مەسئۇت سابىرى بايقۇزى

© 100 Мәшһур уйғур, Мәһәммәттурсун Әмәт Уйғур

مەسئۇت سابىرى بايقۇزى

    شەرقى تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىخىدا 3 ئەپەندى دەپ نام ئالغان ئەپەندىلەرنىڭ بىرىنچىسى بولغان دوختۇر، مائارىپچى، سىياسەتچى مەشھۇر شەخس، مەسئۇت سابىرى بايقۇزى  Mesut Sabri  1887- يىلى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق ئارابوز يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.

    مەسئۇت ئەپەندى 5 ئوغۇل، 2 قىز بولۇپ يەتتە بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى. دادىسىنىڭ ئىسمى سابىر ھاجى، ئانىسىنىڭ ئىسمى ئايسىخاندۇر. ئۇنىڭ چوڭ دادىلىرىنىڭ ئىسمى پولات قۇزى، تۆمۈر قۇزى ۋە باي قۇزى بولۇپ، مەسئۇت ئەپەندى كېيىنكى ۋاقىتلاردا «بايقۇزى» ئىسمىنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ قوللانغاندىن كېيىن، «مەسئۇت سابىرى بايقۇزى» دەپ ئاتالغان.

    تۆۋەندە مەسئۇت سابىرى بايقۇزىنى «مەسئۇت ۋە مەسئۇت ئەپەندى» دەپ ئاتايمىز

    1859- يىلى خىتاي، مانجۇ ئىشغالچىلىرى ئۆزلىرىگە قارشى چىققان ئۇيغۇر خەلقىنى شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا كۆچۈشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇلارنىڭ بىرسى پولات قۇزى ئائىلىسى بولۇپ، ئاتۇشتىن كۆچمەنلەر بىلەن بىرلىكتە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا ناھىيىسى ئارابوز يېزىسىغا بېرىپ يەرلىشىدۇ. بۇلار يەرلەشكەندىن كېيىن بۇ يېزىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشۇپ، يېزىغا ئاق ئۆستەڭ ۋە سېرىق ئۆستەڭ دەپ ئاتالغان 2 ئۆستەڭ قازىدۇ. تۇپراقنىڭ ياخشىلىقى، خەلقنىڭ غەيرەتلىرى بىلەن يېتەرلىك سۇ مەنبەسىگە ئېرىشكەن بۇ يېزا كۆپ ئۆتمەي جەننەت كەبى بىر ماكانغا ئايلىنىدۇ. بەكمۇ ئەپسۇسكى مەنچىڭ تاجاۋۇزچىلىرى خەلقنىڭ بۇ گۈزەل يېزىدا ياشىشىغا چىدىماي ھەسسىلەپ باج- سېلىق قويۇپ خەلقنى ياشاش ئىمكانىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.

    ئىلاجىسىز قالغان بايقۇزى ئائىلىسى غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاكىلىرى باقمىچىلىق ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تىجارەتتە تەرەققى قىلىپ، تىجارىتىنى شەرقى تۈركىستاندىن ھالقىپ، موسكۋا ۋە ئۆزبېگىستاننىڭ بىرقانچە شەھەرلىرىگە كېيىنچە خىتاي، تۈركىيە ۋە گېرمانىيىلەرگىچە كېڭەيتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئائىلە ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىدە ساناقلىق ئائىلىلەردىن بىرسى بولۇپ قالىدۇ.

    مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئائىلىسى باي بولغاچقا، جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەلدە ئوقۇيدۇ ۋە تىجارەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشتەك ئەنئەنە

شەكىللەندى. 1904- يىلى مەسئۇد شەرقى تۈركىستاننىڭ دىنى ۋە سودا ساھەسىدىكى يۇقىرى

قاتلامدىكى زاتلار ئىنتىلىدىغان ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلغا ئوقۇشقا كېلىدۇ.

مەسئۇت ئاۋۋال ئىستانبۇلدىكى مەيدىئەي ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. مەسئۇتنىڭ زېھنى بەك ئۆتكۈر ئىدى. ئۇ ئىنتايىن تىرىشىپ ئوقۇيدۇ. بىر يىلدىن كىيىن بىر ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ مەخسۇس سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۈچ يىلدىن كىيىن ئالى دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومى بىلەن ئىمتىھان ئارقىلىق ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. 2- مەۋسۇملۈك ئوقۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئۇ يەنە ھەيدەر پاشا ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىككى خىل ئىلىم بويىچە ئوقۇپ، ئالدى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ دىپلومىنى ئالىدۇ. يەنە تۆت يېرىم يىل ئوقۇغاندىن كېيىن ھەيدەر پاشا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ دىپلوم ئالىدۇ. مەكتەپ ئۇنىڭغا «ئەخلاق ۋە ئۆگىنىشتە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» دەپ نام بېرىدۇ.

    ئۇ تۈركىيىدىكى 10 يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ھەر خىل ئېقىمدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، تونۇشۇپ نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولىدۇ. ئۆزىگە پانتۈركىسىزم ئىدىيىسىنى سىڭدۈرىدۇ ۋە ئۆزىنى يېتىلدۈرىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسى ھەسسىلەپ كۈچىيىدۇ.

