Uyghurlar «Kiprning achquchini» aldi

ئەخمەت ئەھەت: ئۇيغۇرلار «كىپرنىڭ ئاچقۇچىنى» ئالدى

قازاقستاندا ياشاپ ئىجات قىلىۋاتقان زامانىۋىي ئۇيغۇر رەسساملىرى ئارىسىدا تونۇلغان رەسسام، قازاقستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى ئەخمەت ئەھەتنىڭ ئېگىلىگەن ئورنى ئالاھىدە. ئۇ ئىجاتتىمۇ ھەم جەمىيەتلىك ئىشلاردىمۇ پاالىيەتچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. مانا يېقىندا ئەخمەت ئەھەت كىپردا ۋە بريۇسسېلدا ئۆتكەن خەلىقارا ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىپ كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنى سۆھبەتكە جەلىپ قىلدۇق.
يولداش مولوتوۋ،

«ئۇيغۇر ئاۋازى»©

— ئەخمەت ئاكا، دەسلەپ بۈگۈنكى ئىجادىي پاالىيىتىڭىز ھەققىدە ئېيتىپ ئۆتسىڭىز؟
— ھەقىقىتىگە كەلسەك، موشۇنىڭدىن ئىككى ژىل ئىلگىرى، تىجارەتتىكى ئايرىم ئىشلارغا بولا، ئىجادىيەتنى بىراز توختىتىپ قويغان ئېدىم. بىراق، بۇ مېنىڭ تامامەن ئىجادىيەتتىن قول ئۈزگەنلىگىم ئەمەس، ئەلۋەتتە. ھازىر ئۇ ئىشلار ئۆز قىنىغا چۈشتى. شۇڭلاشقا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى جىددىي قولغا ئالدىم. چۈنكى، بىرىنچىدىن، ھەرقانداق ئىجاتكار ئىجاتسىز ياشالمايدۇ. مېنىڭمۇ تېخى قىلىدىغان ئىشلىرىم كۆپ. ئىككىنچىدىن، كېيىنكى ژىللاردا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ پاالىيەتچانلىغى سۇسلاشقاندەك بىلىنىدۇ ماڭا. يادىڭلاردا بولسا، 2000-ژىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر رەسساملىرى ئارىسىدا قانداقتۇ-بىر ئىجادىي يۈكسىلىش يۈز بەرگەن. رەسساملار كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇراتتى، جەمىيەتلىك ئىشلاردا ئالدىنقى قاتارلاردا تۇردى. ھازىر ئەينە شۇ رەسساملارنىڭ نۇرغۇنى، ئەپسۇس، سالامەتلىگىگە بولا ئىجادىيىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ بوشلۇقنى تولتۇرۇش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. شۇڭلاشقا ئىجادىيەتنى يېڭى ئىلھام بىلەن باشلىماقچىمەن. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، زامانىۋىي ۋاسىتىلەرنى، يەنى ئىنتېرنېتنى پايدىلىنىپ، ئەمگەكلىرىمنى دۇنىياغا تونۇشتۇرۇشقا كىرىشتىم. ئۆتكەندە EUROASІAN CREATІVE ئىجاتكارلار گىلدىياسىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلىندىم. كېلەر ژىلى ئېلىمىزدە ۋە چەت ئەللەردە كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىمەن. قىسقىسى، پلانلىغان ئىشلار كۆپ.
