«تەڭرىتاغدىن سادا»

ئۇيغۇر تىلىنى ئامېرىكىلىقلارمۇ ئۈگىنىۋاتىدۇ/ قازاقستاندا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە ئۇيغۇر تىلى بويىچە دەرىسلىكلەرنىڭ نەشىردىن چىقىشى ئادەتتىكى ئەھۋال. سەۋەۋى، بۇ ئەللەردە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بار. ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن دەرىسلىكلەر ۋە ئوقۇش قۇراللىرى تۇراقلىق نەشىر قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەندى ئۇيغۇر تىلىنى چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئۈگىنىشنى خالاۋاتقان باشقا مەدەنىيەت ۋەكىللىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى بويىچە دەرىسلىكنىڭ نەشىردىن چىقىرىلىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئېگە. بۇ دەرىسلىكنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ئۈگەڭۈچىلەر ئۈچۈنمۇ مەلۇم دەرىجىدە «ئىشىك» بولىدىغانلىغى ئېنىق. مانا موشۇنداق رۇس تىللىق ئاۇدىتورىيا ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇر تىلى بويىچە دەرىسلىكلەرنىڭ بىرى فىلولوگ ئالىم دىلىنۇر قاسىموۋا تەرىپىدىن 2005-ژىلى نەشىردىن چىقىرىلغان ئېدى.

ئەندى 2013-ژىلى بولسا، ۋاشىڭتون شەھىرىدە ئىڭلىز تىللىق ئاۇدىتورىيا ئۈچۈن «تەڭرىتاغدىن سادا» ناملىق ئۇيغۇر تىلى بويىچە دەرىسلىك يورۇق كۆردى. مەزكۈر دەرىسلىكنى ھازىر ئاقشنىڭ ئىندىانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەۋاتقان فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ نامزىتى، دوسېنت گۈلنىسا نەزەروۋا ۋە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئالىم قۇربان نىياز نەشىرگە تەييارلىدى. گۈلنىسا نەزەروۋا ئەسلى قازاقستانلىق، ئۇ داڭلىق ئالىم غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋنىڭ شاگىرتى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتۇرىسىدا تەھسىل كۆرگەن. ئاسپىرانتۇرىنى تاماملاپ، نامزاتلىق دىسسېرتاسىيانى ئۇتۇقلۇق ھىمايە قىلغاندىن كېيىن تاشكەنتتىكى ئازىيا ۋە ئافرىكا ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرىس بەرگەن. تۈركشۇناسلىق بويىچە بىرنەچچە دەرىسلىكلەرنىڭ مۇەللىپى. 2005-ژىلى ئىندىانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىنىپ، بۇ يەردىمۇ ئۇيغۇر تىلىدىن دەرىس بەرمەكتە.

ئىندىانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىدىكى مەركىزىي ئازىيانى تەتقىق قىلىش بويىچە چوڭ مەركەز بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ يەردە مەركىزىي ئازىيا دۆلەتلىرى بويىچە، شۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە تەتقىقاتلار ژۈرگۈزۈلمەكتە. مەزكۈر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن گۈلنىسا نەزەروۋادىن تاشقىرى پروفېسسور گاردنېر بوۋىڭتون شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ 2010-ژىلى «ئۇيغۇرلار — ئۆز ۋەتىنىدىكى سەرگەردانلار» دېگەن كىتاپنى نەشىردىن چىقارغان. بۇ يەردە شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئالىم قۇربان نىيازمۇ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا. مەن 2012 — 2013-ژىللىرى مەزكۈر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئەمەلىي تەجرىبىدە ژۈرگەن پەيتىمدە ژۇقۇرىدا ئىسمى ئاتالغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولدۇم. گۈلنىسا نەزەروۋا ئۆتكۈزگەن دەرىسلەرگە قاتناشتىم. ئوندىن ئوشۇق ستۇدېنت ئۇيغۇر تىلىنى ئۈگىنىۋاتقان ئېكەن. ئۇلارنىڭ تەييارلىغىغا 2012-ژىلى ئىندىانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكەن خەلىقارا كونفېرېنسىياگە كەلگەن پروفېسسور رەھىلەم داۋۇت ۋە باشقىمۇ ئۇيغۇر ئالىملىرى ھەيران قالغان ئېدى. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە گۈلنىسا نەزەروۋا بىلەن قۇربان نىيازنىڭ ئەمگىگىنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىم.

ئىككى ئالىم نەشىردىن چىقارغان مەزكۈر كىتاپ ئۇيغۇر تىلىنى يېڭىدىن ئۈگىنىۋاتقانلارغا مولجالانغان. دەرىسلىك ئۆزارا مەنتىقىي جەھەتتىن ئۇيغۇن ۋە زىچ مۇناسىۋەتتە بولغان ئون بەش دەرىستىن ئىبارەت. دەرىسلىكنىڭ كىرىشمە قىسمىدا ئىڭلىز تىلىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، ئۇيغۇرلار قوللانغان يېزىقلار، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە فونېتىكىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلار بېرىلگەن. ھەربىر دەرىس گرامماتىكىلىق قاىدىلەر، تەلەپپۇز قىلىش مەشىقلىرى، قىسقا لۇغەتلەر بىلەن تەمىنلەڭەن.

دەرىسلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە دۆلەتلىرى توغرىلىق ماتېرىاللارمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپقان. مەسىلەن، خوتەن، قۇمۇل، ئىپەك يولى، تۇرپاننىڭ ئۈزۈمزارلىقلىرى، ماخمۇت قەشقەرىي ھەققىدە مەلۇماتلار ھەم ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر. تەكىتلەش لازىمكى، دەرىسلىكتە پەقەت شۇاردىكى ھاياتى توغرىلىق مەلۇماتلارلا بولۇپ قالماي، شۇنداقلا سابىق كېڭەش ئىتتىپاقىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھاياتىدىنمۇ ئەخباراتلار توپلانغان. شۇارلىق زوردۇن سابىر، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، قازاقستاندا ياشاپ، ئىجات قىلغان زىيا سەمەدى ۋە دولقۇن ياسىن ئوخشاش يازغۇچى-شاىرلارنىڭ ئىجادىيىتى كەڭ يورۇتۇلغان.

دەرىسلىكتە زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىدىن ئېلىنغان ئۈزۈندىلەردە شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەھرىمانلىرى غېنى باتۇر ۋە پاتىخ مۇسلىموۋ ھەققىدە مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ لىدېرى ئەخمەتجان قاسىمىي بىلەن بىرقاتاردا ئەيسا بەگ، ئەلىخان تۆرە ئوخشاش باشقىمۇ لىدېرلار ھەققىدە ئەخباراتلار موجۇت. دەرىسلىكتە شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇرپى-ئادەتلىرىگە، ئەنئەنىلىرىگە، مۇزىكىسىغا، مىللىي تااملىرىغا ۋە مىللىي تىبابىتىگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن.

دەرىسلىك شۇاردىكى ئورفوگرافىيالىك ۋە ئەدەبىي تىلنىڭ فونېتىكىلىق نورمىلىرىغا مۇۋاپىق تۈزۈلگەن. چۈنكى ئىڭلىز تىللىق ستۇدېنتلار ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە قوللىنىلىنىۋاتقان شەكىلدە ئۈگىنىدۇ. سەۋەۋى، ئۇلارنىڭ شىنجان-ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونىغا بولغان قىزىقىشى ئۇيغۇر تىلىنى ئۈگىنىشكە دەۋەت قىلماقتا. ستۇدېنتلارنىڭ ئاساسىي قىسمى ئۇيغۇر تىلىنى خىتايغا بولغان سەپەرلىرىدىن كېيىن ئۈگىنىشكە باشلىغان. سەۋەۋى، ئۇ يەرگە بارغاندا خىتايلارغا تامامەن ئوخشىمايدىغان خەلىقلەرنى كۆرۈپ، شۇلارنىڭ ھاياتىغا، تىلىغا قىزىقىشقا باشلايدېكەن.

تەكىتلەش لازىمكى، دەرىسلىكتە ئورۇن ئالغان تىل بويىچە ماتېرىاللار ئەنئەنىۋىي رەۋىشتە بېرىلمىگەن. ئادەتتە بىزدە قوبۇل قىلىنغان «فونېتىكا»، «مورفولوگىيا»، «سىنتاكسىس» ۋە باشقىمۇ قىسىملار بويىچە ماتېرىال بېرىش تامامەن يوق. مەسىلەن، گرامماتىكا ھەربىر باپنىڭ مەزمۇنىغا ۋە دەرىسنىڭ مەخسىتى بىلەن ۋەزىپىسىگە بېقىندۇرۇلغان. گرامماتىكىلىق ماتېرىاللار دەرىسنىڭ مەزمۇنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بېرىلگەن.

ئۇمۇمەن، گ.نەزەروۋا ۋە ق.نىيازنىڭ ئىڭلىز تىللىق ئاۇدىتورىيا ئۈچۈن تەييارلىغان ئۇيغۇر تىلى بويىچە دەرىسلىگىنىڭ، ئىڭلىز تىلىنىڭ ھازىرقى تاڭدا دۇنىيادىكى رولى تۇرغىسىدىن قارىغاندا، ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.

دېمەك، ئىڭلىز تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى دۇنىيانىڭ بارلىق جايىدا ئۈگىنىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلۇۋاتىدۇ. سەۋەۋى، ئىڭلىز تىلى ھازىر خەلىقارا مەناسىۋەتلەر ۋە ئىلىم-پەننىڭ تىلىدۇر ھەم ئۇنى دۇنىيانىڭ بارلىق جايدىكى خەلىقلەر چۈشىنىدۇ.

ھازىر گۈلنىسا نەزەروۋا بىلەن قۇربان نىياز ئۇيغۇر تىلىنى چوڭقۇر ئۈگىنىش بويىچە دەرىسلىك ئۈستىدە ئىشلەۋېتىپتۇ. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن ئۇلارغا ئىجادىي ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئابلەھەت كامالوۋ،

تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور.