كۆكلەم ئىشقىدا ياشىغان ئىنسان

/قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى، مەشھۇر كومپوزىتور ئىكرام مەسىموۋنىڭ تۇغۇلغىنىغا – 90 ژىل/

© Уйғур авази

ئاتمىش ژىل ماباينىدا كەسپىي ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان سالماقلىق ھەسسىسى بىلەن ئۆزىگە خاس ئۇپرىماس يادىكارلىق ئورنىتىپ كەتكەن كومپوزىتور — ئىكرام مەسىموۋتۇر. نازۇك لىرىكا بىلەن سۇغىرىلغان يۈزلىگەن ناخشا-مۇزىكىلارنى ئىجات قىلغان ئۇ، بىزگە ئالەمشۇمۇل روھىي بايلىق قالدۇردى. ئەگەر ھايات بولسا، ئىكرام ئاكا بۈگۈن 90-داۋانغا كۆتىرىلگەن بولار ئېدى. تېئاترشۇناس ئالىم ئەخمەتجان قادىروۋنىڭ تەكىتلىشىچە، 15 ياشلىق بالا ئىكرامنى 1944-ژىلى چېلەكتىكى (1943-ژىلى ئۇيغۇر تېئاترى ئالمۇتىدىن چېلەككە كۆچىرىلگەن – گ.ن.) ئۇيغۇر تېئاترىغا دادىسى سۇلايمان ئېلىپ كەلگەن ئېكەن. «مەن ساڭا دۇتار، راۋاپ، تەمبىر، سكرىپكا قاتارلىق ساز ئەسۋاپلىرىنى چېلىشنى ئۆزەمنىڭ بىلىشىچە ئۈگەتتىم. ئەندى سېنى ئوقۇمۇشلۇق ئۇستازلار مۇزىكىنىڭ سىرلىق دۇنىياسىغا يېتەكلەپ ماڭىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېقىدىسىنى ئاقلا، يامان كۈندە قالمايسەن، ئوغلۇم»، دەپ نېسىھەت قىلىدۇ ئاتا.

ياش سازەندە دەسلەپ كونسېرت، سپېكتاكللارغا قاتنىشىپ ژۈرىدۇ. كېيىنىرەك ھەربىي خىزمىتىنى ئۆتەپ قايتقاندىن كېيىن، ئالمۇتىدا پ.ئى.چايكوۋسكىي نامىدىكى مۇزىكا ئۇچىلىشېسىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. خۇللەس، 1957-ژىلدىن باشلاپ، تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىكرام ئاكا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيىتىنى پەقەتلا ئۇيغۇر تېئاترىغا بېغىشلايدۇ. ياش كومپوزىتور شۇ ژىللاردىلا ئۆزى ئىجات قىلغان ناخشىلىرى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ، 1959-ژىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر تېئاترىنىڭ مۇزىكا رەھبىرى، 1967-ژىلدىن باشلاپ باش دىرىژېر لاۋازىمىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

خوش، بىز نېمە ئۈچۈن ئىكرام ئاكا ئىجات قىلغان ناخشىلارنى سۆيۈپ تىڭشايمىز؟ ئۇ ناخشىلار ياڭرىغاندا نېمە ئۈچۈن بېغۇبار بالىلىق دەۋىرگە، گۆزەل ياشلىق چاغلىرىمىزغا، بىرىنچى مۇھەببەت قۇچىغىدا پەقەت ئۆزىمىزگىلا ئايان بولغان كەچۈرمىلىرىمىزگە قايتا چۆكىمىز؟ نېمىشكە ئۆز سۆيگۈسىنىڭ ئىشقىدا سەكپارە بولۇپ، ۋەسلىگە تەشنا بولغان ئاشىقلارنىڭ ئىچكى كەچۈرمىلىرىگە ھىسداش بولىمىز؟