    مەسئۇت ئەپەندى 1915- يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن غۇلجىدا «ئالتاي دوختۇرخانىسى» دەپ بىر دوختۇرخانا ئاچىدۇ. ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە بىر تۈركۈم بىلىملىك ياشلارنى تەربىيىلەيدۇ. ئۇنىڭ بەزى شاگىرتلىرى خېلىلا داڭلىق دوختۇرلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. غەربچە داۋالايدىغان بۇ دوختۇرخانا ئۇ ۋاقىتلاردا خەلق ئۈچۈن بىر مۆجىزىدەك ئىدى.

     ئۇ بۇ جەرياندا سارە خانىمغا ئۆيلىنىدۇ. بۇلارنىڭ: ئەرتۇغرۇل، ئۇيغۇر، يىلدىرىم (چاقماق)، تومرىس، گۈلتېكىن، قىۋىلچىم (ئۇچقۇن) ۋە يالچىن (يالقۇن) قاتارلىق 5 ئوغۇل، 2 قىز يەتتە پەرزەنتى بولىدۇ. مەسئۇت ئەپەندىنىڭ بۇلاردىن باشقا خىتايدا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىدا ئۆيلەنگەن ئىككىنچى ئايالىدىن سالچىن ۋە سالقىم ئىسىملىك 2 پەرزەنتى بولغان. 

    مەسئۇت ئەپەندى تۈركىيىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەلقىنىڭ ئىنتايىن نادان، مائارىپتىن ئۇزاق قالغانلىقىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلىپ، قاتتىق ئازابلىنىدۇ. ئۇ خەلقنى ئويغىتىش، جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قاتتىق باش قاتۇرىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرگە ئايرىپ تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ.

1- مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى

    مەنچىڭ خانلىقى تاجاۋۇز قىلىپ شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، «بىلىمسىز نادان

خەلقنى ئاسان باشقۇرغىلى بولىدۇ» دەپ ئويلىغاچقا ئۇيغۇر خەلقىگە بىلىمسىز، نادان قالدۇرۇش

سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى تۈركىيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەلقىنىڭ 10 يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا نادانلىق ۋە جاھالەتتە تېخىمۇ بەك ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئوخشاش پىكىردىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىشنى مەكتەپ ئېچىشتىن باشلايدۇ. ئالدى بىلەن غۇلجا شەھىرىدىكى رېشىدى ئىسىملىك مەكتەپنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى مەكتەپنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ، دەرس ئەھۋالىمۇ يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى.

    مەسئۇت ئەپەندى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، ياشلارغا مۇراجىئەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىلمى بولغانلارنى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ، مەكتەپنى ئومۇميۈزلۈك رىمونت قىلدۇرىدۇ، دەرس پروگراممىلىرىنى تەرتىپكە سېلىش بىلەن بىرگە بارلىق مەكتەپلەرنىڭ دەرسى ۋە دەرسلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەر ئارا بىر- بىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرىدۇ. مەكتەپ ھېساباتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ رامىزان ئايلىرىدا خەلققە مۇراجىئەت قىلىپ مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىقتىساد ھەل قىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ غۇلجىدىكى ئۇيغۇر مائارىپى تەرەققى قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما 2 يېرىم يىل بولاي دېگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەكتەپلەرنى مەجبۇرى تاقىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمدىلا تەرەققى قىلىشقا يۈزلەنگەن مىللى مائارىپ توختاپ، بۇرۇنقى ئەسلىگە قايتىدۇ.

    دەرنەك (جەمئىيەت- تەشكىلات) مەكتەپلىرى

    بۇ جەرياندا سىبىرىيىدە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان تۈركىستانلىقلار غۇلجىغا قېچىپ كېلىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇت ئەپەندى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇلاردىن بىر قانچە كىشىنىڭ غۇلجىدا قېلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدۇ. ھۈسەيىن ئەپەندى ئىسىملىك بىر كىشى، ئېچىلىدىغان مەكتەپلەردە بايلارنىڭلا ئەمەس، بارلىق خەلقنىڭ بالىلىرى ئوقۇيالايدىغان بولىشى توغرىلىق پىكىر بېرىدۇ. بۇ پىكىر دەسلەپتە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ كېيىن خېلىل ۋە تۇرغۇت ئىسىملىك ئەپەندىلەر بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ كىشىلەر مىللى مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن 14- 15 مىڭ سەر پۇل توپلايدۇ.

