Hun-türkiylerning madyarlar élidiki qurultiyi

ھۇنتۈركىيلەرنىڭ ماديارلار ئېلىدىكى قۇرۇلتىيى

 1

قۇرۇلتاي ئېچىلىشىدىن كۆرۈنۈش.

   تىكىلگەن 150 كىگىز ئۆي ئەتراپىدا سەپ تۈزگەن سەرۋازلار. دۈپۈرلىگەن ئاتلارنىڭ كىشنىشى بىلەن ئوقيانىڭ ئۈشقاتقان ئاۋازىساۋۇت كىيگەن، قىلىچ تۇتقان ياش ژىگىتقىزلار چاققانلىق بىلەن ئاتلىرىغا سەكرەپ مىنىپ، مۈرىسىدىكى يانى ئېلىپ، نىشاننى كۆزلەتتى. ئايرىم كىگىز ئۆيلەردە ئەمەلىي سەنئەتنىڭ تۈرلۈكتۈمەن بۇيۇملىرى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھەربىي كىيىملەر،  قۇرالياراقلاريەرمەڭكە ئۆتۈۋاتقان مەيداندا تۆمۈرچىنىڭ قىزغىن مېھنىتى تۈپەيلى ئادەتتىكى رۇدا ھەربىي قۇرالغا ئايلانماقتا. ئۇنىڭ ئەتراپىدا توپلىشىپ تۇرغانلار قارا تەرگە چۆمۈلگەن ھالدا تۆمۈرنى ئېرىتىپ، يا ئوقىنىڭ ئۇچىنى ياساۋاتقان  ئۇستىنىڭ ھەرىكىتىنى دىققەت بىلەن تاماشە قىلماقتا. داغدۇغىلىق تۈردە سەپ تۈزەپ، 21 تۇغ كۆتەرگەن 21 ئاتلىق سەرۋاز مەيدانغا چىقىپ كەلدى. بۇ يەرگە تەسادىپى كېلىپ قالغان كىشى، گويا تارىخىي فىلم چۈشىرىلىۋاتقان مۇھىتقا كىرىپ قالغاندەك، ھىستۇيغۇدا بولۇشى ئېھتىمال.

   بۇ كۆرۈنۈشۋېنگرىيانىڭ بۇگاس يېزىسىنىڭ يېنىدىكى كىشكۇنشاگ مىللىي پاركىدا ئۆتۈۋاتقان دۇنىيادىكى ھۇنتۈركىي خەلىقلىرىنىڭ قۇرۇلتىيىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى. ئۈچ كۈنگە سوزۇلغان بۇ ئېتنوسپورتمۇزىكىلىق مەيرەمنى ناھايىتى ژۇقۇرى دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئېتنوفېستىۋال دېيىشكىمۇ بولار ئېدى. ئامما ماديارلار قېدىمىي ھۇنتۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، قۇرۇلتاي چاقىرىشنى قايتا جانلاندۇرۇپتۇ. 2010-ژىلى ماديارلار ئېلىدا چاقىرىلغان قۇرۇلتايغا 11 تۈركىي تىللىق خەلىق ئۆز ۋەكىللىرىنى ئەۋەتكەن ئېكەن. بۇ قېتىم قۇرۇلتايغا قازاقستان،  ئەزەربەيژان، قىرغىزستان، ئۆزبەكستان، تۈركمەنستان، تۈركىيا، شىمالىي كىپر قاتارلىق يەتتە تۈركىي دۆلەتتىن ۋە  باشقۇرتستان، قاراچاي، قاراقالپاقستان، تاتارستان، تۇۋا، چۇۋاشىيا، ساخا ئوخشاش ئاۋتونوم جۇمھۇرىيەتلەردىن دېلېگاسىيالەر قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر، ئاۋار، بولغار، بۇريات، موڭغۇل خەلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بولدى.

2

ئۇلي دالا  فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ئايبېك ناقىپوۋنىڭ رەھبەرلىگىدىكى سان جەھەتتىن ئەڭ كۆپ بولغان قازاقستان دېلېگاسىياسىنىڭ تەركىۋىدە تارىخ ۋە ئېتنولوگىيا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى خانگېلدى ئەبژانوۋ، ئېلىمىزنىڭ باش ئېكولوگى مېلس ئېلېئۇسىزوۋ، ئالىمە لەيلا ژانسۈگۈروۋا قاتارلىق ئىسمى جامائەتچىلىككە ياخشى تونۇش شەخسلەر بىلەن بىللە يازغۇچىلار، يۇرىستلار، رەسساملار، مۇزىكانتلار، تىجارەتچىلەر، زەرگارلار، ژۇرنالىستلار بولدى.

