بىر سىقىم توپا

بىر سىقىم توپا

توپراقنىڭ ھىدى

1959-ژىل. 7-ئىيۇن. ئىككى دۆلەتنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئىككى چېگارا سىزىغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «بېتەرەپ زونا» دەپ ئاتىلىدىغان مەيدان ئەتىگەندىن باشلاپ ماشىنىلارنىڭ گۈكىرىگەن ئاۋازىغا تولغان. ژۈك ماشىنىلىرىنىڭ بىرىدە ئولتارغان ھەرخىل ياشتىكى بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن 13 ياشلاردىكى بىر بالا ماشىنىدىن چەبدەسلىك بىلەن سەكرەپ چۈشتىدە، بىراز يەرگە بېرىپ، يەرگە باغرىنى ياقتى.
– ھوي، مونۇ بالا نېمە قىلىۋاتىدۇ؟
– بۇ بالا بىزگە ئاۋارىگەرچىلىك تېپىپ بەرمىسە بولاتتىغۇ؟!..
ماشىنا ئۈستىدە ئولتارغان ئادەملەرنىڭ ھەربىرى ئۆز بېشىدىن ۋە يېنىدىكى يېقىنلىرىدىن غەم يېگەچكە، بۇ يەردىن تېزىراق كېتىشنى خالاتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئەندى ئەۋۇ ئۆسمۈرنىڭ مومىسى بىلەن ھەدىسىگە قارىتا: «بالىغا ياخشىراق قارىساڭلار بولمامدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئېيتىپ، ئۆز رەنجىشلىرىنى بىلدۈرۈۋاتاتتى.
– بۇ بەڭۋاشنى دەپ بىزنى چېگارىدىن ئۆتكۈزمەي قويمىسا بولاتتىغۇ؟!..
ياش بالا ژۈگرەپ كېلىپ، ماشىنىغا قايتىدىن چىقىۋالدى. بۇنى كۆرگەنلەر تېخىمۇ ۋايساپ كەتتى. باياتىن بېرى نەۋرىسىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى دىققەت بىلەن كۈزىتىپ تۇرغان چاچلىرىنى ئاق ئارىلىغان 67 ياشلاردىكى پەرخىنۇر موماي:
– مېنىڭ نەۋرەم يامان ئىش قىلغىنى يوق. قاراڭلارا، ۋەتەڭە ياخشىلاپ قاراۋېلىڭلارا! ۋەتەندىن ئايرىلىش ئالدىدا ژۇتنىڭ ھاۋاسىدىن بولۇق-بولۇق نەپەس ئېلىۋېلىڭلارا! – دېگەندە ئەتراپتىكى ئادەملەرلا ئەمەس، قورشىغان مۇھىت سۈكۈناتلىققا چۆمگەن ئېدى. بۇ جىم-جىتلىق ئەمەس، سۈكۈنات ئىچىدىكى ئۆكسۈش ئېدى…
كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ چېگارىسىغا كەلگەندە مۈرىلىرىگە قۇرال ئېسىۋالغان ھەربىي كىيىمدىكى رۇس سولداتلىرىنى ئەگەشتۈرگەن بىر ئوفىцئېر ئۇنى شەرەت بىلەن چاقىرىۋالدىدە، ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى.
*
– Так вот что у тебя، (ھەە سېنىڭدىكى بۇمۇ،)– دېدى دوغىلاڭ كەلگەن رۇس ئوفىцئېرى بايىلا يەردىن بىرنەرسە ئېلىپ، قايتىدىن ماشىنىغا ئولتارغان بالىنىڭ باش-ئۇچىغا سىنچىلاپ قاراپ. بىر تەرىپىدە قىزىل ئەلەمچە، بىر تەرىپىدە قەغەزلەر دوگىلانغان ئۈستەلنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بىر سىقىم توپا تۇراتتى. كاپىتان ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىغى بىلەن ئۈستەل ئۈستىدىكى بىر سىقىم توپىنى ئۇ ياق، بۇ ياققا ئىشتىرىپ قويدى.
