جەڭگىۋار ژىللار ساداسى


جەڭگىۋار ژىللار ساداسى

1950 – 1960-ژىللار كېڭەش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىغا شۇارنىڭ غۇلجا ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئاممىۋىي كۆچۈش دەۋرى سۈپىتىدە كىردى. بۇ كۆچ-كۆچنىڭ كۆچمەنلىرى ئىجتىماىي قاتلام جەھەتتىن ھەرخىل بولغان: ئىشچىلار ھەم دېخانلار، سودىگەرلەر ھەم زىيالىلار، شۇنداقلا 1944 – 1949-ژىللىرى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ئۆلكىلىرىنىڭ غەربىي-شىمالىي ئوكرۇگلىرىدا موجۇت بولۇپ تۇرغان شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىدە ئالىي دۆلەت لاۋازىملىرىنى ئېگىلىگەن يەرلىك سەياسىي ئېلىتىنىڭ ۋەكىللىرى تەشكىل قىلدى.
ئاتاپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ گېنېرالى زۇنۇن تېيىپوۋ، ھۆكۈمەت كاتىۋى ئابدۇراۇپ مەخسۇم ئىبراگىموۋ، ھۆكۈمەت ئەزاسى زىيا سەمەدى ۋە نۇرغۇنلىغان باشقىمۇ تونۇلغان ھەربىي ۋە سەياسىي ئەرباپلار قازاقستاندا باش-پانا تاپتى. ئۇلار ھەققىدە ئىلمىي ھەم ئاممىۋىي ئەدەبىياتلاردا كۆپلىگەن ماقالىلار يېزىلدى. مەزكۈر ئەرباپلارنىڭ كۆپچىلىگى XX ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ رەمزىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرقاتاردا شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە ئۇنىڭ مەنپىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئايرىم ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرى تارىخ سەھىپىلىرىدىن سىرت قالدى. ئەپسۇس، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى زامانىۋىي مۇەللىپلەر تەرىپىدىن كامدىن-كام ئېيتىلىپ كەلمەكتە.
تۇرسۇن ئىسرايىلوۋنى ئەينە شۇنداق سەياسىي ھەم دۆلەت ئەرباپلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئۇ شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېتەكچىسى ئەخمەتجان قاسىمىينىڭ سەپدىشى ھەم پىكىردىشى بولغان. تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونىدا ئالىي دۆلەت ۋە مەمۇرىي لاۋازىملارنى ئېگىلىگەن. 1962-ژىلى بولسا، ئاىلىسى بىلەن قازاقستانغا كۆچۈپ چىققان.
تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ 1914-ژىلى، يەنى بىرىنچى دۇنىيا ئۇرۇشى باشلانغاندا روسسىيا ئىمپېرىياسىگە قاراشلىق ۋېرنىي ئۇېزدىنىڭ قورام يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى ئىنقىلاۋىي ئۆزگىرىشلەر ۋە يەتتىسۇدا كېڭەش ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىش ژىللىرىغا توغرا كەلدى. 1930-ژىللارنىڭ بېشىدا، يەنى كېڭەش ئېلىدە يېزا ئېگىلىگىنى كوللېكتىۋلاشتۇرۇش ژىللىرىدا، يەتتىسۇنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ھەم قازاق ئاىلىلىرى ئاچارچىلىق ۋە سەياسىي تەقىپلەردىن ئامان قېلىش ئۈچۈن خوشنا غۇلجا ئۆلكىسىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسرايىلوۋلار ئاىلىسىمۇ بولدى. يېڭى جايدا پەقەت دەسلەپكى ژىللىرىلا خاتىرجەم ياشاش مۈمكىن بولدى، كېيىنىرەك مەزكۈر ئۆلكىدىمۇ سەياسىي ئۆزگىرىشلەر ئوۋج ئېلىشقا باشلىدى.