    بۇرۇن سېلىنغان مەكتەپلەر قايتىدىن رىمونت قىلىنىپ، بىر قېتىمدىلا 5 مەكتەپ ئېچىلىپ،

بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىلار چاقىرتىلپ كېلىنىپ بۇ مەكتەپلەردە يېڭىدىن دەرس باشلىنىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى غۇلجىدىكى مائارىپ خىزمەتلىرىنى يېڭىدىن جانلاندۇرۇپ، تەرتىپكە سېلىپ بولغاندىن كېيىن مەكتەپ خىزمىتىنى خېلىل ۋە تۇرغۇت ئەپەندىلەرگە تاپشۇرۇپ ئۆزى

دوختۇرخانىسىغا قايتىپ كېلىدۇ[1]. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن

مەسلىھەت بېرىپ تۇرىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى مىللى مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاتا- ئانىلىرىنى خاتىرجەم قىلىش ۋە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەكتەپلەرنىڭ قەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلايدۇ. خېلى ئوبدان تەييارلىقلاردىن كېيىن مەسئۇت ئەپەندىنىڭ بېغىدا 1- 2 مىڭ كىشىلىك بىر مەيدان ۋە بىرەر يۈز ئوقۇغۇچى ماھارەت كۆرسىتەلىگىدەك بىر سەھنە تەييارلىنىدۇ.

    ۋاقتى، سائىتى يېتىپ كەلگەندە مەيدانغا توپلانغان خەلق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مارشلىرى، گىمناستىكلىرى، شېئىرلىرى، ناخشا، كومىدىيىلىرىنى كۆرۈپ قىزغىن ئالقىشلايدۇ. بۇ مۇراسىمدا 8- 9 مىڭ سەر پۇل توپلىنىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى مۇراسىمدىن كېيىن يىنىك بىر نەپەس ئالىدۇ. چۈنكى مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئالغان قەرزلەر ۋاقتىدا قايتۇرۇلىشى كېرەك ئىدى.

    بۇ خوشاللىق كۈننىڭ ئەتىسى مەكتەپلەرنىڭ تۈۋرۈكى بولغان خېلىل ۋە ئابدۇرەخمان ئەپەندىلەر خىتايلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى ۋە خەلقنىڭ مۆتىۋەرلىرى 3 ئايغىچە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يول مېڭىپ، يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، ئۇلارنى ئوقۇتقۇچىلىق قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئاران تەستە تۈرمىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن خېلىل ئەپەندى  تۈركىيىگە قايتىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ جەمئىيەتنىڭ بۇ مەكتەپلىرىمۇ تاقىلىدۇ.

    ئىلى مەكتىپى

بۇ ۋەقەلەر بولۇپ بىر مەزگىل ئۆتىدۇ، خىتاي ئەمەلدارلىرىمۇ ئالمىشىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى ئۈمىت ئىچىدە بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىلارنى چاقىرتىپ، كۆرۈنۈشتە 4 سىنىپلىق بىر مەكتەپ ئېچىپ دەرس باشلايدۇ. بىرەر يۈز ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچى تۇنجى يىللىق دەرسىنى تۈگىتىپ ئىمتىھاندىن كېيىن تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ. تەتىل تېخى ئەمدى باشلىنىشىغا خىتايلار، سۇئال- سوراقسىز مەسئۇت ئەپەندى ۋە ئابدۇراخمان ئەپەندىنى تۇتقۇن قىلىپ، قول- پۇتلىرىنى كىشەنلەپ، تۈرمىگە تاشلايدۇ. كېيىن بۇلارنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى ياڭ زېڭشىن (1863- 1928) تەرىپىدىن ئۈچ قېتىم بىۋاستە سوراق قىلىنىدۇ. بۇلار سۇئال- سوراقلارغا تارتىلىپ تۈرمىدە 9 ئاي ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ مەكتەپمۇ تۈگەيدۇ.

    يەتتە سىنىپلىق مەكتەپ

ئارىدىن بىر يىل ئۆتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتۇشتىكى داڭلىق باي مەسئۇت ئەپەندىنىڭ چوڭ

دادىسى باھاۋۇدىن باي ھاجىم غۇلجىغا كېلىپ، مەسئۇت ئەپەندى بىلەن مەكتەپ ئېچىش توغرىلىق مەسلىھەتلىشىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر خەلقى مىللى مائارىپسىز قالسا قەتئىي بولمايتتى. بۇلار 7 يىللىق بىر مەكتەپ پىلانىنى تۈزۈپ خىتاي ۋالىيغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. نۇرغۇن قىيىنچىلىقلاردىن كېيىن خىتاي ۋالىي مەكتەپنىڭ ئېچىلىشىنى ئاخىرى تەستىقلىغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن خوشال بولغان باھاۋۇدىن ھاجىم، مەسئۇت ئەپەندىلەر نۇرغۇن چىقىم قىلىپ تەييارلىق قىلىدۇ. لېكىن، دەل بۇ ۋاقىتتا باھاۋۇدىن ھاجىم ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ ئىشلىرى ئۇنىڭ دوستى ياقۇپ ئەپەندىگە قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بۇ مەكتەپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىم كۈنى يېتىپ كېلىدۇ. مۇراسىمغا خىتاي ۋالىيمۇ قاتنىشىدۇ. ئۇ ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا مەسئۇت ئەپەندىنى كۆرىدۇ. ئەتىسى ياقۇپ ئەپەندىنى چاقىرتىپ كېلىپ، «مەسئۇت ئەپەندى دۆلەت ئالدىدا جىنايەتچى» دەپ مەكتەپنىڭ ئېچىلىشىنى چەكلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ مەكتەپمۇ ئېچىلماي تۇرۇپ تاقىلىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى ئامالسىز قېلىپ مائارىپ ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.

