Bürkütning qayta tughulushi

بۈركۈتنىڭ قايتا تۇغۇلۇشى

(قەسىدە)

ھېكايەت

ھېلىمۇ يادىمدا، بىر كۈنى ئاپپاق ساقىلى كۆكسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان خىزىر سۈپەت بۇزۇرۇكۋار بوۋام ئىمىناخۇن ئاسماندا موللاق ئېتىپ ئۇچۇۋاتقان كەپتەرلەرگە، ئۇنى ئەگىپ ژۈرگەن ساغا ۋە ئەرىشتە پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرغانلىغىمنى كۆرۈپ: «ئوغلۇم، چېقىر كۆزۈڭنى بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر قىلاي دەپسەندە؟!» – دېگەندى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە كۆز يەتمەس ئەرىشتە ئۇچۇپ ژۈرگەن بۈركۈت يەردە ئۆمۈلەپ ژۈرگەن چاشقاننىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدېكەن. بۈركۈتكە تولا قارىغان كۆز ئۆتكۈر بولارمىش. بۈركۈت ئۆتكۈر تۇمشۇغى، تىرنىغىغا تايىنىپ ياشىغاچقا، ئۆزى ئوۋلايدىغان ژىرتقۇچ چىلبۆرىنى ھۈركۈتۈپ قوغلاپ، چارچىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ قۇيرۇغىغا بىر چاڭگىلىنى پاتۇرىدېكەن، چىشلىرىنى كىرىشتۈرگەن بۆرە خىرىس قىلىپ، بۇرۇلۇپ قارىغاندا يەنە بىر چاڭگىلى بىلەن تۇمشۇغىغا چاڭ سېلىپ، بار كۈچى بىلەن قورۇپ، رەقىۋىنىڭ ئومۇرتقىسىنى سۇندۇرۇپ تاشلايدېكەن. ئاندىن دەس كۆتىرىپ، كۆككە پەرۋاز قىلىدېكەن. مابادا بۆرە تېپىرلاپ چاڭگىلىدىن چىقىپ، يەرگە چۈشۈپ كەتسە، كۆزىنىڭ قىرىنىمۇ سالماي، ئۇگىسىغا كېتىدېكەن. باشقىلار ئوۋلىغان ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان تاپلارنى ھەرگىزمۇ يېمەيدېكەن، ئۇ قارغا-قۇزغۇننىڭ رىسقى دەيدېكەن. بۈركۈت 70 ياشقا كەلگەندە، ماغدىرسىزلىنىپ، تۇمشۇق، تىرناقلىرى ئۇپىراپ، ئوۋنى يەردىن دەس كۆتىرەلمەي قالسا، ئۇنى باشقىلارغا تاشلاپ بېرىپ، دەرھال پەزاغا پەرۋاز قىلىپ، ئاچچىغىغا بەس كېلەلمەي، چىشىسى ئۆزىنى ھاڭ تاشقا ئۇرۇپ ئۆلۈۋالىدېكەن، ئەركىگى تىك چوققىدا ئولتىرىپ، ياڭلىۋاشتىن ئۆلۈپ-تىرىلىدېكەن. «ئۆلگەنمۇ تىرىلەمدۇ؟» – دەپ ھەيران بولما! ئۇ چوققىدا ئۇزاق ئولتىرىپ ئويلاپ، ئاچچىغىنى بېسىپ، تەغدىرگە تەن بېرىپ، غەزىۋىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دادىسى قېرىغاندا قىلغان بىر ئامالنى قىلىشقا بەل باغلاپ، قان تامچىپ چىققىنىغا چىداپ، بەدىنىدىكى ھەممە پەيلىرىنى ژۇڭۇزلاپ تاشلاپتۇ. ئاندىن تىرناقلىرىدا تاشنى تاتلاپ، تۇمشۇغى بىلەن ژۇلۇپ ئاپتۇ، ئاخىرىدا تۇمشۇغى بىلەن تاشنى چوقۇپ، قان شىرغىپ ئاققىنىغا قارىماي، بىلەيدەك تاشقا سۈركەپ، تۇمشۇغىنى قايرىپ ژۇلۇپ تاشلاپتۇ. شۇندىن كېيىنلا قانغا مىلەڭەن يالىڭاچ ۋۇجۇدىنى قىيا تاشتىكى ئۇگىسىغا كىرىپ يوشۇرۇپتۇ. بىز بىر ئاي روزا تۇتقاندەك، ئاچلىققا چىداپ، ئۇساپ كەتسە – قار يالاپ، ئوتتۇز كۈننى تەسلىكتە ئۆتكۈزۈپتۇ. ئاخىرى قاناتلىرى، تىرناق-تۇمشۇقلىرى يېتىلىپ، قىران چاغلىرىدىكىدەك قامەتكە تولۇپتۇ. بۈركۈت چىلبۆرىنىڭ كۈشەندىسى بولغان بىلەن، ئۇچار قاناتنىڭ ساھىبى بولغاچقا، قوۋمىدىن ئەنسىرەپ – ئۇلارنىڭ غېمىنى يەپ، چوققىدا تىك تۇرۇپ، قاناتلىرىنى قېقىپ، ئەرىشكە پەرۋاز قىپتۇ…