— كىپرغا بولغان سەپىرىڭىز ھەققىدە تەپسىلىي ئېيتىپ بەرسىڭىز؟
— مەلۇمكى، يەروتتۇرا دېڭىزىدىكى كىپر ئارىلى ئىككى دۆلەتكە، يەنى تۈركىيا ۋە گرېكىياگە قارايدۇ. بىز تۈركىيا قارىمىغىدىكى كىپرغا باردۇق. بۇ يەردە تۈركىيالىك تىجارەتچى سۇات گيۇنسېلنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېچىلغان خەلىقارا ئۇنىۋېرسىتېت بار. مەزكۈر بىلىم دەرگاھىدا دۇنىيانىڭ ھەرخىل دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئوتتۇز مىڭغا يېقىن ستۇدېنت بىلىم ئالىدېكەن. ئەينە شۇ سۇات گيۇنسېل سەنئەتنى، تەسۋىرىي سەنئەتنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. «فوربس» ژۇرنالىنىڭ تەخمىنى بويىچە، ئۇ دۇنىيادىكى يۈز مىللىاردېرنىڭ قاتارىغا كىرىدېكەن. بولۇپمۇ رەسساملارنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدېكەن. ھازىر ئۇنىۋېرسىتېت تېررىتورىياسىدە تىجارەتچىنىڭ مەبلىغىگە چوڭ مىراسگاھ سېلىنىۋاتىدۇ. سۇات گيۇنسېل شۇ مىراسگاھقا كۆپىنچە تۈركىيتىللىق خەلىقلەر رەسساملىرىنىڭ ئەمگەكلىرىنى توپلىماقچى ئېكەن. شۇڭلاشقا ئۇ دايىم تونۇلغان رەسساملارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن بارلىق شاراىتلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ. ھەربىر رەسسامنىڭ يول ھەققى، تامىغى ۋە ياتىغىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن تاشقىرى رەسساملارنىڭ ئىشلەش ۋاسىتىلىرىنى، يەنى مايبوياق، قەغەز ۋە باشقىلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىنغان رەسسام پەقەت ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم ۋە شۇ يەردە ياسىغان ئەمگەكلىرىنى مىراسگاھقا قالدۇرىدۇ. كىپرغا بۇنىڭدىن بىراز ۋاقىت ئىلگىرى ئۇيغۇر رەسساملىرىدىن نۇرشىدىن باراتوۋ ۋە مۇھەببەت ھېتاخۇنوۋا بارغان ئېدى. بۇ قېتىم قازاقستاندىن، ئۇمۇمەن، بەش رەسسام، شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر رەسسامى، مەن ھەم ھاشىمجان قۇربانوۋ باردۇق. ئون بەش كۈن داۋامىدا پەقەت ئىجات بىلەن شۇغۇللاندۇق. مەن «ئۇيغۇر كوچىلىرى» ماۋزۇسىدا ئالتە سۈرەت سالدىم. ھاشىمجان «دەرۋىشلەر» ماۋزۇسىدا سۈرەتلەرنى ياسىدى.
ئۇنىڭدىن تاشقىرى، مەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-ژىللىرى گرافىكا ژانرىدا سېلىنغان ئەمگەكلىرىمنىڭ توپلىمىنى ئېلىۋالغان ئېدىم. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەينە شۇ ئەمگەكلىرىمنىڭ كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدىم. كۆرگەزمە سەنئەت ئىشقىۋازلىرى ئارىسىدا چوڭ قىزىقىش ھاسىل قىلدى. شۇ ئەمگەكلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مىراسگاھقا سوغا قىلدىم.
ئون بەش كۈندىن كېيىن بارلىق ئەمگەكلىرىمىزنى مىراسگاھقا تەنتەنىلىك رەۋىشتە تاپشۇردۇق. ئۇنىڭغا سۇات گيۇنسېل ئىشتراك قىلدى. شۇ تەنتەنىدە ھاشىمجان ئىككىمىز نۇتۇق سۆزلەپ، تۈرك قېرىنداشلارغا مىننەتدارلىغىمىزنى بىلدۈردۇق. بۇ يەردە ھاشىمجان قۇربانوۋ مەخسۇس دىپلوم بىلەن مۇكاپاتلاندى. ماڭا بولسا، كىپرنىڭ ئىختىسات ۋە ئېنېرگېتىكا مىنىسترى خاسان تايچى كىپرنىڭ رەمزلىك كۈمۈچ ئاچقۇچىنى تاپشۇردى. بۇ تەسىس قىلىنغان مۇكاپاتلار ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدېكەن.
