Yüsüp xas hajipning «qutadghu bilik» diniy-pelsepewiy traktati

ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺩﯨﻨﯩﻲ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﯞﯨﻲ ﺗﺮﺍﻛﺘﺎﺗﻰ

 

(ﺋﻪﺩﯨﭗ ﺗﻪﯞﻩﻟﻠﯘﺩﯨﻨﯩﯔ 1000 ﺟﯩﻠﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﺩﺍ’ﺋﯩﺮ)

ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﺴﻰ، ﺗﻪﯕﺪﯨﺸﻰ ﻛﺎﻡ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ، ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﻤﺎﺱ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﺋﯧﮕﯩﺴﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﮪﻪﻡ ﺳﯚﺯ ﺳﻪﻥъﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﯩﯟﺍﺳﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘﮪﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺳﺎﮪﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻪﺩﻯ’ﺋﯩﻲ ﻏﻪﺯﻧﻪ-ﺩﯗﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﮪﯩﺒﻰ. ﺋﺎﻟﻠﯧﮕﻮﺭﯨﻴﺎﻟﯩﻚ (ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ) ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻪﺩﯨﭗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻏﻪﺯﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺩﯨﻨﯩﻲ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﯞﯨﻲ ﺷﯥ’ﺋﯩﺮﯨﻲ ﺗﺮﺍﻛﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘ’ﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻰ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﻪﺩﯨﭙﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﭘﺎ’ﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﮕﺎﻧﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪ. ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ، ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻲ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ، ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺋﻪﺭﻩﭖ-ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯘﭘﺮﯨﻤﺎﺱ ﮪﻪﻳﻜﻪﻝ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﯩﻤﺎ. ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ، ﺷﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎ’ﺋﯩﻲ-ﺳﻪﻳﺎﺳﯩﻲ، ﺭﻭﮪﯩﻲ-ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ، ﺋﯘﺭﭘﻰ-ﺋﺎﺩﻩﺕ ﯞﻩ ﺋﻪﻥъﺋﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﻪﺭﯨﺰﻯ-ﻗﻪﺩﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﻣﯘﺳﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﺧﺲ. «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺑﻪﺩﻯ’ﺋﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﺎﺭﺱ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻕ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﺴﻰ «ﺷﺎﺧﻨﺎﻣﻪ» (ﻓﯧﺮﺩﻩﯞﺳﻰ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﺩﯗﺭ. ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﻤﯩﺰﻛﻰ، «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺥІ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﺳﻪﻥъﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎ’ﺋﯩﻲ-ﺳﻪﻳﺎﺳﯩﻲ، ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ-ﺭﻭﮪﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺷﯥ’ﺋﯩﺮﯨﻲ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﮪﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﺋﯘﺭﭘﻰ-ﺋﺎﺩﻩﺕ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﻪﻥъﺋﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺷﺎ’ﺋﯩﺮ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﮪﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻰ ﺗﺎﯞﻏﺎﭺ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﻏﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺷﺎ’ﺋﯩﺮﻧﻰ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﻟﻪﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ «ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ» («ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻏﯩﺴﻰ») ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﻪﻳﻨﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ «ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ» ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺷﺎ’ﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﻪﮪﻠﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.
«ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯦﻴﺎﯞﯨﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﻯ’ﺋﯩﻲ ﻛﻮﻥцﺋﯧﭗцﺋﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ. ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻣﯘﺳﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﯨﺪﻩ ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻣﺎﮪﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻨﻪ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﺩﺍﻳﯩﻢ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﮪﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ-ﻗﻪﺩﺭﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺷﯥ’ﺋﯩﺮﯨﻲ ﺑﻪﻳﺘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺷﺎ’ﺋﯩﺮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎ’ﺋﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺑﻰ’ﺋﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺩﯗﻧﯩﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ-ﮔﯚﺯﻩﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﮪﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﺗﻮﻧﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﻤﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻼﺭ ﺑﯧﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ-ﺋﯚﻣﻠﯜﮔﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺒﺎﮪﺎ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ. «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ» ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﯩﺪﯦﻴﺎ ﮪﻪﻡ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺋﯘ «ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ» ﯞﻩ «ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ» ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ-ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ.
