Istédatliq tarixchi, étnograf we meripetchi

ئىستېداتلىق تارىخچى، ئېتنوگراف ۋە مەرىپەتچى

© ئۇيغۇر ئاۋازى

ئۆزىنىڭ چەكلىك ھاياتىدا ئادەم جىسمى بىلەنلا ئادەم ئەمەس، بەلكى روھىي بۈيۈكلۈكلىگى بىلەن ئادەمدۇر. ئۇ ئەۋلاتلىرىغا قالدۇرۇپ كەتكەن ياخشى نامى ۋە روھىي-مەنىۋىي بايلىقلىرى بىلەن ئەل ئارىسىدا ئەبەدىي ياشايدۇ. ھەقىقىي ھاياتلىق دېگەن مانا شۇ! تارىخچى ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ (1897 – 1948) «ئىلى تارىخى» ناملىق ئەسەرى – ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىلى تەۋەسىنىڭ تارىخىنى خېلە مۇپەسسەل يورۇتۇپ بېرىدىغان، ئۇيغۇر تارىخچىلىرى يازغان ساناقلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئىستېداتلىق تارىخچى، ئىلى تەۋەسىدە يېڭىچە مەكتەپ ماارىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مىراسىنى توپلىغۇچى ئىمىنجان باھاۋۇدۇن 1897-ژىلى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ سۇدەرۋازا مەھەللىسىدە شۇ دەۋىردىكى ئاڭلىق، كۆزى ئوچۇق دىنىي زات، مەرىپەتچى باھاۋۇدۇن ئاىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1903 – 1908-ژىللىرى غۇلجا شەھىرىدىكى «تاالىيە» مەكتەپتە شۇ دەۋىردىكى ئىلغار پىكىرلىك، ئاڭلىق مەرىپەتچى ئابدۇمۇتاالى خەلپەم (خەلپەم ھەزرەت) قولىدا، ئاندىن «خانىكا» ۋە «ناغرىچى» مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان.

1912-ژىلى ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ئاىلىسى بىلەن خونىخاي مازار يېزىسىغا كۆچۈپ چىقىپ، ئورۇنلىشىپ قالغان. 1868 – 1881-ژىللاردىكى «كۆچ-كۆچ» ۋاقىەلىرى سەۋەۋىدىن خونىخاي مازاردا ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ياقا ژۇتلارغا كۆچۈپ كېتىپ، بۇ ھەزرىتى مەۋلانە يۈسۈپ سەككاكى ئوخشاش بۈيۈك ئەدىپ-ئۆلىمالار دەپىن قىلىنغان ژۇت چۆلدەرەپ قالغان ئېدى.

1910-ژىللىرى ئىلىنىڭ قازىسى مەڭسۈر ئەلەم قازىاخۇنۇم، ياركەنتتىكى ۋېلىۋاي يولداشېۋ بىلەن يۈسۈپ سەككاكى مازارى – خونىخاي مازار يېزىسىنىڭ خارابىلىشىپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىش، قەشقەر، ئىلى، يەتتىسۇ تەرەپلەردىن زىيارەت قىلىپ كەلگۈچىلەرنىڭ تۇرالغۇ، تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ، خونىخاي مازار «ئالتۇنلۇقنى» جۆندەش، ئادەم كۆچىرىپ كېلىپ، شەيخ ئورۇنلاشتۇرۇشنى بەكىتىدۇ. مانا شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ژۇتقا غۇلجىدىن، ئەتراپتىكى يېزىلاردىن، شۇنداقلا يەتتىسۇ ياركەنتتىن، غالجاتتىن، ئاقسۇدىن كىشىلەر كۆچۈپ كېلىپ، ئۆي سېلىپ، خونىخاي مازار يېزىسىنى ئاۋاتلاشتۇرىدۇ. مانا شۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغۇسى تارىخچى ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ دادىسى باھاۋۇدۇن مۇھىدىنمۇ بولغان ئېدى. خونىخاي مازار شۇ مەزگىلدە خىتاي – روسسىيا سودا ئېغىزى بولۇپ، ئىلى تەۋەسىدىن يەتتىسۇغا، يەتتىسۇدىن ئىلى تەۋەسىگە ئۆتۈپ، سودا كارۋانلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان جاي بولغان ئېكەن.

ئىمىنجان باھاۋۇدۇن خونىخايغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن جۇ جاڭگويدى دېگەن بىر باي خىتاي سودىگەرنىڭ ئاىلىسىدە تۆرت ژىل ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ جەرىياندا تىل ئۈگىنىش ۋە بىلىم ئېلىش ئىستىگىدە سودا-سېتىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىش بىلەن بىللە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك ئاىلە ئىشلىرىنى قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن غوجايىنىدىن خىتاي، ئۇنىڭ رۇس ئايالى ناتاليادىن رۇس تىلىنى ئۈگىنىدۇ.

