Bir tughular aka-ukining hayat dawanliri-UEYda

 

بىر تۇغۇلار ئاكا-ئۇكىنىڭ ھايات داۋانلىرى

«ئەل ئۈمۈتىنى ئەر ئاقلار، ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار» دېگەن دانا خەلقىمىزنىڭ سۆزلىرى يادىمغا كەلگەندە، تېخى يېقىندىلا ھايات بىلەن مەڭگۈلۈككە خوشلاشقان ژۇتداشلىرىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق پەرزەنتلىرى، ئاكا-ئۇكا ئوكتيابر ۋە مىرزەخمەت جامالدىنوۋلارنىڭ يارقىن سىمالىرى خاتىرەمگە ئۇلاشقان ئېدى. بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ بىرى، يەنى ئوكتيابر ئاكا جامالدىنوۋ ئۇيغۇر ئىلىم-پەنىنى ۋە ماارىپىنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولسا، ئۇنىڭ ئىنىسى مىرزەخمەت ئاكا يېزا ئېگىلىگىنىڭ ماھىر تەشكىلاتچىسى. بىر قوساقتىن چىققان ئاكا-ئۇكا ھايات ۋاقتىدا ئەل ئۈمۈتىنى ئاقلىغان شەخسلەر ئېكەنلىگى سۆزسىز. ئۇلارنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئۇرۇش دەۋرىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇرۇش ژىللىرىنىڭ بالىلىرى كەبى ئارقا سەپتىكى بارلىق جاپالىق ئىشلارنى ئۆز ھۆددىسىگە ئالغانلىغى، بالىلىقنىڭ شاتلىق تۇيغۇلىرىنى، شېرىن دەقىقىلىرىنى تېتىپ كۆرمىگەن ئۆسمۈرلەردىن ئېكەنلىگى ھەقىقەت.
مەرھۇم مىرزەخمەت ئاكىنىڭ «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 2020-ژىلنىڭ 8-ئوكتيابردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ ئالىم ئاكام» ناملىق ماقالىسىدا: « بىزنىڭ تېگى-تەكتىمىز جاغىستايلىق. بوۋام زوردۇناخۇن ئەمرۇللاېۋ تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ئاڭلىق ئادەملەردىن بولغان ئېكەن. ئۇنىڭ كونسۇلخانىلاردا، مەكتەپلەردە ئىشلىگەنلىگىدىن خەۋىرىمىز بار…» دەپ خاتىرىلەيدۇ ئۇ. تەغدىر تەققازىسى بىلەن ئۇلارنىڭ بوۋىسى، ئايالى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۈچ بالىسىنى تاشلاپ، كېڭەش ئېلىگە چىقىپ، چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا ئولتىراقلىشىدۇ. شۇ چاغلاردا ئۇ ناھىيەدىكى چوڭ ئاقسۇ، ئۇزۇنتام، توققۇزبۇلاق يېزىلىرىدىكى مەكتەپلەردە مۇەللىملىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ جاغىستايدا قالغان ئۈچ پەرزەندىنىڭ بىرى، يەنى ئۇلارنىڭ دادىسى جامالدىن ئەر يېتىپ، دادىسى بىلەن چوڭ ئاقسۇدا تېپىشىدۇ. كېيىن ئىلىسخان ئىسىملىق قىزغا ئۆيلىنىپ، ئۆي ئوتاقلىق بولىدۇ، تۆرت پەرزەنت تاپىدۇ.
