگە سۈرۈپ ، ئومۇميۈزلۈك يۈرۈش قىلدى. ئۇلار قوشۇننى ئۈچ يۆنىلىشكە ئايرىپ، جەڭگە ئورۇنلاشتۇردى. ھەربىي يۈرۈشنىڭ نىشانىسى مۇنداق بولدى.
بىرىنچى يۆنىلىش قىسمى: ئوپال، تاشمىلق تەرەپكە بىۋاستە ھۇجۇم قىلىپ، غەربىي جەنۇپ تەرەپتىن قەشقەرنى قىسىش.
ئىككىنچى يۆنىلىش قىسىمى: ئاقتالا ئارقلىق مېڭىپ يېڭىسارنى ئازاد قىلىش ۋە بۇ ئىككى قوشۇن ئىككى تەرەپتىن يەنىمۇ ئىلگىرلەپ قەشقەرنى ئازاد قىلىش، قەشقەر بىلەن يەكەننىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش.
ئۈچىنچى يۆنىلىش قىسمى: يەنى تاجىك پولكى زەرەپشان دەرياسىنى بويلاپ خەتەرلىك تاغ — داۋانلاردىن ئېشىپ، داتۇڭ ، كوسراپ ئارقىلىق يۈرۈش قىلىپ، قاغىلىق بىلەن پوسكامنى ئازاد قىلىپ، خوتەن بىلەن يەكەننىڭ ئالاقىسىنى ئۇزۈپ تاشلاش ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يەكەننى ئازاد قىلىش، ئىنقىلابى قوشۇن يۇقارقى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن ئىنقىلابى ئۇرۇشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى يەنى قەشقەر، يەكەن ئەتراپلىرىدا جاپالىق قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىش باسقۇچى باشلاندى . ئەگەر بۇ باسقۇچتا يەنى تاشقورغاننى ئازاد قىلىش، ۋاقىتلىق مىللىي ھۆكۈمەت ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىنقىلابى قوشۇن قۇرۇش باسقۇچى بىرقەدەر ئوڭۇشلۇق بولدى دېيىلىدىغان بولسا ئۇ ھالدا ئىنقىلابى ئۇرۇشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ناھايىتى مۇشەققەتلىك ۋە جاپالىق بولىدۇ . بۇ باسقۇچتا زور غەلىبىلەرمۇ قولغا كەلتۈرۈلدى. ۋە ئېچىنىشلىق ئوڭۇشسىزلىقلارمۇ بولدى.
ئىنقىلابى قوشۇن ھەرقايسى يۆنىلىشتىكى قىسىملار بەلگىلەنگەن نىشان بويىچە ئوڭۇشلۇق ھالدا يۈرۈش باشلىدى . بۇ ۋاقىتلاردا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەتراپىدىمۇ ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› قوشۇنى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن گومىنداڭ قوشۇنلىرى ھەرقايسى جايلاردا خەلق قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، گومىنداڭ قوشۇنلىرى ھەرقايسى جايلاردا خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ بىربىرىگە ياردەم بېرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقورغاندا ئىنقىلابى قوشۇن بىراقلا غەلىبە قىلىپ دۈشمەننى يۈرۈكزادە قىلىۋەتكەن . دۈشمەن تېخى ئەس — ھوشىنى يىغىپ بولالمىغان ھەمدە باشقا جايلاردىكى قوشۇنلىرىنى يۆتكەپ قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى. شۇڭا، بۇ باسقۇچنىڭ دەسلىپىدە مىللىي ئىنقىلابى قوشۇن ھەرقايسى سەپلەردا چاقماقتەك تېز يۈرۈش قىلىپ ئارقا — ئارقىدىن بىر قاتار غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
تاشقورغاندىن قېچىپ چىققان دۈشمەن ئەسكەرلىرى چېچەكلىكتە ئوبۇل قاسىم رەھبەرلىكىدىكى پارتزانلارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچراپ ئۇدۇلچىلا گۈمبەزگە قاراپ قاچتى . ئۇلار يىل بويى خەلق ئاممىسىنىڭ چارۋىسىنى ۋە مال — مۈلكىنى بۇلاپ، خەلقنى زار قاقشاتتى . شۇڭا مىللى ئىنقىلابى قوشۇن دۈشمەننى ئىز بېسىپ قوغلاپ ماڭغاندا خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ۋە ياردىمىگە ئېگە بولدى. بىرمۇنچە كىشىلەر يولدا ئىنقىلابى قوشۇنغا قاتناشتى. چىل گۈمبەزگە بارغاندىن كېيىن دۈشمەننىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق قىسىملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى يوقاتتى. بۇ يەرلەردە قوشۇنغا يېڭىدىن كىرگەنلەرنى ھەرقايسى قىسىملارغا بۆلۈپ، تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن ئاقتالاغا قاراپ ئۇلارنىڭ ئەمىلىي كۈچى 223 كىشىگە يەتتى . گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى شىددەت بىلەن ئىلگىرلەۋاتقان ئىنقىلابى قوشۇننى توسۇپ، ئۆزىنىڭ تېرىپېرەن بولغان قوشۇنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى ئۈچۈن قەشقەردە تۇرۇشلۇق 3- پولكىدىن روتا ئەسكەرنى ياردەمگە ئېۋەتتى . دۈشمەننىڭ 3- پولكى شۇ ۋاقىتلاردىكى گومىنداڭ ئارمىيىسى ئىچىدىكى جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى بولغان قىسىم ھېسابلىناتتى. ياردەمگە ئېۋەتىلگەن بۇ روتىمۇ خىللانغان بولۇپ ، دۈشمەن ئۆزىچە بۇ كۈچ بىلەن ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنى پۈتۈنلەي توسۇۋالغىلى بولىدۇ. دەپ ھېسابلىغان ئىدى. لىكىن دۈشمەن چوتنى خاتا سوققان ئىدى. 9- ئاينىڭ 15- كۈنى ئىنىقىلاۋى قوشۇن ئاقتالاغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ كەڭقول ئەتراپىدا دۈشمەننىڭ ئۈچ ئىستېھكامىنى ۋەيران قىلىپ، دۈشمەننىڭ شۇ قىسمىنى پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە ئالدى ۋە 15-، 16- كۈنلرى قاتتىق ئۇرۇش قىلىپ دۈشمەننى ئېگىز يار ۋە يېڭىسارغا قېچىشقا مەجبۇر قىلدى، مۇشۇ بىر قېتىملىق جەڭدىلا 160 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتتى. 20 كىشىنى يارىدار قىلدى (بۇنىڭ ئىچىدە بىر روتا كاماندىرىمۇ بار ) 120 تال مىلتىق، 18 ئېغىر — يىنىك پېلموت ۋە نۇرغۇن ئوق — دورا غەنىمەت ئېلىپ، قوزغىلاڭ باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. شۇ قىېتىملىق جەڭ غەلبىسىنىڭ ئىلھامى بىلەن دۈشمەننى ئېگىز يارغىچە قوغلاپ باردى. دۈشمەن ئېگىز يارنىمۇ تاشلاپ يېڭىسارغا قاراپ قاچتى. يول بويى يەرلىك ئاممىدىن 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ ، مەجبۇرى ھالدا ئۆز قوشۇنىغا قوشۇۋالدى. دۈشمەن ئېگىز ياردىن يېڭسارغا قېچىپ بارغاندىن كېيىن مەجبۇرى تۇتۇپ كەتكەن ئاممىسىنى ئۆز قوشۇنىغا قوشۇۋىلىپ زىيان بولغان ئەسكەر سانىنى تولدۇرۋالغاندىن كېيىن ئېگىز يارغا يەنە قايتارما ھۇجۇم قىلىپ، ئېگىز يارنى قايتۇرۇۋالماقچى بولدى. ئىنقىلابى قوشۇن قايتارما ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن دۈشمەننىڭ يولىنى توسۇپ زەربە