بىلىمگە تەشنا ئىمىنجان ياش چېغىدىن باشلاپلا بىرتەرەپتىن ئۆزىنىڭ تىجارەتتىكى ماھارلىغىغا تايىنىپ، سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تىرىشىپ ئېگىلىك تىكلەيدۇ، يەنە بىرتەرەپتىن ئىجتىھات بىلەن بېرىلىپ ھەرخىل كىتاپلارنى ئوقۇپ، بىلىم داىرىسىنى كەڭەيتىدۇ. 1916-ژىلى ئۇ جەمىيەتتىكى ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ قوللىشى ۋە يار-يۆلەكتە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز خىراجىتى بىلەن خونىخاي مازاردا تۇنجا «ئاقارتىش» مەكتىۋىنى ئېچىپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. بۇ ھەقتە تەتقىقاتچى سايىت ئۆمەر «ئىلى خونىخاي مازارى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەپ تەكىتلەيدۇ: «…1916-ژىلى تارىخچى ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ تەشكىللىشى بىلەن يېزا بالىلىرىنى ژىغىپ، شەخسىيلەرنىڭ ئۆيىدە دىنىي ساۋات ئوقۇتۇش ۋە قازاندىن ئالدۇرۇلغان ئوقۇش قۇراللىرى بىلەن باشلانغۇچ پەننىي ساۋاتلارنى ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان. 1920-ژىلى روسسىيادىن قېچىپ كەلگەن تاتار ئوفىسېرى ئىدرىس ئاپانايوۋنى تەكلىپ قىلىپ، ژىگىرمىدەك بالىنى رۇسچە ئوقۇتقان. دىنىي مۇتەەسسىپلەرنىڭ قارشىلىغى تۈپەيلى مەكتەپ ئالتە ئايلا پاالىيەت ژۈرگۈزۈپ، ئىدرىس ئاپانايوۋ كەتكەندىن كېيىن يېپىلىپ قالغان. ئىمىنجان باھاۋۇدۇن، ئابۇزەر خەلپەم، خۇدانەزەر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ، ئۇمۇمەن، خەلىقنىڭ قوللىشى بىلەن مېچىت سالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ يېنىدا مۇدەررىس تەسىس قىلىپ، خونىخاي مازار ۋە خىنىخاي غولىدىكى ژۇتلارنىڭ بالىلىرىنى، غوجىتايدىكى (يەر نامى) قازاق بالىلىرىنى ژىغىپ، دىنىي ئوقۇشنى رەسمىي باشلىغان. ئىمىنجان باھاۋۇدۇن قۇرئاندىن «بالىلارنى زاماننىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن بىلىملەر بىلەن ئوقۇتۇش كېرەك» دېگەن بىر ئايەتنى تەرجىمە قىلىپ، چوڭ لەۋھەگە يېزىپ، مېچىت تېمىغا چاپلىغان. بۇ تەشۋىقات-تەرغىباتقا كۆپچىلىك ئاۋاز قوشۇپ، 1929-ژىلى تۆرت سىنىپلىق ئاستى-ئۈستى تاختايلىق مەكتەپ سېلىپ، چوڭ ئوغلى ئابدۇرېشىت ئىمىنوۋنى باشلامچىلىق بىلەن پەننىي مەكتەپكە بېرىپ، ئۆزى تۇنجا مۇەللىملىكنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن پەننىي ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان» («ئىلى تارىخ ماتېرىاللىرى»، بىرلەشمە توپلام (16-ساندىن 20-سانغىچە)، غۇلجا، 2013-ژىل، 845-846-بەتلەر).

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-ژىللىرىنىڭ بېشىدا ئىلى تەۋەسىدىكى چاپچال، توققۇزتارا، تېكەس ژۇتلىرىنىڭ بايلىرى يەتتىسۇدىكى «قارقارا» يەرمەڭكىسىگە مال ئاپىرىپ، ئۇ يەردىن ساناەت توۋارلىرىغا ئالماشتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 12 مىڭ قوي ژىغىپ، ئابدۇرېھىم ھاجىم دېگەن كىشىنى كارۋان بېشى قىلىپ، «قارقارا» يەرمەڭكىسىگە يولغا سالىدۇ. موشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خونىخايمازارلىق ژۇت چوڭلىرى: «چەتكە چىقىپ كېلىدىغان ئادەم چوقۇم چەتنىڭ تىلىنى بىلمىسە بولمايدۇ. خونىخاي مازاردىكى باھاۋۇدۇن شەيخنىڭ ئوغلى ئىمىنجان چەت تىلنى ياخشى بىلىدۇ، شۇنى ئەۋەتسەك؟» دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، «قارقارا» يەرمەڭكىسىگە ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىمۇ ئەۋەتىش قارار قىلىنىدۇ. ياش ئىمىنجاننىڭ بۇ دەل ئوكتيابر ئىنقىلاۋىدىن كېيىن قۇرۇلغان سوسىالىستىك كېڭەش ئېلىنى، بۇ يەردىكى خەلىقلەرنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ كېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋە خونىخاي مازارغا چوڭ مەكتەپ ئېچىشقا كېرەكلىك ئوقۇتۇش ماتېرىاللىرىنى ئېلىپ كېلىشنى ئارزۇ قىلغان ۋاقتىغا توغرا كەلگەنلىكتىن، موشۇنداق مۈشكۈل، لېكىن ئۆز خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا ئازىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كېلىپ، يەرمەڭكىدە نېسى قالغان مالنىڭ دېرىگىنى ئېلىپ، سودا ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلغاندىن كېيىن، كېڭەش ئېلىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ. ئۇ سەپەرداشلىرىنى ۋەتەڭە يولغا سېلىۋېتىپ، ئۆزى تاتارستاننىڭ قازان شەھىرىگە بارىدۇ. بۇ يەردە ماارىپ، ئوقۇش-ئوقۇتۇش پروگراممىلىرى بىلەن تونۇشىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن تىل ئۈگىنىشكە كىرىشىدۇ. نەتىجىدە ئۇ تۈرك، پارس، رۇس تىللىرىنى ئېگەللەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