ئەندى قۇرۇلتايغا قاتناشقان خەلقىمىزنىڭ ۋەكىللىرى توغرىلىق گەپ قىلساق، ئۇنىڭغا قازاقستانلىق  رەسسام ئەخمەتجان ئەھەت، شەخسىي نوتارىئال ئىدارىسىنىڭ باشلىغى شەمشىقەمەر ئابدراخمانوۋا، مەزكۈر قۇرلارنىڭ مۇئەللىپى، بۈيۈك برىتانىيادىن كەلگەن ناخشىچى رەھىمەم ماخمۇت، گوللاندىيالىك مۇزىكانت كامىل ئابباس، شۋېسىيالىك مۇختەر ئابدۇكېرىم، شۇنداقلا گېرمانىيادە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان بىر توپ ئۇسسۇلچى قىزلار ھەم تۈركىيادىكى ئالىي بىلىم دەرگاھلىرىدا تەھسىل كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشتراك قىلدى.

   شۇنداق قىلىپ، تۈركىيلەر ۋە ھۇن دۇنىياسىنىڭ 200دىن ئوشۇق ۋەكىلىنى  قوبۇل قىلغان ماديارلار مېھماندوستلۇقنىڭ ھەقىقىي ئۈلگىسىنى كۆرسەتتى. مۇزىكىلىق كۆرسىتىشلەرنى، تېئاترلاشتۇرۇلغان شوئۇپروگراممىلارنى، ئارخېئولوگىيالىكئانتروپولوگىيالىك كۆرگەزمىلەرنى، قولھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنىڭ يەرمەڭكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلتاي پروگراممىسى دائىرىسىدە مېھمانلارنىڭ ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش  مەخسىتىدە ئۇلارنىڭ بۇداپېشت شەھىرىنى زىيارەت قىلىشىغا، بالاتون كۆلىنىڭ بويىدا دەم ئېلىشىغا شارائىت يارىتىش مەسىلىلىرىمۇ قاراشتۇرۇلغان ئېكەن. مەزمۇنلۇق ۋە  داغدۇغىلىق ئۆتكەن قۇرۇلتاينىڭ مەدەنىي پروگراممىسىنى ئۈچ كۈن ماباينىدا 150 مىڭ ئادەم تاماشە قىلدى.

 

مىڭ ژىل ئىزدىگەن قېرىندىشىم ياكى «ۋەتەنگە ئېرىشىش»

 

   ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-ژىللىرىنىڭ بېشىدا شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ئاممىباپ نەشىرگە ئايلانغان «كاراۋان» گېزىتىدا «ئۇلار كۈن چىقىشتىن كەلدى» («ئونى پرىسكاكالى س ۋوسخودا سولنسا») سەرلەۋھىلىك ماقالە يورۇق كۆرگەن ئېدى. كوممۇنىستىك تۈزۈمدىكى ئەخبارات تاپچىللىغىدىن كېيىن، بۇ ماقالىدا ۋېنگرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مەركىزىي ئازىيا بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئېكەنلىگى توغرىلىق، ئايرىم ۋېنگر ئالىملىرىنىڭ پىكىرلىرىنى  ئوقۇپ، بۆلەكچە تەۋرەنگەن ئېدىم. ئېۋروپىنىڭ ژۈرىگىدىكى مىللەت ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى تۈركىيلەر ئىستىقامەت قىلىۋاتقان دىياردىن، مەركىزىي ئازىيادىن ئىزدەۋاتقانلىغى ئاۋام خەلىق ئۈچۈن چوڭ يېڭىلىق بولسىمۇ، بىز ئەزەلدىنلا كۆڭلىمىزدە بىر يېقىنچىلىقنىڭ بارلىغىنى سېزەتتۇق. كېڭەش ئارمىياسىنىڭ سېپىدە ۋېنگرىيادە ھەربىي بورچىنى ئۆتەپ كەلگەن ئۇيغۇر ژىگىتلىرى بىز قوللىنىدىغان ئايرىم سۆزلەرنىڭ ۋېنگرلار لۇغىتىدىمۇ  ئۇچرىشىدىغانلىغىنى، ئۇرپىئادەتلىرىدىكى بەزىبىر ئوخشاشلىقلىغىنى   ئېيتىپ ژۈرىدىغان.