بەردى. دۈشمەننىڭ ئالدىدا ماڭغۇچى 57 نەپەر ئەسكەرنى پۈتۈنلەي ئەسىر قىلىپ تۇتۇۋالدى . قالغان دۈشمەنلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يېڭىسارغا تىكىۋەتتى. بۇ ۋاقىتتا يەكەن تەرەپتىن ياردەمگە كەلگەن 200 دىن ئارتۇق دۈشمەننى ئالدى . كەينىدىن ئوققا تۇتۇپ ئۇلارنىڭ 47 ئادىمىنى يوقاتتى بىرقانچە قېتىملىق جەڭدە پارتزانلاردىن فەرەنگى ئەبىلشۇ، شويىن، مەتخۇشال قاتارلىق تاجىك ۋە ھەرمىللەت جەڭچىلىرى بولۇپ، بىر نەچچە ئون كىشى ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، دۈشمەننى يوقىتىپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىنقىلابى قوماندانلىق شتابى تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى . ئاقتالا ۋە ئېگىز ياردىكى جەڭدە ئىنقىلابى قوشۇن قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ دۈشمەننىڭ 300 دىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتتى ۋە ئەسىر ئالدى . 280 تال مىلتىق، 18 ئېغىر — يېنىك پىلىموت ۋە نۇرغۇن ئوق — دورا غەنىمەت ئالدى. دۈشمەندىن ئەسىرگە چۈشكەن ئاز سانلىق مىللەت ئەسكەرلىرىنى تەربىيلەپ ئۆز سېپىگە قوشتى. شۇڭا، يېڭىسار يۆنىلىشتىكى ئىنقىلابى قوشۇننىڭ كۈچى تېزلىكتە ئۇلغىيىپ 400 كىشىدىن ئاشتى . ھەمدە يېڭىسارغا 30 كېلومىتىر كېلىدىغان يەرگىچە ئىلگىرلەپ باردى . ئېگىز يار خەلقى ئىنقىلابى قوشۇننى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۇلارنى ئاشلىق، ئوت- چۆپ بىلەن تەمىنلىدى .
قەشقەر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان قوشۇنلار دۈشمەننى سۇباش، بۇلۇڭكۆل قاتارلىق جايلاردىن قوغلاپ، بوستان تېرەك قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلدى. ۋە ئەتراپتىكى دۈشمەننى قوغلاپ 9- ئاينڭ 15- كۈنى ئوپالنى ئىگەللىدى. گومىنداڭ قوشۇنى تاشمىلىق، چەشتاغ، توققۇزاق قاتارلىق جايلارغا قاچتى. ئوپال خەلقى ئىنقىلابى قوشۇنغا 60ئات ياردەم قىلدى.
9- ئاينىڭ 16- كۈنى بۇ قوشۇن تاشمىلىققا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تاشمىلىقنى ئالالمىدى . ئۇلار غەربىي جەنۇپ تەرەپتىن قەشقەرگە جىددىي تەھدىت سالغانلىقى ئۈچۈن، قەشقەر دائىرلىرىنى خېلىلا ئالاقزادە قىلىۋەتتى. شۇڭا، دۈشمەن ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى ئاساسى كۈچىنى ئوپال، تاشمىلىققا قارتىشقا مەجبۇر بولدى .
يەكەن يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرلىگەن تاجىك پولكىدىن قاسىم بېك رەھبەرلىك قىلغان قىسىم كوسراپقا كېلىپ ئايرىتاشتا دۈشمەنگە قاتتىق تەھدىت سالدى .
11- ئاينىڭ 2- كۈنى ئەينىدىن رەھبەرلىك قىلغان 160 كىشىمۇ چىل گۈمبەز ئارقىلىق كوسراپقا كېلىپ قاسىم بېكنىڭ قوشۇنى بىلەن بىرلەشتى . ئۇلار بىرلەشكەندىن كېيىن زەرەپشان دەرياسىغا سېلىنغان ياغاچ كۆۋرۈكنى بۇزۇپ تاشلاپ دۈشمەننىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى .
11- ئاينىڭ 13- كۈنى پولك كوماندېرى لەشكەر باشچىلىقىدىكى ئاساسى كۈچمۇ يېتىپ كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار قوشۇلغاندىن كېيىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ، كاچۇڭ ۋە تۇمشۇق سارايدىكى دۈشمەن بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. كاچۇڭ ۋە تۇمشۇق سارايغا ھۇجۇم قلغان بۇ ئىككى سەپتىكى قوشۇن بىرقانچە كۈنلۈك جاپالىق جەڭ ئارقىلىق دۈشمەن قۇشۇنىنى ئۇ يەرلەردىن قوغلاپ چىقاردى. دۈشمەن قېچىپ پوسكامغا كىرىۋالدى. بۇ جەڭدە دۈشمەندىن 33 ئادەم يوقىتىلدى. بىر مۇنچە ئوق — دورا ۋە كاچۇڭدىكى بىر ئاشلىق ئىسكىلاتىنى غەنىمەت ئالدى.
12- ئاينىڭ 16- كۈى لەشكەر باشچىلىقىدىكى تاجىك پولكى 400 كىشىلىك قوشۇن بىلەن پوسكامغا ھۇجۇم قىلدى. لېكىن، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ، دۈشمەن ئىنقىلابى قوشۇنىنڭ ھەرىكىتىنى بالدۇر سىزىۋالغاچقا، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. پەقەت بىرنەچچە ئاتنىلا غەنىمەت ئالالىدى. پوسكامغا قىلىنغان ھۇجۇم مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىنقىلابى قوشۇن پوسكامنى مۇھاسىرە قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ياقا ئېرىققا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى .
12- ئاينىڭ 18- كۈنى ياقا ئېرىققا ھۇجۇم قىلىپ مۇھاسىرە قىلدى. 19- كۈنى ياقا ئېرىقنى ئازاد قىلىپ دۈشمەندىن 38 كىشىنى يوقاتتى. 24 تال مىلتىق، بىر پىلېموتنى غەنىمەت ئالدى. ياقا ئېرىقنىڭ ئازاد قىلىنىشى پوسكامدىكى دۈشمەن قوشۇنلىرىنى قاتتىق چۆچۈتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پوسكامنى تاشلاپ قاچتى . لىكىن، ئىنىقىلابىي قوشۇن دۈشمەننىڭ پوسكامنى تاشلاپ قاچقانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. شۇڭا، دۈشمەننىڭ پوسكامدىن قاچقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ پوسكامنى ئىشغال قىلمىدى . پوسكامدىن قاچقان دۈشمەن قوشۇنى ئىككى كۈندىن كېيىن يەنە پوسكامغا قايتىپ ئورۇنلىشىۋالدى . ئىنقىلابى قوشۇن دۈشمەن كۈچىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى رازۋېتكا قىلىپ، دۈشمەننڭ ئاساسەن يەكەن، پوسكام، قاغىلىق قاتارلىق ئاساسى بازىلىرىدا قامىلىپ قالغانلىقىنى، بۇ ئاساسى بازىلىرىدىن باشقا جايلاردا بولسا دۈشمەنلەرنىڭ تايانچسىز پارچىلانغان، يەككە — يەككە ھالدا قالغانلىقىنى ئىگەللىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىنقىلابى قوشۇن تايانچىسى، يەككە قالغان دۈشمەنلەرنى بىر — بىرلەپ يوقىتىپ، ئۆز كۈچىنى ئۇلغايتىپ، دۈشمەننڭ ئاساسى بازىلىرىدىكى كۈچلىرىنى يوقىتىشقا ئوبدان تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز كۈچلىرىنى 30 -، 40 دىن بۆلۈپ، يەكەن، يېڭىسار ئەتراپىدىكى دۈشمەنلەرنى بىر — بىرلەپ يوقاتتى . شۇنىڭ بىلەن ياقا ئېرىق، قىزىلتاغ قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئازاد قىلدى. يېڭىسار، ئېگىز يار ، پوسكام ئوتتۇرىسىدىكى يولنى تۇتاشتۇردى .