خۇللەس، گىتلېر گېرمانىياسى كېڭەش ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلماي، بېسىپ كىرگەن 1941-ژىلى ئوكتيابر ئاكا ئون، مىرزەخمەت ئاكا سەككىز ياشتا ئېدى. ئۇلارنىڭ دادىسى جامالدىن زوردىنوۋ ئاكىلىرى بىلەن جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىپ كەتكەندە، ئۇلارنىڭ مېھرىۋان ئانىسى ئىلىسخان تۆرت ئاىلىنىڭ بالىلىرىنى ئۆزى يالغۇز باقىدۇ. ئىلىسخان ئانا ناھايىتى مېھرىۋان ۋە كەڭ دەستىخانلىق بولغاچقا، تۆرت ئاىلىنىڭ بالىلىرى بىر ئاىلىدەك تەربىيە كۆرىدۇ. يېزىلاردا ئۇرۇش ژىللىرىدا ئاساسەن ئېتىز ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، ئىلىسخان ئانىنىڭ مۈرىسىدىن كەتمەن چۈشمەتتى. ئۇلارنىڭ چوڭلىرى ئوكتيابر ئاكا بىلەن مىرزەخمەت ئاكا ئىككىسى ئەينە شۇ ئېغىر كۈنلەردە ئاپىسىنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىلىرىدىن بولۇپ، ئېتىزدا ياڭرىغان خەلىق ناخشا-قوشاقلىرى ئوكتيابر ئاكى قەلبىدە خەلىق ئېغىز ئىجادىيىتىگە، مىللىي تىل تەرەققىياتىغا قىزىقىشىنى ئويغاتسا، مىرزەخمەت ئاكىنىڭ دېخانلارنىڭ ئەمگىگىدىن پەخىرلىنىپ ۋە ئاپىسىنىڭ يەرگە بولغان مۇھەببىتىدىن ئىلھاملىنىپ، ئاگرونوم بولۇش ئارزۇسى بىلەن ياشايدۇ.
ئوكتيابر ئاكا بىلەن مىرزەخمەت ئاكا ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. كۆپچىلىك ياخشى بىلىدۇكى، چوڭ ئاقسۇ قازاقستان ئۇيغۇرلىرى زىچ ئىستىقامەت قىلىدىغان ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى كۆركەم يېزا بولۇپلا قالماي، بەلكى خەلقىمىزنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىنى دۇنىياغا ئېلىپ كەلگەن ئاتاقلىق ژۇتلارنىڭ بىرى. شۇڭلاشقىمېكىن، خەلىق ئارىسىدا چوڭ ئاقسۇنى «ئاللاھنىڭ نەزەرىگە چۈشكەن ژۇت»، «ئاللاھنىڭ نۇرى ياققان ژۇت» دەپ ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. بۇ ھەقىقەت. قازاقستان ئۇيغۇرلىرىلا ئەمەس، بەلكى سابىق كېڭەش ئىتتىپاقىدا شۆھرەت-داڭقى ئالەمشۇمۇل ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ھايات-پاالىيىتىگە نەزەر ئاغدۇرىدىغان بولساق، كۆپلىگەن كىشىلەر چوڭ ئاقسۇدا تۇغۇلغان ياكى چوڭ ئاقسۇدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە تەھسىل كۆرگەن. ئۇلار پەقەت چوڭ ئاقسۇلۇقلارنىڭ پەخرى ئەمەس، خەلىقنىڭ پەخرىگە ئايلانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر تۇغۇلار پەرزەنتلىرىدۇر.
