زەلىلى دىۋانى — Зәлили дивани

زەلىلى دىۋانى
(1)
سەنا ئەيتۇرغە، يارەب، شۆلەى تىغى زەبان بەرگىل،
زەلىلى بۇ تەلەبىدىن گوشەدە ئولتۇرۇر تەنھا
(2) 5-بەت
بۈگۈن ھۆرانى جەننەت سۆھبەتىغە ئىلتپاتىم يوق،
بەلى جانىم ئىچىدە جىلىۋەى جانانەدۇر پەيدا.
ناھاجەت نالەى نەي، يا رەبابۇ بەربەتۇ قانۇن،
سۇرۇدى ئەرغەنۇندىن شۇرىشى پەيمانەدۇر پەيدا.
مىنىڭ ئەۋرا كۆڭلۈم زەخمىنى دەغى جۇنۇن دەرلەر،
بۇ سەھرانىڭ يۈزىدە لەلەدىن پەيدا.
جەھان مەيخانەسىنىڭ مەيپۇرۇشى بادەسىن نەتسۇن،
زەلىلى مىسرەىدىن نەشەتى مەستانەدۇر پەيدا.
(3)
ئەي تولۇن ئاينى بېشارەت بىرلە بۆلگەن مۇستافا،
ۋاي ئەبۇ جەھل لەىندىن بارھا چەككەن جەفا.
يەتتە ئەفلاك ئۆزرەكىم مېراج ئۈچۈن قويدۇڭ قەدەم،
گەردى نەلىيىڭنى قىلمشلەر مەلاىك تۇتىيا.
روزى مەھشەر زىلزىلە تۈشكەندە ئالەم ئەھلىغە،
كۆز تۇتار سەندىن شەفاەت ئەنبىياۋۇ ئەۋلىيا.
ۋادەى ھەيرەتدە ئەزبەسكى ھەرارەت چەكمشەم،
سايەبەخش ئولغىل مېنىڭ باشمغە گوياكى ھوما.
يا رەسۇلىللاھ مەدىنە كىشۋەرىغە يەتمىسەم،
رەۋزەى پاكىڭغە تۆھفە مىڭ دۇرۇدۇمىڭ سەنا.
خانىقاھى فەقر سەندىن بارھا مەمۇردۇر،
ئەي شەھى كەۋنەيىن مەمنۇن ئەيلەگىل كەلمىش گادا.
مىسرەى بەرجەستە ۋۇ نەىتىڭ زەلىلى ئەيتەدۇر،
سەن كەرەم بىرلە كەچۈرگەيسەن سۆزى بولسا خەتا.
(12) 25-بەت
كىرمەيگەيمەن جەننەتۇل مەۋاغە دىلبەر بولماسا،
شىشە پۇشى تۈشمەگەي دەرياغە گەۋھەر بولماسا.
خالى خەتتىنىڭ سىپاھىدىن جەھاڭىر ئولدى يار،
ۋەرنە شاھ ئىقلىمنى ئالغايمۇ لەشكەر بولماسا.
بولمادى مەلۇم ھىكمەت ئەھلىغە سەيرى قەمەر،
ئەسمانى نىلگۇنى سەھنىدە ئەختەر بولماسا.

تاپماغاي ئەردى رەۋاجى قىسسەى ئابى ھەيات.
زۇلمەت ئىچىرە نەچچە يىل خىزرى سىكەندەر بولماسا.
سۆھبەتى ساھىب دىلان گەرم ئولدى زاھىد تۇرماغىل،
خىر مەنى ئاتەشكە كىم كىرگەي سەمەندەر بولماسا.
ھويى بۇ ژۇلىدەمولەردىن چۇ دىلگىر ئولماڭىز،
زاھىر ئولماس زىنەتى شەھرى، قەلەندەر بولماسا.
نەقشىبەندىلەركى نەقشى بوريايى بەس دۇرۇر،
ئەتلەسى گەردۇن ئەگەر بالىنى بىستەر بولماسا.
ئەژدە ھايى بېشەنى ھەيبەتدە كىم قىلغاي خەراپ،
دۇلدۇل ئۆزرە نەرەى ئاۋازى ھەيدەر بولماسا.
ئەي زەلىلى كېچەۋۇ كۈندۈز ئىشىم دىۋانىلىك،
تاجۇنۇن ئىقىلىمىدىن مۈلكى مۇسەخخەر بولماسا.
(17) 36-بەت
كۆڭۈلدە ساقلامادى ھەر كىشىكى بىر مەھبۇب،
ئانىڭكى بولغاندىن مۇندا بولماغانى خوپ.
دەرخ ئۆمۈر ئۆتۈپ كەتتى قىلمايىن پەرۋاز،
كەبۇ تەرىكى قاناتىغا باغلادىم مەكتۇپ.
ھەقىقەت ئەھلىغە سەن تەنە قىلماغىل ھەرگىز،
جەھان-جەھان غەم ئارا قالسا گەر ئۆلەر مەھجۇپ.
غۇرۇر ھۆسن بولۇپ يۈسۈفانە غافىل سەن،
ئىشىتمەدىڭمۇ دەغى ئاھ نالەى يەقۇب.
نە ئاخىرەتۇ دۇنيا زەلىلى تەرك ئەيلەر،
جەمال تەڭرى تەالار مەقسەدۇ مەتلۇب.
(20)41-بەت
كوھنەلەڭەرى ئالەم،كارۋان ئېرۇر ئادەم،
دەم ئالپ ئۆتەر بىر دەم، سەن بۇ دەم غەنىمەت تۇت.
سەرۋە قامەتى گۈل پۇش، زۇلفى كاكۇلىبەردۇش،
ئەيلەدى كەفەن ئاغۇش، ئەقلىك ئۆلسە ئىبرەت تۇت
ھەشەر گاھقا بارغاندا، قىلنى قىرىق يارغاندا،
تەلمۈرۈپۇ ھارغاندا، دامەنى شەفاەت تۇت.
گەر تاپاي دىسەڭ سەن يول، تەرك ئېتىپ قەلەندەر بول،
خۇمى خۇسرەۋىدەك تول، كوچەى مۇھەببەت تۇت.
بادەششەگە تولدى، خۇنى دىل بەجۇش ئۇردى،
مۆھتەسىب يېقىن بولدى، رىند بىرلە سۆھبەت تۇت.
ئەي زەلىلى بى ھاسىل، ئىشق ئېلىگە بول ۋاسىل،
بولما بىر نەفەس غافىل، گوشەدە خىلۋەت تۇت.
(23)45-بەت
ئەي دەفتەرى جەمالىڭ تەفسىرى بېنەھايەت،
لەلى لەبىڭدە زاھىرى لۇتف ھەدىس-ئاپەت.
زېرۇ زەبەر خەتىڭنىڭ مەزمۇنىدىن بىلۇرمەن،
ھەر ھەرفىدۇر رىسالە، ھەر نۇكتەسى رەۋايەت.
تۇبى قەددىڭ قاشىدە بىر جىلۋەلىك دەرەختى،
ھۆسنۈڭ ھىكايەتىدە يۈسۈف سۆزى كىنايەت.
شەمشىركىن چەپ-راست قىلدىڭ بۈگۈن ھەمايىل،
بىسمىل ئەگەر غەرەزدۇر بىر غەمزەى كىفايەت.
ئالەم ئېلى سەراسەر غافىل ئەگەر ئەمەسدۇر،
بۇ نالەى جۇنۇنۇم قىلماسمدى سىرايەت.
بىر قەترەى ئىشقى رەمزەى «ئەنەل-ھەق» ئىيىتۇر،
ئەي قەۋمىى پارسايان پەرھىز ئىتىڭ بېغايەت.
ئايىنەى زەلىلى ئەز بەسكى تىيرە بولدى،
ۋەقتى ئىنايەتىڭدۇر يا مۇرشىدى ھىدايەت.
(29)56-بەت
جەھان ئەھلى سىپاھى ھۆسنى دىدارىڭنى كەم كۆرگەچ،
قاچار دەھشەت يۈزىدىن ھەر تەرەف ئوتلۇغ ئەلەم كۆرگەچ.
خەتى فىشانەى ئازادەلەرنى سەندىن ئاڭلارمەن،
يۈزۈڭ بىرلە قاشىڭنى سەجدەدە لەۋھى قەلەم كۆرگەچ.
بەرەھمەن زادە دەۋرى سومىناتىم ئىچرە يۈرسۈن دەر،
مېنى بۇتخانەى تەرسا ئىچىدە ئول سەنەم كۆرگەچ.
كۆڭۈل باغلاردا ئەقلىم فىكرى زەنجىر ئەيلەدى بولغاي،
قارا كاكۇلنى زۇلفۇڭ بىرلە بوينۇم ئۆزرە خەم كۆرگەچ.
بۈگۈن غافىل بۇ ئالەمدە سەراسەر قالمادى گويا،
جۇنۇن شەھرىدە مۇنداغ ھەيبەتى خەيلى ھەشەم كۆرگەچ.
غۇبارى خاكسارى گۇلخەنى ئىشقىڭغە مەن لايىق،
بۇ گەرد ئالۇدەلەرنى دەرگەھىڭغە مۆھتەرەم كۆرگەچ.
ھىسارى غەم دەردى دەرۋازەسىنى مەھكەم ئەيلەپدۇر،
زەلىلى پاسبانى زېرەكى فەۋجى ئەلەم كۆرگەچ.
(30)58-بەت
ساقى سەھەردە كەلتۈرۈڭ ئەل كۆزىدىن نىھان قەدەھ،
فەسلى بەھار ئېرۇر مەۋسۈمى ئەرغەۋان قەدەھ.
مەستى مەيى مۇھەببەتىڭ بادەنى ئىچتى ھۇنۇر،
نالەى ئەل — ئەتەش قىلۇر بولماسا بىر زەمان قەدەھ.
زاھىد پاكباز ئەگەر بادەنى ئەيلەر ئېنتىزار،
قورقما سۇراھىي بويلۇغۇم تۇت ماڭا مېھرىبان قەدەھ.
زۆھرە ئىلىكىدىن بۈگۈن مۇشتەرى كۆر شەراب ئىچەر،
شىشەلەرىدۇر ئاسمان كەۋكەب خۇن فىشان قەدەھ.
ئالتۇن ئاياغىدىن غۇرۇر ئەيلەسە ئەغنىيايى دۇن،
تەرر قەلەندەران كۆرۈڭ كەللەى ئۇستخان قەدەھ.
تەلبە زەلىلى ھۇشىن ئىلە قوي قەدەمىڭ سېكىن-سېكىن،
پىر مۇغان ئىشىكىدە تىزدىلەر ھەر قايان قەدەھ.
(35)68-بەت
قەلەندەرۋار ئولۇبان كۆچەى تەرك ئىچرە سەير ئەتكىل،
كى ئەيسادەك كىشىگە ئىگنەدىن ماجرا ئاخىر.
گۈلىستانى چېمەندە رەۋنەقى ئابى تەۋرات يوق،
تەرەننۇم ئەيلەگەيمۇ بۇلبۇلى باغى خىتا ئاخىر.
بىنەفشە تابدارۇ بەرگى سۇنبۇل ھەم پەرىشاندۇر،
كۆتەرمەي گۈل يۈزىدىن پەردەى بادى سەبا ئاخىر.
قەلەندەرۋار ئولۇبان كوچەى تەرك ئىچرە سەير ئەتكىل،
كى ئەيسادەك كىشىگە ئىگنەدىن ماجرا ئاخىر.
نەھەڭنى قۇلزۇمى ۋەھدانىيەتدىن غەرق بولدىلەر،
نە كىشتى قالدىيۇ نەكشتبانۇ ناخۇدا ئاخىر.
دەرەخت ئۆمرى دايىم سەبزەدۇر دەپ ئېتىماد ئەتمەڭ،
نەسىيمى مەرگ بەند-بەندىن جۇدا ئاخىر.
نە ھاجەت ئۆيۈ ئايۋانۇ سارايۇ بوستان ئەتمەك،
كىرىپ قەبرە ئىچرە تەنھا مەنزىلىڭ دارۇلبەقا ئاخىر.
كىتابى ماربازى ئىشقىدىن ئەفسۇنى ئۆرگەتكىل،
ۋەگەرنە ئەيلەگەي ئوتى جەھاننى ئەژدەھا.
مۇرەببى مۇرشدىمنىڭ باتىنى دۇر بەلا كەلسە،
نە قىلدى ئۇشتۇرى مەستانەنى ئالۇفتا ئاخىر.
گۈلستانى چېمەندە رەۋنەقى ئابى تەرۋەت يوق،
تەرەننۇم ئەيلەگەيمۇ بۇلبۇلى باغى خىتا ئاخىر.
بىنەفشە تابدارۇ بەرگى سۇنبۇل ھەم پەرىشاندۇر،
كۆتەرمەي گۈل يۈزىدىن پەردەى بادى سەبا ئاخىر.
زەلىلى خانىقاھى كۆڭلۈڭ ئىچرە ئەربەەين ئولتۇر،
مەجازى شەيخلەرنىڭ سۆھبەتى ئۆجبۇ رېيا ئاخىر.
(37) 72-بەت
ئېىترار ئىقىلمى سارى بارماغىل كىم تەڭدۇر،
مەشرەبى ھەفتاددۇ مىللەتكە كىرگىل كەڭدۇر.
بەرگى سەبزى چار باغى خىلۋەتى ئەندىشەدىن،
بۇلبۇل تەبىمىغە تۆھفە بەيزە ھايى بەڭدۇر.
مەن نەۋايى نالەى نەيدىن ھۇزۇرى تاپمادىم،
ئەرغۇنى مەجلىسى ئوششاق خۇش ئاھەڭدۇر.
شەيخ ئۆزلۈك خانقاھىدىن چىقىپ سەير ئەتمەدى،
شۆھرەتى ئاۋازە لېكىن نەچچە مىڭ فەرسەڭدۇر.
گەر فەتىلە ساچلەر تۇغ ئەيلەسە ئاشىق نېتەك،
ئىشق شەھرىدە گەدالەر شاھدەك سەرھەڭدۇر.
سۆھبەتى پىرمۇغاندىن چاشنى تاپقاچ كۆڭۈل،
ئۈلفەتى دۇنيا پەرەستى سىفلەسىدىن تەڭدۇر.
ئەنبەردىن زۇلف يۈزىدە ئىزتىراپ ئەيلەر نېدىن،
شام ئېلى سەھرايى رومنى ئالغاندىن جەڭدۇر.
