U méning qelbimde qaldi

ئۇ مېنئڭ قەلبئمدە قالدى

(جەمئيەت ئەربابى تۇرغانجان روزاخۇنوۋنئڭ تۇغۇلغئنئغا – 70 ژئل)

مەن ئالمۇتئغا 1963-ژئلى كەلگەن. بۇ ژئل ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئالاھئدە ئەھمئيەتلئك ئېدى. داڭلئق ئالئم مۇرات ھەمراېۋ پەن دوكتورى ئئلمئي دەرئجئسئگە ئېرئشكەندە، كۆپلئگەن ئۇيغۇر ياشلئرئنئڭ روھئي كەيپئياتى كۆتئرئلئپ، ئئنتايئن خۇرسەن بولغان ئېدۇق. شۇلارنئڭ قاتارئدا مېنئڭمۇ بئلئمگە بولغان ئئشتئياقئم ناھايئتى كۈچەيگەن. ئۇنى تئل بئلەن يەتكۈزۈشۈم مۈمكئن ئەمەس. ئۇ چاغدا تېخنئكۇمنى پۈتئرئپ، ھەربئي سەپكە ئاتلئنئشقا توغرا كەلدى. لېكئن بئلئمگە بولغان ئئخلاسئم ھېچقاچان ئۆچكئنى يوق. قايتئپ كېلئپ، ئۆزەم خالئغان ئئنستئتۇتقا ئوقۇشقا چۈشۈپ، ئۇنى ئۇتۇقلۇق تاماملئغاندئن كېيئن، ئئشلەپچئقئرئش ساھاسئدا بئرەتولا كئرئشئپ كەتتئم. رەمئتى تۇرغانغئمۇ ئەينە شۇ ۋاقئەلەر تەسئر قئپتۇ. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش بئلئم ئېلئش ئۈچۈن ئئنتئلئپ، كېچە-كۈندۈز تئرئشئۋاتقان ئېكەن. بۇنى ئېيتئۋاتقئنئمنئڭ سەۋەۋى، ئۆتكەن ئەسئرنئڭ 60 – 70-ژئللئرى ياركەنتلئك كۆپلئگەن ياشلاردا ئالاھئدە غايەۋئي ئئنتئلئش بار ئېدى. بۇ ئۆزگئرئشلەردە بئز بئللە تاۋلاندۇق. بئر-بئرئمئزنئڭ ئۇتۇغى بئلەن پەخئرلئنەتتۇق. ئۇ چاغلاردا تۇرغان ئئككئمئز قويۇق ئارئلئشئپ كەتمئگەن ئېدۇق. ياشلارنئڭ ئئچئدە ئۇ ئۆزئنئڭ كېلئشكەن قامئتى بئلەن پەرئقلئنئپ تۇراتتى، ئۆزئنئڭ ژۇقۇملۇق مۈجەز-خۇلقى ۋە مەدەنئيەتلئك سەۋئيەسى بئلەن كۆپنى ئۆزئگە تارتاتتى. بئلئملئك بولغئنى ئۈچۈن، ياشلارنى بئردئن ئۆزئگە جەلئپ قئلئۋالاتتى. شۇڭلاشقا ئۇ كومسومول كومئتېتئنئڭ كاتئۋى سۈپئتئدە ئئجتئمائي ۋە مەدەنئي ساھالاردا خېلە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئېدى.
كۆپ ئۆتمەي، پارتئيا خئزمئتئگە يۆتكەلدى. چوڭ ساھالاردا ئئشلەشكە باشلئدى. مەن بۇنئڭدئن خۇرسەن بولاتتئم. ياركەنتكە بارغاندا، جەمئيەت ئئچئدە تۇرغاننئڭ ئابروي-شەنى توغرئسئدا ئئللئق پاراڭلارنى كۆپ ئاڭلاتتئم. تۇرغاننئڭ قازاقستان كومپارتئياسى مەركئزئي كومئتېتى سەياسئي بيۇروسئنئڭ ئەزاسى بولغانلئغى ھەققئدە خەۋەرنى گېرمانئياگە ئئش بابى بئلەن ئۇچۇپ كېتئپ بېرئپ، «پراۋدا» گېزئتئدئن ئوقۇدۇم. ناھايئتى قاتتئق تەسئرلئنئپ، تەۋرەنگەن ئېدئم.
