مەن – بۈيۈك روھ

 

(ئابدۇمېژىت دۆلەتوۋنىڭ تۇغۇلغىنىغا 70 ژىل تولۇشى ئالدىدىن)

           تۈن بويى ئۇيقۇم قېچىپ، سەھەردىلا كۆزۈم ئىلىنىپ كېتىپتۇ. ژىراقتىن ئاپپاق كىيىنگەن ئۈچ كىشىنىڭ يولدا كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتىمەن. بىرسى سەللىسىنى بېشىغا ئېگىز يۆگىگەن، قولىغا قېلىن كىتاپ تۇتقان بوۋاي دەيمەن. سىنچىلىپ قارايمەن. «ھوي، مونۇ بىز كىتاپلاردا كۆرگەن كلاسسىك شائىرىمىز ئەلىشېر ناۋائىينىڭ سىماسىغۇ؟ يېنىدىكىسى، ئۇلۇق رۇس شائىرى سېرگېي ئېسېنىن. پاھ، ئۈچى تازىمۇ مۇڭدىشىپ كېتىپتا؟ ئوتتۇرىدىكى كىمكىنە؟ كىم بىلەن سۆھبەتلىشىپ كېلىۋاتىدىغاندۇ؟

           تۇيۇقسىز قول تېلېفونىم ژىرىڭلاپ كەتتى. كۆزۈمنى ئارانلا ئېچىپ، تىڭشىدىم. «ئاۋۇت ئاكا، ئابدۇمېژىت ئاكام ۋاپات بولدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىدىم. شۇم خەۋەرنى ئاڭلىشىم بىلەن ئامالسىزدىن كۆزۈم قايتا ژۇمۇلدى.

         چۈشۈم داۋاملاشتى. ئەندى ئەلىشېر ناۋائىي بىلەن سېرگېي ئېسېنىننىڭ ئوتتۇرىسىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئېگىز بويلۇق، قارا قاشلىق  ئابدۇمېژىت ئاكا دۆلەتوۋنى تونۇدىم…

         چۈشۈمنى ئۈزۈپ، ئوخىنىپ كەتتىم. بېشىمدىن بىر قاپاق سۇ قۇيۇلدى. ئىچىم تىت-تىت بولۇپ، قەلبىمنى يېرىپ قانداقتۇ بىر ئىلاھىي كۈچ  مېيەمدىن چىقتى. تېلېفوندا ئاڭلىغىنىم بىلەن چۈشۈمدە كۆرگىنىمگە يە ئىشىنىش، يە ئىشەنمەسلىكنى بىلمەي تەنتىرەپ قالدىم. مەن يۆلىنىپ تۇرغان ئېگىز تاغ كۆز ئالدىمدىلا غۇلىماقتا ئېدى. چىپ-چىپ تەر باستى. تىلدىن قېلىپ، بۆلمىدە ئالدى كەينىمگە مېڭىشنى داۋام قىلدىم. ئەس-ھوشۇمنى ژىغىپ ئۆزەمنى ئورۇندۇققا تاشلىشىم بىلەن كۆزلىرىم نەملىشىپ، پايانسىز دىل ئازاۋىغا، ئويغا كەتتىم…

 بىلگىن ھايات!

بىر پەرزەندى ئۇيغۇرنىڭ،

بارلىغىنى سالغاچ سېنىڭ يادىڭغا.

ناۋائىينىڭ يۇلتۇزىنى پىر تۇتقان،

ئابدۇمېژىت دۆلەت ژۈرەر ئالدىڭدا! – دېگىنىنى پىچىرلىدىم.