ھاجەت ئەرمەسدۇر زەلىلىگە تاماشايى چىمەن،
باغلانغان ھەر مىسرەى گۈلىھايى رەڭگا رەڭدۇر.
(40) 78-بەت
فەلەك چۇن بارگاھى مەرىفەتنىڭ خانقاھىدۇر،
يەر ئۆزرە ھاي-ھۇيى مەستى تاراج شاھىدۇر.
زۇھۇر ئولدى مۇھەممەد ھۆرمەتىدىن جۈملەى ئالەم،
ئەزەلدىن تا ئەبەدكە سەلتەنەتدىن ئىززۇ جاھىدۇر.
زىھى پەيغەمبەر ئاخىر زەماندۇر ئەھمەدى مۇختار،
كى ۋەن-شەققىل قەمەر ھەم مۆجىزاتىنىڭ گۇۋاھىدۇر،
گۇناھكارا شەفاەت ۋەدەسىدىن ناۈمىد ئولماڭ،
جەمىي ئۈممەتىنىڭ ھەشىرىدە پۇشتى پەناھىدۇر.
چېمەننىڭ گۈللەرىن بۇلبۇل كۆرۈبان چەكمەگىل ھەسىرەت،
قەلەندەر مەشىرەبانى رىندىنىڭ تەرزى كۇلاھىدۇر.
بەسى شورىدە لېكىن نالە قىلىدى ھەر سەھەردە بۇلبۇل،
ھەزەر قىل باغبانا گۈلشەنىڭدە دادخاھىدۇر.
گىرىفتارى جەمالى دىلبەرانى شوخى چىن بولدى،
زەلىلى تازەى رەسىۋا بولسا ئەمدى ئۆز گۇناھىدۇر.
(42) 82-بەت
مەيى مەنسۇرى تۇتقىل ساقىيا سىر ئاشكار ئەيلە،
ئەگەرچە لالە ياڭلىغ خۇن ھەسىرەتدىن ئاياغىم بار.
زەلىلى مۇددەتىدۇر ئەل كۆزىدىن بولدى ناپەيدا،
ئىمامانى خوتەننىڭ چار باغىدىن سوراغىم بار.
(44) 86-بەت
ياشۇرۇن بىلمەگىل ۋاجىپ تەالا ئاشكارادۇر،
كى مەزمۇنى ھەدىس «كۇنتۇ كەنزەن» دىن زۇھۇر ئەيلەر.
رىيايى خانىقاھىدە ئەربەەين ئولتۇرمادىم ھەرگىز،
مەتاى تاەتىمنى شەيخىلەر دايىم غۇرۇر ئەيلەر.
ئالىپ جان شرىنىمنى يۈز كۆرسەتمەگەچ شىرىن،
زەلىلى كۇھىكەندەك كۆزلەرى دەرياي شور ئەيلەر.
(45) 88-بەت
غەزەل پەردازى بۇ دېباچەى دېۋانى ئىشق ئولغاچ،
خىرەد ئەھلىدە شۆھرەتدىن زەلىلى تەلبە ئاتىمدۇر.
(49)96-بەت
گوياكى كۆڭۈل سەرھەدى باغى ئەلەمىمدۇر،
ئاشىق مەن، دۇنيانى سۇ ئالسا نە غەمىمدۇر.
بەرقىكى فەلەككە چىكەدۇر شۆلە ئاھىم،
پەردايى قىيامەتدە نىشانى ئەلەمىمدۇر.
يول باشلاغۇچى كەبە تەۋافىغە نە ھاجەت،
ھەر خارى خەسى دەشتى سەۋاد ھەرەمىمدۇر.
زېرۇ زەبەرى خالى خەتتىڭ بىرلە مۇزەييەن،
رۇخسارى قاشىڭ سۆرەتى لەۋھە قەلەمىمدۇر.
زۇننارىنى بوينۇمغە سالىپ قىلدى بەرەھمەن،
ئەي تەلبە زەلىلى نە ئەجايىپ سەنەمىمدۇر.
(51) 100-بەت
مەنسۇر ئەنەل ھەق سىرىنى ئەيلەدى زاھىر،
ئول قافىلەدىن ئىلگەرى يولنى تۇغۇپدۇر.
ئەژدەر دىمەگىل تەلبە زەلىلىنى خەلايىق،
ھەرچەندە ئەگەر بېشەنى ئاھىم تۇرۇتۇپدۇر.
(57) 110-بەت
تەن قەلەسىكىم روھى لەتىفىمغە قەفەسىدۇر،
بۇ بەندە ئەگەر بولماسا ئۇچماقغا ھەۋەسىدۇر.
ھۇشىيار بولۇپ بارما بەيابان سارى دەرۋىش،
يول كۆرگۈزۈر ئەلنىڭ ئۈنى ئاۋازى جەرەسىدۇر.
ھەر شامۇ سەھەر ياد بېرۇر نالەى ھۇقۇش،
ئەي ئادەمى كۆپ ياتما بۇلەر بارچە ئەبەسىدۇر.
مەغرۇر نەماز ئولماغىل ئەي زاھىدى خۇدبىن،
دېھقان سەمەندەر قاشىدا تۇدەۋۇ خەسىدۇر.
ئەتلەسىنى زەلىلى كۆزىگە قىلما مۇھابەت،
پەشمىنە كۇلاھ بىلە بۇ خىرقەسى بەسىدۇر.
(58) 111 -بەت
بۇلبۇلى بېنەۋا ئىدىم يوق ئىدى كىم چېمەن ھۇنۇز،
خابى ئەدەمدە ئەردىلەر سۇنبۇلى ياسمەن ھۇنۇز.
ئۇچماق ئۈچۈن ئۇچار ئىدىم شىفتەيۇ نىگار ئىدىم،
قىلماپ ئىدى مۇۋافەقەت بەلكى بۇ جان-تەن ھۇنۇز.
روھى مۇجەررەدىم چاغى، سەيرىدە لامەكان تاغى،
بولماپ ئىدى بەدەن لاغى، لايىقى پىراھەن ھۇنۇز.
قەيد ئەناسىر ئولمىشەم، بەسكى مۇسافىر ئولمىشەم،
ئەي دىل پۇر ھەۋەس نەدۇر دەغدەغە ۋەتەن ھۇنۇز.
(ئاڭالاماغاي كىشى ئانى كىيمەسە مەرىفەت تونى،
ئۇقبا دىماغىدىن قانى چىققانى ماۋۇمەن ھۇنۇز.)
تەلبە زەلىلى سەير ئېتەر،كۆڭلىدە مەتلۇبى سەفەر،
يۈرسە جەھاندا دەربەدەر، مەنزىلىدۇر خوتەن ھۇنۇز.
(63)119-بەت
خىزرى ياڭلىغ لەبلەرىنىڭ چەشمەسىن ئېيغان خەبەر،
مىسلى ئىسكەندەرسوراغى ئابھەيۋان ئەيلەمەس.
خاكسارى ئاتەشى گۇلخەن نىشىن ئىشقلار،
ئارزۇيى دەۋلەتى مۈلكى سۇلەيمان ئەيلەمەس.
چىنى تۈركىستان زەمىننىڭ خەلقىغە چېغىم كېلۇر،
شەھرى ماچىندىن ئۆتۈپ تەۋفى ئىمامان ئەيلەمەس.
يار كەندە ئىچرە زەلىلى تەلبە قويمايدۇ قەدەم،
تا سەدەد كۇھۇ كۇچا ۋۇ سەيرى تۇرفان ئەيلەمەس.
(65)123-بەت
كىمكى قەتلى ئىشق ئولۇپ دىلبەر ئۈچۈن شەھىد ئەمەس،
سۆرەتى بەر يەزىد ئېرۇز باتىنى بايەزىد ئەمەس.
مىۋە گەرچە بەرمەدى باغ ئىچىدىن خەبەر ئالىڭ،
ھىچ دەرەختى سەبزنىڭ سايەسى مىسل بېد ئەمەس.
پۇرمەغان ئىشقىدىن مىسرەى شوخ تازامەن،
چىللە نىشن شەيخ ئۆتەر كۆڭلۈم ئاڭا مۇرىد ئەمەس.
مۇنچە مەلامەت ئەيلەمەك ياخشىمۇ روسىيەھ رەقىب،
ئىشق غۇلامى مەن بۈگۈن بەندەى زەرخەرىد ئەمەس.
كەتتى چۇ سەرسەرى جەھان، كەلدى نەسىم نەۋ باھار،
تەلبە زەلىلى ئەيشىدىن كۆڭلىدە ناۈمىد ئەمەس.
(66) 125-بەت
بولدى سۇراھى سەرنىگۇن مەينى قويۇڭ دىماغىدىن،
ساغەر ئاتەشىن تۇتۇڭ ساقىچۇ بىدېماغ ئەمەس.
تەلبە زەلىلىنى بۈگۈن قوغلاما باغبانى ئىشق،
بۇلبۇلى نەغمە سەنج ئېرۇر نالەسى مىسلى زاغ ئەمەس.
(67)126-بەت
مەيى مەنسۇرىدىن مەستى ئەنەل ھەق بولماغىڭ ھاجەت،
سەراپا ئۇستخانىڭ تەختە بەند جويدار ئەرمەس.

زىھى مەسنەد نىشن خاكسارى گۈلخەنىڭدۇرمەن،
كى ھەريان تۈدەى خاكستەرىم بۇرجى ھىسار ئەرمەس.
نەۋايى ئەرغەنۇنى ئىشق ياڭلىغ نالە ئەيلەرسەن،
خەمۇش ئولغىل زەلىلى دەشتى ھامۇن نەۋ باھار ئەرمەس.
(69)129-بەت
ھەر نەۋىدىكىم جۇنۇندىن رەقس ئېتەر ئەيب ئەتمەڭىز،
جىلۋەى ساقى خەرابات ئىچرە مەدھۇش ئەيلەمىش.
ھەزرەتى يەقۇبى مېھنەتلەر چېكەر قىلمايدۇ ياد،
يۈسۈفى مىسرى ئەزىز ئولغاچ فەرامۇش ئەيلەمش.
ئەي زەلىلى تەكيەدارى كىشۋەرى تەن بولماغىل،
كىم سەنى شۈكرى ئەزەلدە خانە بەردۇش ئەيلەمىش.
(70) 131-بەت
زەمز ئەنەل نەدەپ ئىشق ئېلىدىن ئاشكار،
چۈنكى پەرىزادلار قاشىنى دار ئەيلەمىش.
تەلبە زەلىلى تاپىپ پىرمۇغانىدىن نەزەر،
مۇغبەچەنى زەۋف ئىلە بوسى كەنار ئەيلەمىش.
(72) 134-بەت
مۇھتەسىبىدىن ھىچ ۋەھم ئەتمەيدۇ گويا فۇرۇش،
بەردى ئىشرەتدىن خۇمار ئەھلىغە پەيغامى سۇرۇش.
ھايى-ھۇيى گىريەيى مەستانەدىن بېھۇش ئۈچۈن،
ئەربەەينى شەيخىلەردە قىلمادىم جوشى خۇرۇش.
زاھىدى پاكىزە گەر قاشىمىغا كەلمەيدۇ نېتەك،
خىرمەنى ئاتەش ئەدم ئەيلر يېقىن كەلسە قومۇش.
خەلق دەشنامى مېنى دىۋانەگە كەلمەس گەران،
چۇن قەلەندەر قەۋمىنىڭ بىر شەرتى بىلدىم زەھەرنۇش.
سەرسەرى بادى خەزاندىن ئىلگەرى نەغمە سەنج،
نەۋ باھار ئۆتتى زەلىلى تەلبە تاكى سەن خەمۇش.
(74)137-بەت
خانىقاھ ئىچرە ئەگەرچە سوفىلار ئەيلەر سەما،
لېكى مەيدانى مۇھەببەتدە قىلۇر دىۋانە رەقس.
مەشەلى قانۇسى ئەسرارى ئىلاھى بولمايىن،
ئەنجۇمەندە ئەيلەگەيمۇ بارھا پەرۋانە رەقىش.
ئەي كۆڭۈل تاكى ئۆي ئىچرە ئولتۇرۇرسەن زەنانە،
كوچەۋۇ بازار ئىچىدە ئەيلەگىل مەردانە رەقىس.
ئەي زەلىلى زاھىدى خىلۋەت نىشىن دۇربىخەبەر،
كۆركى ئەيلەيدۇر قولىدا سۇبھەى سەددانە رەقس.
(75)139-بەت
شىشەنى جىق تولدۇرۇپ پىرى خەراباتى ئىشق،
بىزگە مۇھەببەت قىلىڭ سىزگە ئەياندۇر غەرەز.
چەشمە بولۇپ كۆزلەرىم ئاقسا نىچۈك ئەيبدۇر،
ئىشقى تەھاراتىغا ئابى رەۋاندۇر غەرەز.
ساقى ئەلەم ئەيلەسە سەبرى تەھەممۇل قىلاي،
جورى جەفادىن ماڭا پىرمۇغاندۇر غەرەز.
مۈشكى خوتەندىن خىتا بۇيى زەلىلى ئالىپ،
تۆكتى خەتتى ئەنبەرىن نەكھەتى جاندۇر غەرەز.
(76)141-بەت
تەلبە زەلىلى بارھا مىسرەى شوخ ئېيتەدۇر،
گەرچە ئىبارەتى سۇخەن قافىيەى نارەسا غەلەت.
(78)144-بەت
(تۈركى زەبانىن ئاڭلاغىل ساقىى يارسا بۈگۈن،
ئىبىرى تىلدا ئەيتادۇر كاسەگە مەنا زىيا.
ھاسلى خەرمەن ئەمەل ئالمادى ئادەمى ئۇجب
گۆردە نىچۈك ئاشىغ ئېتەر نۇقرە بىلەن زەر مەتا.)
(79)146-بەت
ئارزۇيى جەننەتۇل فىردەۋسى قىلسا زاھىدان،
ئاشىقانى بى سەرۇپالەرغە ئەيماندۇر تەمە.
پاسىبانى بى مۇرۇۋۋەت رەشكىدىن ياندۇرماغىل،
بۇ دەردى دەرگاھىدىن دىدارى سۇلتاندۇر تەمە.
شەھرى ماچىندىن زەلىلى تەلبە ئەيلەيدۇر سەفەر،
ئەر دەۋىل ئىلە كۇچاۋۇسەير تۇرفاندۇر تەمە.
(80) 147-بەت
شەيخ ئەگەرچە بولماسام ئەر بەەين ئولتۇرۇرمە كۆر.