– Сынок это мы оставляем у нас، – دېدى كاپىتان. (ئوغلۇم، بۇنى بىز ئەۋالىمىز)
ئاتىسى ھەربىي كىشى، ئانىسى رۇس تىلىدىن دەرىس بەرگەچكە، ھەربىيلەرنىڭ ئالدىدا ھېچ مەڭدىمەي جاۋاپ بەردى:
– ئېيتىڭا، ئەندى بۇ دىيارنى قايتا كۆرىمەنمۇ، ۋەتەندە قالغان ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۈشىمەنمۇ؟ ئەندى ئانا ژۇتتىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۇنىڭ بىر پارچىسىنىمۇ سىلەر تارتىۋالماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟!
دەسلەپكى مۈچەل ياشتىكى بالىنىڭ، خۇددى يادلاۋالغاندەك، ئېنىق-ئېنىق ئېيتقان سۆزلىرى ھەربىي خىزمەت تەسىرىدىن قېتىپ قېلىشقا باشلىغان ژۈرىگىنى ئېرىتتىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ژۇتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئەسلىدىمۇ، ئوفىتسېر خېلە بوشاپ قالدى.
– سىنوك داۋاي سوبېرى تو، چتو تېبې پرىنادلېژىت ئى ئىدى ك گرۇزوۋىكۇ.
ئۈستەلدىكى توپىنىڭ زەررىسىنى بولسىمۇ چۈشىرىپ قويماي دەپ ئېھتىياتلىق بىلەن ژىغىۋاتقان بالىغا قاراپ سورىدى:
– Как папу зовут؟ (داداڭنىڭ ئىسمىنى ئەيت؟)
– ئابباس.
*
1989-ژىل. ياز ئايلىرى. زاريا-ۋوستوكا مەھەللىسىنىڭ قەبىرستانلىغى.
«ئابباس بەڭۋاشلىغىڭىزنىڭ ئىز-تامغىسى قالغان كۇچا دىيارىدىكى ئۆيدە ئىككى ئوغلۇڭىز ۋاققاس بىلەن ئازات سىزگە ئاتاپ چوڭ نەزىر بېرىپ، بۇ ئۆينىڭ ھويلىسىدىن بىر سىقىم توپا ئېلىپ كەلدى. ئۇ دۇنىيادا سىز قايتا كۆرۈشنى ئارمان قىلغان ئانا-ۋەتەننىڭ ھىدىنى بولسىمۇ پۇراپ يېتىڭ»، دەپ گۈلبىكە ئانا قولىدا تۇتۇپ تۇرغان گۈللۈك قولياغلىغىنىڭ تۈگۈچىنى يېشىپ، ئۇنىڭدىكى توپىنى قەبىرگە سەپتىدە، قالغىنىنى يېنىدىكى بالىلىرىغا ئۇزاتتى ھەم ئۆتمۈشنىڭ ئۆچمەس بىر ۋاقىەسى كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى..
«1961-ژىل. مىللىي ئارمىيامىز گېنېرالى مەرغۇپ ئىسقاقوۋ ۋە بىرقانچە سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئانا ژۇت بىلەن خوشلىشىپ ماڭغاندا يولدىشى مىللىي ئارمىيا ئوفىцئېرى ئابباسقارى مەمەدىنوۋ ئانا توپراقتىن بىر ئوچۇم ئالغاندا مەن: «ئابباس، ئەندى بىزگە ئانا دىيار بىلەن دىدارلىشىشقا نېسىپ بولارمۇ؟»، دەپ جۇدالىققا تولغان كۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا قادىغاندا، ئۇ تەمكىنلىك بىلەن «بىز كۆرمىسەك، بالىلىرىمىز كۆرىدۇ»، دەپ جاۋاپ قايتۇرغان ئېدى. شۇ ۋاقىتتا گېنېرال-مايور مەرغۇپ ئىسقاقوۋ «ئابباسقارى، شېيىت بولغان ئوغلانلىرىمىزنىڭ قىياپىتى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈۋاتىدۇ، ئۇلار سەپتە تۇرۇپ: «يولداش گېنېرال، بىزگە بۇيرۇق قىلىڭ!» دېسە، مەن ئۆزەمنى تىلى تۇتۇلۇپ قالغان كېكەچتەك ھىس قىلىۋاتىمەن دېگىنىچە، يەرگە تىزلىنىپ ئولتىرىپ: «بىزنى كەچۈر، ئەي مۇقەددەس زىمىن» دەپ بېشىنى يەرگە قويغاندا ھەممىمىز تىزلىنىپ، ئانا-ۋەتەڭە سەجدە قىلغان ئېدۇق». ئانىنىڭ خاتىرىسىدىكى بۇ ۋاقىەلەر كۆز ئالدىدىن ئۆتۈۋاتاتتى.