شىنجاڭدا ياڭ زىڭ-شىڭ دىكتاتۇرا ئورناتقاندىن كېيىن ھەرخىل سەياسىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش ھەم توقۇنۇشلار باشلاندى. ئۇنىڭغا كېڭەش ئىتتىپاقى ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولدى. 1933-ژىلى كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن گۇبېرناتور شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا كەلدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ژىللىرى شىنجاڭ كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق سەياسىي تەسىرىگە دۇچار بولدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۆلكىدە ستالىن تۈزۈمىنىڭ بارلىق ئىنقىلاۋىي ھەرىكەتلەر ئۈلگىسىدە دىكتاتۇرا ئورنىتىلدى. 1930-ژىللىرى بۇ يەردە كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى بىرتەرەپلىمە بولدى دەپ ئېيتىش تەس: دەھشەتلىك سەياسىي تەقىپلەر بىلەن بىرقاتاردا ئۇ-بۇ يەرگە ئىختىسادىي تەرەققىيات، مىللىي سەياسەتنىڭ كېڭەش ئىتتىپاقىدىكى ئۈلگىسى، ئۇنىڭ بىر قىسمى ھېساپلانغان زامانىۋىي ئاممىۋىي بىلىم بېرىش باشلاندى. موشۇ ژىللىرى ئۆلكە خوشنا كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا كۆچتى. كېڭەش شەرقىنىڭ مەركىزى ھېساپلانغان تاشكەنت شەھىرى شىڭجاڭلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئوقۇشقا قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. 1937-ژىلى تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ باشقىمۇ ۋەكىللىرى قاتارىدا ئوتتۇرا ئازىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ستۇدېنتلىق دەۋرى تەشۋىشلىك ئۇرۇش ئالدىدىكى ژىللارغا توغرا كەلدى. بۇ چاغدا پۈتكۈل ئېۋروپا ئۈستىدە فاشىزم خوۋۇپى پەيدا بولدى.
كۆپ ئۆتمەي ئۇلۇق ۋەتەن ئۇرۇشى باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى ژىللىرى تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ ئالىي مەلۇمات ئېلىپ، ئۆيىگە قايتىدۇ. بۇ يەردە ئۇ چۆچەككە (تارباغاتاي) يوللانما ئېلىپ، ئەمگەك پاالىيىتىنى يەرلىك گېزىتتا ژۇرنالىست بولۇپ ئىشلەشتىن باشلايدۇ. 1942-ژىلى شېڭ شىسەي ئېۋروپا فرونتىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراۋاتقان كېڭەش ئىتتىپاقى بىلەن دوستلۇقتىن باش تارتىپ، گومىندان مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىۋىگە قايتىپ كىرىدۇ. يەرلىك خەلىقلەرنىڭ شېڭ شىسەينىڭ باش-باشتاقلىغىغا قارشى نارازىلىغى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقىمۇ خەلىقلەرنىڭ گومىندانغا قارشى ئىنقىلاۋىي كۈرىشىگە ئۇلىشىدۇ. مەزكۈر كۈرەشنى ئىلگىرى كېڭەش ئىتتىپاقىدا بىلىم ئالغان بارلىق تەرەققىيپەرۋەر ئۇيغۇر ياشلىرى قوللاپ-قۇۋەتلەيدۇ. ئۇنىڭدىن تۇرسۇن ئىسرايىلوۋمۇ چەتتە قالمايدۇ ۋە جاي-جايلاردا ئىنقىلاۋىي تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئاكتىۋ ئىشتراق قىلىدۇ. قازاقستان خەلىق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى ئۆزىنىڭ داڭلىق “ئەخمەت ئەپەندى” رومانىدا ئىلغار ئۇيغۇر ياشلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئىنقىلاۋىي روھىنى يارقىن يورۇتۇپ بېرەلىدى. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ: “ئەندى مونۇ تىزىمدىكى ياشلارنىڭ ئىنقىلاپ يولىدىكى قىزغىنلىق سەمىمىيىتىنىڭ كۈچلۈك ئېكەنلىگىدە مەسىلە يوق، ئۇلارنىڭ ئوتقا كىرىشكىمۇ تەييار ئېكەنلىگى شۈبھىسىز… مەزكۈر ياشلار قاتارىدا ئالمۇتا، تاشكەنت، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردە ئازدۇ-تولا تەھسىل كۆرگەنلەرمۇ بار: سەيپۇللاېۋ، زاكىروۋ، ئىسرايىلوۋ، تالىپوۋ، ئىسھاقوۋ، يۇنىچى ۋە م.قاسىمى، ئاكا-ئۇكا قاراباشېۋلارغا ھەرىكەتتىكى كىچىك گرۇپپىلارنى باشقۇرۇشنى تاپشۇرۇش، ئۇلارنى يالغۇزلا غۇلجا شەھىرىگىلا ئەمەس، ناھىيەلەرگە ئەۋەتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت داىرىسىنى كەڭەيتىش زۆرۈرلۈگى ۋە ئىجراسى بەلگۈلەڭەن…” (“ئەخمەت ئەپەندى”. 1995، 181-ب.).