    مەركەز رېشىدى ۋە دۆڭمەھەللە غېنى ئاخۇن مەكتىپى

    مەسئۇت ئەپەندى يۇقىرىقى ۋەقەلەردىن كېيىن مائارىپ ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ نىيىتىدىن يانمىغان ئىدى. ئۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، ئۆزى ئىقتىساد چىقىرىپ مەركەز رېشىدى ۋە دۆڭمەھەللە غېنى ئاخۇن مەكتەپلىرىنى ئاچىدۇ. ئەمما بۇ مەكتەپلەرمۇ مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇزۇنغا بارماي تاقىۋېتىلىدۇ.

    مەسئۇت ئەپەندى ئۆز خەلقىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش تاشقى دۇنيانى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئاسانلا قوبۇل قىلالايتتى. بۇ كۈنلەردە  كۈتۈلمىگەندە، غۇلجىدىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى ئارتۇق كىنو قويۇش ئاپپاراتلىرىنى ساتماقچى بولىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مەسئۇت ئەپەندى كىنو قويۇش ئارقىلىق خەلقنى ئويغىتىشنى مەقسەت قىلىپ كىنو ئاپپاراتىنى سېتىۋالىدۇ. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە پۇتاق چىقىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىلى ئامبىلى چاڭ يوڭچىڭنىڭ كونا تۇرالغۇسىنى يۇقىرى باھادا ئىجارىگە ئېلىپ، كىنوخانا قىلىدۇ ھەمدە ئون يىللىق ئىجارە ھەققىنى ئالدىدىن تۆلەيدۇ. ئەمما كىنو قويۇش باشلانغاندىن كىيىن بۇ خىتاي يەنە خىتايلىقىنى قىلىپ كىنو قويۇشنى چەكلەپ، ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىپ پېچەتلىۋېتىدۇ.

    شۇنداق قىلىپ غۇلجىدىكى بارلىق پائالىيىتى چەكلىنىپ، نازارەت ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولغان مەسئۇت ئەپەندى ئامالسىز قېلىپ 1933- يىلى 12- ئايدا ئاتۇشقا كېلىپ بىر يىل تۇرىدۇ. بۇ دەل قەشقەردە سابىت دەموللام (1993- 1941) رەھبەرلىكىدە شەرقى تۈركىستان

ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ بولغان ۋاقىتلار ئىدى.

2- تۈركلۈك ھەققىدىكى پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرى

مەسئۇد ئەپەندى تۈركىيىدە تۇرۇش جەريانىدا ئۆزىگە تۈركلۈك (پانتۈركىسىزىم) ئىدىيىسىنى

سىڭدۈرگەن بولۇپ، تۈرك مىللەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ شەرقى تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ باشقىلار دېگەندەك ئايرىم مىللەتلەر ئەمەس، ھەممىسى ئوخشاشلا تۈرك مىللىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ تۈركلۈك ھەققىدىكى پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئۆزىنىڭ Türklük oranı (تۈركلۈك نىسبىتى) ئىسىملىك كىتابىدا كەڭ دائىرىلىك توختىلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ تۈركلۈك ھەققىدىكى پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىگە خىتايمۇ، رۇسلارمۇ قارشى بولۇپ، ئۇلار مەسئۇت ئەپەندىگە پان تۈركىست، بۆلگۈنچى، ئىمپىرىيالىستلارنىڭ ئىشپىيۇنى دېگەندەك ھەر خىل جىنايەتلەر ئارتقان. ئەمما ئۇ ئۇلارغا پىسەنت قىلماي ئۆز خەلقىگە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشقان.

بىز مەسئۇت سابىرى بايقۇزىنىڭ تۈركلۈك چۈشەنچىسى ۋە تۈركچۈلۈك ئىدىيىسىنى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە قويغان ئىسىملىرىدىنمۇ ناھايىتى ئېنىق چۈشىنىۋالالايمىز[2].

3- سىياسى خىزمەتلىرى

    1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى قەشقەردە سابىت دەموللام رەھبەرلىكىدە مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇت ئەپەندى غۇلجىدا تۇرىۋېرىشنى ئۆزىگە زىيانلىق دەپ قاراپ دوستلىرى بىلىن قەشقەرگە كېلىدۇ ۋە جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ياردەمدە بولۇشقا تىرىشىدۇ. بەكمۇ ئەپسۇسكى، سوۋىت ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىرلىشىپ، بارلىق رەزىللىكلىرىنى ئىشقا سېلىپ بۇ ياش جۇمھۇرىيەتنى پارچىلايدۇ. غۇلجىدىن بىرگە كەلگەن دوستلىرى يېڭىساردىكى ئۇرۇشتا شېھىت بولۇپ كېتىدۇ. قاتتىق

ئەپسۇسلانغان مەسئۇت ئەپەندى 1934- يىلى ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ھىندىستانغا كېلىدۇ.