ئانا تەبىەتنىڭ ئاڭسىز ئېسىل پەرزەنتلىرى چۇمچۇقتىن تارتىپ سۇمرۇققىچە بولغان ئۇچار قاناتلار ئالىمىنىڭ شاھى بولغان بۈركۈتنىڭ بۇ ھېكايىسى مەن سەكسەن ياشقا كەلگىچە كۆرگەن بىر توقاي پادىشاھلارنىڭ ئارىسىدا نۆشۈرۋان ئادىلدەك سالاھىيەت، سالاپەت، مەرت-مەردانە، ئادىل، ھەقگوي، ۋەدىگە ۋاپادار پەقەت بىرلا پرېزىدېنتنى – دونالد ترامپنى يادىمغا سېلىپ قويدى…

يا رەب، بىسمىللاھىر راخمانىر رەھىم،

بۇ قەسىدەم ترامپقا كېلەرمۇ لايىق؟

سەكسەڭە كىرگىچە تالاي شاھ كۆردىم،

كۆرمىدىم ئادىل شاھ ئۇنىڭ قاتارلىق!

دونالد، ئاقسارايغا مەن كېلىپ قالدىم،

دەردىمنى ئورداڭدا سەن سوراسەنمۇ؟

پۇشتۇمنى قۇرۇتماق بولغان مەلئۇننىڭ –

يولىنى يۇلتۇزدا سەن توراسەنمۇ؟!

دوپپامغا بىر قاراپ سەن تونارسەنمۇ؟

باغرىمغا باش قويۇپ، سەن پۇرارسەنمۇ؟

«يالۋۇرۇش ئەركەككە ئۇيات خىسلەت» دەپ،

ئاچچىقتا بىر كاچات سەن ئۇرارسەنمۇ؟

يە، ماڭا يان بېسىپ – مۇساپىرغۇ دەپ،

ھالىمنى سورىغاچ، چاي قۇيارسەنمۇ؟

كۆزۈمگە خىزىردەك دانا كۆرۈندىڭ،

دەردىمنى دېگۈزمەي يە تۇيارسەنمۇ.

مېنىڭ باردى سەندەك بىر پرېزىدېنتىم،

باردى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكۆچ بايرىغىم.

ئەزەلدىن خوشنىدىن تەلىيىم يوقتى

بېشىمغا بىر بالا بولغان بايلىغىم.

مەن مىڭدىن بىرىنى ئېيتايچۇ ساڭا،

ئوباما سورىماي چۈشۈپ كەتتىغۇ.

ئۇيغۇرىيە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىغۇ،

تومۇزدا ئەل تىترەپ ئۈشۈپ كەتتىغۇ.

بىر چاغلار تاڭ خانىن تىز پۈكتۈرگەن ئۇ –

مويۇنچۇرخان مېنىڭ قوشقار بوۋامغۇ.

ئەندىغۇ بىلگەنسەن مېنىڭ كىملىگىم،

ئورخون بويى ئالتۇن ئوردام – ئۇگامغۇ.

بىر ئەسىردە ئىككى دۆلەت قۇرغاندۇق،

خوشنىلار كۆرەلمەي تارتىۋېلىشتى.

ئاغزىم ئاشقا تەگمەي، بۇرنۇم قانىغان،

ئۆشنەمگە ئۆلۈگىن ئارتىۋېلىشتى.

سامولېت، تانكىدا بېسىپ كىرىشكەن،

رۇسلار چۆلنى قاندا بويىۋېتىشكەن.

مەس-ئەلەس قانخورلار قەبىھلىگىدىن –

شېھىتلار كۆزىنى ئويۇۋېتىشكەن.

سابىت داموللامغا كىشەن سېلىشىپ،

رۇسلار شىڭشىسەيگە تۇتۇپ بەرگەندى.

ئۇيغۇرنىڭ تەختىنى ۋەيران قىلىشىپ،

بەختىنى قانخورغا ئۇتۇپ بەرگەندى.

1944-ژىل.

يادىمدا 12-نويابىر كۈن،

شۇ كۈنى دادام بەك خوشال كىرگەندى.

«خۇش خەۋەر: دۆلىتىمىز قۇرۇلدى!» دەپ،

مۇنداق بولۇشىنى ئۇ بىلمىگەندى.

ھەممىدىن شۇ سۈلھى-سالا يامانكەن،

ئورۇسلار قىستىدى سۈلھى-سالاغا…

بىتىمگە كۆنمىدى ئەلىخان تۆرەم،

كۆڭەنلەر باشلىرى قالدى بالاغا…

بەش ژىلچە قەرەلدە گۈللەپ ئەجايىپ،

ئەخمەتجان بۇ ئەلگە بولدىغۇ ساھىپ.

بېجىنغا – ژىغىنغا ئۇچقان بانە بوپ،

ۋاي ئىسسىت، يالغان غۇلاپ، راست بولدى غايىپ.

ئازاتلىقنىڭ تەمىن تېتىپ ئۆسكەچكە،

يادىمدىن كەتمىدى تېخى ئازاتلىق.

قۇل بوپ ئۆتتى ئۆمرۈم تەڭدىن تولسى،

نېمە بار ھاياتتا ئۇنىڭدىن تاتلىق؟

60 ژىل بۇرۇنلا مەن يامان دېسەم،

يات تۈگۈل قېرىنداش ئىشەنمىگەندى.