خانىقاھ كۆڭۈلدەدۇر شۆلەى ئاھدىن چېراغ.
بەسكى سىكەندەر بولمىشەم بۇ زۇلمات ئىچدە مەن،
چەشمەى خىزىر تاپمادىم مۇنچەدىن ئەيلەدىم سوراغ.
(82)150-بەت
كىشتىى نوھى نەبىگە كىرگەلى يول بەرمەگەي،
مۇستەفانىڭ سۈننەتىنى كىمكى ئەيلەيدۇر خىلاف.
ئەي زەلىلى نالە بىرلە ئۈچ مەراتىب ئەيلەدىم،
مەشھەدى سۇلتان ساتۇقى بۇغرا خانىمىنى تەۋاق.
(83)151-بەت
شەيخى سەناندەككى بۇزۇرگ شەيخنى،
بۇتغە سەجد قىلدۇرۇ سەۋدايى ئىشق.
قىچقۇرۇر مەنسۇر ئىنەل ھەق ئەيتىبان،
كىم مېنىڭدەك ئاشىقى رەسۋايى ئىشق.
ئەي زەلىلى لاف ئىشق ئۇرماق نەدۇر،
سەن كىمۇ ئاشىقلىقۇ دەۋايى ئىشق.
(85) 154-بەت
ئەقل ئەدەم يولىغا كىر ئىشق ئەجايىپ ئەژدەھا،
بىر دەم دۇدىدىن كۆرۈڭ يەتتە فەلەك غۇبار ئىشق.
كىمكى قەتل يار ئىرۇر قەبرى قاراڭغۇ بولماغاي،
چەشىم چېراغى ئاھۇۋان مەشەلەى مەزار ئىشق.
فەقر يولىدە كۆركۈزۈر جىلۋە جەننەتۇ تامۇغ،
خىرقە باشىغە يۈركەبان گۈلخەنى خاكسارى ئىشق.
ھەيبەتى بەبرى بېشەدىن قورقماغىل ئەي كۆڭۈل قۇشى،
سۇبھى ئەزەلدە ئەيلەگەن جان — تەنىم شىكار ئىشق.
(86) 156-بەت
ئالەم يوق ئىدى بەلكى نىشانى خەبەر ئىشق،
نە ئەرش نە كۇرسى ن مۈلكۈ ئەسەر ئىشق.
ئارىفىغە مەگەر تەن ئۆيى ساندۇقى جەۋاھىر،
پۇشىدە تۇتۇپ كۆڭلىدە گەنجۇ گۆھەر ئىشق.
گەنجىنەى ئەسىرارى خۇدا لايىق شاھان،
ھەر كىمكى قاچان بەردىلە تاجۇ كەمەر ئىشق.
ئىقلىم مەانى تەرەفىن سەيرى قىلۇرمەن،
ئاھىم ئوتنىڭ شۆلەسىدۇر بالۇ پەر ئىشىق.
بەبرىگە جۇنۇن بېشەسىدىن ئەربەدە قىلدى،
رو باھ سۇفەت ئەقل قىلىپدۇر ھەزەر ئىشق.
گويا يۈزىدىن ئاچتى سەنەم گوشەى بۇرقە،
تابەندە بۈگۈن كېچە ئەجايىپ قەمەر ئىشق.
كەۋنەيىن تاماشاسى زەلىلگە نەھاجەت،
ئول كۇنكى نەزەر قىلىدى چۇ ساھىبى نەزەر ئىشىق.
(87) 158-بەت
ئۆتتى نىگار جىلۋە بىلەن ھەيف كۆرمەدى،
ئول مۇنكىرىكى كۆزىدە ئىلمۇل يەقىنى يوق.
كەتتى زەلىلى تەلبە ئىمامان تەۋافىغا،
يار كەندە ئىچىدە نەيلەسۇن ئابۇ زەمىنى يوق.
(88) 160-بەت
دارۇگىر ئىشقنىڭ تاراجىدىن مەنسۇرۇۋار،
نەغمەى جوشى ئەنەل ھەق چەككەلى مەردانە يوق.
قىرمىزى قىلىدى كۆزۈمنى مېھنەتى رەنجى خۇمار،
بادەى گۈلگۈن تۇتارغا ساقىى مەستانە يوق.
قالمادى ساغەردە بادە، چالمادى يا ئەرغەنۇن،
خۇم تۈبى خالى كۆرۈندى غۇلغۇلى مەيخانە يوق.
مەنزىلىمدۇر ئاستانى ئەۋلىيايى چىل تەنان،
مۈلكى تۈركىستاندا مۇنداغ ھىچ دەۋلەت خانە يوق.
نەۋ باھار ئۆتتى زەلىلى تەلبە سەن خامۇش بول،
سەر سەرى بادى خەزاندىن ھاجەتى ئەفسانە يوق.
(89) 161-بەت
رېيايى خانىقاھدە چۇن كەلىمى مەرىفەت يوقتۇر،
مۇھەببەت ئەھلىنىڭ ئىشكىدە نەقشى بورىيا بولماق.
چېكىپ قىرىق يىل رىيازەت بەزىلەر بۇيى خۇدا ئالدى،
ساڭا ئاسان كۆرۈنۈر تالىبا مەردۇ خۇدا بولماق.
ئەگەر تىغى قازا ھەلىقىڭغە يەتسە مەسەل ئەيتماغىل،
خەلىل ئاسا تۇتۇپ فەرمانىنى مەردۇ خۇدا بولماق.
چۇ تۇفراغى ۋۇجۇدۇڭ بوتەى مېھنەتدە كۆيدۈرگىل،
سەفايى زاھىرۇ باتىندە شەرتى كىميا بولماق.
تەرىقى نەقشىبەندى ئاڭلادىم زېبا رەۋىشلىكدۇر،
كۆڭۈل مەستى ئىلاھى ئەل كۆزىدە پارسا بولماق.
(91)165-بەت
مەرھەلەى فەناغەكىم ئەھلى بەقا نەزەر قىلىڭ،
جەزبە ئېلى سۇۋارەدۇر زاھىد خۇدنەما ياياق.
ئابۇ ھەۋا تەراۋۇتى بەرمەدى باغ ئىچدە كۆر،
شەشەەى تەجەللىيدىن ناز يۈزى قىزىلۇ ئاق.
كۆڭلۈڭ ئۆيى خەزانەدۇر روھ شەھىنىشەھى بەدەن،
باشىدىن ئاياغىڭ ئۇستىخان تەخىت قويار ئۈچۈن رەۋاق.
غۇلغۇلەكى كاينات ئەيلەدى بار ئېرۇر ھۇنۇز،
بىر دەمى ئىمتىھان ئېتىپ ئادەمى ھەر ھارىغە باق.
(93) 169-بەت
تاكى كۆڭۈلدە ئەيلەدىم ئەبجەدى ئىشقدىن سەبەق،
بولدى كۆزۈمگە جىلۋەگەر سۆرەتى ئاسمان تەبەق.
گۇشەى ئەبرۇي سەنەم قىبلە نەماز شام ئوقۇي،
شۆلە چىقارمايىن دەغى فەيزى بەھارىدىن شەفەق.
قەترەى شەبنەم چېمەن غۇنچە لەبىنى بوس ئېتىپ،
يار ھەيادىن ئەيلەدى خەرمەنى گۈل كەبى ئەرەق.
زۇلف سىلسىلىنى ئول ئاي يۈزىگە نىقاپ ئېتەر،
غەمزە قولىغ ئالمايىن ناز-كەرەشمەدىن تەرەق.
نالە چۇ ئىتىبار ئېرۇر يىغلاغىل ئەي زەلىلىيا،
باش قويۇپ ئاستانىغە ھەر كىچە چۇش سەگى بەرەق.
(97) 174-بەت
تەرك ئەيلەرگە جەھان ئىقلىمىنى ئەر كېرەك،
چۇن مۇسبەت زەدە خاتىرى دىلگىر كېرەك.
ئەي بەسا قۇمكى بىر كۈندە يول ئۆزرە قالدىڭ،
رەخش بۇ بادىيەدە سۈرگەلى شەبگىر كېرەك.
ئىشق ئولتۇردى كۆڭۈل ئىچرە ۋە ئەقلىم بارغىل،
مەنزىل ئەتمەككە جۇنۇن بېشەسىدە شىر كېرەك.
مەملىكەت دارىيۇ بۇ مۈلكى ۋىلايەت مۈشكۈل،
سەلتەنەت تەختىدەكى خەلقىغە تەدبىر كېرەك.
تىيرە بولدى بەدەنى خاك، ئايا پىر مۇغان،
دۇردى مەينى قوي ئاڭا زەررەى ئىكىسر كېرەك.
چېمەنۇ باغ سارىغە نەۋجۇۋانلار يۈگۈرۈر،
قەت نەززارە گۈل ئەيلەگەلى پىر كېرەك.
(101)182-بەت
ئىشق كىتابىدىن ماڭا مىسرەى ھەسىپ ھال ئاچىڭ،
خانىقاھ كۆڭۈل ئارا رەۋزەنى ۋەجدۇھال ئاچىڭ.
ئالەم ئىچىگە ئوت سالۇر جىلۋەى قامەتىڭ قانى،
ھەشەر ئەگەر غەرەزدۇرۇر شەشەەى جەمال ئاچىڭ.
قەبرە ئىچىدە تابەكەي غۇنچە بولۇر سەھى قەدان،
مەۋسۈمى نەۋ بەھار ئېرۇر خەبچەى نەۋ نىھال ئاچىڭ.
مۇسھەف ھۆسىن قالماسۇن ئەل كۆزىدىن ياشۇرۇن،
يەنى قىراەتى قىلاي پەردەى خەتتۇخال ئاچىڭ.
تاپماسا ھىچ قەرنىدە ئەۋج جەمالىڭىز زەۋال،
نالە قىلۇر زەلىليا بۇرقەى لايەزال ئاچىڭ.
(103)185-بەت
مەرىفەت مەيدانى ئىچرە تولدى سەندىن ھايھۇي،
ئەرشدىن تەھتەس سەراغە خانىقاھىدۇر سېنىڭ.
لەشكەرى شەيتان ھۇجۇم ئەتكەندە كۆپ بەردى شىكەست،
تارۇپۇدى خىرقە دۈشمەڭە سىپاھىڭدۇر سېنىڭ.
ھەزرەتى مەخدۇم جامى بىرلە مەۋلانايى رۇم،
ھەر بىرى ۋەقتى بەلا پۇشتۇ پەناھىڭدۇر سېنىڭ.
سەر بەرەھنە سەير ئىقلىمى جۇنۇن ئاتىڭ نە ئەيب،
تەركى بۇ دۇنيا ۋۇمافىھا كۇلاھىڭدۇر سېنىڭ.
يۈز نەۋايى نالەى نەي يۈز سەدايى ئەرغەنۇن،
بىر سەھەر چەككەن سۇرۇد ئۆزرەخاھىڭدۇر سېنىڭ.
گاھى شەم گاھى شۆلەكى فەتىلە گاھى داغ،
ھەرنە بولدۇڭ ئەي زەلىلى ئۆز گۇناھىڭدۇر سېنىڭ.
(107) 194-بەت
جام بىللۇرىنۇ زەر بولماسە ئەي ساقىيا،
رىندە مەن بادە قۇي بولساچۇ سىنغان سافال.
ۋەجد بىلەن ئۇچقالى قانچە يىراقدۇر سپېھر،
سەدرە سەرى ئاچىتلەر مۇرغى كۆڭۈل پەرۇبال.
كۈڭۇرەى ئەرشىدىن كەلدى ئازابى بەلەند،
سۇبھى قىيامەت مەگەر بولدى قوپۇڭ يا بىلال.
باشدىن ئاياغ ھەرفىدىن مەنى ھۇۋەيدا بولۇر،
مەشقى زەلىل بەلى ساف جو ئابى زۇلال.
(112) 204-بەت
چالدى مەگەر مۇغەننىلەر نەغمەى ئەرغەنۇنى ئىشق،
پىرمۇغان ئىشكدىن كەلدى سەۋدايى زېرۇ بەم.
زەمزەمە سۇرۇددىن ئەيلەدى بىخەبەر مېنى،
كۆڭلۈم ئىچىدە قالمادى سۇدۇ زىيان بېشۇكەم.
مەجلىس ئىچىگە ئوت سالۇر نالەى پەردەى ئىراق،
مەشقى جۇنۇندىن ئەيلەگەچ سەۋتى تەرەننۇمى ئەجەم.
مۇغبەچەكى دەيردىن چىقسا نەماز شام ئەگەر،
سەجدە قىلۇرمە قاشىغە كاكۇل زەلفىدىن قەسەم.
ئالتۇن ئاياغىدىن غەنى ئەيلەسە فەخر بارھا،
مەيكەدەنىڭ سافالىدۇر بىزگە بېجايى جامۇجەم.
(114)208-بەت
ئىقلمى مۇھەببەتنىڭ سۇلتانى قەناەتدۇر،
سىمۇرغ سىفەت مەنزىل چۇن قۇللەى قاف ئەتتىم.
ئەشارىم ئوقۇر بولساڭ ئەي مۇددەى پەرھىز ئەت،
كاغەز كۆرۈنۈر لېكىن شەمشىرگە غىلاف ئەتتىم.
نى گەبرنى تەرسا مەن،نى بەرەھمەنۇ، نى شەيخ،
ھەفتاد دۇ مىللەتتە بىر نۇقتە خىلاف ئەتتىم.
(119) 218-بەت
بەندى زەنجىرى جۇنۇندىن ساھىبدار ئولمىشەم،
بادە پۇر زور ئەردى بىر ساغەردە سەرشار ئولمىشەم.
رىشتەى تەسبىھى زاھىددىن نە خاسىيەت ماڭا،
سومناتۇ تەندە كۆرگىل قەيدى زۇننار ئولمىشەم.
غارەت ئەقىل ئەتتى بەلكى نەقدى ئىمان ئىلتەدۇر،
كافىرىكى ئەي مۇسۇلمانلەر گىرىفتار ئولمىشەم.
نەغمەى سەۋتى مۇغەننىلەر چۇ دىلگىر ئەيلەدى،
تا ۋۇجۇدۇمنىڭ مەقامىدىن خەبەردار ئولمىشەم.
چار باغى جەننەتۇل مەۋاغە سالمايمەن نەزەر،
مەرغزارى ھۆسىن ئۈچۈن يارەب خەبەردار ئولمىشەم.