كېيئن ئۇ خئزمەت بابى بئلەن ئالمۇتئغا كەلگەندە، مەن ئۇنئڭ بئلەن يېقئندئن ئارئلئشئشقا باشلئدئم. بۇ ۋاقئتلاردا يېقئن دوستۇمئز، تونۇلغان دوختۇر ئابدۇرېشئت ئەلقەموۋمۇ خئزمەت بابى بئلەن ئالمۇتئغا ئئشقا ئورۇنلاشقان ئېدى. بۇ يەردە تونۇلغان پۇبلئسئست، يازغۇچى يولداش ئازاماتوۋمۇ بار ئېدى. ئۆزارا ئائلەۋئي مۇناسئۋەتلئرئمئز تېخئمۇ كۈچەيدى. بئز، شۇنداق قئلئپ، بئر ھەپتە بئر-بئرئمئزنى كۆرمئسەك، چئدئمايدئغان دەرئجئگە يېتئپ قالدۇق. بۇ مۇناسئۋەتلەر تۈپەيلى، ئۆزارا ئاغئنئگەرچئلئك تۇيغۇلئرى تېخئمۇ كۈچەيدى. بئر-بئرئمئز بئلەن مۇڭدئشئدئغان ۋە مەسلئھەتلئشئدئغان بولدۇق. چوڭ مەراسئملارغا بئللە بارئدئغان ئادئتئمئز بار ئېدى.
قازاقستان ئۆز مۇستەقئللئگئگە ئېرئشكەندە، ھەممئمئز چەكسئز خوشال بولدۇق، ئۇنى قئزغئن ۋە ژۇقۇرى روھئي كەيپئياتلار بئلەن نئشانلئدۇق. كۆپلئگەن قازاق دوستلئرئمئز بار ئېدى، ئۇلارنى سەمئمئي تەبرئكلئدۇق. قېرئنداشلئرئمئزنئڭ خوشاللئغئغا ئورتاق بولۇپ، ھەپتئلەپ بئر-بئرئمئزدئن ئايرئلمئغان ئېدۇق. ھەقئقەتەنمۇ تارئخئي ئەھمئيئتى بەلەنت ژئللار. ئۇ ھەممئمئزنى رومانتئكئلئق ھئسسئياتلار قاينئمئغا ئالغان ئېدى. بۇ ژئللار بارلئق ئادەملەرنى ئۆزگەرتئۋەتكەن بولغاچقا، ئۇلارنئڭ كېلەچەككە بولغان ئئشەنچە-ئۈمۈتى ناھايئتى يۈكسەك ئېدى. روھئي قاناتلئنئپ، چوڭ ئئشلارغا تۇتۇش قئلغان ئېدۇق.
مئللئي مەدەنئيئتئمئزدئمۇ چوڭ ئۆزگئرئشلەر يۈز بېرئشكە باشلئدى. ھەرخئل تەشكئلاتلار پەيدا بولۇپ، كۆپلئگەن زئيالئلئرئمئز جەمئيەت، ئەل-خەلئق ۋە ياش دۆلەت تەرەققئياتى ئۈچۈن خئزمەت قئلئشقا كئرئشتى. مەدەنئيەت مەركەزلئرئنئڭ پاالئيئتئگە ئۇتتۇر ئارئلاشمئساقمۇ، ماددئي ياردئمئمئزنى ئايئمئدۇق. بۇ ئئشلاردا مەن تۇرغان بئلەن مەسلئھەتلئشەتتئم. ئۇ كئملەرگە ياردەم قولئنى سۇنۇش لازئملئغئنى ئېيتئپ بېرەتتى. بئز بئلئدئغان مئللئي مۇھئت ئەينە شۇنداق ئېدى. تۇرغانمۇ بۇ دولقۇنلاردا تاۋلئنئپ، ئئززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.