بەلكىم، بايىقى ناخشىلارنى نۇربۈۋى مەمەتوۋا، سۇلتان ئىسرايىلوۋ، سەيدەكرەم تۆلەگەنوۋ، مۇرات ئەخمەدىئېۋ، مارات مەمەتباقىئېۋ، ماھىگۈل توختاخۇنوۋا، تولۇناي ئەيساروۋا، نۇرەلەم قۇرۋانباقىئېۋا ئوخشاش خەلقىمىزنىڭ ئېسىل سەنئەتكارلىرى بابىغا يەتكۈزۈپ ئىجرا قىلغانلىغى ئۈچۈنمېكىن، دېيىشىدۇ بەزىلەر. شۇنداق بولۇشىمۇ مۈمكىن. ۋاھالەنكى، ئىكرام مەسىموۋ ئۆزىنىڭ تالاي ناخشىلىرىنى پەقەت نۇربۈۋى مەمەتوۋا ئۈچۈن يازغانلىغىنى ياخشى بىلىمىز. ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان «كەتمەس بولۇپ كەلدىم بۈگۈن» ناخشىسى كىملەرنىڭ دىلىنى تەۋرەتمىگەن؟ بۇ ناخشىنىڭ مەتىنىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-ژىللىرى ئانا-ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن مەشھۇر خېلىل ھەمرائېۋ يازغان. شائىرنىڭ شۇ پەيتتىكى ئىچكى كەچۈرمىلىرىنى كومپوزىتور مۇزىكا بىلەن تېخىمۇ تەسىرلىك بايان قىلغان. شۇنداق قىلىپ، نۇربۈۋى مەمەتوۋانىڭ ئىجراسىدىكى «كەتمەس بولۇپ كەلدىم بۈگۈن» – چاڭقىغان ژۈرەكلەرگە مەلھەم بەرگۈچى ئېسىل دۇردانىمىزغا ئايلىنىپ كەتتى. موشۇ تۇرغۇدىن كومپوزىتورنىڭ «قايدىسەن»، «مۇرغدىلىم»، «شەرىق قىزىغا»، «ئىنتىزار» ئوخشاش ناخشىلىرىمۇ خۇددى شۇنداق ئېسىل.

ئىجادىيىتى خەلىقنىڭ چەكسىز مۇھەببىتىگە ئېرىشىشىدە، كومپوزىتورنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئۆتكەن بەرىكەتلىك، خاسىيەتلىك ئۇيغۇر ژۇتى – بايسېيىتنىڭ تەۋەرۈك ئىنسانلىرى، بۈك-باراقسان باغلىرى، چىمەنزار ئىدىر-قىرلىرى، لالىزار ئېتىزلىقلىرى، سېخى توپىسى، ناۋاتتەك سۈزۈك بۇلاق سۇلىرىمۇ ئاساس بولدى، ئەلۋەتتە. يەنە بىرتەرەپتىن، 1962 – 1967-ژىللىرى قۇرمانغازى نامىدىكى ئالمۇتا كونسېرۋاتورىياسىدە پروفېسسور قۇددۇس غوجامىياروۋتىن ھەم 1969 – 1972-ژىللىرى باكۇدا ئەزەربەيجان دۆلەت تېئاتر ئىنستىتۇتىنىڭ دىرىژېرلۇق بۆلۈمىدە تەھسىل ئالغانلىغى – ئىكرام مەسىموۋ ئىجادىيىتىنىڭ ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىگىگە، ئۇنىڭ تەكاممۇللىشىغا چوڭ زەمىن ياراتقانلىغى چوقۇم. موشۇ تۇرغۇدىن ياش كومپوزىتور ستۇدېنت چاغلىرىدىلا «ئېلېگىيا» (1963)، «ئۇيغۇر ئۇسسۇلى» (1964)، «سكرىپكا ۋە فورتېپىئانوغا يېزىلغان سوناتىلار» (1965)، «سيۇئىتا ۋە فورتېپىئانوغا يېزىلغان پېسىلار» (1965)، ئۇيغۇر خەلىق ناخشىسى «باردى دەيدۇ» ئاھاڭىغا يېزىلغان ۋارىئاسىيالەر (1965) كەبى مۇزىكىلارنى يازدى. سىمفونىيالىك ژانر بويىچە كومپوزىتور 1966-ژىلى ئۆزىنىڭ بىرىنچى ئەسەرى «سادىر پالۋان» پوئېمىسىنى، 1967-ژىلى دىپلوم ئىشى ئۈچۈن «تاشۋاي» ناملىق بىر قىسىمدىن ئىبارەت سىمفونىيالىك ئەسەرنى ئىجات قىلدى. بۇ ئەسەر قازاقستان سسر دۆلەت سىمفونىيالىك ئوركېسترىدا چوڭ مۇۋاپپەقىيەت بىلەن ئىجرا قىلىندى.