خىتاينىڭ ئادەمنى يەيدىغانلىغى –

ئەقىلگە سىغماستىن – چۈشەنمىگەندى.

يەر يۈزىدە پىشتتەك يامرىغان ئىقلىم،

دۇنىيانىڭ بېشىغا بىر قازا بولدى.

شى كاتىپ كۆڭلىنىڭ قارىلىغىدىن

ۋۇخەن ئۆلۈك شەھەر – بىر مازار بولدى.

نەسلىم قۇرۇتۇشچۈن ياسىغان ئوغا،

گۇناسىز خەلقىگە سەت سوغا بولدى.

كوممۇنىست پارتىيا جۇت ئوپقانلىغى –

ئۆزىنىڭ بېشىغا چوڭ غوغا بولدى.

جاھانغا غوجايىن بولۇش خىيالى،

ئازدۇرۇپ ئۇنىمۇ تار يولغا سالدى.

گىتلېرغا ئەگەشسۇن دەپتۇ ئۇنى كىم؟

سىرات كۆرۈگىدە نىمجان بوپ قالدى.

ئاللاھ بەرگەن ھۆرلۈك ئەڭگۈشتەرىنى،

تارتىۋالغان دىكتاتور ئاتىلىدۇ.

دىكتاتور بىلمەمدېكىن ئەل ئىچىدە –

يادلانسا قاغىش بىلەن يادلىنىدۇ!..

ماڭا بەك ھار كېلەر تېررورچىلارنىڭ

ئۇيغۇرنى تېررورچى-قاتىل دېگىنى.

تېررورلۇق ئەمەسمۇ ژۈرىگىن سېتىپ،

ئۇيغۇرنىڭ گۆشىنى چايناپ يېگىنى؟!

بېشىمغا بالا بولغان بايلىغىمنى –

ساتمايمەن، ئازاتلىققا تېگىشىمەن!

يار-يۆلەك بولۇپ قويساڭ جەڭ-جېدەلدە،

نامىزىمدا دۇا قىلىپ ئىڭىشىمەن…

يېقىندا «بمت»دا قارالغاندا،

ئىشەڭەن تاغدا كېيىك ياتمىدىغۇ…

ئالەمگە شۇنچە ئىشلار پاتقان بىلەن،

تىماقچە ئۇيغۇر بەختى پاتمىدىغۇ!

جان ھەلقۇمغا كەلگەن ترامپ يولۇقتىڭ،

بىزنى ئاكا-ئۇكا قىپ قويدى خۇدا.

ئاللاھنىڭ قۇدرىتى: ئاتا دۈشمىنىم –

سېنىڭمۇ دۈشمىنىڭ بوپ قالدى توۋۋا!

1949-ژىل

ۋاڭ بېسىپ كىرگەندە ئۇيغۇر ئېلىگە،

شىفۇجۇشى دېگەن ياندا بار ئېدى.

ئوغلى شىجىپىڭنىڭ ياۋۇز بولمىغى –

قانخورلۇق ئۇدۇمى قاندا بار ئېدى.

ئاللاھ بەرگەن ھۆرلۈك-ئەركىنلىگىمنى –

ھېيلە-مىكىر بىلەن تارتىۋېلىشتى.

70 ژىل قېنىمنى شوراپ كانىدەك،

ئۆلۈگىن يەلكەمگە ئارتىۋېلىشتى.

«شەرقىي تۈركستان» دەپ دۆلىتىم باردى،

ۋاڭجىڭ بېسىپ كىرىپ، چىقىپ كەتمىدى.

ئۇنىڭغا قايناتسا قېنىم قوشۇلماس،

دەمسىنا، ئۆپكەمنى قېقىپ كەتمىدى.

دونالد ترامپ، بىر ساڭا مېنىڭ ئەرزىم بار،

شىجىپىن بوينىدا قانلىق قەرزىم بار!

سەن مېنى قۇللۇقتىن ئازات قىپ قويساڭ،

ئاكا-ئۇكا بولۇپ ئۆتۈش لەۋزىم بار.

ئاتىللا بوۋامنى ياخشى بىلىسەن،

رۇمدىن فرانسۇزنى ئازات قىلغان ئۇ.

بوزەكنى پۇكانغا بېسىۋالمىغان،

ئۇمۇ ساڭا ئوخشاش غازات قىلغان شۇ…

دەپ قالما مېنى سەن ساراڭ-سودايى،

ۋەتەن دەردى قىلدى مېنى سەۋدايى.

مەن ساڭا ئىشەڭەچ ئەرزىمنى ئېيتتىم،

تاڭلا قىيامەتكە قالماس داۋايى؟!

ئۇيغۇرستان قەدرى بەك ئۆتتى جاندىن،

جان كېرەك بولسا گەر، جان دەپ، جان بېرەي…

ھېچ نېمەم قالمىدى ئۇندىن ئايرىلىپ،

ۋەتەنچۈن قان كېرەك بولسا، قان بېرەي…

ئۇيغۇرنىڭ پۇشتىنى قۇرۇتماق بولۇپ،

ئۇيغۇردىن قان ئېلىپ ياسىغان ئوغا.

خۇدانىڭ قۇدرىتى: ئۇ تاراپ كېتىپ،

خىتاينىڭ بېشىغا بولدى چوڭ غوغا!