          «ئابدۇمېژىت دۆلەتوۋنىڭ دىلىدە ناۋائىي بىلەن ئېسېنىننىڭ روھى مۇژەسسەملەنگەن. ئۇ ژىگىرمە يېشىدە دەسلەپكى «مەن ژىگىرمىدە» توپلىمىنى مەيدانغا ئاتتى.  شۇنىڭدىن كېيىن ژىگىرمىدىن ئوشۇق كىتاپ، ئۈچ يۈزگە يېقىن ناخشىلارنىڭ مەتىنىنى يازدى.  ئابدۇمېژىت  بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پەخرى. يورۇق يۇلتۇزى» دېگەننى سەياسەتچىلەر، ئەدەبىياتچىلار، تەتقىقىتچىلار،  ئالىملىرىمىز ئەمگەكلىرىدىن ئوقۇغان. قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ژۇرنالىستلىرى: «ئەبېكېڭ زامانىۋىي ئۇيغۇر مەتبۇاتىنىڭ پىرى. ئەبېكېڭ قايسى ماۋزۇغا يازمىسۇن، تەرژىمە قىلمىسۇن، ئۆز ئىشىنى ژۇقۇرى ماھارەتتە ئورۇنلايدىغان، ژاۋاپكەرلىكنى سېزىدىغان تەژرىبىلىك ژۇرنالىست» دېگەنلىرىنى كۆپىنىڭ ئاغزىدىن ئۆز قۇلىغىم بىلەن ئاڭلىغان. ئاڭلاپ، ئاكام بىلەن دايىم پەخىرلەنگەچ، خۇددى مېنى ماختاۋاتقاندەك خوشال بولاتتىم.

         ئەندى «ئابدۇمېژىت ئاغرىپ قاپتۇ» دېگەنگە زادى ئىشەنمىگەن. مابادا، ئاڭلاپ، يوقلاپ كەلسەڭ دايىم ئىش ئۈستىدە، ئاق قەغەزنى قارا قىلىپ ئولتارغىنىنى ياكى ئايالى زاھىدەمگە كومپيۇتېرغا چۈشەرگۈزۈپ، يېڭى ئەسەرىنى ئوقۇپ بېرىۋاتقىنىنىڭ گۇۋاچىسى بولاتتىم. كەلگەن مەخسىتىمگە بولا سوالىمغا كۈلۈمسىرەپ ژاۋاپ بېرىپ، ئوغلى ئەلىشېرنى ئەركىلىتىپ، ماۋزۇنى باشقا ياققا يۆتكەپ كېتەتتى. ئۆزىنىڭ  ئاغرىغى ھەققىدە ئېغىز ئاچماتتى. ئەكسىچە، ئۆزى مۇقەددەس كۆرىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى، رېداكسىيادىكى ئىشداشلىرىنىڭ سالامەتلىگى، ھال-ئوقىتى، غېمىنى قىلىپ، گەپنى شۇ ياققا ئاغدۇراتتى.

        «دۆلەتوۋ گېزىتتىن كېتىپتۇ»، دېگەندىمۇ ئىشەنمىگەن. چۈنكى، ئۆمرىنىڭ تەڭ يېرىمىنى مىللىي مەتبۇاتقا بېغىشلىغان تەژرىبىلىك ژۇرنالىست، ئادىل ئەزىمەتنىڭ ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىقىشىغىمۇ بىر ئاز ۋاقىت قالدى، كېتىپ قېلىشى مۈمكىن ئەمەس، دەپ ئويلاتتىم. شۇنداقلا، ئۇنىڭ كېتىشىگە، بىر پارچە ناننى تەڭ بۆلۈشۈپ يېگەن، بىر «قازاندا» قاينىغان، خوشاللىغىدا ئويناپ، كۈلۈشكەن، تەژرىبىسىنى ئۆزلىرىنىڭ بوينىغا تۇمار قىلىپ ئاسقان ئىشداشلىرى، قەلەمداشلىرى يول  قويمايدۇ، دەپ ئويلىغان.  ئەپسۇس… كېيىن قەلب دەردىنى ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ ياقامنى تۇتتۇم. بولغان ۋاقىەنى «بەش كۈن بوش، ئىككى كۈن دەم ئېلىش» كىتاۋىمغا كىرگۈزدۈم. شەخسىي مەنپىيەت ئۈچۈن دوست ساداقىتىدىن كەچكەنلەرگە نېمە دېيىشىمنى بىلمىدىم. ئىلاژىسىزدىن ئابدۇمېژىت ئاكامنىڭ:

قانچە ژىلنى ئۆتكەزدۇق ئەگىشىپ بىز،

نەپ بەرمەس بىر گاچچىغا يۆگىشىپ بىز،

ئاخىرى نېمە بولدى؟

قىلغان ئىش يوق؟

تېخىچىلا ژۈرىمىز تەگىشىپ بىز، —  دېگەن شېىرى يادىمغا كېلىدۇ.

           ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزىتىپ، ۋىدالاشقان پەيتتە دايىم ئوچۇق تۇرغان ئېگىز ئاسمان، تەبىەت بۇزۇلۇپ، بوران چىقىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك بىر نامايەندىسىنىڭ باقى دۇنىياغا ئاتلانغىنىغا چىدىماي، ھەتتا، يەتتە قاتلام پەزاسىدىن ياشلىرىنى تۆكتى. بۇنىڭغا مەنلا ئەمەس، يولنى ژىراق دېمەي، پۈتكۈل قازاقستان دىيارىدىن شائىرغا ئاخىرقى ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىلىرى، سەياسەتچىلەر، يازغۇچىلار، ناھىيە رەھبەرلىرى، تىژارەتچىلەر، قىسقىسى، ئاددىي ئەزىز خەلقىممۇ گۇۋاچى.

                    ئەندى ژۇغۇچىغا كىرگەنلەرنى ئاڭلايلى. دەرىيادەك كەڭ كۆكسىگە قاراپ كۆرەيلى. قەلب نىداسى شۇنچېلىككى، ئەدەبىياتىمىزدىكى كەينىگە چېكىنىش، ئىزباسارلارنىڭ تاپچىللىغى، ئىژادىي زىيالىلىرىمىز ئارىسىدىكى بىر-بىرىنى چۈشەنمەسلىك ئەھۋاللىرىغا كۆيۈنگەن، دوست ساداقىتىنى ئىزدىگەن شائىرنىڭ مۇشتۇمدەك نازۇك ژۈرىگى سىرتقا چىقالماي، مەيدىسىنى ئۆرتەپ:

بەچچىغەرلەر ئارىدا كۆپىيىپ كەتتى،

قۇرۇق سۆزدىن ئۆي سېلىپمەخسەتكە يەتتى.

ئەل ئىچىدە ژۈرىدۇ ئونلاپ «چاڭموزا»،

ئاھ، بېچارە خەلقىمنى مەسخىرە ئەتتى

بارمۇ مىللەت

بىزلەردەك سازلىققا پاتقان،

ئاپتاپتىن قېچىپ باشنى سايىغا ئاتقان.

نېمە دېمە؟

يامىنى، دۈشمەن ئالدىدا،

ئوڭمايدۇ بۇ ئۆمۈردە ۋىژداننى ساتقان!  دېگەندەك ئېدى…

          گايىلار «ئابدۇمېژىتنىڭ قەنت دىابېتى  كېسىلى بار ئېكەن دېيىشتى». راست، ئۆزى مۇنايىم، كىچىك پېيىل، ئاق كۆڭۈل، گەپلىرى ھەسەلدەك تاتلىق ئابدۇمېژىت ئاكامنىڭ ئۇنداق ئاغرىغى بار ئېدى. ئامما ھاياتتىن ئۆزەڭلار كۆرۈۋاتىسىلەر، ئۆزەڭلار گۇۋاچى، مۇنداق كېسەلگە چېلىققانلار ئونلىغان ژىللار ياشاۋاتىدۇ.

         ئاللا تائاللا ئابدۇمېژىت ئاكا دۆلەتوۋقا ئىنسانغا خاس ھەممە پەزىلەتلەرنى بەرگەن ئېكەن. ئۆزى كېلىشكەن، ئوي-پىكرى سالماقلىق، ئېگىز بويلۇق، قارا قاشلىق. تاۋۇتتا يېتىشىغا كۆز ژۈگەرتەيلىچۇ! ژانسىز چېھرىدىن:

ژۈتىرىپ قويدۇممۇ ئۈمۈتىمنى مەن،

كۆچىرىپ قويدىممۇ ئۈمۈتىمنى مەن.

ئىشىنىپ گېپىگە بىر يالغانچىنىڭ،

ئۆچىرىپ قويدۇممۇ ئوتلىرىمنى مەن.

 

قولۇمدىن چۈشىرىپ چىرىغىمنى مەن،

قويدۇممۇ «سۇندىرىپ» يورۇغىمنى مەن.

دەشتلەرنىچۆللەرنى ماكان ئەيلىدىم،

قوغدالماي بېغىمنىقورۇغىمنى مەن

ھەي، تەڭرىم!

ئالەمدە مەنمۇ بىر بەندە،

تۈگىمەس نۇر بەرگىن، كۈچ بەرگىن تەنگە.