    ئۇ شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ پەقەت قورال كۈچى بىلەنلا ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

دەريا- دەريا قانلار ئاقىدۇ ئەمما ئىنقىلابتىن بىر نەتىجە چىقمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى، شەرقى

تۈركىستان خەلقى خىتايلار تەرىپىدىن ئىنتايىن نادان قالدۇرۇلغان ئىدى، دوستلىرى يوق، دۈشمەنلىرى كۆپ ھەم بەكمۇ ياۋۇز ئىدى. ئۇ ھىندىستاندا 3 ئاي تۇرغاندىن كېيىن، «ئەڭ ياخشى چارە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاينىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك» دېگەن چۈشەنچە بىلەن، چارە ئىزدەپ خىتايغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

ئۇ خىتايغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن بۇرۇن كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن (1901- 1995) قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسەتچىلەر بىلەن تونۇشىدۇ. 1943- يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا (1901- 1965) مۇ كېلىدۇ. بۇلار بىرلىكتە شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇلارنىڭ خىزمىتى نەتىجىسىدە مەسئۇت ئەپەندى 1935- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) نىڭ 5- قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى كېيىن دۆلەت كونسېيى (پارلامېنتى) ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى سايلانغان دۆلەت كونسېيى ئەزاسىنىڭ سانى 40 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ كونسېيدا بىر مۇڭغۇل، بىر تىبەت (شىزاڭ) لىق بار ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى ئۇيغۇرلاردىن سايلانغان تۇنجى كونسېي ئەزاسى بولىدۇ. بۇنىڭ پايدىسى بار دېيىلسە، مەسئۇت ئەپەندىلەرنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردى ۋە تەلەپلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى دېيىشكە بولاتتى. بۇ 3 كىشىنىڭ باش بولۇپ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ 8- قۇرۇلتىيىدا مەسئۇت ئەپەندى خىتايدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ بىر پىكىرگە كېلىشى بىلەن تەييارلانغان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ تەلەپ ۋە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەسئۇت ئەپەندىنىڭ خىتاي پارلامىنتىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ ۋە پىكىرلىرىنىڭ خېلە تەسىرى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كۈنىگىچە خىتاي پارلامىنتىدا خىتايلار شەرقى تۈركىستان توغرىلىق بۇرۇن سۆزلىنىپ باقمىغان پىكىر ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

    1933- يىلىدىن باشلاپ 10 يىل بويىچە شەرقى تۈركىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان شېڭ شىسەي (1897- 1970) نىڭ سوۋېت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن خىتايغا قايتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شېڭ شىسەي شەرقى تۈركىستان خەلقىگە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن قانلىق سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن يىغقان مال- دۇنياسىدىن 12 توننا ئالتۇننى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. مىللەتچى خىتاينىڭ باشلىقى جىياڭ جيېشى (1887- 1975)

بۇنىڭ بەدىلىگە شېڭ شىسەينى ئورمان ۋە دېھقانچىلىق مىنىستىرى قىلىپ مۇكاپاتلايدۇ.        

    مەسئۇد ئەپەندى شۇ يىلى ئېچىلغان مىللەتچى خىتاينىڭ قۇرۇلتىيىدا شېڭ شىسەينى قاتتىق

تەنقىت قىلىدۇ (تەرجىمانلىقىنى چوڭ ئوغلى ئەرتۇغرۇل ئەپەندى قىلغان). مەسئۇت ئەپەندى:

«شېڭ شىسەي 10 يىل بويىچە شەرقى تۈركىستان خەلقىنى قان قۇستۇرغان، قىلمىغان ئەسكىلىكى

قالمىغان، 300 مىڭدىن ئارتۇق گۇناھسىز ئىنساننى تۈرمىلەرگە تاشلاپ، مال- مۈلكلىرىنى بۇلاپ- تالىغان، خانى- ۋەيران قىلغان، ھېچ نەرسىدىن خەۋىرى يوق مىڭلارچە كىشىلەرنى ياپۇنىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا… قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىشپىيونلۇق قىلغان دەپ ۋەھشىلەرچە قىيناپ ئۆلتۈرگەن، شەرقى تۈركىستاننىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن تارتىپ ھەتتا ھايۋانلىرىغىچە ھېسابسىز بايلىقلىرىنى توشۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى باققان مۇنداق قانخور مۇستەبىت خائىننى مۇكاپاتلاش ئەمەس جازالاشنى تەلەپ قىلىمىز!» دەپ سۆزىنى تۈگىتىدۇ.      

