8 مارت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قىممەتلىك، ئەزىز خانۇم-قىزلار، ئاق چاچلىق مومىلار، ئالىقىنىدىن بەرىكەت بىلەن مېھىر ئوتى تۆكۈلگەن ئانىلار، كېلەچەككە ئۈمۈت بىلەن قارىغان سىڭىللار بىلەن ئەركە قىزلىرىمىز!
سىلەرنى باھار مەيرىمى 8-مارت شانلىق مەيرىمىڭلار بىلەن سەمىمىي مۇبارەكلەيمەن. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ گۆزەل مەيرەملەرنىڭ بىرى. چۈنكى ئانىنىڭ پەرزەنت ھاياتىدىكى ئورنى – رولىنى باشقا ھېچ نەرسىگە قىياس قىلىش مۈمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقىمۇ سىلەرنى ھەر قانچە ئۇلۇقلاپ-مەدھىيلىسەك، ئازلىق قىلىدۇ. ھاياتنىڭ ھەر قانداق دەقىقىلىرىدە چىداملىق ۋە دانالىقنىڭ، مېھرىۋانلىق ۋە گۆزەللىكنىڭ سىماسى بولغان سىلەر ھەر قاچان ياخشىلىق-ئىزگۈلۈككە، مەرت ۋە مەردانلىققا دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتىسىلەر. سىلەرنىڭ ئەينە شۇنداق خىسلەت-خاسىيىتىڭلار ھەر بىرىمىزنىڭ ئاىلىمىزدە ئىناقلىقنىڭ، قۇت-بەرىكەتنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىگە ئاساس يارىتىپ كەلمەكتە. سىلەر باشلاپ بەرگەن بەخىت يولى ھەر دايىم داغدام ۋە پارلاق. چۈنكى سىلەر كىشىلەر قەلبىنى دايىم مۇھەببەت ۋە ئىزگۈلۈك نۇرلىرى بىلەن يورۇتۇپ تۇرىسىلەر.
سىلەرگە سالامەتلىك، خاتىرژەملىك، گۆزەللىك ۋە ئۇتۇق – مۇۋاپپەقىيەتلەر دايىم يار بولسۇن!
بۇۋىنۇر كوژامبېردىېۋا

1 thoughts on “8 مارت

Обсуждение закрыто.