ئاياپ نە قىلاي مەن كىچىك ژېنىمنى،

كۆيسەم،

كۆيۈپ كېتەي ئەزىز ۋەتەندە! – دېگەن مىسرالىرى ئورغۇپ تۇرغاندەك. «ھەي، خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر! تىرىگىڭدە بىر — بىرىڭنى قەدىرلەشنى بىلىڭلار. بۇ دۇنىياغا بىز يالىڭاچ كېلىپ يالىڭاچ كېتىمىز. قولۇڭدىن كەلسە، بىر-بىرىڭگە ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار» دېگەندەك ياتىدۇ.  ئوچۇغىنى ئېيتسام، ئابدۇمېژىت ئاكام تىرىگىدە شۇ گەپنى قايتا، قايتا دەيدىغان. ئۇنىڭغا مەن گۇۋاچى.

  گايىلار، ماقالىنى ئوقۇش ژەرىيانىدا: «ئاۋۇت قەلىمىنى يۆتكەپ «ئاناتوم-پاتالوگ» بولۇپ كەتكەنمۇ، نېمە؟» دەپ ئويلايدۇ، تايلىق. ئۇستىخانسىز تىلنى تۇتۇپ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنداقلارغا ژاۋاپ يېزىش، ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن قەلىمىمنى تاشلىمايمەن. تاشلىسام، ئاكامنىڭ روھى ئالدىدا گۇنادا قالىمەن. چۈنكى، مېنىڭ قەلىمىمگە ئىشىنىپ مىللىي  ئەدەبىياتتىن ئورنۇمنى تېپىشىمغا سەۋەپچى بولغان، كۈچ-قۇۋەت، مەدەت بەرگەن ئەزىز، بۈيۈك ئىنسانلارنىڭ بىرى — موشۇ چوڭ ھەرىپتىكى شائىر ئابدۇمېژىت ئاكا دۆلەتوۋ.

         ۋاقىت ئۆتۈپ ئارىمىزدا يوقلۇغىغا خەلقىم ئۆكۈنىدىغان ئابدۇمېژىت ئاكىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ژىللاپ كۆمۈلۈپ ياتقان بىر ھەقىقەتنىڭ كۆزىنى ئاچىدۇ. ئۇ بولسىمۇ روھىي ئازاپتا ئۆتكەن يازغۇچى-شائىرلارنىڭ، ئالىملارنىڭ دەردى. مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن.

ئاژىزلارنى بوزەك قىلغان زامان بۇ،

كۆزگە ئىلماي، دەسسەپ، ئۇرغان زامان بۇ.

پايدىسىنى ئېلىپ پەقەت ئۆزىگە،

تاماشىنى ئۆزى كۆرگەن زامان بۇ.

 

نېمە دەيسەن؟!

بۇ ئەشۇنداق زامان بۇ.

كىمگەساراي، كىمگەقونداق، زامان بۇ.

شۈكرى دەيسەن، ئۆزەڭ بىلمەي نېمىگە،

كىمگەچارباغ، كىمگەتۇپراق، زامان بۇ.

 

بېغىڭغا تاش ئاتىدىغان زامان بۇ،

كەچ كىرمەي كۈن پاتىدىغان زامان بۇ.

دانالىرىڭ بوسۇغىدا خورلىنىپ،

نادان تۆردە ياتىدىغان زامان بۇ.

        ئابدۇمېژىت ئاكام  ئۆزى قويۇق ئارىلاشقان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ قىسقا ئۆمرى، ۋاپاتىنى تەۋرىنىش ئىلكىدە پات-پات ئەسلەتتى. «ئۇلار پىتنىخورلۇق، يالىخورلۇق، ساتقۇنلۇق،  كۆرەلمەسلىك، روھىي ئازاپنىڭ قۇرۋانلىرى. زامانىسىدا بىز شۇلارنى قوغدالمىدۇق. بېپەرۋالىققا يول بەردۇق.  بىزنى يەنە نېمە كۈتمەكتە؟ نوۋەتتە كىم تۇرىدۇ؟» دەتتى.

          ھازىر ھەقىقەت ئايان. روھىي ئازاپنىڭ يەنە بىر قۇرۋىنى ئۆزى بولدى. ھەممىنى ئىچىدە ساقلايمەن دەپ ژۈرىگى، پاك دىلى چىدىماي،  كۆيۈپ كەتتى…

         مۇنداق گەپلەرنى دېيىش، يېزىش بىر قارىماققا ناتوغرا ئىش. ئۆزىمىزنىڭ ئورىسىنى ئۆزىمىز قېزىش، كەينىمىزنى ئېچىش بىلەن باراۋەر. ئامال قانچە؟ يەنىمۇ يوشۇرۇپ، دىلىمىزنى زېدە قىلىپ ژۈرۈۋەرسەك ئۆلۈپ تۈگەيمىزكەن. شۇ چاغدا مىللەتنىڭ تىلىنى، دىلىنى كىم ساقلايدۇ؟ ئۇنىڭسىزما، قازاقستاندا ياشاۋاتقان ئىككى يۈز ئاتمىش مىڭ ئۇيغۇرغا بۆلۈپ كۆرسەك، ھەر ئون مىڭ ئۇيغۇرغا بىر يازغۇچى-شائىر ئارانلا توغرا كېلىدېكەن. دەرىيانىڭ تامچىسىدەك ئەزىز ئەزىمەتلەرنى نېمىشكە خورلايمىز؟ شەخسىي مەنپىيەتتىن قاچان كېچىمىز؟ ئۆزىمىزنىڭ ئارامى ئۈچۈن ۋىژدانىمىزنى سېتىپ يەنە بىرىدىن نېمىشكە ئۆچ ئېلىشقا ماڭىمىز؟ ھەي، ئادىمىزات، ژۇقۇرىدا كەلتۈرۈلگەن رەقەمگە نېمىشكە ئېتىۋار بەرمەيمىز؟ دەپ ۋاقىرۇغۇم، ژار سالغۇم كېلىدۇ. يازغۇچى-شائىرلارنىڭ زارىنى ئاڭلايدىغان، قول-قانات بولىدىغان،  قوللايدىغان ئەزىمەتلەر بارمۇ، زادى؟ دەپ خەلقىم ئىچىدىن ئىزدىگۈم كېلىدۇ…

