Ölümdin kéyinki hayat/uy

Qadirova

ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات
© Уйғур авази
رەسسام زەينىدىن يۈسۈپوۋنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى ئوي
قىياپەتلەردىكى سىر/ «قىياپەتلەر ئۆزلىرى ياشىغان دەۋىرنىڭ سىرىنى يوشۇرغان. ئەخمەتجان قاسىمىينىڭ نۇرلۇق ئۈزىدە خەلىق كۈتكەن شاتلىق ئەلەڭگۈسى بايقىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ۋە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەغدىرىنىڭ پاجىئەلىك بولۇشىدىن بېخەۋەر نامايەندىنىڭ ئۈمۈت-ئارمانلىرى ئەكىس ئەتكەن سىماسى بۇ… ئەندى غېنى باتۇرنىڭ پورترېتىغا نەزەر سېلىڭ: قەيسەرلىك جىلۋە قىلغان قىياپەتنى مۇڭ، غەم سېزىملىرى چۇلغاۋالغان. كوستيۇمىنى مۈرىسىگە ئارتىۋالغان خەلىق باتۇرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قىزىل رەڭنىڭ قارا رەڭگە سىڭىشى — مىڭلىغان ئەزىمەتلەر قۇرۋانلىققا بېرىلگەن، چوڭ بەدەل تۆلەنگەن بۈيۈك مۇددىئانىڭ شۇ ئارزۇ-ئارمان بويىچە قېلىشى. نەتىجە چىقىرىشقا يول قويۇلمىغان ئۇلۇق ئىشنىڭ پۇشايمىنىنى باتۇرنىڭ كۆزىدىن كۆرەلەيسىز…».
«يۈسۈپوۋلار. ئىجادىيەت سۇلالىسى» ناملىق كاتالوگنى ۋاراقلاۋېتىپ، پورترېت سىزىشقا ھەۋەس قىلىپ ژۈرگەن تونۇشۇمنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.
ئە.قاستېئېۋ نامىدىكى دۆلەت مىراسگاھىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان رەسسام، مەرھۇم زەينىدىن يۈسۈپوۋنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان كۆرگەزمىدىكى قىياپەتلەردىن شەخسلەرنىڭ مۈجەز-خۇلقىنى، ئۇلارغا ھايات ئەتا قىلغان ۋاقىتنىڭ سىرىنى كۆرۈشكە ئىنتىلىپ باقتىم.
مىراسگاھ رەھبىرى ئامىر ژايدابائېۋ كۆرگەزمىنى ئېچىپ، كۆپمىللەتلىك قازاقستان سەنئىتىدە زەينىدىن يۈسۈپوۋنىڭ ئىجادىيىتى ئالاھىدە ئورۇن ئېگىلەيدىغانلىغىنى قەيت قىلدى.
مەزكۈر كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسسامنىڭ 250كە يېقىن ئەمگىگىنىڭ ژىگىرمىسى موشۇ مىراسگاھتا ساقلىنىۋېتىپتۇ. قالغانلىرى رەسسام ئائىلىسىنىڭ ۋە شەخسىيلەرنىڭ كوللېكسىيالىرىدىن كەلتۈرۈلگەن. زەينىدىن يۈسۈپوۋنىڭ ئىجادىيىتى قازاقستانغىلا ئەمەس، چەت ئەللەرگىمۇ ياخشى تونۇش. تۈركىيا، فرانسىيا، ئاقش، تۈركمەنستان، روسسىيادە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىلەردە سەنئەتشۇناسلارنىڭ ئىللىق ئىنكاسلىرىغا ئېرىشكەن. بۈگۈنكى كۈندە مەرھۇمنىڭ ئاستانا، چىمكەنت، قاراغاندا، پېتروپاۋل، قوستاناي، ژېزقازغان، ئاتىراۋ، موسكۋا شەھەرلىرىدىكى مىراسگاھلاردا ساقلىنىۋاتقان ئەمگەكلىرى تەسۋىرىي سەنئەت مۇخلىسلىرىنى قايىل قىلماقتا. رەسسام ئىجادىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى پورترېتلار ئېگىلەيدۇ. رەسىملىرىدە تارىخىمىزدىكى مىللىي قەھرىمانلار نازۇگۇم، سادىر پالۋان، غېنى باتۇرنىڭ پورترېت-رەسىملىرى، قۇددۇس غوجامىياروۋ، زىيا سەمەدى، مۇرات ھەمرائېۋ، ھېزىم ئىسكەندەروۋ، ئاۋاكرى شەمسى، ئەخمەت شەمىئېۋ، مىرزىگۈل ناسىروۋ قاتارلىق نامايەندىلەر بىلەن ئاددىي ئىنسانلارنىڭمۇ سىماسى گەۋدىلەنگەن. كۆرگەزمىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا ھەرخىل تەغدىرگە ئېگە، ھەرخىل كەسىپ ئېگىلىرى ئەكىس ئېتىلگەن رەسىملەردىن يېقىنلىرىنى تونۇپ، رەسسامنىڭ ئەۋلادىغا ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىغىنى ئىزھار قىلىۋاتقانلارمۇ بولدى.
