Diyanet sahibi-UEY

دىيانەت ساھىبى

 

( تونۇلغان تىجارەتچى، مېسېنات دىلمۇرات كۇزىئېۋ — 70 ياشتا)

 

ئەسلىدە بىرەر شەخس ھەققىدە ئەتراپلىق ماقالە يېزىش ناھايىتى قىيىن. چۈنكى ئادەمنى ئىدېئاللاشتۇرۇش ياكى ماختاش-مەدھىيىنى سەل ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدىغان بولسا، ئوقۇرمەننىمۇ بېزار قىلىپ قويۇش ئېھتىمالى بار. بۇ دۇنىيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ. ھەممىمىز ياراتقۇچى ئالدىدىكى بەندىلەر بولغانلىقتىن، ھاياتتا ئۆتكۈزگەن خاتالىغىمىزنىڭمۇ، كامچىلىغىمىزنىڭمۇ، بىر-بىرىمىزگە ئوخشىمايدىغان پەرىق ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنىڭمۇ بولۇشى تەبىئىي. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىنسانغا بىرتەرەپلىمە باھا بېرىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
بۈگۈنكى سۆز قوزغىماقچى بولۇۋاتقان شەخس ماختاشقا لايىق بولسىمۇ، ھەرگىز مەدھىيىگە مۇھتاج ئەمەس. ئۇنىڭ ھەققىدە كۆپلىگەن ئەتراپلىق ماقالىلار يېزىلدى، ھايات يولىنى، ئەمگەك پائالىيىتىنى ئۆز دائىرىسىگە ئالىدىغان كۆلەملىك كىتاپمۇ نەشىر قىلىندى. مېنىڭچە، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆڭۈل سۆزلىرى يېتەرلىك دەرىجىدە ئېيتىلغان بولسىمۇ، بۇ ماقالەم ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ بىر قايتىلانماس مۇنەۋۋەر پەرزەندى ھەققىدە پىكىرلىرىمنى ئېيتىپ ئۆتۈشنى نىيەت قىلدىم.
سەكسەننىڭ پەللىسىگە يېقىنلىشىپ قالغان ھاياتىمدا مەلۇم تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئېگە ئىنسان رېتىدە ھەم يولۇمنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشلەپچىقىرىش )    يېنىك سانائەت( ساھاسىغا بېغىشلاپ، كېيىنىرەك جەمىيەتلىك ئىشلارغا پائال ئارىلاشقان شەخس بولۇش سۈپىتىم بىلەن تونۇلغان تىجارەتچى، مېسېنات دىلمۇرات پىرمۇھەممەت ھاجىم ئوغلى كۇزىئېۋنىڭ بويىدا مەن ئۈچ بۈيۈك خىسلەتنى كۆردۈم.
بىرىنچىسى – ئۇنىڭ ياراتقۇچىغا بولغان ئېتىقاتى، ئىككىنچىسى – ئاتا-ئانىسىغا بولغان چەكسىز سۆيگۈ-مۇھەببىتى، ئۈچىنچىسى – خەلقىگە بولغان ساداقىتى. ئەلۋەتتە، بۇلارنى ئاللاغا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئىسلام دىنىدىكى پەرىزلەرنى ئادا قىلىشقا ئىنتىلغان مۆمۈن-مۇسۇلماننىڭ ۋۇجۇدىدا بولۇشقا تېگىش خىسلەتلەر دەپ بىلسەكمۇ، ئۇنى ئەمەلىياتى بىلەن دەلىللىگەنلەرنىڭ بىرى – دىلمۇرات كۇزىئېۋ. پەيغەمبىرىمىز بۇ توغرىلىق مۇنداق دېگەن: «ئاللا تائالا سىلەرنىڭ تەققى-تۇرقۇڭلارغا، تۈر-شەكلىڭلارغا قارىمايدۇ، سىلەرنىڭ دىلىڭلارغا، ئاماللىرىڭلارغا (ئەمەلىي ئىشىڭلارغا) قارايدۇ». ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ يېڭىشەر يېزىسىدىكى مېچىتلارنىڭ قەد كۆتىرىشىدە، جاي-جايلاردىكى ئونلىغان مېچىت بېنالىرىنىڭ تولۇق جۆندەش ئىشلىرىنى ژۈرگۈزۈشتە دىلمۇراتنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنى خەلقىمىز ياخشى بىلىدۇ.