1944-ژىلنىڭ 12-نويابرىدا شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ھەرخىل ساھالاردىكى دۆلەت خىزمەتلىرىگە بىلىملىك ئۇيغۇر ياشلىرىغا نىسبەتەن تەلەپ ناھايىتى ژۇقۇرى بولدى. تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ تاشقى رازۋېدكا خىزمەت ئورگىنىغا تەكلىپ قىلىندى. 1946-ژىلى شىنجاڭ كوالىسىيالىك ھۆكۈمىتىنىڭ پاالىيىتىگە باغلىق، ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىگە كۆچۈشكە توغرا كەلدى. ئۈچ ئىنقىلاۋىي ئوكرۇگ ۋە گومىندان ئوتتۇرىسىدا “ئون بىر پۇنكتلىق كېلىشىم” سۈپىتىدە مەلۇم بولغان (1946-ژىل، 6-ئىيۇن) توقۇنۇشنى تېچلىق يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىلىق كېلىشىم ئىمزالانغاندىن ۋە ئۆلكىدە ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن (1946-ژىل، 6-ئىيۇن) كوالىسىيالىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن “شىنجاڭ گېزىتىنى” نەشىر قىلىش توغرىلىق مەسىلە كۆتىرىلدى. ئۇ ئۈچ – ئۇيغۇر، قازاق ۋە خىتاي تىللىرىدا نەشىر قىلىندى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كېلىشىم بويىچە خىتاي تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان “شىنجاڭ ژىباو” نەشرىنى گومىندان تەرەپ نازارىتىگە ئالسا، ئەندى ئۇيغۇر ھەم قازاق تىللىرىدا نەشىر قىلىنىدىغان گېزىت ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ قارىمىغىغا ژۈكلەندى. ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدا نەشىر قىلىنىدىغان گېزىتقا ئۇيغۇر سايرانى باش مۇھەررىر بولۇپ تايىنلانسا، نەشىرلەردە ئېلان قىلىنىدىغان ماتېرىاللارنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ چىقىشىغا رۇخسەت بېرىش ۋەزىپىسى تۇرسۇن ئىسرايىلوۋقا ژۈكلەندى. شىنجاڭ كوالىسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ پاالىيەت ئېلىپ بېرىشى شاراىتىدا (1946-ژىل، ئىيۇل – 1947-ژىل، ئاۋگۇست) گېزىتنىڭ سېنزور لاۋازىمى ناھايىتى مۇھىم بولدى. بۇ ۋاقىتتا گومىندان ۋە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئوچۇق قارشى تۇرۇشقا كۆچكەن. ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى كېلىشىم شەرتلىرىنى بۇزۇۋاتقانلىغىدا ئەيىپلەپ كەلدى: گومىندانلىقلار ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىگە قارشى نارازىلىق ئۇيۇشتۇرسا، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپدارلىرى گومىندانلىقلار سەياسىتىگە قارشى نارازىلىق چارە-تەدبىرلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلدى. مەزكۈر مۇرەككەپ سەياسىي ۋەزىيەتتە “شىنجاڭ گېزىتى” ئىدېولوگىيالىك كۈرەشنىڭ مۇھىم قۇرالىغا ئايلاندى: ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان گېزىتلار ئۈچ ئىنقىلاۋىي ۋىلايەت ئىدېيالىرىنى تەشۋىقات قىلسا، خىتاي تىلىدا نەشىر قىلىنغان گېزىت گومىنداننىڭ ۋە “ئۈچ ئەپەندى” – مەسۇت سابىرى، ئىسا ئەلتېكىن ۋە مەمەتىمىن بۇغرا – تەرەپدارلىرىنىڭ مەۋقەسىنى قوغدىدى.