خەلق ئۆزرە پەردەى غەفلەت نەدىندۇر بىلمەدىم،
مەن دەغى غارى فەنادىن ئەمدى بىدار ئولمىشەم.
بۇ زەلىلى ۋاقىغى سىررى ئىلاھى بولماغاچ،
جانۇدىل بىرلە مۇرىدى شەيخى ئەتتار ئولمىشەم.
(123)225-بەت
بۈگۈنكى ساقىى مەھ روغە روبىرو بولدۇم،
گەھى چۇ شىشەى گۈلگۈن گەھى سەبۇ بولدۇم.
ھەمىشە بولبۇلى خامۇش ئەردىم، بىلەلمەسمەن،
جەھان ئېلىگە نەدىن مۇنچە گۇفتگۇ بولدۇم.
شەرابخانەى تەۋھىدنى مەقام ئەيلەپ،
كى زاھىدان رېيايىلەرغە ئەدۇۋ بولدۇم.
خەلايىقىكى مىنى مەن ئىشق ئەيلەدۇر،
ئىلىكىدىن قۇتۇلۇرغە بەھانەچۇ بولدۇم.
ئەدەم يولىغا كىرىپ ئەقىل تۇرفە ھەيراندۇر،
زەلىلى تەلبەلىكىمدىن نە تۇندخو بولدۇم.
(125) 226-بەت
تاجۇ تۇغرايى مۇھەببەتنامە تا كەلتۈرمىشەم،
سەرخەتى مەشىقى جۇنۇندىن ئىبتدا كەلتۈرمىشەم.
دەستەى گۈل چارباغى گۈلشەنى تەۋھىددىن،
ئەزبىرايى بۇلبۇلانۇ بىنەۋا كەلتۈرمىشەم.
مىسرەى شوخى شەھىد ئىشقىدىن بەرگەچ خەبەر،
لالە ھايى داغدارى كەر بەلا كەلتۈرمىشەم.
شىشە پوشى قۇلزۇمى مەنىنى سورما سەن ھۇنۇز،
مەرىفەتدىن گەۋھەرى قىممەت بەھا كەلتۈرمىشەم.
ئەژدەھايى تىغى ھەرفىمىدىن ھەزەر قىلغىل بۈگۈن،
سېھىر ئېلىگە قەۋمى مۇسادىن ئەسا كەلتۈرمىشەم.
كۈفرىدىندۇر زىدى يەكدىگەر نە مەلۇم ئەيلەيىن،
بەس بۇ مەزمۇنى سۇخەندە ماجرا كەلتۈرمىشەم.
(138) 254-بەت
(ماڭا نەلازىم ئېرۇر ماسىۋاغە سۆز سۈرمەك،
كۆڭۈلنى ئاينەى مەزھەرى خۇدا قىلايىن.)
نىشانەى چېمەنى جويبار جەننەتدىن،
سەبۇ-سەبۇ چىقارۇرمەن ۋەلى ئىبا قىلايىن.
گەدايى مەيكەدەى ئىشقىدۇرمەن، ئەي ساقى،
نە دەۋزەخى، نە بېھشىتى بىرەر سەدا قىلايىن.
(تەنىم تەرىقەت ئېلى خانىقاھى مەنى دەر،
ۋۇجۇد مەملەكەتىن سەربەسەر فەنا قىلايىن.)
سىپاھى گۈل چېكەدۇر ھەر كېچە شەبى خونى،
چۇ بۇلبۇلى سەھەرى بىردەمى نەۋا قىلايىن.
لىسانى غەيبىگە سەن پەيرەۋى قىلالماس سەن،
زەلىلى شوخلۇقۇڭ تۇتتى، مەرھەبا قىلايىن.
(140) 259-بەت
بىلمەسەڭ ئەھلى جۇنۇننىڭ ھالەتىنى زاھىدا،
ھەسىبى ھال ئاچغىل زەلىلى تەلبەنىڭ دىۋانىدىن.
(141) 261-بەت
بى تەراۋەتدۇر رەۋاجى رەۋنەقى ئىسلامدىن،
مۈلكى تۈركىستان زەمىندە سەربەسەر كۇففار ئۈچۈن.
ھەزرەتى مەخدۇمى ئەزەمدىن مەدەد بولغايمۇ دەپ،
مىسرەى بەرجەستە باغلاي خوجەى ئەھراردىن.
ساقىيانى سىيمتەن گەردىشكە كەلتۈرگىل ئاياغ،
ئەرغەنۇن چالغىل مۇغەننىلەر زەلىلى زار ئۈچۈن.
(143) 264-بەت
كېتەر ئەيلەمەي مەدار نە سىكەندەرۇ دارا،
بىردىن ئەيلەپ ئاشكارا،بىرىنى نىھان قىلۇرسەن.
سالىبان جەھانغا تۈندىن، قارا پەردەى تۈتۈندىن،
يارتۇرغا ئاي-كۈندىن، نەەجەپ قىران قىلۇرسەن.
بۇ نەقۇدرەتى ھەمىشە، بىرىنىڭ مەكانى شىيشە،
بىرىنى چۇ شىرى بېشە،بىرىن ئارسلان قىلۇرسەن.
(144) 267-بەت
خەتا ئىقلىمى گەرچە مەرغزارى ھۆسىن دەيدۇرلەر،
خوتەن رەنالەرىغە ئى كۆڭۈل قىلما تەقابۇل سەن.
سەنەم ساقى بولۇپ يەتكۈزمەدى دەۋرى قەدەھ بىزگە،
خەبەردار ئول سۇراھى مەي تۆكەردە ۋەقتى قۇلقۇل سەن.
نە ھىندۇزادەى نە تۈركى رۇمغە ئىلتىفات ئەتمەي،
ئەسىرى خەتتى خالى دىلبەرانى شەھرى كابۇل سەن.
زەلىلى زۇھد ئېلىدىن بۇيى ئۈلفەت تاپمادىڭ ھەرگىز،
قەدەم قويغىل خەرابات ئىچرەەز رويى تەۋەككۈل سەن.
(146) 271-بەت
ئىنتىزارۇ ۋەدەى دىدار ئەگەر ئەتمەم ئۈمىد،
ئىتلەرىڭ ئىزىغە كۆزۈم سۈرمەگەي ئەردىم بۈگۈن.
نۇسخەى تۇمارى غەم بەرسەڭ پەرىزادىم ماڭا،
تەۋف ئېتىپ جان پەردەسىگە يۆرگەگەي ئەرىدىم بۈگۈن.
ئەي زەلىلى تەبىر ئىتەلمەسلىغىنى ئاڭلاسام،
ھىچ ئادەمگە تۈشۈمنى ئۆرمەگەي ئەردىم بۈگۈن.
(147) 272-بەت
مەن غۇلامۇ مۇترىبۇ ساقىيۇ مەي ئەردىم بۈگۈن،
ھايھۇيى نالەدىن گوياكى نەي ئەردىم بۈگۈن.
دالى دەرۋىشى بولۇر بوينۇمغە زەنجىرى جۇنۇن،
سەلتەنەتدە ۋەرنە مەن كاۋۇسى كەي ئەردىم بۈگۈن.
ئىشقى مەكتەبخانەسىدە ئىزتىرابى قىلماسام،
ئۇستادى ئەسىفھانۇ رومۇ راي ئەردىم بۈگۈن.
سىنى شەيخى خانىقاھى سىنماسۇن دەپ ئېھتىيات،
بولماسا دىۋانەلىكدىن ھەرنە دەي ئەردىم بۈگۈن.
ئەي زەلىلى ھاجەتىم يوقتۇر مۇنەججىم رەملىدىن،
تالىۇ بەخىتىم بىيلە فۇرخۇندە پەي ئەردىم بۈگۈن.
(148) 274-بەت
سورماغىل ئەي زاھىدى بىھۇدە جايى ئاشىقان،
مەرىفەتنىڭ خانىقاھىدۇر سارايى ئاشقان.
مەن نەتەنھا ئىشق ئېلىگە ئەيلەدىم جاننى نىسار،
جۈملە مەۋجۇداتى ئالەمدۇر فىدايى ئاشىقان.
تەكىيەگاھ زاھىدان گەر بولسا تەسىبھۇ نەماز،
مۇستەھىقغە لۇتف ئەيلەيدۇر خۇدايى ئاشىقان.
قالماغاي ئالەمدە ھەر ئاشىق ئەدەمگە بارمايىن،
ئىككى كافىر كۆزلەردى بولدى بەلايى ئاشقان.
تارى كاكۇلدىن ئەگەرچە دىلرەبا كافىر قىلۇر،
ھەلقە-ھەلقە زۇلف مۈشكىنى رىدايى ئاشقان.
كۇھسارى غەمدە قالغانلەر دەرىغا بىلمەيىن،
شەرفەى بالۇ مەلەك دەرلەر سەدايى ئاشقان.
خانە بەردوش ئولسە ئەيىب ئەتمەڭ زەلىلى تەلبەنى،
پاي تەختى مەنى ئىستەيدۇر گەدايى ئاشقان.
(150) 278-بەت
ساھىبى دار ئولدى ئەلھەق كىم ئەنەل ھەق دەر ھۇنۇز،
قەترەى ئىچكەن بىلەن مەنسۇرى جامى ئاشقان.
نالەى بۇلبۇل جۇداۋۇ نەرەى ئاۋازە چۇغز،
ۋاىز سەن قايداۋۇ تەرزى كەلامى ئاشقان.
پادىشاھانى مەجازىغە كۆڭۈل مۆھتاج ئەمەس،
كىم شەھىنشاھى دۇ ئالەمدۇر غۇلامى ئاشقان.
ھەسبى ھال ئاچقايمىكىنلەر دەپ زەلىلى بەدە مەرگ،
ئەيلەدىم تۇغرايى دىۋانىم بېنامى ئاشقان.
(152) 283-بەت
ئىشىق كىمىيايى ئەھمەر ئالەم دوكان ئەمەسمۇ؟
مەردۇخۇداغە مەلۇم ئۇستادكان ئەمەسمۇ؟
كۆڭلۈمدە ئىشق تۇرى، تۇشتى تەجەللى نۇرى،
ھەر بار ئانىڭ زۇھۇرى، شەم جەھان ئەمەسمۇ؟
سەر تاسەر جەھانغە ياغسە بەلايى توفان،
ئەي قەۋمى نوھ قورقماڭ، ھەق كىشتبان ئەمەسمۇ؟
ئەيمىن دەرەختىدىن كىم موساغا ئوت كۆرۈندى،
ئىننى ئەنەللاھ ئەيتۇر ئەسرارى جان ئەمەسمۇ؟
ئەيساى روھپەرۋەر، تەركى تەەللۇق ئەيلەر،
كۆك سەھىنىدە قەلەندەر، ياخشى مەكان ئەمەسمۇ؟
يەھيا يىغىنى تۇتتى، ئادەم ئۆزىن ئۇنۇتتى،
بىرنى نەھەڭ يۇتتى، بۇ ئىمتىھان ئەمەسمۇ؟
(155) 295-بەت
تىغى زەبان بولۇپ نەي، تەنبۇ تارى ھەر پەي،
نۇتغىل زەلىلىگە مەي، ۋەقتى خۇمار ئەمەسمۇ؟
(164)313-بەت
ئەۋۋلۇ ئاخىرۇ بۇ ئالەمدە،
جۈملە فەرزەند ئادەمى غەمد.
سەن ئۆزۈڭگە بۈگۈن تاماشا قىل،
ھەر ئەجايىپكى باردۇر ئادەمدە.
ئەقلى كامىل تەنىڭدە جەيھەندۇر،
نە تىلەرسەن سۇ قەترەى نەمدە.
ئەرغۇنۇننىڭ سەداسىدىن كۆيدۈم،
شۆلە تاشلايدۇ زىر ئىلە بومدە.
قايدا ئەيسا كەبى مەسھايى،
كۆرگەي ئەسىرارى ھەقنى مەريەمدە.
تەشنەرلىك قالمادى لەبىڭ شورماي،
نى شەرابۇ نە چاھى زەمزەمدە.
(169) 322-بەت
دۇا يەتكۈر سەبا يارىمغە سەن ئەلبەتتە-ئەلبەتتە،
سەھەر سەير ئەيلەسەڭ سويى چېمەن ئەلبەتتە-ئەلبەتتە.
شەھىدى گەر بەرىنى ئىشقدۇرمەن داغ ئىلكىدىن،
چۇ لالە يافراغىدىن قىل كەفەن ئەلبەتتە-ئەلبەتتە.
كۆزۈم ياشى گەھى گۈلگۈن گاھى قىرمىزى ئەيلەر،
تاماشا ئەيلەسۇن ئول سىيمتەن ئەلبەتتە-ئەلبەتتە.
خىتار سەھراسىدىن سۇنبۇلى ھەرگىز بىزگە كەلتۈرمەڭ،
يىبەرگىل ئاھۇيى مۈشكۈ خوتەن ئەلبەتتە-ئەلبەتتە.
پەرىشاندۇر كۆڭۈل تا كاكۇلۇڭ تارىدىن ئايرىلدى،
دىماغ ئاشۇفتە بولغاي بى ۋەتەن ئەلبەتتە-ئەلبەتتە.
بەرھارى ئارىزىڭ تاپتى تەراۋەت ئەمدى خەت چىقسۇن،
بېرەڭگى ئەرغەۋانى ياسىمەن ئەلبەتتە-ئەلبەتتە.
(173) 328-بەت
مۇستەفادىن سوڭ خەلىقە كىم ئىدى ئەيغىل ۋىلا،
مەسنەد ئەۋجى خەلافەتدە ئەبۇبەكر ئەۋۋەلا.
ئابرويى دىنۇ دۇنيا ئادىلى دەۋران ئۆمەر،
قۇۋۋەتى بازۇيى بۇ ئىسلام ھەم دەفى بەلا.
يار دىگەر ھەزرەتى ئوسمان زۇل-نۇزەينىدۇر،
بەرگەن ئول ھەلىم ھەيانىڭ دەفتەرىگە يۈز جىلا.
مۇرتەزا سەرھەلقەى مەردان راھ ھەق ئۈچۈن،
ئال ئەۋلادىن تاماشا قىل شەھىدى كەر بەلا.
ئەي زەلىلى لالەى سەراغە ئوخشايسەن ھۇنۇز،
بۇ مۇسبەت نامەگە ئول كۈنكى بولدۇڭ مۇبتەلا.
