Mahmut Hebeydulla oghli

ئابدراخمانوۋ ماخمۇت ھەبەيدۇللا ئوغلى ئاكادېمىك ئاسن قژ، فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ نامزىتى، پروفېسسور، «قازاقستان ژۇمھۇرىيىتى بىلىمىنىڭ ئەلاچىسى»
بەلگۈسى بىلەن مۇكاپاتلانغان.

ماخمۇت ئابدۇراخمانوۋ

كۆپمىللەتلىك قازاقستان ئەدەبىياتى ۋە ئىلىم-پەنى، ئۇيغۇر خەلقى ئورنى تولماس ئېغىر ژۇدالىققا ئۇچرىدى. موشۇ ژىلنىڭ 20-فېۋرال كۈنى كۆرنەكلىك شاىر ۋە ئالىم، فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ماخمۇت ئابدۇراخمانوۋ 79 يېشىدا ۋاپات بولدى.
م.ئابدۇراخمانوۋ 1934-ژىلى 20-ئىيۇل كۈنى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ تەشكەنساز يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1958-ژىلى شۇ چاغدىكى كىروۋ نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيا فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، ئەمگەك پاالىيىتىنى «كوممۇنىزم تۇغى» (ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى») گېزىتىنىڭ رېداكسىياسىدە مۇخبىرلىقتىن باشلايدۇ. ئاندىن قازاق سسر پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە چوڭ ئىلمىي خادىم بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1983-ژىلدىن تارتىپ ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كافېدرا رەھبىرى، ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە پاالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
م.ئابدۇراخمانوۋنىڭ ئىسمىنى خەلقىمىز كۆرنەكلىك شاىر، ئاتاقلىق ئالىم ۋە قەلىمى ئۆتكۈر پۇبلىسىست سۈپىتىدە ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ قەلىمىگە مەنسۈپ بولغان «ژۈرەك خاھىشى» (1967-ژ.)، «قەلب ناخشىلىرى» (1967-ژ.)، «ئۆرلەش يولىدا»، (1979-ژ.)، «داۋانلار» (1983)، «قەدەملەر» (1984-ژ.)، «ئۇيغۇر كېڭەش ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى» (1984-ژ.)، «ژىللار ساداسى» (1999-ژ.)، «تۈگۈنلەر» (2004-ژ.)، «ماھارەت چوققىسىغا ئىنتىلىپ» (2009-ژ.) ۋە باشقىمۇ نەزمىي ھەم نەسرىي توپلاملار، ئىلمىي ئەمگەكلەر ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن سەمىمىي قارشى ئېلىنىپ، ژاماەتچىلىك ئارىسىدا ئىژابىي ئىنكاس-پىكىرلەرنى ھاسىل قىلدى.
مەرھۇم قازاقستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى توغرىلىق دەسلەپ قەلەم تەۋرەتكەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى بولغان ئېدى. ئۇنىڭ موشۇ ماۋزۇغا بېغىشلانغان ھەم ئۇيغۇر، قازاق ھەم رۇس تىللىرىدا ئېلان قىلىنغان 200دىن ئوشۇق ماقالىسى سۆزۈمىزنىڭ يارقىن ئىسپاتىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئاباي، پۇشكىن، ر.غامزاتوۋ، ق.ئېرغالىېۋ، ق.مىرزا-ئەلى، ت.مولداغالىېۋ ۋە باشقىمۇ ئاتاقلىق ئىژاتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرژىمە قىلدى.
م.ئابدۇراخمانوۋنىڭ قازاقستاندىكى ئۇيغۇر ماارىپىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈشكە قوشقان مۇناسىپ ھەسسىسى دايىم مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. كۆرنەكلىك ئالىم بىر قاتار دەرىسلىكلەر بىلەن ئىلمىي توپلاملارنىڭ مۇەللىپى ۋە ھەممۇەللىپى بولغان. «ئۇيغۇر تىلى دەرىسلىگىگە 5 – 7-سىنىپلار ئۈچۈن كۆنۈكمىلەر توپلىمى» (1960-ژ.، ئى.سېمەتوۋ بىلەن ھەممۇەللىپلىكتە)، 10-سىنىپ ئۈچۈن «ئۇيغۇر سوۋېت ئەدەبىياتى» (1970-ژ. ھەممۇەللىپ)، 8-سىنىپ ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (2000-ژ. پ.مەخسەتوۋا بىلەن ھەمكارلىقتا)، 8-سىنىپ ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى. خرېستوماتىيا» (2000-ژ.)، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (2003-ژ. س.موللاۋۇتوۋ، پ.مەخسەتوۋا ۋە گ.مولوتوۋا بىلەن ھەممۇەللىپلىكتە)، 10-سىنىپ ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى. خرېستوماتىيا» (2003-ژ. س.موللاۋۇتوۋ بىلەن ھەممۇەللىپلىكتە) دەرىسلىكلىرى، «ئۇيغۇر سوۋېت ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ ئوچېركلىرى» (1967-ژ.)، «ئۇيغۇر سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە رىۋاژلىنىش دەۋرى» (1967-ژ.)، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ترادىسىيا ۋە نوۋاتورلۇق مەسىلىلەرگە داىر» (1970-ژ.)، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە فولكلورىدىكى ژانرلار» (1980-ژ.)، «ئۇيغۇر سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى» (1986-ژ.) توپلاملىرى شۇلار ژۈملىسىدىندۇر.
شۇنداقلا ئۇنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەر خىل دەۋىرلەردىكى نەمۇنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «كۈرەش ۋە ھايات» (1961-ژ.)، «قەلەم نەقىشلىرى» (1974-ژ.) توپلاملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگىمۇ چوڭ تۆھپە قوشقانلىغىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش ئورۇنلۇقتۇر. موشۇ يەردە مەرھۇمنىڭ زاماندىشى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يورۇق يۇلتۇزى ھېزمەت ئابدۇللىننىڭ ئىلگىرى يورۇق كۆرمىگەن ماقالىلىرىنى ژىغىپ، «ئەدەبىيات ھەققىدە ئويلار» (1990-ژ.) توپلىمىنى ئوقۇرمەنلەر دىققىتىگە ھاۋالە قىلغانلىغىنىمۇ مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
م.ئابدۇراخمانوۋنىڭ ئەمگەكلىرى دايىم مۇناسىپ باھالىنىپ كەلدى. «قازاقستان ژۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلىم-پەنىگە سىڭەرگەن ئەمگىگى ئۈچۈن» پەخرىي بەلگۈسى بىلەن مۇكاپاتلاندى. «قازاقستان ژۇمھۇرىيىتىنىڭ ماارىپ ئەلاچىسى» ئاتالدى. ئۇيغۇر ۋە ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىرىنىڭ پەخرىي گراژدانى ۋە باشقىمۇ بىر قاتار پەخرىي يارلىقلار بىلەن تەغدىرلەندى.
ماخمۇت ئابدۇراخمانوۋنى ئۇيغۇر ژاماەتچىلىگى شۇنداقلا ژەمىيەتلىك ئىشلارنىڭ پاال ئىشتراكچىسى، مىللىي ماارىپىمىزنىڭ ژانكۆيەرى، ژۈرەكنى تەۋرىتىدىغان يېقىملىق ناخشىلار مەتىنلىرىنىڭ مۇەللىپى سۈپىتىدىمۇ ياخشى بىلىدۇ.
مەرھۇم ئاىلىسىدە كۆيۈمچان ۋە مېھرىۋان ئاتا ۋە بوۋا، دوست-بۇرادەرلىرى ئارىسىدا ساخاۋەت-ئىناۋەتلىك ئىنسان ئېدى. ئۇنىڭ يارقىن قىياپىتى بىزنىڭ قەلبىمىزدە تا ئابەت ساقلانغۇسى.