2003-ژئلى مئللئي مۇھئتئمئزدا زور ئەھمئيەتكە ئېگە ئۆزگئرئشلەر يۈز بەردى. مئللئي ماارئپئمئزغا بېغئشلانغان جۇمھۇرئيەتلئك ماارئپ ئەنجۇمانى ئۆتتى. ئۇنئڭغا كۆپلئگەن زئيالئلار قاتناشتۇق. ئەينە شۇ ئەنجۇماندئن كېيئن ئۇيغۇر تئلئدا بئلئم بېرئدئغان مەكتەپلەرگە ياردەم قئلئشنئڭ زۆرۈرلۈگئنى سەزدۇق. كۆپ ۋاقئت ئۆتمەيلا، تۇرغان بئزنئڭ ئۆيگە دئلمۇرات قۇزئېۋ، يولداش ئازاماتوۋ، ئابدۇرېشئت ئەلقەموۋ ئوخشاش بئر تۈركۈم زئيالئلارنى باشلاپ كەپتۇ. ئۇلار جۇمھۇرئيەتلئك ئۇيغۇر مەدەنئيەت مەركئزئنئڭ ئئشئنى قولغا ئېلئشنى تەۋسئيە قئلدى. بۇ زامان تەلئۋى ئېكەنلئگئنى تئنماي چۈشەندۈردى. راستئنى ئېيتسام، مەن تەييار ئەمەس ئېدئم، جەمئيەتلئك تەشكئلاتنئڭ رەئسى بولۇش مېنئڭ ئۈچۈن ئېغئر كەلدى. شۇ كۈنى ھەممئسى مېنى يان-ياقتئن قئستاۋالدى. خئجالەتچئلئكتە، نېمە قئلئشئمنى بئلمەي قالدئم. ئاغئنئلئرئم ۋەزئيەتنئڭ ئوڭغا يۈزلەنگەنلئگئنى سەزسە كېرەك، ئەتئمالئم، مېنى تېخئمۇ قاناتلاندۇرۇشقا تئرئشتى. بئر چاغدا مەن: «ماقۇل، رەئس بولسام بولاي، ئاغئنئلەر! ئەگەر بۇ ئئشنى تۇرغان ئېلئپ ماڭمئسا، ئۇ چاغدا كۆنەلمەيمەن. ئۇ خەلئق بئلەن ئئشلەشنى بئلئدۇ. پارتورگمۇ بولغان. ھاكئمئيەت بئلەن ھەمكارلئقنى ئورنئتئشنئمۇ بئلئدۇ. ئۇ ياق دېسە، مەنمۇ ياق»، دەپ قەتئي ئۈزۈۋەتتئم.
شۇنداق قئلئپ، 2003-ژئلى جۇمھۇرئيەتلئك ئۇيغۇر مەدەنئيەت مەركئزئنئڭ يېڭى تەسئس قۇرۇلتئيى ئېچئلدى. خەلئقمۇ ناھايئتى نۇرغۇن كەلدى. دەسلەپكى قېتئم مەن كۆپچئلئكنئڭ ھەقئقەتەنمۇ ئۇمۇميۈزلۈك ئئتتئپاقلئققا بولغان تەشنالئغئنى سەزگەن ئېدئم. بۇ ۋاقئەلەر ماڭا بەكمۇ تەسئر قئلدى. بۇ ژئغئندا تۇرغان مېنئڭ بئرئنچى ئورۇنباسارئم بولۇپ سايلاندى ۋە مەدەنئيەت مەركئزئنئڭ ئئجرائي مۇدئرى خئزمئتئنى ئۆز ئۈستئگە ئالدى. ئۇ ناھايئتى تەشەببۇسكارلئق بئلەن پاالئيەت ژۈرگۈزدى. ھېچقاچان ئۆزەمچئلئككە بارماتتى. بەزئلەر باشلئق بولۇپ قالسا، «دېگئنئم دېگەن، ئېيتقئنئم ئېيتقان» پرئنسئپئنئڭ قۇلى بولۇپ قالئدۇ. ئۇ تەبئئتئدئن سەرەمجان ئئنسان ئېدى. قالايمئقان ئئشلاردئن ئئچى پۇشاتتى. مەدەنئيەت مەركئزئنئڭ ئئشئنى تەرتئپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تالاي ژئللار كەتتى.
