يۈسۈپبەگ مۇخلىسوۋ

تامغا

غۇلژا شەھرى بويىچە «مەدەنىيەت ئىڭقىلاۋى» باشلانغىنىغا تېخى ئون كۈن بولمىغان ئېدى. لېكىن گۆزەل «نوۋىي گورود» مەلىسىنى تونۇپ بولماتتى. سولەتلىك دەرۋازىلار چېقىلىپ، كۆچىلارغا زېنەت بېرىپ تۇرغان ئالا-يېشىل دېرىزىلەرنىڭ كۆكۈم تولقۇنى چىققان. ئاپپاق ھاكلانغان ئىمارەتلەر كىرلىشىپ، بەزى تاملار بەەينى تۇرمە سوراقخانىسىدەك ئادەم قېنى بىلەن بۇلغانغان ئېدى.
تاشقى كۆرىنىشى خارابىلاشقان بولسىمۇ، ئىچىدىكى مىللىي سەرەمژانلىق تېخى يوقالمىغان كەڭ ۋە ئازادە ئۆيدە ھېلىم ئەپەندى ئۆزى يالغۇز ۋە پەۋقۇلاددە ئالاقزادە ئېدى. تۇرۇپ-تۇرۇپ زەردە بىلەن ساقىلىنى سىلاپ، لېۋىنى چىشلەتتى. گويا ئەسەبىيلەشكەن ئادەمدەك ئىچكى ئويلىرىنى بەزىدە تېشىغا چىقىرىپ، ئۇنلۇك-ئۇنلۇك سۆزلەپمۇ كېتەتتى:
«ھەژەۋا، موژۇد مەدەنىيەتنى كامالىغا يەتكۇزىشنى نىشان قىلماي، ئۇنى يوقىتىشنى مەخسات قىلغان قانداق مەدەنىيەت ئىڭقىلاۋى بۇ، ھە؟» — دەتتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە سوال بېرىپ، — دەرەق پۇتاقلىرىنى يېرىپ چىققان بىخلار ئۆز غولىدىن نەپ ئالماي تۇرۇپ مېۋە بولمىغىنىدەك، ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە يولەنمىگەن پرولېتارىات مەدەنىيىتى بولامدۇ زادى! بۇ خەنسۇ بۇرادەرلەرنىڭ نېمە قىلغىنى، بىزنى ئالدىغىنىمۇ؟ ئۇچۇغدۇرۋاتقىنىمۇ؟ ياق، ياق! بۇ زادى مەدەنىيەت ئىڭقىلاۋى ئەمەس، بىز بىلگەن مەدەنىيەت ئىڭقىلاۋى مۇنداق بولمايدۇ. بولمىسا نېمىشكە خىتاي غېژىگىنىڭ قېشىدا تۇرغان ئۇيغۇر راۋاپى چېقىلىپ، خىتاي غېژىگىنىڭ ئۈزۈلگەن تارلىرى ئورنىغا يېڭى تارلار سېلىندى؟ نېمىشكە ئۇلۇق يۇسۇپ خاس خاژىپنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى يېزىلغان لەۋخىلەر كۇتۇپخانە تاملىرىدىن ئېلىپ تاشىنىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى كوڭزىنىڭ سۇرەتلدىرى ئېسىلدى؟ بۇ ساختىلىق، ژىنايەت! ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى ئاياق-ئاستى قىلىپ ئۇنىڭ بەدىلىگە خەن مەدەنىيىتىنى گۈللەندۇرۇش ئۈچۈن بولىۋاتقان قەست!»
ھېلىم ئەپەندى بۇ ئىچكى ئەلەملىرىگە چىدىماي، بەزگەك كىشىدەك لاغىلداپ، دېرىزە توۋىدە ئولتاردى. ئۇنى بۇ قىياپىتىدە كۆرگەن ئادەم 60 ياشلاردىكى كىشى دېمەتتى. ۋاقىتسىز قاردەك ئاقىرىپ چۇشۇپ كەتكەن چاچلىرى بىلەن پۇكۇلگەن قەددىگە ۋە ساماندەك سارغايغان چىرايى بىلەن ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئويچان كۆزلىرىگە قاراپ: — 80 ياشلارغا كەلگەن بوۋاي بولسا كېرەك – دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن.