ئوكتيابر ئاكا ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1950-ژىلى تاشكەنت شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئازىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشىدۇ. ئۇنى 1956-ژىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، تۇغۇلغان ژۇتىغا يوللانما ئېلىپ، ئەمگەك پاالىيىتىنى ئۇستازلىق قىلىشتىن باشلايدۇ. ئۇنىڭ بالىلىقتىكى بىلىمگە، يەنى تىل تەرەققىياتىغا بولغان ئىشتىياقى قازاقستان سسر پەنلەر ئاكادېمىياسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتۇرىسىغا ئېلىپ كېلىدۇ. 1965-ژىلى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەۋىش كاتېگورىياسى» دېگەن ماۋزۇدا نامزاتلىق دىسسېرتاسىيا ياقلاپ، فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ نامزىتى ئىلمىي دەرىجىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئاسپىرانتۇرىدىكى ئوقۇشى، ئاندىن كېيىن تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئىشلىگەن دەسلەپكى دەۋىرلەردە ئوكتيابر ئاكا ئىلمىي ئىش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە نەشرىيات ۋە مەتبۇات ئىشلىرىدىن تاشقىرى، ئانا تىللىق مەكتەپلەر ئۈچۈن تىل ۋە ئەدەبىيات دەرىسلىكلىرىنى يازىدۇ. ئالىمنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجى داىرىسى دايىم كەڭ بولغانلىغىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلىق ئېغىز ئىجادىيىتى بويىچە ئەمگەكلىرىمۇ ئىسپاتلايدۇ. ئۇيغۇر فولكلورى شەرىق خەلىقلىرى ئېغىز ئەدەبىياتىدا بىر قاتاردا تۇرىدىغانلىغىنى كۆپچىلىك ياخشى بىلىدۇ. ئەژداتلىرىمىز قالدۇرغان بېباھا بۇ تارىخىي مىراسنى «ژىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك» ئېرىنمەي ژىغىشنى مەخسەت قىلغان ئالىم، كۆپلىگەن ئىلمىي ئېكسپېدىسىيالەر جەرىيانىدا تىل ماتېرىاللىرى بىلەن بىللە خەلىق قوشاقچىلىرىنىڭ ئىجادىنى چوڭقۇر ئۈگۈنىدۇ، ئۇلارنى ئىلمىي ئاساستا تەتقىق قىلىدۇ. بۇ ئەمگەكلەرنىڭ يېمىشى سۈپىتىدە «ئۇيغۇر خەلىق قوشاقچىلىرى»، «ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرى» ناملىق ئىلمىي-ئاممىباپلىق ئەمگەكلەرنى مەيدانغا ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇزۇن ژىللىق تىنىمسىز ۋە تىرىشچانلىق ئەمگەكنىڭ نەتىجىسىدىن مەيدانغا كەلگەن بۇ ئەمگەكلەر ھازىرقى كۈندە ئەدەبىيات ئىشقىۋازلىرىنىڭ كىتاپ تەكچىلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان.
ئىستېداتلىق ئالىم «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق ئىلمىي گرامماتىكىنى يېزىشقا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن دەرىسلىكلەرنى، دىكتانت ۋە ئىزاھەت توپلاملىرىنى تۈزدى. ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئوقۇش قۇراللىرىنى تەييارلىدى. ئۇ شۇنداقلا لېكسىكوگرافىيالىك (لۇغەتچىلىك) بويىچە ئۈنۈملىك ئىشلىگەن ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرىدۇر. شۇنى پەخىرلىنىش بىلەن ئېيتىش ھاجەتكى، ئوكتيابر ئاكا جامالدىنوۋ شۇ كەمگىچە ھېچ كىم قولغا ئالمىغان ۋە تەھلىل قىلىپ، ئۆز خەلقىگە تەغدىم قىلىشنى ئويلىمىغان ۋە ئانا تىلىمىزدىكى بۇ بايلىقنى، يەنى فرازېولوگىيالىك سۆزلەرنى توپلاپ، «ئۇيغۇر تىلى فرازېولوگىياسىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ناملىق ئەمگەكنى 1988-ژىلى دەسلەپكى قېتىم، كېيىن 2020-ژىلى ئۇنىڭ تولۇقتۇرۇلغان ۋارىانتىنى نەشىر قىلدى ۋە بۇ ئەمگەك ئىلىم ئەھلى، ئانا تىلىمىزغا قىزىققۇچىلار تەرەپتىن قىزغىن قوبۇل قىلىندى. شۇنى تەكىتلەپ ئېيتىش لازىمكى، ئوكتيابر ئاكا چوڭ ھەجىملىك بۇ كىتاۋىنى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرگە سوغا سۈپىتىدە تارقاتقان ئېدى. ئىستېداتلىق ئالىمنىڭ كۆلەملىك ئەمگىگى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىل ئىلىمىدىكى نادىر ئەمگەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىغى سۆزسىز.
