Abdughopur Qutluq-85 yashta

ئەسلىدە ھەر قانداق ئادەم كۆپ ياشىغانلىغى بىلەن ئەمەس، بەلكى قانداق ياشىغانلىغى بىلەن باھالىنىپ، قەدىرلىنىدۇ. «ياخشىنىڭ ياخشىلىغىنى ئېيت، قەدرى ئاشسۇن»، دەيدېكەن خەلىق دانالىغىدا. بۈگۈنكى خوشاللىق كۈنلىرىدە مەدەنىيىتىمىز، ئەدەبىياتىمىز، تىلىمىزنىڭ ژانكۆيەرى، مىللەتپەرۋەر، ئىلھام بېغىنىڭ باغۋىنى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوۋ ھەققىدە قانچە ياخشى سۆزلەرنى ئېيتساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ. چۈنكى ئاكىمىز ئادەملەر بىلەن سەمىمىي مۇامىلىدە بولۇشى، كەمتارلىغى، دىلكەشلىگى ئارقىلىق ئالاھىدە ئىززەت-ھۆرمەت ھەم قەدىر-قىممەتكە ئېگە. شۇڭلاشقىمۇ بىز ئابدۇغوپۇر ئاكا قۇتلۇقوۋ بىلەن ھەقلىق يوسۇندا پەخىرلىنىمىز! ئابدۇغوپۇر ئاكا قۇتلۇقوۋنى 85 ياشلىق تەۋەللۇدى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەپ، يېڭى ئىجادىي ئۇتۇقلارنى تىلەپ، ئەمگىگىڭىز لايىق باھاسىنى تېپىپ، تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا يېتىپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا قوشۇۋاتقان مۇناسىپ ئۈلۈشىڭىز تېخىمۇ سالماقلىق بولۇشىغا سەمىمىي تىلىگىمىزنى بىلدۈرىمىز! يازىدىغىنىڭىز كۆپ بولۇپ، ئەمگىگىڭىز يېمىشلىك بولغاي!
پەرزەنتلىرىڭىز ھاياتىڭىزنىڭ مەزمۇن ماھىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، بەرىكەتلىك ئۆيۈڭىزدە مەڭگۈ باھار بولسۇن دېمەكچىمىز. سىزگە مۇستەھكەم سالامەتلىك، ئۇزاق ئۆمۈر، ئاىلەۋىي خاتىرجەملىك تىلەيمىز!
ئاىلەڭلارغا ھەر دايىم بەخىت-ساادەت، قۇت-بېرىكەت ۋە ئۇتۇق-ئامەت يار بولغاي! ئىلاھىم، ئاتقان ھەر بىر تاڭ سىزگە پەقەت ياخشىلىق ئېلىپ كەلسۇن!

www.izlirimiz.org
ۋاققاس ئابباس ئوغلى مامېدىنوۋ
ھەمراجان ئامراق زاىتوۋ
غەيرەت توختى كەنجى