ئۇ ئۆز ۋاقتىدا شەرقىي تۇركىستان ژۇمخۇرىيىتى ھۆكىمىتىنىڭ ئەزاسى بولغان مەرىپەتچى كىشى ئېدى. 1950 ژىلدىن بۇيان غۇلژا كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتاتتى. مەرخۇم ئەخمەتژان قاسىمىينىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1946 ژىلى قۇرۇلغان بۇ ئەژايىپ كۇتۇپخانا غۇلژىغا «مەدەنىيەت ئىڭقىلاۋى» بالاسى كېلىشى بىلەنلا كۇيدۇرۇپ ۋەيران قىلىنغاندا ئۇ ئۆيىدە ئېدى. ئايالى ھېلىمەخان بولسا 13-مەكتەپنىڭ مۇدىرەسى ئېدى.
ھېلىم ئەپەندى شۇ تۇرغان يېرىدە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالدى. ئىشىكىن كىرگەن چاچلىرى چوگۇلۇپ، ياقىلىرى ژىتىلغان بولسىمۇ ئۆزىنى يوقاتمىغان، ياشقا تولغان مېخرىۋان كۆزلىرى كىمگىدۇ نەپرەت بىلەن چاقنىغان ئەللىك ياشلاردىكى ھېلىمىخان ئالدىراپ كىرىپ كەلدى.
— ھە، نېمە بولدۇڭۇز، نېمىشكە ۋاقىتسىز يېنىپ كەلدىڭىز؟ – دەپ ئەنسىرەپ سورى دى ھېلىم ئەپەندى.
— بىزنىڭ ئۆيگە خۇنۋەيبىڭلارن كەلمەكچى، — ئەندىشە ئىچرە دېرىزىدىن كۆچىغا قارىدى ھېلىمىخان.
— دېمەك، ئەندى ئۇلار مېنىڭ شەخسىمگە خۇژۇم قىلىدىغان بوپتىدە؟!
— ياق، يالغۇز ستىزنىڭ شەخسىڭىزگىلا ئەمەس، مۇشۇ قۇتلۇق ئاىلىمىزنىڭ ئۇمۇمىي ئىززەت، خۆرمىتىگە چاڭ سېلىپ، بىزنى بۇ ئالەمدىن بىرەتولا يوقاتماقچى ئۇلار، — دەپ ژىغلاپ كەتتى ھېلىمىخان، — ئىسىت، ئىسىت ژىگىرمە ژىل مۇەللىمە بولۇپ ئىشلىگەنلىرىم. پاك ئېقىدە، پاك ئەخلاق قۇچىغىدا تەربىيەلەپ كەلگەن شاگىرتلىرىم ئۆزەمنىڭ ئۈزىگە تۇكۇرۇپ، چاچلىرىمنى ژۇلۇشتى. ئېغىزگە ئالغۇسىز تىللار بىلەن تىللاپ، ياقىلىرىمنى ژىتىشتى. بۇ نېمە دېگەن ھاقارەت، ئەلەم -خورلۇق دېسىڭىزچۇ؟! مانا، خانىمىزغا كېلىپ ئوت قويۇپ، سىز بىلەن مېنى ئۆزلىرى بىلگەنچە سورىشىدۇ. ئۇنىڭدىن ژۇرۇڭ، ئۇلار كەلگىچە بۇ ئۆينى تاشلاپ بىر ياقلارغا كېتىلى. ئۆزىمىزنى ئىلى دەرىياسىغا ئېتىپ، بۇ زۇلۇم دۇنىياسىدىن ئەبەدىي قۇتۇلايلى!