سەياسىي قارشى تۇرۇش كەسكىنلەشكەن شاراىتتا ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدىكى گېزىتلاردا ئېلان قىلىنغان ماتېرىاللارنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدىن نازارەت ئورنىتىش ئىلى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىگە ئايلاندى. موشۇ ۋەزىپە تۇرسۇن ئىسرايىلوۋقا ژۈكلەندى. ئۇ مەزكۈر خىزمەتتە كوالىسىيالىك ھۆكۈمەت تارقالغىچە ئىشلىدى.
ئەخباراتلىق ئۇرۇش 1947-ژىلنىڭ ئەتىياز ۋە ياز ئايلىرىدا چېكىگە يەتتى. شۇ چاغدا ئۇنىڭغا غۇلجىدا ئۈچ تىلدا (ئۇيغۇر، قازاق ۋە خىتاي) نەشىر قىلىنغان “ئىنقىلاۋىي شەرقىي تۈركستان” گېزىتى قوشۇلدى. مەزكۈر ئەخباراتلىق قارشى تۇرۇش ماھىيىتىنى لىندا بېنسون (1991-ژىل) ئۆزىنىڭ 1940-ژىللاردا شىنجاڭدىكى سەياسىي ۋاقىەلەرگە بېغىشلىغان كىتاۋىدا ئوچۇق تەسۋىرلەپ بەردى. ئەخباراتلىق قارشى تۇرۇش ئۆزىنىڭ نەق چېكىگە يەتكەن پەيتتە “شىنجاڭ گېزىتىغا” مۇنىر ئېرزىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. كېيىنىرەك ئۇ كېڭەش ئۇيغۇر مەتبۇاتى تارىخىنىڭ ھەقىقىي تەتقىقاتچىسى ئاتالدى. مۇنىر ئاكا بىزگە شۇ دەۋىردىكى خاتىرىلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتىپ بەردى: “ئەخمەتجان قاسىمىي ئۇيغۇر ۋە قازاق گېزىتلىرىنىڭ رەھبىرى قىلىپ ئۇيغۇر سايرانىنى تايىنلىدى. ئەندى ئۇنىڭدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلارنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدىن نازارەت ئورنىتىش تۇرسۇن ئىسرايىلوۋقا ژۈكلەندى. ئۇنىڭ ژۇرنالىستىكىغا ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىدى، لېكىن ئىدېولوگىيالىك بېسىم (سېنزۇرا) ئۈچۈن جاۋاپكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ كەلدى. تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ ئېگىز، قارىقۇمچاق ئادەم بولىدىغان ۋە دايىم “كازبېك” تاماكىسىنى چېكىدىغان. مەن 1947-ژىلى گېزىتقا ئىشقا ئورۇنلاشتىم ۋە ئىككى ئاي داۋامىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلدىم”.