ئوتلۇق ژىللار ئوتىدا كۆيگەن ئاىلە
ۋەتەندىن ئايرىلىپ، جۇدالىق ھەسرىتىنى تارتقان بىر ئاىلىنىڭ تارىخىدىن ژۇقارقى پەقەت ئۈچلا كۆرۈنۈش، مىللىتىمىز جانكۆيەرى ۋاققاس مەمەدىنوۋنىڭ ئاتا-ئانىسى – مەرھۇملار ئابباسقارى ۋە گۈلبىكە مەمەدىنوۋلارنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشىنىڭ بىر تامچىسىلا. ۋاققاس ئاكىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدا، شۇ ژىللىرى ئانا-ۋەتەندە «ئېچىلىپ سايراش» دەپ ئاتىلىدىغان سەياسەت تۈپەيلى ھەممە جايدا «ئېچىلىپ سايراش»، «خاىنلارنى جازالاش»، «ئۆز ئىچىمىزدىكى دۈشمەنلەرنى پاش قىلىش» پاالىيەتلىرى تازا قىزىغان ۋاقىت ئېدى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەيدانغا ئادەملەرنى ژىغىپ، تونۇلغان يازغۇچىمىزنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىپ، «ئېچىلىپ-سايراش» تايىغى بىلەن ساۋاپ، شۇ ئەدىپنىڭ چوڭ ئوغلىغا «پارتىيانىڭ كېلەچىگى سىلەر، شۇڭلاشقا ئۆز ئىچىمىزدىكى يات ئۇنسۇرلارنى پاش قىلىشقا ئاكتىۋ قاتنىشىشىڭلار كېرەك. قېنى، داداڭنىڭ پارتىياگە قىلغان خاىنلىغىنى پاش قىل» دېگەندە، ئۇنىڭ ئوغلى شۇ سۆزلەرنى ئېيتىۋاتقان كادرغا قارىتا، «سەن ئۆزەڭ خاىن، سەن ئۆزەڭ دۈشمەن»، دەپ ۋاقىرىغان ئېدى. شۇندا ئابباسقارى يېنىدىكى ئوغلىغا «ۋاققاس، كۆردۈڭمۇ مونۇ بالىنى؟! ئوغۇل بالا دېگەن موشۇنداق بولىدۇ. بالام، مۈجەز-خۇلقى ياقمايدىغان ئادەم بولغان ھالەتتىمۇ ئۆز مىللىتىڭنىڭ ۋەكىلىگە ھەرگىز خاىنلىق قىلما. ئاتىنى – بالىغا، بالىنى – ئاتىغا، قېرىنداشنى قېرىنداشقا قارشى قويۇپ، ھايداپ سالىدىغان زامان كەلگەن ئوخشايدۇ» دېگەن ئېدى.
1959-ژىلى، «ياشلارنى ئۇمۇميۈزلۈك تۈرمىگە قاماۋېتىپتۇ» دېگەن ئەندىشىلىك خەۋەرنى ئاڭلىغان دادىسى: «گۈلبىكە، قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، بالىلارنى ئامان ئېلىپ قېلىشىمىز كېرەك. ۋەتەننىڭ كېلەچىگى —ئەۋلاتلىرىمىزنى ئاسرىشىمىز كېرەك. بىز ئانا-ۋەتەن قوينىدا قانداقلا قىيىنچىلىقلار بولسا چىدايمىز»، دەپ بار مۈمكىنچىلىكنى ئىشقا سالىدۇ. تېزلىكتە رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ، (مومىسى پەرخىنۇر، ئانىسى گۈلبىكە كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ گراژدىنى بولغىنى ئۈچۈن) مومىسى پەرخىنۇرغا چوڭ قىزى گۈلنازنى ۋە چوڭ ئوغلى ۋاققاسنى قوشۇپ، كېڭەش ئىتتىپاقىغا ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ژۇقۇرىدا بايانلانغان بىرىنچى ۋاقىە شۇ ۋاقىتتا چېگارىدىن ئۆتۈش ماباينىدا سادىر بولغان ئېدى.
«ستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى» ئېلىپ كەلگەن بالايۇ-ئاپەت دادىسى ئابباسقارى مەمەدىنوۋنىمۇ ئايلىنىپ ئۆتكىنى يوق.