— سەۋرە قىل ھېلىمەم! – دېدى ئۇنىڭ مورىسىدىن تۇتۇپ، ھېلىم ئەپەندى، — تىك تۇرۇڭ، — بىز بۇ قۇتلۇق ماكانىمىزدىن ھېچ يەرگە كەتمەيمىز. مەيلى، خۇنۋەيبىڭلار كەلسە كەلسۇن، ئوتتۇرىغا سېلىپ كۇرەش قىلسۇن، ئوتنىڭ تېشىدا پوچۇلۇپ ئازاپلانغىنىمىزچە، ئىچىدە كۆيۈپ كۈل بولايلى. ئەندى بۇ زۇلۇملارنى ئەۋلاتدىن-ئەۋلاتقا كۆتۈرۈپ ژۇرگىچە، ئۆزىمىزلا تارتىپ تۇگىتەيلى. سەۋىر قىل، ژىغلىما. خۇنۋەيبىڭلار كەلسە مانا مەن قارشى ئالىمەن!
ئېرىنىڭ تەسەللىسى بىلەن ھېلىمەنىڭ سەل رۆھى مەدەتكە ئېگە بولۇپ، كۆز ياشلىرىنى سۇرتۇپ تۇراتتى، دەخشەتلىك چوقۇم – سوران ۋە ئاچچىق شىارلەر ئىچىدە يېتىپ كەلگەن بىر توپ خۇنۋەيبىڭلار ئۆيگە بېسىپ كىردىدە، خىتايچە ۋاقىرىشىپ كېتىشتى:
— مىللەتچى ئۇنسۇرلارنى يوقىتايلى، بۇرژۇازىيانى يوقىتايلى، مەدەنىيەت ئىڭقىلاۋى ياشىسۇن، ياشىسۇن، ياشىسۇن!
بۇ خۇنۋەيبىڭلارنى ئوتتۇرا ياشلىق ئىككى خىتاي ھەربىيسى باشلاپ كەلگەن ئېدى. بىرىنىڭ قولىدا ئۇزۇن قاغاز بوك، ئىككىنچىسى خىتاي ۋە ئۇيغۇر يېزىغىدا: «ئەشەددىي مىللەتچى، پانتۇركىست ھېلىم!» — دەپ يېزىلغان تاختىنى ئوينىتىپ تۇراتتى، بالىلارنىڭ شىارى توختىشىغا، بوكنى كىيگۇزۇپ، تاختىنى بوينىغا ئاستى. قولىنى كەينىگە باغلاپ، يەلكىسىدىن ئىشتەرگەن بويى ئۆينىڭ ئوتتىرىسىغا توختاتتىدە:
— خۇنۋەيبىڭ كىچىك دوستلار! قېنى بۇ ئۇنسۇرنىڭ پېتىنى چۇشۇرۇڭلار، چاچلىرىنى ژۇلۇڭلار! – دەپ سۇرلۇك ۋاقىرىدى. خۇنۋەيبىڭلار ھېلىم ئەپەندىنى ژۇڭۇزلاشقا باشلىدى.
بۇ ژازاغا قانااەت قىلمىغان ئىككىنچى ھەربىي دەھشەتلىك ژار سالدىكى: «يەتمەيدۇ! يەتمەيدۇ!»-دېگەن ئاۋازى ئۆي تورىدىكى ژانان قاچىلارغا ئۇرۇلۇپ، غەلىتى سادالار چىقىپ كەتتى. بۇنى كۆرۇپ چىدىمىغان ھېلىمىخان:
— ژېنىم خۇنۋەيبىڭ باللىرىم، ئاكاڭلارنى ئاياڭلار، ئۇ نىمژان كىشى، ئۇنىڭ ئورنىغا مانا مېنى ژازالاڭلار، — دەپ ئارىغا ئۆزىنى ئاتقان ئېدى، بىراق، ئۇنىڭ چېچىدىن تۇتىۋالغان بىر ھەربىي:
— سەن تېخى توختا، بۇرژۇا مۇەللىمىسى! – دەپ بىر چەتكە ئىشتىرىۋەتتى، — بىز سېنى ياخشى بىلىمىز. سەن بىلەن بولىدىغان كۇرەشنى كېيىن باشلايمىز!