پادىشا روسسىياسى ئىلى سۇلتانلىغىنى ئىشغال قىلغان ژىللاردا (1871 – 1881) روسسىيا گېنېرال-گۇبېرناتورىنىڭ غۇلجا ئىشلىرى بويىچە باشلىغى بولغان شەرىقشۇناس ئالىم ن.ن.پانتۇسوۋنىڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن ژىققان ماتېرىاللىرىغا ئاساسلىنىپ يازغان كىتاپلىرىنى، شۇنداقلا ن.ن.پانتۇسوۋنىڭ ياردىمى بىلەن مەشھۇر شاىر ۋە دۆلەت ئەربابى موللا بىلالنىڭ «غازات دەر مۈلكى چىن» ئەسەرىنى ۋە نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوۋنىڭ (ئۇيغۇر بالىسى) «تارانچى تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئىلى تارىخىغا ئاىت بىر ئەسەر يېزىش ئىشتىياقى پەيدا بولىدۇ. موشۇ سەپىرى جەرىيانىدا ئىمىنجان باھاۋۇدۇن يەتتىسۇدا ئۇيغۇر يېزىلىرىنى ئارىلاپ، خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى ژىغىدۇ.

ئۇ خونىخاي مازارغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1924-ژىلى تۇنجا قېتىم پەننىي مەكتەپ ئاچتى. موشۇ پەيتتە ئۇيغۇرلار دىيارىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ياڭ زىڭشىڭ ھاكىمىيىتى يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ پەننىي بىلىم ئېلىشىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن «خوۋۇپلۇق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ قاراپ، بۇ ئىشقا يول قويماتتى. مەرىپەتپەرۋەر ئىمىنجان باھاۋۇدۇن دەسلەپ ئىككى ئېغىز سىنىپ سېلىپ بالىلارنى ئوقۇتىدۇ. 1925-ژىلدىن باشلاپ خونىخاي مازاردا باشلانغۇچ مەكتەپ ماارىپىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەملىنىدۇ. ئەندى 1933-ژىلى بولسا، توققۇزتارا ھاكىمى نەزەرخان غوجىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن يەنە سەككىز ئېغىزلىق سىنىپ، 500 كىشىلىك بىر كلۇب سالدۇرۇپ، خونىخاينىڭ مەدەنىي-ماارىپ ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرىدۇ.

كېڭەش ئىتتىپاقىدا زورلۇق بىلەن كوللېكتىۋلاشتۇرۇش، كۇلاكلارنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئوۋج ئالغاندا، بۇ باش-باشتاقلىق ئىشلارغا نارازى بولغان كۆپلىگەن زىيالىلار ئۇمۇميۈزلۈك تەقىپلىنىدۇ. ئەينە شۇ قاتاردا كېڭەش ئۇيغۇر شاىرى، تارىخچى ئالىم، پۇبلىسىست نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوۋ (1887 – 1952) ناھەق قارىلىنىپ، قولغا ئېلىنىش ئالدىدا غالجاتتىن خونىخاي مازارغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئاىلىسى كۆچۈپ كەلگىچە ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ. بۇ دەل ئى.باھاۋۇدۇننىڭ «ئىلى تارىخىنى» يېزىۋاتقان پەيتى ئېدى. مانا ئىككى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر مەسلەكداش دوستنىڭ ئۇچرىشىشى چوڭ ئەھمىيەتكە ئېگە ئېدى. بۇ ئىككى تارىخچى ئۆز خەلقىنىڭ تارىخى، بېشىدىن ئۆتكەن قىسمەتلىرى توغرىلىق ئارامخۇدا سۆھبەتلىشىش، شۇنداقلا ئىمىنجان باھاۋۇدۇن نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوۋنىڭ «ئىلى تارانچى تارىخى» دېگەن ئەمگىگىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