دېمەك، موي قەلەم «سېخىرى» بىلەن ئەجداتلار سىماسى ئەبەدىيلىشىپ ئەۋلاتلار قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئېكەن.
مەدەنىيەت مىنىسترىنى قايىل قىلغان ئۇيغۇر
1955-ژىلى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ژۇتى چېلەك تەۋەسىنىڭ غەيرەت يېزىسىغا كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. كېيىنەرەك خوشنا ھازىرقى بىژانوۋ مەھەللىسىدىكى مەدەنىيەت ئۆيىدە رەسسام-بېزەندۈرگۈچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئامما تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ قىر-سىرلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرۈش ئارزۇسى ئۇنىڭغا زادىلا ئارام بەرمەتتى. شۇ دەۋىردىكى چېلەك تاماكا سوۋخوزىنىڭ مۇدىرى ئا.تېمنوۋنىڭ پورترېتىنى سىزىش جەرىيانىدا، جامائەتچىلىك بىلەن ئىشلەش ماباينىدا ئادەملەر پسىخولوگىياسىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرگەن رەھبەر ئۇيغۇر ژىگىتىنىڭ قەلبىدىكى ئورغۇپ تۇرغان تەسۋىرىي سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقنى بايقايدۇ. بۇ ساھادىكى يېتۈك مۇتەخەسسىس بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئالىي بىلىم ئېلىش كېرەكلىگىنى ئېيتىپ، مەسلىھەت قىلىدۇ.
37 ياشتا بەش بالىنىڭ ئاتىسى بولۇش بەختىگە ئېرىشكەن، ئانا ۋەتەن تەربىيىلىگەن ئۇيغۇر پەرزەندى ئۈچۈن يېڭى مۇھىتقا ئۈگىنىش، رۇس تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈش قىيىنچىلىقلىرى بىلەن چوڭ ئائىلىنى ئاسراش، بالىلارنى قاتارغا قوشۇش ۋەزىپىسى تۇراتتى.
سوۋخوز رەھبىرىنىڭ كۆرسەتمىسى، ئۆمۈرلۈك جۈپتىنىڭ مەنىۋىي قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن 1958-ژىلى موسكۋاغا بېرىپ كرېملدىكى مەدەنىيەت مىنىسترىنىڭ قوبۇلخانىسىدا بولىدۇ. دۇنىيادا «ئىدېئولوگىياسى كۈچلۈك دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان كېڭەش ئېلىنىڭ مەدەنىيەت ساھاسىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان فۇرسېۋا فامىلىيالىك مىنىستر ئايال «مەن كەسپىي رەسسام بولۇشۇم كېرەك» دەپ تىكلىنىپ تۇرغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇ ۋەكىلىگە مەپتۇن بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدا يېشى قىران-قىرىققا يېقىنلىشىپ قالغان، ئەڭ چوڭى ئون، ئەڭ كىچىگى بىر ياشتىن ئەندىلا ئاشقان بەش بالىنىڭ ئاتىسى تۇراتتى. موسكۋا، لېنىنگراد شەھەرلىرىدە ئوقۇسا رۇستىللىق مۇھىتقا ئۈگىنىش ناھايىتى ئېغىر بولىدىغانلىغىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ ئائىلىنىڭ ئاسرىغۇچىسى ئېكەنلىگىنى مىنىستر سەمىمىيلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ، تىلى ۋە مەدەنىيىتى يېقىن قېرىنداش ئۆزبەك خەلقىنىڭ دىيارىدىكى ئالىي بىلىم دەرگاھىدا تەھسىل كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
بەش بالىسى بار ستۇدېنت
شۇنداق قىلىپ، 1959-ژىلى قازاقستان رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئە.قاستېئېۋنىڭ تەۋسىيەنامىسى بىلەن تاشكەنت رەسسامچىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەسۋىرىي سەنئەت فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. دەسلەپ «ئىشلەپ، جان بېقىشنىڭ ئورنىغا، ئائىلىسىنى تەنتىرىتىپ، ئوقۇيمەن دەيدۇ» دەپ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇنىڭ ئىنستىتۇتتا ئوقۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرىدۇ.