تۇرغان ئارئمئزدئكى خئيالپەرەس كئشئلەر بئلەنمۇ مۇناسئۋەت ئورناتتى. بەزئلئرى ئەمەلگە ئاشمايدئغان تەشەببۇسلار بئلەن مۇراجئەت قئلاتتى. قۇرۇق سۆز كۆپئيئپ كەتسئمۇ، ھېچكئمنى رەنجئتمئدى. گەپ ئامما-ئەپكارنى بئر چوڭ ئئجتئمائي-مەدەنئي يۆنئلئشكە بۇراش لازئم ئېدى. تۇرغان تەجرئبئلئك بولغاچقا، مەدەنئيەت مەركەزلئرئدە ھەرخئل شۆبئلەرنى تەشكئل قئلدى. كۆپلئگەن شەخسلەرنى ئۆزلئرى قئزئقئدئغان ۋە، ئەڭ مۇھئمى، بئرەر ئئشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدئغان ساھاغا تارتتى. قئزئق يېرى، بۇ پرئنسئپ تۈپەيلى شۆبە-بۆلۈملەر 10دئن ئېشئپ كەتكەن ئېدى. ئۇلارغا ئەزا بولغان كئشئلەرنئڭ سانى 30 – 40تئن ئالقئپ، ئۆز ئالدئغا مۇستەقئل ئئش ئېلئپ باردى. قازاقستاننئڭ بارلئق ۋئلايەتلئرئدە جۇمھۇرئيەتلئك ئۇيغۇر مەدەنئيەت مەركئزئنئڭ شۆبئلئرى قۇرۇلۇپ، رويخەتتئن ئۆتتى. ئۇلارمۇ قئزغئن پاالئيەتكە كئرئشتى. بەزى شۆبئلەر قازاقستان خەلقى ئاسسامبلېياسئنئڭ دئققئتئنى قوزغاپ، ھەرخئل گرانتلارنى ئۇتۇۋالدى. ئەينە، شۇنداق قئلئپ، پرېزئدېنتنئڭ ھەر ژئلى بېرئلگەن تاپشۇرمئسئغا مۇۋاپئق ياخشى ئئشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.
تۇرغان مەدەنئيەت مەركئزئدئكى كېڭەشلەرنئڭ ئئشئنى تەپسئلئي قاراپ چئقاتتى. ۋئلايەتلئك مەدەنئيەت مەركەزلئرى بئلەن زئچ مۇناسئۋەت ئورنئتئپ، ژئللئق بئرتۇتاش يېڭى لايئھە تەييارلاتتى. ئۇنى ماڭا ئېيتئپ بېرەتتى، مۇھاكئمە قئلاتتۇق. ھەممە لايئھئلەرنى باشقارما ئەزالئرى قاراپ چئقئپ، ئۇلارنئڭ ئئچئدئن ئەڭ ياخشئلئرئنى تاللاۋالاتتى.
ھەر ژئلى دېگئدەك بئز دۆلەت ۋە خەلئق ئالدئدا ھېساۋات بېرەتتۇق. تۇرغان ئەينە شۇنداق نەتئجئلەرگە يېتئشنى بئلەتتى. بۇ ئئشلار ناھايئتى مەزمۇنلۇق بولغاچقا، كۆپچئلئكمۇ رازى بولۇپ، قوللاپ-قۇۋەتلئدى. بئز، تۇرغان ئئككئمئز، ئۇيغۇرلار زئچ ئولتئراقلاشقان جايلارغا بئللە باراتتۇق، يوللاردا مۇڭدئشاتتۇق. ئۇ ماڭا ھەقئقئي زامانداش ۋە مەسلەكداش بولدى. تۇرغان ئئجتئمائي قاتلامنئڭ ئئچئگە قورقماي كئرەتتى. ۋئلايەت ھاكئمئيئتى بئلەن قويۇق مۇناسئۋئتى بار ئېدى.
بۇ ئئشلارنئڭ تارئخئي ئەھمئيئتى چوڭ ئېدى.