ئىكرام ئاكا ئۆزىنىڭ بىر سۆھبىتىدە ئۇستازى قۇددۇس غوجامىياروۋ ھەققىدە مۇنداق ئىللىق لەۋزىنى بىلدۈرگەن ئېكەن: «…مېنى سەنئەتكار، كومپوزىتورلا ئەمەس، بەلكى ئىنسان سۈپىتىدە ئۆز خەلقىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن ئۇستاز سۈپىتىدە غەمخورلۇق قىلغان كىشى – قۇددۇس غوجامىياروۋ. مەن بالا ۋاقتىمدا ئۇ ماڭا يۆنىلىش بەرگەن. مېنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزباسارى سۈپىتىدە ئۆسۈپ يېتىلىشىم ئۈچۈن مۈمكىن بولغان ھەممە شارائىتنى يارىتىپ بەرگەن. بىزنىڭ ئۇستاز ۋە شاگىرت، ئاكا ۋە ئۇكا كەسىپداش سۈپىتىدىكى مۇناسىۋىتىمىز، يېقىنلىغىمىز 45 ژىل داۋام قىلدى. مەن شۇنچە ۋاقىت ماباينىدا خەلقىمىزنىڭ بۈيۈك پەرزەندى بىلەن بىللە بولغىنىم ئۈچۈن ئۆزەمنى بەخىتلىك دەپ ھېساپلايمەن» («ئۇيغۇر ئاۋازى»، 28.09. 2001-ژ.).

ئۇمۇمەن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-ژىللىرى ئىكرام مەسىموۋنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادىي يۆنىلىشىنىڭ تىكلىنىش دەۋرى بولدى. ئۇ بىلال نازىم، قادىر ھاسانوۋ، ھېزىم ئىسكەندەروۋ، ھېزىم بەخنىيازوۋ، خېلىل ھەمرائېۋ، زىيايدىن قاھاروۋ، ئابدۇمېجىت دۆلەتوۋ، جەمشىت روزاخۇنوۋنىڭ شېئىرلىرىغا ناخشا يېزىپ، «ناۋا» فولكلور ئانسامبلى رېپېرتۇئارىنى خىلمۇ-خىل ناخشا-سازلىرى بىلەن بېيىتتى. ئىكرام مەسىموۋ 1973-ژىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر تېئاترىنىڭ باش دىرىژېرى لاۋازىمىغا قوشۇمچە، مەزكۈر تېئاترنىڭ مۇدىرى بولۇپ تايىنلاندى. رەھبەردىن ناھايىتى چوڭ جاۋاپكەرلىكنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ ئىككى لاۋازىمنى قاتار ئېلىپ بېرىشتا ئىكرام ئاكا ئالدى بىلەن تېئاتر خادىملىرىنى ئۆي بىلەن تەمىنلەشكە، كېلەچەك كادرلارنى تەييارلاشقا، ياشلار ئىجادىيىتىنى قوللاش، ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا، تېئاتر رېپېرتۇئارىدا مۇزىكىلىق ئەسەرلەرنىڭ كۆپىرەك ئورۇن ئېلىشىغا، چەت ئەللەرگە بولغان گاستروللۇق سەپەرلەرنى جانلاندۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. نەتىجىدە ئون ژىلنىڭ ئىچىدە بىر تۈركۈم تېئاتر ئارتىستلىرى ھۆكۈمەت تەرەپتىن پەتىر ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى. شۇنداقلا چوڭ ئائىلىلىك ئارتىستلار كەڭ پەتىرلەرگە ئېگە بولغاندا، ئۇلار بۇرۇن ئۆزلىرى ئولتىرىپ كەلگەن پەتىرلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئەمەس، تېئاتردىكى ياش ئائىلىلەرگە قالدۇردى. بۇمۇ تېئاتر مۇدىرىنىڭ تېگىشلىك ئورگانلار بىلەن تىل تېپىشىپ ھەل قىلغان ئىشلىرى ئېدى.