1945- يىل 10- ئاينىڭ 17- كۈنى يېڭىساردىكى جاڭ دۈيجاڭ، دۇسۇجاڭلار ئۆز قارىمىقىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ پوسكام ۋە قاغىلىققا كېلىپ ئورۇنلاشماقچى بولدى . كېيىن ئۇلار پوسكامنىمۇ تاشلاپ ھەممە كۈچىنى قاغىلىققا يۆتكەپ قاغىلىقنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىپ ياتتى. ئۇلار قاغىلىققا كەلگەندىن كېيىن خەلقنىڭ مال — مۈلكىنى بۇلاپ، ئاياللارغا باسقۇنچۇلۇق قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى. بىز ئەكسىيەتچىلەرنىڭ زۇلمىتىدىن زار قاقشىغان خەلق ئاممىسى مىللىي ئىنقىلابى قوشۇننىڭ تېزلىكتە كېلىپ، ئەكسىيەتچىلەرنى يوقىتىپ ، ئۆزلىرىنى زۇلۇم دەستىدىن ئازاد قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. بەزىلىرى دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىكى رايونلاردىن قېچىپ چىقىپ ئىنقىلابى قوشۇنغا دۈشمەن ئەھۋالىنى يەتكۈزدى. بەزىلىرى دۈشمەن قوشۇنىنى ئۆز بازىلىرىدىن ئالداپ ئاچىقىپ، ئىنقىلابى قوشۇننىڭ مۆكتۈرمىسىگە ئېلىپ كەلدى. خەلق ئاممىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا بۇ ئەتراپتىكى تارقاق بازىلاردىكى دۈشمەن قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى . قاغىلىققا قاپسىلىپ قالغان دۈشمەن قوشۇنى پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە چۈشۈپ، تايانچىسىز قالدى . قاغىلىقنى ئازاد قىلىشنىڭ شەرت — شارائىتى پىشىپ يېتىلدى .
1946- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىنقىلابى قوشۇننىڭ 600 دىن ئارتۇق ئادىمى قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. قىرغىز پولكى بىر روتا ئادەم دۈشمەننىڭ خوتەندىن كېلىدىغان ياردەمچى قوشۇنىنى توسۇش ئۈچۈن خوتەن تەرىپىدىن كېلىدىغان يولدا مۆكتۈرۈلدى. يەنە بىر قسىم قوشۇن پوسكامغا ھۇجۇم قىلدى . پوسكام تەرەپتىكى دۈشمەن ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن تەڭلا ھېچقانداق قارشلىق كۆرسەتمەي پوسكامنى تاشلاپ يەكەنگە قېچىپ كەتتى. تاجىك پولكى قان تۆكمەيلا پوسكامنى ئازاد قىلدى. قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى دۈشمەن قوشۇنى شەھەر دەرۋازىسىنى ئېتىۋېتىپ قاتتىق مۇداپىئە قىلدى. نەتىجىدە شەھەردە قاپسىلىپ قىلىپ ئىنقىلابى قوشۇننىڭ قاتمۇ- قات مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ، مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقالمايدىغان ھالەتكە چۈشىتى. 5 – 6 سائەتلىك قاتتىق جەڭدىن كېيىن دۈشمەن بەرداشلىق بېرەلمەي شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ قېچىشقا ھەرىكەت قىلدى . لېكىن، مۇھاسىرە ناھايىتى قاتتىق بولغاچقا پەقەت ئاز بىر قسىم ئەسكەرلا مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتەلىدى. قالغانلىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى . 2700 تۇياق ئات ئولجا ئېلىندى. قەشقەردە تۇرۇشلۇق 12- دىۋېزىيە قاغىلىقنىڭ مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئالاقزادە بولدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن قاغىلىقتىكى قوشۇنلارنىڭ قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ بازىنى قاتتىق ساقلىشىنى بۇيرۇسا يەنە بىر تەرەپتىن 3000 كىشىلىك قوشۇننى قاغىلىققا ياردەم بېرىشكە ئېۋەتتى . دۈشمەننىڭ بۇ ياردەمچى قوشۇنى تۇمشۇق سارايغا كەلگەندە شۇ يەردە توسۇپ تۇرغان قىرغىز پولىكىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى . بۇ يەردە ئىنقىلابى قوشۇننىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچراشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن دۈشمەن قوشۇنى ئالاقىزادىلىكتە بىرەر پاي ئوقمۇ ئېتىشقا ئۈلگۈرمىدى. 300 دەك ئۆلۈكنى تاشلاپ بەدەر تىكىۋەتتى . ئىنقىلابى قوشۇن ھەر يەردە يول توسۇپ ئۇلارغا زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ بۇ ياردەمچى قوشۇنىنى زور تالاپەتكە ئۇچراتتى. بۇ قوشۇننىڭ ئارقىدىن توشۇپ كېلىنگەن ئوزۇق — تۈلۈك تەمىناتىنى پۈتۈنلەي ئولجا ئېلىپ ئۇلارنى تەمىناتسىز قالدۇردى. 5 – 6 كۈن دۈشمەننى سۆرەپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىش نەتىجىسىدە، دۈشمەننى ھالسىراتتى. دۈشمەننىڭ ئوزۇق- تۈلۈك تەمىناتى ئولجا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئاچلىق دەردىدە بەكمۇ روھسىزلىنىپ كەتتى. دۈشمەن قوشۇنىدىكى مىللىي ئەسكەرلەر ئىنقىلابى قوشۇنغا تەسلىم بولماقچى بولغاندا، ئۇلارنىڭ تەسلىم بولۇش غەرىزى دۈشمەن تەرىپىدىن سىزىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن 60 دىن ئارتۇق ئەسكەر ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلدى. دۈشمەن قوشۇنىنى شۇنداق سۆرەپ يۈرۈپ يوقىتىش نەتىجىسىدە ئاخىرى قاغىلىققا ياردەم بېرىش غەرىزىدىن يېنىپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. چېكىنىش جەريانىدا يەنە ئىنقىلابى قوشۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ئۆزىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئەسكىرىدىن ئايرىلدى .
قاغىلىقنى مۇھاسىرە قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن تاجىك پولكى غەلىبىلىك ھالدا ناھىيە بازىرىغا كىردى. قاغىلىقنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا مىللىي ئىنقىلابى قوشۇن ناھايىتى زور ئىنقىلابى قىزغىنلىق ۋە قەھرىمانلىق رولىنى جارى قىلدۇردى . بۇ جەڭدە ئەرلەرلا ئەمەس ئاياللارمۇ قالتىس شىجائەت ۋە جاسارەت كۆرسەتتى . تاجىك پولكنىڭ سانتاركىسى دىلدانە (تېرەك لەڭگەرلىك) دېگەن تاجىك قىزى ئۇرۇش جىددىيلىشىپ، دۈشمەن ھەربىي قىسىملىرى قېچىپ كەتكەن، ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر تېخى جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان پەيىتتە، پولك كوماندېرى لەشكەر تەرىپىدىن ئالدىنقى ئۇرۇش سېپىگە ئالاقىچىلىككە ئەۋەتلىدۇ. ئۇ ئالدىنقى سەپكە يېتىپ كەلگەندە دۈشمەن ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر تېخى قارشلىق كۆرسىتىۋاتقان ئىكەن . ئۇ ئايلانما يول بىلەن سەپداشلىرىغا يېقىنلاشماقچى بولۇپ تام ياقىلاپ كەلگەندە، دۈشمەن بىر ئۆي ئىچىدىكى 30 نەچچە ئەسكىرىنىڭ پىلېموت بىلەن ئىنقىلابى قوشۇننى ئوققا تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ — دە، دەرھال قولىغا گرانات ئېلىپ، ئۆگزىگە چىقىپ، تۇڭلۇكتىن ئۆي ئىچىدىكى دۈشمەنلەرگە ‹‹ دەرھال قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇش، بولمىسا ھەممىڭنى كۇكۇم — تالقان قىلىۋېتىمەن›› دەپ ۋارقىرايدۇ. دۈشمەن ئەسكەرلىرى بۇنداق تۇيۇقسىز زەربىدىن ئالاقزادە بولۇپ، قورال تاپشۇرۇپ، تەسلىم بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ساقچى ئىدارىسىدىكىلەرنى مۇھاسىرىگە ئالغان مىللىي ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا يول ئېچىلىپ بىر ‹‹ۋۇررا›› ساداسى بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىدۇ. چېۋەر، ئەقىللىق ، باتۇر تاجىك قىزىنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى مىللىي ئىنقىلابى قوشۇندىكى بارلىق كوماندېر جەڭچىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. كىشىلەر بۇنداق قەھرىمانلىق جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. بۇ كوماندېر جەڭچىلەرنىڭ ئىنقىلابى كۈرەش ئىرادىسىگە غايەت زور ئىلھام بولىدۇ .
قاغىلىق بىلەن پوسكام ئازاد بولغاندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار ئىنقىلابى ھاكىمىيەت ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ تاشقورغان مەمۇرىي مەھكىمىسىگە تەۋە قىلدى. مىللى ئارمىيە ئۇيغۇر پولكى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىلدى. ئالتە كۈن ئىچىدە 1500 دىن ئارتۇق كىشى مىللىي ئارمىيىگە قاتناشتى . ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ئومۇمى سانى 5000 دىن ئاشتى. (ئەلۋەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىدە تېخى قورال-ياراغ يوق ئىدى) مۇھاسىرىدىن قېچىپ چىققان دۈشمەن ئەسكەرلىرى گۇما تەرەپكە قېچىپ بېرىۋالدى، گۇمىغا بارغان گومىنداڭ قوشۇنلىرى نۇرغۇن ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ ئۆيلىرىنى سۆكۈپ 1500 مېتىردىن ئارتۇق ئاكۇپ قېزىپ ئىنقىلابى قوشۇندىن قاتتىق مۇداپىئە كۆردى. ئىنقىلابى قوشۇن قاچقۇن دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن گۇمىغا قاراپ ئىلگىرلىدى تۆت كۈنلۈك كەسكىن ئېلشىش ئارقىلىق گۇما ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق گومىنداڭنىڭ ئاتلىق 1- دىۋېزىيە ئامانلىق قوغداش قىسىملىرى 28 كىشىنىڭ جەسىتىنى قالدۇرۇپ خوتەنگە قاراپ قاچتى .
قاغىلىقنى ئازاد قىلىپ بولغاندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار يەكەن ۋە يېڭىسارغا بىرلىكتە ھۇجۇم قوزغاپ، بۇ ئىككى جاينى بىراقلا ئازاد قىلىشنى پىلانلىدى . بۇ تاشقورغان ئىنقىلابىنڭ ئەڭ يۇقىرى دولقۇنى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابى ئۇرۇشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى، ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ھۇجۇم قوزغىشى ۋە گومىنداڭنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش باسقۇچى ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرەتتى.
1946- يىل 1- ئاينىڭ 12- كۈنى تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر پولكىدىن 300 دىن ئارتۇق جەڭچىلەر ئاجىرتىلىپ غەلىبىلىك ھالدا يۈرۈش قىلىپ، گومىنداڭ زور كۈچ بىلەن ساقلانغان يەكەن ناھىيىسىگە قىستاپ باردى. بىر كېچە جەڭ قىلىش ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلار يەكەن كونا بازىرىنى ئىشغال قىلىپ بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان دۈشمەننى يېڭى شەھەرگە قىستاپ كىرگۈزۈپ، قاتمۇ- — قات مۇھاسىرىگە ئېلىپ بىر ھەپتە قورشاپ تۇردى. بۇ ۋاقىتتا ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› ئارمىيىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەتراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان قوشۇنلىرى چېكنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق قوراللىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ تاشقورغان ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى . يەكەننى ساقلاۋاتقان دۈشمەن بىر تەرەپتىن جاھىللىق بىلەن جېنىنىڭ بېرىچە قارشلىق كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن تېلېگرامما يوللاپ جىددىي ياردەمچى قوشۇن يۆتكەپ قۇتقۇزۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ پەيتتە دۈشمەننىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ تەرەپلەردىكى قوشۇنلىرى ئارقا — ئارقىدىن ياردەمگە كېلىۋاتاتتى. زور ئەسكىرىي كۈچ شەھەرگە يېقىنلاشقان، ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشكەن پەيتتە قوزغىلاڭچىلار سىپىلگە ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، دۈشمەن ئۈچ تەرەپتىن قىستاپ كېلىۋاتقان، دۈشمەن كۈچى كۆپ، قوزغىلاڭچىلار ئاز بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، سىپىلگە ھۇجۇم قلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، بىر تەرەپتىن ئېتىشىپ بىر تەرەپتىن چېكىندى. بايەك ئىسكادىرون كوماندېرى، بايەك باشچىلىقىدىكى 60 نەپەر كىشى يەكەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدا قاتتىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. ئۇلارغا ‹‹يول باشلىغۇچى›› بولغان ئادەم گومىنداڭ ئىشپىيونى بولغاچقا، ئۇلارنى دۈشمەن مۇھاسىرىسى ئىچىگە باشلاپ كىردى. ئۇلار دۈشمەننىڭ مۇھاسىرە چەمبىرىكى ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن دۈشمەن ئۇلارغا ئالدى ۋە ئارقىسىدىن شىددەتلىك ئوت ئاچتى. پەقەت شۇ چاغدىلا بايەك ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىپ دۈشمەن مۇھاسىرىسى ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ، جەڭچىلەرگە ئىلاجنىڭ بېرىچە مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشقا بۇيرۇق قىلدى . بىر كېچىلىك قاتتىق جەڭ نەتىجىسىدە بۇ بىرقىسىم جەڭچىلەردىن پەقەت 28 كىشىلا مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىپ كېتەلىدى. 31 كىشى قۇربان بولدى. بايەك دۈشمەننىڭ قاتتىق مۇھاسىرىسى ئىچىدە قىلىپ دۈشمەننىڭ قولغا تىرىك چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى ئېتىپ ئۆلىۋالدى. دۈشمەن ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئېلىپ خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلاردا سازايى قىلدى. بۇ قېتىمقى جەڭدە ئىنقىلابي قوشۇندىن 150 دىن ئارتۇق ئادەم چىقىم بولدى. يەكەن ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابى قۇربانلارنىڭ تېز پۈكمەس قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب روھى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن ھازىرغىچىمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن يادلانماقتا . شۇ ۋاقىتلاردا تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ راسكام دېگەن كەنتىدىن بىر موماينىڭ بىر يالغۇ ئوغلىمۇ بايەك بىلەن بىرلىكتە يەكەن ئورۇشىغا قاتنىشىپ، جەڭدە قۇربان بولغان. بۇ موماي ئوغلىنىڭ جەڭدە بايەك بىلەن بىرلىكتە قۇربان بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئوغلىغا ئاتاپ ئوقۇغان مەرسىيە ناخشىسىدا بىر ئانىنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان چەكسىز ھەسرەتلىك ھاياتى ئىپادىلىنىپلا قالماي، بەلكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىغا بولغان غەزەپلىك شىكايىتى، خەلق قەھرىمانلىرىغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. بۇ ناخشا ھازىرغىچە كىشىلەر تەرىپىدىن يادلانماقتا .