ئۇيغۇردىن قان ئېلىپ، ياسىغان ۋىرۇس،

دۇچ كەلگەن خىتايدىن ئالدى ئۆچىنى.

«دۇنىيادا مەن كۈچلۈك!» دېگەن شى كاتىپ،

«ئاھ» ئۇرۇپ تاتماقتا قىساس كۈچىنى.

ئۇ – كۆزگە كۆرۈنمەس بىر ئاتوم بومبا،

ۋىرۇس – بىزگە ژىپسىز قۇرۇلغان بىر دار!

ياۋنىڭ شۇم نىيىتى: ئۇيغۇرستاننى –

ئۇيغۇرسىز – ئېگىسىز قىلماق بىر مازار!

«ۋۇخەن ۋىرۇسىنى» قانخور شىجىنپىڭ –

ئۇيغۇر قېنىن قوشۇپ ياسىغان ژۇغرۇپ.

خىتايغا، ئەرەپكە گەر كېرەك بولسا،

ئۇيغۇرنىڭ ئۆپكىسىن ئالدى سۇغۇرۇپ!..

دات-پەرىياد ئۇيغۇرنى تىرىك تۇرغۇزۇپ.

ئاللاھ تەڭ ياراتسا، تەڭ ياشالمىدۇق،

خالايىق، تەڭ ياشاش بىلىمگە باغلىق.

ۋاي ئىسسىت، گەپ يوغان، ھالىمىز چاغلىق،

تېخىچە ئاق تاغلىق، بىز قارا تاغلىق…

ھېلىمۇ ئۇيغۇرغا ساھىپ بار ئېكەن،

بولمىسا چاينىماي ژۇتۇۋېتەركەن.

جاھاننى ژۇتماققۇ ئۇنىڭ ئارمىنى،

بىزنى «تېررورىست» دەپ پۇتۇۋېتەركەن…

ھېلىمۇ ئۇيغۇرغا ساھىپ بار ئېكەن،

ترامپ، سەن ئۇيغۇر ئۈچۈن چۈشتىڭ مەيدانغا.

ئەل-ئالەم ئالدىدا جەڭ ئېلان قىلدىڭ،

ئەجدىھار سۈپەتلىك چىنۇ خاقانغا!

ئەزەلدىن مەرتنى بىر مەيدان سىنايدۇ،

ترامپ، تەمكىن تۇردۇڭ تەييار بوغۇشقا.

قىلدىن قىيىق كەتسەڭ – بولۇر قىيامەت…

دۇنىيا مۇھتاج سەندەك ئوغلان تۇغۇشقا.

«ئۇيغۇر ئۈچۈن قانۇن» پۈتۈپ بەردىڭغۇ،

ياخشىلىق بولامدۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق.

ئاتاممۇ قىلمىغان ئۇنچىلىك خولۇق،

تەندىكى بۇ جېنىم سەن ئۈچۈن تارتۇق.

«ئۇيغۇر ئۈچۈن قانۇن» پۈتۈپ بەردىڭغۇ،

مەرتكەنسەن، ساخاۋەت ساھىبىكەنسەن…

«ئاللاھ، بەرگەن ئەركىن ياشاش ھەققىنى –

تارتىۋالماي، پۇخراغا بەر!» دەيدېكەنسەن.

ماناستا قار يالاپ ياتقان چېغىمدا،

قولۇمدىن مىلتىقنى تارتىۋالغان كىم؟

شەرمەندە شۇ «يالتا شەرتنامىسىدا» –

بار بەختىم بوغۇلۇپ بولغاندى بەلكىم!..

دونالد، ئەۋلىيادەك دانا ئېكەنسەن،

شەرمەندە شەرتنامە كىم ئۈچۈن كېرەك؟

ئۇ دۇنىيا – بۇ دۇنىيا رازى بولاردىم،

موشۇ داۋايىمغا بوپ قويساڭ يۆلەك!..

ساڭا كېرەك بولسا، ساقلاپ قوي ئۇنى،

ماڭا كېرەك ئەمەس، ئۇنى ژىتىۋەت.

ناھەقنىڭ ئورنىمۇ ئەخلەت ساندۇققۇ،

ناھەقنىڭ يولىنى توساپ-ئېتىۋەت.

«يالتا شەرتنامىسى» ساڭا سىر ئەمەس،

ئۇيغۇرنى يەر بىلەن يەكسەن قىلغانغۇ!..

ستالىن موڭغۇلنى قوينىغا تارتىپ،

ئۇيغۇرنىڭ دۆلىتىن قۇربان قىلغانغۇ…

شاپ بۇرۇت شۇ جاللات ئۈچ قېتىم ساتتى،

ھەر نوۋەت باغرىمنى تىلىپ، قان قىلدى.

ئېزىلگەن ئەللەرنىڭ قانخور «داھىسى»،

بېشىغا كۈن چۈشسە، مېنى قالقان قىلدى.

ئالەمدە تېخىچە دىكتاتور تولا،

بىرىنىڭ ئىنساپ بار، ۋىژدانى يوقتۇر.

بىرلىرى بوزەكنى بوزەك قىلمىسا –

ياشالماس، سېنىڭدەك ۋىژدانى يوقتۇر.

ئېگىسىز ئەمەسقۇ ئەسلى بۇ دۇنىيا،

بەزىلەر ئاۋارە خۇدا بولالماي.