(184) 347-بەت
مۇغەننى تارى قانۇن رىشتەى جانىمىدىن ئەيلەبدۇر،
قەنى بۇ شىشەلەرنى تۇتقالى بىر مەجلىسى ئارايى.
زەلىلىنى نەدىن دىۋانەى شەھر جۇنۇن دەرلەر،
خىرەد زەنجىرىنى ئۈزگەن ئېرۇر ئول مەردۇ سەھرايى.
(191) 360-بەت
ساقى زەلىلى كەلدى، بىر شىشە تولدۇرۇپ بەر،
مەيخانەنى تاپالماي ئول ئەرتەدىن خۇمارى.
(193) 362-بەت
تا كۆڭۈل ئىقلىمىنى ئالغالى بىر بېدادى،
غەم كەلىپ كۈندە قىلۇر بىزنى مۇبارەكبادى.
يار سەرۋۇ سەنۇبەنى خىجىل ئەتمەك ئۈچۈن،
جىلۋەگەر بولمادى بىرلەھزە قەددى شەمشادى.
ئۆمۈر ئەگەر ئۆتتى غۇرۇر ئىلە دەغى تۇيمايمەن،
ئەي زەلىلى بۇ جەھان ئاخىرى بى بۇنيادى.
چىلتەن تەزكىرىسى
تەزكىرەى چىلتەن
سەبەبى نەزمە كىتاب
باىس ئول بولدى ماڭا، ئەي، ئەھلى بەزم،
ئەيلەدىم تەزكىرەى چىلتەننى نەزم.
ھەي سەبەب نەم ئەيلەمەككە بۇ كىتاب،
ھاكىمى دەريا دىلى ئالى جەناب.
سەلتەنەت مەيدانى ئىچرە نامدار،
ئەدل بىرلەن بې نەزىرى روزگار.
مەسنەدىدۇر پايتەخىت-ياركەندە،
نېكى نامۇ نىكى بەخىت ياركەندە.
ھاكىمى ئالىي نىشان ئاۋازەلىك،
تاپتى بۇ ئىقىلم ئۇلارنىڭ تازەلىك.
ھەزرەتى بەك ھاكىم ئولغادىن بۇيان،
يۇرت ئابات ئولدىيۇ دارىلامان.
سايەسى گويا دەرەختى مىۋەدار،
كافىرۇ مۆمىن ئارا ئەزازى بار،
خەيرۇ ئېھسان سەخانىڭ سانى يوق،
مۇددەتى دەۋلەت كۆرۈپ ئەرمانى يوق.
با تەجەممۇل باتەھەممۇل ھۇشمەد،
با تەسەۋۇر با تەۋەككۇل دىلپسەند.
ئەسىرىدە ئالىملەر نەۋىل قەلەم،
سايەبانى دەۋلەت تۇغۇ ئەلەم،
دايىما ئالىملەر بىرلە ھەمنىشىن،
قاراخانى مۈلكى تۈركىستان زىمىن.
گەر مەجالىس قىلسەلەر شامۇ سەھەر،
ھەزرەتى ئاخۇن خوجە دەر نەزەر.
جۈملە ئالىملەر ئارا ئەلامە،
دەفتەرى ئىشق مۇھاببەتنامە.
دەرس ئەيتۈردە بېرىپ دادى سۇخەن،
ھەم نوقۇس نافەى-مۈشكى خوتەن.
زۇھد-تەقۋا بارەسد بى نەزىر،
بېشە مەىندە گويا نەررە شىر.
ساقى زەررىن قەبايى خۇش خۇررام،
تۇت مۇھەببەت بادەسىدىن بىزگە جام.
مەۋسۈمى گۈل بولدى فەسلى بەھار،
ھەر تەرەف ئابى رەۋانۇ سەبزە زار.
رەڭ بەرەڭ بولدى سۇچۇكدىن بەركى شاخ،
شۆھرەتىڭ دامەنى سەھرا فىراخ.
خاھ فەقر ئەھلى ۋۇ خاھى شاھ بول.
نەچە مىسرە ئەيتەيىن ئاگاھ بول،
بىر كۈنى مەسجىد ئىچدە ناگەھان،
ھەزرەتى پەيغەمبەرى ئاخىر زەمان.
ئولتۇرۇپ زىكرىغە مەشغۇل ئەردىلەر،
چار يارانۇ سەھابە سەربەسەر.
ئىزتىراپ ئەيلەپ كىرىپ كەلدى مەاز،
ئەيدى:«يا پەيغەمبەرى دانايى راز.
ئول دەرەختى كىم بارەردى، ئاھ-ئاھ،
تەكىيە ئەيلەپ ئەردىڭىز گاھۇ بەگاھ.
قوندى شاخىغە كېلىپ بىر جانىۋەر،
ئول زەمان خشىڭ ئولدى بەرگۈ شاخلەر،
يەرگە تۆكتى شاخ بەرگىنى تەمام،
جەم بولدى قورقۇشۇبان خاسۇام،
ئولتۇرۇپدۇر جانۋەر ھالا ھۇنۇز،
ئافەتى فەست ئولمادى بەلا ھۇنۇز،
ئاڭلابان خىرەد كەلان بۇ زەمزەمە،
نالەۋۇ زارىغە كەلدىلەر ھەمە،
تاشقارىغە قويدىلەر ھەزرەت ئاياغ،
بولدى ئەسھابىيلەر ھەم بىدىماغ،
ئەيلەدىلەر شاخ ئۈزە نەززارە،
ئولتۇرۇپدۇر بىر قۇش ئەۋۋار.
سوردىلەر ھەيبەت بىلەن«ئەي جانۋەر،
سەن نە جاندۇرسەن ماڭا ئەيغىل خەبەر؟»
قۇش ئەيتتى:«يا رەسۇل مۇجتەبا،
مەن مەدىنە خەلقىغە كەلگەن بەلا»،
ئەيدى بۇ سۆزنىيۇ فەرۋاز ئەيلەدى.
شۇرىشى سوختەنى ئاغاز ئەيلەدى،
مۇستەفا ئەندىشە ئىچرە ئەردىلەر،
خانەداندىن قاسىدى بەردى خەبەر،
يا رەسۇلىللاھ نەبىيۇل خاتىمە،
تەگدى ئاغرىق، ياتارلەر فاتىمە.
بەسكى بېتاقەتلىك ئەيلەر بېقەرار،
ئۆيدە يوقتۇر ھەيدەر دۇلدۇل سۇۋار.
يەنى بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزمەك ھەمان،
ئەھمەدى مۇختار بولدىلەر رەۋان.
جانىبى مەھرەم سەراغە يەتتىلەر،
ئىككى شەھزادە ئۆزىدىن كەتتىلەر،
كۆردىلەركىم فاتىمە بىماردۇر،
ئەرغەۋاندەك چېھرە زەفەرۋاردۇر،
ھەم سەھابە بولدىلەر بى سەبرى ھۇش،
ھەم پەيەمبەر ئەيلەدى جوشى خۇرۇش،
تىيرەى خاك ئۆزرە قويدىلەر جەبىن،
كەلدى ئول دەمدە چۇ جىبرىل ئېمىن،
مۇژدە بەردى ئەھمەدى مۇختارغە:
«قوپ، رەۋان بول گۈنبەزى دەۋۋارغە،
ئاندا باردۇ قىرىق مەردانى خۇدا،
قۇتبۇل ئەقتابى جەھانى ئەۋلىيا.
يەتتە تەن كەلتۈر ئۇ ئەھىلىللاھدىن،
بەدەزان ھاجەت تىلە ئاللاھدىن،
بۇ مۇناجاتىكى ئەيلەرسەن ئەبەس،
ھىچ پىچاق ئۆز ساپىنى كەسكەن ئەمەس».
ۋەھىمدىن فارىغ بولۇبان ئول زەمان،
سۈرەت ئەتتىلەر سويى ئاسمان،
ئاسمانى ئەۋۋەلىنغە يەتتىلەر،
يول تەرىقىن جەبرەىل ئۆرگەتتىلەر،
ئاندىن ئىككىنچى فەلەككە سەى ئېىتپ،
ئاسمانى سىيممىن ئۆزرە يېتىپ،
چۇن مۇھەممەد بىرلە جەبرەىل بەھەم،
چىقىتلەر تۆرتىنچى ئەفلەك ئۆزرە ھەم.
پۇر قىلىپدۇر دامەنى دەۋرى فەلەك،
غۇلغۇلا غەۋغايى تەسھبۇ مەلەك،
مەسىت بولدىلەر رەسۇلى پاكباز،
ھەر قەدەمدە قىلدى مەستانە نەماز،
ئاستىن كەۋنەين ئۈستۈن تاشلابان،
سۆرەى «ئىننا فەتەھنا» باشلابان.
دور باردىلەر دەرۇ دەرۋازە يوق،
ھەر تەرەفدىن قاقتىلەر ئاۋازە يوق.
ھەيرەت ئەيلەپ بىر بىرىگە باقتىلەر،
ئاقىبەت بىر ياندىن كۆپ قاقتىلەر،
كەلدى ئاۋازىكى«كىم؟» ئەيدىلە«بىز»،
ئەيدى«قىل پاتمايدۇ،پاتقايمۇ سىز».
سەييىدىل قەۋم ئەيدىلەر:«مەن بىر فەقىر،
فەقر فەخرىم بارچە ئالەمدىن ھەقىر،
ئۇشبۇ دەم قىرىق تەڭە ئەمىرى ھەق بولۇپ،
تىترەدى دىۋارى گۇنبەز شەق بولۇپ،
زاھىر ئولدى بول ئەجەپ دەرۋازە،
زىكردىن كەلدى سەدايى تازە،
باش ئاياغىن كىم قىلىپ بى پاۋۇ سەر،
ئىشق تۇغيان قىلدى ئەھمەد كىردىلەر،
كۆردىلەر كىم ئاندا قىرىق تەن ئولتۇرۇر،
سەر بەرەھنە، پا بەرەھنە، غەرقى نۇر،
بىرسى ئىستىغا ئىچىدە سەرنىگۇن،
بىرلەرىنى مەست ئەيلەپدۇر جۇنۇن،
لۆڭى تارتىپىدۇر بىرسى دەرمىيانە،
يۆرگەتىپدۇر بىرلەرى دەلقى گەرانە،
سەدرى بابادىن بىرى دەر جۇش ئېرۇر.
سۆھبەتى گەرەمدە قىرىق ژۇلىدە مو،
يەتكۈرۇبان ئەرشىغە ئاۋازى ھۇ.
زىكرىغە مەشغۇل ئولۇپدۇرلەر بارى،
غەيرى ھەقدىن ئۆزگە يوق پەرۋالەرى.
مۇستەفا ئول ھەيندە قىلدىلەر سەلام،
قىلمادى ھىچ كىم ئۇلەرغە ئېھتىرام.
ئەردى قىرىق تەن ئۆزلەردىن بىخەتەر،
ئەھمەدى مەھمۇد ھەيران قالدىلەر،
لېك،ئورنىدىن قوپۇبان بىرلەرى،
ئەيدى:«كەل،كەل، يا نەبىيۇللا بېرى،
سەن-سە فەخرى ئالەم شاھى ئەرەب،
ئەيلەمە ئەندىشە قوپمايدۇرلە دەپ،
زاھىرى قىرىق تەن ۋەلى بىر تەن ھەمە.
زىنھار،ئەي، بىزگە ئىنكار ئەيلەمە،
ئەيدى ئول بۇ سۆزنى بۇزۇرگۋار،
ژەندە تىكەن يېڭنەنى مەردانەۋار،
سانچىدى قوللەرنى ئۆزرە ناگەھان،
بولدى قىرىق تەننىڭ قولىدىن قان رەۋان،
قەترەى قان تامدى رەۋەندىن ھۇنۇز،
ئارقاسىدىن ئارىفى باۋىردى سۆز،
تۈشتى ئىشقۇللاھ دەپ ھەيرانى مەسىت،
كىتفىدە زەنبىل، كەچكۈل بەدەسىت،
باقتى گۇنبەزنىڭ ئىچىگە ئوڭ-سول.
قويدى ئەھمەد ئالدىدا كەچكۈلنى ئول:
كەچكۈل ئىچرە دانەى ئەڭۇر ئىدى،
دانە ئەرمەس، ئەردى ئەينى نۇر ئىدى.
چۈنكى بىسمىللاھ دەپ قول سۇندىلەر،
شەربەت ئولدى، تولدى كەچكۈل سەر بەسەر،
خادىمۇل فەقر مۇھەممەد نېكى زات،
قىرىق تەڭە يەتكۈزۈپ ئابى ھەيات،
ھاي-ھۇي چەكتىلەر خەيرۇل بەشەر،
ھاجەتىكى بارىدى، ئەرز ئەتتىلەر،
بىر ئىشارەت بىرلە مەردانى خۇدا،
قىرىق تەندىن يەتتەتەن بولدى خۇدا،
ئەزبىرايى بەھرى ھاجاتى رەسۇل.
قىلدىلەر رويى زەمىن ئۆزرە نۇزۇل.
يەتتەتەن ھەم جەبرىىلۇ ھەم ھەبىب،
ھەزرەتى زوھرانىڭ ئىشىكىگە كېلىپ،
شەيۇللاھ چەكتىلەر مەردانى ھەق،
فەيزگە پۇر بولدى تا ھەفتەم تەبەق،
قىسىتۇرۇپ قورچۇقلەر ئۆزرە پەر قارا،
ھەر لىباسى كىم كىيپدۇرلەر قارا.
ھەلقە ئولتۇردىلەر سۆھبەت قۇرۇپ،
زىكرى يارەپ دوسىغە مەشغۇل بولۇپ،
ھەزرەتى زوھرانى ئەيلەپ دەرمىيان،
بىر تەرەف پەيغەمبەر ئاخىر زەمان.
كېچە تاڭ ئاتقۇچە سۆھبەت قۇردىلەر،
لەرزىگە كەلدى تەمامى بەھرۇ بەر،
ھەم مەدىنە خەلقى يىغلاپ زار-زار،
ھەم بولۇپ رويى زەمىن چاڭۇ غۇبار.
ھەم سۇدا يىغلادى قۇش بېھساب،
ھەم فەلەك ئۆزرە تۇتۇلدى ئافتاپ.
سۈبھى سادىقىدىن بۇرۇن ۋەقتى سەھەر،
زىكرىدىن زاكىرلە فارىغ بولدىلەر،
تىل ئاچىپ راز نىھانغە يەتتە تەن،
تىكتىلەر كۆز ئاسمانغە يەتتە تەن.