1947-ژىلنىڭ ئاۋگۇست ئېيىدا شىنجاڭ كوالىسىيا ھۆكۈمىتى پارچىلاندى، ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىنى تاشلاپ، غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. مۇنىر ئېرزىننىڭ سۆزىچە، ئۇ ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا 1947-ژىلنىڭ 27-ئاۋگۇستىدا ئۇيغۇر سايرانى ۋە باشقىمۇ خادىملار بىلەن قايتقان، ئەندى تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ ئەخمەتجان قاسىمىي بىلەن كېيىنىرەك كەلگەن. مۇنىر ئېرزىن غۇلجىدا “ئىنقىلاۋىي شەرقىي تۈركستان” گېزىتىنىڭ رېداكسىياسىدە ئىشلىدى. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ بىلەن ئۇچرىشىش نېسىپ بولمىغان.
ت.ئىسرايىلوۋ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەنۋەر ئەنسەرى بىلەن بىللە شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلاۋىي ھۆكۈمىتى يېنىدا ئىدېولوگىيا ۋە تەرغىبات بۆلۈمىنى باشقۇرىدۇ. يازغۇچى زىيا سەمەدى ژۇقۇرىدا نامى ئاتالغان كىتاۋىدا شۇ ھەققىدىمۇ تەپسىلىي ھېكايە قىلىدۇ.
1949-ژىلنىڭ ئاۋگۇست ئېيىدا شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئاۋىاھالاكەتتىن (رەسمىي تەخمىن بويىچە) قازا بولىدۇ. ئەندى بۇرھان شاھىدى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلىغىنى ئېلان قىلىدۇ. 1950-ژىلى شىنجاڭغا خىتاينىڭ مىللىي-ئازاتلىق ئارمىياسى كىرىدۇ. خىتاينىڭ كوممۇنىستىك پارتىياسى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ يەرلىك خەلىقلەرنىڭ مىللىي-ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي خەلقىنىڭ گومىندانغا قارشى ئۇمۇمدېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېلان قىلىدۇ. دەسلەپ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىياسى دۆلەت خىزمىتىگە ئۈچ ۋىلايەت سەياسىي رەھبەرلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى جەلىپ قىلىشقا باشلايدۇ: سابىق شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپلىگەن سەياسىي ۋە ھەربىي ئەرباپلىرى ئۆلكىدە ژۇقۇرى لاۋازىملارغا تايىنلىنىدۇ. تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ ئىلى-قازاق ئاۋتونوم ئوبلۇسىدىكى كۈنەس مەمۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى لاۋازىمىغا ئېگە بولىدۇ. ئىككى ژىلدىن كېيىن ئۇ: ئۈرۈمچىدىكى “تيانشان” مېھمانخانا كومپلېكسى رېزىدېنسىياسىنىڭ مۇدىرى لاۋازىمىغا تايىنلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاىلىسىگە مەزكۈر كومپلېكس خادىملىرى ئۈچۈن سېلىنغان ئۆيدىن تۇرۇشلۇق جاي بېرىلىدۇ. موشۇ ئۆيدە ئۇ مەرھۇم دوستى ھەم سەپدىشى ئەخمەتجان قاسىمىينىڭ ئاىلىسى بىلەن خوشنا تۇرىدۇ.