مېچىت – ئاللانىڭ ئۆيى. ئادەم بالىسىنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن تەرەققىي ئېتىشى بىلەن بەندىنىڭ بويىغا ئادەمگەرچىلىك خىسلەتلەرنى سىڭدۈرۈشتە مېچىتنىڭ ئورنى ھەرقاچان ئالاھىدە. قازاقستان مۇستەقىللىككە ئېرىشكەندىن كېيىن مېچىتلار قۇلچىلىقنىڭلا ئوردىسى بولۇپ قالماي، جەمىيەتلىك رازىمەنلىكنىڭ، بىرلىك بىلەن خەيرىخاھلىقنىڭ ئوچىغىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇرپى-ئادەتلىرىمىزنىڭ، دىنىي يېڭىلىقلىرىمىزنىڭ، ئىنسانىيلىقنىڭ قۇتلۇق دەرگاھىغا ئايلاندى.
قەغەزدە يېزىلىشى ھەم ئېغىزدا ئېيتىلىشى ئوڭاي بولغىنى بىلەن، ئەمەلىياتتا قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ساپالىق ژۈرگۈزۈشنىڭ قانچىلىك كۈچ-قۇۋەت ۋە ئىرادىنى تەلەپ قىلىدىغانلىغىنى مەن ياخشى چۈشىنىمەن. پىكرىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆزەم گۇۋا بولغان بىر ۋاقىئەنى ئېيتىپ كېتەي.
چېلەك يېزىسىدىكى مېچىت ئىمارىتىنى جامائەتچىلىكنىڭ زامانىۋىي ئىبادەت ئوردىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىشلىرىنى دىلمۇرات ئۆز زىممىسىگە ئالغان ئېكەن. ئەتراپىنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا ئۆز ئۈلۈشۈمنى قوشۇش نىيىتىدە شىركىتىمدىكى بەش-ئالتە ئىشچى بىلەن ئارچا، تۇيا ۋە گۈل كۆچەتلىرى بېسىلغان ژۈك ماشىنىسىدا مېچىت ھويلىسىغا كىرىپ كەلسەك، دىلمۇرات قولىغا كەتمەن تۇتۇپ، قىزغىن ئىشقا كىرىشىپ كېتىپتۇ. سائاتىمغا قارىسام، تېخى ئەتىگەنلىك سەككىز بولماپتۇ. ئالدىمىزغا دەسلەپ ئۇچراشقان ژىگىتتىن «دىلمۇرات قاچان كەلدى؟» دەپ سورىسام، «ئاكا، دىلمۇرات ئاكام بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا، تاڭ سەھەردە كەلگەن، تېخىلا باش كۆتەرمەي ئىشلەۋاتىدۇ. چوڭ بىر زاۋودنىڭ باشلىغى بولغاندىن كېيىن بىز ئۇنى بۇيرۇق قىلىپلا ژۈرىدىغان ئادەممىكىن  دەپ ئويلىۋېدۇق. ھەرقانداق جىسمانىي مېھنەتتىن قاچمايدىغان، ئۆزىمۇ تىنىم تاپمايدىغان، باشقىلاردىنمۇ ساپالىق ئەمگەكنى تەلەپ قىلىپ، تىنىم تاپقۇزمايدىغان كىشى ئېكەن» دېگەن جاۋاپنى ئاڭلىدىم. ھەقىقەتەنمۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقىچە، دىلمۇراتنىڭ قولىدىن گۈجەك، كەتمەن چۈشمىدى. ئۇنىڭ مېھنەتكەشلىگىگە قايىل بولدۇم.
پەيغەمبەرىمىزنىڭ  ھەدىسلىرىنىڭ بىرىدە «كىم يەر بېتىدە ئاللانىڭ ئۆيىنى سېلىشقا كۈچ چىقارسا، ئاللا تائالا ئۇنىڭغا جەننەتتىن ئورۇن تەييارلايدۇ» دەپ ئېيتىلسا، خاسىيەتلىك قۇرئان كەرىمدە «ئاللانىڭ مېچىتلىرىنى ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە چىن ئىشەنگەن، نامازنى تولۇق ئورۇنلىغان، زاكات بەرگەن، ئاللادىنلا قورققان كىشىلەر كۆركەيتىدۇ» دېيىلگەن. ئەلۋەتتە، مەن تەكىتلىمەكچى بولغان سوۋاپلىق پائالىيەتلەر بەندىنىڭ ماختاش-مەدھىيىسى ئۈچۈن ئەمەس، ئاللانىڭ رازىلىغىغا ئېرىشىش يولىدا ئاشۇرۇلغانلىغى ھەممىمىزگە ئايان.
دىلمۇراتنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى ھەققىدە گېپىمنى داۋام قىلاي. پۈتۈن كائىناتتا سانسىز موجۇداتلارنى ياراتقان قۇدرەتلىك ئاللانىڭ ئەمىر-مەرۈپلىرىنى تەرغىپ قىلىدىغان ھەم ئادىل ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇقەددەس كىتاپ — «قۇرئان كەرىم» كىتاۋىنىڭ دىنىي ئۆلىما مۇھەممەت سالىھ تەرجىمىسىدىكى نۇسخىسىنى كىرىلل يېزىغىدا نەشىر قىلدى. دىنىي ئۆلىما مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ «قۇرئان كەرىمنى» ئىزاھلايدىغان «تەپسىر جەۋھەرلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان 9 توملۇق كىتاۋىنىمۇ ئۆز مەبلىغى ھېساۋىغا چىقاردى. مۇھىمى، ھەر ئىككى كىتاپ مۇسۇلمان بەندىلەرگە ھەقسىز تارقىتىلدى. مەن بۇ يەردە دىلمۇراتنىڭ ياردىمى بىلەن نەشىر قىلىنغان دىنىمىزغا ئائىت كىتاپلارنىلا مىسالغا كەلتۈردۈم. مېنىڭچە، ژۈرىگى ئاللا دەپ سوقىدىغان، ئاللا دېگەندە ئۆزگە ئىشنى قايرىپ قويىدىغان، ئاللا بۇيرىغان ناماز، زاكات ئوخشاش قۇلچىلىقلارنى ئالاھىدە جاۋاپكەرلىك ۋە تەۋرىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ھەم بۇ ئۆمۈردە قىلغان ئىزگۈ ئاماللىرى ئارقىلىق مەھسۇلدار مەڭگۈلۈك ئۆمۈرگە ئېرىشىشكە بولىدىغانلىغىنى چۈشەنگەن جانلا موشۇنداق سوۋاپلىق ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. قۇرئاندا «ئاللا تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق ئېكەنلىگىنى پەقەت ئېغىزىڭدىلا ئېيتىپ قويمىغىن، ئۇنى بىلگىن. ئەندى بىلىش ئۈچۈن ئوقۇش ۋە بىلىم كېرەك» دەپ ئېيتىلغان ئەمەسمۇ!
بىلىمنىڭ ناھايىتى چوڭ كۈچ ئېكەنلىگىنى ياخشى چۈشەنگەن دىلمۇرات مائارىپ ساھاسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بالىلار باغچىلىرى بىلەن مەكتەپ بېنالىرىدا ئۆز مەبلىغى ھېساۋىغا تولۇق جۆندەش ئىشلىرىنى ژۈرگۈزگەن ۋاقىتلارمۇ بولدى. ھەتتا چونجىدىكى بىر بېنانى سېتىۋېلىپ، ئۇنى مەكتەپ ئۈچۈن بېرىۋەتكىنىنى گېزىت بېتىدىن ئوقۇغان ئېدىم. ماددىي تەمىناتى تۆۋەن ئائىلىلەردىن چىققان قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي بىلىم دەرگاھلىرىدا تەھسىل كۆرۈشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن ئون نەچچە ژىل ئىلگىرى ژىگىرمىگە يېقىن ئوقۇغۇچىغا ئانىسى شەرەپەتخان ھاجىم نامىدا ستىپېندىيا بەلگۈلىگەنلىگىنى، تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بىلىمگە ئىنتىلغان ياشلىرىمىزنىڭ مەزكۈر ستىپېندىيا ساھىبلىرى بولۇۋاتقانلىغىدىن خەۋەردارمەن.