تۇرفەتۇل ئەين ئىچرە رو بولدى بەلا.
ئارى-ئارى مۇستەجاب ئولدى دۇا.
بى تەبىبۇبى دەۋا، بى دەردى سەر،
ھەزرەتى زوھرا قوپۇپ ئولتۇردىلەر،
شۈكرى قىلدىلەر كۆرۈبان مۇستەفا.
ئەنبىيالەر سەرۋەرى سىدقۇش سەفا،
خەتمى«تا-ھا» قىلدىلەر ئاندىن كېىن،
قوپتىلەر رۇخسەت تىلەپ مەدانىدىن،
تەڭرى بەردى سىھھەتى بىمارغە،
ئەيدى:يانساق گۇنبەزى دەۋۋارىغە،
ئەيدىلەر: يانماقغە رۇخسەت يوقتۇرۇر،
لوقمەى رويى زەمىن سىزلەرگەدۇر.
ئۆممەتىمدىن بولسا ھاجەتمەند ئەگەر،
ئاغرىقىيۇ يا گىرىفتارى سەفەر،
يا بەلايى ناگەھانغە ئۇچرىغان،
يا يەتىمى، خەستەى زېرى جىغان،
يا تەنى كىشتى دەريا قىلسە غەرق،
يا زىراەتگاھىنى كۆيدۈرسە بەرق.
زالىمى مەزلۇمىغە قىلسە سىتەم،
تىغى باتىن بىرلە قىلغاي سىيەر قەلەم.
ھەر بەلايى كەلسە زور ئەيلەپ ھۇنۇز.
كىمكى ئاجىزدۇر مەدەد ئەيلەپ ھۇنۇز،
قويماڭىز رويى زەمىندە بىر ئەدۇ،
ھەق تەالادىن سىلەرگە ئەمر بۇ،
مەككەۋۈ مۈلكى مەدىنە سەير ئېىتىپ،
گاھ كېلىپ بىزنى كۆرۈپ، گاھى كېتىپ،
تۇرماڭىز بىر يەردە ۋە بارماڭ يىراق،
بولماغايكىم دەرمىيان ھەزافىراق.
تابەنى بار ئەردىلەر بۇ ئەھلى ھال،
تەۋف ئەيلەر ئەردىلەر ھەر ماھۇ سال.
نەچچە يىلىدىن سوڭ رەسۇل ھەققىي پەردەست،
چۇن ئەجەل پەيمانەسىدىن بولدى مەسىت،
بەس، ئەمىرۇل مۆمىنىنى چەھار يار،
جايى ئان ھەزرەتدە تاپتىلەر قەرار،
ھەربىرى ئۆز نەۋبەتىدە بار ئىدى،
يەتتە تەن رۇخسەت تىلەپ يىغلار ئىدى،
تاپمادىلەر يانغىلى بىر رۇخسەتى ،
يەتتى ئاخىر شاھى مەردان نەۋبەتى،
شاھى مەردان، شىرى يەزدان ئەيدىلەر:
ۋاجىپ ئەرمەس سىزلەگە قىلماي سەفەر.
تا رەسۇلنىڭ رەۋزەسىن قىلماي تەۋاف.
بولماغاي ئايىنەى رېسەڭلە ساف.
ئىستما ئەيلەپ كەلام مۇر تەزا،
پايى بوسىن ئەيلەبان ئەھلى رېزا،
شادۇ خۇررەم قويدىلەر يولغە قەدەم،
زىكرى يارەب دوست ئېتىپ دەم-بەدەم،
مۇستەفانىڭ رەۋزەسىگە يەتتىلەر،
ساچلەرىنى ئاندا جارۇپ ئەتتىلەر.
تۇتتىلەر ماتەملەرىنى نەچچە كۈن،
با تەرەررۇ، با تەۋەججۇھ تۇنۈكۈن،
ناگەھانى زاھىر ئولدى مۇستەفا،
بەردىلەر بۇ يەتتە تەڭە بىر ئەسا،
ئەيدىلەر:«تەندە تا جانىڭلە بار،
بۇ ئەسا سىزلەرگە بىزدىن يادىكار،
قايدا كەچ بولسا مۇنى سانچىپ قويۇڭ،
سەبزە بولغان يەردە ئۈزە مەنزىل ئويۇڭ.
تۇر بەتىڭلەر بولسۇن ئول يەردە مازار،
فەيزى ئالسۇنلەر خەلايىق سەدھەزار.
رۇخسەت ئالىپ مۇستەفادىن يەتتە تەن،
سەيرى ئەيلەپ باغۇ بوستان چېمەن،
ئاللاھ-ئاللاھ، بى ئوزۇقۇ بى ئۇلاغ،
تەن قىلبان جاڭگالۇ دەرياۋۇ تاغ،
كەزمەگەن شەھرۇ قەسەبچە قالمادى،
بىر خەبەر ھىچكىم ئۇلاردىن ئالمادى.
خەلقنى ئەيلەپ بەلالەردىن ئېمىن،
ئاقىبەت يەتتلە تۈركىستان زەمىن،
مۈلكى تۈركىستان زەمىندە ياركەندە،
پاي تەخىت ئەردى بارى يۇرتدىن بەلەند،
كافىرىستان ئەردى لېكىن سەربەسەر،
با ۋۇجۇدى قىلدىلەر ئاندا مەقەر،
كۈندە كەچ بولغۇچە تاەت ئەيلەبان،
كېچەلەر تىنماي ئىبادەت ئەيلەبان،
گاھى سەھرانى كېزىپ گاھى شەھەر،
خەلقى ئالەمدىن بولۇبان با خەبەر،
قايدادۇر يابىۋەى يا دەردى ناك.
ياسىتەم ئىلكىدە بولغان سىينە چاك.
يا گۇناھكارى گىرىفتارى ئەسەس،
بوينىدا زەنجىر يوق فەريادى رەس،
يا سەفەردە يولدى ئازغان كارۋان،
يا زەبەردەستىكى ناھەق تۆكسە قان،
جۈملەنىڭ دادىغە يەتتى يەتتە تەن،
ئاخىرى ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ۋەتەن،
كۆردىلەر كىم مەنزىلىدۇر باسەفا،
تىكتىلەر ئول دەم ئەسايى مۇستەفا،
ھەر تەرەف تىيرى كەرامەت ئاتتىلەر،
شامۇ خۇفتەننى ئوقۇبان ياتتىلەر،
ئەر تەسى كۆردىلەر كىم تىككەن ئەسا،
سەبزە خۇررەم شاخۇ بەرگىدۇر رەسا.
مەلۇم ئولدىكىم دەرەختىدىن تېرەك،
مۆجىزە مۇندىن زىيادە نە كېرەك.
سىينە پۇر دەردى يۈرەكدىن خۇن چىكان،
ئەيدىلەر:«بىزلەرگە بۇ يەردۇر مەكان،
نەچە ۋەقتۇ نەچە ساەتدىن كېيىن،
رىھلەت ئەيلەپ بولدىلەر زېرۇ زەمىن،
بىلمەدى ھىچكىم بۇلەر ئەھۋالىنى،
چىل چېمەننىڭ مۇرغى زەررىن بالىنى،
ئول زەماندا بار ئىدى مۇنكىر بەسى،
يەتتە ئەھمەددەر ئىدىلەر بەزىسى،
گەۋھەرى قىممەت بەھانى كىم تانۇر،
يەنى دەۋۇد ئاڭلاغاي ھەرفى زەبۇر،
بۇلبۇلى بىچارە بىلگەي قەدرى گۈل،
ئاشىقى مەيخارە بىلگەي قەدرى مۇل.
قوينى قويچىيۇ شۇ تۇرنى ساربان.
ئۇي سامانلىقنى تانۇر، ئىت ئۇستىخان،
فەرق ئەيلەر باغبانى چارباغ،
نالەى قۇمرى بىلەن غەۋغايى زاغ،
ساقىيا كەلدى سەدايى جامدىن،
ياد قىلغىل قۇببەتۇل ئىسلامدىن،
بىر ئەزىزى بار ئىدىلەر ئاشكار،
مەنزىلۇ مەۋالەرى ئەردى بۇخار.
ئىشقنىڭ مەيخانەسىدىن جۇرە نوش،
مۇرشىدى گەنجى گۇرۇھى جەندە پوش.
ئاتلەرى شاھ تالىپ سەرمەست ئىدى،
ئەۋلىيالەر ئىچرە بالا دەست ئىدى،
قىرىق بىر تالبىلەرىنى باشلابان،
ئەژدەھادەك ئاغزىدىن ئوت تاشلابان،
قىلدىلەر شەھرى بۇخارادىن سەفەر،
رەۋزەى ئالىغە ئاخىر يەتتىلەر،
جەزبەدىن زورى تەۋەججۇھ ئەيلەبان،
ئەيلەدىلەر ئەرغەنۇن ياڭلىغ فىغان،
كۆزلەرىدىن ئاقىزىپ خۇنى جىگەر،
قىرىق بىر تەن ئەر يەەين ئولتۇردىلەر،
بىر كېچە تۈن يارىم ئەردى ناگەھان،
بارگاھى ئەھمەدى بولدى ئەيان،
زاھىر ئولدىلەر رەسۇل مۆھتەرەم،
جۈملە مەۋجۇداتدىن ساھىپ كەرەم،
ئالغان ئىلكىگە شەفاەتدىن خەتى،
لەبلەردىدە نالەى يا ئۈممەتى،
كۆرگۈزۈپ مېھىر نەبۇۋۋەتدىن نىشان،
تارى ھەر كىسۇلەرى ئەنبەر فىشان،
يۈزلەرىدىن نۇرى فۇرقان جىلۋەگەر،
تۇرفە ھالەتدە نەمايان بولدىلەر،
ئەيدىلەر:«شەھ تالىب سەرمەست ئىشت،
بۇ ۋەسىيەتدۇر بەلەندۇ پەست ئىشت.
يەتتە تەن كىم ساھىبى ئەسرارىدىن،
تۈشكەن ئەردى گۇنبەزى دەۋۋارەدىن،
ئەزبىرايى جۈملە ھاجەتمەندە ئۈچۈن،
سەير ئېتىپ چېمەن-چىمەننى تۈنۈكۈن.
ياخشىغە رەھمە، ياماننى ئاتتىلەر،
ياركەند شەھرىگە بارىپ ياتتىلەر،
ھىچ كىم بىلمەيدۇ ياتقان يەرلەرىن.
تەنلەرى تۇفراق ئار قاتقارنلەرىن،
سەن بارىپ قىل تەرزى تەمىرى مازار.
فەيز ئالغاي خەلق ئاندىن ئاشكار.
بۇ بىشارەتنى تاپىپ دەرۋىشلەر،
رەۋزەدىن رەھ رو بولۇپ دىلرىشلەر.
نەچچە ئايۇ نەچچە ساەتدىن كېيىن،
يەتتىلەر سەرھەددى تۈركىستان زەمىن ،
رەھ رەۋانۇ ھەق بىلەن بۇ راھىبەر،
ياركەند شەھرىگە داخىل بولدىلەر.
سوردىلەر ھەر ئادەمى بىر رەڭ دىدى،
ھىچ كىم تۇربەتلەرىنى بىلمەدى.
بۇي سالدىلەر بۇ قىرىق بىر ئەھلى ھال،
ئۇشبۇ مەنزىلىدىن كېلۇر بۇيى ۋىسال.
ئەلگە ئەيدىلەر: بۇ ئەھلىللاھ ئۇلۇغ،
باغلادىلەر ئۆزلەرى بىر نەچچە تۇغ،
يەتتە تەڭە يەتتە قەبرە ئەتتىلەر.
ئەلگە تەۋف ئەيلەرنى ھەم ئۆرگەتتىلەر،
خانەقاھۇ مەسجىدۇ كۆل سالدۇرۇپ،
كى تىلاۋەت بىرلەكى سۆھبەت قۇرۇپ،
ھاجەتى مۆمىنلەگە ئەيلەپ دۇا،
ئولتۇرۇپ ئەردىلە شاھ ئەۋلىيا،
نەچچە شەككاكۇ مۇنافىق بار ئىدى،
ئەۋلىياغە ئىشلەرى ئىنكار ئىدى،
پىرى مۇرىشدنىڭ قاشىغە بارمەغان.
نەفسى شەيتاننىڭ قولىنى قارمەغان،
بىۋەپايى مۇنكىرى بىر پىرىلەر،
جەم ئولۇپ مىرزا قاشىغە باردىلەر،
ئەيدىلەر: ئەي، يۇرتىنىڭكى ئاتەسى،
يەنى مىرزا قەۋمىنىڭكى كاتتەسى،
قىرىق بىر دەرۋىشى سالۇسى گەدا،
شەھرۇ سەھراغە سالىپ بۇ ماجەرا،
مىكىرى بىرلە ھىيلە بىرلە بۇ ھەرىشى،
مەقسەدى نەزرۇنىياز بەرگەي ئىشى،
يىغىلىشىپ ئەھمەقلە ئاندا ھەر زەمان،
بولماغاي بىر فىتنەى ئاخىر زەمان،
بىرسى نانۇ پۇل بېرۇر، بىرسى ئوتۇن،
ئولتۇرۇپدۇر چۆرەسىدە تۇل خاتۇن.
شەرىنى فاش ئەيلەمەيدۇرلەر مۇدام.
لوقما يەر بىلمەي ھەلالۇ ھە ھەرام،
بىز ۋەلى دەپ ئولتۇرۇپ سەججادەدە،
كۆزلەرى لېكىن ھەمىشە مادەدە.
غەيبەت ئەتتىلەر ئۇلەرنى نەچچە رەڭ،
ئاڭلابان مىرزا ئابابەكرى دەبەڭ.
بىز ياساۋۇلغە دىدى: كەلتۈر مۈشۈك،
خاھى فەربىھ بولسۇنۇ خاھى ئۆشۈك.
ئۆلتۈرۈپ بىر يان كەبابى ئەيلەگىل،
تازە دەستۇرخان ئىچىگە يۆرگەگىل،
ئەيلەبان دەرۋىشلەرغە ئېھتىرام،
قويغىل ئالدىدا دىگىل مەندىن سالام.