ئانا ژۇتىدا ياشاشنىڭ ئۆزى خوۋۇپلۇق بولۇپ قالغاچقا، 1961-ژىلى بىر توپ سەپداشلىرى مىللىي ئارمىيا ئوفىцئېرلىرى بىلەن قان ۋە تەر تۆككەن تەۋەررۈك زىمىننى قىيماي خوشلاشتى. ئانا-ۋەتەن شۇ ژىللىرى ئەڭ ئىلغار زىيالىلىرىدىن، ئوغلانلىرىدىن ئايرىلغان ئېدى.

ئابباسقارى
مەمەدىنوۋ كىم؟
ئابباسقارى مەمەدىنوۋ 1917-ژىلى كۇچانىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە ھاللىق تىجارەتچى ھامۇدۇننىڭ ئاىلىسىدە دۇنىياغا كۆز ئاچقان. يەتتە ئاتىسىدىن تارتىپ ئازاتلىق يولىدا كۈرەشكەن ئەجداتلىرىنىڭ يولىدا ماڭماقچى بولۇپ، بالاغەتكە ئەندىلا يەتكەن 13 ياش چېغىدا كىچىك دادىسى ھەمدەمبەگ ھاجى تەشكىللىگەن قوشۇننىڭ تەركىۋىگە كىرىدۇ ۋە ھەمدەمبەگ ھاجى غوجىنىياز ھاجى بىلەن قوشۇلغاندا، بىرلەشكەن قوشۇنلار تەركىۋىدە جەڭلەرگە قاتنىشىدۇ. ھەمدەمبەگ ھاجى – تارىخىي ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدا قوزغالغان دېخانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ھەربىي ئىلىمدا يېتىلگەن جاسۇر ئەرباپ. پۈتۈن ئۆمرى جەڭ ئىچىدە ئۆتكەن ئەل ئوغلى ھەمدەمبەگ ھاجى ھەرقانداق جەڭدە مەغلۇپ بولماسلىغى بىلەن خەلىق ئىچىدە چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە سازاۋەر بولغان. ئەپسۇسكى، شېڭ شىسەي ھەمدەمبەگ ھاجىنى كۆپلىگەن ۋەتەنپەرۋەرلەر قاتارىدا قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ قەبرى موشۇ كۈڭىچە نامەلۇم.
شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتىدىن 2000-ژىلى بېسىلىپ چىققان «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» دېگەن كىتاپتا ھەمدەمبەگ ھاجى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن (203-بەت).
ئابباسقارى مەمەدىنوۋ ھەمدەمبەگ ھاجى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھامۇت بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، ئۇلارنى شېڭ شىسەي جاللاتلىرى تۈرمىگە قامايدۇ. 1938-ژىلى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ ياردىمى بىلەن تۈرمىدىن چىقىپ، غۇلجىغا كېلىدۇ. رۇسچە ئۈگىنىش كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا، شۇ كۇرستا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان گۈلبىكە خاجىپ قىزى بىلەن تونۇشۇپ، 1939-ژىلى 30-سېنتيابردا ئۆي-ئوتاقلىق بولىدۇ.
ئىنقىلاپ پارتلىغانغا قەدەر ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن يەرلىك تۈزۈمگە قارشى تەشكىلاتنىڭ ئاكتىۋ ئەزالىرىدىن بولىدۇ. ئىنقىلاپ باشلانغاندا ئابدۇكېرىم ئابباسوۋلار بىلەن تالاي قايناملاردا قاينايدۇ.
بۇ ۋاقىتلاردا گۈلبىكە مەمەدىنوۋا مەكتەپتىكى ئىشىدىن قول ئۈزۈپ، كۈرەش يولىدا يولدىشى بىلەن بىر سەپتە بولۇپ، بۇ دىيارنىڭ پەرزەندى بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ. مىللىي ئارمىيا قۇرۇلغاندا، ھەربىي تەمىنات باشقارمىسىدا لېيتېنانت ئۇنۋانىدا پاالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
1955-ژىلى ئابباسقارى مەمەدىنوۋ ھەربىي سەپتىن بوشىتىلىپ، ئاۋال ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاۋتورېمونت زاۋودىنىڭ باشلىغى بولۇپ تايىنلىنىدۇ. كېيىنىرەك شۇار يول قاتناش نازارىتىدە باشقارما باشلىغى، شۇ نازارەت نازىرىنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىمىنى ئاتقۇرىدۇ. گۈلبىكە مەمەدىنوۋا شۇار ئاياللار جەمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبىسىدە خىزمەت ئاتقۇرىدۇ.