يېڭىسار چەشتانە تەرەپكە ھۇجۇم قىلغان قوشۇنلارمۇ ئوخشاشلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ چىقىم تارتتى. گومىنداڭ ئۆزىنىڭ 34- پولك ۋە 17- پولكىدىن 1500 دىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچنى يۆتكەپ يېڭسارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئىنقىلابى قوشۇننى مۇھاسىرە قىلىپ توسۇشقا ئەۋەتتى. گومىنداڭنىڭ بىر تۈركۈم ئەسكىرىي كۈچى ئىنقىلابى قوشۇننىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق ئۈچۈن ئاز — ئازدىن بىرقانچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، بىرقانچە يول بىلەن يېڭىسارغا كېلىۋاتقان ئىنقىلابى قوشۇننى ئەگۈس دېگەن يەردە مۇھاسىرىگە ئالدى ۋە ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىدى . ئىنقىلابى قوشۇن تەييارلىقسىز ھالەتتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى بىلەن تەڭلا تەرەپ — تەرەپكە كېتىشكە مەجبۇر بولدى. مۇشۇنداق پىلانسىز ھالدىكى چېكىنىش نەتىجىسىدە ئىنقىلابى قوشۇننىڭ 100 دىن ئارتۇق ئادىمى دۈشمەن قوشۇنى تەرىپىدىن تۇتۇۋىلىندى. يېڭىسارغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىمۇ شۇنىڭ بىلەن يوققا چىقتى .
چەشتاغقا ھۇجۇم قىلىپ بارغان ئەنجانباي (ئۇيغۇر) باشچىلىقىدىكى 320 نەپەر ئىنقىلابى قوشۇنمۇ گومىنداڭنىڭ چەشتاغدىكى روتا ئەسكىرىي كۈچىنى مۇھاسىرە ئېلىپ ئۇلارغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن دۈشمەننىڭ قەشقەر تەرەپتىن كەلگەن ياردەمچى كۈچلىرى تېزلىكتە يېتىپ كەلگەچكە، ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىپ بەلگۈتاغ تەرەپكە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئەنجەنباينىڭ ئېتىغا ئوق تېگىپ قوشۇن بىلەن چېكىنىپ چېقىپ كېتەلمىدى. ئۆزى يالغۇز دۈشمەننىڭ قوغلاپ كەلگەن قوشۇنلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇرۇش قىلىپ بىرقانچە ئون ئادەمنى ئۆلتۈردى. ئاخىرى ئۆزىمۇ قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ يەكەنگە ئېلىپ كېتىپ كېيىن يەنە ئوپالغا ئەكېلىپ كوچىدا ئېسىپ قويۇپ سازايى قىلدى. ھەمدە خەلق ئاممىسىنى يىغىپ ‹‹ئەگەر كىمدە كىم ھۆكۈمەت بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئاقۋىتى شۇنداق بولىدۇ ›› دەپ تەھدىد سالدى كىشىلەرنى ئىنقىلابى قوشۇن بىلەن قىلچە ئالاقىدە بولماسلىق كېرەك دەپ مەجبۇرلىدى . ئىنقىلابى قوشۇننىڭ يەكەن، يېڭىسارغا ھۇجۇم قىلىشى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابى ئىرادىسى بۇنىڭ بىلەن بوشىشىپ كەتمىدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلرى بايەك، ئەنجانبايلارغا ئوخشاش ئىنقىلابى قەھرىمانلارنىڭ كاللىسىنى كېسىپ ھەممە يەردە سازايى قىلغىنى بىلەن ئاممىنى زادىلا قورقىتالمىدى. ئەنجانباينىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئوپالدا ئاممىنى يىغىپ سازايى قىلغاندا ئايتىللا دېگەن ئۇيغۇر ئايال مەردانلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ بارلىق خەلقنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئىنسانىيەت قىلىپىدىن چىققان بۇنداق ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقى، ئۇلارنىڭ خەلق ئۈستىدىكى دەھشەتلىك زۇلمىنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلىدى . خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئەنجانبايدەك قەھرىمانلارغا چىن كۆڭلىدىن ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇ ‹‹ بىز بۈگۈن ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىنىڭ بېشىنى كۆرمەكتىمىز، ئۇ بىزنى ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ئېمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ئۇ خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قۇربان بولدى. ھۆرلۈكنى سۆيگۈچى خەلق ئۇنى ئۆمۈرۋايەت ئەسلەيدۇ . ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ›› دەپ جاۋاب بېرىپ، گومىنداڭنىڭ بىر غالچىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ‹‹ئۆزەڭگە قاراپ باق، نەرىڭ ئادەمگە ئوخشايدۇ، سېنىڭ ھاياتىڭنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا بىر داچەنگىمۇ يارىمايدىغان ئەڭ پەسكەش ھايات›› دەپ قاتتىق سۆكىدۇ. دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىدىن قورقمايدىغان بۇ مەردانە ئايالنىڭ ئاخىرى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قانداق قىيىن — قىستاققا ئېلنغانلىقى، تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى بىزگە نامەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شۇنداق مەردانە سۆزلىرى ئىنقىلابى خەلقنىڭ ھەرقانداق زورلۇق — زۇمبۇلۇقلارغا تېز پۈكمەيدىغان قەيسەر ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
ئىنقىلابى قوشۇننىڭ يەكەن، يېڭىسارغا قىلغان ھۇجۇمى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلرى ئۆزىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، تاشقورغان ئىنقىلابىنى ئۇ جۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئازاد رايونلارغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىدى.
