Méning_alim_akam-UEY
مېنىڭ ئالىم ئاكام
© «ئۇيغۇر ئاۋازى»، 8.10.2020
بۇ ماقالىنى يېزىشتىن ئىلگىرى كۆپ ئويلاندىم. يازمىسام بولمايدۇ. چۈنكى ئاكام، فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ نامزىتى، تىلشۇناس ئالىم ئوكتيابر جامالدىنوۋ 90 ياشقا كەلدى. «مالنى قاسساپ سويسۇن» دېمەكچى، ئاكام ھەققىدە ژۇرنالىست شاگىرتلىرى يازسا ياخشى بولاتتى، دېگەن ئويدىمۇ بولدۇم. شۇندىمۇ «ئۇيغۇر ئاۋازىدا» ئىشلەۋاتقان شاگىرتلىرىغا ئىشەڭەن ھالدا، قولۇمغا قەلەم ئالدىم. پۈتۈن قېرىندىشىمنىڭ ئۆمۈربايانىنى مېنىڭدەك ياخشى بىلىدىغان ئادەم يوق بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىمىزنىڭ ئارىسى ئۈچ ياش. بىللە ئۆستۇق…
بىزنىڭ تېگى-تەكتىمىز – جاغىستايلىق. شۇڭلاشقا گەپنى ژىراقتىن باشلىغۇم كېلىۋاتىدۇ. بوۋام – زوردىناخۇن ئەمرۇللاېۋ، تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ئاڭلىق ئادەملەردىن بولغان ئېكەن. ئۇنىڭ كونسۇلخانىلاردا، مەكتەپلەردە ئىشلىگىنىدىن خەۋىرىمىز بار. ئامما ئۇ، نېمىشكىدۇ، مومىمىز قايتىش بولغاندىن كېيىن ئۈچ بالىسىنى قالدۇرۇپ، كېڭەش ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىدېكەن. ئۇ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە كېلىپ، چوڭ ئاقسۇ يېزىسىغا ئورۇنلىشىدۇ. بىلىشىمىزچە، بوۋام تۈگمەن يېزىسىدىكى مەكتەپنىڭ ھۇلىنى سالغانلارنىڭ بىرى ۋە شۇ بىلىم دەرگاھىنىڭ بىرىنچى مۇەللىملىرىدىن بولغان. شۇنداقلا ئۇ ناھىيەدىكى چوڭ ئاقسۇ، ئۇزۇنتام، توققۇزبۇلاق يېزىلىرىدىكى مەكتەپلەردە ئۇستازلىق قىلىدۇ.
ئۇنىڭ جاغىستايدا قالغان ئۈچ پەرزەندىنىڭ ئوتتۇرانچىسى مېنىڭ دادام – جامالدىن. ئۇ ئەر يېتىپ، بۇ ياققا دادىسىنى ئىزدەپ چىقىدېكەن. ئاتا بىلەن بالا چوڭ ئاقسۇدا تېپىشىدۇ. بوۋىمىز بۇ ياقتا ئىككى قېتىم ئۆيلىنىدۇ. ئىككىنچى ئايالىنىڭ ئىسمى گۈنەم. بۇ قادىرھاجى دېگەن تونۇلغان بىر كىشىنىڭ قىزى بولغان. ئۇ بىرىنچىلەردىن بولۇپ، مەككىگە ئات بىلەن ئالتە ئاي مېڭىپ بېرىپ، ھاجى بولۇپ كەلگەن ئېكەن.
دادام ئىلىسخان دېگەن ئايالغا ئۆيلىنىپ، تۆرت پەرزەنت تاپىدۇ: ئاكام، مەن ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن دۇنىياغا كەلگەن ئىككى سىڭلىمىز. ئۈچ قېرىندىشىمىز كىچىكلا چاچىراپ كېتىپتۇ. شۇڭلاشقا بىر سىڭلىمنىڭ ئىسمى تۇرسۇنبۈۋى. بۇرۇن “بالا توختاپ قالسۇن”، دېگەن نىيەتتە ئىسىملارنى شۇنداق قويغان ئېكەن.