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خىتاي مىنىستىرلىرى شېڭ شىسەيگە قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ نەپرىتى ئەلۋەتتە شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەزگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت بىلەن ئاپاق- چاپاق بولغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەۋەتكەن ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ قارشىلىقىدىن كېيىن خىتاينىڭ باش مىنىستىرى جىياڭ جيېشى غەزەپ بىلەن سەھنىگە چىقىپ: «سىلەر خاتالاشتىڭلار، ئۇنىڭ نېمە قىلسا قىلسۇن سوۋېت ھۆكۈمىتىنى ئەخمەق قىلىپ تۇرۇپ، شەرقى تۈركىستاننى قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرالىشى چوڭ بىر خىزمەتتۇر. بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق بىر ئەمەلدار شەرقى تۈركىستاننى شېڭ شىسەيدەك قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرالمىغان» دەيدۇ. جىياڭ جيېشىنىڭ بۇ گېپىدىن كېيىن مەسئۇت ئەپەندى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ غەزەپ بىلەن خىتاي پارلامىنتىدىن چىقىپ كېتىدۇ[3].

    مەسئۇت ئەپەندىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە شەرقى تۈركىستان خەلقىنى تۈرك دەپ ئاتاش،

ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش، «شىنجاڭ» ئىسمىنى «تۈركىستان» غا ئۆزگەرتىش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 ماددىلىق بىر تەلەپ سۇنىدۇ. ئەمما خىتاي بۇ تەلەپلەرنىڭ ھېچ بىرسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

    شەرقى تۈركىستاندا خىتاينىڭ سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ. زۇلۇم، كەمسىتىش ۋە خورلۇق خەلقنىڭ

ئىلىك- ئىلىكلىرىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. 1944- يىلى ئىلى ۋىلايىتىدە تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى

ئىنقىلاب پارتلاپ، 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئېلىخان تۆرەم (1885- 1976) نىڭ رەھبەرلىكىدە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇلىدۇ. باشتا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا

ياردەم قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن بىردىنلا ياردىمىنى ئۈزۈپ

خىتاي تەرەپدارى بولىۋالىدۇ ۋە شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قوشۇلۇشقا قىستايدۇ.

    1944- يىلى مەسئۇت ئەپەندى ئوغلى ئەرتۇغرۇل ۋە باشقا ھەمراھلىرى بىلەن خىتايدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. خىتاي مەسئۇت ئەپەندىنى تەپتىش ئورگىنىنىڭ باشلىقى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى باشلىقى، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى ھۆكۈمەت ئەزاسى قىلىپ سايلايدۇ. بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ھوقۇق تۇتۇشى شەرقى تۈركىستان خەلقىنى ئازراق بولسىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئەمما خەلقنىڭ بىر قىسمى مەسئۇت ئەپەندىلەرنى قوللىغان بولسىمۇ ئاساسلىق قىسمى يەنىلا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللايتتى. مەسئۇت ئەپەندىلەرنىڭ پىكرى سوۋېت مەنپەئەتىگىمۇ، خىتاي مەنپەئەتلىرىگىمۇ، شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىگىمۇ زىت كېلەتتى. ئارىدىن 3 يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ مەسئۇت ئەپەندىلەر شەرقى تۈركىستان ۋە خەلقى ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئىش قىلىپ بېرەلمەيلا  قالماستىن، خەلقىنىڭ كۈندىن- كۈنىگە تېخىمۇ ئېزىلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بۇلارنى خىتاينىڭ غالچىلىرى دەپ قارايتتى.

    1947- يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى مەسئۇت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقى تۈركىستاننىڭ باش ۋالىيسى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا مۇئاۋىن ۋالىي، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بولسا باش كاتىپ بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. بۇ ئۈچ كىشى شۇنىڭدىن كېيىن شەرقى تۈركىستان تارىخىدا مەشھۇر «ئۈچ ئەپەندىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا مەسئۇت ئەپەندىلەر كېچە- كۈندۈز دېمەستىن ئىشلەيدۇ. ئەمما بۇلار ئۇيغۇر خەلقىنى خوش قىلالىغۇدەك، كۆزگە كۆرۈنگىدەك بىرەر خىزمەت قىلالمايدۇ. بەكمۇ ئەپسۇسكى، بۇلار شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ بىرلىككە كېلەلمەي، تارىخى بىر پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويدى.

    مەنچىڭ خىتايلىرى 1878- يىلى شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن باشلاپ تاكى 1947- يىلىغىچە بىرمۇ ئۇيغۇرنى شەرقى تۈركىستانغا باشلىق قىلىپ تەيىنلىمىگەن ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى بولسا ئارىدىن 69 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مۇستەملىكىچى خىتاي تەرىپىدىن شەرقى تۈركىستانغا تەيىنلەنگەن تۇنجى ئۇيغۇر باشلىق ئىدى.