تۇرغان ئالئملار كېڭئشى بئلەن ھەمكارلئقتا كۆپلئگەن لايئھئلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئەينە شۇلارنئڭ بئرى – پور-باژئن. ئېسئڭلاردا باركى، پور-باژئن توغرئسئدا ئەخبارات تارقالغاندا، پۈتۈن خەلقئمئز تەۋرئنئپ كەتتى. ياشلئرئمئز ئويغاندى. بئز ھۆكۈمەت ۋە روسسئيا ئالئملئرى بئلەن بئرلئكتە چوڭ ئئلمئي ۋە ئەمەلئي چارە-تەدبئرلەرنى ئۆتكۈزدۇق. مئللئي ماارئپ بويئچە چوڭ ئئشلار قئلئندى. جۇمھۇرئيەتلئك ئەنجۇمانلار ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، مئللئي مەكتەپلەر تەغدئرئگە ئائت كۆپلئگەن چارە-تەدبئرلەر ئۆتكۈزۈلدى. سپورت كېڭئشئنئڭ ئئشلئرئمۇ جانلاندى. رەسساملار كېڭئشئنئڭ يەتكەن ئۇتۇقلئرى ئاز بولمئدى. قئلغان ئئشلئرئمئزنئڭ يەكۈنى مەتبۇاتتا ئېلان قئلئنئپ تۇردى. ئۇمۇمەن، تېاتر، ئۇيغۇرشۇناسلئق مەركئزى، «ۇيغۇر ئاۋازئ» گېزئتى، قازاقستان يازغۇچئلار ئئتتئپاقى، مئللئي نەشرئياتلار چوڭ ئئشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئورالدا، چارئندا، پاۋلوداردا سۇ تاشقئنى يۈز بەرگەندە، تۇرغان كۆپلئگەن زئيالئلئرئمئزنى شۇ يەرلەرگە ئاپارغان ئېدى. خەلقئمئز ماددئي ياردئمئنى ئايئمئدى. قازاق قېرئنداشلئرئمئز بەكمۇ خۇرسەن بولدى. بۇ پاالئيەتلەرگە ۋە تۇرغاننئڭ خوشاللئغئغا قوشۇلۇپ، مەنمۇ ناھايئتى رازى بولغان ئېدئم. بۇ ئئشلئرئمئز قازاقستان خەلقى ئاسسامبلېياسى تەرئپئدئنمۇ ژۇقۇرى باھالاندى.
تۇرغان بئلەن ئئشلئگەن ژئللار ناھايئتى ئۈنۈملۈك بولدى، دەپ ئويلايمەن. ئۇ قانداقلا ئئشنى قولغا ئالسا، ئۇنى سۆزسئز ئاخئرئغا يەتكۈزەتتى. ئاخئرقى ھېساپتا، تۇرغان ئۆزئنئڭ سەمئمئي ئەمگئگى تۈپەيلى، خەلئقنئڭ ھۆرمئتئگە ئېرئشتى. راستئنى ئېيتقاندا، بەزى كېڭەشلەر بئلەن شۆبئلەردە ئۇشتۇمتۇت تالاش-تارتئشلار پەيدا بولۇپ، باش-ئايئغى چئقمايدئغان ھەرخئل مۇرەككەپ مۇنازئرئلەر ئوۋج ئالاتتى. بەزئلئرى ئۆز مەۋقەسئدئن قايتماتتى. بۇنى توغرا يۆنئلئشكە بۇراش – ئوڭاي ئئش ئەمەس. تۇرغان ھەر ئئككئلا تەرەپنى تئڭشاپ، خۇلاسە چئقئراتتى. ئۇنئڭ مەۋقەسى بئلەن ھېساپلئشئپ، مەن مەسئلئنى ئۈزۈل-كېسئل بئرتەرەپ قئلئۋېتەتتئم. بەزى چاغلاردا ئۆزئمئزمۇ خاتالاشقان پەيتلەر بولدئ… بۇ ئئشلار بەزئلئرئگە يېنئك بئلئنگئنى بئلەن، ئەمەلئياتتا مۇرەككەپ ئېدى. ئادەملەرنى باشقۇرۇش ئوڭاي ئەمەس، ئەلۋەتتە. تالاي رەنجئشلەرگە، تالاي كۆڭۈل ئاغرئغئغا دۇچار بولۇپ تۇردۇق. ئامما كارۋان ئۆز يولئدا ماڭئۋەردى. بئز دۆلەت مئقئياسئدئكى چارە-تەدبئرلەرگئمۇ ھەرتەرەپلئمە تەييارلئقلار بئلەن قاتنئشئپ كەلدۇق. خەلئقنئڭ روھئي كەيپئياتئنى كۆرۈپ، ھارغانلئغئنئمۇ تۇيمئغان ئېكەن. مئللەت ئئشئنى قئلئمەن دەپ، تۇرغان ئۆزئنئڭ سالامەتلئگئنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. ئۇنئڭ ژۈرئگئنى ئوپېراسئيا قئلدى. ئۇ ناھايئتى ئېغئر دەملەرنى باشتئن كەچۈردى. ئۇمۇمەن، تۇرغان ئئمئروغلى دۆلەت ئۈچۈنمۇ ۋە خەلئق ئۈچۈنمۇ زور ئئشلارنى قئلدى، مئللئي مەدەنئيئتئمئزنئڭ تەرەققئياتئغا بېباھا ئۈلۈشئنى قوشتى.