ئالىم پاالىيىتىنىڭ يەنە بىر قىرى پېداگوكا ساھاسى. ژۇقۇرىدا تەكىتلىگىنىمىزدەك، ئوكتيابر ئاكا ئەمگەك پاالىيىتىنى مەكتەپتە ئۇستاز بولۇپ ئىشلەشتىن باشلىغان بولسا، 1980-ژىلدىن باشلاپ، ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلغاندا، يېڭى كافېدرىنىڭ دەسلەپكى مۇەللىمى بولۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. ئون ژىل داۋامىدا يۈزلىگەن ئالىي بىلىملىك ئۇستازلارنى تەييارلاپ چىقىرىدۇ. 1990-ژىلدىن باشلاپ، س.م.كىروۋ نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوسېنتى بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە بۇ ئالىي بىلىم دەرگاھىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ژۇرنالىستلارنى تەييارلاشقا چوڭ تۆھپە قوشىدۇ.
بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇستازلىق قىلىۋاتقان، ئىلىم-پەن، مەتبۇات ۋە ئەدەبىيات ساھاسىدا ئىشلەۋاتقان، بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، فىلولوگ كادرلارنى تەييارلىغان كۆرنەكلىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، تەجىربىلىك پېداگوگ ئوكتيابر ئاكا جامالدىنوۋنىڭ شاگىرتلىرى خەلقىمىزگە تونۇلغان شەخسلەردىن بولۇپ يېتىلىشىگە قوشقان ئۈلۈشى زور. ئۇلارمۇ ھەم ئۆز نوۋىتىدە ئۇستازىنى ئىللىق ھىسسىياتتا خاتىرىلەپ، ھۆرمەت بىلدۈرىشىدۇ.
ئوكتيابر ئاكىنىڭ ئىنىسى مىرزەخمەت ئاكا جامالدىنوۋ پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى يېزا ئېگىلىگىنىڭ تەرەققىياتىغا سەرىپ قىلغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىرى. گەرچە ئۇنىڭ ئەمگەك پاالىيىتىگە نەزەر ئاغدۇرىدىغان بولساق، كۆپىرەك يېزا ئېگىلىگىدىكى ئىشلەپ چىقىرىش ساھاسىدا ئۇزاق ژىللار ئەمگەك قىلغانلىغىنى بايقايمىز. ئاگرونوم، باش ئاگرونوم، ناھىيەلىك يېزا ئېگىلىك باشقارمىسىدا لاۋازىملىق خىزمەتلەردە، ئاندىن كېيىن دېخان ئېگىلىگىدە رەىس ۋە ئۇيغۇر ناھىيەلىك كومسومول كومىتېتىدا ئىنسترۇكتور، كېيىنەرەك كومسومول كومىتېتىنىڭ بىرىنچى كاتىۋى، چوڭ ئاقسۇ يېزا كېڭىشىنىڭ رەىسىگە ئوخشاش شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغانلىغىنى بايقايمىز. لېكىن ئۇنىڭ ھايات پاالىيىتىدە ئاساسلىق ساھا يېزا ئېگىلىگى ئېكەنلىگى مۇقەررەر.