ئېيتماقچى، رەمزلىك كۈمۈچ ئاچقۇچنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخى بار. ئاچقۇچتا «1571» دېگەن رەقەم يېزىلغان. تارىختىن مەلۇمكى، 1571-ژىلى ئوسمان ئىمپېرىياسى كىپرنى ئىشغال قىلغان. شۇ پەيتتە كىپرلىقلار تۈركلەرگە نىكوسىيا شەھىرىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرغان ئېكەن. دېمەك، ئەندى بۇ ئاچقۇچ ئۇيغۇرلارغا تاپشۇرۇلدى، يەنى كىپرنىڭ ئىشىكلىرى بىز ئۈچۈن ئوچۇق، دېگەن سۆز.
بىز كىپرغا يەنە تەكلىپ قىلىندۇق. مەن كېلەر ژىلى فېۋرالدا، ھاشىمجان مارتلاردا بارىمىز دېگەن پلانىمىز بار.
— سۇات گيۇنسېل تەشەببۇسى بىلەن سېلىنىۋاتقان مىراسگاھ قاچان ئېچىلىدۇ؟
— مەن ژۇقۇرىدا تەكىتلىگىنىمدەك، ئۇنىۋېرسىتېت يېنىدا ناھايىتى چوڭ مىراسگاھنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ژۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ لايىھىسىنى كۆردۇق. لايىھە بويىچە بېنا ئالدىدا تۈۋرۈكلەر بولىدېكەن. ھەربىر تۈۋرۈك بىر تۈركىيتىللىق خەلىقنى كۆرسىتىدېكەن. ئەينە شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈۋرۈگى بولىدۇ. بۇ يەردە «مىللىاردېرغا مىراسگاھنىڭ نېمە كېرىگى باردۇ؟» دېگەن سوال تۇغۇلۇشى ئېھتىمال. بىز بىلىمىزكى، دۇنىيادىن تالاي ھەددى-ھېساپسىز بايلار ئۆتتى. ئۇنداقلار ھازىرمۇ بار. ئامما ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن نېمە قالدى ياكى قالىدۇ؟ بايلىغىنى ئۇ دۇنىياغا ئېلىپ كەتكەن ھېچكىم يوق. بىراق ئىسمى ئەۋلاتلار قەلبىدە قالغان بايلارمۇ بار. مەسىلەن، روسسىيادىكى ترېتياكوۋ ياكى مامونتوۋنى ئالايلى. ئۇلارنى پۈتكۈل دۇنىيا تونۇيدىغۇ. سۇات گيۇنسېل ئەينە شۇنداق ئىنسان ئېكەن. ئۇ تۈركىيتىللىق خەلىقلەرنىڭ مىراسگاھىنى بەرپا قىلىشنى قولغا ئاپتۇ. مىراسگاھتا تەسۋىرىي سەنئەت، قولھۈنەرۋەنچىلىك، مەدەنىيەت ئەسىر-ئەتىقىلىرى ساقلىنىدېكەن. مانا ئاخىرقى ئىككى ژىل داۋامىدا تونۇلغان رەسساملارنى تەكلىپ قىلىپ، ئىجات ئۈچۈن شاراىت يارىتىپ، ئەمگەكلىرىنى توپلىماقتا. نەتىجىدە تۆرت مىڭدىن ئوشۇق ئەمگەك ژىغىلغان. ھازىر شۇ ئەمگەكلەر ئۇنىۋېرسىتېت زاللىرىدا ساقلانماقتا. مۇنداق ئېيتقاندا، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىچى كۆرگەزمە زاللىرىغا ئايلانغان. مىراسگاھنىڭ قۇرۇلۇشى ئەندىكى ژىلى ئاياقلىشىدېكەن. ئۇنىڭ ئېچىلىش تەنتەنىسىگە ئىككى مىڭدىن ئوشۇق مېھمان كېلىدۇ دەپ كۈتۈلمەكتە. بىزنىڭمۇ ئۇنىڭغا قاتنىشىش نىيىتىمىز بار.