خۇنۋەيبىڭلار تەرىپىدىن دەسلەپ –چەيلەڭەن ھېلىم ئەپەندىنى بىر ھەربىي ياقىسىدىن تۇتۇپ، ئوتتىرىغا تۇرغۇزۇپ، سوراق قىلىشقا باشلىدى؛
— خوش ئەندى سەندىن سورايدىغان سوراقلىرىمىز بار، پانتۇركىست ھېلىم!
— سوراڭلار!
— سابىق شەرقىي تۇركىستان ژۇمخۇرىيەتى ھۆكۇمىتىنىڭ تامغىسىنى نەگە تىقىپ قويدۇڭ؟
— تىقىپ قويغىنىم يوق. ئۇنى ژۇرۇگىمگە بېسىپ ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.
— ئانداق بولسا شۇ تامغىنى بىزگە تاپشۇر!
— ياق، ئۇ مۇبارەك تامغىنى ھېچ كىمگە بېرەلمەيمەن.
— ھېلىم ئەپەندىنىڭ كاچىتىدىن ئوت چىقىپ كەتتى. رازى بولمىغان ئىككىنچى ھەربىي خۇنۋەيبىڭلەرگە مۇراژەەت قىلىپ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم ژۇغۇزلىغاندىن كېيىن سوراقنى داۋام قىلدى.
— خوش، ئەندى تۇزۇك ژاۋاپ بېرەمسەن، يوق؟ تامغىنى نەگە قويدۇڭ، ئۇنى ماۋژۇشىنىڭ باللىرىغا بېرەمسەن، يوق؟
— ياق بېرەلمەيمەن.
— نېمىشكە بېرەلمەيسەن؟!
— شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىز ئۆز ۋاختىدا ئۇ تامغا بېسىلغان ژەڭگىۋار يارلىقلار بىلەن شانلىق مىللىي ئارمىيەمىزنى قۇرۇپ، گومىڭدان مۇستەملىكىچىلىرىنى ۋەتىنىمىزدىن سورەپ چىققان ئېدۇق. مىللىي دۆلىتىمىزنى قۇرۇپ ئەل قاتارى ياشىغان ئېدۇق…
— بۇ مىللەتچى ئۇنسۇرنىڭ بۇرژۇا مۇلكىگە ئوت قويۇڭلار، تامغىنى نەدىن بولسىمۇ ئىزدەپ تېپىپ ئوتقا سېلىڭلار، دەپ ژار سېلىشتى ھەربىيلەر. يەنە كۇرەش باشلىنىپ كەتتى. غالژىرلاشقان بالىلار بۇ قېتىم كېچىكمەيلا ئەپەندىنى ئۆزلىرىچە ئېيتقاندا، «ئۇرۇپ ژىغىتىشقان» ئېدى. ھەربىيلەر ئۇنى سوراپ ئەكېلىپ ھېلىمەخاننىڭ يېنىغا تاشلاشتى.
بۇ يەردە ھەر خىل مىللىي زامانەۋىي مۇلكلار بىلەن تۇرلۇك كلاسسىك قول يازمىلار، كىتاپلار بار ئېدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھويلىنىڭ ئوتتىرسىغا دۇگلاندى. ھېچ يەردىن تامغا تېپىلمىدى.
— تامغا قېنى دەيمەنۇي، قېرى مىللەتچى؟! – ھەربىيلەر يەنە ھېلىم ئەپەندىگە ياماشتى.
— ئەگەر مونۇ كىتاپلار بىلەن تامغىنى كۆيدۇرمىساڭلار، تاپسام تېپىپ بېرەي، — دېدى ھېلىم ئەپەندى. ھەممە ئۇنىڭغا بىر ئى شىنىپ، بىر ئىشەنمەي قارىشىپ تۇراتىتى.