   ئېۋروپىنى كوممۇنىزم شەپىسى كېزىپ ژۈرگەن يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتا ۋېنگرلارنىڭ تېگىنى فىنئۇگورلارغا باغلاش نەزەرىيەسى بېسىم بولغان. ئامما ئارخېئولوگىيالىك، ئېتنوگرافىيالىك، ئانتروپولوگىيالىك تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى بۇ نەزەرىيەنىڭ سۈنئىي رەۋىشتە تېڭىلغانلىغىنى كۆرسەتتى. بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن ئالىملار، شۇلارنىڭ ئىچىدە ئارخېئولوگلار، ئانتروپولوگلار، ئېتنوگرافلار ۋېنگرلارنىڭ مەدەنىيىتى ھۇنتۈركىي خەلىقلىرىنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ناھايىتى يېقىن ئېكەنلىگىنى تەكىتلەشمەكتە.

   ۋېنگرلار تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاقىئە ئىخ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن. ھۇنلارنىڭ ئاتىسى ئاتىللانىڭ ئەۋلادى ئارپاد خاننىڭ رەھبەرلىگىدىكى قەبىلە ئېۋروپىنىڭ ژۈرىگىگە ئورۇنلىشىپ، بۈگۈنكى ھۇنگارىيانىڭ ئاساسىنى سالىدۇ. ھۇنگارىيا (hungarىa) — دۆلەتنىڭ رەسمىي نامى، ۋېنگرىياسلاۋيانچە ئاتىلىشى. ۋېنگرلار ئۆزلىرىنى ماديارلار، ۋەتىنىنى ماديارستان دەپ ئاتىغاننى توغرا كۆرىدۇ. مەسىلەن، قۇرۇلتاي ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئاندراش بىرو ئانا ۋەتىنىنىڭ «ۋېنگرىيا» دەپ ئاتىلىشىنى تامامەن خالىمايدۇ. گېئوگرافىيالىك ئورنى  تۈپەيلى ئېۋروپىدىكى سلاۋيانلار تەرىپىدىن مەلۇم دەرىجىدە ئاسسىمىلياسىياگە ئۇچرىغان بولسىمۇ ئۆزلىرىنى ھۇن ئەۋلادى دەپ ھېساپلايدىغان ماديارلار بۇنى ئۆز ئەسلىگە قايتىش دەپ چۈشىنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، 896-ژىلى دۆلەتچىلىگى ۋۇجۇتقا كەلگەن ماديارلار ئېلىنى ئۇزاق ژىللار ماباينىدا ئارپاد خان سۇلالىسى باشقۇرىدۇ. ئارپاد خان باشقۇرغان دەۋىردە بارلىق ماديار قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن «قانداشلىق كېلىشىمى»تۈزۈلىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسىنى سېلىشتىكى دەسلەپكى قەدەملەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ جەرىيان ماديارلار ئارىسىدا «ۋەتەنگە ئېرىشىش» دېگەن بۈيۈك نامغا ئېگە. دىققەتكە سازاۋەر نەرسە شۇكى، ئېۋروپىدا ھۇنلار ئەۋلادىنىڭ «ۋەتەنگە ئېرىشىش» جەرىيانى ھۇنلارنىڭ يەنە بىر ئەۋلادى ئۇيغۇرلار قۇرغان ئورخونئېنىسېي دۆلىتى غۇلاپ، ئوتتۇرا ئازىيادە سەياسىي ئۆزگىرىشلەرگە تولۇپتاشقان دەۋىرلەرگە توغرا كېلىدۇ.

   موشۇ سەپىرىمدە سۇۋېنىرلاردىلا ئەمەس، ھەتتا ئاھالىلىق پۇنكتلارنىڭ نامى تۈركرۇنا يېزىغىدا ( ئۇ ئورخونئېنىسېي يېزىغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېزىلغانلىغىنى كۆرۈپ، مىڭ ژىل ئىلگىرى سەلتەنەت قۇرغان شانشۆھرىتىم قايتا تىكلەنگەندەك ھىستۇيغۇغا چۆمدۈم.

بۈيۈك دالانىڭ رەسىميوسۇنى بويىچە، قۇدرەتلىك ھۇن ئىمپېرىياسىنىڭ تەركىۋىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇغى بولغان.ئەينە شۇ دالا قانۇنىغا رىئايە قىلغان  قۇرۇلتاي ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغىنىمۇ يەلپۈلدەتتى.

قۇرۇلتاي مېھمانلىرىنى ۋېنگرىيانىڭ پارلامېنت بېناسىدا رەسمىي قوبۇل قىلغاندا، قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ مىنبىرىدىن بارلىق تۈركىي دۆلەتلەر قاتارىدا، بىزنىڭ تارىخىي ۋەتىنىمىزنىڭمۇ نامى ئاتالدى.