بەزىلەر پوكانغا بايلىقنى بېسىپ،

تەشۋىشتە سەرساندۇر «جۇدا» بولالماي.

ژىركەنمەي ياۋۇزنى يالاپ ژۈرگەن كۆپ…

سەن: «خىتاي دۇنىياغا چوڭ خوۋۇپ!» دېدىڭ.

سەندەك ئوغۇل تاپقان ئاتاڭغا رەخمەت،

ئەژدىھاردىن قورقماس بىر ئەر سەن ئېدىڭ!

بىر نەھرە تارتقاندىڭ، تىترەپ قوللىرى،

تەستە تاپقان ۋىرۇس كەتتى چېچىلىپ.

ئۇيغۇرغا كولىغان ئورىغا چۈشۈپ،

كاۋىگى ئالەمگە كەتتى ئېچىلىپ…

خەقنىڭ پېيىن قېيىش كويىدا ژۈرگەن –

قانخور شىغا لەنئەت! ئاتساڭ ئوق زايە!..

ۋىرۇسقۇ بىر كۈنى تاراپ تۈگەيدۇ،

ھەممىدىن يامىنى كوممۇنىست – غايە!

ئۇنى قىلماق كېرەك ئەلگە سازايە…

ئۈچ نوۋەت ياردەمگە قول سۇنساڭ، دونالد،

بىلگەنسەن نېمىشكە قىلدى ئۇنى رەت؟!

مىللىونلاپ خەلقىنى تۇنجۇقتۇرۇشتەك –

بولامدۇ جاھاندا چوڭ بىر جىنايەت!..

ئەجدىھار ئۆلسە قان يالاپ ئۆلىدۇ،

ئۇ غالجىر ئىشت كەبى تالاپ ئۆلىدۇ.

گااگا سوتىغا باغلاپ بارمىساڭ،

دەمسەنا ئۇ قانخور خالاپ ئۆلىدۇ؟!

سەن قاتىل قاسىمنىڭ ئەدىۋىن بەرسەڭ،

قانخور شى، ھۇمەينى ھازا قىلىشتى.

سەن سۈكۈت ساقلىساڭ، سىرىيەنىمۇ

قىيامەت قايىمچۈن بازا قىلىشتى.

بىر كاللا كېسەرنى يوقاتقان بىلەن،

يۈز قاتىل قەلبىگە سالدىڭ غۇل-غۇلا!

جاھاننى بىر كېزىپ چىققان بىلىدۇ،

مەن خۇدا دەيدىغان ئاخماقلار تولا!..

ئالەمنىڭ بېشىغا بولدى چوڭ غوغا،

قانخور شى قولىدا ياسىغان ئوغا!

قىيامەت قايىمدىن قۇتقۇزاي دېسەڭ،

ياقاڭغا ئېسىلىپ چىشلەيدۇ توۋۋا!..

دونالد، سەن بولمىساڭ، باساتتى ئاپەت،

سەن بولمىساڭ، بولار قىرغىن-قىيامەت!

سەنكەنسەن ئالەمنىڭ ساھىپ قىرانى،

سەنكەنسەن ئىنسانغا بەرگەن بىر ئامەت.

پادىشا خۇدانىڭ – دەيدۇ – سايىسى،

پادىشا خەلىقنىڭ ۋىژدان نومۇسى.

نۆشىرۋان ئادىلدەك پادىشاكەنسەن،

ترامپ، سەن بوزەكنىڭ پۇشتۇ پاناسى.

ساڭا ئاق سۈت بەرگەن ئاناڭغا رەخمەت،

سېنى باتۇر قىلغان ئەلگە تەشەككۈر!

ھېلىمۇ دادىخادا سەن بار ئېكەنسەن،

ساڭا يولۇقتۇرغان ئاللاھقا شۈكۈر…

پادىشا – خۇدانىڭ سايىسى، دەيدۇ،

شۇ سەۋەپ ئاللاھقا يېقىنسەن بەلكىم.

يار لېۋىگە كېلىپ قالغاندا خەلقىم،

مېنى ئازات قىلغان سەندىن بۆلەك كىم؟!

ئالتۇنمېكىن دېسەم چېچىڭغا قاراپ،

ترامپ، بىلمەپتىمەن تىللا ئېكەنسەن.

ھەق-ناھەق ئۈستىدە چىداپ تۇرالماس –

يەھۋا پەيغەمبەردەك لىللا ئېكەنسەن.

ئەژدىھار ئاغزىدىن سەن قۇتۇلدۇردىڭ،

مەن تۈگۈل، يەر يۈزى دېدى: «ھەشقاللا!»

يەر شارىن ۋابادىن ساقلىغان قىران،

ساڭا ھەقەمسايە بولغۇسى ئاللاھ!

ساڭا يار-يۆلەك مايك پېنس دايىما،

ساڭا قول-قاناتقۇ دانا پومپېو.

ئاغزىدىن چۈشەرمەس «ئۇيغۇر قانۇنىن»،

نېنسى خانىم بىلەن ماركو رۇبىو.

ئېيتىمىساڭمۇ مېنىڭ كۆڭلىمگە ئايان،

دوستلىرىڭ كىملىگىڭ قىلىشار بايان.

ئۇلارنىڭ سۆزىدىن چاچرىغان ئۇچقۇن –

سېنىڭ يالقۇنلىغىڭ قىلار نامايەن!..