بۇ ھەرامنى كۆر، ھەلال دپ يەيمۇدۇر،
ئاڭلابان يا بىر نېمەرسە دەيمۇدەر،
ئەۋۋەلى ئەيلەپ ئۇلارنى ئىمتىھان،
بەدەزان قىلماق كېرەك خوپ مېھمان،
ئول ياساۋۇل كوشەىدە ئولتۇرۇپ،
بىر قارا مۈشۈكنى تاپتى ئۆلتۈرۈپ،
ئەيلەدى خۇشبۇ كەبابى ناگەھان،
ئالدى دەستۇرخاننى بى تەلەب،
قويدى شەھ ئالدىغە بىلمەي بى ئەدەپ،
ئالەمى باتىندە كۆردىلەركى شاھ،
ئۆلتۈرۈپدۈر گۇربەىنى بى گۇناھ،
ئەيدىلەر شەھ تالىپ سەرمەست شق،
سەن ياساۋۇل يا جۇھۇدانى دەمەشىق،
پادىشاھىڭ بۇ تەامدىن يەر ئىكەن،
ئۆزىنى سلام ئېلىدىن دەر ئىكەن،
لا جەۋاب ئەردى بۇ سۆز بولدى خەمۇش،
گۇربەىنىڭ پەنجەسىد مىسلى مۇش،
ئەۋلىيانىڭ غەيرەتى جۇش ئەيلەبان،
دۇغ بىرلەن موغ بىر دۇش ئەيلەبان،
«پىش » دىبان قول سۇندىلەر ئۆزدىن كېىتپ،
ساچرابان قوپتى مۈشۈك فەرياد ئېىتىپ،
ھاي-ھويى چىقىتى سەف-سەف خەلقىدىن،
ھەم ياساۋۇل يىغلابان ئۆپتى زەمىن،
شىگۇھ قىلغان خەلق ھەيران قالدىلەر،
بەدگۇمانلىقىدىن پۇشەيمان بولدىلەر.
شاھ ئىنكار ئەھلىدىن تارتىپ ئىزا،
تۇرمايىن كەتمەككە بولدىلەر رىز.
قىرىق بىر تەندىن بىرى رەنجۇر ئىدى،
ئاتلەرى شەۋقى يەباي نۇر ئىدى،
شاھ شەۋقىغە دەپ ئەي دەرۋىشى دوست،
بىر كىتەرمىز، سىزگە قالدى تەختى پوسىت،
كىمكى كامىلدۇر ئانى ئولتۇرغۇزۇپ،
زۇلۇم ئايۋانىن كەرامەتدە بۇزۇپ.
جانىقەھدە ئولتۇرۇبان نان بېرىڭ،
تاڭلا جەننەتكە كىرىبان گۈل بېرىڭ،
مەن بولالماسمەن بۇ يەردە بەرقەرار،
رويى پوش ئەردىمۇ بولدۇم ئاشكار،
يوق ئىكەندۈك مۇندا ھەمدەم ماڭا،
بۇ يىغلىغان خەلق نامەھرەم ماڭا،
سۆرەتى ئادەم، ۋەلى سىيرەتى يوق،
ھىچ قايسى مەزھۇبۇ مىللەتدە يوق.
ئەيتىبان بۇ نۇكتەلەرنى سەربەسەر،
ھەزرەتى شەھ تالىپ سەرمەست ئەر،
بى ئەسا، بى رەھنە مۇن، بى كارۋان،
ئەندجان يولىغە كىردىلەر رەۋان،
ئاڭلابان بۇ سۆزنى مىرزايى كىبار،
ھەم پۇشەيمان بولدىيۇ ھەم شەرمىسار،
بۇ خىجىللىقىدىن نەدامەتلەر ئېتىپ،
ئىككى بەگدىن پېشىلەر يۈكلەتىپ،
تىيغالى ھۆكىم ئەيلەدى مىرزاي مەلىك.
تاكى قىلغايلەر كېلىپ ئەھياي مەلىك.
بەگلەر ھەم سۈرەت ئەيلەپ چاپتىلەر،
كاشغەر سەھراسى ئۆزرە چىقتىلەر،
پېشكەش-سوغاتنى بۇ ئىككى بەگ،
ئۆتكەرىپ قويدىلەر ئاندا رەگ بەرەگ،
بەندەلىكى مىرزانى يەتكۈردىلەر،
جانۇدىل بىرلەن قوپۇبان تۇردىلەر،
ئەيدىلەر: سىزلەردە يوقدۇر ئېتىقاد،
ۋەرنە بىز دەشتى جۇنۇندە گىرد باد،
ھوي تارتىپ يولغە بولدىلەر رەۋان،
ياندى بەگلەر نا ئۈمىدۇ ناتەۋان،
ئەيلەدىلەر ئەرز مىرزاغە يېىتىپ،
يانمادىلەر بۇ تەرەف شاھ ناز ئېتىپ،
بەس فەرىشان بولدى مىرزايى شەھەر،
كەلدى تۇربەتكە ئالىبان سىيمۇ زەر،
كۆردى بىر دەرۋىشى رەنجۇرۇ غەرىب،
تەكىيە ئەيلەپدۇر خەزاندە سارغارىپ.
سوردى ھالىنى قىلبان سەرەفراز،
بەردى شەۋقىغە بۇ كەلتۈرگەن نىياز.
بەدەزان تەۋف ئەيلەدى تۇربەتنى ئول.
ئاندەكى تاپتى تەرىقەت ئىچرە يول،
يەتتە پاتمانلىق زەمىن ۋەقف ئەيلەدى،
ھەم قاراقۇم ۋەقفىنى تەىن ئەيلەدى،
موللا سادىقىنى قىلىپ شەيخى مازار،
شەيخ، جارۇبكەشنى ئەيلەپ ئۇستۇۋار،
خانىقا ھۇ مەسجىدۇ كۆل قىلدۇرۇپ،
تەۋبە ئەيلەر ئەردى مىرزا ئولتۇرۇپ،
يەتتە تەن پەرتەۋفىشان يەتتە نۇر،
خاكى رېزى قەلەدە ئەيلەپ زۇھۇر،
يار كەند شەھرىنى رەۋشەن ئەيلەدى،
بوستانۇ باغ گۈلشەن ئەيلەدى،
ئول چېمەننىڭ سايراغان بۇلبۇللەرى،
ياستانىپ ياتقان زەلىلى قۇللەرى،
بولمادى يىل ئاڭا دىۋارى باغ،
شۇلە بەردى باتىندىن جىل چىراغ.
يەتتە تەندىن بولدى يا ئول شاھى زىن.
رەۋشەنايى تاپتى بەرقى ئاھىدىن،
نەزمىگە كەلتۈردى ئاخىر بۇ كىتاب،
ئۆمرى زايە ئەيلەگەن پىرى خەراب،
جەمىي ئالتمىش ئالتە بەيتۇ ئىككى يۈز.
بولسە نۇقسانى تەۋەججۇھ بىرلە تۈز.
ئاڭلاغىل تارىخىنى ئەي جانۇدىل.
مىڭ يۈز يىل ئەردىيۇ قىرىق يەتتە يىل.
كىمكى ئەيلەپ ئوقۇر بۇ يادىكار،
مەن دۇايى خەيرىدىن ئۈممىدۋار.
سورماغىل قايسى گۈلى بەخارىدىندۇر يەتتە تەن،
سەر گۇرۇھى گۇنبەزى دەۋۋارىدىندۇر يەتتە تەن.
مەنزىلۇ مەۋالەرى ئەردى چەھارەم ئاسمان،
ئاندا جەۋلان ئەيلەگەنلەر يارىندۇر يەتتە تەن.
ئەزبىرايى رەنجى زۆھرايى كەنىزى كىردگار،
ئىلتىجايى ئەھمەدى مۇختارىدىندۇر يەتتەن تەن،
بالۇپەرسىز ئاسماندىن يەرگە پەرۋاز ئەيلەگەن،
ئەي زەلىلى ساھىبى ئەسىرارىدىندۇر يەتتە تەن.
كىمكى تەۋف ئەيلەر كېلىپ ھەر كۈندە جايى يەتتە تەن،
ئاقىبەت يەتكەي قۇلاقىغە سەدايى يەتتە تەن،
دەرمەندىكى شىفا بەرىلە نابىيناغە كۆز،
ھەر مەھەلىدە ئىجابەتدۇر دۇايى يەتتە تەن،
تاجى شاھانى مەجازىن زەررىنە دۇر ئەيلەگەن،
ئارى ئەزرويى كەرامەت كىميايى يەتتەن تەن،
چۇن سىپھرى ئۆزرە رىجالۇللاھ گۈلخەن ئولتۇرۇپ.
ماھى نەۋدىن ئەيلەدىلەر گۈل سەفايى يەتتە تەن،
با رەسۇلۇللاھ بىشارەت بىرلە سىز بەرگەن ئەسا،
سايەبانى مەرقەد ئولدى مۇتتەكايى يەتتە تەن،
دۇررى مەرجان بىرلە ياقۇتۇ زەبەرجەد بولماسا،
گەۋھەرى جانى ئەزىزىمدۇر فىدايى يەتتە تەن،
كوچەۋۇ بازار كوي ئىچرە تاپىلماس ئىستەمەڭ،
قەرنەلەر ئۆتتى زەلىلىدۇر گەدايى يەتتە تەن.
خوجە مۇھەممەد شەرىف بۇزۇرگۋار تەزكىرىسى
تەزكىرەى ھەزرەتى خوجە مۇھەممەد شەرىف بۇزۇرگۋار
ئەي خۇدايا ئەكرەمۇل ئىكرامۇ جۇد،
جۈملەى مەۋجۇدغە بەردىڭ ۋۇجۇد،
گەنجى پىنھان ئەردىڭ ئەۋۋەل بىرۇبار،
ئەيلەدىڭ ئاخىر ئۆزۈڭنى ئاشكار،
تاپتى سەندىن زىننەتى كۇرسىيۇ ئەرش،
بارلىغىڭدە ئەرشىدىن تا تەھتۇ فەرش،
سەندىن ئولدى ھەم خەزانۇ ھەم بەھار،
سەندىن ئولدى مەستى كىبكى كۇھىسار،
قىش كۈنى دەريانى قىلدىڭ شىشە پۇش،
بىر ئاۋۇچ تۇفراقدىن يۈز ئەھلى ھۇش،
ئاسمانۇ ئەرزۇ ئەبرۇ ئافتاپ،
ئافەرىنىش بەھرىدىن گۇيا ھۇباب،
شەمى نۇرانى ئۈزە دۇد ئەيلەدىڭ.
رويى ئالەمنى رېزەندۇد ئەيلەدىڭ،
خەلق قىلدىڭ ئادەمۇ دېۋۇ پەرى،
ئەيلەدىڭ ھەرقەۋم ئۆزە پەيغەمبەرى.
سەدرى سەففەى سەفا، يەدرى قىبلەى ۋەفا مۇھەممەد مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەتلەرىدە
سەرۋەرى سەردەفتەرى پەيغەمبەران،
ھەزرەتى پەيغەمبەرى ئاخىر زەمان،
ساھىبى مىراجى نەتۇ مەنقەبەت،
ئافتابى ئاسمانۇ مەرىفەت.
چەكتى شەيتان خەيلىنىڭ ئەينىغە مىل،
ھەم ئىنانىدە يۈرۈپدۈر جەبرەىل،
كۇفر ئېلىگە كۆرگۈزۈبان مۆجىزات،
سىندۇرۇپ لاتۇ مەناتۇ سۇمىنات،
ساچتى ئىمان گەۋھەرىنى سەدھەزار،
ئۈممەتى ئىچرە خۇسۇسەن چار يار.
چەھارياران ئانھەزرەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەنقەبەتلەردە
ھەزرەتى بۇ بەكرى سىددىقۇ ئۆمەر،
نايىبى بەرھەق ۋەلىييۇ بەھرۇبەر،
بەدە ئوسمانى زىھى ئالىي جەناب،
ھەيبەتى ھەقدىن ئىدىلەر مىسلۇ ئاب،
يار تۆرتىنىچى خىدېۋى زۇلفىقار،
شاھى مەردان ھەيدەرۇ دۇلدۇل سۇۋار،
جان بىلەن ئەيتۇر زەلىلى سۈبھۇ شام.
ھەر بىرىگە مىڭ دۇرۇدۇ مىڭ سەلام.
تەزكىرەى ھەزرەتى خوجە مۇھەممەد شەرىف بۇزۇرگۋار نەسىرى ئەردى، زەلىلى ناتەۋان نەزمە تەرتبىگە كەلتۈرگەنى
ساقىى شىرىن زەبانى ياركەند،
جامى مەي تۇتقىل بۈگۈن تەبىم بەلەند،
شوخلۇقدىن ئاندەكى پەرۋاز ئېتەي،
ھايىھويى ئەيلەبان ئاۋاز ئېتەي،
(ئادەم ئارامىدە بەلكى مورۇ مار،
شاھىدى گۈلگۈن قەبايى غۇنچەلەب،
تۇتمادىڭ ساغەز،بولۇپدۇر نىمشەب.)
مەي پەرەستان بۇ كېچە ھۇشىيار ئەمەس،
ھەم مۇغەننى ئۇيقۇدىن بىدار ئەمەس،
ئەي مۇسۇلمانلار بىچۈك تەدبىر ئېتەي،
زىكرى خوج مۇھەممەد شەرىف پىر ئېتەي.
خوجەنىڭ فەيزى فۇتۇھى ئام ئېرۇر،
مەنزەلى مەۋاللەرى سايرام ئېرۇر،
يەتتە ياشدە ئەردىلەر ئول بۇزۇرگۋار،
بى پەدەر قالدىلەر ئاندا خارۇ زار،
(بىر نەچچەكۈن بۇ يېتىمىلىككە چىداپ،
خىزمەتى ۋالىدە ئەيلەپ بىھساب.)
خىزمەتى ۋالىدەسىن دەۋلەت بىلىپ،
ھىچ تەقسىر ئەتمەيىن خىزمەت قىلىپ.
(خوجەنى مەكتەبغە ئىلىتىپ بەردىلەر،
خەرج ئەيلەرگە يوق ئەردى سىمۇ زەر،
چەرخ ئىگىرىپ، يىپ ساتىبان ۋالىدە،
خوجە مەكتەبدە ئوقۇپ ئۆز ھالىدە.)
يەتسە پەنجشەنبە بېرىپ پەنجشەنبەلىك،
بۇ مۇشەققەت بىرلە سىزغۇردى يىلىك.
ياشلەرى ئونغە يېتىبان بى پەدەر،
ۋالىدە قالمادى ئۇلەر ھەم ئۆلدىلەر،
تەزىيەتدىن كۆزلەرى گىريان بولۇپ،
قالدىلەر سايرامدا سەرگەردان بولۇپ،
دەردى بىرلەن ئولتۇرۇپ لەيلۇ باھار،
يىغلار ئەرىلەرچۇ ئەبرى نەۋ بەھار.