يەنە بىر ھەدىستە «ئۈچ دۇئا مىننەتلىك رەۋىشتە قوبۇل قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدا شەك-شۈبھە يوق: زۇلۇمغا ئۇچرىغاننىڭ دۇئاسى، يولۇۋچىنىڭ دۇئاسى، ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا دۇئاسى» دېگەن نەقىل بار. مېنىڭ نەزەرىمدە دىلمۇرات ئاتىسى پىرمۇھەممەت ھاجىمنىڭ، ئانىسى شەرەپەتخان ھاجىمنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئوغلان. ھەرقانداق پەرزەنت ئۈچۈن ئاتا-ئانا ھايات ۋاقتىدا خىزمىتىدە بولۇپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، ئۈمۈتىنى ئاقلاشتەك بەخىت-سائادەت بولمىسا كېرەك. ئاتىسى پىرمۇھەممەت ھاجىم «ئاتىسىنىڭلا ئوغلى ئەمەس، خەلقىنىڭ ئوغلى بولغان» دىلمۇراتتىن رازى بولۇپ دۇنىيادىن ئۆتتى. دىلمۇرات ئاتىسىنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ھەرخىل چارە-تەدبىرلەرنى تۇراقلىق ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. ئانىسى شەرەپەتخان ھاجىمنى ئۆزى ئۆتكۈزگەن ھەم قاتناشقان خەيرىخاھلىق پائالىيەتلەرگە ئېلىپ باراتتى، تىلەك ئېيتقۇزاتتى، پايدىلىنىشقا بېرىلگەن ئىمارەتلەرنىڭ رەمزلىك لېنتىسىنى قىيدۇراتتى. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا لاۋازىملىق خىزمەتلەرنى ئاتقۇرغان نې-نې ئەمەلدارلارمۇ ئۇيغۇر ژىگىتىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن ئېتىقاتىغا ھەۋەس قىلاتتى. مەتبۇئات بەتلىرىدە ئاتا-ئانىسى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلار يېزىلدى. شۇ چاغدا ئارىمىزدا «دىلمۇرات كۇزىئېۋنىڭلا ئاتا-ئانىسى بارمۇ؟» دەپ قىزغىنىش ئىلكىدە قارايدىغانلارمۇ چىقاتتى. «ئاتا-ئانىغا بولغان ھۆرمەتنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىۋاتقان دىلمۇرات كۇزىئېۋتىن ئاتا-ئانىغا بولغان مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىگىنى ئۈگەنسەك بولىدۇ» دەپ شۇنداق ھەسەت ئىلكىدە قارىغانلارنىڭ بىرىگە رەددىيە بەرگىنىم يادىمدا. ئون بالىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشقان ئاتا-ئانىسىغا كىچىگىدىنلا قول-قانات بولۇپ ئۆسكەن دىلمۇراتنىڭ ئۆزى ھەققىدە يېزىلغان كىتاپتىكى مونۇ بىر سۆزلىرى مېنى تەۋرەندۈردى: «… – ئاھ، ياراتقان ئېگەم، – دەتتىم مەن قولۇمنى بولۇشىچە ئېگىز كۆتىرىپ، چۈنكى قولۇڭنى قانچە ئېگىز كۆتەرسەڭ، ئاللا شۇنچە چاپسان ئاڭلايدۇ دەپ ئىشىنەتتىم. – ئاھ، ئاللا مېنى چاپسانىراق چوڭ قىلغىنە. سەن ھەممىگە قادىرغۇ! مەكتەپنى ئەلا باھالار بىلەن تاماملاپ، ئىنستىتۇتقا چۈشسەم، ئۇنى تۈگىتىپ، ئىشلەپ، كۆپ ئاخچا تېپىپ، ئاتا-ئانامغا ياردەم قىلسام، ئۇلارنى ئېغىر ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرسام دەيمەن، ئو ئاللا! ھازىر ئويلىسام، مەن ئاللادىن ئۆزەمگە ھېچنېمە سورىمىغىنىمغا ھەيرانمەن. ياق، ئاللادىن ئۆزەم ئۈچۈن ھېچنەرسە سورىمىدىم، ھەربىر بالىنىڭ ئارمىنى بولغان ۋېلوسىپېدنىمۇ، تېيىلىپ ئويناش ئۈچۈن كونكىنىمۇ سورىمىدىم، پەقەت پاتىراق چوڭ بولۇپ، ئاپامغا، دادامغا ياردەم قىلىشنى ئارمان قىلدىم، خالاس! «بالىلارنىڭ ۋە سەكسەن ياشلىق قېرىلارنىڭ تىلىگىنى ئاللا يەردە قويمايدۇ»، دەپ بېكار ئېيتمىغان ئېكەن. مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ئاللاغا مىڭ قاتلىق شۈكرى. ئۇ مېنىڭ ئارمىنىمنى ئورۇنلىدى. دادام