سەن كىم؟ سەن بوزەكنىڭ غەمخور ھامىسى،

ماختىنار ئاقش سەندىن بوپ رازى.

زامان تېچ بولسا دەپ ئىنسان تىلەيدۇ،

ئادىل شاھ، ئالەمگە بولساڭچۇ قازى!..

سەن قازى بولساڭلا، ئېچىلماس ھازى…

چالۋاقاپ كەتكەن چاغ ياقىسىن تۇتۇپ،

ھەق گەپنى قانخورنىڭ ئۆزىگە ئېيتتىڭ.

ئادالەت ئالىبى بولغاچقا ئۆزەڭ،

پىت كۆزگە قادىلىپ، ئۈزىگە ئېيتتىڭ.

قانخور ماۋ مۇرىدى گېپىڭگە كىرمەي،

خەلقىنىڭ پېيىنى قىيىپ تاشلىدى.

قاتىل دەپ ئاتىلىپ، تارىختا قالدى،

ئۇيغۇرنىڭ پۇشتىنى قىرىپ تاشلىدى.

شۇنچىلا ۋەھشىكەن كوممۇنىست دېگەن،

70 ژىل چالۋاقاپ دەرۋان سۈرۈشتى.

ئۆزى ھارام تۇرۇپ، ھالالنى سوتلاپ،

خوتۇنى قىز تۇغسا، خەقتىن كۆرۈشتى.

ئۆزى ياساپ، ئۆزى چېچىپ ئوغىنى،

يەر يۈزىگە تېرىۋېتىپ غوغىنى.

تۆھمەت قىلىپ، ساڭا ئارتىپ قويغىنى،

بۇ خۇدانىڭ ئۇنى قوشلاپ ئۇرغىنى…

سەن ئادىل پادىشا، بار ھار-نومۇسى،

سەن مەندەك بوزەكنىڭ ھامان ھامىسى!

سەن يۆلەك بولمىساڭ، مەن مۇساپىرنىڭ –

ئەرىكنى ئېلىشقا يەتمەس چامىسى…

ھېلىمۇ بەختىمگە سەن بار ئېكەنسەن،

قۇتۇلدى جاھان قوش ۋىرۇس-ئاپەتتىن.

بېگۇنا خەلىققە سەن ساھىپ بولۇپ،

قۇتۇلدى ئىنسانلار بىر قىيامەتتىن!..

كىمنىڭ پۇلى ئۆتسە، ئۆتىدۇ گېپى،

چۈشمەيدۇ تەڭگىدەك دوللار قىممىتى.

سەكسەندىن ئاشقاندا بىلدىم مەن شۇنى،

قىممىتى بارلارنىڭ باركەن ھىممىتى.

چىننىڭ بۇتخانىغا كىرمەس لامىسى –

رەسۋا بوپ قالدىغۇ كۆڭۈل ئالىسى…

چاشقاندەك يەكلىنىپ ئۇر-ئۇرغا قالدى –

«داھىسى» – شى – غالجىر ئىشتنىڭ لالمىسى!

كوممۇنىست ئىبلىستىن قۇتۇلدۇق شۈكۈر،

كۆرسەتكىن بىزگە تەڭ ياشاش يولىنى.

يولۇمدا يولداش بول، مەشئەل بول ماڭا،

ھۆرلۈككە ئاشىق مەن تۇتاي قولىنى.

ئۇيغۇرستان بولغاندا ۋەيران – گۆرستان،

ماڭا تىرەك بولغان، بولغان يۆلەك كىم؟!

سىرات كۆرىگىدە قالغاندا تەنھا،

ماڭا قول ئۇزاتقان سەندىن بۆلەك كىم!

سۇلايمان شەيىخكە مىڭ مەرتە لەنئەت!

مەنچۈن بىر دۇاغا يارىمىدى ئۇ…

بۆرەك كېرەك چېغى بېجىنغا باردى،

بېشىمدا ئوت كۆيسە، قارىمىدى ئۇ!

مىڭ ژىللىق مۇسۇلمان تۇرسام، كارى يوق،

قارا خىتاي بىلەن ئېغىز يالاشسا!..

ئۇ قانداق مۇسۇلمان بولسۇن؟ گۇمان بار،

تېخى مەشەر كۈنى جەننەت تالاشسا…

ئەزەلدىن چىن خانى – كېسەل كۆرپىسى،

ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۇ – شىنىڭ ۋاباسى…

سەن بولمىساڭ، بىزمۇ پۈتكەن ئېكەنمىز،

سەن ئېكەنسەن مەزلۇم ئەلنىڭ پاناسى…

كۆردىم دوست-ئاغىنە، قېرىنداشلارنى،

ئۇلار قول قوشتۇرۇپ، قاراپ تۇرۇشتى.

ناماز ئوقۇغاننى – تېررورچى دېسە،

تاماشە كۆرۈشۈپ، ماراپ تۇرۇشتى.

ھېلىمۇ بەختىمگە سەن بار ئېكەنسەن

ئادالەت يولىدا ئالىپ ئېكەنسەن.

ھەق-ناھەق ئۈستىدە لىللا گەپ قىلىپ،

باسقان ھەر قەدەمدە غالىپ ئېكەنسەن.