مەن تۇرغاننئڭ ئۆي ئئچئدئمۇ سەرەمجان ئېكەنلئگئنى كۆرگەن. رەپئقئسى ھاۋاگۈلگە، ئئككى پەرزەندئگە ۋە ئۇرۇق-تۇققانلئرئغا ناھايئتى سئلئق-سئپايە ۋە مەدەنئيەتلئك بئلەن مۇراجئەت قئلاتتى. ئايالئم كلارا ئئككئمئز ئۇلارنئڭ ئۆيئگە كەلگەندە، تۇرغان بئلەن ھاۋاگۈل ناھايئتى ئئللئق قارشى ئالاتتى. ئئككئمئز ئۇزاق مۇڭدئشاتتۇق. نۇرغۇنلئغان مەسئلئلەرنى مۇھاكئمە قئلاتتۇق. بئزنئڭ دەم ئېلئش پرئنسئپلئرئمئزمۇ ئالاھئدە ئېدى. قئسقا مۇددەتلئك دەم ئېلئشنى ياركەنت تەۋەسئدئن باشلاتتۇق. ياركەنت شەھئرى ھەم تۇرغان، ھەم مەن ئۈچۈن بەك يېقئملئق ئېدى. گۆزەل تەۋە، تاغلئرى ئېگئز، باغلئرى گۈللەرگە تولغان. تۇرغان ئئككئمئز دوستلار بئلەن ئاتا-بوۋئمئزنى دوراپ، ئوغا چئقاتتۇق، قئرغاۋۇل، بۆدۈنئلەرنى ئېتئۋالاتتۇق. ئئلئغا چۈشۈپ، بېلئق تۇتاتتۇق. ياركەنتتە ياشلئغئمئز ئۆتكەچكە، دوستلئرئمئزنى ئەسلەتتۇق. مۇەللئم ۋە ئۇستازلئرئمئزدئن ھال سوراپ، ئۇلارنى يوقلاپ كېلەتتۇق. نېمئشكئدۇ، پات-پات بېرئپ تۇرمئساق، كۆڭلئمئزنئڭ بئر يېرى كامدەكلا قئلئپ تۇراتتى. ئۇنئڭ ئۈستئگە ئاتا-بوۋئلئرئمئزنئڭ، خەلئق نامايەندئلئرئنئڭ ۋە بئز بئلئدئغان ۋە ئارئلاشقان كئشئلەرنئڭ قەبرى بار ئېدى. تۇپراقلئققا چئقئپ، دۇا-تەگبئر ئوقۇتۇپ قايتاتتۇق. قئسقئسى، دوست-بۇرادەرلەرنئڭ كۆپى شۇ جانئجان ياركەنتتە. بەزى ۋاقئتلاردا تۇرغان باشقارما ئەزالئرئنى تەشكئللەپ، چارئن كانونئغا، ئېرەن چاتقاللئغئغا ئاپئراتتى. ئۇ يەردئمۇ كۆڭۈللۈك دەم ئالاتتۇق. تۇرغان ھەرقاچان ئويۇن-تاماشئمئزنى قئزئتئۋېتەتتى. سەمئمئي كۈلكئسى بئلەن ئۆزئگە جەلئپ قئلئۋالاتتى. ئۇ ھەممئمئزنئڭ ئئچئگە ئوت قويۇۋېتەتتى. تاماشئمئز قئزئغان پەيتلەردە، ئەرئكسئز ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كېتەتتۇق. تۇرغان زئلۋا ئاۋازى بئلەن ناخشا ئېيتقاندا، ھەممئمئز ھەيران قالاتتۇق. رۇسچە، قازاقچە