خۇللەس، پېشقەدەم ئارتىستلارنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ژىللىرى قىرىقتىن ئوشۇق ئائىلە تۇرۇشلۇق ئۆي بىلەن تەمىنلىنىپتۇ. تېئاترغا ياش كادرلارنى تەييارلاش يولىدا ئىكرام مەسىموۋ تولىمۇ تىرىشتى. جۈملىدىن تاشكەنت مەدەنىي ئاقارتىش ئىنستىتۇتىدا قازاقستان مەدەنىيەت مىنىسترلىگىنىڭ مەخسۇس يوللانمىسى بىلەن بىرقاتار ياشلار ئالىي بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئا.ن. ئوستروۋسكىي نامىدىكى تاشكەنت تېئاتر ۋە رەسسامچىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ «مۇزىكىلىق دراما ئاكتېرى» بۆلۈمىدە ئۇيغۇر گرۇپپىسىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىكرام ئاكا تۆرت ژىل داۋامىدا تىنماي تىرىشىپ، ئاخىرى ھەل قىلغانلىغىنى ياخشى بىلىمىز. مەنمۇ ئەينە شۇ بىلىم دەرگاھىدىن ئۇچۇم بولغانلارنىڭ بىرى. 1978-ژىلى 20 نەپەر قىز-ژىگىتلەر مەزكۈر ئىنستىتۇتقا قوبۇل قىلىندۇق. بىرىنچى كۇرسنىڭ نويابر ئېيىدا ئىنستىتۇت مەمۇرىيىتى بىز، ستۇدېنتلارنى، پاختا ژىغىش ئۈچۈن ژىراق بىر يېزىغا ئېلىپ كەتتى. ھاۋا رايى سوغ، ھەربىرىمىزگە كۈنىگە يۈز كىلوگرامم پاختا ژىغىش ۋەزىپىسى ژۈكلەنگەن. بىز بولساق، پاختا ژىغىش بىر ياقتا تۇرسۇن، پاختا ئۆستۈرۈلىدىغان دالانى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشىمىز ئېدى. ھەر كۈنى قار ئارىلاش يامغۇر ياغىدۇ، ئەتراپ پاتقاقچىلىق. يالاڭ كىيىملەردە مۇزلاپ، چېتىمىزدىن ئاغرىشقا باشلىدۇق، ناھايىتى قىينالدۇق. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىكرام ئاكا شۇ پاختا دالاسىنى تېپىپ كېلىپ، ھالىمىزدىن خەۋەر ئالغان ئېدى. ئىسسىق كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. بىز ئىكرام ئاكىنىڭ شۇ غەمخورلۇغىنى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئەسلەپ ژۈردۇق.

ئىكرام مەسىموۋ قۇددۇس غوجامىياروۋ، ئىسمايىل ئىسائېۋ، زەينۇللام سېتەكوۋ، مۇرات ئەخمەدىئېۋ، ھېبىبۇللام سېتەكوۋ، سەنئەت كېبىروۋا ئوخشاش كومپوزىتورلارنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىگە مۇزىكا ئىجات قىلىشىنى يېقىندىن قوللاپ، شارائىت يارىتىپ بەردى. ئاقىۋەت تاماشىبىنلار ئاممىسى «قەشقەر قىزى» (سەبىت مۇقانوۋ)، «لۇتپۇللا»، «شاۋقۇن» (ھېزمەت ئابدۇللىن)، «ئالتۇن كەشە» (مالىك كېبىروۋ)، «بىر ياز، بىر قىش» (مۇڭلۇق باقىئېۋ)، «قايغۇلۇق كۈنلەر»، «جازا» (جامالدىن روزىئېۋ)، «ئۆلمەس بولۇپ تۇغۇلغانلار»، «مۇقامچىلار» (ئەخمەتجان ھاشىرى)، «سېنىڭ قارا كۆزلىرىڭ»، «ئاكام ئۆيلىنىدۇ»، «بىلال نازىم» (شايىم شاۋائېۋ) كەبى مىللىي دراماتۇرگىيا نەمۇنىلىرى بىلەن ئۈز كۆرۈشتى. ئۆزى بولسا، ج.روزاخۇنوۋ بىلەن بىرلىكتە خور ۋە ئوركېستر ئۈچۈن «ئەمگەك شاتلىغى» ناملىق سيۇئىتا ئىجات قىلىندى.