گويا دالاسىدەك كۆڭلى بېپايان قازاق يېرىگە ئورۇنلاشقان ئابباسقارى ھەربىي سەپتە ئۈگەڭەن شوفېرلۇق كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاۋال سلېسار، ئاندىن تا دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر تاكسىست بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1984-ژىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنىيادىن ئۆتتى. ھەرقانداق قەھرىمان ئەرنىڭ يېنىدىكى ئايالنى قەھرىمان دېيىشكە بولىدۇ. گۈلبىكە – تەغدىر تەقەزاسى بىلەن تارىخىي ۋەتىنىمىزگە ئورۇنلىشىپ قالغان قازان تاتارلىرىنىڭ ئەۋلادى خاجىپ كامالدىنوۋ بىلەن پەرخىنۇر غابىتوۋانىڭ تۇنجا قىزى. 2011-ژىلى ئالمۇتا شەھىرىدە يورۇق دۇنىيا بىلەن ۋىدالاشتى.

نەسەبنامە ۋە توپراقنىڭ تارتىش كۈچى
تەرجىمىھالدىكى ئاق قەغەزنى قارا قىلغان سۆزلەر مىللىتىگە، ۋەتىنىگە كۆيگەن شەخس كەچۈرمىشلىرىنى، ئۆمرىنىڭ ھەربىر دەقىقىسىگە تەەللۇق دەرت-ئەلىمىنى، ھەسرىتىنى، ئۈمۈتىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە بەزىدە ئاجىزلىقمۇ قىلىدۇ.
ئىنقىلاپ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، گېنېرال-مايور مەرغۇپ ئىسقاقوۋ خاتىرىلىرىنىڭ بىرىدە: «…ئابباسقارى مەمەدىنوۋ ئەينە شۇنداق ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىگىنى ھەممىدىن ئەلا كۆرگەن، شۇ يولدا جانپىدالىق كۆرسەتكەن، ۋىژدانى پاك ئادەملەرنىڭ بىرى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئابباسقارىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئىنقىلاۋىي كۈرەشكە ئارىلاشتى»، دەپ ئەسلەيدۇ. مىللىي ئارمىيا گېنېرالى زۇنۇن تېيىپوۋمۇ بۈيۈك مۇددىالارنى تۇغ قىلغان كۈرەشتە ئابباسقارى مەمەدىنوۋنىڭمۇ ئۆز ئىز-تامغىسى بار ئېكەنلىگىنى ئۆز ئەسلىمىلىرىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
«1945-ژىلى، شەرقىي تۈركستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، مىرزىگۈل ناسىروۋ، سوپاخۇنلار ھۆكۈمەت ۋەكىلى قاسىمجان قەمبەرىي ۋە ئا.ئابباسوۋ رەھبەرلىگىدە تەشكىللەڭەن ئاتلىق ئوترياد 6-ئىيۇن غۇلجىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ… م.ناسىروۋ باش شتابتىن ئاق داۋان، قارا داۋان دېگەن تاغدىن ئېشىپ، باي دېگەن ناھىيەگە قاراشلىق قىزىل دېگەن جايدا دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش ژۈرگۈزۈش بۇيرۇغىنى ئالىدۇ. م.ناسىروۋ ئۆز ئوتريادى بىلەن 1-ئىيۇلدا ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، ۋزۋود كوماندىرى مەمەتوۋقا، ئابدرىمغا قىزىلدىكى دۈشمەننىڭ ئاقسۇغا بارىدىغان يولىنى توساشنى تاپشۇردى. بۇ ۋزۋودقا 30 كىشى قوشۇلىدۇ. ئۇلار 9 ساات دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، دۈشمەننى چىقىمغا ئۇچرىتىدۇ. سوپاخۇن ئەسكەرلىرى باي ناھىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، گومىنداڭنىڭ 300دىن ئوشۇق ئەسكىرىنى يوق قىلىپ، 120 مىلتىق، 182 ئات، ئۈچ پۇلېمېت، ئالتە دىكتار پۇلېمېتى، 24 مىڭ ئوق، 150 دانە گراناتا غېنىمەت ئالىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ۋزۋود كوماندىرى ئابباس مەمەدىنوۋقا ئوق تېگىپ، يارىدار بولىدۇ» (زۇنۇن تېيىپوۋ «شەرقىي تۈركستان يېرىدە»، 118-119-بەتلەر).