سەن تەختكە چىققاندا قەسەمياد قىلىپ:

«خوۋۇپتىن دۇنىيانى خالى قىلىمەن!

ئامېرىكا خەلقىنى ئالىي قىلىمەن…»

دېگەندىڭ، مەن ئۇنى ياخشى بىلىمەن.

ئادەم نەسلى ئۆزى بىلەن ياشايدۇ،

ئەلگە ئېيتقان سۆزى بىلەن ياشايدۇ.

سۆزىگە تۇرماقلىق مەرتنىڭ ئىشىغۇ،

ئادەم ئەسلى ئۈزى بىلەن ياشايدۇ.

دونالد، سەن ۋەدىگە ۋاپاداركەنسەن،

ھېلىمۇ بوزەككە سەن يار ئېكەنسەن.

بىر نەھرە تارتىپلا پالەچ قىپ قويدۇڭ،

قانخورغا تىكىلگەن سەن دار ئېكەنسەن.

ھېلىمۇ بەختىمگە سەن بار ئېكەنسەن،

تېخىچە تىرىك تاپ يالماۋۇز تولا.

دىكتاتور چوڭ بولسا جاڭزىمىن بولا،

يېرىم ترىللىون $-نىڭ سورىغى بولا…

(پارىخور، كاتىپنى كۈتەر گااگا!)

ھېلىمۇ بەختىمگە سەن بار ئېكەنسەن،

بولمىساڭ، يەر شارى چىقار ئوقىدىن.

كۈندۈزى قىرىمنى قانغا پاتۇردى

بىر شۇمپەن كوممۇنىست خوش بوپ دوقىدىن.

خۇدا بىر ساقلىدى، سەن بار ئېكەنسەن،

كوممۇنىست دېگەنلەر – چۇمادەك ۋىرۇس…

جاھان تېچ بولغاننى تېخى كۆرمىدىم،

نەدە ئوق ئېتىلسا، بار خىتاي، ئورۇس…

ۋىرۇس – جاللات شىنىڭ قەبىھ قۇرالى،

مىللىونلاپ خەلقىگە قىلدى خىيانەت!..

شى كاتىپ قاتىلكەن ئىنسانىيەتكە،

بولامدۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق جىنايەت.

سەن تەختكە چىققاندا قانۇننى تۇتۇپ،

يادىمدا نېمە دەپ قەسەمياد قىلدىڭ.

پەم بىلەن بىر قەدەم بېسىپ، مات قىلدىڭ،

كوممۇنىست كىشىنىدىن سەن ئازات قىلدىڭ.

ۋەدىگە ۋاپادار پالۋان ئېكەنسەن،

بىرەر مۇش ئۇرمايلا چىقتىڭ پۇغاندىن.

مارىسقا تاقاشتى خەلقىڭنىڭ بېشى،

رازى بوپ، بۈركۈتتەك قايتماس ئوغلاندىن.

مەن سىرات كۆرۈكتە تۇرغاندا تەنھا،

ماڭا قول ئۇزاتقان سەندىن بۆلەك كىم؟

ئۇيغۇر ئېلى تۈرمە، دوزاق بولغان چاغ

ماڭا مەدەت بولغان، بولغان يۆلەك كىم؟

يېقىندا «بمت»دا ئۇيغۇرنى قوللاپ،

بىرمۇ مۇسۇلمان ئەل قول كۆتەرمىدى.

خىتايدىن قورقۇشۇپ قىلغان قىلمىشى –

دەمسىنا مېنى تىرىك ئۆلتۈرمىدى؟!

بۇ كىمدىن كىملەرگە قالمىغان جاھان،

قېنى فاشىست گىتلېر، ستالىن جاللات؟

بىرەۋگە قىلغىنى يانىدۇ ھامان،

بۇ ئۆتنە ئالەم بۇ، بۇ ئۆتنە ھايات!..

«جاھاننى ژۇتىمەن» دېگەڭە تويسۇن،

كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشتىغۇ!..

خۇدالىق داۋاسىن قىلغان ئۇ مەلئۇن،

كۇڭزىنىڭ مۇرىدى، ھارام پۇشتىغۇ.

ئاتساڭ ئۇنى، ئوقنىڭ ھەققى قالىدۇ،

ئۇيغۇرغا تاشلاپ بەر، ئالسۇن ئۆچىنى.

ئالەمنىڭ ئادالەت ئالىپىغۇ سەن،

شۇنداق قىلساڭ تېتار قانۇن كۈچىنى.

«ئورتاق ئىنەكتىن ئوڭچە موزاي ياخشى»،

مۇستەقىل ياشاشقۇ مەخسەت-مۇددىا!

يات كۆزگە تەلمۈرۈش جانغا پاتتىغۇ،

يېتەر 70 ژىل قۇل بولغىنىم ئاڭا!..

«دۇنىيادا ھەممىدىن ھايات بەك قىممەت،

ھاياتتىنمۇ قىممەت مېھرۇ-مۇھەببەت.

مەن كېچىپ ياشىدىم ھەر ئىككىسىدىن،

ھۆرلۈك-ئازاتلىقچۈن، ئەرىكچۈن پەقەت».

مېنىغۇ قۇتقۇزدىڭ شۇم ئەجدىھاردىن،

ئالەمنى قۇتقۇزساڭ بالا-قازادىن…

ئادالەت ئالىپى دېگەن نامىڭ بار،

ساڭا ۋەھى كېلەر ئەرشى ئەلادىن.