ﺋﻪﺩﯨﭗ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ «ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ» ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻛﻜﻪ ﺧﺎﺱ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻠﯧﮕﻮﺭﯨﻴﺎﻟﯩﻚ (ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻳﻮﭘﯘﺗﯘﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ) ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﯞﯨﻲ ﺋﯧﻘﯩﺪﻩ ﻛﯜﻧﺘﯘﻏﺪﻯ ﺋﻮﺑﺮﯨﺰﯨﺪﺍ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯜﻧﺘﯘﻏﺪﻯ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺯ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺧﯩﻠﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻳﺪﻩﻙ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﮪﻪﺭﺩﺍﻳﯩﻢ ﭘﯜﺗﯜﻥ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘ ﮪﻪﺭﺩﺍﻳﯩﻢ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﭼﺎﭼﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ – ﺋﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ. ﺑﯘ ﻛﯜﻧﺘﯘﻏﺪﻯ ﺋﻮﺑﺮﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﯩﺪﯦﻴﺎﺳﻰ، ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ-ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﻰ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﻪﺩﯨﭗ ﻛﯜﻧﺘﯘﻏﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﻣﺰﯨﮕﻪ ﻗﯩﻴﺎﺳﻠﯩﻐﺎﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﻛﻪﺑﻰ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ. ﭘﺎﺩﯨﺸﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻜﻤﯘ ﺋﻪﻳﻨﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯜﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ. ﺑﯘ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮪﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻟﯩﯟﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺶ-ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺭﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﯧﭽﻠﯩﻖ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ.
«ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ» «ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ» ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﯩﻴﺎ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ، ﺋﯚﺗﻜﯜﻧﭽﻰ، ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﯟﺍﭘﺎ، ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﺩﯨﭗ ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ ﺋﻮﺑﺮﯨﺰﯨﺪﺍ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﻳﺪﯗ. ﮪﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺳﻪﯞﻩﯞﻯ، ﺋﺎﻱ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﮪﻪﻡ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﭼﺎﭼﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ، ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ – ﮪﺎﻳﺎﺕ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺋﯚﺗﯜﻟﯩﺪﯗ. ﺷﺎ’ﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﭽﻪ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﺧﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﻰ. ﮪﺎﻳﺎﺗﻤﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﺧﯩﺘﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺑﯘ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﺎﺳﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰﺩﯗﺭ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﯘ ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ ﺋﻮﺑﺮﯨﺰﯨﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ. ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﻤﯩﺰﻛﻰ، ﻛﯜﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻱ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﺎ’ﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﭽﻪ، ﺗﻮﻟﯘﻥ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺭﻛﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺳﯚﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﯨﻨﻰ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺋﻮﺑﺮﯨﺰﯨﻐﺎ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺭﻩﻣﺰﻯ. ﺋﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﻪﭘﻪﺳﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﻘﺎﭼﻘﺎ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺋﻪﻳﻨﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﻘﺎﺭﺍﺭ ﮪﺎﺩﯨﺴﻪ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺩﻩ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺮﺩﻩ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﻰ’ﺋﯩﺘﻰ ﻗﻮﻟﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﺩﯨﭙﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﭽﻪ، ﺑﻪﺧﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ – ﺋﯘ ﻏﺎﭘﯩﻠﻠﯩﻖ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯧﭙﻪﺭﯞﺍﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ. ﺑﻪﺧﯩﺖ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻱ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ. «ﻗﻮﺳﯩﻐﻰ ﺗﻮﻕ ﺋﯩﺸﺖ ﺋﻮﯞﻏﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ»، ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺋﻪﺩﯨﭗ. ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﻣﻪﮪﻜﯜﻡ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﺗﯩﻜﻰ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﺑﯘ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ. ﮪﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﻪﺩﯨﭗ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ، ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﺑﻪﺧﯩﺖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﺗﯘﺗﺎﺵ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﺎﺩﺍﺵ. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﺖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ. ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻐﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﻗﺎﺭﺍﺭﻟﯩﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﻪﺑﻰ’ﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻗﯩﺶ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻳﺎﺯ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﺭ ﺟﺎﮪﺎﻥ ﻛﯚﻛﻠﻪﻳﺪﯗ. ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ، ﻏﺎﺯﺍﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺋﯘﻣﯘ ﺋﺎﻳﺪﻩﻙ ﺗﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﻛﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺋﺎﻣﻤﺎ ﻗﯧﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻱ ﻛﻪﺑﻰ، ﺳﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺧﯩﺖ ﮪﻪﻡ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻕ، ﺯﯦﺮﻩﻙ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻻ ﻗﻮﻟﺪﺍ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯜﻧﺘﯘﻏﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺧﯩﺴﻠﯩﺘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯚﮔﺪﯛﻟﻤﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯧﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ. ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﻧﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﻮﻧﯩﻤﻰ – ﺋﻪﻗﯩﻞ ﮪﻪﻡ ﺋﻮﻱ. ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﮪﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯚﺗﻨﻪ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﻳﺪﯗ. ﻗﯧﺮﯨﻠﯩﻖ – ﺑﯧﭽﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ. ﻣﺎﻝ-ﺩﯗﻧﯩﻴﺎﺳﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪ ﺷﯘ ﺑﯧﭽﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ. ﺑﯘ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰﭼﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺎﺭﯨﺘﻰ. ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯘ ﺩﯗﻧﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﯩﯟﯨﻨﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻣﯘ’ﺋﺎﻣﻤﺎ – ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘ «ﺗﺎﭘﯘﻍ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﮕﯩﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻱ-ﮔﺎﺩﺍﻳﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺋﯧﻘﯩﺪﻩ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻟﯘﻕ! ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﯘﺗﻘﺎ (ﺋﺎﻟﻼﻏﺎ، ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﺎﺩﺍ) ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﯘﻏﻰ ﺋﻪﻝ ﯞﻩ ﻗﯘﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﻪﺭﭼﯩﻠﯩﮕﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ (ﻣﻪﯕﮕﯜ) ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ (ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ) ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﮪﻪﻡ ﺳﯩﺮﻯ. ﺋﯘﻧﻰ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ. ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ ﺳﯚﮪﺒﯩﺘﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯜﻧﺘﯘﻏﺪﻯ ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺸﻜﻪ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻙ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﮪﺘﺎﺝ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺶ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺗﺎﻍ ﺋﯧﺘﯩﮕﯩﺪﻩ ﻳﯧﮕﺎﻧﻪ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﻗﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﺎﺩﯨﺸﺎ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺯﺍﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺳﯜﺭﻣﻪﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺪﯗﻧﯩﻴﺎﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﺘﯩﺸﻠﻪﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﭖ، ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺸﻜﻪ ﺟﯧﻜﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺶ ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻧﯩﯔ ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ ﺗﻪﺑﻰ’ﺋﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﮕﺎﻧﻪ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺳﯜﺭﯛﺵ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ، ﺋﯧﯖﯩﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﺷﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺶ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﯞﯨﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻐﺎ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺋﻪﻳﯩﯟﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﯓ-ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﭽﻪ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ – ﮔﯘﻧﺎﻛﺎﺭﻻﺭ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻛﺎﻥ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯘ ﮔﯘﻧﺎﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ-ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻟﻪﺯﺯﻩﺕ-ﮪﻪﯞﻩﺱ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ – ﻗﻮﺳﺎﻕ-ﻗﯧﺮﯨﻦ ﮪﻪﯞﻩﺱ-ﻟﻪﺯﺯﯨﺘﻰ (ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮪﻪﯞﻩﺱ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﭼﻜﯚﺯ، ﺗﻮﻳﻤﺎﺱ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ)، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ – ﺋﯩﺸﻖ-ﻛﯚﯕﯜﻝ ﮪﻪﯞﻩﺱ ﻟﻪﺯﺯﯨﺘﻰ (ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻼ ﮪﻪﯞﻩﺱ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ)، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ – ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎ’ﺋﯩﺖ ﮪﻪﯞﻩﺱ (ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﯩﻴﻠﯩﻚ ﻟﻪﺯﺯﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﭼﻮﯓ). ﻗﺎﻧﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﻪﺭ ﺋﯚﺗﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﺘﯩﻦ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻱ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ – ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺱ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﻰ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻘﺎ ﺟﯘﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﻧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﭽﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﻛﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺶ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺳﺎﻕ-ﻗﯧﺮﯨﻦ ﻟﻪﺯﺯﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﯞﯗﭘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﮪﻪﺭﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﮪﻪﯞﻩﺱ-ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﭼﻜﯚﺯﻟﯜﻙ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﻰ’ﺋﯩﻲ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﯞﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﯜﺟﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﭘﻜﯜﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﭘﻼﭖ، ﺑﯘﺯﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﭼﻜﯚﺯﻟﯜﻛﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻧﺎﺳﻰ – ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﮪﻪﺳﻪﺕ. ﺑﯘ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺗﻮﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ ﻛﯚﺯﻯ ﺗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻣﯘﻣﺨﻪﻟﯩﻘﻘﻪ ﮪﯧﭽﺒﯩﺮ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﭽﻪ، ﺑﯘ ﻟﻪﺯﺯﻩﺕ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻐﺎ ﺋﺎ’ﺋﯩﺖ ﮔﯚﺯﻩﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺳﯘﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﮪﻪﻡ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﺘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﮕﯩﮕﻪ ﺩﻩﺧﯩﻞ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯓ-ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﻰ ﺯﻩﻳﯩﭙﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ ﺑﯘ ﮪﻪﯞﻩﺱ-ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﺪﯨﻦ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻙ ﺋﯧﻘﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ-ﻧﻮﻣﯘﺳﻰ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺸﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﭽﻪ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻟﻪﺯﺯﻩﺕ-ﮪﻪﯞﻩﺳﻨﯩﯖﻤﯘ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﭙﯩﻴﻪﺕ-ﮔﯘﻧﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﯞﯗﭖ-ﺧﻪﺗﻪﺭﻯ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ. ﺑﯘ ﺋﻪﻳﯩﭗ-ﺋﯩﺸﺮﻩﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ (ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ) ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﮔﯘﻧﺎ-ﺋﻪﻳﯩﭙﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺎﺳﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﺳﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ – ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﯓ-ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻛﯜﻳﻪ. ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﺴﻪ – ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺴﺎ – ﺋﯩﺶ ﭼﺎﺗﺎﻕ. ﺋﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯩﻲ-ﮪﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻪ-ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﻳﻮﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻱ، ﺑﻪﺭﺑﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﻳﯩﯟﻯ – ﺋﯘ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻟﻪﺯﺯﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﺑﯘ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩ ﮪﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ-ﮪﺎﻛﯩﻤﻠﯩﻖ، ﺑﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻩﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ-ﮪﻪﯞﻩﺱ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ. ﺑﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﮪﯩﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻣﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﯧﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯗﺗﺘﯘﺭ. ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮪﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻦ ﮪﯧﭽﻨﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ «ﻗﺎﻧﺎ’ﺋﻪﺕ» ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺶ ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺰﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻳﻮﻗﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﯞﻻﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ – ﺑﯘ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻮﺭﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺒﺎﻝ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺋﺎﺯ. «ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻣﻪﻧﺎﺳﻰ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ؟»، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺩﯨﻠﯩﺪﯗ ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯘ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯜﭺ ﮪﻪﯞﻩﺱ-ﻟﻪﺯﺯﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﭘﺲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﺴﻪ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﮪﺎﻻﻝ ﯞﻩ ﮪﺎﺭﺍﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺎﺳﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ – ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻗﻪﺩﺭﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﻳﺎﻣﺎﻥ. ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺸﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﭽﻪ، ﺋﻪﻝ ﻏﯧﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﺎﺩﺍﻱ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺕъﺋﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﮪﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﻪﯓ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﯞﻩ ﮔﯚﺯﻩﻝ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ – ﺋﯘ ﺋﻪﻝ ﻏﯧﻤﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺸﻜﻪ «ﺋﻪﻗﯩﻞ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﮪﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﺎ’ﺋﻪﺕ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﺎ’ﺋﻪﺕ-ﺷﯜﻛﺮﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﮪﯩﺴﺴﯩﻴﺎﺕ-ﺋﯧﻘﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﺴﯩﺰ، ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﺑﯘ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﻧﺪﺍﺷﻘﺎﻥ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﮪﻪﺭﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺭﯨﯟﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
«ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺩﻯ’ﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻠﯧﮕﻮﺭﯨﻴﺎﻟﯩﻚ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ. ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯚﺭﺕ ﻟﻪﯞﺯﻯ – ﺋﯩﺪﯦﻴﺎﯞﯨﻲ ﺭﻩﻣﺰﻟﯩﻚ ﮪﯘﻟﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﻠﯧﮕﻮﺭﯨﻴﺎﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﺎ ﺋﯩﺰﺍﮪﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ. ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻟﻪﯞﺯﻩ-ﮪﯘﻟﻰ (ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ – ﻗﺎﻧﯘﻥ). ﺋﻪﺩﯨﭗ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﯩﻴﺎﺳﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻏﺎ (ﺋﯧﻠﯩﻜﻜﻪ) «ﻛﯜﻧﺘﯘﻏﺪﻯ» ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ. ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻟﻪﯞﺯﻩ-ﮪﯘﻟﻰ (ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺗﻜﯜﻧﭽﻰ ﻣﻪﻧﺎﺳﯩﺪﺍ). ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﻪﺩﯨﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ، ﯞﻩﺯﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ «ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ» ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ. ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻟﻪﯞﺯﻩ-ﮪﯘﻟﻰ (ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯧﻘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ). ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩﺯﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ «ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺶ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ.