ئاكام ئىككىمىز ئېسىمىزگە كىرگەندە ئۇلۇق ۋەتەن ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتتى. دادام ئۇرۇشقا ئاتلاندى. يېزىدا ئەر يەتكەنلەر قالمىدى. شۇڭلاشقا بىزگە كىچىگىمىزدىن ئەمگەككە ئارىلىشىشقا توغرا كەلدى. ئېسىمدە قالغىنى، ئاپام ئۈچ ئادەمنىڭ ئوقىتىنى ئاتقۇردى: كولخوزنىڭ نېنىنى ياقتى، دېخانچىلىق قىلدى ھەم كالا ساغدى. ئاكامنىڭمۇ مەلىدە ئارىلاشمىغان ساھاسى يوققۇ دەيمەن. ئۇ دەسلەپ پادا باقتى. ئارىلىقتا ئاپام ياققان ناننى ئېتىزدا ئىشلەۋاتقانلارغا توشۇپمۇ ئۈلگىرەتتى. بارلىق ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنىڭ بېشىدا بولدى. ئېشەك بىلەن تاغدىن ئوتۇن توشاتتى. ئاغىنىلىرى بىلەن بەس-بەسكە چۈشۈپ، بىر يازدا 20-30 ئېشەك ئوتۇن ئەكېلەتتى. بۇ 40-60 كۆتەك ئېدى. بىر ئارىلىقتا موزدۇزلۇقمۇ قىلدى. قىزىق يېرى، ئۇ ئوقەتنى سول قولى بىلەن قىلاتتى. تاشنىمۇ سول قولى بىلەن ئاتاتتى. يازغاندا، كىتاپ-دەپتەرنى ۋاراقلىغاندا، ئوڭ قولىنى ئىشقا قوشاتتى. ئاكام ئويۇن-تاماشىغىمۇ خۇمار ئېدى. كىچىگىدىن مەشرەپلەرنى ئۇيۇشتۇردى. خەلىق ئېغىز ئىجادىيىتىدىن قوشاقلارنى يادقا ئېيتقاننى ياخشى كۆرەتتى. خەلىق ناخشىلىرىنى بابىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاتتى. ئاتنىڭمۇ «قۇلىغىدا ئويناتتى». ئۇ مەلىمىزدە ئوغلاق تارتىشقا قاتنىشىپ، ئۆيگە ئوغلاق ئېلىپ كەلگىنى يادىمدا قاپتۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاپام، راسا قامچا يېگەن ئاكامغا قاراپ: «شۇنچە قامچا يېگىچە ئوغلاقنى بېرىۋەتسەڭ بولمامدۇ» دېگىنى ھېلىمۇ يادىمدا. ئۇ ئوچىلىققىمۇ ئامراق ئېدى.
شۇنداق قىلىپ، دادام ئۇرۇشتىن تېچ ئامان قايتىپ كەلدى. ئۇ ۋاقىتقىچە بىزمۇ ئەسقېتىپ قالغان ئېدۇق. دادامنىڭ ئۇرۇش توغرىلىق ھېكايىلىرى تېخىچىلا قۇلىغىمنىڭ تۈۋىدە. ئۇ زەمبىرەكچى بولغان ئېكەن. يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقتىن ئامان قالغانلىغىنى بىزگە پات-پات سۆزلەپ بېرەتتى. بىزنى جاسۇرلۇققا، ئادالەتلىككە ئۈگەتكەنمۇ شۇ. ئادەملەرگە بولغان مېھرىۋانلىق بىزگە ئەينە شۇ دادامدىن ژۇققان، دېسەم خاتالاشمايمەن. ئۇ ئۇرۇشتىن كېيىن خېلە ۋاقىت كولخوزدا برىگادىر بولۇپ ئىشلىدى. دادام تۇرمۇشى تۆۋەن ئادەملەرنى كۆرسە چىداپ تۇرالماتتى. ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا ئالدىراتتى. مونۇ بىر ۋاقىە زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ. مەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ سەكسىنىنچى ژىللىرى ئۇيغۇر ناھىيەلىك يېزا ئېگىلىگى باشقارمىسىدا ئىشلىدىم. بىر كۈنى ئىش بابى بىلەن غالجات يېزىسىغا بارغان ئېدىم. شۇ ۋاقىتتتا كولخوزنىڭ ئامبار باشلىغى داۋۇت ئايۇپوۋنىڭ ئىش پاالىيىتى بىلەن تونۇشۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيىدە مېھماندا بولدۇم. ئۇ ياقنىڭ دادىسى مېنىڭ دادامنى تونۇيدىغان بولۇپ چىقتى. مۆتىۋەر: «مەن سېنىڭ داداڭنىڭ تالاي ياخشىلىغىنى كۆرگەن» دەپ قولۇمنى ئېلىپ سۆيۈپ قويدى. ئۇقۇشسام، ئۇ ياق ئاىلىسى بىلەن كىچىك ئاقسۇدا بىراز ۋاقىت ياشىغان ئېكەن.