         ئابدۇمېژىت ئاكام كېيىنكى يېرىم ژىل  ئىچىدە توختىماي ئىشلىدى. يازغۇچىلىرىمىزنىڭ يېشىغا يېتىپ، كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلار ساناقلىق بولغانلىغىنى ئېچىنىش بىلەن ئەسلەپ، بىر توپ ئىژاتكارلارنى ئەتراپىغا ژىغدى. «تەڭرىتاغ» ئەدەبىي بىرلەشمىسىنى قۇردى. نېسىھەت، مەسلىھەتلىرىنى بېرىپ، پەقەت يېزىش، يەنە يېزىش كېرەكلىگىنى ئۇلارنىڭ دىلىغا سىڭدۈردى. سۈيەكسىز تىلنى تۇتۇپ بولامدۇ. «ئابدۇمېژىت ئەتراپىغا تالانتسىز ياشلارنى ژىغىپتەك» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىدى. «مەيلى، ۋاقىت كۆرسىتىدۇ. زامانىسىدا ھېزمەت ئابدۇللىننى «ئەدەبىياتىمىزنىڭ يالغان چېچىگى» دېۋىدى. ھازىر ئۇ ئەدەبىياتىمىز گۆھىرى»،  دېدى. «قازاقستان – مېنىڭ ۋەتىنىم»  كوللېكتىۋلىق كىتاپنى ئۆزى يالغۇز توپلاپ، ھامىيلارنى تېپىپ، يەتمىگىنىگە قەرىز ئېلىپ يورۇققا چىقاردى. «كىتاپقا چوڭ يازغۇچىلارنى كىرگۈزمەپتۇ. ئۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپتۇ» دېگەننى ئاڭلىدى. يەنە، «مەيلى، كېيىن چۈشىنىدۇ»، دېدى.  ساتىدىغان ۋاقىتتا پۇلى بارلار ئۇنى قىممەت دېدى. شارائىتى ناچارلارغا بېكارغا تاراتتى.  ئەندى دەسلەپ ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ غالژات، كېيىن ئاچىنوقا يېزىسىدا ئۆتكەن كىتاپنى تونۇشتۇرۇش ئۇچرىشىشلىرى ئەژايىپ بولدى. ئۇيغۇرنىڭ يازغۇچى، شائىرلىرىغا تەشنا بولغان، شەخسىي مەنپىيەت دېگەننى زادى بىلمەيدىغان سادىغاڭ كېتەي ئاددىي خەلقىم ئۇلارنى قۇچاق يېيىپ كۈتۈۋالدى. قىممىتىگە قارىماي، كىتاپلارنى  سېتىۋالدى. كىتاپ مۇخلىسلىرى توپلامنىڭ ئىچىدىكى ياش تالانتلارنى كۆرۈپ، ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، كۆز ياش قىلغىنىدا بىز ئابدۇمېژىت ئاكىغا ئاپىرىن ئەيلىگەچ، باشلىغان ئىشى توغرىلىغىغا كۆزۈمىز يەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇمېژىت ئاكا، ژىراق دېمەي، ئۇ ژۇتلارغا ياشلارنى ئەگەشتۈرۈپ، بىر نەچچە قېتىم باردى. ژۇت پەرزەنتلىرى خۇداۋەدى، توختاسۇن ئاكىنىڭ قوللىشىدا غالژات بىلەن ئاچىنوقا توغرىلىق ناخشىنىڭ مەتىنىنى تۈزدى. پەرھات داۋۇتوۋقا مۇزىكىسىنى يازدۇردى. گۈلۋىرا رازىېۋا، مالىك سادىروۋ ھەم مېنىڭ كىتاپلىرىمغا مۇھەررىرلىك قىلدى. ئابدۇمېژىت ئاكىنىڭ تالانتىنى ناھايىتى ئۈستۈن باھالايدىغان قۇددۇس غوژامىياروۋ نامىدىكى ئۇيغۇر تېاترىنىڭ  مۇدىرى ئادىلژان ژانباقىېۋ ئۇنىڭغا تېاترنىڭ دراما بۆلۈمىنى باشقۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قازاق خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى شەمسى قالداياقوۋنىڭ ئۆمۈر پائالىيىتىگە بېغىشلانغان «سىگان سېرېنادىسى» ئەسەرىنى تەرژىمە قىلىپ سەھنىگە چىقاردى. «بەلدىڭدىكى سۆھبەت» كىتاۋىنى نەشىرگە تەييارلىدى. كىتاپ چىقىشى بىلەن يەنە بىر كىتاپقا تۇتۇش قىلدى. «ئاۋۇت، ئاتۇ پاژىەسىگە مۇناسىۋەتلىك  داستاننى تاماملىدىم. چىقىرىش ئۈچۈن سۈرەتلەر كېرەك» دېدى. ئاغزىمدىن رەسسام دىاس ئاكا قۇربانوۋنىڭ بىر سۈرىتىنى كۆرگىنىم چىقىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى ئابدۇمېژىت ئاكام قورامغا بېرىپ، يادىكارلىقلارنى  چۈشەرگەچ، سۈرەتنى ئېلىپ كەپتۇ. بىر ھەپتە ئۆتمەي «روھلار سۆزلەيدۇ» كىتاۋىنى بىزنىڭ ئۆيگە كۆتىرىپ كىرىپتۇ. «بىز، بىزلا دەيمىز. ئاتاقلىق خىرۇرگ  قاسىم ئاكا قادىروۋمۇ زامانىسىدا شائىر بولغان ئېكەن. ئەندى شۇنىڭ توپلىمى ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمەن»، دېدى ئۇ يېڭى، باسمىخانىنىڭ بويىغى پۇراپ تۇرغان كىتاۋىنى ماڭا سوغا قىلغاچ. «ئاكا، كىتاپلار تېخى سېتىلمىدى. نەدىن ئاخچا تېپىۋاتىسەن؟» سورىدىم چاقچاق قىلىپ. «ئۆينى نېمىگە ساتتىم. كېرەك بولسا ساڭىمۇ يېتىدۇ» دېدى ئۇ ماڭا كۈلۈپ قاراپ. ئەتىسى ئەژايىپ ماھارەت بىلەن يېزىلغان، پۈتكۈل ۋۇژۇدى تەۋرىنىپ-تىترىگەن قەلەم ساھىبىنىڭ ژۈرەك نىداسى ئاڭلانغان «ئاتۇ»، «روھلار سۆزلەيدۇ»، «ئاشىقلار قارغىشى» داستانلىرىنى، يېڭى شېىرلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. دەسلەپتە روھ ئۇ ئۆزى ئېكەنلىگىگە ئېرەڭ قىلمىغىنىمغا ئەپسۇسلىنىپ، ۋاپاتىدىن كېيىن يەنە بىر،  قايتا ئوقۇدىم…

مەنروھ!

مەنبۈيۈك روھ!!!