1945- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى گومىنداڭ 4000 دىن ئارتۇق ھەربىي كۈچى بىلەن قاغىلققا ھۇجۇم قوزغىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەكەن، قەشقەر، گۇما تەرەپتىكى بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا ماسلاشتى. قاغىلىقتىكى ئىنقىلابى قوشۇن گومىنداڭنىڭ بۇ قېتىمقى قورشاپ يوقىتىشىغا قەيسەرلىك بىلەن قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇر- مىسىدىكى پەرىق ناھايىتى زور بولغاچقا، ئاخىرى قاغىلىقنى تاشلاپ كاچۇڭ تەرەپكە چېكىندى. كاچۇڭدىمۇ دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئاندىن قوشراپقا چېكىنىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە كۈنگىچە قوزغىلاڭچىلار دۈشمەن بىلەن ئارلىق تاشلاپ جەڭ قىلىپ پارتزان لىق ئۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇردى. ئۇلار كۆپ قېتىم باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىك بىلەن گومىنداڭنىڭ قوغلاپ كەلگەن قوشۇنىغا قاتتىق زەربە بەردى. ئىككىلا تەرەپتە يېڭىش ۋە يېڭىلىش بولدى، شۇنداقتىمۇ ياردەمسىز قىلىپ كۈچى چەكلىك بولغاچقا، مۇتلەق ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچكە ئىگە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىپ توسۇشى ئاستىدا ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش كۈنسايىن كۆپەيدى. گومىنداڭ قوشۇنلىرى قاغىلىق، پوسكام قاتارلىق ئازاد رايونلارنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن شۇ يەرلەردىكى خەلق ئاممىسىنى دەھشەتلىك قىردى. قاغىلىقتا دەريا — ئېقىنلار بىگۇناھ خەلقنىڭ جەسەتلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ئىشپىيونى دەپ بەدنام چاپلاپ، خالىغانچە چېپىپ تاشلىدى. ھەتتا كىچك بالىلارنىمۇ ۋەھشىيانە ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈردى. مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىپ ئاكۇپ كولاش ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ياساشقا مەجبۇرلىدى . نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى سۆكۈپ دەل — دەرەخلەرنى كېسى، قومۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئاكۇپ قېزىپ ھەربىي پوستلارنى ياسىدى . كىشىلەر ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، سەرسان — سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
ئىنقىلابى قوشۇن قاغىلىق، پوسكام قاتارلىق ئازاد رايونلاردىن چېكىنىپ قوشراپقا كەلگەندىن كېيىن قىسىملارنى دەم ئالدۇرۇپ تەرتىپكە سېلىش، ھەربىي تەلىم — تەربىيە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە گومىنىداڭنىڭ بىر قانچە قېتىملىق ھۇجۇمىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، نۇرغۇن ئوق — دورا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى غەنىمەت ئېلىپ ئۆزىنى قوراللاندۇردى. گومىنداڭ ئارمىيىسى تاشقورغان ئىنقىلابى قوشۇنىنى قاغىلىق، پوسكامدىن چېكىنگەندىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ئاساسى بازىسى بولغان تاشقورغاننى ئىشغال قىلىش ۋە شۇ يول بىلەن بۇ ئىنقىلابى قوشۇننى پۈتۈنلەي يوقىتىش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق 12- پولكىنى ۋە ئاقسۇدىن يۆتكەپ كەلگەن يەنە بىر پولك ئەسكىرى كۈچىنى توپلاپ شىددەت بىلەن تاشقورغانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تاجىك پولكى قوغداۋاتقان ئارقا داۋان دېگەن يەرگە كەلدى . ئارقا داۋاندا شۇ ۋاقىتتا تاجىك پولكىدىن 15 نەپەر جەڭچى كۈزەتكە قويۇلغان بولۇپ، ئاساسى كۈچى ئايرىتاش دېگەن يەردە تەرتىپكە سېلىنىۋاتاتتى. كۈزەتچىلىك قېلىۋاتقان جەڭچىلەر دۈشمەننىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال پولك شتابىغا مەلۇم قىلدى. تاجىك پولكى دەرھال يۈرۈش قىلىپ ئارقا داۋانغا ئىلگىرلىدى . ئىككى تەرەپ تار جىلغىدا ئۇچرىشىپ قىلىپ بىر ئاز ئېتىشقاندىن كېيىن دەرھال ئارقىغا يېنىپ ئىككى تەرەپتىكى تاغ چوققىلىرىنى ئىشغال قىلش ئۈچۈن تاققا ياماشتى. تاجىك پولكىنىڭ كوماندېرى لەشكەرنىڭ پۇتىغا ئوق تېگىپ يارلانغان بولسىمۇ يەنىلا جەڭچىلەر بىلەن بىرلىكتە تاغ چوققىسىغا چىقىپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى. تاجىك پولكىدىكى كوماندىر جەڭچىلەر بىلەن تېزلىكتە جىلغىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى تاغ چوققىلىرىدىن ئىگەللەپ دۈشمەن قوشۇنىنى تار جىلغىغا قامىۋېلىپ قىرىشقا باشلىدى. ئۇرۇش پۈتۈن بىر كۈن داۋام قىلدى . تاجىك پولكى سان ۋە قورللىنىش جەھەتتە دۈشمەن قوشۇنىدىن كۆپ ئاجىز ئىدى. چۈنكى ئۇلار پوسكام، قاغىلىقدىن چېكىنگەچكە ھەمدە يەكەندىكى ئۇرۇشتا خېلى زور تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن نامدا بىر پولك بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە كۈچى ناھايىتى ئاجىز ئىدى. گومىنداڭ قوشۇنى تولۇق قوراللانغان ئىككى پولك بولۇپ، ئىنقىلابى قوشۇندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىدى . شۇنداقتىمۇ ئىنقىلابى قوشۇن ئەپلىك يەر شارائىتىنى ئىگەللەپ، دۈشمەننى شىددەتلىك ھالدا ئوققا تۇتتى. دۈشمەن ئارقىسىغىمۇ چېكىنەلمەيدىغان، ئالدىغىمۇ ئىلگىرلىيەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ، ھەر تەرەپتىن دۇمبالىنىپ ھالسىرىدى. بىر كۈنلۈك ئۇرۇش نەتىجىسىدە دۈشمەننىڭ 200 دىن ئارتۇق ئادىمى ئۆلۈپ 300 دىن ئارتۇق ئادىمى يارلاندى . پەقەت قاراڭغۇ چۈشكەندىلا قاراڭغۇلۇقدىن پايدىلىنىپ قالدۇق قىسىملىرى قېچىپ كەتتى. ئارقا داۋان ئۇرۇشى ئارقىلىق ئىنقىلابى قوشۇن گەرچە قاغىلىق، پوسكام، يەكەن تەرەپلەردە تالاپەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ لېكىن جەڭگىۋارلىقى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئەستايىدىل تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق ھەربىي ۋە سىياسى سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كۈچىنى تولۇقلىغاندا جەنۇبى شىنجاڭدىكى گومىنداڭ كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بىرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئىنقىلابى قوشۇن قوشراپ قوشۇننى تەرتىپكە سېلىش، ھەربىي تەلىم — تەربىيە ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئەسكەرلەرنىڭ ئوزۇق — تۈلىكى ۋە تەخسىمات جەھەتتە ئىنتايىن زور قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى . شۇڭا، بىر قىسىم قوشۇنىنى چىقىرىپ يېقىن ئەتراپتىكى دۈشمەن بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئوزۇق — تۈلۈك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى . دۈشمەن كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىنقىلابى قوشۇن ئۆتكەنكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ھەربىي قوشۇننى ئەستايىدىل تەرتىپكە سېلىپ، ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا پىلانلىق ھالدا ئەستايىدىل تاقابىل تۇردى. دۈشمەننى ھەر قېتىمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەغلۇپ قىلدى. بىرقانچە ئاي ئىچىدە 2300 تال مىلتىق 400 تال يېنىك پىلېموت، 100 تال ئېغىر پىلېموت، 400 دىن ئارتۇق گرانات، 100 تال ئاپتۇمات غەنىمەت ئېلىپ ئۆزىنىڭ قورال — ياراغلىرىنى تولۇقلىدى. دۈشمەننىڭ نۇرغۇن جانلىق كۈچلىرىنى يوقىتىپ، دۈشمەننى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى .
گېنېرال ئىسھاقبېك قايتا تاشقورغانغا كېلىپ ئىنقىلابى قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ ھەربىي تەلىم — تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىنقىلابى كۈچلەرنى مىسلىسىز ئىتتىپاقلاشتۇردى .مۇشۇ ئاساستا ئۇلار 1946- يىلى 6- ئايدا يەكەن، قەشقەر خوتەن تەرەپكە قايتارما ھۇجۇم قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا مىللىي ئىنقىلابنىڭ يەنە بىر قېتىملىق زور دولقۇنىنى قوزغاشنى پىلانلىدى . ھەمدە جەڭگە جىددىي ھازىرلىق كۆردى. ئىنقىلاب يېڭى بۆسۈش ھالىتىدە تۇرغاچقا گومىنداڭنىڭ قەشقەر ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھۆكمىرانلىقىغا زور تەھدىت بولدى . تاشقورغان قوراللىق ئىنقىلابى قايتىدىن جانلىنىۋاتقان پەيتتە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق توغرىسىدىكى سۆھبىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى . خارابلىشىش ۋەزىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۈن، گېنېرال جاڭ جىجۇڭ ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشتى . بۇ چاغدا تىنچلىق سۆھبەتكە بولغان سەمىمىيلىكنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن، گېنېرال ئىسھاقبېك تاشقورغان مىللىي ئارمىيىگە ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىپ چىل گۈمبەز ، قوشراپ ، ئارقا داۋان، ئويتاغ قاتارلىق تاغلىق رايونلارغا يىغىلپ ئارام ئېلىپ كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى .
1946- يىل 6- ئاينىڭ 6- كۈنى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى «تىنچلىق بىتىمنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتىنىڭ 2- ›› سىگە ئىمزا قويدى. بۇ شىنجاڭ تېنچىلىق سۆھبىتىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ئىسھاقبېككە جىددىي تېلېگرامما يوللاپ تىنچلىق بىتىمنى قەتئىي ئىجرا قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئىسھاقبېك ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن ئۆزى قوشراپقا كېلىپ 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن تاشقورغان ئىنقىلابى قوشۇنى تەشكىللىك ھالدا تاشقورغانغا چېكىنىشىكە باشلىدى. ھەمدە شىنجاڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇش ئىشىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن تاشقورغان ئىنقىلابى تەرەپتىن سىدىقخان غوجام (غۇلجىدا ئۆلگەن) قۇربان دۆلەت قاتارلىقلارنى ۋەكىلى قىلىپ ئەۋۋەل ئۈرۈمچىگە كېيىن غۇلىجىغا ئىۋەتتى. ئىنقىلابى قوشۇن بىر قانچە ئايلىق جاپا — مۇشەققەتلىك شارائىتتا كۈرەش قىلغانلىقى ، تەبئىي شارائىتنىڭ ناچار بولۇشى تۈپەيلىدىن ياز پەسلىدە قوشۇندا كېزىك كېسىلى تارقىلىپ كەتتى . ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئىنقىلابى قوشۇننىڭ قىيىن شارائىتتا قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ تېنچلىق كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئىنقىلابى قوشۇننىڭ چېكىنىش پۇرسىتىدا يەنە بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ كىلىپ ئىنقىلابى قوشۇننى پۈتۈنلەي يوقىتىۋىتىشكە ئۇرۇندى . گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنڭ بۇخىل نۇمۇسسىز ۋاپاسىزلىقى ئىنقىلابى قوشۇندىكى بارلىق كوماندىر جەڭچىلەرنىڭ چەكسىز غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغىدى . تاشقورغانغا قاراپ چېكىنىۋاتقان ئىنقىلابى قوشۇندىكى بارلىق كوماندېر جەڭچىلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ دۈشمەننىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان قىسىمىغا قايتارما زەربە بېرىپ ئۇلارنى چېكىندۈردى . بۇ جەڭدە ئىنقىلابى قوشۇندىن پولك كوماندېرى قادىر قول قۇربان بولدى . گومىنداڭنىڭ بۇنداق يۈزسىزلىكىدىن غەزەپلەنگەن كەڭ كوماندېر جەڭچىلەر چېكىنىشنى توختۇتۇپ ئەسلىدىكى پېلان بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى .
1946- يىلى 8- ئايدا تاشقورغان ئىنىقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مادايۇف، شىرىنبېك، ئوبۇلقاسىم قاتارلىقلار داغدۇغۇلۇق مۇكاپاتلاش يىغىنىغا قاتناشقان ۋاقىتتىمۇ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ نۇمۇسسىز ۋاپاسىزلىقىغا نىسبەتەن ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىگە قۇرال كۆتۈرۈپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن ئۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەرەپ پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ تىنچلىق ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن يەنىلا تىنچىلىق كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ چېكىنىشنى، پەقەت تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن شۇ بىر قىسىم دۈشمەنلەرنىلا يوقىتىش بىلەن چەكېلىنىشنى قاتتىق بۇيرۇدى . شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابى قوشۇن ئۆز بازىلرىدىن چېكىنىپ تاشقورغانغا قايتىپ كەتتى. بارلىق قۇرال — ياراق، ئوق — دورىلارنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق ئىلىغا يۆتكەپ ئاپىرىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى .
1946- يىلى 7- ئاينڭ 1- كۈنى شىنجاڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. تاشقورغان ۋالى مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئورگانلار ئارقا — ئارقىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. داغدۇغۇلۇق باشلانغان تاشقورغان ئىنقىلابى ئاياغلاشتى.
تاشقورغان ئىنقىلابى ئالدىنقى تەييارلىق باسقۇچىنى قوشقاندا ئۈچ يىل داۋام قىلىپ، ئىلگىرى — ئاخىر 7000 دىن ئارتۇق ھەرمىللەت خەلق پۇقرالىرى بۇ قوراللىق كۈرەشكە قاتناشتى. قوراللىق قوزغىلاڭچىلار تاغ- داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھەربىي قوشۇنىغا قاخشاتقۇچ زەبەر بىرىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنىقىلابىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بازىسىنى قۇرۇپ، بۇ كەڭ زىمىندىكى ھەرمىللەت خەلقىنى بىر مەھەل قاراڭغۇ زۇلمەتنىڭ ھۆكمىرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھەركىتىگە كۈچلۈك ماسلاشتى . ئۇلارنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئوق ئاۋازى، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ مۇستەھكەم قورغانلىرىنى تىترتىپ، زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا نۇر چېچىپ ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنڭ ئىنقىلاپ يولىنى يورۇتتى. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇشقا مۇناسىپ.