ئۇ «ئاقتۆبە»، «بەختىقوراي» ئۇچاستكىلىرىدىكى تىڭ يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشتە، دانلىق زىراەتلەرنىڭ مەيدانلىرىنى كەڭەيتىپ، ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشتا ۋە سورتلۇق ئۇرۇقلارنى قازاقستاننىڭ شىمالىي ۋىلايەتلىرىگە ھەم روسسىيا فېدېراسىياسىگە كۆپلەپ ئەۋەتىشتە بۇغداي، ئارپا، سامساق ۋە باشقىمۇ زىراەتلەرنىڭ ئاگروتېخنىكىلىق چارە-تەدبىرلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچلىرىنى ئۆستۈرۈشتە ئالاھىدە ئۇتۇقلارغا يەتكەنلىگى سۆزىمىزگە ئىسپات. مىرزەخمەت ئاكا ئەينە شۇ زەربىدار ئىشلەش تەلەپلىرى بىلەن ئەمگەك قىلغان دەۋىرلەردە موسكۋادا خەلىق ئېگىلىگىنىڭ ئالىي ئۇتۇقلىرى (ۋدنخ) كۆرگەزمىگە ئىككى مەرتە قاتناشقان. ھازىرقى ئەۋلات ئۈچۈن بۇ ئاددىي بىر ۋاقىەدەك كۆرۈنگىنى بىلەن كېڭەش دەۋرىدە شۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئەمگەكتىكى ئالىي ئۇتۇقلارغا يەتكەنلىكنىڭ نىشانى ئېكەنلىگىنى دەلىللەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا مىرزەخمەت ئاكا ئەمگەك پاالىيىتىدىكى ئۇتۇقلىرىنى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ژۇقۇرى باھالىنىپ، بىر قانچە مېداللار بىلەن تەغدىرلەنگەن. شۇنىڭ ئارىسىدا «جاسارەتلىك ئەمگىگى ئۈچۈن» مېدالى مىرزەخمەت ئاكىنىڭ ھەقىقىي ئەمگەك ئادىمى ئېكەنلىگىنى تەستىقلەيدۇ.
2000-ژىلنىڭ بېشىدا ئالمۇتىدىن چوڭ ئاقسۇدا تۇرىۋاتقان دادام شاماخۇن نۇراخۇنوۋنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا، ئۇ ناھايىتى خۇش كەيپىياتتا ئولتىرىپ، «بىر باسار» ناملىق نەق ئۇيغۇر بۇغدىيىنىڭ ئۇرۇغىنى ئالغانلىغى ھەققىدە چوڭ خوشاللىق ئىلكىدە سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ بۇغداي ئۇرىغىنىڭ ۋەتىنى – شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونى بولۇپ، 1992-ژىلى گېرمانىيادە ئۆتكۈزىلگەن يېزا ئېگىلىگى زىراەتلىرى خەلىقارا كۆرگەزمىسىگە قويۇلغانلىغىدىن خەۋەر تاپقان بىولوگ-ئالىم، مەرھۇم ساۋۇر ئاكا تۇردىېۋ گېرمانىيالىك كەسىپداشلىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ساۋۇر ئاكا ئۆزىنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ئوكتيابر ئاكا جامالدىنوۋ بىلەن 90-ژىللاردا ئۇيغۇر ناھىيەلىك يېزا ئېگىلىگى باشقارمىسى رەىسىنىڭ دېخان ئېگىلىكلىرى بويىچە ئورۇنباسارى بولۇپ ئىشلەۋاتقان تەجىربىلىك ئاگرونوم مىرزەخمەت ئاكىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا «بىر باسارنىڭ» ئۇرۇغىنى ئامانەتكە قالدۇرىدۇ. ساۋۇر ئاكىدىن ئامانەتكە ئالغان 38 بۇغداي دانىسىنى ئالىقاندەك يەرگە تېرىپ، بەش ژىل داۋامىدا 350-400 گراممغا يەتكۈزىدۇ. («بىر باسار» بۇغدىيىنىڭ تەرەققىي تېپىشى ھەققىدىكى ماقالە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 14.01.11-ژىلقى سانىدا تەپسىلىي يېزىلغان).