ئۇمۇمەن، تېئاتر ئۈچۈن گاسترول – شۇ تېئاترنىڭ ئاساسىي غايىسىنى، مەخسىتىنى، ئىجادىي پائالىيىتىنى تەرغىپ قىلىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. گاسترول – ئۇ ھەربىر تېئاتر ئۈچۈن يېڭى ئېمتىھان، ئىجادىيەتتىكى يېڭى دولقۇن. بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇر تېئاترى ئوتتۇرا ئازىيانىڭ بارلىق جۇمھۇرىيەتلىرى تاماشىبىنلىرىنىڭ ھوزۇرىدا تالاي قېتىم گاستروللۇق سەپەرلەردە بولدى. ئەينە شۇنداق جاۋاپكەرلىك سەپەرلەرنىڭ بىرى – 1981-ژىلى سابىق كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى موسكۋا شەھىرىگە بولغان گاسترول بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئىكرام مەسىموۋ رەھبەرلىگىدىكى كوللېكتىۋ موسكۋالىق تاماشىبىنلارغا ئا.سادىروۋ بىلەن ج.ئاسىموۋنىڭ «ئانارخان» مۇزىكىلىق درامىسىنى (رېژ. ئە.مەمبېتوۋ)، ئا.ۋالېخونىڭ «ئودىسسېينىڭ غەزىۋى» سپېكتاكلىنى (رېژ. قادىر ژېتپىسبائېۋ)، شۇنداقلا «ناۋا» ۋە «ياشلىق» ئانسامبللىرىنىڭ «مۇقاملار سىرى» ناملىق چوڭ كونسېرت پروگراممىسىنى ھاۋالە قىلدى.

ئۇمۇمەن، ئىكرام مەسىموۋنىڭ ئىجادىيىتىگە نەزەر تاشلىساق، 1984-ژىلى مۇدىرلىق لاۋازىمدىن بوشىتىلغاندىن كېيىنكى ژىللارنىڭ – كومپوزىتور ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئەھمىيەتلىك، مەزمۇنلۇق، يېمىشلىق بولغانلىغى ئېنىق. چۈنكى ئۇنىڭغا «ناۋا» ئانسامبلىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە، مىللىي مۇزىكا سەنئىتىمىز، مەدەنىيىتىمىز غەزنىسىدىكى گەۋھەرىمىز – ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقامىغا» ۋارىسلىق قىلىپ، ياش سەنئەتكارلارغا ئۈگىتىش ۋەزىپىسى ژۈكلەندى. ئىكرام ئاكىنىڭ تېئاترىمىزدىكى ھۆرمىتى بەك ئۈستۈن ئېدى. پېشقەدەم ئۇستاز تېئاتر بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ، رېپىتىسىيا زالىغا كىرىپ كېلىشى بىلەن ھەممىمىز دەررۇ ئولتارغان ئورنىمىزدىن تۇرۇپ سالام بېرەتتۇق. كەلسە-كەلمەس ئارتۇق سۆز، چاقچاقلار بىردىنلا توختاپ، چىۋىننىڭ ئۇچقىنى ئاڭلىنىدىغان جىم-جىتلىقتا ئۇستازنىڭ بۇيرۇغىنى كۈتەتتۇق. ئۇ ئۆزىگە خاس سالماقلىق بىلەن مۇقام غەزەللىرىدىكى ھەربىر مىسرا، سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەزمۇنىنى، ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىنى، مىللىي ئاھاڭلارنىڭ قاچۇرمىلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، ئاندىن ئوركېستر، خور بىلەن ئەستائىدىل ئىش ئېلىپ ماڭاتتى. تېئاتر كوللېكتىۋى «راك»، «چەپبايات»، «مۇشاۋرەك» قاتارلىق ئۈچ مۇقامنى تولۇغى بىلەن تەييارلاپ ئۈلگەردى.