ئاتوم ئەسىرىدە ياشاۋاتىمىز،

بىلىمىز ماشىنا ماڭماس موتورسىز.

ئاتام زامانلاردىن ياشىغان بىلەن،

تونۇلماس بىر مىللەت سەندەك باتۇرسىز…

ئالەمنىڭ ياراتقان بارغۇ ئېگىسى،

ئاللاھنىڭ يەردىكى سەنغۇ سايىسى.

سەن بولساڭ زىمىننىڭ ساھىپقىرانى،

بۇ جاھان تىنچىيتتى، ئىمانىم كامىل

تېچلىققۇ ئىنساننىڭ ئىزگۈ-غايىسى…

ماڭا كېرەك ئەمەس، ئاۋتونومىيا،

ئاۋتونوم رايوندىن كېكىرىپ كەتتۇق!..

قوشما جۇمھۇرىيەت ھەتتا بولغۇم يوق،

مۇستەقىل ياشاشقا مەنمۇ ھوقۇقلۇق.

30 مىللىونچە ئۇيغۇر خەلقىم بار،

ئاي-يۇلتۇز تۇغۇم بار، دۇنىيا بىلىدۇ.

گېربىم، گىمنىم، تۇغۇم قولۇمدا تۇرسا،

كۆپتىن كۈتكەن كۈنۈم چوقۇم كېلىدۇ.

كەڭگە – كەڭ دۇنىيا بۇ، تارغا – تار دۇنىيا،

كۆڭلى كەڭ ئۆمۈرگە ئۆمۈر ئۇلايدۇ.

قانچە يول تورىسا قارغا-قۇزغۇنلار،

بەرى بىر پەزانى بۈركۈت سورايدۇ!

بەختىم بولماس ئېدى تەختىم بولمىسا،

مېنىڭ ئامىتىمغۇ سېنىڭ بارلىغىڭ.

تاكى ئۇ قىيامەت قايىم بولغىچە،

ئۆتسە دەپ تىلەيمەن ھۆكمىڭ – يارلىغىڭ!..

ئىنساننى دوللاردىن ئۈستۈن كۆرىسەن،

ئىنسان ھەق-ھوقۇقىن تۇغ قىپ ژۈرىسەن.

ھەق-ناھەق ئۈستىدە لىللا تۇرىسەن،

شۇڭلاشقا بارچىدىن تۆردە – ئۆرىسەن!…

بەختىمگە توغراقتەك سەن ئۇزۇن ياشا،

مەن ساڭا ئاللاھتىن ئۆمۈر تىلەيمەن.

بۈركۈتتەك مەردانە ئوغلان چوڭ قىلغان –

ئامېرىكا خەلقىگە رەخمەت دېگەيمەن!..

ئەجدىھار بىلەن سەن ئېلىشقان ئوغلان،

بۈركۈتتەك ئېتىلدىڭ ئۇنى بوغۇشقا.

ئاياللار ئالىمى سېزىك بوپ قالدى،

قايتا تۇغسا سەندەك ئوغلان تۇغۇشقا…

كېلەركەن ئەلگە بىر – ئەرگە بىر نوۋەت،

كەلدى پەيت، بەرگىنە ماڭا بىر پۇرسەت؟!

بۇ قېتىم پۇرسەتنى قولدىن چىقارسام،

بېشىمدا بىر ئەسىر بولار قىيامەت!..

سەن «خىتاي ۋىرۇسى» دېسەڭ داتلىدى،

مەن دەيمەن خىتاينىڭ ئۆزى بىر ۋىرۇس!

ئۇ ۋىرۇس بولمىسا، بولماستى تەشۋىش –

بىلمەيدۇ نېمە ئۇ – ۋىژدان، ھار-نومۇس…

شى كاتىپ خەلقىگە قىلسا ۋىرۇس «سوغا»،

ترامپ، سەن ئەل ئۈچۈن جان تىكىپ دوغا.

ئىنساننى ۋابادىن قۇتقۇزۇپ قالدىڭ،

بېسىلار جاھانغا تېرىلغان غوغا،

شىغا كېرەك بولار بەلكى ئۇ ئوغا!..

شى ۋىرۇس ياسىسا بولۇپ پاي-پېتەك،

ترامپ، سەن ۋاكسىنا كويىدا ھەلەك!..

بىلىنىپ قالدىغۇ كىمنىڭ-كىملىگى…

بۇنچىلا بۇزۇقمۇ چەرخىڭ، ئاھ پەلەك؟!

ترامپ، سېنىڭ ئاتاڭغا-ئاناڭغا رەخمەت!

مەن ژۈرەك سۆزۈمنى شېىر قىپ پۈتتۈم.

مەن موشۇ خۇش كۈننى-جانانغا يەتكەن،

تىڭىرقاپ بوتىدەك 70 ژىل كۈتتۈم.

بەيتۇللا ئۈستىدە بايراقنى كۆرسەم،

ئۆمرۈمدە بىر قېتىم قاقاھلاپ كۈلسەم.

رازىدىم ئېلىمدە كوچا سۈپەرسەم،

رازىدىم ئۆيۈمدە پۇت سۇنۇپ ئۆلسەم

                                       ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق،

 نورۇز، 2020-ژىل -21