Aqsaqalni yoqlidi

شەمشىدىن ئايۇپوۋ 

ئۇيغۇر ئاۋازى


توختاسۇن ھاجىم بېيشانوۋنىڭ ئىسمى جاماەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ كارۋانبېشى، مەدەنىيىتىمىزنىڭ جانكۆيەرى سۈپىتىدە كۆپچىلىككە ياخشى تونۇش. ئاېرودروم مەھەللىسىنىڭ ژىگىتبېشى، «كوممۇنىزم تۇغى» (ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى») گېزىتىنىڭ خادىمى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەىسى بولۇپ ئىشلىگەن ژىللىرى ئۇنىڭ بېۋاسىتە تەشەببۇسى بىلەن كۆپلىگەن تىلغا ئالارلىق يېڭىلىقلار مەيدانغا كەلدى. جاي-جايلاردىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ رەىسلىرى، ئاقساقاللىرى ۋە ژىگىتباشلىرى بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيىتىمىزنى، ئۇرپى-ئادەتلىرىمىزنى تىكلەش، تويلارنى ئوشۇق ئىسراپچىلىققا يول قويماي ئۆتكۈزۈش ۋە باشقىمۇ ئەدەپ-ئەخلاق مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆز ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇردى. ئەندى ھەر ژىلى قەرەللىك نەشىرلەرگە مۇشتىرى توپلاش مەۋسۈمى باشلانغاندا، توختاسۇن بېيشانوۋ قازاقستاندا ئۇيغۇرلار زىچ ياشاۋاتقان بارلىق ناھىيە، ۋىلايەتلەردە، ئۇنىڭدىن تاشقىرى خوشنا قىرغىزستان، ئۆزبەكستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە گېزىتىمىزغا مۇشتىرى توپلاشنى ئۇيۇشتۇرۇشتا كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى.
1989-ژىلى خەلىق دېپۇتاتلىرى ئالمۇتا شەھەرلىك كېڭىشىگە دېپۇتات بولۇپ سايلانغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ غەمخورلۇقلىرى رەسمىي تۈس ئېلىشقا باشلىغانلىغىنى ئۇنى ياخشى بىلىدىغانلار ھېلى ئۇنتۇغىنى يوق. قىسقىسى، توختاسۇن ھاجىم بېيشانوۋ ئەل-ژۇت ئۈچۈن ئايانماي ئەمگەك قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىززەت-ئېھتىرامىغا بۆلەڭەن ئىشلەمچان ئىنسان. ئۇنىڭ موشۇ خىلدىكى مىننەتسىز مېھنىتى ئۆز ۋاقتىدا مۇناسىپ باھالاندى. بىرقانچە پەخرىي يارلىقلار، تەشەككۈرنامىلەر ۋە مېداللار بىلەن تەغدىرلەندى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ سەكسىنىنچى ژىللىرى «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى تۇرداخۇن نەزەروۋ توختاسۇن بېيشانوۋنىڭ مۇشتىرى توپلاش مەۋسۈمىدە ئالاھىدە پاالىيەتچانلىق كۆرسەتكەنلىگى ئۈچۈن ئۇنى ئالتۇن ساات بىلەن مۇكاپاتلىغان ئېدى. مۆتىۋەر ئۇنى بۈگۈنكى كۈڭىچە تەۋەررۈك سوغا سۈپىتىدە ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.
يېڭى ژىل مەيرىمى ھارپىسىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، جۇېم رەىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئېرشات ئەسمەتوۋ بىلەن جۇېم يېنىدىكى ژىگىتباشلىرى كېڭىشىنىڭ رەىسى يارمەھەمەت كېبىروۋ ۋە موشۇ قۇرلارنىڭ مۇەللىپى 85 ياشنىڭ ئۈزىنى كۆرگەن ئاقساقالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. يارمەھەمەت كېبىروۋ بىلەن ئېرشات ئەسمەتوۋ ئاقساقالنىڭ جەمىيەتلىك ئىشلاردا كۆرسەتكەن مىننەتسىز مېھنىتىنى تىلغا ئېلىپ، بېشىغا ئۇيغۇرنىڭ مىللىي دوپىسىنى كىيگۈزۈپ، قولىغا مەخسۇس سېرتىفىكات تاپشۇردى. كۆرسىتىلگەن ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە خوشاللىقتىن بېشى كۆككە يەتكەن مۆتىۋەر ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ ژۈرگەن قىزلىرى سابىرەم، دىلرابا، دىليارا ۋە ئوغلى شۆھرەتكە قۇتلۇق ئۆيىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمانلارنى يېنىپ-يېنىپ تونۇشتۇرۇپ، چەكسىز مىننەتدارلىغىنى بىلدۈردى ۋە ئۇلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتكە چۈشتى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا جاماەتچىلىك بىلەن قانداق پاالىيەت ئېلىپ بارغانلىغى ۋە ھازىر ژىگىتباشلىرىنىڭ قانداق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىگى، جۈملىدىن «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى مۇشتىرىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش توغرىلىق يارمەھەمەت كېبىروۋقا باھالىق مەسلىھىتىنى بەردى.
ئۆز نوۋىتىدە ئېرشات ئەسمەتوۋ بىلەن يارمەھەمەت كېبىروۋ ئاقساقالغا جاي-جايلاردا جاماەتچىلىك ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق سۆزلەپ بەردى. ئاقساقال ھال سوراپ كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئىشلىرىغا مۇۋاپپەقىيەت تىلەپ، ئاتىلىق دۇاسىنى بەردى

© yguravazi.kazgazeta.kz