ئۇستاز تەرتىپ-ئىنتىزامغا بەك ئېتىۋار قىلاتتى. مەسىلەن، رېپېتىسىياگە بىرەر ئارتىست كېچىكىپ كەلسە ياكى يوقىلاڭ بانە-سەۋەپلەر بىلەن كېلەلمىگەن بولسا، ئۇ ئارتىست ئىككىنچى قېتىم مۇقام ئۈگىنىش مەشغۇلاتىغا كىرەلمەتتى.

كومپوزىتور ئۇزۇن ژىللار تىنماي ئىجات قىلىش نەتىجىسىدە، شائىر خېلىل ھەمرائېۋ بىلەن ھەمكارلىقتا «ۋىسال»، «ئىنتىزار» ناملىق ئىككى مۇقام ئىجات قىلدى. مۇقامنىڭ بارلىق قائىدىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغان ھالدا، يارىتىلغان «ۋىسال» مۇقامى تاماشىبىنغا ھاۋالە قىلىندى. ئەينە شۇ ھاياجانلىق كەچلەردە سەھنىگە كۆتىرىلگەن ئىكرام ئاكا: «ئون ئىككى مۇقامدەك» مۆجۈزىنى دايىم تىڭشىغۇم كېلىدۇ. ئەينە شۇنداق ژۈرىگىمگە كېلىپ قونغان ئىلھامنى پەپىلەپ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم. چۈنكى ئىلھامنى ئۆز ۋاقتىدا تۇتۇپ ئېلىشنى بىلمىسەڭ، ئۇمۇ سېنى تاشلاپ كېتىدۇ، كېيىن قانچە تىرىشساڭمۇ، قايتىپ كەلمەيدۇ. مۇقام يارىتىش يولىدا مەنمۇ تىرىشىپ كۆردۈم. ئۇنىڭغا باھا بېرىدىغان پەقەت سىلەر، خەلىق» دېگەن ئېدى ئۆزىگە خاس كەمتارلىق بىلەن. بۇ مۇقاملارنى تىڭشىغان ئۈرۈمچىدىكى «مۇقام تەتقىقاتى ئىلمىي جەمىيىتىدىكى» ئالىملارمۇ كومپوزىتورغا ئاپىرىن ئېيتىشتى. كېيىنىرەك مەزكۈر ئىككى مۇقام ئايرىم توپلام بولۇپ نەشىردىن چىقتى. سەنئەت ساھاسىدىكى ئاتقۇرغان مېھنەتلىرى ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن ژۇقۇرى باھالىنىپ، ئىكرام مەسىموۋ “قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى” دېگەن ژۇقۇرى ئۇنۋانغا ئېگە بولدى ۋە «ھۆرمەت بەلگۈسى» ئوردېنى، بىرنەچچە قېتىم پەخرىي گراموتىلار بىلەن تەغدىرلەندى، «ئىلھام» مۇكاپىتىنىڭ لائۇرېئاتى، “ئۇيغۇر ۋە ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىرىنىڭ پەخرىي گراژدىنى”.

2004-ژىلى ئىكرام ئاكىنىڭ ھاياتىدا چوڭ يوقىتىش يۈز بەردى. ئۇنىڭ ئوغلى ئەزىز ئېغىر ئاغرىققا مۇپتىلا بولغان ئېدى. ئىكرام ئاكا تەغدىرنىڭ بۇ سىنىغىغا زادىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى، قەددى پۈكۈلدى، روھىي چۈشكۈنلۈككە بېرىلدى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، ئەزىز كۆز ژۇمدى. ئىكرام ئاكا ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بارى-يوقى ئۈچ ژىل ياشىدى…

گۈلباھار ناسىروۋا.