قازاقستان ئۇيغۇرشۇناسلىغى

قازاقستان ئۇيغۇرشۇناسلىغى: شەكىللىنىش ۋە رىۋاجلىنىش باسقۇچلىرى

قازاقستان ئۇيغۇرشۇناسلىغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشقان كۆرنەكلىك ئالىملارنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان مەزكۈر ماقالە 1990-ژىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان رىۋاجلىنىش دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قازاقستان ئۇيغۇرشۇناسلىغىنىڭ تارىخىغا بېغىشلانغان دوكلادلارنى تەييارلاشتا بىز قازاقستان ئىلىم-پەنىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە رىۋاجلىنىش تارىخى توغرىلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئېكەنلىگىنى بايقىدۇق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى قازاقستان ئۇيغۇرشۇناسلىغى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئىلمىي پاالىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلاردىن تەركىپ تاپقان «مەلۇماتلار بازىسىنى» توپلاشنى قارار قىلدى

بىز تەپسىلىي سوالنامە ئىشلەپ چىقىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ ۋېتېرانلىرىغا مۇراجىەت قىلدۇق. بىزگە بولۇپمۇ ماھىنۇر ئەلىېۋا چوڭ ياردەم كۆرسەتتى. ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ھەرخىل ساھالىرىنى ساقلانغان ھۆججەتلىرىنى، دەسلەپكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسىي ئارخىۋىنى تەپسىلىي ئۈگەندى ۋە بىزگە ئىنتايىن باھالىق ماتېرىال بەردى. بۇ تېخى يېڭىدىن توپلاشقا باشلىغان ماتېرىاللىرىمىزغا مۇھىم تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزۈشكە مۈمكىنچىلىك تۇغدۇردى

قازاقستاننىڭ بىرىنچى ئۇيغۇرشۇناسلىرىنىڭ بىوگرافىيالىك مەلۇماتلىرى ئاساسىدا قازاقستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئېنىق قۇرۇلۇش ۋاقتىنى ئېنىقلاش مۈمكىن بولدى. يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانساق، ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتى سېكتورى، ئاخىرقى ژىللاردا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان، 1949-ژىلى ئەمەس، بەلكى 1946-ژىلى ئېچىلغان. 1946-ژىلى سېكتورنىڭ باشلىغى بولۇپ ئايشەم شەمىېۋا بەلگۈلەڭەن ئېدى. 1947-ژىلنىڭ ئاۋگۇست ئېيىدا ئاىلە سەۋەپلىرى بىلەن ئا.شەمىېۋا ئۇزۇن مۇددەتلىك دەم ئېلىشقا كېتىپ، قازاق سسر پەنلەر ئاكادېمىياسى تارىخ، ئارخېولوگىيا ۋە ئېتنوگرافىيا ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتى سېكتورىنىڭ باشلىغى لاۋازىمىغا شۇ ۋاقىتتا ئۆزبەك سسر پەنلەر ئاكادېمىياسىدە ئىشلەۋاتقان ئەرشىدىن ھىدايەتوۋ تەكلىپ قىلىندى. ئە.ھىدايەتوۋنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قازاق سسر پەنلەر ئاكادېمىياسى تارىخ، ئارخېولوگىيا ۋە ئېتنوگرافىيا ئىنستىتۇتىدا ئىشلەشكە كىرىشكەنلىگى ھەققىدە 1948-ژىلى دېكابردا مەزكۈر ئىنستىتۇت مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ب.بېكماخانوۋ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىجابىي خاراكتېرىستىكىمۇ گۇۋالىق قىلىدۇ

1949-ژىلنىڭ ئاخىرىلىرىدا قازاق سسر پەنلەر ئاكادېمىياسى پرېزىدىۇمىنىڭ قارارىغا بېناەن، ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتى سېكتورى بېۋاسىتە ئەينە شۇ پرېزىدىۇم يېنىدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتى سېكتورىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ رەھبىرى بولۇپ دەسلەپتە ئايشەم شەمىېۋا تايىنلاندى. 1949-ژىلى موسكۋادا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بويىچە نامزاتلىق دىسسېرتاسىيا قورغىغان ئەرشىدىن ھىدايەتوۋ سېكتورنىڭ تارىخچىلار توپىنى باشقۇردى. سېكتورغا 1950-ژىلى 20-نويابردىن باشلاپ 1955-ژىلى 6-يانۋارغىچە مالىك كەبىروۋ، 1955-ژىلدىن 1957-ژىلغىچە يۈسۈپ سۇنۋازو رەھبەرلىك قىلدى. 1958-ژىلى ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتى سېكتورى ماۋزۇلۇق يۆنىلىشلىرىنىڭ كەڭىيىش مۇناسىۋىتى بىلەن قازاق سسر پەنلەر ئاكادېمىياسى شەرىقشۇناسلىق سېكتورى بولۇپ قايتا تەشكىللىنىپ، ئۇنىڭغا سېرېن نومىنخانوۋ رەھبەرلىك قىلغان ئېدى