دادام شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۇرۇقنى ئەمەلىياتتا كەڭ پايدىلانغان شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان. يېزا ئېگىلىگى تەرەققىياتىغا زور ئۈلۈش قوشقان ۋە ئېگىلىك رەىسى بولۇپ ئىشلىگەن دادام، بۇ دانلىق زىراەتنىڭ قەدرىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇ 2001-ژىلى ئۇيغۇر بۇغدىيىدىن ئىككى كىلوگرامم تېرىپ، 40 كىلوگرامم ئۇرۇق يېتىشتۈرىدۇ. ئەندى 2002-ژىلى 3 سېنتنېرغا يەتكەن بولسا، 2003-ژىلى «بىر باسار» بۇغدىيىنىڭ تېرىلغۇ مەيدانى بىر گېكتاردىن ئېشىپ، ئۈچ تونناغىچە ھوسۇل ئالغان ئېدى.
مىرزەخمەت ئاكا جامالدىنوۋ مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاكىسى ئوكتيابر ئاكىغا ئۇقۇق تارتىپ، تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئازىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاگرونومىيا بۆلۈمىگە ئوقۇشقا چۈشىدۇ. بۇ مەزگىللەردە ئوكتيابر ئاكا ئاقسۇلۇقلارنى، ئۇيغۇر ناھىيەلىكلەرنىڭ بېشىنى قوشۇپ، مەشرەپ قۇرۇۋالغان پەيتلەر ئېدى. شۇ مەشرەپلەرنىڭ بىرىدە ئوكتيابر ئاكىنىڭ دوست-بۇرادەرلىرى، كېيىنەرەك تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا ئايلانغان ئاسىم قۇربانوۋ، ئابدۇۋارىس ئابلەسەنوۋ، ساۋۇت موللاۋۇتوۋ، ھاكىم ناسىروۋ، ھېزىم بەخنىيازوۋلار بىلەن يېقىندىن تونۇشۇشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلماي، ئالاھىدە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدىغان ئەجايىپ دوستلاردىن ئېكەنلىگىگە قايىل بولىدۇ.
مىرزەخمەت ئاكا مەزكۈر ئالىي ئوقۇش ئورنىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن 1960-ژىلغىچە قىرغىزستاننىڭ جالالاباد ۋىلايىتى توقتوغۇل ناھىيەسىدە ئاگروخىمىيا لابوراتورىياسىنىڭ باشلىغى بولۇپ ئىشلەيدۇ. شۇ يەردە تۇنىسا ئىسىملىق ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئاىلە قۇرۇپ، كېيىن تۇغۇلغان ژۇتى چوڭ ئاقسۇ يېزىسىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ «ئەمگەك» كولخوزىدا پاالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىن ئۇيغۇر ناھىيەسى مەمۇرىيىتىدە جاۋاپكەرلىك لاۋازىملىرىدا ئىشلەيدۇ. لېكىن بالىلىغى ئۇرۇش ژىللىرىغا توغرا كەلگەن دەۋىردە ئاپىسى بىلەن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، يەرگە مۇھەببەت باغلىغان مىرزەخمەت ئاكا ئەژداتلىرىمىزدىن مىراس ئەمگەك ساھاسى ئېتىزلىقنى تاللايدۇ. ئۇ ئۇزاق ۋاقىت ماباينىدا «كراسنوې زناميا» كولخوزىدا (ھازىرقى قىرغىزساي يېزىسى) باش ئاگرونوم بولۇپ خىزمەت ئاتقۇرىدۇ. ناھىيەنىڭ ھەر خىل يېزا ئېگىلىكلىرىدە ئىشلەش جەرىيانىدا ئىسمى ناھىيە ۋە ۋىلايەت داىرىسىگە تونۇلغان تەجىربىلىك ناھىيە رەھبەرلىرى سېتىۋالدى باراتوۋ، كىنتال ئىسلاموۋ، ھاشىم ئارزىېۋ، جەمشىت روزاخۇنوۋ، مۇراتبەك ناسىروۋ كەبى رەھبەرلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ناھىيەنىڭ ئىختىسادىي رىۋاجىلىنىشىغا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشىدۇ.