   ئون بىر ئەسىر ئىلگىرى ئورخون دەرىياسىنىڭ بويىدا بىللە ئات چاپتۇرۇپ ژۈرگەن قېرىنداشلىرىمىز، تارىخنىڭ جۇدۇنچاپقۇنىدا ئىزتىزسىز ژۈتۈپ كەتمەي، ئەكسىچە كۈچقۇۋەتكە تولۇپ، بىزنى قۇچاق يېيىپ قارشى ئالغىنى ئۈچۈن بېشىمىز كۆككە يەتتى.

 

بۈيۈك دالانى ئۇلۇقلىغان ماديار

 

   ۋېنگرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ماديار دەپ ئاتايدىغانلىغى توغرىلىق ژۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتتۇق. ئەندى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تۇران يېرىگە بولغان ژۈرۈشىنى توختاتقان  ئوغۇزخاننى گرېكلارنىڭ ماديار خان دەپ ئاتىغانلىغى توغرىلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئايرىم ماتېرىئاللاردا ئۇچرىشىدۇ.

قازاق خەلقىنىڭ ئارىسىدىمۇ ماديار دېگەن رۇ بار. قازاقستانلىق ماديارلار بىلەن ۋېنگرىيالىك ماديارلارنىڭ ئارىسىدا ئېتنونىم ئوخشاشلىغىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ گېنېتىكىلىق جەھەتتىنمۇ ئۇمۇملۇققا ئېگە ئېكەنلىگىنى ۋېنگرىيا تەبىئەت مىراسگاھىنىڭ ئانتروپولوگىيا بۆلۈمىدە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاندراش بىرو ژولتا رەھبەرلىگىدىكى ئىلمىي ئېكسپېدىسىيانىڭ 2006-ژىلى قازاقستاندا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن دنك ئانالىزى دەلىللىدى. بۇ ئىلمىي تەتقىقات ھەققىدىكى ماتېرىئال دۇنىيادىكى ئەڭ ئاممىباپ نەشىرلەرنىڭ بىرى ىcan Journal of Physى«Amercal Anthropology» ژۇرنالىدا يورۇق كۆرۈپ، ئىللىق ئىنكاسلارغا ئېگە بولدى. شۇنىڭ تەسىرى تۈپەيلى  2007-ژىلى قازاقستاندا ماديارلارنىڭ قۇرۇلتىيى ئۆتتى. بۇ تەنتەنىگە ئاندراش بىرو رەھبەرلىگىدىكى ۋېنگرىيالىك دېلېگاسىيا ئىشتراك قىلدى. 2008-ژىلى بولسا ۋېنگرىيادا ئۆتكەن قۇرۇلتايغا قازاقستانلىق ماديارلار قاتناشتى. شۇ چاغدا قۇرۇلتاي كېڭىشى 2010-ژىلى چاقىرىلىدىغان قۇرۇلتايغا بارلىق ھۇنتۈرك دۇنىياسىدىن ۋەكىللەرنى چاقىرىش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلغان ئېدى. ئالىي نىيەتنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قازاقستاندا ئايبېك ناقىپوۋ رەھبەرلىگىدە «Ұلى دالا»، ۋېنگرىيادە ئاندراش بىرو باشچىلىغىدا «تۇرانھۇنگارىيا» جەمىيەتلىك فوندلىرى ۋۇجۇتقا كېلىپ، نەتىجىدە 2010-ژىلقى ھۇنتۈركىيلەر دۇنىياسىنىڭ باش قوشۇشى ئەجايىپ داغدۇغىلىق ئۆتتى.

 بىيىل ئاۋگۇست ئېيىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ قۇرۇلتاينىڭمۇ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى «تۇرانھۇنگارىيا» فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ئاندراش بىرو بولدى. قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرىنىڭ  پارلامېنت بېناسىدا قوبۇل قىلىنىشى ئۇنىڭ ئالىيجاناپ پائالىيىتىنى ۋېنگرىيا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قوللاپقۇۋەتلەيدىغانلىغىنى  كۆرسەتتى. 1896-ژىلى قەد كۆتەرگەن ئىمارەت بۇداپېشتتىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئېۋروپىدىكى ئەڭ چىرايلىق قۇرۇلۇش ئىنشائىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ۋېنگرىيا پارلامېنتىنىڭ ۋىسېسپىكېرى شاندور لېژاك، ۋېنگرىيا  تاشقى ئىشلار مىنىسترىنىڭ ئورۇنباسارى كېسېنى ئېرنو ۋە «تۇرانھۇنگارىيا» فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ئاندراش بىرو پارلامېنت مىنبىرىدە تۈركھۇن ئەۋلاتلىرىغا ئىللىق لەۋزىنى ئىزھار قىلىشتى. ۋاقىت، كۈچقۇۋەت ۋە تىنىمسىز مېھنەت ھەم مەبلەغنى تەلەپ قىلىدىغان، خەلىقارا مىقىياستىكى مۇنداق مۇيۇملارنى ئۆتكۈزۈش ھەر كىمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدىغقانلىغى ئېنىق. ئاندراش بىرو ۋە ئۇنىڭ كوماندىسى ئالدىغا قويغان ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن شەرەپ بىلەن چىقالىدى. تارىم ئويمانلىغىدىن تارتىپ كارپات باسسېينىغىچە ماكانلىغان خەلىقلەرنى ئورتاق تارىخ، قېرىنداشلىق جىپسىلاشتۇرىدىغانلىغىنى يەنە بىر قېتىم يادىمىزغا سالدى.