مەن بارمەن، مەن مىللىتىمگە يارمەن،

ئۇ ھېچ قاچان ئۆلمەيدۇ!

ئۆز مىللىتىدىن يەردە تۇرۇپ كەچكەنلەر

تىرىك ئۆلگەنلەر.

تىرىك مۇردا بولۇپ ژۈرگەنلەر!…

ئەۋلات موشۇنى بىلسە بولاتتى،

شۇ چاغدىلا

كېلەچەك ئاڭا كۈلەتتى!

روھنىڭ ئۆلگىنى،

گېكىتەكنىڭ بوغۇلغىنى.

شاقىراپ ئاققان دەرىيالارنىڭ

بېۋاقىت سوغۇلغىنى!

مەن ئۆلمەيدىغان،

ھېچ كىمگە سېتىلمايدىغان،

مۇقەددەس روھ!

نۇرپەرەس روھ!!!

كىشەنلەر قولدىن،

دىلدىن ئېلىنغاندا!-

تىرىكلەرلا ئەمەس

بىزروھلار ژۈرىگى يېرىلىپ كەتسە

مەيلىدى.

خوشاللىق ژىغىمىز

ئەرشى ئاللاغا يەتسە،

مەيلىدى!

بىزنى ئادەمگە كۆرسىتىدىغان

بىزنىڭ بايلىغىمىز.

بىزنى ئالەمگە

كۆرسىتىدىغان

بىزنىڭ  — بايرىغىمىز!

مەنروھ!

مەنمۇقەددەس روھ!!!

تىرىكلەر قەلبىنى ئۆلتەرمەيدىغان،

ئەۋلاتقا مۇستەقىللىك تىلەيدىغان

         ھازىر ئويلايمەن. ئابدۇمېژىت ئاكام ژۈرىگىنىڭ ئۇزاق چىدىمايدىغىنىنى تۇيغان ئېكەن. شۇڭا، ئۇ، ئالدىراپتۇ. يېرىم  ژىل ئىچىدە بىز ياشلارنى بىرىكتۈردى. يېڭى ئەسەرلەرنى تەييارلىدى. ژىراق ژۇتلار بىلەن ئۈزۈلگەن ئالاقىنى ئورناتتى. ئىشلەمچانلىقنىڭ، تۇغۇلغان ئۆز يېرىڭنى سۆيۈشنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسەتتى. چېلەك، بايسېيىت، ئاچىنوقا، غالژات ژۇتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ناخشىلارنىڭ مەتىنىنى يېزىپ، قالدۇردى.

         ئارمىنى – ئاددىي خەلقى  ئاتاقلىق زىيالىلىرىمىزنى كۆرۈشكە تەشنا ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئاقسۇ، ئاقتام، چونژىدا، ياركەنت تەۋەسى، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قېدىمىي ژۇتلىرىدا،  ۋە، ئەڭ ئاخىرىدا، ئەدەبىياتىمىز بىلەن مەدەنىيىتىمىزنىڭ مەركىزى ئالمۇتا شەھىرىدە كىتاپخانلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزمەكچى ئېدى… ئەپسۇس، ئارمان ئارمان پېتىچە قالدى.

          شاگىرتلىرى قەلبىدە ئۇلۇق شائىر بولۇپ مۇژەسسەملەنگەن ئابدۇمېژىت ئاكىنىڭ:

تاپقان دۇنىياسىنى،

ياتاق ئۈچۈن خەشلىگەننى يوق دېمە.

چېچىپتۆكۈپ بارىنى،

ئاتاق ئۈچۈن خەشلىگەننى يوق دېمە.

خخخ

ئۆزىنى شىر چاغلىغان،

باشقىنى ئەر چاغلىماس.

مىللەتكە ژان كۆيدۈرۈپ،

ھېچ قاچان بەل باغلىماس.

خخخ

بۇرۇن ژىگىتلەر مەشرەپتە كۆيەتتى،

سورۇندا ژۈرەتتى.

ھازىر ژىگىتلەر سورۇندا كۆيىدۇ،

بازاردا ژۈرىدۇ.

خخخ

مۇكاپاتلىرى بىر ئاز بار،

باشلىق بولغاندا ئالغان.

يېزىشتىن قاچان قالغىلى،

ئېيتقىنى پەقەتلا يالغان.

خخخ

يېگەندە،

سورىمايدۇ نەرقىنى.