بىولوگىيا پەنلىرىنىڭ نامزىتى ساۋۇر تۇردىېۋ، ژۇرنالىست قاسىم مەخسۈتوۋ ئاكامنىڭ سىنىپداشلىرى ئېدى. ئۇلار چوڭ ئاقسۇدا ئىنتېرناتتا تۇرۇپ ئوقۇدى. مەزكۈر ئىنتېرناتتا ژىتىم بالىلار كۆپ تۇراتتى. ئۇلار بىر كۈنى ئاچ، بىر كۈنى توق، دېگەندەك. شۇ بىر قىيىن زامانلاردا ئاكام سىنىپداشلىرىنىڭ قوسىغىنىڭ غېمىنى قىلىپ، ئاپامنىڭ ناۋايخانىسىدىن ئۇلارغا نان ئاپىرىپ بېرەتتى. بەزىدە كۆيۈپ كەتكەن نانلارنى توشاتتى. «سىنىپداشلىرىمنىڭ ئاچ ژۈرگىنىنى خالىمايمەن» دەتتى ئۇ. كۆمەچ نانلارنىڭ ئاغزىغا تېتىپ كەتكەنلىگىنى ئاغىنىلىرى ماڭا تالاي قېتىم سۆزلەپ بەرگەن ئېدى. ئاكام بارلىق تەرەپتىن پاالىيەتچان بولغاچقا، ئۇنى مەكتەپتىن كېيىن قويۇپ بەرمەي، ئۇ بىر ژىل پىونېر يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلىدى.
ئاكام 1949-ژىلى تاشكەنتكە بېرىپ، ئالىي ئوقۇش ئورنىغا چۈشتى. ئاكامنىڭ كەينىدىن مەنمۇ ساگۇنىڭ بىولوگىيا فاكۇلتېتىنىڭ ئاگرونومىيا بۆلۈمىگە ئوقۇشقا چۈشتۈم. مەن بارغىچە ئاكام ئاقسۇلۇقلارنى، ئۇيغۇرناھىيەلىكلەرنى ژىغىپ، مەشرەپ قۇرۇۋاپتۇ. ئۇنىڭ ستۇدېنتلىق دەۋرىدىكى ئاغىنىلىرى ئاسىم قۇربانوۋ، ئابدۇۋارىس ئابلەسەنوۋ، ساۋۇت موللاۋۇتوۋ، ھاكىم ناسىروۋ، ھېزىم بەخنىيازوۋلارنى ياخشى بىلەتتىم. بۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلماتتى. ئاكامنىڭ ئېيتقان قوشاقلىرىنى، خەلىق ناخشىلىرىنى زېرىكمەيلا تىڭشاتتۇق.
ئۇنى مەلىدە دوست-بۇرادەرلىرىمۇ سېغىنىپ كۈتىدىغان. چۈنكى ئۇنىڭ قوشىغى بىلەن ناخشىسى، چاقچىغى تەييارلا ئېدى. چاقچاق دېمەكچى، ئاكام ھەزىللىشىشكىمۇ ماھىر. مەلىدە نۇراخۇن دېگەن ئاغىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭ لەقىمىى «قارغۇ» بولىدىغان. ئەتىگەنلىگى تاققا ماڭغاندا نۇراخۇن كۈندىلا كېچىكىپ قالىدېكەن. شۇ ۋاقىتتا ئاغىنىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى پۇشۇپ: «نۇراخۇن، سەن نېمىشكە دايىم كېچىكىسەن؟» دەپ سورىسا، ئاكام دەرھال: «ھەي بالىلار، ئۇنىڭ نېمىسىگە ھەيران قالىسىلەر، نۇراخۇن ئەتىگەنلىگى قاراڭغۇدا كۆرمەستىن، ئېشەك دەپ قېلىپ، توپىغىنى توقۇۋالىدېكەن» دېگەن ئېكەن.
يەنە شۇ نۇراخۇن بىر كۈنى بىر تونۇرغا يەتكىدەك ئوتۇننى تەييارلاپ، ھېرىپ-ئېچىپ كىرسە، كاڭدا چۈشەكلەرگە ئوراپ يېپىپ قويغان ئىككى تەڭنە تۇرغىدەك. ئۇ: «مەن بىر تونۇرغا يەتكىدەك ئوتۇن تەييارلىدىم، بۇ ئىككى تونۇرنىڭ خېمىرىغۇ» دېگەن ئويدا خاپىلىقتىن تەڭنىنىڭ بىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە تېپىپتۇ. شۇ ۋاقىتتا «چىر-چار» قىلغان ئاۋاز چىقىپتۇ. قارىسا، خېمىر ژۇغىرىپ ھېرىپ قالغان ئاپىسى ئېكەن. بۇمۇ شۇ ئاكامنىڭ شاڭخوسى.