ھاياتنىڭ ئويمان-چوڭقۇرىغا قارىماي، نىشانغا ئىنتىلغانلار ئۆز مەنزىلىگە بەرىبىر يېتىدېكەن. ئۆز مەۋقەسىدىن قايتمىغان زەينىدىن يۈسۈپوۋ 1959-ژىلى ئائىلىسىنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ گورنىي گىگانت مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياز بويى كولخوز-سوۋخوزلاردا ئىشلەپ ژۈرۈپ، قىشقا يەتكىدەك ئوزۇق-تۈلۈگىنى ئائىلىسىگە ژىغىپ قويۇپ، دەسلەپكى ئوقۇش ژىلى باشلانغاندا تاشكەنتكە قاراپ يولغا چىقىدۇ.
ئۆزبەكستان جۇمھۇرى-يىتىنىڭ خەلىق رەسسامى رەخىم ئاخمېدوۋنىڭ قولىدىن تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ قىر-سىرلىرىنى ئۈگىنىۋاتقان «بەش بالىلىق ستۇدېنتقا» (رەسسام ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن بىر قىز پەرزەنت سۆيىدۇ) ئالتە ژىل ماباينىدا «ھايات ئىنستىتۇتىمۇ» ياخشى «تەلىم» بېرىدۇ.
ئالتە ژىللىق ستۇدېنتلىق دەۋرىدە ئۆمۈرلۈك جۈپتى تۇرسۇنبۈۋى قۇربانوۋا قەھرىمانلىقنىڭ ھەقىقىي ئۈلگىسىنى كۆرسەتتى. تۇرمۇشنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى مەشئەل بولۇپ يورۇتقان، ئاچچىق-چۈچۈگىنى ھەسەل قىلىپ تېتىتقان، ئاتا-ئانىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى، سۇنماس ئىرادىسى ئېدى. «دادامنىڭ بىلىم ئېگىلەش يولىدىكى ئىرادىسى بىلەن ئاپامنىڭ ۋاپادارلىغى ئۈلگە بولسۇن دەپ، بىلگەنلىرىمنى دايىم بالىلىرىمغا ئېيتىپ بېرىمەن. ساداقەتلىكنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن ھەر ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىنى قىيالمىغاندەك 58 يېشىدا باقىغا كېتىشىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمۈر يولىمۇ خۇددى رىۋايەتنى ئەسلىتىدۇ» دەيدۇ رەسسامنىڭ ئوغلى رۇسلان يۈسۈپوۋ.
ئاقوردىدىكى «تەبىئەت مەنزىرىسى»
زەينىدىن يۈسۈپوۋ ئۆزى ياشاۋاتقان دىيارنىڭ، مۇھىتنىڭ ھايات نەپەسىنى ئالاھىدە ھىس-تۇيغۇ بىلەن قەغەز بېتىگە چۈشەرگەن. «كونا غۇلجا»، «كونا تاشكەنت»، «قىشلاقنىڭ يېنىدا»، «ئېتىزلىقتىكى چۈش»، «تاغنىڭ پېيزاژى»، «باغدا»، «بۇلۇتلار كۆچۈپ بارىدۇ»، «كەچقۇرۇن» قاتارلىق ئەمگەكلىرىدىن رەسسامنىڭ ئەۋرىشىم تەسەۋۋۇرىدىكى گۆزەل ئەل-ژۇتقا، تىلسىم تەبىئەتكە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئېنېرگىياسى جوشقۇنلاپ تۇرىدۇ. ئەندى سەنئەتشۇناس ئىرىنا يۇفېروۋانىڭ پىكرىچە، «ئۇيغۇر مۇقامى» ناملىق ئەمگەك رەسسام ئىجادىيىتىنىڭ چوققىسى دېيىشكە لايىق ئېكەن.
تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلى، رەسسامنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئۆلكىلىك مىراسگاھىدا ساقلانغان ئەمگەكلىرى «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە» يوق قىلىنغان. ئەندى بېپايان دالاسىدەك كۆڭلى كەڭ قازاق خەلقىنىڭ دىيارىدا ياراتقان رەسىملىرىنىڭ ئارىسىدىن بىر «تەبىئەت مەنزىرىسى» مىراسگاھلارنىڭ بىرىدە «يوقاپ كېتىدۇ». رەسسامنىڭ ئوغۇللىرى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسە، 1958-ژىلى سىزىلغان «قىش. ۋېسنوۋكا» دېگەن ئەمگىگى ئاقوردا رېزىدېنسىياسىنىڭ كوللېكسىياسىگە كىرگۈزۈلۈپتۇ.
«بۇ رەسىم دادىمىزنىڭ پەقەت تەبىئەت ئەتا قىلغان تالانتىنىڭ ئارقىسىدا دۇنىياغا كەلگەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئالىي بىلىمگە ئېگە ئەمەس، تەسۋىرىي سەنئەتنى كەسپىي دەرىجىدە تېخى ئۆزلەشتۈرمىگەن ۋاقتى» دەپ ئەسلەيدۇ ئوغۇللىرى رۇسلان ۋە شۆھرەت يۈسۈپوۋلار.
ئاتىدىن بالىغا ئۆتكەن روھ
1965-ژىلى ئالىي بىلىم دەرگاھىنى تاماملىغان زەينىدىن يۈسۈپوۋ ئالمۇتىغا كېلىپ، ئىجادىيەت مەيدانىدا يېڭى-يېڭى ئەمگەكلىرى بىلەن شەھەرلىك، جۇمھۇرىيەتلىك، پۈتكۈل ئىتتىپاقلىق كۆرگەزمىلەردە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. 1968-ژىلى كېڭەش ئېلىنىڭ رەسساملار ئىتتىپاقىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1973-ژىلى دەسلەپكى كۆرگەزمىسى سەنئەت مۇخلىسلىرى بىلەن ئۈز كۆرۈشىدۇ. 1923-ژىلى تۇغۇلغان بەش ئوغۇل، بىر قىزنىڭ ئاتىسى زەينىدىن يۈسۈپوۋ بارى-يوقى ئەللىك سەككىز ژىل ھايات كەچۈرىدۇ. ئاز، لېكىن مەنىلىك ھاياتىدا چوڭ مەنىۋىي بايلىقنى كەلگۈسى ئەۋلاتقا قالدۇرۇپ كېتەلىدى.
«مىللىي مەناۋىياتىمىزدا رەسساملىرىمىز ئىلگىرىلەپ كەتتى» دېگەن پىكىر بار. موي قەلەم ئارقىلىق شۆھرەت تاپقان رەسساملىرىمىزنىڭ يېتىلىپ چىقىشىدا، مىللىي تەسۋىرىي سەنئىتىمىزنىڭ شەكىللىنىشىدە زەينىدىن يۈسۈپوۋنىڭ بېباھا ھەسسىسى بار ئېكەنلىگى تالاشسىز. رۇسلان، شۆھرەت يۈسۈپوۋلار بىلەن قۇرداش، بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىز ئارىسىدا تونۇلغان رەسسام، مېمارلار زەينىدىن يۈسۈپوۋنىڭ تەسىرىدىن بۇ كەسىپنى تاللىدى. «مىڭ ئۆي» گالېرېياسىنى» تەشكىللىگۈچى رەسساملار ئۇستازىنى دايىم ئەسكە ئالىدۇ. بىرلا مىسال. يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروۋ ئوغۇللىرى كۈرەش بىلەن ئەركىننى «گۆشى سىزنىڭ، ئۇستىخىنى مېنىڭ» دەپ رەسسام تەربىيىسىگە تاپشۇرغان ئېكەن.
رۇسلان يۈسۈپوۋ ئىسمى خەلىققە تونۇلغان رەسسام. ئۇمۇمەن، ئىجاتكار يۈسۈپوۋلار سۇلالىسىنىڭ ئۈچ ئەۋلات ۋەكىللىرى ئاتىدىن سىڭگەن روھ تەسىرىدىن ھەم تىنماس ئەجرىنىڭ ئارقىسىدا ئىجادىيەت دۇنىياسىدا ئۆزىگە خاس ئاۋازغا ئېگە بولۇپ، شان-شۆھرەت تاپماقتا.
قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي مېمارى، مەدەنىيەت ئەربابى شۆھرەت يۈسۈپوۋنىڭ يازغىنىدەك: «ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات – ئىزگۈلۈكنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتتا داۋاملىشىشى».
ئازنات تالىپوۋ.