 

مەڭگۈلۈك قېرىنداش

 

   يانيېقىغا شاخارىغان، كۆككە قاراپ ئۇچ تارتقان سۈنئىي دەرەققە يىلتىزى بىر ئەۋلاتنىڭ خاھىشتىلەكلىرى يېزىلغان رەخت پارچىلىرى باغلاندى. مىللىتىمىزنىڭ ئارزۇئۈمۈتى ئىپادىلەنگەن مەكتۈپنى بۇ سۈنئىي «ئۆمۈر دەرىغىگە» باغلاش ماڭا نېسىپ بولۇپتۇ. چۈنكى قۇرۇلتايغا قاتناشقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەكلىۋى بىلەن مىللىتىمگە ۋاكالەتلىك قىلىدىغان دېلېگاسىيانىڭ رەئىسى خىزمىتىنى ئاتقۇرۇش ۋەزىپىسى ماڭا تاپشۇرۇلغان ئېدى.

ئاخىرقى كۈنى چوڭ گۈلخان يېقىلىپ، شاماننىڭ ئەنئەنىۋىي ھەرىكىتىدىن كېيىن تەڭرىگە ئېتىقات قىلدۇق. بۈگۈنكى كۈندە سانى 150 مىللىئوندىن ئېشىپ كەتكەن تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئەجدادى ئۆز دەۋرىدە كۆك تەڭرىگە سىغىنغان. بۇنىڭدىن «ئەقىللىك مىللەت» ھېساپلىنىدىغان ياپونلارمۇ ئىستىسنا ئەمەسبەزى تارىخچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، تەڭرىدىن ئۈز ئۆرۈگەنلىكتىن، ئايرىم ئۇرۇققەبىلىلەر تارىختىكى ئۆز قۇدرىتىنى يوقاتقانمىشچۈنكى دىننىڭ ئالمىشىشى بىلەن خەلىقنىڭ تۇرمۇشتەرىزىمۇ، مىللەت روھانىيىتىمۇ زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرىدېكەن.

   مېھمانلار ھۆرمىتىگە بېرىلگەن زىياپەتتە ئەزەربەيجان مىللىي ئاكادېمىياسى مېمارچىلىق ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى ئالىگۇسېينلى سابىر پاشائوگلى تاگىئېۋ: «مەن كەلگۈسى قۇرۇلتاينى ئەڭ قېدىمىي تارىخقا ئېگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان بولار ئېدىم»، دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈردى.

   «قېرىنداشنىڭ ئوتى بۆلەك»، دەپ بېكار ئېيتمىغاندە. بۇ يەردە قېرىنداشلىق رىشتىنىڭ تەپتىنى تېخىمۇ ئېنىق ھىس قىلدىم.

زالدا گۈلدۈرلىگەن ئالقىشلار ساداسى ياڭراپ كەتتى. موشۇنىڭ ئۆزى قېدىمىي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىرقىممىتىنىڭ نەقەدەر ئۈستۈن ئېكەنلىگىنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك.

   قىسقىسى، ھۇنتۈركىيلەرنىڭ ماديار ئېلىدىكى قۇرۇلتىيى ناھايىتى ئىللىق ۋە سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشلار شارائىتىدا تەسىرلىك ئۆتتى.

3

Back Camera

ۋاققاس مەمەدىنوۋ.

ئالمۇتابۇداپېشت —  ئالمۇتا.

سۈرەتلەردە: 1. قۇرۇلتاي ئېچىلىشىدىن كۆرۈنۈش. 2. قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر توپى. 3. «تۇرانھۇنگارىيا» فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ئاندراش بىرو بىلەن.