    مەسئۇت ئەپەندىلەر باشلىق بولغاندىن كېيىن تۈركىيىگە ئەۋەتىپ ئوقۇتماقچى بولغان 25 ئوقۇغۇچى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھەتتا پاسپورتمۇ ئېلىپ بېرەلمەيدۇ. تۈرك، تۈركىستان سۆزلىرى چەكلەنگەن ھالەتتە قالىدۇ. ئۇ يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىگە «شىنجاڭدا ئۆتىدۇ» دېگەن خەت يېزىلغان پۇل چىقىرىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى بۇ بۇللارنىڭ ئۈستىدىكى يېزىقنى «چىنى تۈركىستاندا ئۆتىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان بولسىمۇ، بۇ پۇللار خىتايلار

تەرىپىدىن تېزلىكتە يىغىۋېلىنىدۇ. مەسئۇت ئەپەندىلەرنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا خىتاي

ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن باشقا بىر ئىش قولىدىن كەلمەيدۇ.

    مەسئۇت ئەپەندىلەرنىڭ قىلالىغان ئىشلىرى؛ خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىن ئالىدىغان بىر

يىللىق بېجىنى كەچۈرۈم قىلدۇرىدۇ، تىرىشىپ 240 مىڭ دانە دەرسلىك كىتابى باستۇرىدۇ، توخسۇن، تۇرپان، پىچان قاتارلىق جايلاردا سۇ توسمىسى ياساش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يېتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىپ بەرمىگەچكە مەسئۇت ئەپەندى ئۆز يېنىدىن 4 كىلو 100 گىرام ئالتۇن ۋە نەق پۇل چىقىرىدۇ. ئۈرۈمچىدە 90 ناۋايخانىنى ئۇن بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنى ئەرزان نان بىلەن تەمىنلەيدۇ. خەلققە، يۇرتىمىز تۈركىستان، مىللىتىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام

شوئارىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشىدۇ. كەمبەغەللەرگە ئوتۇن، كۆمۈر ھەل قىلىپ بېرىدۇ.

    1948 — يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى مەسئۇت ئەپەندى بىلەن ئىيسا ئەپەندى ۋەزىپىسىدىن

قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا رۇس پەرەز تاتار بۇرھان شەھىدى (1894- 1989) باش ۋالىي بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ياردەمچى ۋالىي بولىدۇ.

    بۇ ۋاقىتتا كوچا- كوتاڭلاردا مىللەتچى خىتاينىڭ ساناقلىقلا كۈنلىرىنىڭ قالغانلىقى توغرىلىق گەپ- سۆزلەر كۆپىيىپ قالغان ئىدى. شۇڭلاشقا كوممۇنىست مەپكۇرىسىدىكىلەر خۇددى ئۆزلىرىگە تاڭ ئېتىۋاتقاندەك تېرىسىغا پاتماي قېلىشىۋاتاتتى. مىللەتچى خىتاي پەرەستلەرنىڭ بېشى چۈشۈپلا كەتكەن ئىدى. «يالقۇن گېزىتى» تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن ئالتاي نەشرىياتى «يۇرت» گېزىتىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ گېزىت ئىلگىرى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا نەنجىڭدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، شۇ چاغدا مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن چىققان ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى گېزىتنىڭ رۇخسەتنامىسىنى ھېلىمۇ ساقلاپ يۈرگەچكە، بۇرھان ھۆكۈمىتى بۇ گېزىتنى تاقاشقا چارىسىز قالىدۇ.

    1949- يىلى مەسئۇت ئەپەندى گۈلتېكىن ئىسىملىك قىزى بىلەن يەنە ئىككى بالىسىنى تۈركىيىگە ئوقۇشقا چىقىرىدۇ.

    1949- يىلى كوممۇنىست خىتاي (گۇڭچەنداڭ) مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) نى مەغلۇپ قىلىپ شەرقى تۈركىستانغا يۈرۈش قىلغاندا، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ يېقىنلىرى مەسئۇت ئەپەندىگە ۋەتەندىن ئايرىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. مەسئۇت ئەپەندى: 

    — «ھاياتىم بويىچە خەلقىمگە نېمە پايدىلىق بولسا ئۆزەم ئارزۇلاپ تۇرۇپ شۇ ئىشنى قىلدىم، ئۆزەم قىلغان ئىشقا ئۆزەم مەسئۇل، ۋەتەندىن ئايرىلىش ياكى قېچىش چارە ئەمەس، مېنىڭ غايەمگە توغرا كەلمەيدۇ. نېمە بولسام ئۆز ۋەتىنىمدە بولىمەن» دەپ ۋەتەندىن ئايرىلىشنى

قەتئىي رەت قىلىدۇ.

    مەسئۇت ئەپەندىنىڭ تۈركىيىدىكى پەرزەنتلىرى 10 يىل بويىچە دادىلىرىدىن ھېچقانداق

خەۋەر ئالالمايدۇ. كېيىن ئالغان خەۋەرلەردە، مەسئۇت ئەپەندى بىلەن چوڭ ئوغلى ئۈرۈمچىدە

كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. يىلدىرىم ئىسىملىك ئوغلى

غۇلجىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 2 يىلدىن كېيىن ئېتىۋېتىلگەن. مەسئۇت ئەپەندى تۈرمىدە ئېغىر ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، داۋالىنىشتىن مەھرۇم قىلىنغان ھالدا كېچە- كۈندۈز نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

   شەرقى تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىخىدا 3 ئەپەندى دەپ نام ئالغان ئەپەندىلەرنىڭ بىرىنچىسى بولغان دوختۇر، مائارىپچى، سىياسەتچى مەشھۇر شەخس رەھمەتلىك مەسئۇت سابىرى (بايقۇزى) 1952- يىلى ئۆز ئۆيىدە داۋالىنىش ئىمكانىيىتىدىن تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېچىنىشلىق ۋاپات بولغان. ئۇ بۇ ۋاقىتتا 65 ياشتا ئىدى.