خوجە بۇزۇرگۋارغە بىر پىرى رەۋشەن زەمىرى مەقام مەرىغەتدىن خەبەر بەرگەنى

شەرفەى كەلدى ئىشكدىن ناگەھان،
كۆردىلەر نۇرانىى مەردى كەلان،
جىلۋە ئەيلەپ نۇرى ھەق رۇخسارىدىن،
دانە-دانە دۇ تۆكۈپ گۇفتارىدىن،
ئەيدى: ئەي فەرزەندە غافىل بولماغىل،
پاشاى ئاجىز بول، فىل بولماغىل،
كۆرگەلى ئالەمنى كۆز بەردى ساڭا،
بەدەلىكىنى نىگە قىلمايسەن ئاڭا،
قاشۇ كىرپىكۇ ئاياغۇ قول بېرىپ،
مۇندا كەلتۈردى ئەمدەمدىن يول بېرىپ،
ئەزبىرايى بەندەلىك ئەتمەك ئۈچۈن،
ئۆز قىلبان بىرگە ئۆرگەتمەك ئۈچۈن.
كۆز يۇمۇپ ئاچقۇنچە ئايا ئۆمۈر بار،
جۈملەنىڭكى مەنزىلى دارىلقەرار،
ھىچ كىم ئۆز ئالىدىن بولماس كىشى،
تۈشمەسە تا ئەۋلىيالەرغە ئىشى.
بەس سەمەرقەندىكى دەرلەر، ئاندابار،
ھەر مۇرادىڭ بار كۇشايىشلەر تاپار.
ئەيتىبان بۇ سۆزنى ئول مەردى كەلان،
بولدى ئول دەمدە پەرى ياڭلىغ نىھان.
خوجە بۇ كېچە تۈنەپ ئولتۇردىلەر،
جەزەبە تەگدى ئەجەپ ۋەقتى سەھەر،
سۈبھى سادىقدىن بۇرۇن مادەلەرى،
تۈشلەرىدە ئەيدىلەر:« كەل-كەل بىرى،
ھەرنە ئول مەردى كەلان ئەيدى ساڭا،
ئاڭلاغىل گوياكى جان ئەيدى ساڭا.
تەربىيەت تاپغۇڭدۇر ئاخىر غەبىدىن،
فەيزى بولغاي ۋاھىدى لارەيبدىن.
ھەردەمى تازە تەھارەت ئەيلەگىل،
دىن سەرايىنى ئىمارەت ئەيلەگىل.
پىرى كامىلدۇر ئوشۇل مەردى كەلان.
ھەرنە ئول ئەيدى ئانى قىلغىل رەۋان،
بىزلەنىڭ ئەرۋاھىمىز ھەم ياردۇر،
يار ياۋەر ئەۋۋەلا جەبباردۇر،
قوپ، سەفەر قىلغىل مۇبارەكدۇر سەفەر،
ئۇچراغاي بىر كۈن ساڭا ساھىب نەزەر.

جوجەى بۇزۇرگۋار ئەرۋاھى تەييىبەنىڭ بىشارەتى بىرلە، پىرى روشەن زەمىرنىڭ ئىشارەتى بىرلە، سەمەرقەندغە سەفەر قىلغانلاربنىڭ بەيانى

بۇ بىشارەت بىرلە ئويغاندى خوجە،
سۈبھى ئەردى ھوجرەغە ياندى خوجە.
تۈشەۋۇ تالقانۇ كولبار ئالدىلەر،
ھەرنە جابدۇقى سەفەر بار ئالدىلەر.
ھەققى ھەمسايە بارىبان خوبلاشىپ،
يۈردىلەر، ئەل قالدى ئاندا يىغلاشىپ،
نەچچە كۈندىن سوڭ سەمەرقەند باردىلەر،
پۇتلارى ئابىلە ئەيلەپ ھاردىلەر،
كىردىلەر دەرۋازىدىن ھويى چېكىپ،
كۆزلەرىنىڭ ياشىدىن جويى چىكىپ.
ۋەقتى شامۇ خەلق ئۆيلەرگە كېتىپ،
ھەم دۇكانلەرنىڭ ئىشكتىن بېر كېتىپ.
ئوتۇز ئىكى ھىرفەگەردىن يوق كىشى،
خوجە ئەيدىلەر بۇغۇر بەتنىڭ ئىشى،
قايدا قونغايمەن قاراڭغۇدا بارىپ،
ھەم يەتتىمۇ ھەم مۇسافىر ھەم غەرىب،
بۇ تەفەككۇردە فەرىشان ئەردىلەر،
بىلمەيىن ھىچ يەرنى ھەيران ئەردىلەر.
بىر تەرەفدىن شەھنە فەرياد ئەيلەدى،
فىتنەى غەۋغايى بۇنيادا ئەيلەدى،
ئەيدى: شەھر ئىچرە مۇسافىر تۇرماغىل،
رەستەى بازاردا ئولتۇرماغىل.
ۋەرنە زىندانغە تۈشەرسەن دۇزدار،
دۇزد دىبان تاڭلا قىلۇرلە سەڭىسار.
قورقۇبان خوجە ئەسەسدىن قاچىتلەر،
مەسجىدى ئۇچرادى ئىشكىن ئاچىتلەر.
كىردىلەر مەسجىدكە ئەيلەپ ئىزتىراپ،
ئارقەلەردىن مۇەززىن ھەم ماراپ.
كەلدىيۇ ئەيدى: نىچۈك دەرۋىش سەن؟
مۇندا ياتماق خوپ ئەمەس بى رېش سەن.
ھەر نىمەرسەڭ بولسە بەرگىل ئىلتەيىن،
سۇد ئەتمەس ئوغرى ئالغاندىن كېيىن.
يا، يېتەر مەسجىد ئىچىدىن بىر بىسات،
قالماغاي سەندە بەرادەر ياخشى ئات.
ئۇشبۇ سۆزدىن بولدىلەر بى ئابۇتاب،
ئىلكىگە بەردىلەر كولبار كىتاب.
قوپتى مەسجىدنىڭ ئىشكىن ئەتتى ئول،
قالدىلەر يالغۇز، ئۆيىگە كەتتى ئول.
كېچە تاڭ ئاتقۇچە تاەت قىلدىلەر،
كى نەمازۇكى تىلاۋەت قىلدىلەر.
سۈبھى سادىق بولدىيۇ ئەزم ئەتتى شام،
ھازىر ئولدى ھەم مۇەززىن ھەم ئىمام.
بەس ئەدا ئەيلەپ نەمازى بامداد،
جەمىيەت تارقاپ چىقىپ كەتتى چۇباد.
تېز-تېز باقىپ ئىمامى بى تەمىيز،
ئەيدى:ئەي سوفى نە يەردىن كەلدىڭىز؟
خوجە ئەيدىلەر كىم مەن سايرامدىن،
بىھۇدە سۆز سورما بى ئارامدىن.
ئىلىم ئۆرگەنمەك ئۈچۈن مەن بىقەرار،
تەبرەنۇر جان جىسىم ئارا سىمابۋار.
ئەيدى موللايى مۇەززىن: ئەي سوفى،
مەدەرسە بار ئاخۇنى تۇرفە سەخى.
بىل، يەنا قىلغان ئېرۈر مىرزا ئۇلۇغ،
يۇرت ئاتاسى، ساھىبى كەرنايى تۇغ.
بارساڭىز ئاندا مۇسافىردۇر دىگەي،
ھوجرە بەرگەي، ياخشى پەرۋا ئەيلەگەي.
گاھى-گاھى كەلسەڭىز بىزنى سوراپ،
يەتكۈرۈرمىز ئالدىڭىزغە نانۇ ئاب.
مۇنچە ئىلمۇ مۇنچە فەزلىنى بىلىپ،
كەتتى تەكلىفى سەمەرقەندى قىلىپ.
خوجە ئول ھىندى قىلىبان ئىزتىراپ،
يۈردى ئاخۇننىڭ ئوتاغىنى سوراپ.
ئاخىرى بى ئاشناۋۇ بى دەردەم،
ئىستەي-ئىستەي تاپتىلەر ئاخۇننى ھەم.
كۆردى ئاخۇن بىر يىگىتى ھەق پەرەست،
زاھىرۇباتىن مۇھەببەت بىرلە مەسىت.
غافىل ئادەمدىن ئەمەس ئەھلى ھۇزۇر،
چېھرەسىدىن نۇرى ھەق ئەيلەر زۇھۇر.
ماسىۋادىن خوجە فارىغ ئەردىلەر،
ھوجرە خالى بار ئەردى بەردىلەر.
يوق ئىدى سەرف ئەتكەلى ئەسبابى ئۆي،
شەم ئورنىدا مەھتابى ئۆي.
تاپمادىلەر بىر بىساتى لاجەرەم،
بوريايى كوھنەى بولدى بە ھەم.
بىر سىنۇق ئىبرىق، بىر خىشتى پۇچۇق،
دەستەۋۇ جورغاسى ئىبرىقىنىڭ ئوچۇق.
خەرج ئەيلەرگە يوق ئەردى سىمۇزەر،
ئولتۇرۇبان خوجە يىغلار ئەردىلەر.
كۈندۈزى ئىلىم ئۆرگەنىپ ئەللامەدىن،
كېچە تەكرارى قىيامەتنامەدىن.
گاھى ئىستىغراق ئىچىدە مەسىت ئولۇپ،
زۇھدۇ تەقۋا بىرلە بالا دەست ئولۇپ.
ھالداشت ئەرمەس ئىدى شاھۇ گەداي،
ئۆمۈر ئۆتكەردىلە مۇنداق يىلۇ ئاي.
ھىچ نىمەرسە يوق ئىدى، قەللاچ ئىدى،
خوجە ئون تۆرت كېچە-كۈندۈز ئاچ ئىدى.

بىر سەۋداگەرنىڭ كوجى، بۇزۇرگۋارنى تۈش كۆرۈپ، غايىبانە مۇخلىس بولۇپ، كەنىزەكىدىن مەھەزەر ئىبەرگەنى

كېچە-تۈن يارىمى ئەردى لاجەرەم،
بىر كىشى ئىشكىنى قاقتى دەمبەدەم.
ئاچىتلەر ئاخىر ئىشكىنى ئۇشبۇ ھىن،
كۆردىلەر بىر دىدەكى پاكىزەدىن.
ھوجرەغە كىردى سەلامى ئەيلەدى،
ھەم بى بىسىدىن پەيامى ئەيلەدى.
ئەيدى: بى بىم ئۆزلەرىنى تۈش كۆرۈپ،
كەلمەدى خىزمەتلەرىگە ئۈلگۈرۈپ،
غايىبانە مۇخلىس ئولدى ھەم مۇرىد،
بەس دۇالەرىدىن ئەيلەيدۇر ئۈمىد.
بۇ دىدەكنىڭ ئىلكدە دەستۇرخان،
بىر ساغۇدا چۆچبەرە، بىر دەستە نان.
خوجەنىڭ ئالدىدە ئىلىتىپ قويدى ئول،
ھەم بۇلەرسىير ئولدىلەر ھەم تويدى ئول.
قالغانىنى جوجەى ساھىب نەزەر،
نامرادۇ كەمبەغەلغە بەردىلەر.
كەتتى دىدەك خوبلاشىپ بەداز تەام،
بى بىسى بولدى كەنىزەك ھەم غۇلام.
ئالتە كۈندە-يەتتە كۈندە بۇ دىدەك،
كەلتۈرۈبان مىۋە-ۋۇ نانۇ نەمەك.
گاھى دىدەك كەلمەس ئەردى نەچچە كۈن،
ئاچ يۈرۈر ئەردىلە خوجە تۈنۈكۈن.
گاھى ئاشپەزلىكدە ئاشىدىن بۇي ئالىپ،
نەفىس ئەژدەرھاسىنى يەرگە چالىپ.
بۇ رىيازەت بىرلە تاپتىلەر كەمال،
ھاسل ئەيلەپ ئىلىمى ھالۇ ئىلىمى قال.
ئىلىم بابىداچۇ دەريا بولدىلەر،
زاھىرۇ باتىن مۇسەففا بولدىلەر.
ھەم فەتىلە راست بولدى ھەم چېراغ،
رەۋشەن ئەيلەرگە كىشى يوق، تولدى ياغ.
تەربىيەت ئەيلەرگە بىر پىرى كېرەك،
پىرى پۇر فەيزى جەھاڭىرى كېرەك.
توقسان توققۇز مىڭ مەشايىخنىڭ سەرۋەرى،
سۇلتان خوجە ئەھمەد يەسەۋى،
ھەزرەتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازى
ئۆزلەرىنى زاھىر قىلىپ، بىشارەت بەرگەنلەرى.
*

سەنى لەيلىى رەنادەك ئەجايىب دىلرەبا دەرلەر،
مەنى مەجنۇنى ھەيراندەك كويۇڭدا بىر گەدا دەرلەر.
ئەجەبدۇر، ئەي شاھى خۇبان، كەچە-كۈندۈز ئىشىكىڭدە،
ھەمىشە مەن نەۋا قىلسام: «داغى سەن بىناۋا»دەرلەر.
باقىبان ئەل سارى، جانا، يۈزۈڭدىن بىر نىقاب ئالساڭ،
رۇخۇڭنى چۈن مەھى ئەنۋەر، تەجەللىى خۇدا دەرلەر.
تەبەسسۇم ئەيلەبان ناگاھ نەزەر قىلساڭ گورىستانغا،
قوپۇپ گوردىن بارى مۇردە ھەمە «ۋا ھەسرەتا!»دەرلەر.
كۆرۈبان بەزى ئاشىقلاركى ھەلقە-ھەلقە زۇلفۇڭنى،
ئەزەلدىن بىزگە سالغان بۇ ھەمە زەنجىرى پا دەرلەر.
يۈرۈپ سوردۇم تەبىبلەردىن: «نەدۇر بۇ دەردىمە دەرمان؟»
تەبىب ئايتۇركى: «ئەي نادان، بۇ دەردى بىدەۋا»دەرلەر.
ئىتىڭنىڭ خاكى پايىغا زەلىلىي يۈزىنى سۈردى،
نىدا كەلدىكى قەسرىڭدىن: «كۈزۈڭ سۈر، تۇتىيا»دەرلەر.