ئوقۇشتىن كېيىن ئاكام تۆرت ژىل چوڭ ئاقسۇدا مۇەللىم بولۇپ ئىشلىدى. كېيىن ئالمۇتىغا – پەنلەر ئاكادېمىياسىغا ئىشقا يۆتكەلدى. ئاسپىرانتۇرىدا ئوقۇدى. كازپىدا، كازگۇدا دەرىس بەردى. بىر نەچچە كىتاپنىڭ مۇەللىپى. ئاكام ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىنىڭ 80 پايىزىنى يادقا بىلىدۇ. ھازىرمۇ شۇ. ئۇ قويۇن دەپتىرى بىلەن قەلىمىنى يېنىدا ئېلىپلا ژۈرەتتى. ئۇيغۇرلار ياشايدىغان ھەر بىر يېزىدا ئۇنىڭ تونۇشى بولىدىغان. ئۇلاردىن بىرەر يېڭى سۆز ئاڭلاپ قالسا، دەرھال قويۇن دەپتىرىگە چۈشىرىۋالاتتى.
مېنىڭ قېيىنانام ئۆزى يەكەنلىك بولۇپ، ناھايىتى گەپكە ئۇستا ئايال ئېدى. ئۇمۇ ماقال-تەمسىللەرنى كۆپ قوللىناتتى. بىر گەپ قىلماقچى بولسا، بىر ماقالنى قىستۇرۇۋېتىپ، ئاندىن سۆزىنى باشلاتتى. ئاكامنىڭمۇ شۇنداق خىسلىتى بار. ئاكام بىر ماۋزۇدىن يەنە بىر ماۋزۇغا كۆچسە، چوقۇم بىر ماقالنى قىستۇرۇۋېتىدۇ. ئىككىسى ئۇچرىشىپ قالسا، گېپى تۈگىمەتتى. ئاكام قېيىنانامنىڭ بەزى يېڭى گەپلىرىنى قويۇن دەپتىرىگە يېزىپ ئولتىراتتى. شۇ ۋاقىتتا ئانىمىز: «ئوكتيابر يېزىۋاتقىنىغا قارىغاندا، مەن دۇرۇس گەپ قىلماپتىمەندە» دەپ تەشۋىشلىنەتتى. كېيىن ئاكام «ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرى» كىتاۋىغا «يەكەنلىك ئانارخان سەلىېۋانىڭ ماقال-تەمسىللىرىمۇ كىرگۈزۈلدى» دەپ يازدى. ئۇ يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئېغزىدىن يېڭى سۆزلەرنى ئاڭلىسا، قويۇن دەپتىرىگە تۈرتىپ قويىدىغان. «ياخشى ھەم قىزىق گەپ خەلىقنىڭ ئىچىدە» دەيدۇ مېنىڭ ئالىم ئاكام.
قېرىندىشىمنىڭ چوپان، دېخان، تراكتورىست، شوفېر ئاغىنىلىرىمۇ بولدى. بىرى بىلەن ناخشا ئېيتتى. بىرىگە چاقچاق قىلدى. يەنە بىرى بىلەن شاخمات ئوينىدى. ئېيتماقچى، ئۇ شاخماتقىمۇ بەك قىزىقىدۇ. ھازىر شۇ شاخماتچى ئاغىنىلىرىدىن پەقەت كومپوزىتور ئىسمايىلجان ئاكا ئىسىېۋلا قاپتۇ.
… ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئاكام يېقىندىن ئارىلىشىپ ژۈرگەن زىيالىلارمۇ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كەتتى. ئالىملار: ساۋۇر تۇردىېۋ، ساۋۇت موللاۋۇتوۋ، ئەخمەتجان داۋۇتوۋ،باتۇر ئەرشىدىنوۋ، رېھىمجان ھېبىبۇللاېۋ… رېھىمجان ئاكا مېنىڭ قۇدام ئېدى. ئۇ ياقنىڭ ھاياتتىن ئۆتكىنىگە بىراز ۋاقىت بولدى. ئەشۇنىڭدىن كېيىن ئاكام ئۆزىنى سەل تاشلاۋەتتى. «ئاكا، ئىككى يۈزدىن ئوشۇق شاگىرتىم بار دەيسەن”، قەددىڭنى تىك كۆتەر، دەپ قويۇمەن. ئېيتماقچى، شاگىرتلىرى پات-پات يوقلاپ تۇرىدۇ. بۇلتۇ كازگۇنىڭ ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتىنى تاماملىغان بىر توپ شاگىرتلىرى يوقلاپ كېلىپ، بىر كۆڭلىنى كۆتىرىۋەتكەن ئېدى.
ئاخىرىدا ئاكامغا ئوخشاش سۆزلەپ قوياي، «ئۆزى بارنىڭ كۆزى بار» دېمەكچى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدىكى شاگىرتلىرى موشۇ ماقالىنى چىقىرىۋەتسە، ئاكام خوشال بولۇپ قالار ئېدى.
مىرزەخمەت جامالدىنوۋ