سۇات گيۇنسېلنىڭ شۇنداقلا رېترواۋتوموبىللار كوللېكسىياسىمۇ بار. ئۇنىڭ كوللېكسىياسى دۇنىيادىكى ئەڭ چوڭ ئۈچ كوللېكسىيا قاتارىدا تۇرىدۇ. بىز موشۇ سەپىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ بىلەن ئىككى-ئۈچ قېتىم ئۇچرىشىپ، سۆھبەتلەشتۇق. ناھايىتى كەمتار، ئوچۇق ئىنسان. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ياخشى بىلىدېكەن ھەم خەلقىمىزنى ھۆرمەتلەيدېكەن. ئۇ موشۇ كۈنلەر ئىچىدە بىزگە كىپرنىڭ تارىخىي جايلىرىنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىنىمۇ يارىتىپ بەردى. قېدىمىي تېاترلار، چىركولار، قەلئەلەرنى، نۇرغۇن تارىخىي جايلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېگە بولدۇق. بۇمۇ بىزنى ئىلھاملاندۇردى، يېڭى ماۋزۇلاردا ئىشلەشكە تۈرتكە بولدى.
— ئەندى بريۇسسېلغا بولغان سەپىرىڭىز ھەققىدە ئېيتىپ ئۆتسىڭىز؟
— ژۇقۇرىدا تەكىتلىگىنىمدەك، ئۆتكەن ژىلى مەن EUROASІAN CREATІVE ئىجاتكارلار گىلدىياسىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان ئېدىم. ئۇنىڭ شتاب-پەتىرى لوندوندا. رەھبىرى — مۇرات ئاخمېتژانوۋ دېگەن كىشى. مەزكۈر گىلدىيا ھەر ژىلى ئەدەبىيات، بالىلار ئەدەبىياتى، رەسسامچىلىق، تەرجىمە ساھالىرى بويىچە كونكۇرس ئۆتكۈزىدۇ. ژىل ئاخىرىدا شۇنىڭ يەكۈنىنى چىقىرىدۇ. كونكۇرسقا ئەمگەكلەرنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق قوبۇل قىلىدۇ. بۇ ژىل كونكۇرسنىڭ يەكۈنى بريۇسسېلدا چىقىرىلدى. دەسلەپكى كۈنى رەسساملارنىڭ كۆرگەزمىسى ئېخرو خەلىقارا كۆرگەزمىسى ئۆتكەن جايدا بېنادا بولدى. قازاقستاندىن قاتناشقانلار كۆپ بولدى. موشۇ چارە-تەدبىر داىرىسىدە ئاباينىڭ 175 ژىللىغىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلەرمۇ ئۆتتى. ئۇلارغا كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئەلچىخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. مەنمۇ ئەمگەكلىرىمنى نامايىش قىلدىم. شۇ يەردە ماڭا «خەلىقلەر ئارىسىدىكى تېچلىق، دوستلۇق ۋە ئۆزارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشتە قوشقان ئەمگىگى ئۈچۈن» دېگەن مەخسۇس دىپلوم تاپشۇرۇلدى.
قوشۇمچە قىلسام، موشۇ چارە-تەدبىرلەر داۋامىدا نۇرغۇن رەسساملار، مېسېناتلار، ئىجاتكارلار بىلەن تونۇشۇش بەختىگە مۇيەسسەر بولدۇم. نۇرغۇن تارىخىي جايلارنى زىيارەت قىلدىم، ئۆزەم ئۈچۈن يېڭى ماۋزۇلارنى تېپىپ، ئىلھاملاندىم. ئەندى پەقەت ئىشلەش كېرەك.
— سۆھبىڭىزگە رەخمەت.