قەدىرلىك قېرىنداشلار!

قەدىرلىك قېرىنداشلار!

ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆزىگە خاس ئىز قالدۇرالىغان ئۇيغۇرلارمۇ دۇنىيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مەلۇم تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە. تارىخنىڭ ھەر خىل جۇدۇن-چاپقۇنلىرى بىلەن تەغدىر قىسمىتى تۈپەيلى دۇنىياغا تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن مىللىتىمىز ۋەكىللىرى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ ئۆز ئۈلۈشىنى قوشۇۋاتىدۇ. ئالەمدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن روھىي كۆرۈك بولۇشنى ئۈمۈت قىلغان بۇ تور بەت بىر-بىرىمىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ھەر بىرىمىز ياشاۋاتقان مۇھىت، جەمىيەتتىكى يېڭىلىقلارنى، مىللىتىمىزگە ئاىت ئىلمىي ماقالىلارنى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، فىلملارنى جاماەتچىلىك نەزەرىگە تەۋسىيە قىلىدۇ. بىلىم بىلەن قۇدرەت تاپقان دۆلەتلەر بىرىنچى نوۋەتتە بىلىملىك، رىقابەتكە قابىل ئەۋلات تەربىيىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىزنىڭ تور بەت ئۈچۈنمۇ ماارىپ ساھاسى ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ياشلىرىمىز ئۈچۈن دۇنىيادىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا تەھسىل كۆرۈش ئىمكانىيىتى ھەققىدە ئەخبارات بېرىش زامان تەلىۋى. ئەلۋەتتە، بۇ تور بەت ئارقىلىق ھەممە ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش قىيىن مەسىلە. لېكىن ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ياردىمى ئارقىلىق «ئىزلىرىمىز» – ئىنتېرنېت تورىدا مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئىز-تامغىسىنى نامايەن قىلالايدىغان، ئالىي ئارزۇ-نىيەتلەرنى نىشان قىلغان تور بەت بولۇپ قالىدىغىنىغا ئىشىنىمىز. «ئىزلىرىمىز» تور بېتىنى بىر ئەخبارات قۇدۇغىغا ئوخشاتساق، چاڭقىغان قەلبلەر بۇ قۇدۇقتىن مەلۇم دەرىجىدە كۈچ-قۇۋەت، دەرمان ئالالىسا، دۇنىيادىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن روھىي كۆرۈك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرالىسا، بۇ تور بەت ئۆز پاالىيىتىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغانلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. پاالىيىتىمىزنىڭ ئۈنۈملىگىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ قۇدۇقنىڭ تازىلىغىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىي مەسىلە. مىللىتىمىز زىيالىلىرى – ئالىملىرىمىزنى، يازغۇچى-شاىرلىرىمىزنى، ژۇرنالىستلىرىمىزنى، ئۇستازلىرىمىزنى، دۇنىيادىكى ھەربىر قېرىندىشىمىزنى مەزكۈر تور بەتنىڭ پاالىيىتىگە ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدىغانلىغىغا ئۈمۈت قىلىمىز.
قەدىرلىك قېرىنداش!
ئالدىراڭغۇ ۋاقىت قاينىمىدىكى ئالەمشۇممۇللاشتۇرۇش، ئەخبارات تېخنولوگىياسى دەۋرىدە سىزمۇ ئۆز-تامغىڭىزنى ئىپادىلەپ كۆرۈڭ! قېنى، «ئىزلىرىمىز» غا مەرھەممەت!

ھۆرمەت –ئېھتىرام بىلەن
بۇ تور بەتنىڭ ئاساسچىسى ۋاققاس ئابباس (مامېدىنوۋ)
تور بەتنىڭ تېخنىكىلىق مۇھەرىرى ھەمراژان ئامراق
تور بەتنىڭ بەدىىي مۇھەرىرى ئازنات ئازات (تالىپوۋ)