دېگەندە،

ئايرىپ كېتەر پەرقىنى.

خخخ

ئىغۋاگەرنىڭ

ئۆزى ئىشلىمەيدۇ،

سۆزى ئىشلەيدۇ!

خخخ

ھەممە نەرسىگە رەنژىۋەرسەڭ،

ئاخماق بولۇپ قالىسەن.

ھەممىنىڭ توغرا، راست دەۋەرسەڭ،

باشقىلار قولىدا

توخماق بولۇپ قالىسەن…  دەپ يازغان قۇرلىرىنى ئوقۇپ، خىيالىمغا يەنە بىر ئوي كەلدى.

         ھەر زاماننىڭ دانالىرى ئەقىل-سۆزىنى، ئەسەرلىرىنى يېزىپ ئۆزلىرىگە مەڭگۈلۈك يادىكارلىق ئورنىتىپ كېتىدېكەن. ئابدۇمېژىت ئاكامنىڭمۇ ژۇقۇرىدا يازغانلىرى شۇنىڭغا گۇۋا. ئۇ بىزنىڭ، ژاپاكەش ئۇيغۇر خەلقىمنىڭ قەلبىدە دانالارنىڭ داناسى بولۇپ قېلىشىغا ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ شېىرلىرى، ئەقلىيە سۆزلىرى ۋاقىت ئۆتۈپ رىۋايەتكە ئايلىنىدۇ. باشلىغان ئىشىنى، قالدۇرغان ئېقىدىسىنى بىز، ياشلار، داۋاملاشتۇرىمىز. قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭ كلاسسىك شائىرى ئاباي قۇنانباېۋنى ئاباي قىلىپ دۇنىياغا تونۇتقان مۇختار ئەۋېزوۋ ئېكەنلىگىنى ھەممە بىلىدۇ. بىزنىڭ خەلىقنىڭ ئىچىدە ئابدۇمېژىت دۆلەتوۋنى تونۇتىدىغان كىشى يوقمۇ؟ بار. ئابدۇمېژىت ئاكىنى دۇنىياغا تونۇتىدىغان  ئۆزىمىز، كېلەچەك ئەۋلات. ئىشەنچىم كامىل، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كۆپلىگەن ياش ئالىملىرىمىز يېتىلىدۇ. پەقەت قەلبىمىزنى كەڭ تۇتۇپ، ئادىل نىيەتلىرىمىزنى بىرلەشتۈرسەك ئۇ مەخسەتكە چوقۇم يېتىمىز.

          ياتقان يېرىڭ ژەننەتتە بولغاي، روھلىرىڭ بىزنى يېڭى ئىژات مەيدانىغا باشلىغاي، ئابدۇمېژىت ئاكا. قۇرۇق سۆز ئەمەس، ئەمەلىي ئىش بىلەن تېخى تالاي داۋانلاردىن ئاشىمىز.

«دانالار ژۈرەر بەلكىم قېشىمىزدا،

قولقانات بولۇپ تۇرمۇشئىشىمىزدا.

شۇنداق ئېكەن،

قەدىرلەپ، بىز ئۇلارنى،

تاژ قىلىپ كۆتىرەيلى بېشىمىزدا»، -دەپ بىزگە نېسىھەت قىلىپ  يازغىنىڭدەك، نازۇك دىللىق شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئۆچەرمەسكە، باشلىغان ئىشىڭنى داۋاملاشتۇرۇشقا بار كۈچىمىزنى سالىمىز.

ئاۋۇت مەسىموۋ،

بالىلار يازغۇچىسى،

قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ  ئەزاسى.

مۇستەقىل «ئىلھام» ۋە «تۇرغان توختەموۋ» نامىدىكى

مۇكاپاتلارنىڭ ساھىبى.

ئىلاۋە: مەزكۈر ماقالە كىتاپتىن باشقا ھېچ بىر نەشىرلەردە بېسىلمىغان. شۇڭلاشقا، مۈمكىنچىلىگى بولسا، كۆپىرەك تارىتىلىپ، ياشلىرىمىزنىڭ ئوقۇغىنىنى خالىغان بولار ئېدىم. چۈنكى ۋىژدانىنى سېتىش ئەھۋاللىرى ئون ژىل ئىلگىرىمۇ بارتى، ھازىرمۇ تازا ئەۋژىگە يېتىۋاتىدۇ.