ئاگرونوملىق كەسىپنى يەر زەرگارى دەپ ئاتىساق، توغرا بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ كەسىپنىڭ ئېگىسى يەر تىنىغىنى دىلىدا سېزىپ، قەيەرگە نېمە تېرىشنى، قانداق ئوغۇت بېرىشنى، قانداق پەرۋىش قىلىشنى بىلىدىغان يېزا ئېگىلىگىدىكى مۇھىم كەسىپ ئېگىسى. مىرزەخمەت ئاكا ئەينە شۇنداق كەسىپنى تاللاۋېلىشى بالىلىق چېغىدىن يەر تىنىغىنى سەزگەن، ئۇنىڭ بىلەن بىر نەپەستە بولغان ئىنسان سۈپىتىدە بارلىق ئاڭلىق ھاياتىنى يەرگە بېغىشلىدى.
ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىقىپ، ئالمۇتا شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆزى تاللاۋالغان مۇتەخەسىسلىگىدىن ژىراقلاپ كەتمىدى. ئەكسىنچە، باغۋەنچىلىك-كۆكتاتچىلىق پاالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شەھەردىكى قىزى گۈلمىرانىڭ، ئوغۇللىرى ئىلمۇرات بىلەن بەختىيارنىڭ يەر ئۆيلىرىدىكى باغلىرىدا خىلمۇ خىل مېۋە-كۆكتاتلارنى ئۆستىرىش، پەرۋىش قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ ئادەت بىر تەرەپتىن پېنسىونېرنىڭ ئەرمىگى بولسا، ئىككىنچىدىن كەسپىي مۇتەخەسىسلىگىنىڭ بالىلىغىدىن قېنىغا سىڭگەنلىگىدىن دالالەت بېرەتتى.
ئوكتيابر ئاكا بىلەن مىرزەخمەت ئاكا بىر ئانىدىن تۇغۇلۇپ، پۈتكۈل ئۆمرى ئاكا-ئىنىلارغا خاس بىر-بىرىگە يار-يۆلەك، مەسلەكداش بولۇپ ئۆتتى. ئۇلار ئۇرۇش دەۋرىنىڭ قىيىنچىلىق كۈنلىرىدە ئۇرۇشقا كەتكەن ئاتىلىرىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ، تېخى سۈيىگى قاتمىغان گۆدەك بلۇشىغا قارىماي، مېھرىۋان ئانىسىنىڭ باشقا ژۇتداش ئانىلار قاتارىدا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدا بىللە ئەمگەك قىلىپ تاۋلىنىپ، ھەتتا بىر شەھەردە، بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھەر خىل فاكۇلتېتلىرىدا تەھسىل كۆرۈپ، ئۆمرىنى بىللە ئۆتكەزگەن قانداش-قاياشلار بىر كۈندە پانىيدىن باقىغا سەپەر چەكتى. بۇ جۇدالىق جامالدىنوۋلارنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئىلىم-پەنى ۋە يېزا ئېگىلىك ساھاسى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولدى.
مەرھۇملارنى بۇ كۈنلەردە خاتىرىلەپ ئولتىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقى ۋە ئەلنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى زور ئېكەنلىگىنى تەكىتلىگۈم كېلىدۇ. ھەر ھالدا، ئۇلار ئۇزۇن ۋە مەزمۇنلۇق ئۆمۈر سۈرۈپ، ئوكتيابر ئاكا ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى، مىزەخمەت ئاكا يەرگە ئەجىر تۆكۈپ، مېھنەت قىلغان يېزا ئېگىلىگىنىڭ ماھىر تەشكىلاتچىسى، سالاھىيەتلىك مۇتەخەسىس ئېكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ ئالەمدىن ئۆتتى.

تېلمان نۇراخۇنوۋ