چوڭ ئوغلى ئەرتۇغرۇل 10 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، تۈرمىدىن چىقىرىلىپ كۇچانىڭ تارىم تۈرمىسىگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ (دېمەك، ئەرتۇغرۇلمۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى ھىجرەت كارۋىنىدىن ئايرىلغان كىشىلەردىن بىرى ئىكەن). بۇ يەر ئېغىر گۇناھكارلارنى رەھىمسىزلەرچە ئىشلىتىدىغان بىر تۈرمە بولۇپ، ئەرتۇغرۇل بۇ تۈرمىدە ماشىنا قازاسى بىلەن يارىلىنىدۇ. خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇنى داۋالىمايدۇ. ئەرتۇغرۇل قاتتىق قىينىلىپ، ئازاب ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. 1978- يىلى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئايالى سارە بايقۇزى بىلەن چوڭ قىزى تومرىسلارمۇ قاتتىق خارلىنىپ، ئېچىنىشلىق ئازاب ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

پايدىلانغان مەنبەلەر

http://tr.wikipedia.org/wiki/Mesut_Sabri .

http://www.gokbayrak.com/sayfa.asp?id=50 .

Altay Mecmuası — Yazar: İsa Yusuf ALPTEKİN1 .

Türklük Oranı — Yazar: Dr. Mesut Sabri BAYKOZİ .

http://www.gokbayrak.com/dergi_oku.asp?id=92&sid=436 .

 .2- Türkistan Tarihi — Yazar: Polat KADİR

 .1- Türkistan Tarihi — Yazar: Polat KADİR

 .2- Esir Doğu Türkistan — Yazar: İsa Yusuf ALPTEKİN

. ADİL HİKMET BEY. Yaylacık Matbaası. İstanbul 2015. 4. BASIM. S, 244 «ASYADA BEŞ TÜRK»

http://www.rfa.org/uyghur/programmilar/sohbet-inkaslar/mexsut-sabiri-03262012161047.html .


[1]  1916- يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرىدىن پىيادە يۈزبېشى ئادىل ھىكمەتبەي قاتارلىق 5 كىشى

تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا) دا قىرغىزلارغا باشچىلىق قىلىپ، چار رۇسىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ تارىختا «يەتتەسۇ قوزغىلىڭى» دەپ خاتىرلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇت ئەپەندى مەخپىي ھالدا غۇلجىدىن يەتتەسۇدىكى قوزغىلاڭچىلارغا كۆپ مىقتاردا دۇرا ھەم تىببى بويۇملار ئەۋەتىپ، ياردەم قىلىپ تۇرغان.

[2]  مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئەرتۇغرۇل دېگەن بالىسىنىڭ ئىسمى Ertuğrul Gazi دېگەن ئىسىمدىن كەلگەن. بۇ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئەرتۇغرۇلنىڭ ئوغلى ئوسمان بەگ 1299- يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. يىلدىرىم  Yıldırım Bayezid(1360- 1403)، بۇ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ داڭلىق پادىشاھلىرىدىن بىرى. تۇمارىس Tumaris (مىلادىدىن بۇرۇنقى 500- يىللاردا ياشىغان). بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى تۆمۈر بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانىۋى قەھرىمانى، تارىختا تىلغا ئېلىنغان تۈركلەرنىڭ تۇنجى ئايال ھۆكۈمدارى.   

[3]  ئەسلىدە خىتاي قۇرۇلتىيىدىن چىقىپ كەتكەن كىشى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بولۇپ، ئۇ، بۇ ھادىسە ھەققىدە: «مەجلىس باشلاندى. مەن مەجلىس رەئىسى ئولتۇرغان سەھنە ئالدىغا كەلدىم. يىغىن زالىغا بىر قاراپ چىقتىم ۋە ئۇدۇل ماڭغان پېتىم زالدىن يىغىننى تاشلاپ چىقىپ كەتتىم. پۈتۈن ۋەكىللەر ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قېلىشتى. بۇ بىر نارازىلىق نامايىشىغا ئوخشاش ھەرىكەت ئىدى. مەندەك يالغۇز بىر كىشىنىڭ مەجلىسنى تەرك ئېتىشىمگە باشقىلار ئانچە پەرۋامۇ قىلماس ئىدى. لېكىن، مەن بۇنى ۋەتىنىم ئۈچۈن بىر شەرەپ نامايىشى دەپ بىلىپ، ئاقىۋەتنىڭ نېمە بولىشىغا ھېچ پەرۋا قىلماستىن بۇ ھەرىكەتنى قىلدىم.» دەپ يازغان.