«…شەرقىي تۈركستاندىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى شاھىتلىرى ھەققىدە مەتبۇات سەھىپىلىرىدە بىراز ماقالىلارنى يازغان، كۆپنى كۆرگەن تارىخچى ئالىم قادىر كېرەم ئابباسقارى مەمەدىنوۋ ھەققىدە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىلكىدە مۇنداق دەيدۇ:
– ئابباسقارىنىڭ كىچىك دادىسى ھەمدەمبەگ ھاجى شەرقىي تۈركستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئابرويلۇق كىشى ئېدى. 1931-ژىلى ھۆكۈمرانلار زۇلۇمىغا قارشى قۇمۇلدا غوجىنىياز باشچىلىغىدا قوزغىلاڭ كۆتىرىلگەندە ھەمدەمبەگ ھاجى پولك كوماندىرى بولىدىغان. ئۇ ئىختىيارىي رەۋىشتە غوجىنىياز باشچىلىغىدىكى قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلدى ۋە ئۈرۈمچىگە كەلدى. لېكىن كېڭەش ئىتتىپاقى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىغى شېڭ شىسەي غوجىنىياز ھاجى، ھەمدەمبەگ ھاجى ئوخشاش كىشىلىرىمىزنى ھەرخىل يوللار بىلەن يوقىتىش چارىلىرىنى كۆرگەن. ھەمدەمبەگ ھاجى بەستىلىك، قەددى-قامىتى كېلىشكەن كىشى بولغان. ئۇ ئاستىدىكى ئاتنىڭ تىزگىنىنى تۇتماي، بولۇشىچە قويۇپ بېرىپ، قاتتىق چاپتۇرۇپ، ئىككى قولىغا قۇرال تۇتۇپ، جەڭگە كىرەتتېكەن» («ئۇيغۇر ئاۋازى»، 27.02.1997-ژىل).
«…ئۇ ھەققىدە شەرقىي تۈركستاندىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى قاتناشچىلىرىنىڭ بىرى شاكىر مامۇزا مۇنداق دەپ ئەسلىگەن: «1940 – 1941-ژىللىرى ئېدى. مېنىڭ بىلىدىغىنىم، شۇ چاغلاردا ئابباسقارى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ ئىشەشلىك جەڭگىۋار دوستى ئېكەن. مەن ئابباسقارى مەمەدىنوۋنىڭ يول-يورۇغى بىلەن ئىنقىلاپ ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا باشلىدىم. ئىنقىلاپ باشلانغاندا، مىللىي ئارمىيانى قۇراللاندۇرۇشتا، بولۇپمۇ ئۇنى ئات بىلەن تەمىنلەشتە ئابباسقارى مەمەدىنوۋنىڭ خىزمىتى زور بولدى».
«تۇرسۇن ھوسمانوۋ («تۇرسۇن تاپانچا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1921-ژىلى تۇغۇلغان. غۇلجىدىكى ھەرەمباغ سېپىلىنى پارتلىتىشقا قاتناشقان، كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ ئەلچىخانىسىدا شوفېر بولۇپ ئىشلىگەن، ئۈچ ۋىلايەت قاتناشچىلىرىنىڭ بىرى) شۇ كۈرەش ژىللىرىنى، ئۇنىڭ قاتناشچىلىرىنى پات-پات ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«نىلقىدا ئالتە ئوغرى پەيدا بوپتۇ» دېگەن خەۋەر تارىلىپ، بىزنى غۇلجىغا ئەكىلىپ تاشلىدى. مەن ئابباسقارى ئاكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، ئەسخەت ئىسقاقوۋ بىلەن تونۇشتۇم. تونۇشۇش جەرىيانىدا ئابباسوۋ مېنىڭدىن «سىز نېمە مەخسەت بىلەن غۇلجىغا كەلدىڭىز؟»، دەپ سورىدى. مەن «خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن كۈرەشكە ئۆز ھەسسەمنى قوشقۇم كېلىدۇ» دېدىم. ئۇ مېنىڭ قەلبىمنى چۈشەندى. كېيىن ئىنقىلاۋىي ئىشلاردا مېنىڭمۇ ياردىمىم كېرەك بولۇپ قالدى. يادىمدا، 1944-ژىلى جەڭلەرنىڭ بىرىدە ئابباسقارى ھامىدىنوغلى بىر غەزنە تېپىۋالدى ۋە ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئازاتلىق ھەرىكىتىنى تەمىنلەش فوندىغا ئۆتكۈزدى. بۇرۇنقى شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەىسى، مارشال ئەلىخان تۆرە «ئابباسقارى، سەن ئارمىيا بىلەن ۋەتەڭە قانچىلىك زور تۆھپە قىلىۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن؟» – دەپ ئۇنىڭدىن بەك رازى بولۇپ كەتكەن ئېدى شۇ چاغدا.