ۋە ئۇيغۇرچە ناخشئلارنى بابئغا يەتكۈزۈپ ئېيتاتتى. ئۇ بارماقلئرئنى بئر-بئرئگە ئۇرۇشتۇرۇپ، ھەرخئل ئاۋازلارنى چئقئرالاتتى. ئاياللارغا قوشۇلۇپ ناخشا ئېيتاتتى. ئۇ ئۇيغۇرنئڭ ئۇسسۇلئنى ئەجايئپ چئرايلئق ئويناتتى. ئۇنئڭ بۆلەكچە تالانتى بار ئېدى. ھەرخئل ۋاقئەلەرنى ئېيتئپ بېرەتتى. ئاي-دالالاردا دەستئخان يېيئپ، ئۆيدئن ئېلئپ كەلگەن يېمەك-ئئچمەكلئكلەردئن ئېغئز تەككەندە، ئۇلارنئڭ تەمى بئزگە تامامەن باشقئچە تۇيۇلاتتى. تونۇر نېنئنئڭ پۇرئغى بۆلەكچە ئېدى. كۈنلئرئمئز ئەينە شۇنداق خۇشخوي ئۆتەتتى. بئللە مەشرەپ ئويناپ، تېخئمۇ ئئچەكئشئپ كېتئپتئمئز.
تۇرغان ماڭا ھەقئقئي مەنادا سۆھبەتداش، مۇڭداش-سئرداش بولدى. پئكئرلئرئمئز ھەرخئل بولۇپ قالغان چاغلاردا، ئەرلئك ۋئژدان-نومۇس چېگارئسئنى ھېچقاچان ئاتلئمئغان. بئزنئڭ ئەينە شۇنداق بئر-بئرئنئڭ قەدرئنى بئلئدئغان ئەۋلات ۋەكئللئرئدئن ئېدۇق. تۇرغان شۇنداق قايناق ھايات ئئلكئدە ياشئغان. ئۇ خەلئققە ناھايئتى يېقئن بولغان. ئۇمۇمەن، بئز، تۇرغان ئئككئمئز، ئادەملەرنئڭ كۆزقاراشلئرئنى ئۆزگەرتئشكە مۇۋاپپەق بولالئدۇق.
ۋاقئت ئۆتۈپ، ئۇ ئۆز ئالدئغا «ئنايەت» بئرلەشمئسئنى تئكلئدى. بۇ يەردئمۇ ئۇنئڭ ئئشبئلەرمەنلئگى ئېنئق بايقالدى. مەزكۈر تەشكئلاتنئڭ ئابروي-شەنئنى كۆتەردى. بولۇپمۇ ئۇنئڭ خەيرئخاھلئق ئئش-پاالئيەتلئرى دئققەتكە سازاۋەر. ئۇلارنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇ.
تۇرغان ئەينە شۇنداق جوشقۇن پاالئيەت ئېلئپ بېرئۋاتقان پەيتئدە تۇيۇقسئز ۋاپات بولدى. ھايات بولغئنئدا بۇ كۈنلەردە قۇتلۇق 70 ياشلئق تەۋەللۇدئنى قارشى ئالاتتى. ئەپسۇس، قارام ئەجەل ئۇنى ئارئمئزدئن ئەتئگەن ئېلئپ كەتتى. پۈتكۈل ئانلئق ئۆمرئنى ئېلى بئلەن خەلقئگە خئزمەت قئلئشقا بېغئشلئغان تۇرغان مېنئڭ خاتئرەمدە ئەينە شۇنداق ساقلئنئپ قالدى.

ئەخمەتجان شاردئنوۋ

© Уйғур авази