ﺗﯚﺭﺗﯩﻨﭽﻰ. ﻗﺎﻧﺎ’ﺋﻪﺕ ﻟﻪﯞﺯﻩ-ﮪﯘﻟﻰ (ﺑﯘ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺭﻩﻣﺰﻯ). ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﺋﺎﻟﻠﯧﮕﻮﺭﯨﻴﺎﻟﯩﻚ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻧﻰ ﻣﯘﻗﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺕ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﯞﻩﺯﯨﺮﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺍﮪﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻚ ﻛﯜﻧﺘﯘﻏﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ «ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﻐﺎ-ﻣﯚﺭ» ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ («ﺗﺎﭘﯘﻏﻠﯘﻕ») ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﭖ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻗﻪﺕъﺋﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﯧﭽﻠﯩﻖ، ﺧﯘﺵ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻗﺎﻧﯘﻥ – ﺋﯧﻠﯩﻚ ﻛﯜﻧﺘﯘﻏﺪﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﻝ. ﺷﺎﮪﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ-ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﺎ’ﺋﯩﺮ ﯞІ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺧﯘﺳﺮﺍﯞ ﺋﺎﻧﯘﺷﯩﺮﯞﺍﻥ І ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺷﺎﮪﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻚ «ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﻗﯩﻠﯘﺭﻣﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﻝ ﺋﯩﺸﯩﻦ،
ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﺳﻤﻪﻥ ﺑﻪﮒ ﯞﻩ ﻗﯘﻝ ﺩﻩﭖ ﮪﯧﭻ ﻛﯩﺸﯩﻦ.

…ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺗﯜﺯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ،
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﯜﺯﺳﻪ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﻰ.

ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﯜﺯﻣﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ، ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯜﺯ،
ﻛﯜﻧﯜﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﺘﯩﯖﻤﯘ ﺋﯘﺯ.

ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﯞﺭﯛﻙ ﺋﯧﺮﯗﺭ،
ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻳﯩﻘﯩﻠﯘﺭ.

ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﻪﮒ ﺧﻪﻟﯩﻘﻘﻪ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ،
ﺧﻪﻟﻘﯩﻦ ﻛﯜﺯﻩﺗﻤﻪﻱ ﻳﯧﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻳﯧﺴﻪ.

ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﺋﯧﻠﻰ، ﺋﯘ ﺧﻪﻟﯩﻘﻘﻪ ﭼﺎﭼﺎﺭ ﺋﻮﺕ،
ﺑﯘ ﺑﻪﮔﻠﯩﻚ ﮪﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ﻧﺎﺑﯘﺕ.

ﺯﯗﻟﯘﻡ – ﺋﻮﺕ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﺴﺎ ﺋﯘ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﻩﺭ،
ﻗﺎﻧﯘﻥ – ﺳﯘ، ﺋﯘ ﺋﺎﻗﺴﺎ، ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﻧﻪﺭ.

ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺋﻪﺩﯨﭗ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ. ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﮒ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺭﻯ’ﺋﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﮔﺎﮪﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﺳﻪ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯧﮭﺮﯨﯟﺍﻧﻠﯩﻖ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻪ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ ﺋﻮﺑﺮﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺰﺍﮪﻼﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻜﺘﻪ» ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﻣﺰﻟﯩﻚ ﮪﯘﻟﻰ – ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﯗﺭ (ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺗﻜﯜﻧﭽﻰ ﻣﻪﻧﺎﺳﯩﺪﺍ). ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ ﻛﯚﺳﻪﻣﯩﺶ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ، ﻛﯜﻧﺘﯘﻏﺪﯨﻐﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺷﺎﮪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﮕﻪ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﯞﻩﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻳﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﭼﻮﯓ ﻻﯞﺍﺯﯨﻤﻐﺎ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻏﻪﻣﺴﯩﺰ، ﭘﺎﺭﺍﯞﻩﻥ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﻚ ﻛﯜﻧﺘﯘﻏﺪﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮪﻮﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﭙﻼ، ﻏﻪﻟﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺑﻪﮒ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﺋﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭖ، ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯧﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺑﻮﺳﯘﻏﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯛﮔﻠﻪﻙ ﺗﻮﭘﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯩﺮﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻐﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﯞﯨﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭﺩﻩ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﺴﻪ، ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﮔﯘﻧﺎﻳﯩﻨﻰ ﺟﯘﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ-ﺑﯧﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﻜﻜﻪ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ، ﺋﯘ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻥ، ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺗﻪﺑﻰ’ﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻱ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﮔﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺍﮪﻼﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻏﺎ: «ﺳﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﯖﯩﺰﺩﺍ، ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﯞﺍﻟﺪﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻠﯩﻢ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯧﺪﯨﻢ، ﺳﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻪﺭﺩﯨﯖﯩﺰ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﮪﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯧﺪﯨﻢ. ﺩﯛﮔﻠﻪﻙ ﺗﻮﭘﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯩﺮﯨﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﯞﻯ – ﺋﯘ ﻧﯧﻤﯩﺸﻜﻪ ﺩﻭﻣﯘﻻﺭ؟ – ﺩﻩﭖ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯧﺪﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻪﺧﯩﺘﺘﯘﺭ. ﮪﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﻳﻨﻪ ﺷﯘ ﺗﻮﭘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﻭﻣﯘﻻﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﺍﻱ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺎﺳﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ. ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻥ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺪﯨﻢ. ﻣﺎﯕﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﻪﺗﺘﻰ، ﻗﯧﺮﯨﺪﯨﻢ، ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯚﻟﯜﻡ – ﺋﯘ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰ. ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﯧﺘﯘﺭ، ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻼﺭ – ﻗﺎﻟﯘﺭ، ﻛﻮﻧﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﺘﯘﺭ، ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯧﺪﯨﻢ»، ﺩﻩﭖ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﻪﻧﺪﻯ ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺶ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﮪﺒﻪﺕ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯧﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺸﻨﻰ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻳﻼﻳﺪﯗ.
ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﻟﻠﯧﮕﻮﺭﯨﻴﺎﻟﯩﻚ ﻟﻪﯞﺯﻩ-ﮪﯘﻟﻰ ﺭﻩﻣﺰﻟﯩﻚ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯧﮕﻪ. ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ ﺑﯘ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻻﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﭘﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻣﺰﻟﯩﻚ ﻣﻪﻧﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺷﺎ’ﺋﯩﺮ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﻮﭘﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﺷﺎ’ﺋﯩﺮ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺳﻮﭘﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﻤﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯧﺪﻯ. ﺳﻮﻟﭽﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﻑ-ﺳﻮﭘﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎﻧﺪﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ: «ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺑﯘ ﮔﯘﻧﺎﻛﺎﺭﻻﺭ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﮪﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺗﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ»، ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯜﻧﺪﯨﮕﻪﻥ، ﮪﻪﺭﺩﺍﻳﯩﻢ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﻪﺑﻰ’ﺋﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺸﻤﯘ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ. «ﺗﺎﻍ – ﺋﯩﺘﺎ’ﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺟﺎﻱ»، ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﺋﻪﻧﺪﻯ ﺋﻮﯕﭽﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﻑ-ﺳﻮﭘﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎﻧﺪﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺶ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ: «ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﻤﯘ ﺧﯩﻠﯟﻩﺗﮕﺎﮪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻥ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺋﻪﻝ ﻏﯧﻤﯩﺪﻩ ﺗﻪﻧﮭﺎ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﭘﺲ-ﮔﯘﻧﺎﻟﯩﺮﻯ ﺟﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﮪﻪﺭﺩﺍﻳﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯩﯔ-ﻣﻪﮪﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯧﻜﺎﻧﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻰ، ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﮔﺎﮪﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. «ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ-ﻏﻪﺯﻧﻪ «ﻗﻮﻟﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻯ» ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻣﯘﮪﯩﻢ. ﺋﻪﻳﻨﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻏﻼﺭ ﻛﯚﻛﻠﻪﻳﺪﯗ، ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺧﻮﺷﺎﻝ-ﺧﻮﺭﺍﻡ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ»، ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ. ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭗ ﺑﯘ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎ’ﺋﯩﻲ-ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮪﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ، ﺋﯚﺯ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﻗﯩﻞ، ﻳﻪﻧﻰ «ﺋﯚﮔﺪﯨﻠﻤﯩﺶ» ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻪﻗﯩﻞ – ﻣﻪﯕﮕﯜ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ. ﺋﻪﻧﺪﻯ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ، ﺗﻪﺭﻛﯩﺪﯗﻧﯩﻴﺎﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺩﻏﯘﺭﻣﯩﺶ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﺎ’ﺋﯩﺮ ﺑﯘﻧﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﮪﺎﺩﯨﺴﻪ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﭖ، ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯧﻘﯩﺪﻩ-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭙﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﺗﯘﻧﺠﺎ ﻗﯧﺘﯩﻢ «ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺷﻪﮪﻪﺭ» ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺕ-ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﻳﻤﯩﺰ.
«ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ» – ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻣﯘ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ. ﺋﻪﺯﻩﺭﺑﻪﻳﺠﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺭﺍﻣﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﯧﺮﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﭽﻪ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﯧﺘﻮﺩﻭﻟﻮﮔﯩﻴﺎ-ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻲ ﻳﺎﻧﺪﯨﺸﯩﺸﻼﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯨﺖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻣﯘ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻳﻨﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ» ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪ ﭘﯧﺘﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ، ﻗﺎﺯﺍﻕ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ «ﺑﻪﺧﯩﺖ» ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ. ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، «ﻧﺎ’ﺋﯘﻛﺎ ﺏыﺕь ﺳﭽﺎﺳﺘﻠﯩﯟыﻡ» ﺋﯩﻠﻰ «ﺑﻼﮔﻮﺩﺍﺗﻨﻮ’ﺋﯥ ﺯﻧﺎﻧﻰ’ﺋﯥ» ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗﻛﻰ، ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﯩﮕﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩﯨﺪﺍﻛﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺍﮪﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺧﺎﻻﺱ. ﺑﯘ ﻛﻮﻥцﺋﯧﭗцﺋﯩﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﺎﮪﺎﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺩﯗﻧﯩﻴﺎﯞﯨﻲ ﻣﯩﻘﯩﻴﺎﺳﺘﯩﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺩﯦﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺪﻯ ﮪﻪﻡ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﯦﮕﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻪﺷﯩﺮ-ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺎ’ﺋﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻱ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺩﻩﺭﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺕ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ «ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ» ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺗﻮﭘﯩﻴﺎﻟﯩﻚ ﻣﺎﮪﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺟﯘﻏﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ، ﺧﺎﻻﺱ. ﺋﺎﻣﻤﺎ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻪﺭﺑﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ» ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ. ﺷﯘ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺷﻪﺭﮪﯩﻠﻪﺵ ﺋﻮﯞﺝ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ «ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ» ﺋﯩﺪﯦﻴﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﯕﺪﺍ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺷﯘ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ، ﻳﻪﻧﻰ «ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ» ﻛﻮﻥцﺋﯧﭗцﺋﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺍﮪﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ «ﭘﯧﺮﯨﭙﺎﺗﯩﺰﻡ» (ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﻯ ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ. ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻧﻔﯘцﺋﻰ’ﺋﺎﻥ، ﻧﯧﺴﺘﻮﺭﻯ’ﺋﺎﻥ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﺎﻧﯩﻲ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﮪﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ» ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﻣﺎﮪﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ «ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻐﻰ»، «ﺋﯚﺗﻨﻪ ﺋﺎﻟﻪﻡ» ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺷﻪﺭﯨﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ «ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺗﻰ» ﺋﯧﻘﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺷﻪﺭﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯧﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﮕﻪ ﺩﺍ’ﺋﯩﺮ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﯗﻧﯩﻴﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﻗﯧﺪﯨﻤﯩﻲ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻙ-ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺭﻭﻟﻰ ﻗﺎﻧﺎ’ﺋﻪﺗﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮪﻠﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺥ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ (ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺯﯨﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﮕﺎﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ) ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﭘﺎ’ﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯧﺪﻯ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻧﺪﯨﺸﯩﺸﻼﺭ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﯟﻩﺭﻣﯩﮕﻪﻥ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﯩﺰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺩﺍ’ﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﯘ’ﺋﻪﻣﻤﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﯞﻯ-ﺗﻪﻛﺘﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯧﺪﻯ. ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ» «ﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ، «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ» ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮪﻠﻰ «ﺑﻪﺧﯩﺖ-ﺳﺎ’ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ» ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﺗﺘﻰ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ. ﺳﻪﯞﻩﯞﻯ، ﺋﻪﺩﯨﭗ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﺑﻪﺧﯩﺖ»، «ﺩﯙﻟﻪﺕ» ﺋﯘﻗﯘﻣﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ، ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘ’ﺋﻪﻣﻤﺎﺳﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ «ﻗﯘﺕ-ﺑﻪﺧﯩﺖ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺘﯩﻨﻮﻣﯩﻴﺎﻟﯩﻚ ﻣﻪﻧﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﯩﺪﻯ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﯟﺍﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﺭﮪﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، «ﻗﯘﺗﺮﺍﺵ»، «ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ»، «ﻗﯘﺗﺮﯨﻐﺎﻥ»، «ﻗﯘﺗﻘﺎﺭ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻣﯘ ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﮪﺪﯨﺘﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﯦﮕﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ، ﺷﻪﺭﮪﯩﻠﻪﻧﻤﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﯩﺰﭼﻪ، «ﻗﯘﺕ» ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﮕﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯧﺪﻯ. ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﻧﺮﻟﯩﻖ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﺘﻪ «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺗﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺑﻪﺱ-ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﻧﺎ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺳﯜﺭﺳﻪ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ، «ﻗﯘﺗﺎﺗﻤﺎﻕ»، ﻳﻪﻧﻰ «ﻗﯘﺕ ﺋﯧﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ» ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺍﮪﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﯩﺰﭼﻪ، «ﻗﯘﺕ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ эﺗﯩﻤﻮﻟﻮﮔﯩﻴﺎﺳﯩﻨﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﯩﻴﺎ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﻧﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺳﺎﻧﺴﻜﺮﯨﺖ، ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ، ﻧﯧﻤﯩﺲ، ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭﺱ، ﭘﯘﺷﺘﯘ، ﺋﯘﺭﺩﯗ، ﮪﯩﻨﺪ، ﻣﻮﻧﻐﻮﻝ، ﺗﯩﺒﻪﺕ، ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻮﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﻧﺎﺳﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ، ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺳﯩﻨﻮﻧﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ، ﺷﺎﺧﺎﺭﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺋﯘﻣﯘﻣﻪﻥ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻟﯘﻏﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺕ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺎﺳﯩﻨﻰ «ﻗﯘﯞﻩﺕ»، «ﺑﻪﺧﯩﺖ»، «ﺟﺎﻥ»، «ﺭﻭﮪ»، «ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ»، «ﮪﻪﻕ»، «ﺋﯩﺰﮔﯜﻟﯜﻙ»، «ﺷﺎﺗﻠﯩﻖ»، «ﻧﯘﺭﻟﯩﻨﯩﺶ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ. ﺷﻮﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺎﺳﻰ ﺧﯘﺩﺍ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ «ﺧﯘﺩﺍ» (ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﺩﻩ –ﻗﯘﺩﺍﻱ،) ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ эﺗﻮﻣﻮﻟﻮﮔﯩﻴﺎﻟﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻤﻪﻱ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ «ﻗﯘﺕ» ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺧﯘﺩﺍ» ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳﯚﺯ-ﻣﻪﻧﺎ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﺪﺍ ﺷﻪﻙ-ﺷﯜﺑﮭﻪ ﻳﻮﻕ. ﺳﺎﻧﺴﻜﺮﯨﺖ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺳﻜﯘﺩﺭﯗﺱ» (ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﻰ) ﯞﻩ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺪﯨﻤﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «ﻗﯘﺕ»، «ﻗﯘﺩﯗﺭ» «ﻗﻴﺘﻴﺮ» (ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ ﻛﯜﭺ ﻣﻪﻧﺎﺳﯩﺪﺍ) ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ-ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﺑﺪﺍﻥ ﺩﻩﻟﯩﻞ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﯞﯨﺪﺍ ﺋﺎﻳﺘﻮﻟﺪﻯ ﻛﯜﻧﺘﯘﻏﺪﯨﻐﺎ «ﻗﯘﺗﯘﻡ» ﺩﻩﭖ ﻣﯘﺭﺍﺟﻰ’ﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻻﺭﻟﯩﻖ ﮪﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ «ﻗﯘﺩﯨﻼﺭ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﻤﯘ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﻘﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﻼﮪﯩﻲ ﻛﯜﭺ ﯞﻩ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮪﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﯨﻨﻰ «ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ» ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪﻙ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﮪﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺩﻩﺭﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺕ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺩﯨﺪﺍﻛﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻧﺎﺩﺍ — ﺷﯥ’ﺋﯩﺮ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﯞﯨﻲ ﺗﺮﺍﻛﺘﺎﺕ (ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺕ) ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ-ﮪﻪﻣﺮﺍﺋﯧﯟ،
ﻗﺎﺯﺍﻗﺴﺘﺎﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﺎﺳﻰ ﻡ.ﺋﻪﯞﯦﺰﻭﯞ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ، ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ.

Добавить комментарий