پېنسىياگە چىقىپ، بىر كۈنمۇ ئىشلىمەي، دەم ئالدى. ئاپاممۇ شۇ. ئاتا-ئانىمىز ھېچنەرسىدىن قىسىلماسلىغى ئۈچۈن بىز، بالىلىرى، ھەممىنى قىلدۇق. ئەلۋەتتە، ھەرقانداق قىممەت سوغا، كۆرسەتكەن ھەرقانداق قەھرىمانلىق ئاتا-ئاناڭنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىنىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسىغىمۇ تېتىمايدۇ. لېكىن ئەگەر ئاللا تائالا ماڭا دۇنىيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئادەملەر – ئاتا-ئانامغا ژۈرىگىمدە غەمخورلۇق قىلالىغان بولسام، شۇنىڭغا ئاللا يار بولغان بولسا، دېمەك، مەن بۇ دۇنىياغا بېكار كەلمەپتىمەن، دەپ ئويلايمەن…».
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-ژىللىرىنىڭ ئاخىرىدا دىلمۇرات كۇزىئېۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئېگىلىگى خادىملىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئاسسوسىئاسىياسى رەسمىي پائالىيىتىنى باشلىدى. يادىمدا، كولخوز-سوۋخوزلار تارقاپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان دېخان ئېگىلىكلىرى بازار ئىختىسادىنىڭ شەپقەتسىز خىرىسلىرىغا دۇچ كەلگەن ئېدى. يېزا تۇرغۇنلىرى يەرگە ئىشلەش ئۈچۈن يېزا ئېگىلىگى تېخنىكىسى، يېقىلغۇ ھەم مەبلەغدىن قىينالسا، ئالغان مەھسۇلاتىنى ئۆتكۈزۈشتىمۇ ئۇلارنى كۆپلىگەن مەسىلىلەر بېئارام قىلاتتى. مانا شۇ چاغدا دىلمۇرات كۇزىئېۋ رەھبەرلىگىدىكى مەزكۈر ئاسسوسىئاسىيا ياردەمگە كەلگەن ئېدى. ئۇ بازار ئىختىسادىنىڭ قىر-سىرلىرىغا چۆكۈپ ئۈلگەرمىگەن ئەمگەك ئادەملىرىگە تىجارىتىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈش ئۈچۈن ماددىي ھەم مەنىۋىي جەھەتتىن يار-يۆلەك بولدى.
2000-ژىللارنىڭ بېشىدا مەزكۈر ئاسسوسىئاسىيا تەركىۋىدە مېسېناتلار كلۇبى تەشكىللىنىپ، «ئىلھام» مۇكاپىتى تەسىس قىلىندى. «ئىلىم-پەن»، «ئەدەبىيات»، «مائارىپ»، «تەسۋىرىي سەنئەت»، «سپورت»، «مۇزىكا»، «تېئاتر»، «تېچلىقنى، خەلىقلەر ۋە دىنلارارا رازىمەنلىكنى مۇستەھكەملەشكە قوشقان چوڭ ھەسسىسى ئۈچۈن» قاتارلىق نومىناسىيالەر بويىچە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇن ئالغانلارغا «ئىلھام» مۇكاپىتى ئون ئىككى ژىل ماباينىدا تاپشۇرۇلۇپ كەلدى. بۇ خېلىلا نۇرغۇن مەبلەغنى ھەم تىنىمسىز ئەمگەكنى تەلەپ قىلىدىغان لاھىيە ئېدى. ھازىر شۇ مېھنەتنى ئوي-تارازىسىغا سالسام، بۇ ئالدىغا قويغان مەخسىتىگە يەتكىچە تىنىم تاپماي ھەرىكەت قىلىدىغان دىلمۇراتتەك ئىرادىلىك ئىنساننىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئېكەن. «ئىلھام» مۇكاپىتى خەلقىمىزنىڭ مائارىپىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى، ئىلىم-پەن ساھاسىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈشتە ئەجايىپ چوڭ رول ئاتقۇردى، ئىجادىي زىيالىلىلىرىمىزغا مەنىۋىي مەدەت بەرگەن ئىلھام مەنبەسى بولۇپ قالدى. مەزكۈر مۇكاپاتقا ئون ئىككى ژىلنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك  ساھالاردا مېۋىلىك ئەمگىگى بىلەن ئۇتۇق قازانغان ھەرخىل مىللەت ۋەكىللىرى تەغدىرلەندى. ئۇمۇمەن مۇكاپات ئېگىلىرىنىڭ سانى يەتمىشتىن ئېشىپ كەتتى. ئاچچىق بولسىمۇ، بىر ھەقىقەتنى تەن ئېلىشىمىز كېرەك، بىزدە پۇل تاپقانلار يوق ئەمەس. ئامما ھېچقايسىمىز «ئىلھام» مۇكاپىتىدەك لايىھىنى روياپقا چىقىرالمىدۇق.