— مەيلى كۆيدۇرمىسەك، كۆيدۇرمەيلى دەپ ھېلىم ئەپەندىنى يولاپ تۇرغازدى ھەربىيلەر. ھېلىمىخان ئېرىنىڭ بۇ قىلىقىغا نارازى بولغاندەك ئىچىدە نېمىنىدۇ شىۋىرلاپ تۇراتتى. ھېلىم ئەپەندى ئاستا بىر شكافنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىر يان تاختىيىنى سويۇۋالدى. ئۇ يەردىن لاتىغا ئورالغان ئالىقانداق تامغىنى چىقىرىپ كۆزىگە سۇرتمەكچى بولىۋاتاتتى:
— بولدى ئاۋارە بولما، پانتۇركىست! – دەپ ئۇنىڭ قولىدىن تامغىنى ژۇلۇۋالدى ھەربىيلەر.
— خۇنۋەيبىڭ كىچىك دوستلار، مانا بۇرژۇا تامغىسىنى تاپتۇق. بۇ ئۇلۇق داھىمىي ماۋژۇشىنىڭ غەلىبىسى. قېنى ھويلىدىكى كىتاپ-ژىخازلارغا ئوت قويۇڭلار. داھىمىزنى مەدھىيلەپ «دۇڭخانخۇڭ» ناخشىسىنى ئېيتىڭلار، — دەپ خىتاپ قىلدى ئۇلار. باياتتىن كۇرەش ھودۇقۇشتا ئەقىلدىن ئازغان بالىلارغا بولۇپ بەردى. چېچىلىپ ياتقان ناۋاىي، لۇتفىي توملىرى ژىخازلارغا تۇتراق قىلىنىپ ئوت قويۇلدى ۋە خۇددى ئوتقا سىغىنغان ئاتەشپەرەستلەردەك ئوتنى چورا دەپ دۇڭخانخۇننى ۋاقىرىشاتتى. ئوت تازا ئەۋژىگە كوتۇرۇلگەندە: «بۇرژۇا سىلىڭبوسىنى ژىقىتايلى، ماۋژۇشىنىڭ غەلىبىسى ياشىسۇن!» -دېگەن شىارلار ئىچىدە تامغىنى ئوتقا تاشلىدى. ئوت پەسلىشىگە ھېلىم ئەپەندىنى كۆچىلاردا سازايى قىلىش ئۈچۈن ئالدىغا سېلىپ چوقۇراشقان بويى چىقىپ كېتىشتى…
— ھويلىدا يالغۇز قالغان ھېلىمىخان تولىمۇ پەرىشان ئېدى. ئۇ ئاستا ئوتنىڭ قېشىغا كېلىپ تىزلەندى. بايا قوينىغا تىقىۋالغان ئەسەرنى چىقىرىپ، مەيدىسىگە باسقان ھالدا: — مانا، شۇنچە ئۇلۇق يالدامىلاردىن بىر سىقىم كۈل قالدى، — دېدى ئۇ ئۆزىگە – ئۆزى خىتاپ قىلىپ، — ئېھ، قۇتلۇق كىتاپلار، تامغىلار! سىلەر قانچىمۇ مۇقەددەس ئىشنىڭ شاھىدى ئېدىڭلار. سىلەرنى مۇنداق كۆيدۇرۇپ، بۇ ژىنايەتلەرنى قىلىۋاتقانلار كىم؟ ئۇلار خۇنۋەيبىڭلارمۇ؟ ياق، ياق، ھەرگىزمۇ ئۇ بالىلار ئەمەس. ئۇ مەسۇم بالىلىرىمىزنىڭ ئاق دىلىغا قارا زەھەرنى قۇيۇپ، ئۇلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەزىل ۋە قەبىھ نىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماق بولغان ژاللات ماۋ! فاشىست ماۋچىلار، ھەي ماۋ، ساڭا مىڭ ۋە يۇز مىڭلارچە لەنەتلەر بولسۇن».