ئۇيغۇرشۇناسلىق مەھكىمىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى پات-پاتلا ئۆزگىرىپ تۇردى. 1959-ژىلى مەزكۈر سېكتور تارقىتىلىپ، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات ۋە تارىخ ئىنستىتۇتلىرىغا بۆلۈپ بېرىلدى. ئامما 1963-ژىلى ئۇيغۇرشۇناسلار قازاق سسر پەنلەر ئاكادېمىياسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگە قايتا بىرىكتۈرۈلدى. 1963 – 1967-ژىللىرى ئارىلىغىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنى ئابدۇۋەلى قايداروۋ، 1967 – 1974-ژىللىرى مۇرات ھەمراېۋ، 1974 –1986-ژىللىرى غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋ باشقۇردى. ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى شۇ ۋاقىتلاردا يېتەرلىك شتاتلارغا ئېگە بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىۋىدە ژىگىرمە مۇتەخەسسىس، تەتقىقات يۆنىلىشلىرىگە قاراپ ئۈچ بۆلۈم، ئىلمىي كاتىپ، لابورانتلار، ئاسپىرانتلار ۋە ئۆزىنىڭ ئىلمىي كېڭىشى بار ئېدى. بۆلۈم رەھبەرلىگى مەلۇم دەرىجىدە مۇستەقىل ئىش ئېلىپ بېرىش، شۇ جۈملىدىن ئىلمىي كادرلارنى قوبۇل قىلىش ۋە تەييارلاش مۈمكىنچىلىكلىرىگە ئېگە بولغان ئېدى. بۇ بۆلۈمنىڭ پاالىيىتى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي يۆنىلىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، ئېتنوگرافىيا ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىق ساھالىرىغا تەسىر قىلدى

1979-ژىلنىڭ ماي ئېيىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي كونفېرېنسىياسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى قازاقستان ئۇيغۇرشۇناسلىغى ئۈچۈن چوڭ ۋاقىە بولدى. مەزكۈر كونفېرېنسىيانىڭ ئىشىغا ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر تۈركشۇناسلىرى، تارىخچىلىرى، مەدەنىيەتشۇناسلىرى قاتناشتى. ن.باسقاقوۋ، ئە.نەجىپ، د.ناسىلوۋ، د.تىخونوۋ، س.كلياشتورنىي، ت.رەخىموۋ، ئا.رېشېتوۋ، ل.پوتاپوۋ، م.كەبىروۋ ئەينە شۇلار جۈملىسىدىندۇر

قازاق سسر پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانغا قەدەر ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى كېڭەش ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى مەسىلىلىرى داىرىسى بىلەن چەكلەڭەن ئېدى. ئەھۋال 1986-ژىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى ئاساسىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندا ئۆزگەردى. ئۇنىڭ مۇدىرى بولۇپ شۇ ۋاقىتتىكى قازاق سسر پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ مۇخبىر-ئەزاسى، فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ دوكتورى غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋ تايىنلاندى. 1992-ژىلى كۆرنەكلىك ئالىمنىڭ بېۋاقىت ئالەمدىن كېتىشى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنى ئۈچۈن چوڭ ۋە ئورنى تولماس جۇدالىق بولدى

ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىۋىدە سەككىز بۆلۈم، يەنى قازاقستان ئۇيغۇرشۇناسلىغىنىڭ ئەنئەنىۋىي تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت، تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيا بۆلۈملىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭى ئىلمىي يۆنىلىشلەرمۇ ۋۇجۇتقا كەلدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئىشلىگەن ژىللىرى ئۇنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن ئون بەشكە يېقىن نامزاتلىق دىسسېرتاسىيا قورغالدى

شۇ ۋاقىتتىكى قازاقستان ئۇيغۇرشۇناسلىغىنىڭ مۇھىم ئۇتۇغى شەرىقشۇناسلىق مەركەزلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ئىبارەت بولدى. روسسىيا، ئۆزبەكستان، تۈركىيا، خخج، ئاقش، ھىندستان ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەرنىڭ ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئورنىتىلىپ، بىرىككەن مۇھاكىمىلەر، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. شۇنداقلا ياشلارنى، بىرىنچى نوۋەتتە، لېنىڭراد، موسكۋا، تاشكەنت شەھەرلىرىگە ئاسپىرانتۇرىغا ۋە ئىلمىي ستاژىروۋكىلارغا ئەۋەتىش مۈمكىنچىلىكلىرى تۇغۇلدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى موجۇت بولغان ژىللىرى XXى ئەسىر ئۇيغۇرشۇناسلىغىنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارىنى تەشكىل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر تەييارلاندى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىگى ھازىر چەت ئەللەردە پاالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ

رىسالەت كەرىموۋا، ر.سۈلېيمېنوۋ نامىدىكى شەرىقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدىن ئېلىندى