خەيرىخاھلىق ساھىبى دىلمۇراتنىڭ قىلغان ئىزگۈ پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى، باشتا قەيت قىلغىنىمدەك، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ياراتقۇچىغا، ئاتا-ئانىسىغا، خەلقىگە بولغان ئېتىقاتى، مېھىر-مۇھەببىتى ھەم ساداقىتىنىڭ يارقىن كۆرۈنۈشىدۇر. دىلمۇرات – ھايات قاينىمىدا تاۋلانغان خەلقىمىزنىڭ يارقىن ۋەكىلى. ئۇنىڭ مۈجەزىدىكى كەسكىنلىكنى، توغراكېسەرلىگىنى چۈشەنمەي قالىدىغانلارمۇ بولۇشى ئېھتىمال. ئامما ژۈرىگى تازا، دىلى پاك، تەبىئىتى قۇۋلۇق-شۇملۇق، ياسالمىلىق، ساختىلىقتىن خالى ئىنسان. ۋۇجۇدىدا جاسۇرلۇق، قورقۇمسىزلىق ھەم باشلىغان ئىشىنى ئاخىرىغىچە يەتكۈزۈش خىسلىتى بىلەن دۇچ كەلگەن ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ چىقىدىغان كۈرەشچان روھى بار. ئايرىم شەخسلەر ئۆز ساھاسىدا غايەت چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشكىنى بىلەن، خەلقىگە نەپ بېرەلمەي قالىدۇ. دىلمۇرات ئۆز كەسپىنىڭ ماھىرى بولۇشى بىلەن بىللە خەلقىگە پايدا كەلتۈردى.
قولىدىن كېلىشىچە خەلقىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان دىلمۇرات پىرمۇھەممەت ھاجىم ئوغلى قۇزىئېۋ بىيىل ھاياتىنىڭ يەتمىشىنچى پەللىسىگە قەدەم تاشلاش ھارپىسىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا دۇنىيادىكى بارچە ئىزگۈ تىلەكلەرنى تىلەپ، مېنىڭدە مۇنداق پىكىر پەيدا بولدى. ئالاش ئەرباپلىرىنىڭ بىرى: «ئوغلۇم» دەيدىغان خەلقىڭ بولمىسا، «خەلقىم» دەيدىغان ئوغلۇڭ نەدىن بولسۇن؟» دېگەن ئېكەن. پۈتكۈل ھاياتى «خەلقىم» دەپ ئۆتۈۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندىنىڭ تەۋەللۇدى خەلقىمىز ئارىسىدا ئاممىۋىي رەۋىشتە نىشانلىنىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت-ئېھتىرام كۆرسىتىلسە، نۇر ئۈستىگە نۇر بولار ئېدى. چۈنكى ئۇنىڭ مىللىي تېئاترىمىزدىن باشلاپ ھەممە ساھالارغا بېمىننەت كۆرسەتكەن ياردىمى بار ئېكەنلىگىگە كۆز ژۇمالمايمىز.

 

ۋاققاس مەمەدىنوۋ