ھە، ئابباسقارى ئوخشاش ئاكىلار ئارقىلىق ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ قاتارلىق خەلقىمىزنىڭ داڭلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە مۇيەسسەر بولدۇم. ماڭا خىزمەت بابىدا ئابباسقارى ئاكا بىلەن كۈندە دېگىدەك ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۇنىڭ ۋىژدانەن پاكلىغىغا مەنلا ئەمەس، ئۇنىڭ جەڭگىۋار سەپداشلىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، رەھىم سابىرھاجىېۋلارمۇ قايىل ئېدى. خاتىرەمدە ئابباسقارى ئاكا شۇنداق ئىنسان سۈپىتىدە قالدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى چوڭ ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن تىلغا ئالىمەن» («ئۇيغۇر ئاۋازى»، 27.02.1999).
دادىسىنىڭ ئىسمى «ئابباس» ۋە «قارى» دەپ ئاتىلىدىغان قوش ئىسىم بىلەن ئاتىلىشى تەسادىپىلىق ئەمەس. 1627-ژىلى تۇغۇلغان نەق قارى ئىسىملىق بوۋىسىدىن باشلىنىدىغان نەسەبنامە ۋاققاس ئاكىنىڭ ئۆيىدە ئېسىقلىق تۇرىدۇ. يېنىدا موشۇ نەسەبنامىدىكى ئىنسانلارنىڭ قېنى تۆكۈلگەن، ئايرىملىرىنىڭ جېنى قىيىلغان مۇقەددەس زىمىننىڭ بىر پارچىسى، بىر سىقىم توپا بار. پورترېتتىكى دادىسىنىڭ نەزەرىمۇ موشۇ توپراق زەررىچىلىرىگە جەملەڭەن.
يەر-زىمىننىڭ تارتىش كۈچى ئىنسانلارنى ئۆرە قىلىدۇ، ئۇلارغا سالماق بېرىدۇ. تارتىش كۈچى يوق يەردە ئادەم لەيلەپ قالىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئانا دىيارىغا، مىللىتىگە بولغان تارتىش كۈچىنى ژۈرىگىدىن ئۆتكۈزگەن ئادەملا ئالاھىدە سالماققا ئېگە بولىدېكەن. مىللىتىنىڭ غەم-تەشۋىشى بىلەن ياشاۋاتقان ۋاققاس مەمەدىنوۋ ئاتا-ئانا شەنىگە لايىق خىسلەتلىرى بىلەن جاماەتچىلىككە تونۇلغان ئىنسان. قازاق خەلقىنىڭ ئۆلۈمگە قىيماس ئوغلانى، «قارا بۇرا» جەمىيەتلىك فوندىنىڭ ئاساسچىسى، مەرھۇم قۇرال ئېرژانوۋ ئېيتقاندەك: «ۋاققاس، ئۆز مىللىتىگە قانچىلىك ئېتىقات قىلسا، قازاق خەلقىگە بولغان ساداقىتىمۇ شۇنچىلىك. مۇنداق ژۈرەككە ئېگە ئىنسانلار باشقىچە بولۇشى مۈمكىن ئەمەس» دېگەن ئېدى. ھە، شۇنداق ئاتا-ئانا ئېقىدىسىگە سادىق قەلب ئېگىسى ئۆتمۈشنىڭ ئۆچمەس خاتىرىلىرىنى ۋاراقلايدۇ.

ئازنات تالىپوۋ.
سەھىپىنى تەييارلىغان
ب.سوپىېۋ ۋە ئا.ئازنىباقىېۋ.