كۈن پېتىپ، ھېلىمىخان ئۆي ئىچىنى تازىلاپ، ئەندىلا ئۈز-قوللىرىنى ژۇيۇپ بولغان ئېدى، ئىشىكتىن سورىلىپ كىرگەن ھېلىم ئەپەندى بوسۇغىدا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كىيىملىرى ژۇل-ژۇل بولۇپ، چاچلىرى ژۇلۇنغان ئېدى. ئۈز-كۆزلىرى قىيما-ژىيما قىلىنىپ، ئاق كوينىگىنىڭ ياقىلىرى ئۆز قېنى بىلەن بۇلغانغان. لېكىن ئۇ نېمىشكىدۇ كۇلۇمسىرەپ، بىر نەرسىدىن مەمنۇن بولغان كىشىدەك رۆھلىق كۆرىنەتتى. بۇنى كۆرگەن ھېلىمىخان ئىچىدە: «بېچارە ئەقىلدىن ئېزىپ قالغان ئوخشايدۇ» دېگەن ئەندىشە بىلەن ژۇگرەپ كېلىپ يولىۋېدى:
— قانچا قىيناپ مەسخىرىلىشسىمۇ، تامغىنى ساقلاپ قالدۇق، — دەپ كۇلدى ھېلىم ئەپەندى ئايالىغا خاتىرژەملىك بىلەن قاراپ، — ئەگەر ئۇنى ساقلاپ قالمىساق…
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھېلىمىخان ئېرىنىڭ ژەزمەن ئەقىلدىن ئازغانلىغىنى بىلىپ، قاتتىق ئاياپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ ئۈز-كۆزلىرىنى تازىلىماق بولۇپ سۇ تەرەپكە تامشىلىۋېدى:
— سەن مېنى ئەقىلدىن ئېزىپ قالغان دەۋاتەمسەن، ھېلىمە؟ – تېخىمۇ كۇلدى ھېلىم ئەپەندى ھەقىقىي كىشىلەردەك چىرايىنى ئېچىپ. – ياق-ياق، بۇنچىلىك ئۇچقۇنلارغا چىدىمىغان ئادەم، ئادەم بولامدۇ؟ ژۇر، مەن ساڭا ھەقىقىي شەرقىي تۇركىستان ژۇمخۇرىيىتى تامغىسىنى كۆرسىتىمەن.
ھېلىمىخان ئېرىگە ئىشەنمەي، بىر قىسما بولۇپ تۇراتتى، ھېلىم ئەپەندى ئۇنى بايىقى شكاف قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، قىزىل لاتىغا ئورالغان ئىككىنچى بىر تامغىنى چىقارغاندا: «ئەقلىڭىزگە رەخمەت!» — دەپ ژىغلاپ كەتتى ھېلىمەخان خوشال بولۇپ ۋە تامغىنى يېنىپ-يېنىپ سۆيۇپ. ھەقىقەتتەنمۇ بۇ شەرقىي تۇركىستان ئىڭقىلاۋىي ژۇمخۇرىيىتى ھۆكۇمىتىنىڭ دولەت تامغىسى ئېدى. قىپ-قىزىل قەشقەر چىلىنىغا: «ئازات شەرقىي تۇركىستان ئىڭقىلاۋى ژۇمخۇرىيىتى» — دەپ ئويۇلغان ئەژايىپ چىرايلىق خەتلەر ئۇنچىدەك پاقىراپ تۇراتتى.
— دولىتىمىزنى ساقلاپ قالالمىساقمۇ، مانا، ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىنى بولسىمۇ ساقلاپ قالدۇق! – دەپ ئۇلۇق-كىچىك تىندى ھېلىم ئەپەندى تامغىنى مەيدىسىگە بېسىپ. شەرقىي تۇركىستان خەلىقلىرىنىڭ ئىڭقىلاۋىي تارىخى ئۈچۈن ئەخىمىيەتلىك بولغان بۇ تامغا 1945-1949 ژىللىرى ئىچىدە ئۆمۇر سۇرگەن ئازات شەرقىي تۇركىستان ئىڭقىلاۋىي ژۇمخۇرىيىتىنىڭ مەڭگۇ ئوچمەس يالدامىسى ئېدى.