1953-ژىلنىڭ مارت ئېيىدا تۇرسۇن ئىسرايىلوۋنى كورلا ئوكرۇگى مەمۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى لاۋازىمىغا يۆتكەيدۇ. ئۇ ئاىلىسى بىلەن كورلا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىدۇ ۋە ۋىلايەتنى بىرنەچچە ژىل داۋامىدا باشقۇرىدۇ. يېڭى خىزمەت ئورنىدا ئۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىياسى ئۆزىنىڭ ئىدېياۋىي رەقىپلىرىنى ئېنىقلاش مەخسىتىدە ژۈرگۈزگەن سەياسىي كامپانىياگە دۇچار بولىدۇ. 1957-ژىلنىڭ ئەتىيازىدا خىتايدا “يۈز گۈل ئېچىلسۇن”، “يۈز مەكتەپ رەقىپكە چۈشسۇن” دەپ ئاتالغان ئاشكارىلىق ۋە تەنقىت كامپانىياسى باشلىنىدۇ. كۆپ ئۆتمەي مەزكۈر كامپانىيا توختىتىلىپ، كۈز ئايلىرىدا يەرلىك زىيالىلارنى “مىللەتچىلىكتە” ئەيىپلىگەن تەقىپلەش باشلىنىدۇ. 1958-ژىلىنىڭ بېشىدا مەزكۈر كامپانىيا داۋامىدا تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ خىزمىتىدىن تۆۋەنلىتىلىدۇ ۋە ئۇ ئاقسۇدىكى بوز يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن يەرلىك ئېگىلىكلەرنىڭ بىرىگە رەھبەر سۈپىتىدە ئەۋەتىلىدۇ. بۇ يەردە ئۇ ئۈچ ژىل داۋامىدا ئەمگەك قىلىدۇ. جازاسىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن 1961-ژىلنىڭ ياز ئايلىرىدا ئىسرايىلوۋلار ئاىلىسى دەسلەپ ئۈرۈمچىگە، كېيىن كۈز ئايلىرىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىدۇ.
غۇلجىدا تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ ئۈچ دەرۋازا مەھەللىسىگە ئورۇنلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كېڭەش-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە سەياسىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى نەتىجىسىدە چېگارا ئەتراپىدىكى ئوكرۇگلارنىڭ تۇرغۇنلىرى كېڭەش ئىتتىپاقىغا كېتىۋاتقان پەيت ئېدى. سابىق شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتى ئەرباپلىرىغا بولغان كۆزقاراشنىڭ ئۆزگىرىشىنى سەزگەن ئىسرايىلوۋلار ئاىلىسىمۇ ۋەتىنىنى تاشلاپ كېتىش قارارىغا كېلىدۇ. كېڭەش ئىتتىپاقىدا 1930-ژىللىرى ياشاپ كۆرگەن ۋە ستالىن تەقىپلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن تۇرسۇن ئىسرايىلوۋقا مەزكۈر قارارنى قوبۇل قىلىش ئوڭايغا چۈشمەيدۇ. ئۆز ۋاقتىدا “كېڭەش كونسۇلخانىسىدىن بېرىلگەن كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ گراژدىنى ئېكەنلىگىگە گۇۋالىق قىلىدىغان كېڭەش پاسپورتىنى ئەتتەي يوقاتقان” دېگەن بانا-سەۋەپ بۇ ئىشنى خېلە مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئاىلىسىنى كېڭەش ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى غۇلجىدا قالىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنىڭغا مەملىكەتتىن كېتىشكە رۇخسەت قىلمىغان. ت.ئىسرايىلوۋنىڭ رەپىقىسى ساادەت 1962-ژىلى 29-مايدا سەككىز بالا بىلەن قازاقستانغا كۆچۈپ چىقىدۇ. ئۇ ئۆزى بىلەن جىيەنى ئىلچىننى (ئابدۇغوپۇر پولكوۋنىكنىڭ بالىسى) ئېلىپ چىقىدۇ.
تۇرسۇن ئىسرايىلوۋقا ئۈچ ئايدىن كېيىنلا كېڭەش ئىتتىىپاقىغا كېتىش مۈمكىن بولدى. شۇڭغىچە ئۇنىڭ ئاىلىسى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇزۇنياغاچ يېزىسىغا تۇرىدۇ. بۇ يەردە ساادەت ھەدىنى ئۇرۇق-تۇققانلىرى قۇچاق يېيىپ قارشى ئالغان. تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ قازاقستانغا كەلگەندىن كېيىن ئالمۇتا شەھىرىنىڭ درۇژبا مەھەللىسىگە ئورۇنلىشىدۇ. ئۇنىڭغا مەھەللىدە باش-پانا تېپىشقا شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىدىكى پاالىيىتى بويىچە سەپدىشى تېيىپ ھاجىم سابىتوۋ نۇرغۇن ياردەم قىلىدۇ. ئۇ تۇرۇشلۇق ئۆي سېلىشقا يەر ئېلىش ئۈچۈن سوۋخوزغا ئاددىي ئىشچى بولۇپ ئورۇنلىشىدۇ. ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرىگە ئوخشاش، تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ ئاىلىسىنى ئاسراش مەخسىتىدە ھەرخىل ئىشلاردا ئەمگەك قىلدى.