پېشقەدەملەرنىڭ تەكىتلىشىگە قارىغاندا، 1931-ژىلى خونىخاي مازار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىۋىدە مۇەللىملەر يېتىشمىگەنلىكتىن، مەكتەپ مۇدىرى ئىمىنجان باھاۋۇدۇن كېڭەش ئېلىگە ئادەم ئەۋەتىپ، يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇر ژۇتلىرى دولاتىدىن ئەزىم سۇچەكوۋنى، ئاقسۇدىن خۇسۇر شېرىپنى، غالجاتتىن قەمىردىن بىلەن ئوبۇل پازىلنى تەكلىپ قىلىپ، پېداگوگلار سېپىنى تولۇقلىغان ئېكەن. بۇ ھەقتە ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ ئوغلى ئابۇشۈكۈر ئىمىن مۇنداق دەپ ئەسلەيدۇ: «…مەن بۇ ھەقتە پېشقەدەم مەرىپەتچى ئەزىم سۇچەكوۋ بىلەن سۆزلەشكىنىمدە، ئۇ ماڭا: «1931-ژىلى ئىمىنجان باھاۋۇدۇن بىزنى كېڭەش ئېلىدىن ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغاندا مەن ئۇنىڭ ئاىلىسىدە تۇرغان ئېدىم. ئۇ كىشى ھېمىشەم تاڭ ئاتقىچە ھەرمىللەت يېزىغىدىكى كىتاپلارنى كۆرۈپ، خاتىرە قالدۇراتتى. مەن ئۇنىڭ تىنىم تاپماي ئىزدىنىش روھىنى كۆرگەندە، بەكمۇ زوقلىناتتىم. ئىمىنجان ئاكىنىڭ بىرەر مۇنتەزىم مەكتەپنى پۈتەرمىگەن تۇرۇپ، مەندىنمۇ ئەتراپلىق ئىلىم تەھسىل قىلغانلىغى مېنى ئالاھىدە قىزىقتۇرغان ئېدى. ئۇنىڭ خونىخاي مازاردەك خىلۋەت تاغلىق يېزىدا ياشاۋېتىپ، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشى، ئەينى چاغدىكى كىشىلەردە كام ئۇچرايدىغان «كرۇپ» ماركىلىق داڭلىق يانچۇق سااتىنى ئىشلىتىپ ژۈرۈشى، مەنمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئېسىل قەلەم بىلەن خەت يېزىشى مېنى ھەيران قالدۇراتتى. مەن ئاخىرى بۇنىڭ تەكتىگە يەتمەك بولۇپ:

– موللا ئاكا (بىز ئادەتتە ئۇنى شۇنداق ئاتاتتۇق)، سىز بۇ بىلىملەرنى نەدىن ئۈگەڭەندىڭىز؟ – دەپ سورىدىم. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن كىتاپلىرى تەكچىدىن بېغىرەڭ تاشلىق بىر كىتاپنى ئېلىپ:

– دەل موشۇنداق كىتاپلاردىن ئۈگەندىم. ئەگەر سىز تىل ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز، مانا موشۇ كىتاپنى ئۇستاز تۇتۇڭ! – دېگەن ئېدى، – دەپ سۆزلەپ بەرگەن…». («ئىلى تارىخ ماتېرىاللىرى»، 2002-ژىل، غۇلجا، 32-بەت).

ھە، ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ئۆتمۈشتىكى جاھالەت ھۆكۈم سۈرگەن دەۋىردە مەشئەل بولۇپ يېنىپ، ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىي-ماارىپ ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدا جانپىدالىق بىلەن تىرىشىپ ئەجىر قىلدى. ئۇنىڭ كۆپقىرلىق پاالىيىتى، ئىشچان-تىرىشچانلىغى تۈپەيلى خەلىق ئارىسىدا، ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى ئالدىدا ئىناۋىتى ئۆستى. 1934-ژىلى توققۇزتارا ھاكىمى نەزەرخان غوجا ئۇنى ئۆزىگە كاتىپ قىلىپ تايىنلايدۇ. 1936-ژىلى ئىمىنجان باھاۋۇدۇن چاپچال ناھىيەلىك ماارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىغى، دىنىي نازارەت مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەش جەرىيانىدا ژۇت ئىچىدىكى ماجرالارنى بىرتەرەپ قىلىپ، يول، كۆرۈك ياساش ئىشلىرىنى نازارەتكە ئالىدۇ. ئەندى شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، ئۇ چاپچال ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىغى بولۇپ تايىنلىنىدۇ. ئۇ قايسى دەۋىردە، قانداق خىزمەتتە بولسۇن، ئەمگەكچى خەلىقنىڭ مەنپىيىتىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى سۈپىتىدە بىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، خەلىق ئارىسىدا چوڭ ئابروي-ئىناۋەتكە ئېگە بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار دىيارىغا مۇتلاق «پادىشاھ» بولۇۋالغان جاللات شېڭ شىسەي 1940-ژىلى 2-قېتىملىق ئاتالمىش «سۈيىقەستلىك توپىلاڭ ئەنزىسىنى» ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئىلغار زىيالىلارنى، مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنى، كۆزى ئوچۇق ۋەتەنپەرۋەر بايلارنى ئۇمۇميۈزلۈك تەقىپلەشكە باشلايدۇ. بۇ قېتىمقى تۇتقۇندا ئىمىنجان باھاۋۇدۇنمۇ قولغا ئېلىنغان.

1944-ژىلى 10-نويابر كۈنى ئۈچ ۋىلايەت پارتىزانلىرى غۇلجىدىكى گومىنداڭنىڭ «دايول» تۈرمىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىكى مەھبۇسلارنى قۇتۇلدۇرغاندا ئىمىنجان باھاۇدۇنمۇ كۆپلىگەن بېگۇنا ئازاپ چەككەن مەھبۇسلار قاتارىدا ئازاتلىققا چىقىدۇ.

ئىمىنجان باھاۋۇدۇنىڭ ئوغلى ئابدۇشۈكۈر ئىمىن: «…دادام تۈرمىگە تاشلىنىشىنىڭ ئالدى-كەينىدە بولۇپ ئۆتكەن بىرقاتار ئىشلار خۇددى ھازىر يۈز بەرگەندەكلا. قولغا ئېلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن دادام سۇمۇل ھاكىم مەھكىمىسىدىن ئۆيۈمىزگە چىققان ئېدى. ئۇ ئاۋال ئاپام زەينەپخانغا ئۆيۈمىزنىڭ دېرىزىسىدىن كۈن چىقىشقا جايلاشقان 400 مېترچە ئېگىزلىكتىكى قىيا تاشنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ، نېمىنىدۇ بىر نېمىلەرنى جېكىلىدى، ئاندىن ئەزىم سۇچەكوۋ، خۇسۇر شېرىپ، قەمىردىن، ئوبۇل پازىل قاتارلىق ئەپەندىلەرگە قاراپ:

– بايقىشىمچە، شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى مېنى يەپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇلار «چەتنىڭ ماارىپىنى كىرگۈزدۈڭلار» دەپ تۆھمەت قىلسا، بارلىق جاۋاپكەرلىكنى ماڭا ئارتىپ قويۇڭلار! – دېدى.

دادامنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئاپامغا نېمىلەرنى تاپىلىغانلىغىنى ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇقتۇم. ئەسلىدە دادام ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ژىللاردىن بۇيان جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ كەلگەن كىتاپلىرىنى ۋە تارىخ ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىپ يېزىۋاتقان قوليازمىلىرىنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ ئاختۇرۇپ كۆيدۈرۈۋېتىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆيۈمىزگە ئانچە ژىراق بولمىغان 400 مېتر ئېگىزلىكتىكى تاغ ئۆڭكۈرىگە يوشۇرۇپ قويغان ئېكەن. ئەل ياتقۇ ۋاقتى ئېدى. ئاپام ماڭا نەۋرە ئاكام ھاشىمنى چاقىرىتقۇزدى ۋە ئۇنىڭغا:

– ھاشىم، موللا داداڭنىڭ قىيا تاش ئۆڭكۈرىگە يوشۇرغان كىتاپلىرىنى ئېلىپ چۈشۈپ، ئوتالىپنىڭ تۈگمىنىگە يوشۇرۇپ قويدۇم. ئاتقا ئارتىپ يەتكۈزۈپ بەرگىن! – دېدى.

ھاشىم ئاكام ناھايىتى جىگەرلىك، قورقماس ژىگىت ئېدى. ئۇ كېتىپ، بىردەمدىلا كىتاپلارنى ئېلىپ چۈشتى ۋە ئانامغا:

– تاغارغا قاچىلىغان كىتاپلار بەك ئېغىر ئېكەن، ئاتقا ئاران ئارتىپ چۈشتۈم. كىچىك ئانا، سىز ئايال كىشى تۇرۇپ ئۇنى قانداقمۇ تاغدىن ئېلىپ چۈشكەنسىز؟ – دېدى. ئانام:

– بالام، بۇ نەرسىلەر – موللا داداڭنىڭ جېنى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئۆمۈربويى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، يېزىپ چىققان قوليازمىلىرى ۋە كېرەكلىك كىتاپلىرى بولغاچقا، جېنىمنى تىكىپ، كۆتىرىپ چۈشتۈم. بۇنى مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەسلىگى كېرەك ئېدى، بۈگۈن بېشىمغا ئېغىر كۈن چۈشۈپ، سىلەرگە ئېيتىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەتە سىلەرنى ئەلنىڭ كۆزىچە «ئوغلۇم ئابدۇشۈكۈر ئاغرىپ قالدى. ھاشىم ئاكىسى ئۇنى ئۈچسۇمۇلدىكى تېۋىپقا ئاپارماقچى» دەپ يولغا سالىمەن. دولاتىغا بارغاندىن كېيىن ئاتنىڭ بېشىنى غۇلجا تەرەپكە بۇراپ، ئالتەسۇمۇلنىڭ تۆۋىنىدىكى تاۋۇزچى ۋاسىلىيغا (رۇس) تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۈچسۇمۇلغا قايتىڭلار! – دېدى.