1946- يىلى 8- ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تاشقورغانغا قايتىدىن كىردى. شىنجاڭ تىنچلىق بىتىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن تاشقورغان خەلقى تىنچلىق بىتىمىنى ئىجرا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچلىرى قانلىق قىلىچىنى تاشلىمىغانىدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلار ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي تىنچلىق بىتىمىنى ئوچۇق — ئاشكارا يىرتىپ تاشلاپ كۈرەشنىڭ تىغ ئۇچىنى ھەرمىللەت ئىنقىلابىي ئاممىسىغا قارىتىپ، تاشقورغان قوزغىلاڭچىلىرىغا قايتاتارما ھۇجۇمغا ئۆتتى. پامىر ئىگىزلىكىدە ئىس — تۈتەكلەر قايتىدىن كۆتۈرۈلدى . تاشقورغان خەلقى ئاق تىرۇرلۇق قاپلىغان ئەڭ ئېچىنىشلىق مەزگىلگە كىرىپ قالدى. ئۆي ماكانلىرىغا قايتقان مىللى ئارمىيىنىڭ جەڭچىلىرى ۋە بەزى تايانچىلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولدى. خائىنلارنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن كۆپلىگەنلىرى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى . ئالۋاستىلارنىڭ ئالقىنىدىن قېچىپ ئامان قالغانلار ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىچىپ كەتتى ياكى تەرەپ — تەرەپكە قېچىپ يوشۇرنىۋالدى . ئىنقىلاپ مەزگىلىدە بىر قسىم مىللى مۇناپىق، خائىنلار گومىنداڭ ئەكىسيەتچى كۈچلىرىگە ئەگىشىپ قەشقەر تەرەپكە قېچىپ كېتىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئىنقىلاپقا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئىشپىيونلۇق، جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىنقىلابقا نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈردى. شىنجاڭدا تىنچلىق كىلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن بۇ بىر توپ مىللى مۇناپىقلار، خائىنلار گومىنداڭغا ئەگىشىپ تاشقورغانغا كېلىشكە باشلىدى. گومنداڭ تىنچلىق كېلىشىمىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش شەرتنامىسىغا خىلاپلىق قىلىپ، مۇشۇ خائىن، مىللى مۇناپىقلارنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرگۈزدى. تاشقورغاندا نامدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ھوقۇق گومىنداڭچىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ بېرىلدى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەرەپ ۋەكىلى سۈپىتىدە غوجامكەلدى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە كىرگۈزۈلۈپ، مۇئاۋىن ھاكىم بولغان بولسىمۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۇنى ۋە شىرىنبېك قاتارلىق بىر قىسمىنى كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىدى.
1947- يىلدىن باشلاپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلرى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇرۇن تاشقورغان ئىنقىلابىغا قاتناشقان ئاساسلىق تايانچىلارنى ۋە باراۋەر مەرتىۋىلىك زاتلارنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلىدى . بىر قىسمىنى بولسا ھېچقانداق سوراق قىلمايلا يوشۇرۇن ھالدا ئۆلتۈردى .
1947- يىلدىن 1949- يىلى ئازاد بولغانغا قەدەر ئۆز ۋاقتىدىكى تاشقورغان ناھىيە دائىرىسىدىكى ئىنقىلابى جەڭچىلەرنى ۋە بىگۇناھ خەلقتىن 400 دىن ئارتۇق كىشى قاماققا ئېلىندى ۋە ئۆلتۈرۈۋىتىلدى. گومىنداڭنىڭ ئىشپىيون جاسۇسلىرى ھەممىلا يەرنى قاپلاپ كەتتى . تاشقورغاننىڭ ئۆزىدە بولسا ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈلۈپ كېچىلىرى مېڭىش چەكلەندى. گومىنداڭ سىياسى جەھەتتە خەلققە دەھشەتلىك ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلدى. باج — سېلىقلارنىڭ خىلى 20 نەچچە خىلىدىن ئاشتى. ھەر يىلى تاشقورغان خەلقىنى نەچچە مىڭ تۇياق ھارۋىسىنى باج تاپشۇرۇشقا قىستىدى .
ئەكسىيەتچىل ھەربىي قوشۇننى بېقىش ئۈچۈن نەچچە مىليۇنلىغان جىڭ ئوتان — ياغاچ، چۆپ — سامان ئالۋاڭ ئالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقنىڭ ئات ئۇلاغلىرىنى خالىغانچە ھەقسىز ئىشلەتتى. گومىنداڭنىڭ ھەربىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى باج – خىراجلارنى يىغقاندا ئۇلارنى خالىغانچە كۆپەيتىپ ئۆزىنىڭ چۆنتىكىگە سالاتتى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچلىرىنىڭ بۇنداق دەھشەتلىك زۇلىمى ئاستىدا ئىشلەپچىقىرىش ئېغىر ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى .
1947- يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو سوۋېت چېگرىسىغا يېقىن يايلاقلاردا چارۋا بېقىش مەنئىي قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ، چارۋا سانى زور مىقداردا كېمەيدى. تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ 1949- يىلىدىكى ئومۇمى چارۋىسى 1942- يىلىغا قارىغاندا يىرىمى دېگەندەك كەمەيدى. ئازاتلىقنىڭ ھارپىسىدا %50 دىن ئارتۇق ئائىلىدە باققان چارۋىسى 20 تۇياققا يەتمەيدىغان ھالەتكە چۈشتى.%20 ئائىلىنىڭ ئاساسەن چارۋىسى يوق ئىدى. دېھقانچىلىقتىمۇ سايمان- قۇراللار يېتىشمىگەنلىكى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېرىلغۇ ئۇلاغلىرى بولمىغانلىقتىن مەھسۇلات يېلدىن-يېلغا كەملەپ، كىشىلەر ئاچ- يالىڭاچلىقتا قالدى. شۇ سەۋەبتىن بەزى كىشلەر يۇرتنى تاشلاپ سەرسان — سەرگەردان بولدى. مەكتەپلەرنى ھەربىي قىسىملار ئىگەللەپ ئالغانلىقتىن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشسىز قالدى. تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ھەر يەرلەردە يامراپ كېتىپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر داۋالاشقا ئىگە بولالماي ئۆلۈپ كەتتى. نوپۇس كېمىيىپ كەتتى. بەزى نامرات كىشىلەر ئۆلگەندە ھەتتا كىپەنلىك ئۈچۈن بىرەر خاممۇ تاپالمايدىغان بولدى. سودا — سېتىق يولى توسۇلغانلىقتىن كىشىلەر تۇرمۇش لازىمەتلىكلەرنى تاپالمايدىغان ھالەتكە چۈشتى .
تاشقورغان خەلقى بۇ بىر دەۋردە ئەڭ زۇلمەتلىك، ئېچىنىشلىق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈردى. لېكىن، بۇ زۇلىمەت قاراڭغۇ، تاڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇق ئىدى.
«زۇلمەت كېچە ئۇزۇندۇر لېكىن ئۇنىڭ چېكى بار. يىرتىپ زۇلمەت كۆكسىنى، قۇياشى پارلاپ نۇرچاچار» جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئېلىپ بارغان خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى ئارقا — ئارقىدىن ھەرقەدەمدە غەلبە قلماقتا ئىدى. ئازادلىق تېڭى ئېتىش ئالدىدا تۇراتتى. ئۈچ يىلدىن كېيىن شىنجاڭ تىنچىلق بىلەن ئازاد بولدى. جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى غەلبىلىك ھالدا شىنجاڭغا كىرىپ ئۈچ ۋىلايەنتنىڭ مىللىي ئارمىيىسى بىلەن ئۇچراشتى .
1949- يىلى 12- ئايدا جۇڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تاشقورغانغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق پامىر ئېگىزلىكىدە جەۋلان قىلدى. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن. 5- جۈن 13- دىۋىزىيەنىڭ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسمىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. شۇندىن تارتىپ تاشقورغاندىكى تاجىك، قىرغىز، ئۇيغۇر، خەنزۇ مىللەتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە پارلاق، بەختلىك سوتسىيالىزىم داغدام يولىدا ماڭدى.