“ئالمۇتىدا دادام شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپلىگەن ئەرباپلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزمىدى. ئاتاپ ئېيتقاندا، يازغۇچى زىيا سەمەدى ۋە موسكۋادا ئىستىقامەت قىلىدىغان تۇرسۇن رەھىموۋ ئالمۇتىغا كېلىپ قالغاندا بىزنىڭ ئۆينىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرى بولىدىغان”، دەپ ئەسلەيدۇ تۇرسۇن ئاكىنىڭ ھازىرقى كۈندە “دوستلۇق” مىكرورايونىدا ياشايدىغان ئوغلى ئۇتۇق ئىسرايىلوۋ.
تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ 1979-ژىلى 29-مايدا ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىقىپ، بىر ژىلدىن كېيىن دۇنىيادىن ئۆتتى.
موشۇ يەردە تۇرسۇن ئاكىنىڭ رەپىقىسى ساادەت ھەدە ھەققىدە (1920 – 1966-ژ.) گەپ قىلىشنى ئورۇنلۇق كۆردۈم. غۇلجىدا تۇغۇلغان، ئۇزۇن ژىللار داۋامىدا مەكتەپتە ئۇستاز بولۇپ ئىشلىگەن. يولدىشى كورلىدا خىزمەتتە بولغاندا، ئۇنىڭ كاتىۋى بولغان. ئۆمۈرلۈك يولدىشى بىلەن سەككىز بالىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشقان. ئۇلارنىڭ تۇنجا ئوغلى سۇلتان ئىسرايىلوۋ (1944 –1998) ئۆمرىنى سەنئەتكە بېغىشلىدى ۋە “قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىستى” ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئىككىنچى پەرزەندى ئوزغان ئىسرايىلوۋ (1945 – 2006) قازاقستان خەلىق ئېگىلىگى ئىنستىتۇتىنى تاماملاپ، سودا ساھاسىدا ھەرخىل رەھبىرىي لاۋازىملاردا ئەمگەك قىلدى. قىزى ئىلھامىيا ئۇزۇن ژىللار داۋامىدا باسمىخانىدا، كېيىنىرەك “يېڭى زامان” گېزىتى رېداكسىياسىدە ئەمگەك قىلدى. ئەدىپنىڭ يەنە بىر پەرزەندى ئۇتۇق ئىسرايىلوۋ، شەھەرنىڭ سودا تارماقلىرىدا ئەمگەك قىلدى. ھازىر ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشتا.
تۇرسۇن ئىسرايىلوۋ تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ بىرى. ئەپسۇس، كېڭەش دەۋرىدىكى سەياسىي مەنئىي قىلىشلارغا بېناەن، مەزكۈر ئادەملەر ھەققىدە يېزىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلمىدى. ئەندىزە مۇنداق ئادەملەر توغرىلىق قەلەم تەۋرىتىش بەك ئېغىر. چۈنكى ئۇلار بىلەن سەپداش ۋە تەڭتۇش بولغان ئادەملەر ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن. لېكىن ئۇلارنى خاتىرىدە ساقلاش – ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ مۇقەددەس پەرزىدۇر.

ئابلەھەت كامالوۋ،
تارىخ پەنلىرىنىڭ
دوكتورى، پروفېسسور.

سۈرەتتە: ئالدىنقى قاتاردا ئولتارغانلارنىڭ سولدىن ئىككىنچىسى ت.ئىسرايىلوۋ (غۇلجا، 1940-ژىل).