دەرۋەقە، مېنى ئاغرىق دېسە خوشنىلارمۇ، ئۆيىمىزنى پايلاۋاتقانلارمۇ قىلچە گۇمانلانماتتى. سەۋەۋى، دادام تۇتۇلغان كۈنى ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى چېگارا ساقلاش ئوتريادىنىڭ قوراسىغا قامالغان ئېكەن. ئۆگۈزدە تۇرۇپ قارىسا، قورا ئىچىدىكى ئىشلار «مانا مەن» دەپلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن ئەتىسى ئەتىگەندە ئاتقا ئوت سالغىلى ئۆگۈزگە چىققاندا، دادامغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. مەن ئۇنىڭ كىيگەن ئاپپاق كۆينەك، تامباللىرىنىڭ قانغا بويالغانلىغىنى كۆرۈپ، ئۆزەمنى تۇتالماي «دادا!» دەپ ۋاقىراۋېتىپتىمەن. تۇيۇقسىز «گۇم» قىلىپ ئېتىلغان ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭ چۆچۈپ، ئۆگۈزگە ژىقىلدىم. شۇ ژىقىلغانچە ئۆيدە ئۈچ كۈن ھوشسىز يېتىپتىمەن. بىز مېڭىشتىن بۇرۇن، ئانام مېنىڭ بېشىمنى تۇخۇمدا تەڭلەپ، خۇددى ئاغرىقلاردەك ھارۋۇغا ياتقۇزۇپ ئۇزاتتى. بىز ئانامنىڭ تاپشۇرۇغىنى شۇ پېتىچە ئورۇنلىدۇق. كېيىن تاۋۇزچى ۋاسىلىينىڭ دادامنىڭ ئامانىتىنى ئاكام ئابدۇرېشىت ئىمىنغا ساق-سالامەت تاپشۇرۇپ بەرگەنلىگىدىن خەۋەردار بولدۇق…» («ئىلى تارىخ ماتېرىاللىرى»، غۇلجا، 2002-ژىل، 39-40-بەتلەر).

ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ئۆز ھاياتىدا خەلىقنىڭ بەخىت-ساادىتى، مىللىي ماارىپنىڭ رىۋاجلىنىشى ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر قىلىش بىلەن بىرگە «ئىلى تارىخى»، «مۇختەرەمە تارىخى»، «ئىسلام خەلىپىلىرى ۋە سۇلتانلىرى تارىخى»، «مۇسۇلمان ئۆلىمالار تارىخى»، «ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى توپلىمى» قاتارلىق كىتاپلارنى يازغان.

تارىخچى «ئىلى تارىخى» ئەسەرىنىڭ قوليازمىسىنى ۋاپاتى ئالدىدا ئوغلى، شاىر، ژۇرنالىست ۋە تەرجىمان ئابدۇرېشىت ئىمىنغا تاپشۇرۇپ، ئەخمەتجان قاسىمىيغا بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان ئېكەن. ئابدۇرېشىت ئىمىن دادىسىنىڭ «ئىلى تارىخىنىڭ» قوليازمىسىنى ئەخمەتجان قاسىمىيغا تەغدىم قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان خېتىدە: «ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇاۋىن رەىسى، شىنجاڭدا تېچلىق ۋە خەلىقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ رەىسى ئەخمەتجان قاسىمىي جاناپلىرىغا بۇ ئىلتىماسنى يېزىشىمدىكى مەخسەت، «ئىلى تارىخى» ناملىق بۇ ئەسەر ئاتىمىز ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ئوغلى تەرىپىدىن 1948-ژىلى 28-يانۋاردا يېزىلغان. ئاتام ئەسەرىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى ماڭا كۆچىرىپ، رەتلەپ چىقىشىنى تاپشۇرغان ئېدى. مەن كۆچىرىش ھازىرلىغىدا تۇرغان ۋاقتىمدا، ئاتام رەمەتلىكنىڭ سالامەتلىگى سىر بېرىپ، دۇنىيادىن ئۆتتى. لېكىن ئاتام ئۆلەر ئالدىدا:

– مەن بۇ تارىخنى موشۇ يەردە توختاتتىم، بۇ كىتاپنى رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمىي جاناپلىرىغا ئۆز قولۇم بىلەن تەغدىم قىلماقچى ئېدىم. ئۇ كىشى مىللەت ئۈچۈن سەرىپ قىلغان 25 ژىللىق ئۆمرۈمنى زايە قىلماس دەپ ئىشىنەتتىم. بىراق مەن بۇ ئارزۇيۇمغا يېتەلمىدىم. ئەندى مېنىڭ ئورنۇمدا سەن تەغدىم قىلارسەن! – دەپ ۋەسىيەت قىلغان ئېدى. نېمە دەيسىز، ئاتام ئۆلدى، ژىغلىدۇق، قاخشىدۇق. ھازا تۇتتۇق… ئاخىرى شاىر موللا بىلالنىڭ «بىر ماتەم بولدى تېخى بىرتەرەپ» دەپ ئېيتقىنىدەك، ھازىمىز-قارىمىز بىر تەرەپ بولغاندىن كېيىن كۆچىرىپ، رەتلەپ، 1949-ژىلى 1-يانۋارغا ئۈلگەرتتىم. موشۇ يېڭى ژىل مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ كىتاپنى ۋەسىيەت بويىچە سىز، رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمىي جاناپلىرىغا تەغدىم قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئەلۋەتتە، جاناپلىرىنىڭ بۇ كىتاپنى ئاتام، مەرھۇم ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ قولىدىن تاپشۇرۇپ ئالغاندەك قوبۇل قىلىشلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئۈمۈت قىلىمەن.

ئېھتىرام بىلەن ۋەسىيەت بويىچە تەغدىم قىلغۇچى ئابدۇرېشىت ئىمىن.

1949-ژىل، 1-يانۋار» دەپ يازىدۇ («ئىلى ماتېرىاللىرى»، غۇلجا، 2002-ژىل)».

مەزكۈر ئەمگەك قوليازمىسىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىيغا تاپشۇرۇلغانلىغى توغرىلىق شۇ ۋاقىتتىكى شتج ئۈچ ۋىلايەت گېزىتلىرىدا مۇنداق خەۋەر قىلىنىدۇ:

«خونىخايمازارلىق مەرھۇم ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ۋاپاتى ئالدىدا ئۆز قىزغىنلىغى بىلەن توپلاپ يازغان «ئىلى تارىخى» دېگەن توپلىمىنى رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمىي جاناپلىرىغا سۇنۇپ بېرىشنى ئوغلى ئابدۇرېشىت ئىمىنغا ۋەسىيەت قىلغان ئېكەن. مەخسۇس مۇخبىرىمىزنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەزىمەت ئابدۇرېشىت ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە مۇۋاپىق، كىتاپنى قەدىردان رەھبىرىمىز ئەخمەتجان ئەپەندىگە سۇندى. قەدىردان رەھبىرىمىز ئەخمەتجان ئەپەندى بۇ تارىخىي توپلامنى مەمنۇنىيەت بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ، مەرھۇمنىڭ بۇ ئەمگىگىنىڭ ئېتىۋارغا ئېلىنىدىغانلىغىنى ئۇقتۇرۇپ، رەخمەت ئېيتتى. بۇ تارىخىي توپلامدا «ئىلى چاغاتاي دەۋرى»، «ئىلى جوڭغار خانلىغى دەۋرى»، «ئىلى سۇلتانلىغى دەۋرى»، «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەتتىسۇغا كۆچىرىلىشى دەۋرى»، ۋە «ئىلىدا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى» قاتارلىقلار ھەققىدە كەڭ مەلۇماتلار بار ئېكەن». («ئالغا گېزىتى»، خەۋەر بۆلۈمى، 1949-ژىل، 17-يانۋار سانى).

خۇللەس، ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ «ئىلى تارىخى» ئەسەرىنىڭ قوليازمىسى شۇار مىراسگاھىدا ساقلانغان ئېكەن. 1984-ژىلى مۇەللىپنىڭ ئوغلى ئابدۇشۈكۈر ئىمىن شۇار مىراسگاھىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئابدۇقېيىم غوجا بىلەن كۆرۈشۈپ، قوليازمىنى بىر نۇسخا كۆپەيتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولىدۇ. بۇ قوليازمىنى شۇاردا نەشىر قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن ئابدۇشۈكۈر ئىمىن قوليازمىنىڭ بىر نۇسخىسىنى مەرھۇم ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ نەۋرىسى بىشكېكتە (قىرغىزستان) ياشايدىغان ئەكبەرجان باۇدۇنوۋقا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. فىلوسوفىيا پەنلىرىنىڭ نامزىتى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۇدۇنوۋ بوۋىسىنىڭ «ئىلى تارىخى» دېگەن بۇ مۇبارەك ئەمگىگىنى 2016-ژىلى بىشكېكتە نەشىر قىلدۇردى.

ئىمىنجان باھاۋۇدۇن «ئىلى تارىخى» كىتاۋىنىڭ «سۆز بېشىدا» مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىزنىڭ بۈگۈڭىچە بولغان تارىخىمىزدا تارىخچىلارنىڭ ئىلى تارىخىنى يېزىپ مەيدانغا كەلتۈرگەنلىرى كۆرۈنمەيدۇ. لېكىن رۇس شەرىقشۇناسلىرىدىن ن.ن.پانتۇسوۋنىڭ ئەسەرلىرى، موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپنىڭ «غازات دەر مۈلكى چىن» ناملىق كىتاۋى ۋە ئوكتيابر ئىنقىلاۋىدىن كېيىن نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوۋنىڭ (ئۇيغۇر بالىسى) «ئىلى تارىخى» ناملىق ئەسەرى بېسىلىپ تارقالغان بولسىمۇ، ھۆكۈمران مۇستەبىتلەرنىڭ سەياسىي بېسىمى بىلەن خەلىق ئارىسىغا كەڭ تارقالمىغان ئېدى.

ئىلىنىڭ تارىخى، ژۇغراپىياسى ھەمدە ئىجتىماىي ئەھۋاللىرىنىڭ ئۆتكەن زاماندا قانداق بولغانلىغىدىن ئوچۇق مەلۇمات بېرەلەيدىغان بىرەر ئەسەر روياپقا چىقمىغاچقا، بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بەكمۇ ئاز. تارىخنى بىلىدىغانلارنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى بولسا، ئېغىزدىن-ئېغىزغا، بالىدىن-بالىغا ئۆتۈپ، يوق بولۇپ كېتىشى تەبىىي. مانا شۇ ۋەجىدىن بۇ كامچىلىقلارنى تولتۇرۇش مەخسىتىدە، 1923-ژىلدىن 1948-ژىلغىچە لازىم بولغان مەلۇماتلارنى ژىغىپ، رەتلەپ بۇ «ئىلى تارىخىنى» موشۇ ھالغا كەلتۈردۈم…

بۇ ئەسەرىمدە گەرچە كامچىلىق-نۇقسانلار بولسىمۇ، قۇرۇق قاراپ تۇرغاندىن كۆرە كەلگۈسىدىكى تارىخچىلىرىمىزغا ياردىمى تېگىپ قالار، دېگەن نىيەتتە ئەۋلاتلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلدىم.

ئىمىنجان باھاۋۇدۇن. 1948-ژىل، 28-فېۋرال، غۇلجا».

مۇەللىپنىڭ بۇ ئۆز ئەمگىگىگە يازغان كىرىش سۆزىدىن خەلقىمىزنىڭ تارىخىنى يارىتىشقا بەل باغلاپ، خۇددى ژىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك 25 ژىل جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، ئىلى تارىخىنى يېزىپ ئەۋلاتلارغا تەغدىم قىلغانلىغىدىن خەۋەردار بولۇمىز.

كىتاپتا ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىن بىرقانچە مىڭ ژىللار ئىلگىرى بۈيۈك بىر مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىغى، قۇدرەتلىك ئىمپېرىيالەرنى قۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ناھايىتى سەلتەنەتلىك دەۋىرلەرنى بېسىپ ئۆتكەنلىگى بايان قىلىنىدۇ. دۇنىيا تارىخىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇتقان ئورنى، قەھرىمان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جاسارىتى، ۋەتەنپەرۋەرلىگى، ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ شان-شۆھرىتى تارىخىي فاكتلار ئاساسىدا ئەتراپلىق تەسۋىرلىنىدۇ.

مۇەللىپ: «ئىلى نامىنىڭ لۇغەت مەنىسىنى تەكشۈرسەك، ئەسلىدە ئۇ «ئىلى» – «ئىللىق» دېگەن سۆزلەردىن ئېلىنغاندۇر. ئۇيغۇرلار ئۇنى كۆزگە يېقىملىق ۋە خۇش كۆرۈنۈشلۈك مەنىلەردە ئىشلەتكەن. دېمەك، «ئىلى» – ئىللىق دېگەن مەنىدە ئېلىنغانلىغى ناھايىتى توغرىدۇر» (ئىمىنجان باھاۋۇدۇن، «ئىلى تارىخى»، بىشكېك، «ئايەت» نەشرىياتى، 2016-ژىل، 13-بەت).

ھە، تارىخ – ناھايىتى نازۇك بىر ماتېرىيا بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە ھۆرمەت بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ تارىخىي مەلۇماتلارنى ئىزاھلاشتىكى جاۋاپكەرلىگىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان ھالدا، ئۆزى توپلىغان مۇستەھكەم فاكتولوگىيالىك ھۇلغا ئاساسلانغانلىغىنى بايقاۋېلىش تەس ئەمەس.

بىز ژۇقۇرىدا ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ تارىخچىلا ئەمەس، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىنى توپلىغۇچى ئېتنوگراف سۈپىتىدىمۇ پاالىيەت ئېلىپ بارغانلىغىنى توغرىلىق تەكىتلىگەن ئېدۇق. ئۇنىڭ خەلىق ئارىسىدىن توپلىغان ماقال-تەمسىللىرىنىڭ بىر قىسمى ئۈچ ۋىلايەت «ئىتتىپاق» ئەدەبىي، ئىجتىماىي-سەياسىي ژۇرنالىنىڭ 1948-ژىللىق 3-سانىدا زۇنۇن قادىرى، نۇرمەھەممەت بوساقوۋلارنىڭ توپلىغان ماقال-تەمسىللىرى بىلەن بىللە بېرىلگەن ئېكەن. ئۇنىڭدىن تاشقىرى «شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئىتى» ژۇرنالىنىڭ 1957-ژىللىق 10، 11، 12-سانلىرىدا ۋە كېيىن «تارىم» ژۇرنالىنىڭ 1958-ژىللىق 1، 2-سانلىرىدا ئۇ توپلىغان 300دىن ئوشۇق ماقال-تەمسىللەر بېرىلگەن.

ئىمىنجان ئاكا 3 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرىنى توپلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا مەتبۇات ئارقىلىق خەلقىمىزگە تەغدىم قىلىش پۇرسىتىگە ئېگە بولالمىدى…» دەپ يېزىلغان.

خۇللەس، تارىخچى، فولكلورشۇناس ئالىم، مەرىپەتچى ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ تۇغۇلغىنىغا موشۇ كۈنلەردە 120 ژىل تولدى. ئۇ ئۇيغۇرلار تارىخىغا ۋە ئۇنىڭ بولغۇسى قامۇسىغا بېباھا مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن مۇنەۋۋەر ئەرباپتۇر.

يادىكار سابىتوۋ.